رېئال بولمىغان گۈزەللىك
مۇتەللىپ ئىقبال ھەممىمىز گۈزەللىكنىڭ نىسپىي ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ دېگەنلىك، گۈزەللىك مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ مەلۇم مەزگىل گۈزەل بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ . ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە گۈزەللىك قوغلىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گۈزەللىكنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى. بۇ سەۋەبتىن ۋاقىتلىق گۈزەللىك ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ئىش مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، بىر ئۆمۈر بەدەن گۈزەللىكىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىش، بىر ئۆمۈر چىرايىنى گۈزەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرخىل گىرىم بويۇملىرىنى قوللىنىش ۋە ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىش… دېگەندەك. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ گۈزەللىك ھەققىدىكى