بىلوگباسنى ئىشلىتىشكە بىرەر يىل بولار بولماي wordperssئاساسىدىكى بىلوگ سۇپىلىرى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشقا باشلىدى . PHPدا بولسا مەن قارا ساۋات ، ئانچە-مۇنچە رەسىم تەھرىرلەپ ئۆز ھاجىتىمدىن چىقالىغىنىم بىلەن ، ئەمما كود تەھرىرلەشنى ئەسلا ئۇقمايمەن ، پەقەت ئۇقىدىغىم : كودلارنى بەيدۇ تورىنىڭ تەرجىمە بېتىگە چاپلاپ ، خەنزۇچە تەرجىمىسى بويىچە مەنىسىنى ئۇققاندىن كېيىن ، ئۇيان-بۇيان ئۆزگەرتىپ ، ئۆزگىرىشلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ، ئۇنۇمىنى سېناپ بىقىشتىن ئىبارەت .
مۇشۇنداق كېتىپ بارغان كۈنلىرىمدە ، سىنا تورىدا wordperssئاساسىدا بىلوگ قۇرغىلى بولىدىغانلىق توغرىسىدكى خەۋەرلەر مېنى قىزىقتۇرۇشقا باشلىدى . مەن ئوڭۇشلۇقمۇ تىزىملاتقان بولدۇم . كومپىيۇتىرىمدا ئۇيغۇربەگ ، پىرىستان ، ئەلشات ئەپەندىلەر تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلار بار بولسىمۇ ، ئۇنى قانداق قىلىپ ، سىنا توردىكى wordperssسۇپىسىغا قاچىلاشنى تىخى ئۇقمايتتىم . بۇنىڭغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ئۇيغۇر بەگ ئەپەندىمگە ، بۇ سورۇندا نېمىلەرنى قىلىش توغۇرلۇق كۆرسەتمە بەرگەن شاتمەن ، غىنىباي ئەپەندىملەرگە ئالاھىدە رەھمىتىم بار... رەھمەت سىلەرگە ! مەن پەقەت سىلەرگە رەھمەتلا دېيەلدىم .
ئەمدىكى گەپ : سىنا تورىدا بىلوگ قۇرغۇسى بار بىلوگخۇمارلار ، سىلەرمۇ بىلوگ قۇرماقچى بولساڭلار تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى بايانلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقساڭلا ، كۆز ئالدىڭلاردا ئالدى-ئارقا (باشقۇرۇش)بېتى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشقان wordperssبىلوگىڭلار نامايەن بولىدۇ . مەن سىلەرنىڭ قىلىپ كىتىشڭلارغا ئىشىنىمەن ، چۈنكى مەنمۇ قىلالادىم ........
پايدىلانما ئۇلىنىشى:
شاتمەن ئەپەندىم قالدۇرغىنى: http://blog.ilqut.com/index.php/archives/3061.html
غىنىباي ئەپەندىم قالدۇرغىنى:
http://ghenibay.sinaapp.com/?p=17
سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن....!!!
سىنادىكى بىلوگ ئادرىسىم: http://muallimlar.sinaapp.com /