قاغا بالام ئاپئاق ، كىرپە بالام يۇمشاق
ئەجدادلار ”قاغا بالام ئاپئاق ، كىرپە بالام يۇمشاق“ دېگەن تەمسىلنى ئىجاد قىلغان ئىكەن. بۇ تەمسىلدە قاغىنىڭ بالىسىنى ئاپئاق دەيدىغانلىقى، كىرپىنىڭمۇ بالىسىنى يۇمشاق دەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەمسىل يوشۇرۇن ھالدا يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى كۆرمەيدىغانلىقىنى، خاتالىقلىرىنى توغرا دەپ چۈشىنىۋالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېمەككى، ھەر كىمنىڭ خاتالىقى ۋە ئەيىبى ئۆزى ئۈچۈن توغرا؛ ھەركىم ئۆزى ئۈچۈن ئاق بالىخان. ھەركىم ئۆزىگە نىسبەتەن گۇناھسىز. يۇقىرىقى تەمسىل ماڭا پىسخولوگىيە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى مۇنداق نەزەرىيەنى ئەسلەتتى: كىشىلەر باشقا كىشىلەرنىڭ خاتالىقى