ئۆزى سالغان ئۆي

بىر پىشقەدەم ياغاچچى دەم ئېلىشقا چىقماقچى بولۇپتۇ، ئۇ خۇجايىنىغا ئۆزىنىڭ بىناكارلىق ساھەسىدىن چېكىنىپ، ئۆيىگە قايتىپ خوتۇن-بالىلىرى بىلەن تەڭرى ئاتا قىلغان خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

خۇجايىننىڭ ھۈنەرگە بۇنداق ئۇستا ياغاچچىنى كەتكۈزگۈسى كەلمەي، قايتا-قايتا تۇتۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ياغاچچى قارارىدىن يانماپتۇ. خۇجايىن ئامالىسىزلىقتىن ماقۇل بولۇپتۇ ۋە ياغاچچىدىن ئۆزىگە ياردەم قىلىپ يەنە بىر ئۆي سېلىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، ياغاچچىمۇ ماقۇل بولۇپتۇ. ئۆي ياساش جەريانىدا كۆپچىلىك ياغاچچىنىڭ كۆڭلىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى بايقىشىپتۇ. ماتېرىياللارمۇ ئۇنچە قاتتىق تاللانمىغان، ئىشنىڭ سۈپىتىمۇ بۇرۇنقىدەك ياخشى چىقماپتۇ. خۇجايىنمۇ ئارتۇق گەپ-سۆز قىلماپتۇ، پەقەت ئۆي پۈتكەندىن كېيىن ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ياغاچچىغا بېرىپتۇ.

Oy

ــ بۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىز،ــ دەپتۇ خۇجايىن،ــ بۇ مېنىڭ سىزگە قىلغان سوۋغام.

ياغاچچى تۇرۇپلا قاپتۇ، ئوخشاشلا، ئۇنىڭ پۇشايمان قىلغانلىقى ۋە خېجىل بولغانلىقىنى ھەممەيلەن كۆرۈپتۇ. ئۇ بىر ئۆمرىدە نۇرغۇن ياخشى ئۆيلەرنى سالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئۈچۈن مۇشۇنداق قول ئۇچىدا ياسالغان بىر ئۆينى سالغان ئىكەن.

ئىلاۋە: ئەمەلىيەتتە، بىز ھەممىمىز ئۆز ھاياتىمىزدىكى ماكانىمىزنى سالماقتىمىز، بۈگۈنكى ھەرقانداق بىر مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ نەتىجىسى كېيىنكى مەلۇم بىر جايدا سىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif