katman0998 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 04:29 PM
سەن مىللەت خائىنى !!! تىگى پەس ،ھاراملىق ! سىنىڭ ئۇيغۇر ...
تورداش كەتمەن
ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپلا قوياپ بولد قىلاي دىگەنتىم لىكىن ئازراق چۈشەندۈرۈش بىرەي
مىنى قاتتىق ھاقارەت قىلىپ مۇناپىق پەسكەش ھاراملىق دەپ تىلللىغىنىڭىزغا ئاچچىغىم كەلمىدى، چۈنكى بىرىنجىدىن سىز بىز ھەمممىمىز ئالدى بىلەن دىنى قىرىنداش، ئاندىن ئوخشاش بىر تايىپە ئوخشاش مىللەت، شۇڭا تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا ئەڭ سەت پەسكەش ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ، ھاراملىق دەپ ئاتا ئانىڭىزغا ھاقارەت قىلىپ كۆڭلىڭىزگە ئازار بىرىپ گۇناكار بولغۇم كەلمىدى، چۈنكى ھىچقاچاندا قاننى قان بىلەن يۇيغىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ، خۇددى بىر نىمىگە چالما ئاتساڭ يۈزۈڭگە چاچرايدۇ دىگەندەك.
يەنە بىر سەۋەپ ، ئۇيغۇر تور مۇنبەرچىلىگى بارلىققا كەلگەن بۇ ئون يىللىق ئەڭ چوڭ خوشاللىنارلىق ئۆزگۈرۈش نىمە دىسە تور مەدىنىيىتىمىز ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ نەچچە يۇز مىڭ تورداشنىڭ ساپاسىمۇ تىز ئىشىپ بۇرۇنقىدەك ھە دىسىلا ئەڭ سەت ئەڭ پەسكەش ئىبارىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ نوچىلىغىنى كۆز كۆز قىلىپ ئۈگۈنۈپ قالغان ھەتتا بۇندا لۈكچەكلىكنى مىللى ھىسياتىنىڭ مىللى قەھرىمانلىغىنىڭ دىنى ھىسياتىنىڭ ئۇرغۇپ چىقىشى دەپ ئويلايدىغان تور لۈكچەكلىرى ، تور ئەخلەتلىرىمۇ بارا بارا ئازلاپ تور مۇھىتىمىزمۇ سەرخىللىشىپ پاكلىنىۋاتىدۇ. ئۇندالا ھەقىقەتەن ئاز قالدى، بىر قىسىم داشقاللارنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بۇ خوشاللىنارلىق ئىش
يەنە بىر سەۋەپ سىز دىگەن قۇتادغۇبىلىك تۇركى تىللا دىۋانى، ۋە ساھىبلىرى بولغان يسۇپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇت قەشقىرى ئارىدىن مىڭ يىل ئۆتۈپ نىمىشقا ئۇنتۇلمىدى؟ چۈنكى ئۇلار دەل سىزنىڭ ئەكسىڭىزچە ئەڭ سىلىق ئەڭ پاساھەتلىك ئەڭ چىرالىق سۆزلەر بىلەن بۇ ئەسەرلىرىنى پۈتۈپ چىققان ۋە بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۆملۈككە گۈزەل ئەخلاققا بىلىمگە ياخشى سۆز ياخشى ئەمەللىگە دەۋەت قىلغان، ئەڭ ئىسىل ئەڭ پاكىز ئەڭ يىقىملىق سۆزلەر بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى سىھرى كۈچىى نامايان قىلغان، مىنىڭچە ئۇلارمۇ ئادەم تىللايدىغان ھاقارەتلەيدىغان سۆزلۈكلىنى سىزدىن ياخشى بىلىدۇ . بولاپمۇ مۇناپىق بىلەن ھاراملىقنىڭ نىمىلىگىنى، ھەتتا مۇھەممەت پەيغەمبەرمۇ مەيلى يوشۇرۇن دەۋەت ياكى ئاشكارا دەۋەتتە بولسۇن ئەڭ پاكىز ئەڭ ئىسىل ئەڭ سىلىق سۆزلەر بىلەن كىشىلەرنى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغان
شۇنىڭ ئۈچۈن يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەھمۇت قەشقىرىلارنىڭ زامانىدا جاھاننىڭ ھەممەيەرىدىن كىشىلەر كىلىپ تىلىمىزنى ئۈگۈنۈپ ھەممە يەرگە تاراتقان، چۈنكى ئۇ چاغلىدا تىلىمىزغا لايىق مەدىنىيىتىمزمۇدۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ ئالدىتى، ئىلىم پەن يىڭىلىقلىرىمىزمۇ شۇنداق . ئۇ مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىش ، بۇنى دەستەك قىلىۋىلىپ ھازىرمۇ شۇنداق دەپ كۆزنى يۇمۇپ قۇرۇق ھاياجانغا چۆمۈش توغرا ئەمەس. شۇ ۈزەل تىلنى پاسىقلاشتۇرۇپ سەت گەپلەر بىلەن بۇلغاش تىخىمۇ توغرا ئەمەس، ئۇ يۇز يىل بۇرۇنقى تىلىمىزنىڭ ھەيۋىسى ۋە ئورنىغا ھازىرقىنى سىىشتۇرساق ۋە بۇ سىلىشتۇرمىنى ئاساس قىلىپ يەنە مىڭ يىلدىن كىيىنكى يۇزلىنىشنى تەسەۋۋۇر قىلساق قاندا بولا؟
بىراۋنىڭ يوقالسۇن دەپ ئۈمۈت قىلغىنىغا بىر بىر يوقاپ كەتمەيدۇ، يەنە دىسەم بۇ شۇ تىلنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ ساپاسىدىكى مەسىلە، خۇددى سىز مىنى مۇنبەردىن يوقال !!!! دىگىنىڭىزگە مەن يوقىمىغاندەك .
قەشقەردىن كەنسىزھە، قەشقەر دەل تۈركى تىللا دىۋانى بىلەن قۇتادغبىلىك چىققان ئۇلۇغ يۇرت، سىز ماڭا ئەمەس مۇشۇنداق ئىسىل يۇرتنىڭ ئوبرازىنى مۇنبەردە خۇنۇكلەشتۇرۇپ ئۆزىڭىزگە ھاقارەت قىلدىڭىز
يەنە قانچىلىك تىللىسىڭىز تىللارۋىرىڭ