Google باش بېتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن Internetنىڭ 14 يىللىق تەرەققىياتىغا نەزەر(2004~2010)

ۋاقتى: مىلادى 2004-يىلى

2004_11

2004-يىلى 3-ئايدا، Froogle تورغا چىقتى ـــ بۇ Googleنىڭ مال سېتىۋېلىش ئىزدىگۈچىسى [Google Product Search, 购物搜索] نىڭ ئاساسى ئىدى ـــ Froogleنىڭ پەيدا بولۇشى Googleنىڭ ئىزدەش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەپسىلىي ئايرىلىۋاتقانلىق بۇرغىسىنى سايراتتى. بۇ ئايدا يەنە تور پۇقرالىرىنى تەلۋىلەشتۈرىۋېتىدىغان يەنە بىر خەۋەر تارقالدى ـــ 1G لىق چوڭ بوشلۇققا ئىگە Gmail ئېلخەتداننى تىزىملىتىش تەكلىپى باشلاندى (ئەينى چاغدا مەكتىپىمدە مەن ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنىڭ سىغىمى ئاران 512MB ئىدى). Gmailنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى، روشەنكى، بۇ يىللىق Googleنىڭ ئەڭ بەك ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى، Googleنى ئەڭ بەك ھاياجانغا سالغىنى ئۇنىڭ پايچېكىنى Nasdaq پاي بازىرىغا سېلىنىشى ئىدى، تۇنجى كۈنىدىكى پايچەك قىممىتى 100 دوللار بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر يىلدا يەنە Googleغا تەسىر قىلغان ئۈچ ئىش يۈز بەردى: Yahoo سېتىۋېلىش ۋە ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئۆزىنىڭ ماشىنا ئىزدەش ماتورىغا ئىگە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ Google بىلەن بولغان تۆت يىللىق ھەمكارلىقىنى توختاتتى؛ بەيدۇ [Baidu, 百度]  شۇ يىلى 6-ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو ئىزدەش بازىرىدىكى سىغىمىنى Google دىن ئاشۇرۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئەڭ چوڭ خەنزۇچە ئىزدەش سۇپىسى»غا ئايلاندى؛ Facebook ناملىق مەھەللىۋىلەشكەن بىر تور بېكىتىمۇ دەل مۇشۇ يىلى قۇرۇلدى.


ۋاقتى: مىلادى 2005-يىلى

2005_12

2005-يىلى 2-ئايدا، Local [يەرلىك، 本地] ئىزدەش تورغا يوللاندى. كېيىن بۇنىڭدىن كۆپىيىپ Google Maps،Google Earth،Business Search قاتارلىق مەھسۇلاتلار چىقىرىلدى ھەمدە ئۇنىڭدىن ھەرخىل تىللارغا كېڭەيتىپ چىقىرىلدى. يەنە بىر تەرەپتە بولسا، يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى چوڭام مەيكروسوفت [Microsoft,微软] ئاخىرى Googleنىڭ پالتا-پىچاقلىرىنى بىلەپ ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدەك مۇدھىش قان ھىدىنى پۇرىدى-دە، ئۆزى مۇستەقىل تەتقىپ قىلىپ ياساپ چىققان MSN ئىزدەشنى ئومۇمىيۈزلۈك كېڭەيتىشكە باشلىدى. دەل مۇشۇ ئايدا، كېيىنچە Google تەرىپىدىن ئوڭۇشلۇق سېتىۋېلىغان مەھەللىۋىي سىن تورى Youtube ئىش باشلىدى؛ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە Youtubeنىڭ تەكشۈرۈشى بوش، سىنلارنى ئۆچۈرۈشىمۇ ئاستا ئىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇيقۇسىز ئۇزۇن كېچىلەردە بىزدەك «شەپەرەڭ پالۋان»لارنىڭ كىنو ئىزدىشى ئىنتايىن ئاسان بولدى! سىز ھازىر نېمىشقا 75-~85-يىللار ئارىلىقىدا تۇغۇلغان بۇ بىر ئەۋلاد ئادەملەرنىڭ تېخىغىچە Youtubeنى ئەسلەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەنسىز؟

2005_13

2005-يىلى 9-ئايدا، Googleنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمىتى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيدى، shopping ئۇچۇرلىرى Froogleغا كىرگۈزۈلدى؛ دىققەت قىلىشقا تېخىمۇ ئەرزىيدىغىنى شۇكى، باش بەتنىڭ ئوڭ ئۈستى بۇرجىكىدە كىرىش [登录,Sign in] ئېغىزى بار بولدى، Gmail ھېساباتى ئارقىلىق كىرىشكە بولاتتى، ئۇندىن باشقا، شەخسىيلەشتۈرۈلگەن باش بەت [个性化主页,Personalized Home] مۇ بار بولۇپ، بۇ ھازىرقى iGoogleنىڭ ئاساسى ئىدى، بۇنىڭدىن Googleنىڭ بۇ چاغدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېپىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

2005_14

2005-يىلى، ئەمەلىيەتتە، يەنە بىر «چوڭ ئىش» يۈز بەردى، يەنى Google جۇڭگوغا يۈرۈش قىلدى ـــ 4-ئايدا شاڭخەيدىكى ئىش باشقارمىسىنى قۇردى، 7-ئايدا جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنى قۇردى ھەمدە مەيكروسوفت جۇڭگو [微软中国] نىڭ سابىق «ئاتىسى» لى كەيفۇ [李开复] نىڭ Googleنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى باش لېدىرى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. گەرچە ئۇ چاغدا  Googleنىڭ تېخى خەنچە ئىسمى بولمىسىمۇ، بىراق CNNICنىڭ 2005-يىلى 8-ئايدىكى بىر پارچە ئىستاستىكا دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدىكى Googleنىڭ جۇڭگو ئىزدەش بازىرىدىكى نىسبىتى بەيدۇ [Baidu, 百度] دىن پەقەت ئازراقلا كېيىن تۇراتتى، بىراق بىرقىسىم سانلىق مەلۇماتلىرى يەنىلا بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭكىدىن ئىلغار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە Googleنىڭ 7-ئايدا جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇشنى تاللىشى 8-ئايدا Nasdaqتا بازارغا سېلىنغان بەيدۇ [Baidu, 百度]نىڭ پېيىغا نىسبەتەن ئەڭ زور پايدىسىز ئامىل ئىدى! 2005-يىلى يەنە بىر «كىچىك ئىش» يۈز بەردى، Google تۆت ئادەمدىن تەشكىللەنگەن Android دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك شىركەتنى سېتىۋالدى. ھازىر قارىغاندا، 2005-يىلىدىكى بۇ «كىچىك ئىش»نى قىلىش ئاۋۇ «چوڭ ئىش»نى قىلغاندىن تېخىمۇ بەكرەك ئاقىلانىلىق بولغان ئىدى.

ۋاقتى: مىلادى 2006-يىلى

2006_15

2006-يىلى 3-ئايدا، Google Maps تورغا چىقتى، بۇ چاغدا Googleنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاللىقاچان ناھايىتى مول بولغان ئىدى، more خەتكۈچكە يۇشۇرۇنغان مەزمۇنلار سىرتىدىكىدىن خېلى بەكلا كۆپ ئىدى. ئىزدەش بازىرىنىڭ كۆلىمى كۈنسېرى كېڭىيىشى ۋە Googleنىڭ بىۋاسىتە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى (لى كەيفۇنى ئېلىپ قاچقانلىقى)غا قارىتا، مەيكروسوفت [微软,Microsoft] ئاخىرى ئولتۇرالماي قالدى، بىر يېپيېڭى ئىزدەش داڭلىق ماركىسى ـــ «Windows Live ئىزدەش» مۇشۇ ئايدا تورغا چىقتى؛ ئارقىدىنلا، مەيكروسوفت [微软,Microsoft] يېڭىلىق تۇيغۇسى كەمچىل ئالدى قوشۇمچە «Windows»نى تاشلىۋېتىپ، بۇ ئىزدەش ماتورىنى بىۋاسىتە «Live ئىزدەش» دەپ ئاتىدى، بىراق ھەرخىل تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى بازار نىسبىتىدە نەتىجە بەرمىدى، بۇمۇ مەيكروسوفت [微软,Microsoft] نىڭ ئىككى يىلدىن كېيىن ياھۇ [雅虎,Yahoo] نى سېتىۋېلىش ئويىنىڭ بىخ سۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

2006_16

2006-يىلى 4-ئايدا، Google ئۆزىنىڭ دۇنياۋىي خەنچە نامىنى «谷歌» (زىرائەت ناخشىسى) دەپ جاكارلىدى، بۇنىڭ مەنىسى «مول ھوسۇل ناخشىسى» دېگەنلىك بولاتتى، بۇ تولىمۇ چاكىنا ئىسىم ئەينى چاغدا زور بەس-مۇنازىرىگە دۇچار بولدى، بىراق نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ئىسىم ئاخىرى «قىچقىرىلدى»، ئەپسۇسلىنارلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەلىبە دەرۋازىسى «قىچقىرىپ» ئېچىلالمىغان ئىدى. «قىچقىرىش» سۆزىگە كەلسەك، ئەڭ بەك «قىچقىرالايدىغان» بىر شىركەت مۇشۇ چاغدا قۇرۇلدى، ئۇ دەل Twitter (ۋىچىر-ۋىچىر) ئىدى.

2006_17

2006-يىلى 8-ئايدا، Google Video تورغا چىقتى، ئەينى چاغدىكى Video پەقەت سىن ئىزدەش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تورغا سىن يوللاش، ھەمبەھىرلىنىش ئىقتىدارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى، بىراق بۇ ئىقتىدارلارنىڭ پېشانىسىگە تاقىۋېتىلىش پۈتۈلگەن ئىدى، چۈنكى Google شۇ يىلى 10-ئايدا بىر مىليارد 650 مىليون دوللارغا دۇنيادا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن سىن تور بېكىتى Youtube نى سېتىۋالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە Youtube مۇ ئۈمىدنى يەردە قويماي، ئەڭ ئاخىرىدا Google نى 2010-يىلى ياھۇ [雅虎,Yahoo] دىن ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى تور بېتىنى كۆرۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن تور بېكەتكە ئايلاندۇردى.

2006_18

2006-يىلى 12-ئايدا، بىز ئىلگىرى ئىزچىل كۆرۈپ كېلىۋاتقان Groups خەتكۈچى ئاخىرى more نىڭ ئىچىدىن مۇقىم جاي ئالدى، Google ئاخىرى مىڭبىر جاپادا بەش يىل تىجارەت قىلىپ كېلىۋاتقان تۇنجى مەھەللىۋىيلەشكەن مەھسۇلاتىنى ئويناپ بۇزۇپ قويغانلىقىنى تەن ئېلىۋاتقاندەك قىلىۋاتاتتى؛ بۇ ئالاھەزەل Google نىڭ بۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا مەھەللىۋىيلەشكەن قوللانما جەھەتتە ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقىدىن شەپە بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. 2006-يىلى بەيدۇ [Baidu, 百度] غا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغان بىر يىل بولدى، ئۇلار جۇڭگوغا بېسىپ كىرگەن Google  تەرىپىدىن زەربە يېمەستىن، ئەكسىچە MP3 ئىزدەشتە ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسىدا ئەرز قىلىپ غەلىبە قازانغاندىن كېيىن Google بىلەن بولغان ئارىلىقنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇزارتتى. بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ ئېلان ھەمكارلىقىمۇ مۇشۇ يىلى تورغا چىقتى، Google دىن تۆت يىل كەينىدە قالغانلىقى مۇھىم ئەمەس ئىدى، تور بېكەت باشلىقلىرىغا خەلق پۇلى بېرىدىغانلىقىمۇ مۇھىم ئەمەس ئىدى، مۇھىمى ئۇ بۇ پۇلدىنمۇ زىغ-زىغ چىقىرىپ ئۆز چۈنتىكىگە قايرىپ سېلىۋالاتتى! ھازىر سىز چوقۇم نېمىشقا توردا بەيدۇ [Baidu, 百度] نى تىللايدىغانلارنىڭ كۆپ، قوللايدىغانلارنىڭ ئازلىقىنى بىلىۋالدىڭىز.

ۋاقتى: مىلادى 2007-يىلى

2007_19

2007-يىلى 5-ئايدا، Google يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئاساسىي كۆرۈنۈش رايونىنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئاددىيلاشتۇردى، دائىم ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەتكۈچلىرىنى سول ئۈستى بۇرجەككە يۆتكىدى، Gmail ئەڭ غەلىبىلىك بولغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

2007_20

2007-يىلى 5-ئايدا، بىز بۇ چاغدىكى Google نىڭ كورىيىچە باش بېتىگە قاراپ باقايلى، بۇنى تىلغا ئېلىشتىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ بىر مەزگىل Google نىڭ جۇڭگوچە باش بېتىنىڭ ئاساسى دەپ قارالغانلىقىدىن ئىدى، ئەلۋەتتە، ھەقىقى مەنىدىكى Google «جۇڭگوچە باش بېتى» ئاللىقاچان يوق بولدى. 2007-يىلى 9-ئايدا، Google غا قىلچە مۇناسىۋەتسىز مۇنداق بىر «ئىش» يۈز بەردى: ھازىرقى «تور كاتىپ»نىڭ قۇرغۇچىسى ئادىلجان ئابدۇرېھىم (نىدا) ئەپەندى (يەنى مەن) «بىلىك» تورىدا تورداشلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەرجىمانلىق خىزمىتى ـــ «ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى»نى تەرجىمە قىلىشنى باشلىدى.

2007_21

2007-يىلى 11-ئايدا، Google مانا مۇشۇنداق باش بەتنى ئىشلەتتى، بۇ Google نىڭ ئاددىي-ساددا باش بەت ئىدىيىسىگە زىت ئىدى، بۇ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ بولغان بىر Google باش بېتى بولسا كېرەك. بۇنى Google نىڭ ئۆزىنىڭ بەيدۇ [Baidu, 百度] بىلەن بولغان رىقابىتىدىكى ناچار ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىشىدىكى بىر خىل سىناق دەپ قاراشقا بولىدۇ. Google بۇ ئايدا يەنە بىر قېتىملىق سىناق ئېلىپ باردى ـــ Linux ئاساسىدىكى يېپيېڭى كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى Android ئېلان قىلىندى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئون نەچچە يۇمشاق، قاتتىق دېتال شىركەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئوچۇق كودلۇق يانفون ھەمكارلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

2007_22

2007-يىلى 12-ئايدا، ئالا-بۇلىماچ Google جۇڭگو باش بېتى، روشەنكى، ئالدىن پەرەز قىلىنغاندەك نەتىجە بەرمىدى، يەنىلا ئەسلىگە قايتقان تۈزۈك ئىدى. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن Google نىڭ جۇڭگودىكى قەدىمىنىڭ مۈشكۈل، نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ جۇڭگو ئىزدەش بازىرىدىكى نىسبىتى ئاللىقاچان %59.3 كە يېتىپ، جۇڭگو ئىزدەش ساھەسىنىڭ تۆرىگە مەھكەم ئولتۇرغان ئىدى.

ۋاقتى: مىلادى 2008-يىلى

2008_23

2008-يىلى 1-ئايدا، بىزگە ئىككى يىل ھەمراھ بولغان Google جۇڭگو باش بېتى تورغا چىقتى. ئاستى تەرەپتىكى بىر رەت gif سۈرەتلىرى مۇشۇ مۇلازىمەتلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي پايدىلىق بولدىمۇ؟ بۇنىڭدىن تا ھازىرغىچە گۇمانلىنىمەن.

2008_24

2008-يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكا تەرەپتە، Google يەنە بىر قېتىم مال سېتىۋېلىش ئىزدەشنى كۈچلۈك كېڭەيتتى، خەتكۈچمۇ مەنىسى تېخىمۇ ئېنىق بولغان «مال سېتىۋېلىش» [购物,Shopping] غا ئۆزگەرتىلدى. مەيكروسوفت [微软,Microsoft] بۇ ئايدا 44 مىليارد 600 مىليون دوللار نەق پۇل بىلەن ياھۇ [雅虎,Yahoo] نى سېنىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ئارقىلىق Google دىن ئىبارەت تور دۇنياسىدا كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق بۇ بىر يىرتقۇچ بىلەن قارشىلاشماقچى بولدى؛ ئارقىدىنلا، مەيكروسوفت [微软,Microsoft] ، ياھۇ [雅虎,Yahoo] ، گۇگول [谷歌,Google] لار ئوتتۇرىسىدا «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» ئوينالدى، ھېكايە مەيكروسوفت [微软,Microsoft] نىڭ سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشنى جاكارلىشى بىلەن ئاياغلاشتى، ئۇتقۇچى بولمىدى، ئۇتتۇرغۇچى ياھۇ [雅虎,Yahoo] بولدى.

2008_25

2008-يىلى 2-ئايدا، Google نىڭ ھەرقانداق خەنچە بېتىگە كىرسىڭىز «谷歌» دېگەن خەت بار تۇغى [微标,Logo] كۆزىڭىزگە چېلىقاتتى، مەخسۇس جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئاستى تەرەپتىكى بىر رەت gif سۈرەتلىرى ئېلىۋېتىلدى، بۇنىڭدىن ئەينى چاغدا Google نىڭ «谷歌» دىن ئىبارەت بۇ داڭلىق ماركىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى. يەنە مۇشۇ ئايدا Google بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز يەنە بىر «ئىش» يۈز بەردى: مەن ئىككى يىلغا سوزۇلغان «ئالىي مەكتەپ» ھاياتىمنى باشلىدىم، يەنى 28-فېبرالدىن باشلاپ ش ئۇ ئا ر نىڭ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش پىلانى بويىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچۇر تېخنىكىسى «قوش تىل» تەربىيىلەش سىنىپىدىكى ئىككى يىللىق ئوقۇش ھاياتىمنى باشلىدىم، بۇ مەندەك خەنچە ئاساسى بىرقەدەر ياخشىلارغا بىر قېتىملىق «ساناتورىيىگە بېرىش» تەك ياخشى پۇرسەت بولغان ئىدى.

2008_26 2008-يىلى 9-ئايدا، Google ئۆزىنىڭ جاھاننامىسى Chrome نىڭ Beta (سىناق) نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، ئاددىي-ساددا كۆرۈنمە يۈز، ئۇچقاندەك سۈرئەتلەرنىڭ ھەممىسى رىقابەتچىلىرىنى لەرزىگە سالدى. بۇ ئايدا يەنە بىر ئىش يۈز بەردى ـــ Android سۇپىسى ئاساسىدىكى تۇنجى يانفون G1 دۇنياغا كەلدى. Android ۋە Chrome بولسا يېقىنقى ئىككى يىلدا Google نىڭ پەخىرلىنىشىگە مۇتلەق ئەرزىيدىغان ئىككى مەھسۇلاتى ئىدى.

ۋاقتى: مىلادى 2009-يىلى

2009_27

2009-يىلى 4-ئايدا، Google مۇزىكا (MP3 ئىزدەش) نىڭ تورغا چىقىشىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، Google مۇشۇنداق باش بەت ئىشلەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى-ئۈچ يىلدا، بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ MP3 ئىزدىشى بەيدۇ [Baidu, 百度] ئۈچۈن جۇڭگو ئىزدەش بازىرىدا تېررېتورىيە بەرپا قىلىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئىدى، Google ئىزچىل ھالدا مانا بۇنىڭ Google نىڭ جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىنكى نىسبىتىنىڭ ئەكسىچە بەيدۇ [Baidu, 百度] تەرىپىدىن چۆرۈۋېتىلىشىدىكى مەسىلىنىڭ تۈگۈنى ئىدى. بۇ ئايدا، Google ئاخىرى نۇرغۇن مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ، چوڭ كىت [巨鲸] بىلەن ھەمكارلىشىپ MP3 ھەقسىز ئاڭلاش، چۈشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ Google نىڭ جۇڭگودا يەرلىكلەشكەن كەسپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ۋەكىللىك ئەسىرى ئىدى، ئىلگىرى بۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەر كۈتۈلگەن ئىدى.

2009_28

2009-يىلى 4-ئايدا، Google مەيكروسوفت [微软,Microsoft] نى «ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش»قا باشلىدى، ئەينى يىللاردا مەيكروسوفت [微软,Microsoft] ئۆزىنىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا IE نى تېڭىپ قويغان ئىدى، ھازىر سىز IE بىلەن Google ھېسابىڭىزغا كىرسىڭىزلا Google ئىزدەش بېتىدە Chrome نى «تېڭىپ» قويىدۇ. ئەلۋەتتە، مەيكروسوفت [微软,Microsoft] مۇ «ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدىكى ئادەم» ئىدى، شەرتلىك بەلگىسى Kumo بولغان ئىزدەش ماتورىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، Kumo نىڭ ياپون تىلىدىكى مەنىسى «ئۆمۈچۈك» ئىدى، ئەگەر «Live» نىڭ ئازراق مەزھەپ پۇرىقى بار دېيىلسە، ئۇنداقتا Kumo ئاللىقاچان ناھايىتى ئېنىق بولۇپ كەتكەن ئىدى ـــ ئاكاڭ قارىغاينىڭ ئوينايدىغىنى ئىزدەش! بۇ ئىزدەش موتۇرى دەل ھازىر بىزگە تونۇشلۇق بولغان Bing ئىدى، Bing ۋە Google نىڭ قايسىسىنىڭ خەنچىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، ئەمما كىمنىڭ خەنچە ئىسىم قويۇشقا ئۇستىلىقىنى كۆرۈۋېلىش ناھايىتى ئاسان، Bing نىڭ ئىنتايىن جايىدا خەنچە ئىسمى بار، ئۇ بولسىمۇ «必应».

2009_29

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى Google نىڭ باش بېتىدىكى خەتكۈچلەر ئارىسىغا «دۇنيانىڭ ئۇ چېتى» (天涯) بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان «كەلگىن» (来吧) ۋە «سۇئال-جاۋاب» (问答) قىستۇرۇلدى، Google نىڭ تېخنىكىسى ۋە 天涯 نىڭ ئاۋاتلىقىغا تايانسا، كىم ئۇنى بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ «چاپلىغىن» (帖吧) ۋە «بىلەرمەن» (知道) سىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى دېيەلمەيدۇ؟ بىراق ئۇ كۈنى جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ياخشى كۈن ئەمەس ئىدى ـــ ئۇ كۈنى كۈن تۇتۇلدى، ھازىر قارىغاندا، غۇۋالىق ئىچىدە ئاللىقاچان تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى باردەك قىلاتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كۈلكىلىك كۆرۈنەتتى. ئەلۋەتتە، تېخىمۇ كۈلكىلىك بولغىنى، ياھۇ [雅虎,Yahoo] ئىدى، ئۇ بۇ ئايدا ئىزدەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشتىن ۋاز كېچىپ Bing نى ئىزدەش موتۇرى قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئۆتمۈشتىكى ئىنتېر تورى چوڭى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتېر تورىدىكى رىقابەت سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقتى.

2009_30

2009-يىلى 9-ئايدا، دۇنيادىكى 52 دۆلەت بۇ «كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2560-يىلى» ناملىق Doodle نى ئىشلەتتى. دوستلارنىڭ بەزىلىرى يىراقتىن كەلدى، كەلدى بەزىلىرى يىراققا كەتتى، دەل شۇ ئايدا، دوكتۇر لى كەيفۇ [李开复] بولسا Google دىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەن ئىزچىل ھالدا 2009-يىلى بولسا Google نىڭ «ئوتتۇرا مەزگىللىك گۈللەنگەن يىلى» دەپ قارايتتىم، MP3 بار بولدى، «كەلگىن» (来吧) مۇ بار بولدى، «سۇئال-جاۋاب» (问答) مۇ بار بولدى، ئاللىقاچان بەيدۇ [Baidu, 百度] غا ھالاكەتلىك قايتۇرما زەربە بېرىدىغان چاغ كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى. بىراق لى كەيفۇ [李开复] نىڭ جىددىي چېكىنىپ چىقىشى بىر نېمىدىن بىشارەت بېرىدىغاندەك قىلاتتى ـــ ئەلۋەتتە، بەلكىم بۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشتۇر.

ۋاقتى: مىلادى 2010-يىلى

2010_31

2010-يىلى 1-ئايدا، Google جۇڭگو بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلاشقانلىقىنى جاكارلىدى، تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ Doodle سى «چېكىنىش» (退出,Exit) دېگەن سۆزنى ھاسىل قىلدى. ئۇندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ خاتىرىسىدە ھازىر يۈز بەرگەندەك ئېنىق تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئايدا يەنە Google بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق يەنە بىر «ئىش» يۈز بەردى ـــ مەن ئىككى يىللىق «ئالىي مەكتەپ» ھاياتىمنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى خىزمەت ئورنۇمغا ئىشقا چۈشتۈم، نەتىجىدە 13 يىل ئىشلىگەن مەكتەپتىكى خىزمەت ئورنۇمدىن ئايرىلغانغا ئۈچ يىل توشۇپ، خىزمەت تارىخىم 16 يىلغا يەتكەن ئىدى. كومپيۇتېر بىلەن تونۇشۇپ ھەپىلىشىشكە باشلىغىنىمغىمۇ 12 يىل بولۇپ قالغان ئىدى.

2010_32

2010-يىلى 3-ئايدا، Google ئىزدىشى رەسمىي يوسۇندا جۇڭگودىن چېكىندى، Google.cn ياكى g.cn كىرگۈزۈلسە ئۆزلىكىدىن google.com.hk غا (Google شياڭگاڭ)تاقلايدىغان بولدى، ئاستى تەرەپتە بىر قۇر «سىزنىڭ Google ئىزدىشىنىڭ جۇڭگودىكى يېڭى ئائىلىسىگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېگەن سۆز كۆپەيدى. Google، ئېنىقكى، بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى ـــ جۇڭگودا، سىز بۇ ئۆينى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بىر قېتىمدىلا سېتىۋالسىڭىزمۇ، سىزنىڭ ئىگە بولىدىغىنىڭىز پەقەت بىر مەزگىللىك ئىشلىتىش ھوقۇقى، خالاس.

2010_33

2010-يىلى 5-ئايدا، Google نىڭ SSL مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئىزدىشى تورغا چىقتى، نېمىنىڭ مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئىزدەش ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن، بىراق ياخشى نەرسە ئەمەسلىكى ئېنىق، چۈنكى بۇ نەرسە 7-ئايدىلا خەلقنىڭ سوقما تېمىنىڭ تېشىدا قالدى.

2010_34

2010-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، google.cn ياكى g.cn كىرگۈزۈلسە كۆرۈنىدىغىنى بىر ئىزدەش بېتىنىڭ كۆرۈنۈشى بولماستىن، بەلكى بىر پارچە غېرىپلىق باسقان رەسىم ئىدى، ئۇنى چەككەندىن كېيىن Google شياڭگاڭغا كىرگىلى بولاتتى، بۇ ئىلگىرىكى «يېڭى ئۆي» ئىدى. بۇ چاغدىكى Google بولسا ICP كېنىشكىسىنىڭ ۋاقتى توشقانلىق مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى، شۇڭلاشقا، بەت يۈزىدە «ICP证合字B2-20070004号» دېگەن «قانۇنلۇق تىجارەت»كە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە يوق ئىدى.

2010_35

2010-يىلى 7-ئايدا، Google نىڭ ICP كېنىشكىسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، ئەسلىدىكى رەسىممۇ ئەمدى غېرىپ چىراي بولمىدى، ئۇنىڭ ئاستىغا يەنە «ICP证合字B2-20070004号» دېگەن خەتلەر ئېسىلدى، يەنە مۇزىكا، تەرجىمە، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قارىتىلغان ئۈچ دانە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت ئېغىزى ئۇلانمىسى بار بولدى. ئىلگىرى ھەيۋە قىلغان «كەلگىن» (来吧) ۋە «سۇئال-جاۋاب» (问答) لار بولسا Google بىلەن 天涯 نىڭ ھەمكارلىقى ئاخىرلاشقانلىقى سەۋەپلىك 天涯 نىڭ بايرىقى ئاستىغا قايتىپ كەلدى. «خەلقئارالىق ئانالىز» [易观国际,Analysys International] نىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋاقىتتىكى گۇگول [谷歌,Google] نىڭ جۇڭگوئىزدەش بازىرىدىكى نىسبىتى %24 بولۇپ، بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ %70 تىدىن خېلىلا ئارقىدا قالغان ئىدى.

2010_36

2010-يىلى 8-ئايدا، خەلقئارالىق نۇسخىدىكى Google نىڭ باش بېتى كىرگەندىن كېيىن پەقەت تۇغى، ئىزدەش رامكىسى ۋە ئىزدەش كونۇپكىسىلا بار، نۇر بەلگە ئۈستىدە تۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ تۈرلەر كۆرۈنىدىغان ھالەتكە ئۆزگەرگەن ئىدى، سىز سول ئاستى بۇرجەكتىكى ئۇلانمىنى چېكىش ئارقىلىق تەگلىكنى ئۆزگەرتەلەيتىڭىز، ئەلۋەتتە، بۇنى Bing دىن ئۆگىنىۋالغان ئىدى. بۇنداق بەت ھالىتى، ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل 6-ئايدىلا ئىشلىتىلىشكە باشلانغان ئىدى، بىزنىڭ ئۇ چاغدا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز، پەقەت Google ئىدى، خالاس. بۇ ئايدا يەنە بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ پېيىنىڭ Nasdaq تا بازارغا سېلىنغىنىغا دەل بەش يىل بولغان ئىدى، بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ CEOسى لى يەنخوڭ (李彦宏) بولسا Nasdaq تا بازار ئېچىش ئۈچۈن يىراقتا تۇرۇپ داڭ چالدى. Strategy Analytics نىڭ ئىستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە Google نىڭ دۇنيا ئىزدەش بازىرىدىكى نىسبىتى %70، پاي باھاسى 480 دوللار، ئۇنىڭ كونا رەقىبى ياھۇ [雅虎,Yahoo] ۋە مەيكروسوفت [微软,Microsoft] نىڭ بازاردىكى نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ئالدا %5.4 ۋە %4.8، پاي باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 17 دوللار ۋە 25 دوللار، ئۇنىڭ جۇڭگودىكى رىقابەت رەقىبى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى دۇنياۋىي رىقابەت رەقىبى بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ بازاردىكى نىسبىتى %4.6، پاي باھاسى 82 دوللار ئىدى. يۇقىرىدىكىسى بۇ يىل 11-ئايدىكى ھالىتى.

بوران-چاپقۇنلۇق بۇ 14 يىلدا نۇرغۇن قەھرىمانلار دۇنياغا كەلدى، يېڭى چوڭاملارنىڭ ئالمىشىپ مەيدانغا چىقىشى Internet نىڭ توختاۋسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشتەك رەھىمسىزلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. كەلگۈسىدىكى ئىزدەش ساھەسىدە كىم يوقىلىپ كىم قالار؟

مېنىڭ قارىشىمچە، كەلگۈسىدىكى ئىزدەش بەلكىم ماشىنىدا ئىزدەشتىن ئادەملىك ئىزدەشكە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، Facebook ۋە Twitter نىڭ ئالاھىدە مەھەللىۋىيلەشكەن شەكلى ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قىممىتى بار ئۇچۇرلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ ( بۇمۇ يۇقىرىدا Facebook ۋە Twitter نى تىلغا ئېلىشتىكى سەۋەب)؛ ماشىنا بولسا جانسىز، ئادەم بولسا جانلىق، ئەينى يىللاردا ياھۇ [雅虎,Yahoo] ئادەمدىن پايدىلىنىپ تۈزۈپ چىققان ئاچقۇچلۇق مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھەر بىر تال ئۇچۇرنىڭ ئىنتايىن قىممىتى بار ئىدى، بىراق ئادەم ياللاش ھامان چەكلىك بولىدۇ، شۇڭلاشقا ياھۇ [雅虎,Yahoo] ئادەمدىن پايدىلىنىپ ئاچقۇچ ھاسىل قىلىشتىن ۋاز كېچىشكا مەجبۇر بولدى؛ ئەمما ھازىر Facebook ۋە Twitter نىڭ پايدىلانغىنى بولسا ياللانما خادىملار بولماستىن، بەلكى خەلقنىڭ كۈچى! Facebook ۋە Twitter لار ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان ۋە ئىلغاش نەتىجىسىنى چىقىرىپ بېرىۋاتقانلار تېخنىكلار بولماستىن، بەلكى ئىشلەتكۈچىلەردۇر؛ ھەر بىر ئىشلەتكۈچىنىڭ ھەر بىر مېڭە ھۈجەيرىسى بىر ئەقىللىق ئۆمۈچۈكتۇر، ئەقىللىق ئۆمۈچۈكنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەنگەن ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە ھەرىكەتلىنىدىغان ئۆمۈچۈككە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ سۆزلەر ئاز دېگەندىمۇ ئون يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىپ قالىدۇ!

Google مەھەللىۋىيلەشكەن قوللىنىش جەھەتتە تۆھپە قوشالامدۇ-يوق؟ ئىشلەتكۈچىلەرنى Google غا ياردەملىشىپ ئىزدەش سۈپىتىنى ياخشىلامدۇ-يوق؟ بىزنىڭ بۇنى يەنە بىر مەزگىل كۈتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. «ئەسكىلىك قىلماڭ» (Don’t be evil,不作恶) ـــ بۇ بىر جۈملە سۆز چاقىرىق، ھەقىقەت ئەمەس، كارخانىنىڭ يېڭىسىنىڭ كونىسىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىشى خۇددى ئادەمنىڭ ياش-قېرىلىقىنىڭ ئالمىشىشىدەك كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان ئىش. بەلكىم كېيىنكى 14 يىلدا بىز قايتا Inter تورىدىكى ئىزدەش تارىخىنى ئەسلگىنىمىزدە Google بەلكىم قوشۇمچە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، بۇنى كىممۇ بىلەر؟

شۇنداق قىلىپ بۇ ماقالىمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىپ قالدى، بەلكىم تورداشلارغا ياقمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، خاتا كەتكەن جايلار بولسا كۆرسىتىپ بېرەرسىلەر. كېيىنكى 14 يىلدا مۇشۇ Google نىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە «گۇگولجان»، «گۇگولاخۇن» ئىزدەش موتۇرىنى ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلمەن.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif