مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rahatmakan

تورشىئىرىيەتچىلىكىدە ساقلىنۋاتقان بىرقانچە مەسىلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 722 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 03:51:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەل يوللىغان ۋاقتى  2013-2-20 01:27 AM
ئوھۇ....بىزدە شۇنداق بىر شائىرلار باركى شېئىرنى ئانىسىد ...

ئويلىغانلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10505
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 05:07:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈدرە چاچلىق ياشانغان ئانا،

ياشلىرىنى سۈرەر ئاۋايلاپ
ئېسىل ئەسەركەن چۈشەنگەنلەرگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10505
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 09:20:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىردىكى تىنەر ئىزتىراپ دېگىنى چېكەر ئىزتىراپمۇ قانداق؟ھىكمەت ئۇيغۇر شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ.مەن نۇرغۇن مەنىلەرنى ھىس قىلدىم... قەلبىم قانداقتۇ بىر خىل تۇيغۇدا ئۆرتەندى.قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.ئاللاھ ھەممىمىزنى ئامان قىلسۇن...ھەم شۇنداقلا سىزنىڭ مېنىڭ يازمىلىرىمغا بىلدۈرگەن ئىنكاسلىرىڭىزدىن روھى دۇنيايىڭىزنى  ھىس قىلدىم.گۈھەر ياتىدۇ سايدا،تۇنۇمىساڭ نېمە پايدا دېگەندەك،بىر ياخشى ئەسەر ،ئۇنى روھى بلەن ھىس قىلىدىغان كىشىلەربىلەنلا قىممىتىنى تاپىدۇ.يازمىلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرغايسىز.سىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.مىسرانىمدىكى سىز كەبى دوستلىرىمغا ئىككى دۇنيالىق سائادەت تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 722 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 11:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟شىئىر يازدىغانلار كۆپرەك مۇتائىلە قىپ باقساق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90818
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 02:20:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ « قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان بارلىق شائىرلار  بىرلا شېئىرنى يېزىپ كېلىۋېتىپتۇ» دېگەن سۆزى بىلەن دېمەكچى بولغانلىرىمنى باشلاشنى لايىق تاپتىم.  شېئىرنى ھەرقانداق تەرىپلەش مۇمكىن. مەسىلەن:  ئوتلۇق يۈرەك،يۈرەكتىكى مۇڭلۇق پىغان، دەرت-ئەلەم، مەدھىيە... دېگەندەك.
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە كەلسەك، ناۋايى ھەززەتلىرىنىڭ شېئىرلىرى ئۇ زاتتىن كېيىنكى بارلىق ئەۋلاتلارنىڭ ئەمدى شېئىر يازماي، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپلا ئۆتۈپ كېتىشىگە يېتەتتى . 12 مۇقام تېكىستلىرىمۇ ھەم شۇنداق . ئەمما يەنە نېمىشقا بىر قىسىم شائىرلار يەنىلا شېئىر يازدى. يەنە كېلىپ ئۇلارغا ئۇخشىمىغان شەكىل، قاپىيە، ۋەزىن، تۇراقلاردا يازدى؟ چۈنكى ئۇلارغا بەخش ئېتىلگەن غايىبانە ئىلھام ئۇلارنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇر قىلغان. تۇرمۇشنى ئۇلار ئۆزىنىڭ لىرىكىسى، ئۆز قەلبى بىلەن چۈشىنىپ بۇلارنى ئۆز شېئىرىلىرىدا ئىپادىلىگەن.بىزنىڭ خەلق قوشاقلىرىمىز، ئىنتايىن گۈزەل ۋە پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن ، ۋەزىن، تۇراق، قاپىيەلىرى تولۇق غەزەللىرىمىز بارئىدى. كېيىن چاچما شېئىرلار يېقىندا گۇڭگا شېئىرلار باش كۆتۈردى. دېمەك ھەركىمنىڭ ئۆز قەلبىدىكى ناخشىسىنى ئۆزىگە خاس شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەشكە يول قويۇلدى.
ئەمدى بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇئەللىپنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىئىنەزىرىگە كەلسەك، توردا يېزىلغان شېئىرلارغا ئانچە قايىل ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىمنى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزبېك شېئىرىيىتى ھەققىدىكى ئويلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن:
ئۆزبېكلەر ئەلىشىر ناۋائىنىڭ شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ شېئىرىيەتچىلىكى تەرققىي قىلغان. يەنە بىرگە ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئەركىن تەپەككۈرنى، ئاددى سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن چوڭقۇر ھاياجان ۋە قىزغىن ھىسسىياتنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ يەردە ئۆزبېك ناخشىچىسى گۈلسەنەم مامازايىتىۋانىڭ شېرىن ئارزۇ دېگەن  ناخشىسىنىڭ بىر كۇپلىتىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتسەم،
كۆكلەردە قول يەتمەس يۇلتۇز بولدىڭىز
قەلبىمدە ئاتمىغان كۈندۈز بولدىڭىز
يۈرەكتە يىغلىغان بىر سۆز بولدىڭىز
شۇنچە يىراقتىسىز شېرىن ئارزۇلار
(تەرجىمىسى)
بۇ شېئىردا ئۇنچە كۆپ پاساھەتلىك سۆزلەر ئىپادىلەنمىگەن بولسىمۇ، ئۆز ئارزۇسىدىن تولىمۇ يىراقتىكى بىرەيلەننىڭ نىداسى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك ئىپادىلەنگەن.
ئۇيغۇرشېئىرىيىتى دېمەكچىمەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە نېمىشقا دېمەكچى بولغان نۇقتىئىنەزەرنىڭ بۇنچە ئېنىق ئىپادە بولماي قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى شۇ كىشىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا قويۇشى قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ئىزدەش مۇمكىن. ئەمدى تور شېئىرىيىتىگە كەلسەك، مۇھەببەت ھەربىر قەلبلەرگە شېئىرىي ئىلھام بەخش ئېتىدۇ. شېئىرنى مۇھەببەتتىن، مۇھەببەت ئاتا قىلغان ئىلھامدىن ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. توردا شېئىر يازغانلارمۇ مېنىڭ نەزىرىمچە ، دەل ئاشۇ سۆيگۈ مۇھەببەت باسقۇچىغا قەدەم قويغان ياكى كۆڭلىدىكى مۇھەببىتى رەت قىلىنغان ، جەمئىيەتتىكى مەلۇم ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، كۆڭلى ئازار يېگەن ياكى خۇش بولغان ...دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن يازغان بولۇشى مۇمكىن. تورنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەسلىدىلا ئەركىن تەپەككۈرنى ئىپادىلەشتۇر. بۇنىڭدىمۇ ئۆز كۆڭلىدىكىنى دېگىلى بولمىسا، نەدە دېيىش مۇمكىن؟ شۇنداقلا كۆرگۈچى سىزمۇ ھەم شۇنداق سىزنىڭ كۆرۈش ئەركىنلىكىڭىز ، ئىنكاس يېزىش ھوقۇقىڭىز بار.  ناچار يېزىلغان شېئىرنى ئېچىپ قالغان بولسىڭىز شۇ زامان ئۆچۈرىۋېتىڭ ياكى ناچار يېزىلىپتۇ دېگەن ئىنكاسنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. شۇنىڭدا يازغان ئادەم ئۆزىنىڭ قانداق يازغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. كېيىن يېزىش يازماسلىقنى تاللايدۇ.
ئەمدى توردىكى شېئىر ھەۋەسكارلىرىغا كەلسەك ، شائىر ئاتالماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ھەرقانچە تالانتىڭىز بولسىمۇ ئۆگەنمىسىڭىز ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيسىز. شۇڭا ئىلگىرىكى شېئىرى ئەسەرلەرنى ئوقۇش بىلەن بىللە شېئىرىيەت نەزىرىيەسى بىلىملىرى بىلەن ئاساسىڭىزنى چىڭىتىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9954
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 03:02:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنىڭ ئاپتورى ، تىما  بىلەن  ماۋزۇنى پەرق  قىلالماي تۇرۇپ  تىخى تور شئېرىيىتى توغرىسىدا سۆز  ئېچىپ سەل ئالدىراپ قاپتۇ ، بۇ تىمىمۇ ناھايتى تومتاقلا يېزىلىپتۇ  ، بۇنى تەستىقلىغان  مۇنبەر باشلىقىغا ھەيرانمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9954
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 03:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنىلا  مەھۋەش ئاتلىق  توردىشىمىزنىڭ پىكىرىدىن سۆيۈندۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 722 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 06:00:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 722 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 02:10:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش