كولۇمبۇنىڭ تۇخۇمى

كولۇمبۇ ئامېرىكا قىتئەسىنى تاپقاندىن كېيىن، نۇرغۇنلار كولۇمبۇنى تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تەساددىپىي بايقاپ قالغان، باشقىلارنىڭمۇ ئۇنىڭدەك تەلىيى كەلسە ئۇلارمۇ قىلالىغان بولاتتى دەپ قارىغان. شۇڭا، بىر قېتىملىق كاتتا زىياپەتتە بىر ئاقسۆڭەك ئۇنى تەڭلىككە سېلىپ مۇنداق دەپتۇ:

ــ كولۇمبۇ ئەپەندى، بىز ھەممىمىز ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئاشۇ يەردىلىكىنى بىلىمىز، سىز پەقەت تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ ئاۋال باردىڭىز، خالاس! ئەگەر بىز بارغان بولساق، بىزمۇ بايقىغان بولاتتۇق.

بۇ ئوڭايسىزلىققا قارىتا، كولۇمبۇ ئالدىراقسانلىق قىلماي، دەرھال كاللىسىنى ئىشلىتىپ، ئۈستەلدىكى بىر تال تۇخۇمنى ئاپتۇ-دە، كۆپچىلىككە قاراپ:

ــ ئەپەندىلەر، خانىملار، قايسىڭلار بۇ تۇخۇمنى ئۈستەلدە ئۆرە تۇرغۇزالايسىلەر؟ قېنى قايسىڭلار قىلالايسىلەر؟ــ دەپتۇ.

Kolumbuning Tuxumi

كۆپچىلىك بەس-بەستە سىنىشىپتۇ، ئەمما بىر-بىرلەپ مەغلۇپ بولۇشۇپتۇ. كولۇمبۇ مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، تۇخۇمنى ئېلىپ، ئۈستەلگە بوشقىنە بىرنى چېكىپ، تۇخۇمنى ئۆرە تۇرغۇزۇپتۇ. ئاندىن:

ــ شۇنداق، بۇ مانا مۇشۇنداق ئاددى ئىش. ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقاش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئەمەس، خۇددى بۇ تۇخۇمنى ئۆرە تۇرغۇزۇشقا ئوخشاشلا ئاسان. بىراق، كۆپچىلىك، مەن ئۇنى ئۆرە تۇرغۇزۇشتىن ئاۋال قايسىڭلار ئۇنى ئۆرە تۇرغۇزالىدىڭلار؟ــ دەپتۇ.

ئىلاۋە: يېڭىلىق يارىتىش بولسا ماھىيەت جەھەتتە يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىينەزەر، يېڭى ئۆزگىرىشكە بولغان بىر خىل قارشى ئېلىش پوزىتسىيىسى، ئۇ يەنە مەسىلىگە قاراشتىكى يېڭى چىقىش نۇقتىسى بولۇپمۇ ئىپادىلىنىدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا كىشىلەر مۇشۇمۇ يېڭىلىق يارىتىش بولدىمۇ؟ ئەسلىدە بۇنى مەنمۇ بىلەتتىمغۇ؟ دەيدۇ. يېڭىلىق يارىتىش مانا مۇشۇنداق ئاددى، بۇ سىزنىڭ ئويلىنىشقا جۈرئەت قىلىش-قىلماسلىقىڭىز، قىلىشنى خالاش-خالىماسلىقىڭىزغا باغلىق.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif