بۈگۈن ئۇنى-بۇنى قىلىپ يۈرۈپ Sina App Engine دىن پايدىلىنىپ بۇ تور خاتىرىسىنى قۇرۇۋالدىم.
1-Sina App Engine دېگەن نېمە؟
Sina App Engine دېگىنىمىز سىنا تورى تەمىنلىگەن قوللانما ماتورى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىز بۇ ئەپ ماتورىدىن (قوللانما ماتورىدىن) پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تور بەت ياكى تور خاتىرىلىرىڭىزنى قۇرۇۋالالايسىز، بوشلۇق ۋە سانداننى پۈتۈنلەي سىنا تورى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلىۋالسىڭىز بۇ بەكمۇ ياخشى نەرسىكەن.
2- نېمىشقا Sina App Engine نى تاللاپ قالدىم؟
ئاساسلىق سەۋەپ ئىككى، بىرىنچىسى، بۇنىڭ ھەقسىز بولغانلىقىدا، ئىككىنچىسى، مۇلازىمېتىرى دۆلەت ئىچىدە بولغانلىقتىن، تور بەت ئوقۇلۇش سۈرئىتى تېز، ئۇنىڭ ئۈستىگە داڭلىق تور بېكەت تەمىنلىگەنلىكتىن، مۇقىمسىز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش بىھاجەت.
3-Sina App Engine دىن پايدىلىنىپ نېمىلەرنى قىلالىدىم؟
ئالدى بىلەن مۇشۇ سىز كۆرۈۋاتقان تور خاتىرىسىنى قۇرۇۋالدىم، ئاندىن ئۆزەم ئانچە-مۇنچە قۇلاق موللىسى بولۇپ ئۆگىنىۋالغان PHP بىلىملىرىمدىن پايدىلىنىپ، ئۆزەمنىڭ يەنە بىر بېتىمنى ياسىۋالدىم. كۆرگەزمە مەنزىلى:
ئەگەر سىز Sina App Engine دىن پايدىلىنىپ تور خاتىرىسى قۇرۇش ئۇسۇلىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، نەزىرىڭىز «دولانلىق» ئەپەندى يازغان تۆۋەندىكى تېمىلاردا بولسۇن:
Sina App Engine دا WordPress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (1)
Sina App Engine دا WordPress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (2)
Sina App Engine دا WordPress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (3)
Sina App Engine نى قانداق ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ MySQL ساندانىدىن پايدىلىنىپ تور بەت قۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا مەن يەنە ئايرىم توختىلىمەن.