فرانسىيە يازغۇچىسى بېرنارد ئۆز ئۆمرىدە نۇرغۇن رومان ۋە سېنارىيە يازغان، فرانسىيە كىنو تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.
بىر كۈنى فرانسىيىدىكى بىر گېزىتخانا بىر قېتىملىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپتۇ، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن:
«ئەگەر فرانسىيىدىكى ئەڭ چوڭ موزىي لوۋرې سارىيىغا ئوت كەتسە، جىددىي ئەھۋالدا، سىزگە پەقەت بىرلا رەسىمنى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا پۇرسەت بولسا، سىز قايسىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىسىز؟»
نەتىجىدە بۇ گېزىتخانا نۇرغۇنلىغان جاۋابلارنى تاپشۇرۇۋاپتۇ، بۇ جاۋابلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بېرناردنىڭلا جاۋابى ئەڭ ياخشى جاۋاب بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلىنىپتۇ. ئۇنىڭ جاۋابى بولسا:«مەن چىقىش ئىشىكىگە ئەڭ يېقىن ئاشۇ بىر پارچە سۈرەتنى ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن،» ئىكەن.
ئىلاۋە:مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئەڭ ياخشى نىشانى ھەرگىزمۇ ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ئەڭ مۇمكىن بولىدىغىنىدۇر.