ھازىرقى ئورنىڭىز: باشبەتشېئىرلىرىم>تەپسىلىي مەزمۇن
ئاداقى ئۈمىد
2012-يىلى04-ئاينىڭ07-كۈنى / شېئىرلىرىم / ئىنكاس سانى 2 / كۆرۈلۈشى : 16 قېتىم+

خەستە بولغان ھاياتتىن كۆڭلۈم ،
رىئاللىقتىن كەتتى يىراقلاپ .
مەن قايىتقۇچە ئاداقى ئۈمىد ،
بەلكى تۇرار يولۇمدا ساقلاپ .

چەكسىز ساما ، ئۇمىتسىز سۆيگۈ ،
يۇلتۇز بولۇپ يانار چاراقلاپ .
ئاپپاق قالغان ھايات بېتىنى ،
ئۆرۈپ بارار يىللار ۋاراقلاپ .

خىيالىمدا سۆيگەن نۇر لالەم ،
چۈشلۈرۈمگە كىرەر قۇچاقلاپ .
ئەپ كېتىدۇ رىئاللىق يەنە ،
قوللىرىمدىن يۇلۇپ-تارتقۇشلاپ .

خىياللىرىم چەكسىز يىپلىرى ،
ئۈمىتدلەرنى بارىدۇ ئۇلاپ .
ئېستەكلىرىم يۈرىدۇ سەرسان ،
بىر نامەلۇم ئادرسنى سوراپ .

ھازىرغا قەدەر جەمئىي 2 پارچە ئىنكاس قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئارىسىدا زىيارەتچىلەر 1 پارچە، بىكەت باشلىقى 1 پارچە ئىنكاس قالدۇردى.

  1. رىنات : 2012-يىلى04-ئاينىڭ07-كۈنى12:52:20  1-قەۋەت جاۋاب

    پاھ پاھ….قەلىمىڭىز كۈچلۈككەن جۇمۇ… قايىلمەن. :grin:

    • ئىقبال : 2012-يىلى04-ئاينىڭ07-كۈنى12:54:15 جاۋاب

      ياقەي ، نەدىكنى ؟ مەن تىرىشىۋاتىمەن …ئۆزلىكسىز تۈردە …….سلەرنىڭ قوللىغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت!

قېنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يېزىڭ

باش سۈرەت؟