ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى قانداق تاللايمەن؟

ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ تاللاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

1-يەككە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ تاللاش
مائۇس بىلەن تاللىماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى بىر چەكسىڭىز، ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ رەڭگى كۆكۈش ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ، بۇ شۇ ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ تاللانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2-كۆپ ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچلارنى تاللاش
كۆپ ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچلارنى تاللاش ئۇسۇلىمۇ ئېھتىياجنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ بىرەرسىدىن پايدىلىنىپ تاللىنىلىدۇ:
1) ھەممە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچلارنى تاللاش
بۇمۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىلنىڭ خالىغان بىرەرىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.
(1)ئالدى بىلەن خالىغان بىرەر ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللىۋېلىپ، كۆزنەكنىڭ «تەھرىرلەش»(编辑) تىزىملىكىدىن «ھەممىنى تاللاش»(全部选定) تۈرىنى باسساق بولىدۇ.
(2)ئالدى بىلەن خالىغان بىرەر ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللىۋېلىپ، ئاندىن CTRL كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، A كونۇپكىسىنى باسساق بولىدۇ.
(3) مائۇس ئىستېرىلكىسىنى تۇنجى ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ سول ئۈستى بۇرجىكىگە ئاپىرىپ بىرنى چېكىپ، قويۇۋەتمەستىن، كەنجى (ئەڭ ئاخىرقى) ھۆججەتنىڭ ئوڭ ئاستى بۇرجىكىگە تارتىپ ئاپارساق، بارلىق ھۆججەتلەر بىر تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك كۆك رەڭلىك شەكىل بىلەن قورشىلىپ، ئاخىرىدا ھەممىسى تاللانغان ھالەتكە ئۆزگەرسە، مەشغۇلاتىمىز توغرا بولغان بولىدۇ.
(4) تۇنجى ھۆججەتنى تاللىۋېلىپ، Shift كونۇپكىسىنى بېسىۋېلىپ، ئاندىن كەنجى ھۆججەتنى تاللىساق، ئوخشاشلا ھەممە ھۆججەتنى تاللاش مەقسىدىگە يېتەلەيمىز.
2) ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن بىر نەچچە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاش
(1) مائۇس ئىستېرىلكىسىنى تۇنجى ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ سول ئۈستى بۇرجىكىگە ئاپىرىپ بىرنى چېكىپ، قويۇۋەتمەستىن، كەنجى (ئەڭ ئاخىرقى) ھۆججەتنىڭ ئوڭ ئاستى بۇرجىكىگە تارتىپ ئاپارساق، بۇ ھۆججەتلەر بىر تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك كۆك رەڭلىك شەكىل بىلەن قورشىلىپ، ئاخىرىدا ھەممىسى تاللانغان ھالەتكە ئۆزگەرسە، مەشغۇلاتىمىز توغرا بولغان بولىدۇ.
(2) تۇنجى ھۆججەتنى تاللىۋېلىپ، Shift كونۇپكىسىنى بېسىۋېلىپ، ئاندىن كەنجى ھۆججەتنى تاللىساق، ئوخشاشلا مەقسىدىمىزگە يېتەلەيمىز.

3) خالىغان بىر نەچچە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاش
CTRLكونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئۆزىمىز تاللىماقچى بولغان، ئارقىمۇ-ئارقا كەلمىگەن، خالىغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچلارنى بىر چەكسەك مەقسىدىمىزگە يېتەلەيمىز. خاتا تاللاپ قويغان بولسا، شۇنى يەنە بىر قېتىم چېكىۋەتسەك، تاللاش ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، CTRL كونۇپكىسى تا تاللاش ئاخىرلاشقىچە قويۇۋېتىلمەسلىكى لازىم.

ھۈنەر:
ئەگەر ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن ھۆججەتلەر بىلەن خالىغان ھۆججەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ تاللاشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچلارنى تاللىۋېلىپ، ئاندىن قالغانلىرىنى بىر-بىرلەپ تاللىساق ئاسانلا مەقسىدىمىزگە يېتەلەيمىز.




2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif