دىمىسىمۇ ھازىرقى بۇ بالىلارنىڭ ئەدىبىيات سەۋىيىسى بەكمۇ تۆۋەنكەن.مىنىڭ بىر جىيەن قىزىم بار ،باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ . قىشلىق تەتىلدە بىزنىڭ ئۆيگە كىرسىلا دەيدىغىنى «ئەدىبىيات قىشلىق تەتىل تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بولالمىغان.ئىشلىيەلمەيۋاتىمەن.خەنزۇتىلى،ماتىماتىكا تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولدۇم» دىگەن گەپ.
بىر كۈنى كۆتۇرۇپ كەپتۇ ئەدىبىيات تەتىل تاپشۇرىقىنى. بىر ئومومىي ئىسىم بىلەن خاس ئىسىمنى پەرقلەندۈرۈپ يىزىش سوئالى باركەنتۇق. ئۇنىڭدا «قىزىلتاغ سۇ ئامبىرى، خەيرىنىسا ....»دىگەندەك سۆزلەر باركەن.مەن سورىدىم ،قىزىلتاغ سۇ ئامبىرى خاس ئىسىممۇ، ئومومىي ئىسىممۇ دەپ . بىردەم خاس دەيدۇ بىردەم ئومومىي دەيدۇ . چۇشەندۈرۈپ قويدۇم خاس ئىسىم دەپ . خەيرىنىسا ،دىگەن ئىسىمغا كەلگەندە ، بۇ قانداق ئىسىم دىسەم «مەن يا ئۇنداق يەرگە بىرىپ باقمىسام قانداق بىلمە ئۇنى ، ئۇ قانداق يەر » دەيدۇ .....
توۋا دەپ قاپتىمەن ،بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بىلەن بىر يەر جاينىڭ ئىسمىنى پەرقلەندۇرەلمەيدىكەن. ئۇنى دۆتمىكىن دىسەم ،خەنزۇتىلى ،ماتىماتىكىلاردا 95 تىن چۇشمەيدۇ، سىنىپتا ئۆگىنىش باشلىقى ،مۇئەللىملىرىمۇ بەك ماختايدۇ.ئەمما ئەدىبىياتتىكى نەتىجىسى 70 نەچچىلا چىقىدىكەن. ئەدىبىياتقا ئاجىز ئوخشايدۇ دەپتىمەن. بىر كۈنى دوسلىرىم بىلەن يىغىلغاندا بۇ گەپنى دەپ بەردىم . يىڭى ئىشقا چۈشكەن بىر ئوقۇتقۇچى دوستۇم «ھازىرقى بالىلار ھەممىسى شۇ ، بەزى بالىلار ھەتتا ئانا تىلدا راۋان ئىپادىلەپ بىرەلمەي بەزى گەپلەرنى خەنزۇچە ئىپادىلەيدۇ » دەيدۇ ..............
شۇڭا دەيدىغىنىم ئانا تىلنىمۇ ئۆگىتىشكە كۇچ چىقارسا مائارىپ تارماقلىرى........