گۈل (شىئېر)

گۈل (شىئېر) شېئىرلىرىم
گۈل -ئاپتۇر(تەلەي) گۈل شىخىنى ئىگەر مۇلايىم ، لېكىن بۇلبۇل يۈرەر بىپەرۋا . گۈللەر سانسىز ، ئۆتەر تاللاپمۇ ، گۈل قەدرىنى بىلمىگەن چاغدا . كۈنلەر ئۆتۈپ توزىسا بىر كۈن ، گۈل ئىشقىدا چىكەر ھەم ھەسرەت . قىلىمىشىغا يارىشا تاڭلا ، بۇلبۇلغىمۇ كېلەر...
تولۇق ئوقۇش

گۈلۈم

گۈلۈم شېئىرلىرىم
گۈلۈم ياز كېلىپ ئېچىلغان گۈللەر ئىچىدىن ، تاللىدىم ھۆسنى گۈل ، چىرايلىق بىرنى . ۋەلېكىن ئۈزۈشكە قولۇم بارمىدى، ئويلىدىم ھاياتنىڭ غەمكىن سىرىنى. «گۈللا گۈل بولامدۇ پۇراقى بولسا» ، ئويلىدىم ئالىمنىڭ مۇنۇ سۆزىنى . ئادەمدەك ئادەملەر يەنە بارمىدى ، قورىقتىم تاللاشقا ئەمدى...
تولۇق ئوقۇش
ئېلانلىرىمىز سەرخىل

بىر شىئىر(چالا بولسىمۇ)

بىر شىئىر(چالا بولسىمۇ) شېئىرلىرىم
چالا بولسىمۇ مەكتەپكە ماڭدىم ئۇقۇدۇم چالا بولسىمۇ، بىلگەنلىرىم ئاز ئەمەس چالا بولسىمۇ، مۇئەللىمكامنىڭ بىلوگىدا ئولتۇرۇپ مەنمۇ، شىئىر قوشاق توقۇدىم چالا بولسىمۇ ۋوردىپىرەس مۇنبەرلىرى قۇرۇلۇپ رەت_رەت گۈلچىچەكتەك مۇنبەرلەر بىنا بوپ قەۋەت شۇ بىنالار شەھەرىدىن زوق ئىلىپ مەنمۇ بىر بىلوگنى قۇرىۋالدىم چالا بولسىمۇ....
تولۇق ئوقۇش

ھايات

ھايات شېئىرلىرىم
ھايات ئۇ ئىنسانغا بىر ئۆتكەل داۋان، بار ئۇندا تىك قىيا ھەم يېرىتقۇچ قاۋان، ئەقلىڭنى ئىشقا سال ۋىجدانغا تايان، شۇندىلا سەپىرىڭ بولىدۇ راۋان. ھايات ئۇ ئىنسانغا بىرگويا سىناق، ئۇ بەلكىم سىزلەرگە بەرگەن ئىشتىياق، ھاياتتەك قىممەتلىك ھەم بارمۇ سىياق، ھايات چۈن قولغا ئال...
تولۇق ئوقۇش

ۋەھشى تاقا – تۇقا

ۋەھشى تاقا - تۇقا شېئىرلىرىم
ۋەھشى تاقا - تۇقا بۇغداي تەرسەم ئېتىزغا، پىشىپ كەتتى قوناقلار. يىتىپ قاپتۇ بالنىستا، بۇۋام كەيگەن تۇماقلار. مەن دادامغا دېمەيمەن، ئاغرىپ قالسا پايپىقىم. كەپتەرلىرىم ۋاڭبادا، دېبادىكەن تايچىقىم. دادام كىردى 13كە، شۆچەنبەندە ئوقۇيدۇ. ئوبامامۇ غۇلجىلىق، توشۇڭ ئېشتان توقۇيدۇ. بىزنىڭ كالا داشۆسىڭ، بەك ئۇستىكەن...
تولۇق ئوقۇش

كەت ……

كەت …… شېئىرلىرىم
كەل ئەزىزىم يېنىمغا، ماڭا مېھمان بولۇپ كەت ، ساڭا كۆيەر بۇ يۈرەك، كۆيگىنىنى كۆرۈپ كەت. ئەجرىم سىڭگەن بېغىمدىن، ساڭا تىزدىم گۈلدەستە قىنىپ،قىنىپ ھىدلىغاچ ، ھايات پەيزى سۈرۈپ كەت . سېنىڭ ئۈچۈن ياشايمەن ، بارلىقىممۇ سەن ئۈچۈن ، ساڭا بولغان ساداقەت ،...
تولۇق ئوقۇش

زىرىكىش

زىرىكىش شېئىرلىرىم
زىرىكىش ياتار سوزۇلۇپ كىچىككىنە ياتاق ئىچىدە ، ھايات قاينىغان شەھەر شاۋقۇنى بەرمەيدۇ ئارام ئۇيقۇلارنى قوغلاپ كېچىدە . دېرىزە ئالدىدا مۆكچەيگەن بېلىم يپىشقان ئىش ئۈستىلىمگە . قارچۇمدىن ئۆتەر سايىلار قالدۇرۇپ قويۇپ كەچمىشلىرىنى سۇنۇق قەلبىمگە . مەن ، باھارنىڭ گۈل-چىمەنلىك ئوتلاقلىردىن شىلىدىرلىغان بولاق...
تولۇق ئوقۇش

ماكان(دوغاپ)

ماكان(دوغاپ) شېئىرلىرىم
مەرھابا: دوغاپ  يازما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !  يازما مەنبەسى: ھەمنەپەس بىلوگى ماكان (دوغاپ) كىپىنەك ئالدىمدىن ئۆتكەندە ئۇچۇپ، سورىدىم ئۇنىڭدىن :ماكانىڭ قەيەر؟ ئۇدېدى:گۈللىرى شىرنىلا بەرسە، سۆيۈملۈك ماكانىم بولىدۇ شۇ يەر. گۈللەرنىڭ مەڭزىگە سۆيگەندە شەبنەم، سورىدىم قەيەرنى تۇتىسەن ماكان؟ ئۇ دېدى:مەڭزىگە سۆيەرلا بولسام، ئەشۇ گۈل...
تولۇق ئوقۇش

چىش ئاغرىقى

چىش ئاغرىقى شېئىرلىرىم
چىللىماقتا ئۆڭكۈرلىرىگە چىشىم بۈگۈن بايراملىق مىھمان . ئىھ ، دۇنيانىڭ ئاغرىقلىرى ، بىرسىلەر بىزگە ئىمتىھان . شۇنداقتىمۇ چىش ئاغرىقى چىمپىيۇندۇر ئۆزى ئىھتىمال . چىشىم لاۋزا كۈينى تويمۇدۇڭ چېىلىپ ، ياستۇقلىرىم كېچە قوينىدا ، كېتىپ بارار تاشقا ئايلىنىپ . ئىگىز تاغ بىكارچى...
تولۇق ئوقۇش

يۇرەككە نېمە ئامال………؟!

يۇرەككە نېمە ئامال………؟! شېئىرلىرىم
باھار يېشىل ، يېشلرەڭ سۆيگۈ ، ياپراقلاردا كۈلەر بىر خىيال . شىلدىر-شلدىر ئۈپۈشلەر بىلەن ، كۆيسە يۈرەك ، ئاڭا نە ئامال ؟ سۆيسە شەبنەم سۇبھى پەيتىدە ، يېشىللىقنى قېنىپ بىمالال . جىمىرلىغان تەبەسسۇملاردا ، كۆيسە يۈرەك ، ئاڭا نە ئامال ؟...
تولۇق ئوقۇش

كەچ سائەت ئالتىدە

كەچ سائەت ئالتىدە شېئىرلىرىم
سەككىز سائەتنىڭ تۇتقۇنلۇقىغا مەھكۇم بولغان تەن . سىتىرىلكا دەپ قويدى ئاڭا ، سائەتنىڭ ئالتە بولغانلىقىنى ، ئۆرە-تۆپە باشلىنىپ بىردىن سەلدەك ئىقىش بولدى ئىشككە ، بىرلا پەقەت غېرىپ ئىشخانا تىمتاسلىقتا قالدى مۇڭلۇنۇپ . ئالدىرىغانچە كۈلگۈنچەك پۇتلار بىر ۋىسالغا تەشنا يۈرەكنى سۆرەپ بارماقتا...
تولۇق ئوقۇش

يەلپۈش

يەلپۈش شېئىرلىرىم
يەلپۈپ ئۆتۈپ يۈزلىرىڭىنى يەلپۈگۈچ ، ئۇردى خۇشبۇي ھىدلىرىڭنى دىماققا . دولقۇنلىدى ھاياجانلىق ھېسلىرىم ، خىياللىرىم قانات قىقىپ يىراققا . ئاشۇ يەلپۈش ھىدىڭنى ، ياق ! ئۆزۈڭنى ، لەپىلدىتىپ قۇچىقىمغا تاشلىسا . يۈرەك چىدار قانداقسىگە ، جاناننىڭ ، لەۋلىرىگە لەۋ ياقمىسا ،...
تولۇق ئوقۇش
شېئىرلىرىم

ئايرىلىش

قەدەملەردىن تامچىيدۇ سۈكۈت ، تەڭسىقلىقتا ئەگىيدۇ بىر سۆز . بىغىشىدا تىترەيدۇ يۈرەك ، مۇڭ توكىدۇ قارچۇقىدىن كۆز . يىراقتىكى تاتلىق چۈشەكەش ، بويتاقلىقنىڭ غىرىپ كەپىسى . توزۇتماقتا گۈزەل كەچمىشنى ، جۇدالىقنىڭ ئىغىر شەپىسى . گۈگۈمدىكى جىگدە ياپرىقى ، ئەڭ ئاداققى ئۇياتچان قوللار . قەدەملەرنى قويدى ئۇزۇتۇپ ، دوقمۇشلاردا كېسىشكەن يوللار.......
تولۇق ئوقۇش
شېئىرلىرىم

ئوغرى

قوڭغۇراق ئاۋازى مۇڭلۇق مۇزىكىدەك جاناننىڭ چاقىرىشىدەك ياقتى مۇئەللىمگە . چىقتى سىنىپتىن ، يوقۇتۇپ چىرايىدىكى چارچاشلارنى ، تۈزلەپ پۈرۈم-پۈرۈم قورۇقلارنى . ئاھ ، بىر سائەتلىك دەرس ! تۇگىدىغۇ ئاخىر ، ئېلىندى مانا يەلكىسىدىن يوغان بىر تاش. چىلىندى قايتا كىرىش قوڭغۇرىقى ، مۇئەللىم قەدىمىگە تىكىلدى قىرىق قاراق. كىچىككىنە مىڭىلەر لەيلەر تۇماندا. چۈشىنەلمەسلىك مەۋجۇتتۇر ھامان تۇرسىمۇ ئۆرۈلۈپ ۋاراق . ئۆتتى بىر سائەت ئۆتتى يەنە بىر سائەت! قۇياش نۇرى چۈشكەن كۆزنەكتىن كۆرىنىدۇ مۇئەللىم . تۇرىدۇ شۇنچىلىك بىغەم ، ئېسىدىن چىىققاندەك مۇقەددەس تەلىم . ئاغزى تېنماي ئىچىلار ، يۇمۇلار مەيدان ، دەرەخ ، بىنالارغا ..... سۆزلەيدۇ ھەممە-ھەممىگە . چارچىمايدۇ قانچە سۆزلىسە چىرايلىرى گۈلدەك ئېچىلىپ ،...
تولۇق ئوقۇش
شېئىرلىرىم

تولىمۇ كىچىكىپ ئۇچراتتىم سېنى

تولىمۇ كىچىكىپ ئۇچراتتىم سېىنى ، قولۇڭنى تۇتقانچە تىكىلدىم ئۈنسىز. ھاياجان ئىلكىدە سوقتى يۈرۈگۈم ، تونۇدۇم ، كۈتكىنىم سەن ئىدىڭ سۆزسىز. سەن ئىدىڭ نامەلۇم ئۈمىتسىز ئادرىس، كونۋرىت ئۈستىگە يېزىلغان ئاپئاق . ئىزىتقۇ جىلۋىلىك ، تۇمانلىق دالا ، كەلمىگى نا ئېنىق ، جاھانكەش ساياق . ئىزدەيتتىم كۆزۈڭنى كۆكتە يۇلتۇزدىن ، لەۋلىرىڭ قىزىل گۈل بەرگىدە ئايان . تاڭدىكى شەپەقتە مەڭزىڭ جىلۋىسى ، دىلىمدا ئوت بولۇپ ياناتتى ئارمان . كۆكلەمدە ياشىرىپ ، تۆكۈلدۈم كەچكۈز، ئۇچۇردى يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنى . يۇمۇلدى كىرپىكلەر ئاستا ھالسىراپ ، ئۆچتى ھەم زۇلمەتتە ئۈمىت ئۇچقۇنى . قارىغاچ ئارقامغا يېنىش-يېنىشلاپ ، ئەلەملىك ئۇھسىنىپ كەتتىم يىراقلاپ . بىلىمەن ،كۆز يەتمەس چەكسىزلىك ئارا ،...
تولۇق ئوقۇش
شېئىرلىرىم

خىيالىمدا سەن…….

سەرۋىدەك كىلىشكەن گۈزەل قامىتىڭ ، قۇياشتىن نۇر ئالغان چولپان كۆزلىرىڭ . زەخمەكتەك قەلبىمنىڭ تارىسىنى چىكەر، جىسمىڭدىن بالقىغان ھەر بىر تىۋىشىڭ . سېنىڭسىز ھېچنەرسە تۇيۇلماس گۈزەل ، مىھرىڭدۇر يېشىللىق قاپلىغان دۇنيا . جۇدالىق قاپلىغان ئۇزاق تۈنلەردە ، ھەمراھسەن مۇڭۇمغا قېتىپ لىرىكا . قۇرۇق قول قايتىدۇ ئۇھسىنىپ شۇ دەم ، ئويۇمدىن چەتنىگەن ئىنتىلىش گۇيا ، ئاشۇرار سۆيگۈمنى ، سىغىنىشىمنى ، بەرگەن شۇ قەسىمىڭ بولۇپ تۇتىيا!
تولۇق ئوقۇش
شېئىرلىرىم

ئەسلىگىن مېنى

(ئايالىم خاتىرىسىدىن) گىگانىت تاغلارنىڭ ئەركىن قوينىدا ، يۈرەمسەن ھىجراندا قالدۇرۇپ مېنى ؟ «خۇش»دېمەي كەتسڭمۇ ئاچچىقىڭ بىلەن ، بىلمدىم ، يەنىلا سىغىندىم سېنى . تەنھالىق چىرمىغان بۇ ئىغىر كۈنلەر ، تۈگەيدۇ قاچاندا كۆرىمەن سېنى . دىلىڭدا رەنجىشنىڭ ئاچچىق ھېسلىرى ، بولسىمۇ ، ئەسلەپ قوي بەزىدە مېنى .....
تولۇق ئوقۇش
شېئىرلىرىم

بويتاقلار مارشى

(ناخشا تېكستى) قىز بولۇپتۇ چوكانلار، گۈل بولۇپتۇ قىزباللار. بىزنى ئوتتا كۆيدۈرگەن ، ئالدىمىزدا تۇرغانلار. نېمە توللا يوللاردا ، قىزلار تولا دۇنيادا . دەردى كۆپ يىگىتلەرگە ، داۋا تېپىلار قايدا . ئاپمۇ-ئاق تاغدىن چۈشتۈم ، ئاپمۇ-ئاق توپاق مېنىپ . مەي كەلتۈر ئاق مەيپۇرۇش ، مەس بولاي ئاق مەي ئېچىپ . شاراپ ياخشى بويتاققا ، گەپ كەلتۈرمە شاراپقا . ھالى چوڭ شۇ قىزلارنى ، ئىشلەتمەيمىز ياماققا .
تولۇق ئوقۇش
شېئىرلىرىم

خىزمىتىم

ۋەسلىڭ ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈپ ، بىر تىرىلدىم خىزمىتىم ، كۆزلىرىم نۇرى ئۆچۈپ ، يادەك ئىگىلدىم خىزمىتىم ، ئونبەش باھار سەن تامان كارۋانغا تىزىلدىم خىزمىتىم ، يەنە باشلىق ، ھاكىمغا قۇلدەك يىلىندىم خىزمىتىم ، تۆمۈر دەپتەر بەتلىرىگە ئاخىر تىزىلدىم خىزمىتىم . تىنچىدى چاڭقاق تىلەك ۋەسلى شارابىڭنى ئېچىپ ، ئۆتتى ئايلار بىر-بىرىگە بەرمىدى تۇتۇق قىچىپ ، ئوي ۋە چوڭقۇرى قەيەردە باققىنىمدا بىلدىم كېچىپ ، ئىنتىزارىم رومالىنى قايرىدىم يۈزىن ئېچىپ ، سەن ئىكەنسەن ئالتۇن قەپەس ، تۇتقۇن بىلىندىم خىزمىتىم . كۆرۈنمەيدۇ يىل بويى ، ئىشلىسىەم تاپماي تىنىم ، ئۇنۇتقاچقا قاقاقلاشنى تۇخۇم تۇغقاندىن كېيىن ، نام شەرەپنىڭ گۈل تاجىسى تاقالمىقى ماڭا قېيىن ، لاپچىغا...
تولۇق ئوقۇش
شېئىرلىرىم

كۈتۈش

ئۇيقۇغا ئېلىنىپ كۆزلىرى ئاستا ، تېنچىدى ھاياتلىق ، تۈن كېچە بۇدەم . يانىدۇ پەقەت بىر ئۆيدە جىنچىراق ، يانىدۇ بىر يۈرەك ئىزتىراپتا ھەم . تۆت تامنىڭ ئىچىدە يىگانە ئايال ، كۈتكىلى ئىرىنى بولغاندۇ نىكەم . قاپ – قارا ئەرۋاھنىڭ كۆزلىرىسىمان ، دەرىزە كۆزنىكى تۇرار قارىيىپ . جاراڭلاپ ئاچىدۇ كېچە بورىنى ، ۋە كىزەر خانىنى پەردىلەر قايرىپ . يۈرىكى "قارت"قىلىپ ياپراقتەك تىترەپ ، مەزلۈمە چىرايى كېتەر ئاقىرىپ . شىرەگە قويۇلغان ئىككى قاچا ئاش ، قوش كىشىلىك كارۋات قالغاندۇ مۇزلاپ . ساداقەت ، ۋاپانىڭ بابىدا پەقەت ، ئۇن-تىنسىز پۇتمەكتە داستانلار قۇرلاپ . ھەر دەقىق ئاڭلانسا ئاياق تىۋىشى ، ئامانلىق ئېسەنلىك تىلەر پىچىرلاپ...
تولۇق ئوقۇش