ئائىلە ھەققىدە قىسقا گەپلەر

 

love-bond-of-perfection-family

 

مۇتەللىپ ئىقبال

 

 

ئەنئەنىۋى ئائىلىلەر ئەڭ ئالدى بىلەن بىر ئىقتىسادىي بىرلىك ئىدى. ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىقتىساد ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى. بۇ خىل ھالەت توي ئىشلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ چىقاتتى. ئەمەلىيەتتە ئوغۇل ياكى قىز تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بېرىدىغان تويلۇقى پۈتۈنلەي ئىقتىسادىي پائالىيەت ئىدى. نۇرغۇنلىغان خەلقلەرنىڭ تارىخىدا تويلۇققا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ سەۋەبى ئائىلىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن بىر ئىقتىسادىي ئورۇن ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تويلۇق ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ئىش ئىدى.

تويلۇق ئەسلىدە جەمئىيەتتە ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن قوشۇلغان تۆھپە ئىدى. تويلۇق ئارقىلىق ئائىلىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي توختاۋسىز ھەرىكەتلىنىپ ۋە يۆتكىلىپ تۇراتتى.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئوغۇل تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە تويلۇق سوۋغىتى بېرىشى قىز تەرەپتە بىر ئائىلە نوپۇسىنىڭ كەملەپ كېتىشىگە قارىتا بېرىلگەن بىر ئىقتىسادىي ياردەم ئىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانداق دەرىجىدىكى نىكاھ ۋە توي ئادەتلىرى بولمىسۇن، مۇتلەق ھالدا ئىككى جىنسنىڭ ئېرىشىدىغان ۋە يوقىتىدىغان پايدىسى بۇلاتتى. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نىكاھ ۋە توي ئەسلىدە بەلگىلىك قىممەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇلاتتى. ئەنئەنىۋى نىكاھ قارىشىدا توي قىلغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش قارىشى نەزەرگە ئېلىنمايتتى. قىسقىسى، تويدىن ئىلگىرى مۇھەببەت چۈشەنچىسى ئاساسەن يوق ئىدى. تويدىن ئىلگىرى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن تەقدىردىمۇ ياخشى كۆرۈش نىكاھ ياكى توينىڭ بىردىنبىر شەرتى ۋە ھەل قىلغۇچ ئامىلى ھېسابلانمايتتى.

ئەمما، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ياۋروپادا ئائىلە ھەققىدە چۈشەنچىلەر ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئائىلە ۋە نىكاھ ئىشىغا رومانتىك مۇھەببەت قارىشى سىڭىپ كىردى. ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىر[1] دەۋرىدە رومانتىك مۇھەببەت قارىشى يوق ئىدى. ئانتونىي گىددەنسنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ئەسىر زامانىدا نىكاھ ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنىڭ نەتىجىسى ياكى مۇھەببەتنىڭ بۆشۈكى ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىر زامانىدا نىكاھتا غىدىقلاش، قىزغىنلىق ۋە رومانتىكىلىق يوق ئىدى[2]. بۇ دېگەنلىك، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە كۆپ سانلىق نىكاھ يەنىلا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتنىڭ بىر قىسمى ئىدى. رومانتىك مۇھەببەت قارىشى پەقەت كىيىنكى زاماندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى ئىدى.

رومانتىك مۇھەببەت ياۋروپادا يېقىنقى زاماندا يۇقىرى تەبىقىلىك كىشىلەر ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان مۇھەببەت قارىشى ئىدى. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان رومانتىك مۇھەببەت ئىككى جىنسنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ ئاندىن توي قىلىشىنى كۆرسىتەتتى. مەيلى ياۋروپادا بولسۇن ۋە مەيلى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن، ئىلگىرىكى زامانلاردا توي ۋە نىكاھ پەقەت تەڭ دەرىجىدىكى قىممەت ئالماشتۇرۇش ئىشى ئىدى.

رومانتىك مۇھەببەت ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى. رومانتىك مۇھەببەت ئاياللارنىڭ شارائىتىغا قوش تەسىر كۆرسەتتى. بىرىنچىدىن، رومانتىك مۇھەببەت ئاياللارنى ئۆيگە بەند قىلدى. باشقا بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، رومانتىك مۇھەببەت زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ ”ئەرلىك“ىگە قارىتا ئاكتىپ ۋە رادىكال پائالىيەت ئىدى[3]. رومانتىك مۇھەببەتتە ئىككى جىنسنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە بىر-بىرى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشى ئاساس ئىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، رومانتىك مۇھەببەت مۇكەممەل بىر ئائىلە چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. بۇ ئائىلىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئائىلىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئىدى. ئەرلەر ئاساسلىقى ئائىلىنى بېقىش ئىشىنى ھۆددىگە ئالغان بولسا، ئاياللار ئائىلە ئايالى بولۇش ئارقىلىق پەرزەنت تەربىيەلەش ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. غەرب تارىخىدا 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان رومانتىك مۇھەببەت قارىشى ئىككى جىنسنىڭ بىر-بىرىنى ئىدېئاللاشتۇرۇشى بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئىدى.

رومانتىك مۇھەببەت ئىككى جىنسنىڭ بىر-بىرىگە ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ياخشى جۈپ تېپىشنى ئاساس قىلغان مۇھەببەت قارىشى ئىدى. شۇڭلاشقا رومانتىك مۇھەببەتتىكى مەقسەت ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالايدىغان ھالال جۈپ تېپىش ۋە شۇ ئارقىلىق بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتۈش ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ، رومانتىك مۇھەببەت ھەممە كىشى تەرىپىدىن تەلپۈنىدىغان نەرسە ئىدى. ئەمما، غەرب جەمئىيىتى بۈگۈنكى كۈندە رومانتىك مۇھەببەتنى ئاساسىي جەھەتتىن تەرك قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ تەلپۈنۈش ئوبيېكتى رومانتىك مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى قوللىنىشچان مۇناسىۋەت ئىدى. قارشى جىنس بىزنى مايىل ۋە رام قىلالامدۇ يوق؟ قارشى جىنس بىزنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرالامدۇ؟ بىزگە جىنسىي خۇشاللىق ئاتا قىلالامدۇ-يوق؟ مانا بۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئىككى جىنسنىڭ بىر-بىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە ئارزۇسى ئىدى. گىددەسنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە رومانتىك مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى ساپ مۇناسىۋەت ئېلىشقا باشلىدى. رومانتىك مۇھەببەت كىشىلەرنىڭ تەلپۈنۈش ئوبيېكتى ئەمەس ئىدى.

گىددەنىسنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، رومانتىك مۇھەببەت چۈشەنچىسى ساپ مۇناسىۋەتكە ئۆزگەرگەن ئىدى. ساپ مۇناسىۋەت ئىككى جىنسنىڭ بىر-بىرىگە ئوچۇق بولۇش(Openness) ۋە ئالاھىدە مۇناسىۋەتلەردە باراۋەر بولۇش چۈشەنچىسىگە ئۆزگەرگەن ئىدى.

بۇ يەردىكى ساپ مۇناسىۋەت ئىككى جىنسنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى ساپلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ[4]. گىددەنىسنىڭ قارىشىچە، ساپ مۇناسىۋەت بۈگۈنكى كۈندىكى نىكاھ تۇرمۇشنىڭ ئاساسى ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ خىل ساپ مۇناسىۋەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى  ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ بولۇش، ئاياللارنىڭ ئەركىنلىشىش ۋە ئاياللىق ئالاھىدىلىكىنى ئەركىن ئىپادىلەش چۈشەنچىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ يەنە ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى ياكى نىكاھىنىڭ ئوخشىمىغان جىنىسقلار مۇھەببىتى(ئەر ۋە ئايالنىڭ) ۋە نىكاھ ئادېتىگە رەقىب بولغانلىقى بىلەنمۇ باغلىنىشلىق ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى ئەمەلىيەتتە ساپ مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچىسى ئىدى.

ئەنئەنىۋى ئائىلىلەردە ئاياللارنىڭ ئورنى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بالىلارنىڭ ئورنىمۇ تۆۋەن ئىدى. گىددەنسنىڭ كۆز-قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە بالىلار ئاسراش ئۈچۈن ئاسرانمايتتى. ياكى ئاتا-ئانىلار ئۆز خاھىشى بۇيىچە بالىلارغا غەمخورلۇق قىلمايتتى. بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى سۆيمەسلىكىدىن ئەمەس، بەلكى، بالا بېقىشتىكى سەۋەپنىڭ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىغا ھەسسە قوشۇش ئىكەنلىكىدە ئىدى[5]. چۈنكى، ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە بالىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسپىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. بالىلار ھە دېسىلا ھەرخىل كېسەللىكلەر تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتەتتى. بۇ سەۋەبتىن ، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئائىلىدىكى نوپۇسقا كۆڭۈل بۆلگەنلىك، بىر كىشىنىڭ ئۇرۇقىنىڭ(ئەۋلادى) ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن باراۋەر ئىدى.

ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە جەمئىيەتتىكى ئاقسۆڭەك ياكى تىجارەتچىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بالا بېقىشتىكى مەقسەت ئائىلە ئىقتىسادىغا تۆھپە قوشۇش ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتمۇ ئاساس جەھەتتىن بالا تېپىش ئۈچۈن ئىدى. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە جىنسىي ئىستەك بىلەن بالا تېپىش بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ چىقتى. كىشىلەرنىڭ بالىنى ئاز تۇغۇشقا بولغان ئارزۇسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جىنسىي ئىستەك گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ چىقىشقا باشلىدى. مەسىلەن، ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ مۇھەببىتى نۇرغۇن دۆلەتلەردە قانۇنلاشتۇرۇلدى. دېمەككى، كىشىلەر غەيرى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكىلا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش جىنس ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكىمۇ كەڭ قورساقلىق قىلىدىغان بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى جەمئىيەتلەردە رومانتىكىلىق مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھ ئۆتمۈشتىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھنىڭ ئورنىنى ئالدى[6]. رومانتىك مۇھەببەت يەنە ساپ مۇناسىۋەت قارىشىغا ئۇرۇن بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىنىڭ قۇرۇلمىسىدا جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر بالا توغۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ھالغا كەلدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا 18ياشتىن 35ياشقىچە بولغان قىز-ئاياللارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ تۆتتىن بىرى بالىلىق بولۇشنى خالىمايدىكەن[7]. بۇ نىكاھنىڭ ئائىلىنىڭ قېنى ۋە ئۇرۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەككى، نىكاھ پەقەت ئىككى كىشىنىڭلا ئىشى بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ شەخسىيلىشىش[8]نى ئاساس قىلغان، شەخسىنىڭ نەتىجىسىگە  ئېتىبار بېرىدىغان قاراشنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئائىلە پەقەت ئىككى كىشىنىڭ ئىشى ئىدى. ئائىلىنىڭ جەمئىيەت، قەۋم، مىللەت ۋە دۆلەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمايتتى.

بىز بۈگۈنكى كۈندە بالىلارنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ياخشى كۆرەتتۇق. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بالىلارنىڭ سانىنىڭ ئاز بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۆتمۈش زامانلاردا بالا ئائىلە ئىقتىسادى ئۈچۈن پايدىلىق بىر ئەزا ھېسابلانغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بالا ئائىلە ئىقتىسادىي ئۈچۈن يۈك بولىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سانىمۇ قىسقىراشقا دۇچ كەلدى.

زامانىۋى جەمئىيەتتىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئۆزگىرىش بالا تەربىيەلەشتە ئىپادىلىنىپ چىقاتتى. زامانىۋى جەمئىيەتتە بالىنى يەسلى ۋە مەكتەپلەرگە تاشلاپ بېرەتتۇق. بالىلارنىڭ قۇلىنى مەكتەپ تۇتاتتى. مەكتەپتە نۇرغۇن بالىلار بىللە ئوقۇيتتى. بىز بارلىق ئۈمىدنى مەكتەپتىن كۈتەتتۇق. بۇنىڭ بىلەن بالىلار غەمخورلۇق ۋە كۆيىنىشتىن يىراق قالاتتى.

بالىلارنى مەكتەپكە تاپشۇرۇپ بېرىشتە بىزنىڭ مەكتەپ مائارىپىغا بولغان ئىشەنچىمىز مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. چۈنكى، زامانىۋى جەمئىيەتتە تەربىيەنى مەكتەپكە، ئامانلىقنى ساقچىغا، ئادىللىقنى سوتچىغا، ساقلىقنى دوختۇرغا تاشلاپ بېرىشكە مەجبۇر ئىدۇق. بالا تەربىيەلەشتە بىزنىڭ مەكتەپكە بولغان ئىشەنچىمىز بىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىدىن يۇقىرى ئىدى. شۇڭلاشقا، بالىمىزنى مەكتەپكە بەرگەن ئىدۇق. ئەلۋەتتە، زامانىۋى جەمئىيەتتىكى بۇ خىل ئىشەنچ سىستېمىسى خەتەردىن خالىي ئەمەس ئىدى. ئىشەنچ ۋە ئۈمىدنى مەكتەپكە باغلىغان ۋاقتىمىزدا بالىمىز يارىماس بىر ئادەم بۇلاتتى. مېنىڭچە ، ئۇيغۇرلاردا بالا تەربىيەسىدىكى مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك سەۋەبى بولسا، مەكتەپكە زىيادە ئىشىنىپ كېتىشتىن چىققان بولۇشى مۇمكىن.

زامانىۋى جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئىكەنمىز، مەجبۇرىي شەكىلدە ئۈزىمىز بىلمەيدىغان ئورۇنلارغا ئىشىنىشمىزگە توغرا كېلىدۇ . ئەمما، زامانىۋى جەمئىيەتتە ئىشەنچ بىلەن خەتەر ھەر ۋاقىت بىرلىكتە كېلىدۇ . داڭلىق جەمئىيەتشۇناس ئانتونىي گىددەنس زامانىۋى جەمئىيەتتىكى ئىشەنچ سىستېمىسى بىلەن خەتەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن تۇغقان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

قىسقىسى، زامانىۋى جەمئىيەتتە ئائىلە ئەنئەنىۋى چۈشەنچىدىن يىراقلاپ چىقتى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئائىلىنىڭ ئاساسىي خىلى مۇستەھكەم. ئائىلىگە بولغان ئىشەنچ تولىمۇ يۇقىرى. ئائىلىنىڭ رولى خىلى كۈچلۈك. ئەمما، تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئائىلىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە ئائىلىگە بولغان تونۇشى جىددىي ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، ئائىلە ھەققىدە كەڭ-كۇشادە مۇلاھىزە قىلىش تولىمۇ مۇھىم.

 

__________________________________________________

 

[1]  تەخمىنەن 6-ئەسىردىن 15-ئەسىرغىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

[2] 安东尼.吉登:失控的世, 周红云译, 江西人良出版社,2001年, 第51页

[3] Anthony Giddens, The transformation of intimacy, 1992, Stanford University Press, p.2

[4] Anthony Giddens, The transformation of intimacy, 1992, Stanford University Press, p.58

[5] 安东尼.吉登:失控的世, 周红云译, 江西人良出版社,2001年, 第52页

[6] 安东尼.吉登:失控的世, 周红云译, 江西人良出版社,2001年, 第54页

[7] 安东尼.吉登:失控的世, 周红云译, 江西人良出版社,2001年, 第55页

[8] Individualism, 个人主义

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز