yahxi100 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 03:10 PM
ئۇ يەردە ۋىجدانى بار ئەمەلدەرلار بولغان بولسا مائارىپ ...
نەق گەپنى قىپسىز.
ۋىجدان مەنپەئەتنىڭ ئايىغىدا چەيلىنىۋاتقان يەردە ئادالەتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟
مائارىپ ساھاسىدىكى چىرىكىلىك ،مائارىپنىڭ دەۋر تەلىپىگە ماسلىشالماسلىقى ،بولۇپمۇ مىللي مائارىپنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيتى ئالىقاچان ھەممە بىلىدىغان ئاشكارا مەخپىيەتلىك . بىراق بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىز يۇقىرىدا پارتىيە -ھۆكۈمەتنى ،تۆۋەندە خەلقنى ئالداپ ئۆز يانچۇقىنى تولدۇرۇش بىلەن ئاۋارە . يالغۇز مائارىپلا ئەمەس ،ھەممە كەسپ ،ساھەلەردىكى بىيۇكراتلىق ، چىرىكلىك ، بىرىنچى قول باشلىق ھەممىنى بەلگىلەيدىغان مۇتلەق ھوقۇقچىلىققا يەنە چەك قويۇلمىسا ،ئاقىۋەت نىمە بولشىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس..
باش سېكرىتار شجىنپىڭ ئەپەندى « بىز سىياسسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز ،بىراق سابىق سوۋېتنىڭ يولىغا ھەرگىز ماڭمايمىز» دىدى . بەلكىم ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتەر.