سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «ھايات» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

كىشىلىك ھاياتتىكى تۆت ئاساسىي پرىنسىپ

1- پرىنسىپ: چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم!

ئىككى يېشىل پاقا مۇھەببەتلىشىپتۇ، تويدىن كېيىن بالىسى چار پاقا بولۇپ تۇغۇلۇپتۇ. ئەركەك پاقا بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغىنىچە:«بۇ نېمە ئىش؟!» دەپ ۋارقىراپتۇ. چىشى پاقا يىغلىغىنىچە:«دادىسى، بىز تونۇشۇشتىن بۇرۇن مەن ھۆسۈن تۈزەتكەن ئىدىم،» دەپتۇ.

57-باب ھايات-ماماتلىق جېڭى

ئاي شارى يۈزى ئاللىقاچان چوڭ قاپلىق قىسقۇچپاقىلار تەرىپىدىن تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىۋېتىلگەن ئىدى، نۇرغۇن يىرتقۇچىلار يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرۈپ، ھايات قېلىش مۇمكىنچىلىكى بار جانلىقلارنى ئىزدەپ يۈرەتتى. بىر قىسىم برونە شوپۇرلىرى چوڭ قاپلىق قىسقۇچپاقىلارنىڭ ھۇجۇمىدا تەلىيىگە يارىشا ھايات قالغان بولسىمۇ، بىراق يىرتقۇچىلارنىڭ ئۆتكۈر قوللىرى ئاستىدا ناھايىتى تېزلا قىيمىغا ئايلاندى. ھېچقانداق بىر ئىنساننىڭ ھايات قالمىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە بىر تۈركۈم پارازىت ماكان ئىگىلىرى ئاي شارىغا قوندى. ئۇنىڭ قورساق خالتىسىدىن تۇرقى چايانغا ئوخشايدىغان بىر توپ قۇرۇتلار ــ ئەركەك ھەرىلەر تېشىپ چىقتى، ئۇلار يەر يۈزىگە چىقىپلا ئىشقا كىرىشىپ كەتتى، ئۇلار تۈركۈملەپ تۆشۈك تېشىپ، يەر پوستىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى ئاي شارى بازىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى.