0℃
2012-يىلى03-ئاينىڭ23-كۈنى
/ شېئىرلىرىم
/; كۆرۈلۈشى : 62 قېتىم+
نامراتقىنە كۈلبەم بەك غىرىپ ،
تور قاپلىغان قەلبىمنى چەكسىز .
ھەسرەتلەرگە بولۇپ قۇل تۇتقۇن ،
ئارمان بىلەن ئۆلىمەن شەكسىز .
بەلكىم
نامىزىممۇ چۈشۈرلەر ئاددى ،
جىنازامغا يېپىلماس يوپۇق .
گاداي روھىم بارسا باقىغا ،
دوزاقنىڭمۇ ئاسمىنى تۇتۇق .
بەلكىم
ياد ئەتمەيدۇ ھىچكىشى مېنى ،
كەلمەس ھەتتا قەبرەمنى يوقلاپ .
تۇرار پەقەت قۇمۇش قاپلىغان ،
ئاخىرقى ئۆي تېنىمنى قوغداپ .
بەلكىم
سىغىنارغا ئادىمىمۇ يوق ،
قەلىبلەردىن تۇتمىغاچ ماكان .
ئىكەك ئىكەن ئىككى دۇنيادا ،
ئەزىز جانغا غىرىپلىق ھامان ..
بەلكىمداۋامىنى ئوقۇش
ياخشى ئەسەركەن
ئاپتاپ كۇرمىگە
پەيزى كود تىن
مەن بىلوگىمغا
ئوقۇش پۇلىنى ب
مەن شيا مى نىڭ
بىزدەك يېڭى ئۆ
ئوقۇغۇچى قۇبۇل