قارىغۇنىڭ پانۇس كۆتۈرۈشى

بىر قارىغۇ تۇققىنىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بېرىپتۇ، قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە، قايتقۇچە تۇققىنى ياخشى كۆڭلى بىلەن ئۇنىڭغا بىر دانە پانۇس يېقىپ بېرىپتۇ ۋە دەپتۇ:

ــ كەچ بولۇپ كەتتى، يول قاراڭغۇ. سىز بۇ پانۇسنى كۆتۈرۈۋالغاچ قايتىڭ!

ــ سىز مېنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىمنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ماڭا يولنى يورۇتۇشقا پانۇس بەردىڭىز، بۇ مېنى زاڭلىق قىلغىنىڭىز ئەمەسمۇ؟!ــ دەپتۇ قارىغۇ ناھايىتى ئاچچىقلانغان ھالدا.

ــ سىز چەكلىك ئويلىنىش خاتالىقى ئۆتكۈزدىڭىز،ــ دەپتۇ ئۇنىڭ تۇققىنى،ــ سىز يولدا ماڭغاندا باشقىلارمۇ ئوخشاشلا يولدا ماڭىدۇ، سىز پانۇس كۆتۈرۈۋالسىڭىز باشقىلار سىزنى كۆرەلەيدۇ-دە، سىزنى سوقۇۋەتمەيدۇ.

قارىغۇ ئويلاپ باقسا، دەرۋەقە، راستكەن!

قارىغۇ پانۇس كۆتەرگىنىچە يولغا چىقىپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن يېرىم يولغا كەلگەندە باشقىلار يەنىلا ئۇنى سوقۇۋېتىپتۇ.

Qarighu1

ــ سېنىڭمۇ كۆزۈڭ قارىغۇ بولۇپ قالدىمۇ؟ نېمىشقا مېنى سوقۇۋېتىسەن؟ــ دەپتۇ ئۇ ناھايىتى ئاچچىقلانغان ھالدا.

ــ كەچۈرۈڭ، كۆرمەي قاپتىمەن،ــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يولۇچى.

ــ مەن پانۇس كۆتۈرۈۋالغان تۇرسام، سەن نېمىشقا مېنى كۆرمەي قالغانسەن؟ــ قاتتىق ئەجەپلەنگەن ھالدا سوراپتۇ قارىغۇ.

ــ پانۇسنىڭ ئوتى ئاللىقاچان ئۆچۈپ قاپتىغۇ؟!ــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يولۇچى.

ئىلاۋە: ھىكايىنىڭ 1-بۆلىكىدە چەكلىك ئويلىنىشنىڭ ئۆز نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئويلىنىش ئىكەنلىكى، ئومۇمىي ئويلىنىش بولسا، ئۆزىنى ئومۇمىي مۇھىت ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ ئيلىنىش ئىكەنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان. مەسىلىنى سىستېمىلىق ئويلانغاندا، شۇنى بايقاشقا بولىدۇكى، سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىز باشقىلارغا ئۆزئارا ھەرىكەتنى پەيدا قىلىدۇ.
ھىكايىنىڭ 2-بۆلىكىدە سىستېمىلىق تەپەككۈرنىڭ 2-ئۇقۇمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يەنى شەيئىلەر تەرەققى قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلىگە ھەم ئومۇمىي نۇقتىدىن قاراش، ھەم ھەرىكەتچان نۇقتىدىن قاراش كېرەك. قارىغۇ پانۇسنى يېقىۋالسا ئۇنى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ دەپ قاراپ، پانۇسنىڭ ئۆچۈپ قالىدىغان ئاشۇنداق بىر پەيتى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif