Microsoftنىڭ تور مۇلازىمەتلىرى

تۆنۈگۈن «Google دىكى بىرنەچچە ئۆزگىرىش» دېگەن تېمىدا گوگۇلاخۇندا بايقىغان بىر نەچچە ئىشنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم، بۈگۈن شۇ گوگۇلاخۇن ئارقىلىق قىززىق ئېلخەت (خوتمەيل، Hotmail) دىكى ئېلخەتلەرنى قوبۇللاشنى سىناۋېتىپ (قاملاشتۇرالمىدىم)، قىززىق ئېلخەت ساندۇقۇمدا بىر نەچچە پارچە يېڭى خەت بارلىقى كۆرۈپ قالدىم، قارىسام خەت ئەۋەتكۈچى مەيكروسوفتنىڭ تەجرىبىخانا گۇرۇپپىسىدىكىلەركەن (شۇنداقراق چۈشەندىم بۇ ئەجنەبىيلەر گۇرۇپپىسى، بىر نېمە team دەپ تۇرىدىغۇ ئىشقىلىپ)، ھە قاچان يەنە بىرەر نېمىسىنىڭ ئېلانى، شۇنداقتىمۇ كۆرۈپ باقاي دەپ ئاچتىم (ئۇھ، ھېلىمۇ ئېچىپتىكەنمەن، ئادەتتە ئاچمايلا ئەخلەت چېلىكىگە سولايتتىم)، ئېنگلىزچە بىكارلىق بوشلۇق(Free WebHosting) ۋە «سىز بىر سېنتمۇ خەجلىمەيسىز» دېگەندەك گەپلەر تۇرىدۇ، ئوتتۇرىسدا يەنە «بىكارلىق ئېلىۋېلىڭ» (Get in Free ) دېگەن كونۇپكىمۇ تۇرمامدۇ؟ «كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ» دەپ تۆنۈگۈن تېخى گوگۇلاخۇندىن رەنجىپ يۈرسەم، بۈگۈن بۇ چوڭامنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىدىمۇ، بىكارلىق بوشلۇق ئېلىۋېلىڭ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىكارلىق بولغاندىن كېيىن دەپ ئىلتىماس قىلىشنى باشلىدىم، ئاخىرى ئۇنى-بۇنى قىلىپ يۈرۈپ 500MB لىق بىكارلىق بوشلۇقنىڭ ئىگىسى بولۇپ قاپتىمەن، شۇ خۇشاللىقتىن بۇ يەردىكىلەرنىمۇ بەھىرلەندۈرەي دەپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇنداقتا مەن بىلىدىغان مەيكروسوفتنىڭ تور مۇلازىمەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-ئېلخەت بوشلۇقى(Hotmail) چوڭلۇقى 5GB
ئېلخەت مۇلازىمىتى، بۇرۇن POP3 ۋە SMTP مۇلازىمىتىنى تەمىنلىمەيتتى (ئۆزىڭىزنىڭ دېتالىدا مۇشۇ مۇلازىمەتلەردىن بەھىرلىنەلمەيتتىڭىز)، يېقىندا گوگۇلاخۇننىڭ ئادەملىرى ئېشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ ھازىرچە پەقەت بىر قىسم رايونلار (ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى)غا مۇشۇ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپتىمىش، كېيىنچە بۇ يەرلەرگىمۇ كېلىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. سىز ئۆز ھېسابىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ئامېرىكىلىق ياكى ياۋروپالىق قىلالىسىڭىزلا بۇ مۇلازىمەتلەرنى ئېچىپ بېرىدىكەن، ئاندىن سىز ئۆز دېتالىڭىز ئارقىلىق ئېلخېتىڭىزنى باشقۇرسىڭىز بولىدىكەن.
2-ئاسماندىكى قوزغاتقۇچ(skydrive) چوڭلۇقى 25GB
ھەقسىز ھۆججەت يوللاش بوشلۇقى، 50MBدىن كىچىك ھەرقانداق دېتال ۋە سۈرەتلەرنى يوللىسىڭىز بولىدۇ. سىرتقا ئۇلانما قىلىشقا بولىدۇ، چۈپەندەك چۈپەي ئەمەس. بىر باسسىڭىزلا چۈشۈشكە باشلايدۇ.
3- يازغۇچى(writer)، ئالبۇم(photo)، ئۇچۇرچى(MSNمەسسىنجىر)،بلوگ(space) قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇلازىمەتلىرى
بۇلارنى ئۇلار تەمىنلىگەن دېتاللارنى چۈشۈرۈپ باشقۇرسىڭىز بەك قۇلايلىق، مەنمۇ شۇ بانادا بۇلاردىن بىر شەخسىي بلوگ ئېلىپ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باقسام خېلى قاملاشقاندەك قىلىدۇ.
4-تور بەت بوشلۇقى(WebHosting) چوڭلۇقى 500MB
بۇ بۈگۈن مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان يېڭى مۇلازىمىتى، بۇ بوشلۇققا 10MB دىن كىچىك بولغان ھۆججەتلەرنى چىقارسىڭىز بولىدىكەن، ئەمما بەزى ھۆججەتلەرگە چەكلىمە بار ئوخشايدۇ. بۇ مېنىڭ سىناپ يوللاپ باققان بوشلۇقۇم، سىلەر بۇ يەردىن ئىلتىماس قىلىپ ئېلىڭلار. بۇ مۇلازىمىتى گوگۇلاخۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئوخشايدۇ، گوگۇلاخۇنمۇ مۇشۇنىڭدەك بوشلۇق تەمىنلىگەن، ئەمما چوڭلۇقى 100MB ئىدى.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، «ئىككى بۇغا سوقۇشسا، بۆرىگە پايدا!» چوڭاملار ئۆز ئارا مۇشۇنداق بەسلەشسە، بىزدەك تور مىتىلىرىگە پايدا بولىدىكەن.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif