1- پرىنسىپ: چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم!
ئىككى يېشىل پاقا مۇھەببەتلىشىپتۇ، تويدىن كېيىن بالىسى چار پاقا بولۇپ تۇغۇلۇپتۇ. ئەركەك پاقا بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغىنىچە:«بۇ نېمە ئىش؟!» دەپ ۋارقىراپتۇ. چىشى پاقا يىغلىغىنىچە:«دادىسى، بىز تونۇشۇشتىن بۇرۇن مەن ھۆسۈن تۈزەتكەن ئىدىم،» دەپتۇ.
2- پرىنسىپ: روھىي ھالەت ئىنتايىن مۇھىم!
تەخەي ئانىسىدىن سوراپتۇ:
ــ نېمىشقا بىز كۈندە ئوت يەيمىز-يۇ، جاپالىق ئىشلەيمىز. ئاۋۇ ئىنەكلەر بولسا كۈندە ئېسىل يەم-خەشەكلەرنى يەيدۇ-يۇ، ھېچ ئىش قىلمايدۇ؟
ــ بالام، بىز پۇت-قولىمىزغا تايىنىپ جان باقىمىز، ئۇلار ئەمچىكىگە تايىنىپ جان باقىدۇ.
3- پرىنسىپ: تۇغما تالانت ئىنتايىن مۇھىم!
ئۆردەك بىلەن قىسقۇچپاقا يۈگۈرۈشتە مۇسابىقىلىشىپ، زادى كىمنىڭ يەڭگىنىنى بىلگىلى بولماپتۇ، ئاخىرى رېپىر ئۇلارنى «تاش، قايچا، رەخت» ئويۇنى ئارقىلىق نەتىجىنى بەلگىلەشكە تەكلىپ قىلىپتۇ. ئۆردەك ئاچچىقلانغىنىچە:
ــ ھۇ، ساراڭ! مېنىڭ چىقارغىنىم دائىم رەخت، ئۇنىڭ چىقارغىنى دائىم قايچا تۇرسا، مەن يېڭىلىپ قالمامتىم!ــ دەپ ۋاقىراپتۇ.
4- پرىنسىپ: تاللاش ئىنتايىن مۇھىم!
ئىت ئېيىققا تەلەپ قويۇپ:
ــ ماڭا تەگكىن، سېنى بەختلىك قىلىمەن،ــ دەپتۇ. ئېيىق جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:
ــ ساڭا تەگسەم ئىت ئېيىق تۇغىمەن. مېنىڭ مۈشۈككە تەگكۈم بار، تۇغقان مۈشۈك ئېيىق ئىنتايىن ئەتىۋارلىق تۇرسا!