دادامغا دەپ قويماڭ

تولىمۇ بەختلىك ئۆتۈۋاتقان ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ئائىلە بار ئىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانا كېسەل سەۋەبىدىن سۆيۈملۈك ئېرى ۋە بىر ياشتىن سەل ئاشقان ئوماق قىزىنى تاشلاپ بۇ دۇنيادىن خوشلىشىپتۇ. قىزچاق دائىم دادىسىدىن:« ئانام قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟» دەپ سورايدىكەن. بىچارە دادا قىزىنى ئازاپلاشنى خالىماي:« قىزىم، ئانىڭىزناھايىتى يىراق جايغا خىزمەتكە كەتتى،» دەپ بەزلەيدىكەن.

شۇنداق قىلىپ قىزمۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئالتە ياشقا كىرىپ قاپتۇ. شۇ يىلى، دادا ناھايىتى پەزىلەتلىك، ياخشى بىر ئايال بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى، دادا قىزىغا كۈلۈپ تۇرۇپ:« قىزىم، ئانىڭىز قايتىپ كېلىدىغان بولدى، سىز ئانىڭىزنىڭ سىياقىنى ئەسلىيەلەمسىز؟» دەپ سوراپتۇ. كىچىككىنە قىزچاق ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، بېشىنى چايقاپتۇ. دادا قىزىنىڭ تۇرقىغا قاراپ ھەم ئىچى سېرىلىپتۇ، ھەم سەل يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپتۇ، چۈنكى قىزى يەنىلا تېخى كىچىك بالا ئەمەسمۇ؟

dada دەل شۇچاغدا ئىشىك ئېچىلىپ، ھېلىقى ئايال ئۆيگە كىرىپ كەپتۇ ۋە قۇچىقىنى كەڭ ئاچقىنىچە قىزچاقنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ، ئۇنى قېشىغا كېلىشكە چاقىرىپتۇ. قىزچاق ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ، چىرايىدىن قورۇنغانلىق ئەكس ئېتىپتۇ. دادا قىزىغا:« قىزىم، ئانىڭىزنى تونۇمىدىڭىزما؟ تېزراق ئانا دەڭە!»دەپتۇ. قىزچاق دادىسىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، «ئانا!»دەپ توۋلاپتۇ.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئايال قىزچاققا ئەگىشىپ قىزچاقنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپتۇ، قىزچاق تۇيۇقسىز ئايالغا قاراپ:« سىز مېنىڭ ئانام ئەمەس!» دەپتۇ، ئايال ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ. قىزچاق ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ:« ئانام ئاللىقاچان ۋاپات بولغان، مەن بۇنى ئۈلۈشكۈن بوۋام-موماملاردېيىشكەندە ئاڭلاپ قالغان ئىدىم، بۇنى پەقەت بوۋام، مومام، مەن ئۈچىمىزلا بىلىمىز،دادام ۋە باشقىلار بۇنى بىلمەيدۇ، ئۇلار تېخىغىچە ئانامنى ناھايىتى يىراق جايغا خىزمەتكە كەتكەن دەپ بىلىدۇ،» دەپتۇ. بۇچاغدا ھېلىقى ئايال ئاللىقاچان ئېسەدەشكە باشلىغان ئىكەن. قىزچاق ئايالنىڭ قولىنى تارتىپ، چىمچىلىقىنى ئەگكىنىچە:« بۇ ئىككىمىزئوتتۇرىسىدا سىر بولۇپ قالسۇن، بۇنى ھەرگىز دادامغا دەپ قويماڭ. ئۇ بىلىپ قالسا چوقۇم بەك ئازاپلىنىدۇ!» دەپتۇ.

بۇ چاغدا دادا ئىشىك سىرتىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىگىنىچە، كۆز ياشلىرى ئاللىقاچان يۈز-كۆزلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىكەن.

مەن بۇ ھېكايىنى بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ روھلان مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان، رەسىم شەكىلدە ئىشلەپ ئۆز تور خاتىرەمگە يوللىغان ئىدىم، كېيىن بۇ تەرجىمەم «بۆشۈك» قاتارلىق تور ژورناللىرىدا مېنىڭ رۇخسىتىمسىز تارقىلىپ يۈرۈپتۇ. بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ تور خاتىرىسىگە تەھرىرلەپ يوللاپ قويدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن ئامراق قىزىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىكەن، قىزىمنىڭ بۇ قىزدەك ئانىسىز بولۇپ قالماسلىقىنى، كۆڭلىگە ئىمان، ئىنساپ بېرىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif