ihsan0903 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 04:07 PM
ئاغىنە مۇنازىرە دىگەن ئىلمى بولسىمۇ بۇلاتتىغۇ ، تىما ...
سىزچە بولغاندا ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى كىشىلەر پەقەت شەھەردىكى قاۋاقخانا، پاھىشخانا، قىمارخانىلاردىكى كىشىلەرنىلا كۆرسىتەمدا؟
مەن يېرىم يىل ۋاقىت مۇنبەرگە كىرەلمىدىم، ئىلگىرىكى ئەزالىق ئىسمىمنىڭ پارۇلىنى ئۇنتۇپ قېلىپ قايتا تىزىملاتتىم. مۇشۇ يېرىم يىل ئىچىدە ئاساسەن يېزا-قىشلاقلاردا بولدۇم. شەھەردە ياشاپ قالغىنىمغا قاتتىق پۇشايمانمۇ قىلدىم. چۈنكى يېزىلاردا مەن ھەقىقىي ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ كارتىنىسىنى، ھەقىقىي ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى، ھەقىقىي ئۇيغۇر ئېتىقادىنى كۆردۈم.
قېنى سىز دەڭا؟ قايسى بىر يېزىدا پاھىشخانا باركەن؟ قايسى بىر يېزىدا شەھەردىكىدەك ئەۋج ئالغان قاۋاقخانا باركەن؟ قايسى بىر يېزىدا شەھەردىكى يېرىم يالىڭاچ يۈرگەن قىزلاردەك ئاشكارە يۈرىدىغان ھالەت بار ئىكەن؟
نېمىشقا %20كىمۇ يەتمەيدىغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشىنى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە يۈكلەپ قويىدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sabirjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-28 04:26 PM