چالا بولسىمۇ
مەكتەپكە ماڭدىم ئۇقۇدۇم چالا بولسىمۇ،
بىلگەنلىرىم ئاز ئەمەس چالا بولسىمۇ،
مۇئەللىمكامنىڭ بىلوگىدا ئولتۇرۇپ مەنمۇ،
شىئىر قوشاق توقۇدىم چالا بولسىمۇ
ۋوردىپىرەس مۇنبەرلىرى قۇرۇلۇپ رەت_رەت
گۈلچىچەكتەك مۇنبەرلەر بىنا بوپ قەۋەت
شۇ بىنالار شەھەرىدىن زوق ئىلىپ مەنمۇ
بىر بىلوگنى قۇرىۋالدىم چالا بولسىمۇ.
بىر بىلوگدىن تاپتىم يىلتىز بىرىدىن چاپان،
يەنە بىرنى ئارلاپ يۈرۈپ كۆردۈم مەن چايان،
تارقىتاي دەپ بىلگىنىم يوشۇرماي مەنمۇ،
پىئەس لەردىن لاھىيە تۈزدۈم چالا بولسىمۇ
مەن ئاڭلىسام پىلانتىدا مەشرەپ بولارمىش،
مۇئاللىمكام شوخلۇق بىلەن مېرشاپ بولارمىش،
خىيالىمدا بۇ بەزمىگە قاتنىشاي مەنمۇ،
ئىلتىماسلار يېزىپ قويدۇم چالا بولسىمۇ.
ئاپتور : تەلەي365
2014-يىلى 01-ئاينىڭ 03-كۈنى 3:32 چۈشتىن بۇرۇن تەخىت
مەشرەپكە تەشنا بوپ تۇرغانلارغا مۇئەللىمكام چوقۇم مەشرەپ چىيى بىرى شۇنداققۇ مۇئەللىمكا
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى 6:07 چۈشتىن كېيىن ئورۇندۇق
بىلوگ يىزىش ئۈچۈن چۇقۇم ۋودپىرەسنى پىششىق بىلىش كېرەكمۇ ئەجەپ زار بولدۇم، ئەجەپ خار بولدۇم . ئۇبۇنتۇ نى دىمىسەم ماڭا نىمە با بىلوگ قۇرىمەن دەپ.
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى 5:55 چۈشتىن كېيىن پەگاھ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مەشرەپكە مىنىمۇ چاقىرۋىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ھە…ھىھھى ھى
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى 4:06 چۈشتىن كېيىن 4-قەۋەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، راستىنلا چالا قالدىمۇ يا راسىت گەپمۇ؟
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى 3:36 چۈشتىن كېيىن 5-قەۋەت
شېئىرىڭىز بەك ئۆزگىچە بوپتۇ جۇمۇ، ئاۋۇ مەشرەپنىڭ ئىشى جىڭمۇ يا؟ مۇئەللىمكام مېنىمۇ چاقىرغاندۇ ھە!؟
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى 3:36 چۈشتىن كېيىن 6-قەۋەت
ئىنكاس يېزىش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق…