ئالاھىدە تەپەككۈر

ئەمدىلا دەم ئېلىشقا چىققان بىر بوۋاي يۇرتىغا قايتىپ، ئۇ يەردىن بىر ئۆي سېتىۋېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قاپتۇ، شۇنداقلا ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى جىمجىت ئۆتكۈزگەچ ئەسلىمە يېزىپ چىقماقچى بولۇپتۇ.

دەسلەپكى نەچچە ھەپتىدە ھەممە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپتۇ، جىمجىت مۇھىتنىڭ بوۋاينىڭ روھىي ھالىتى ۋە يېزىقچىلىقىغا ناھايىتى پايدىسى بولۇپتۇ، ئەمما بىر كۈنى، ئۈچ ئوغۇل بالا دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ ئويناشقا باشلاپتۇ، ئۇلار بىر قانچە كونا ئەخلەت چېلىكىنى ئۇياقتىن-بۇياققا تېپىپ ئوينىغىنىدىن قىن-قىنىغا پاتماپتۇ.

بوۋاي بۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭغا چىدىماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن چىقىپ بالىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپتۇ.

ــ سىلەر بەك خۇشال ئوينىدىڭلار،ــ دەپتۇ ئۇ،ــ مەن سىلەرنىڭ چېلەكنى تېپىپ ئوينىغىنىڭلارنى كۆرۈشكە بەك ئامراق، ئەگەر كۈندە كېلىپ ئوينىساڭلار، مەن ئۈچىڭلارنىڭ ھەر بىرىڭلارغا ھەر كۈنى بىر يۈەندىن پۇل بېرىمەن.

ئۇلار بەك خۇشال بولۇشۇپتۇ، چېلەكنى تېخىمۇ كۈچەپ تېپىپ ئويناشقا باشلاپتۇ. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، بوۋاي غەمكىن ھالدا:

ــ ئۆيدىكى چىقىم كۆپىيىپ كەتتى، ئەتىدىن باشلاپ مەن سىلەرگە پەقەت 50 پۇڭدىنلا بېرەلەيمەن،ــ دەپتۇ.

بالىلار ناھايىتى خاپا بولۇشۇپتۇ، ئەمما يەنىلا بۇ شەرتكە كۆنۈپتۇ. ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن داۋاملىق كېلىپ ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن، بوۋاي ھەسرەتلەنگەن ھالدا:

ــ يېقىندىن بۇيان ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلۇمنى تاپشۇرۇپ ئالالمىدىم، كەچۈرۈڭلار، سىلەرگە ھەر كۈنى پەقەت 20 پۇڭدىنلا بېرەلىگۈدەكمەن،ــ دەپتۇ.

ــ 20 پۇڭ؟!ــ بىر بالا خاپا بولغىنىدىن چىرايى كۆكەرگەن ھالدا،ــ بىز ئاران 20 پۇڭ ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىپ ساڭا ئويۇن قويۇپ بەرمەيمىز، بىز قىلمايمىز،ــ دەپتۇ.

Alahide Tepekkur

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بوۋاي يەنە جىمجىت تۇرمۇشىغا قايتىپتۇ. بوۋاي دەم ئېلىشقا چىقىشتىن بۇرۇن بىر ئىدارىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشما رەئىسى بولغان ئىكەن.

ئىلاۋە: مائاش پاراۋانلىقى بولسا ئىدىئاللىققا ئىگە بولىدۇ، ئۆسسىلا بولىدۇ، تۆۋەنلىسە بولمايدۇ، ئۇنىڭغا بالىلارنىڭ قارشىلىشىش پىسخىكىسى قوشۇلۇپ، بۇ پىشقەدەم ئىشچىلار ئۇيۇشما رەئىسى ئۆز مەقسىدىگە يەتكەن. ئەگەر گەپنى بۇنداق چۆرگىلىتپ دېمەي، ئۇدۇللا دېسە، ئۇششاق بالىلار تېخىمۇ كەپسىزلىشىپ، بەكرەك چاپلىشىۋالغان بولاتتى.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif