yaro يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 05:53 PM
تورداش كەتمەن
ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپلا قوياپ بولد قىلاي ...
ئاڭلا ! 1- سەن مىنىڭ دىنى قىرىندىشىم ئەمەس ! سەندەك ئۆز ( ئانا ) تىلىنىڭ يوقىلىشىنى نۇمۇس قىلماي ،ئىتىراپ قىلغان ئادەمنى مەن قىرىنداش دەپ ئىتىراپ قىلمايمەن!
2- بىز بىر مىللەت دەپسەن ، سەن ھەقىقى ( ئۇيغۇر ) بولساڭ، ئۇنداق ئۆزمىللىتىڭنىڭ زىينىغا گەپ قىلىپ يەنە ( كۈلكىلىك ) دەپ مەسخىرە قىلمىغان بولاتتىڭ. سەن بىز دىن ئەمەس!
3-
مۇشۇنداق يۈزلىنىش بىلەن ماڭسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يۇقاپ كىتىشىمۇ ئېنىق بولاپ بولدى،
سىلەر قانداق قوغدىماقچى؟ بەك كۈلكۈلۈك..... دەپ يازغىنىڭدىن ، بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك!!! (سەن ، ئۇيغۇر بولساڭ ، سەن قوغدىمامسەن؟ نىمىشكە ، سىلەر قانداق قوغدىماقچى دەپ ، بىز ! ( ئۇيغۇر ) لارغا كىنايە بىلەن سۇئال قويۇسەن ؟ شۇڭا سىنى مىللەت خائىنى دىدىم ! ( خاتا مۇ ؟)
4-
ۋاي! ئانا تىلىم، دەپ ، ھاياجانلىنىپ شۇئار توۋلىغانغا ، باشقىلارنى ئۇيغۇر چىدىن باشقا تىلدا ، سۆزلەشتىن ، باشقا تىلنى ئىشلىتىشتىن توسقانغا ، ئۇيغۇر تىلى ساقلىنىپ قالارمۇ ؟ بەك نادان ئويلايسىلەردە !؟ .........
بۇ يەردە، ھىچكىم باشقا تىلنى ئىشلىتىشنى توسقىنى يوق ، باشقا تىلنى ئىشلەتمەي ، ئۇيغۇر تىلىنىلا ئىشلەت دىگىنىمۇ يوق! ( بۇ تىما دا بۇنداق مەنا يوق ، ئانا تىلنى ئاساس. باشقا تىلنى قوشۇمچە قىلى دىگەندىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى سەن بۇرمىلىما!؟)
4-سەن ھە دىسە، ئىگىز شاخقا ئېسلىۋىلىپ، مەنتىقگە چۈشمەيدىغان كىنايە ، كەمسىتىشلىرىڭنى كىمگە قىلىۋاتىسەن ؟
5-
نوچى بولسا ، بىر ئۇيغۇر يازغۇچى چىقىپ ، نوبىل مۇكاپاتىغا ، ئىرىشكىدەك ئەسەر يىزىپ ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ باقمىسۇنمۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادا تەسىرى بار چوڭ شىركەتلىرى مالىيە گورۇھلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە ،ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكا بىلەن قاد كۈتۈرۈپ باقمىسۇنمۇ؟
مۇشۇنداقلا يۈزلىنىش بىلەن ماڭسا ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقاپ كىتىشىمۇ ئېنىق بولاپ بولدى، سىلەر قانداق قوغدىماقچى؟ بەك كۈلكىلىك. سەن بۇنداق بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ يوقۇلىدىغانلىغىنى مۇتلەقلەشتۈرىدىغانغا سەن كىم!؟ ئۆزى.
سەن ئۇيغۇر بولساڭ ، بۇ سىنىڭ تىلىڭ ئەمەسمۇ؟ ئانا تىلنى يوقاتقانلىغىڭ ( ئاناڭنى ) يوقاتقانلىغىڭدۇر!
ئاناڭنى( تىلىڭ )نى قوغداشتىن ۋاز كەچكەن، مەسخىرە قىلغان ، مەسئۇلىيەتتىن ۋاز كەچكەن، سەندەك ئازغۇن، ھاراملىق بولماي نىمە؟! كىم ساڭا ئۇيغۇرلارنى شۇنداق قىلالمايدۇ دەيدۇ!؟
سەن ياكى شۇنداق بولغاندا، ئۆزەڭنى مەن (ئۇيغۇر ) دەپ ئاندىن ئىتىراپ قىلماقچىمۇ؟!
6-
ئۇيغۇر تىلىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقانلىغىنى ئېنىق پاكىت دەپسەن؟ پاكىتىڭ قېنى؟
ئەجىبا ئەسەر يازسا ، داڭلىق دۇنياۋىي شىركەتلەرنى قۇرسا ( ئۇيغۇر تىلى ) ئاندىن ساقلىنىپ قالامدۇ؟
ھەقىقى، نادان ! لارچە ئويلىغان ، بىلسەڭ سەن ئۆزۈڭ !! تىلىمىزنىڭ رىقابەت كۈچى يوق، شاللىنىپ كىتىدۇ دىسەڭ بۇ يەردە ۋالاقلىماي ، سەن ئىشلەتمە! لىكىن ئۆز مىللىتىڭنى مەسخىرە قىلما ! ھەم بۇ نى باشقا ساھالارگە، ساپا غا دۆڭگەپ ، مەسئۇلىيەتتىن قاچماي ، ئانا تىلىڭنى ھۆرمەتلە! كەمسىتمە ! بولمىسا ئۆز ئاناڭنى ئىتىراپ قىلمىغان بولىسەن! ئانا تىلنى قوغداش ھەر بىر ئۇيغۇر نىڭ باش تارتىپ بولالماس مەجبۇرىيتى!!!
« سەندەك مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە، كۆزيۇمغان ، ئۆز ( ئانا ) تىلىنى كەمسىتكەن ، ئادەمنى ئۆزىگە ھاقارەت قىلدى دىسە بولىدۇ. بىلىۋال! ئادەمنىڭ ( غەزەب نەپرىتى ئېنىق ) بولمىغان ئادەم ،ئادەم ئەمەس!!!
(دۈشمەننىڭ يامىنى، ئۆز ئىندىن چىققىنى!)
بىلسەڭ ،مىنىڭ تىللاۋاتقىنىم، سىنىڭ قارىشىڭ ، سىنىڭ ئۆلگەن روھىڭ، سىنىڭ ( ئانا تىلىڭغا بولغان ) مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭ دۇر...... خالاس!
سەن ئاۋال ئۆزىڭنىڭ نىمەڭنى يوقۇتۇپ قويغىنىڭنى بەكرەك ئويلا! ئۈمىدسىزلەرچە، ياشاش! نىمە دىگەن بىچارىلىك،قاغىنى ( بۇلبۇل ) دىمەي ، قاغا دىيىش كېرەك بولغاچ،سەندەك ساپالىق بولمىغاچ ، قوپال سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ سالدىم، كەچۈر! يازغانلىرىڭغا قاراپ ساڭا ئىچىم ئاغرىدى.
،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katman0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-27 02:04 AM