cayyara يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 03:17 PM
قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىنكاسىدىن كۈلەيمۇ ،،،،، قېرىنداشل ...
دىگنىڭىزغۇ توغرا، بىزلەرنىڭمۇ باشقا يەرنىڭ فىلىملىرىگە چۆكۈپ كەتكۈمىز بارمۇ؟ ھازىرقى شىنجاڭ فىلىملىرىگە قارايدىغان بولساق مەزمۇنى بۇرۇنقى بىلەن ھىچقانچە پەرىقلەنمىدى.. داڭلىق ئارتىسلىرىمىز فىلىم ئىشلەشتىن ۋاز كىچىپ كەتتى بولغاي،چۈنكى ئۈن- سىن بازارلىرى قالايمىقان بولۇپ كەتتى. ھازىر فىلىم ئىشلەۋاتقان يىڭى سەنئەتكارلار بولسا ھازىرقىدەك مانا........ياخشى فىلىملەر يوقمۇ ئەمەس بار. لىكىن بۇنى ئىشلەش ئۈچۈن مەبلەغ،كۈچ،ۋاقىت كىتىدۇ، قوللاشقا كەلسەك ئەلۋەتتە ھەمىمىز ئۇلارنى يىقىندىن قوللاپ بىرىشىمىز ناتايىن .سىز دىگەندەك مىليۇن گۈل فىلىمى خىلى ياخشى چىققان بىراق قارا پىلاستىنكىچىلار ئۇنىمۇ توختاشقا مەجبۇر قىلىپ قويدى بولغاي. يىقىندا شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى كورىيەنىڭمۇ ئىشقىلىپ بىر ئايلانما ياغاچ ئات دىگەن بىر فىلىمنى تىلىۋىزۇردا بەردى. شۇنىڭغا ئازراق دىققەت قىلىپ قاپتىمەن. ئادەتتىكى تىخى يىڭىدىن بىر ناخشىغا كىرىشكەن ئارتىسنى باشقىلار كىچىلىك كۇلۇپتا ناخشا ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلسا ئاشۇ جىنىدا مەن كىچىلىك كۇلۇپتا ناخشا ئىيىتمايمەن.بولمىسا يۈزۈمگە سەت بولىدۇ دەيدۇ. تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا تۇرۇپمۇ.....لىكىن بىزنىڭ پادىشاھنىڭ سەللىسىدەك يۈز-ئابرۇيى بار ناخشىچىللىرىمىزچۇ؟ پۇللا بەرسىڭىز قەيەر بولىشىدىن قەتئىينەزەر سىز ئۈچۈن نەدە بولسا كىلىپ ناخشا ئوقۇيدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ پۇل ئۈچۈنمۇ؟ ئابدىكىرىم ئابلىز ئىتوتىدا ئىيتىلغاندەك ئەگەر سىز پۇل بەرسىڭىز سىسىق ھاجەتخانىدىمۇ ئۇلارنى ناخشا ئىيىتقۇزالايسىز..ئابدىكىرىم ئابلىز زىيارەت خاتىرسىدە يەنە بىر سۆزنى قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ..چەتئەللەردە ئەڭ باي كىشىلەر ئارتىسلار.بىراق بىزنىڭ شىنجاڭدا ئەڭ نامرات كىشىلەر ئارتىسلار...بۇ سۆز ئادەمنى سەل ئويغا سىلىپ قويدۇ..... ئشقىلىپ بىر قىسىم ئارتىسلىرىمىزنى نىمە دىيىشىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. قاچانلا قارىسا توچىيى بار ماشىنىدا ئاشۇ داڭلىق ناخشىچىللىرمىزنىڭ سۈرىتى ئىسىپ ناغرا چىلىپ پالانى دىبادا پالانى ناخشىچىمىز مانچىنچى ئاينىڭ مانچىنچى كۈنى ناخشا ئوقۇيدۇ. دەپ ئىلاننى بەرگەن نەچچە كۈنگىچە شەھەر ئايلاندۇرۇپ...ئاشۇ ئارتىسلىرىمىزنى كۆرۈش قىزغىنلىقىدا ئۇ يەرگە كىرىۋالغان قىز-ئوغۇللارنىڭ كۆپلىكى. ئىچىپ مەسىت بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ گۈل تەغدىم قىلىپ چىقىپ ئاشۇ ئارتىسلىرىمىزنى قۇچاغلىۋىلىشلىرى. ئاشۇ ئارتىسلىرىمىزنىڭ سەھنىدىن چۈشكەندىن كىيىنكى قىلىقلىرى.ئاللا...ئاللا نىمە دەي ئەمدى.تىلىۋىزۇر ئىكرانىدىكى دانىمۇ دانە ئىيتىلغان سۆزلىرىگە قارىسا باشقىلار ئۇلارنى ئۇنداق ئىش قىلمايدۇ مىللەتپەرۋەر ،خەلىقپەرۋەر دەپ قالىدۇ .لىكىن سەھنە كەينىدىكى تۇرمۇش كارتىنىسىغا قارايدىغان بولساق ..ھەي !!!!!!!!!!!!! كۆپ سۆزلەپ قويدۇم كەچۈرسىز...
بىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
ئاشۇ ئەل سۆيگەن ئارتىسلىرىمىزنىڭمۇ ئۆز-ئىززەت-ئابرۇيىنى ساقلاپ.ئىمكانىيەت يار بەرسە ئاشۇنداق يەرلەردىن يىراقتىراق تۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن...بەزى گۇناھلارغا ئۇلارنىڭ ۋاستىلىق سەۋەپچى بولۇپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن.