ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچلارنى كۆچۈرۈش تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە تاماملىنىدۇ:
1-كۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچلار تاللىۋېلىنىدۇ. [تاللاش ئۇسۇلى]
2-كۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچلار كۆپەيتىلىدۇ. بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللىرى بار، خالىغان بىر خىلىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
1) كۆزنەك «تەھرىرلەش»(编辑) تىزىملىكىدىن «كۆپەيتىش»(复制) تۈرى تاللىنىلىدۇ.
2) خالىغان بىر تاللانغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ ئۈستىگە مائۇسنى ئېلىپ كېلىپ مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چكىپ، ئېتىلىپ چىققان تىزىملىكتىن «كۆپەيتىش»(复制) تۈرى تاللىنىلىدۇ.
3)كونۇپكا تاختىسىدىن CTRL كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، C كونۇپكىسى بېسىلىدۇ.
3-كۆچۈرۈپ ئاپارماقچى بولغان ھۆججەت قىسقۇچ ئېچىلىدۇ. ئەلۋەتتە، كۆچۈرۈپ ئاپارماقچى بولغان جاي مەلۇم بىر ھۆججەت قىسقۇچ، دىسكا بۆلىكى، U دىسكا قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرسى بولسا بولىۋېرىدۇ، بۇلاردا مۇشۇ تاللانغان ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈشكە يەتكۈدەك يېتەرلىك بوشلۇق بولۇشى كېرەك.
4-كۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچلار چاپلىنىدۇ. بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللىرى بار، خالىغان بىر خىلىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
1) كۆزنەك «تەھرىرلەش»(编辑) تىزىملىكىدىن «چاپلاش»(粘贴) تۈرى تاللىنىلىدۇ.
2) خالىغان بىر تاللانغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ ئۈستىگە مائۇسنى ئېلىپ كېلىپ مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چكىپ، ئېتىلىپ چىققان تىزىملىكتىن «چاپلاش»(粘贴) تۈرى تاللىنىلىدۇ.
3)كونۇپكا تاختىسىدىن CTRL كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، V كونۇپكىسى بېسىلىدۇ.