50-باب كوچا سەيلىسىدىكى قەلب ساداسى

ئۈچەيلەن ئاۋايلىغان ھالدا بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى، چېن جىكۈن ئەمدى ئىشىكنى چېكەي دەپ تۇرۇشىغا، بىر قىزچاق ئۇنى توسۇۋېلىپ:
ــ توختاپ تۇرۇڭ، بىز ئاستاغىنە قاراپ باقايلى، خەييۈن ئاچام نېمە قىلىۋاتىدىكىن؟ــ دېدى.
ــ بۇنداق قىلساق ياخشى بولماس؟ــ دېدى چېن جىكۈن بېشىنى چايقاپ. يەنە بىرسىمۇ قىزچاققا بولۇشۇپ:
ــ ھېچنېمە بولمايدۇ!ــ دېدى. چېن جىكۈن سۆزلەپ بولغۇچە ئىككىسى ئىشىكنى قىيا ئاچتى. ئۈچەيلەن تەڭلا يوچۇقتىن قاراشتى، ئۆي ئىچى جىمجىت، پەقەت ئوچۇق قويۇلغان يان كومپيۇتېرلا بار بولۇپ، ئۆي ئىچىدە ئادەم زاتى كۆرۈنمەيتتى.
ــ سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ــ تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن ئاۋاز كەلدى. ئۈچەيلەن قورققىنىدىن يەردە ئولتۇرۇپ قېلىشتى، بۇرۇلۇپ قاراپ لىن خەييۈننىڭ ھور ئۆرلەپ تۇرغان بىر ئىستاكان چاينى تۇتقىنىچە ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇرغىنىنى كۆرۈشتى.
ــ خەييۈن ئاچا، بىز بۇ يەرگە سىزنى ئىزدەپ كەلدۇق، سىزنى بەك سېغىندۇق!ــ دېيىشتى ئىككى قىزچاق لىن خەييۈننى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى ئورىۋېلىپ ئەركىلەپ. ئىككىسىنىڭ ئەركىلىگەن تۇرقىنى كۆرۈپ چېن جىكۈن كۆڭلىدە ئەگەر ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىپ تارقىتىۋېتىدىغان بولسا، جۇڭگو قىسىملىرى تىكلىگەن ئىناۋەتنىڭ شۇ زامات چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىدى، لىن خەييۈن قولىنى تەڭلەپ تېخىغىچە يەردە ئولتۇرغان چېن جىكۈننى تارتىۋالدى. چېن جىكۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈستى-بېشىدىكى چاڭ-توزاڭلارنى قېقىشتۇردى. ئاندىن لىن خەييۈنگە قاراپ چاس بەرگەندىن كېيىن:
ــ ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى، لېيتېنانت گېنېرال لىن خەييۈن،ــ دېدى.
ــ ساختىپەز!ــ ئىككى قىزچاق بۇنى كۆرۈپ تەڭلا ئويلىدى كۆڭلىدە. لىن خەييۈن جاۋاپ سالىمى بەرگەندىن كېيىن ئۈچەيلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيگە كىردى. لىن خەييۈن ئولتۇرۇپ، چايدىن بىر ئوتلىغاندىن كېيىن، ئاچچىقلانغان ھالدا دېدى:
ــ ئىككىنچى ئوغرىلىقچە ماراشقا بولمايدۇ، بىلدىڭلارمۇ؟
ــ خوپ، لېيتېنانت گېنېرال لىن خەييۈن،ــ دېيىشتى ئۈچەيلەن تەڭلا. لىن خەييۈن ئىستاكاننى قويۇپ سورىدى:
ــ سىلەر نېمىشقا بۇ يەرگە كەلدىڭلار؟ بىرەر ئىش بارمىدى؟
ــ خەييۈن ئاچا، بىز دېيىشىپ قويغان، بۈگۈن سىز بىزگە ھەمراھ بولۇپ باراز ئايلانماقچىدىڭىزغۇ؟ــ دېدى ئىككى قىزچاق كۈلۈپ تۇرۇپ. لىن خەييۈن بۇنى ئاڭلاپ ئازراق ھەيران بولغان ھالدا سورىدى:
ــ مەن… مەن قاچان دېگەنتىم؟
ــ ئۆتكەن ھەپتە، بىز سىزگە تېلېفون قىلغاندا دېيىشىپ قويغانغۇ! سىز ۋېيتنامغا زىيارەتكە كەلگەندە، ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ بىزگە ھەمراھ بولۇشقا قوشۇلغانغۇ؟ ئەينى چاغدا بۇنى چېن جىكۈنمۇ ئاڭلىغان-ھە!ــ دېيىشتى ئىككى قىزچاق ئالدىراپ. ئۇلار چېن جىكۈنگە قاراشتى، چېن جىكۈن بېشىنى لىڭىشتتى. لىن خەييۈن بۇنى ئاڭلاپ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، ئارقىدىنلا ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
ــ توغرا…توغرا… ئېسىمگە كەلدى، كەچۈرۈڭلار، يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن،ــ دېدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ، ئۆي ئىچىنى ئازراق تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن ئۇلارغا دېدى:
ــ بولدى، بىز نەگە بارىمىز؟
ــ خەييۈن ئاچا، كىيىم يەڭگۈشلىۋالغاندىن كېيىن ماڭايلى، ھەمىشە ھەربىي فورما كىيىۋالسىڭىز بولماس،ــ دېدى بىر قىزچاق لىن خەييۈنگە قاراپ قويۇپ.
ــ شۇنداق، شۇنداق! ھەممەيلەن قىز بالا بولغاندىن كېيىن ئازراق ياسىنىۋالايلى!ــ دېدى يەنە بىرىمۇ بېشىنى لىڭىشىتىپ.
ــ بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوققۇ،ــ دېدى لىن خەييۈن ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ.
ــ شۇنداق، لىن گېنرال، ياسىنىپ قويسىڭىز ھېچنېمە بولماس، ئۇنىڭ ئۈستىگە لېيتېنانت گېنېراللىق ھەربىي فورمىسىنى كىيىۋالسىڭىز كۆزگە بەك چېلىقىپ قالغۇدەكسىز،ــ دېدى بىرچەتتە تۇرغان چېن جىكۈن.
ــ توغرا، چېن جىكۈن توغرا دەيدۇ، يۈرۈڭە خەييۈن ئاچا، بىز سىزگە ياردەملىشەيلى!ــ دېيىشكىنىچە ئىككىيلەن لىن خەييۈننى قولتۇقلاپ ياتاق ئۆيگە ماڭدى، ئىشىكنى يېپىشتىن بۇرۇن بىرى چېن جىكۈنگە دېدى:
ــ بىز كىيىم يۆتكەيمىز، ئوغرىلىقچە مارىماڭ، بىلدىڭىزمۇ؟
ــ مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟؟؟ــ دېدى چېن جىكۈن چىشىنى غۇچۇرلاتقىنىچە.
ــ قېرى بۇزۇق!!ــ دېگىنىچە ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋەتتى ھېلىقى قىز.
ــ ئەبلەخ، لېيتېنانت گېنېرال لىن خەييۈننى بار، بىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار!ــ دەپ ئويلىدى چېن جىكۈن كۆڭلىدە. ئۇ يالغۇزلۇقتا زېرىكىپ كرىسلودا ئولتۇرۇپ ئىچكىرىدىن چىقىۋاتقان كۈلۈشكەن ئاۋازلارغا قۇلاق سالدى.
ــ خەييۈن ئاچا، سىزنىڭ كىيىملىرىڭىز بەك ئازكەنغۇ!
ــ مەن دېگەن ھەربىي، يا مودېل بولمىسام، ئۇنچىۋالا كۆپ كىيىمنى نېمە قىلىمەن؟
ــ ئۇنداقتا بىز بۈگۈن سىزگە ياردەملىشىپ بىرنەچچە قۇر چىرايلىق كىيىم تاللاپ بېرەيلى، خەييۈن ئاچا، بۇنى كىيىپ بېقىڭ.
ــ بۇ كۆك رەڭلىكىمۇ بولىدىكەن، كىيىپ بېقىڭە.
ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئىشىك ئاخىرى ئېچىلدى، تېخىغىچە كرىسلودا يانپاشلاپ ياتقان چېن جىكۈن دەرھال قوپۇپ ئولتۇردى، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلىگەن ئىككى قىزچاق لىن خەييۈنگە ھەمراھ بولۇپ ئۆيدىن چىقتى. چېن جىكۈن لىن خەييۈنگە بىر قاراپلا ھاڭۋېقىپ قالدى. لىن خەييۈن ئاسمان كۆكى چاپان كىيگەن بولۇپ، قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرى ۋە چىرايلىق يۈزىگە خۇيمۇ ماسلاشقان ئىدى. گەرچە ئادەتتىكىچە كۈزلۈك ئىشتانغا ماسلاشتۇرۇپ قارا رەڭلىك ئۇزۇن قونچىلىق ئۆتۈك كىيىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئىنتايىن مودا كۆرسىتەتتى. ئەسلىدا ھەمىشە ھەربىي اورما كىيىپ يۈرىدىغان لىن خەييۈن بۇنچىۋالا گۈزەلكەن ئەمەسمۇ، ئەمدى ئادەتتىكىچە كىيىنچە ئاياللارغا خاس بىرخىل نازاكەت ئەكس ئېتىپتۇ، چېن جىكۈن ئۇنىڭغا قاراپ ئازراق مەپتۇن بولۇپ قالدى. لىن خەييۈن چېن جىكۈننىڭ تۇرقىغا قاراپ ئاغزىنى توسۇپ كۈلۈپ قويدى. بىر قىزچاق كېلىپ چېن جىكۈننى ئۇرۇپ قويۇپ:
ــ سىز يەنە قانچىلىك ئۇزاق قارايسىز، قېرى بۇزۇق!ــ دېدى. چېن جىكۈن شۇندىلا ئېسىنى يىغىپ، كۆز ئالدىدىكى ئوڭايسىز ئەھۋالغا قاراپ ئىلاجىسىز كۈلۈپ قويۇپ:
ــ «ئات كۆركى ئىگەر، ئادەم كۆركى ئىگىن» دېگەن شۇكەن-دە،ــ دەپ ئويلىدى. (ئاپتور: ئاساسلىق ئادەمگە باغلىق، ئەگەر دېۋىدەك گۆپەي ئادەمگە كىيدۈرۈپ قويسا، سېنى قورقۇتۇپ ئۆلتۈرمىسە ھېساپ ئەمەس!)
تېخىغىچە لىن خەييۈننىڭ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرىۋاتقان يەنە بىر قىزچاق نارازى بولغان ھالدا:
ــ ھەي، بالدۇرراق بىلگەن بولسام بىر نەچچە قۇر كىيىمنى ئارتۇقراق ئېلىۋالاركەنمەن، ئەمەلىيەتتە، خەييۈن ئاچا، سىز نېمە كەيسىڭىز ئوخشاشلا شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنىسىز!ــ دېدى. چېن جىكۈن قولىدىكى سائەتكە قاراپ قويۇپ:
ــ بولدى، بىز تېزراق ماڭايلى، ھېلىمۇ بىر سائەت ھايال بولدۇق،ــ دېدى.
ــ توختاپ تۇرۇڭلار!ــ دېدى بىر قىزچاق تۇيۇقسىز ۋاقىراپ.
ــ يەنە نېمە بولدى؟ــ دەپ سورىدى چېن جىكۈن تاقەتسىزلىك بىلەن.
ــ ھازىر ھەممە ۋېيتناملىقلار خەييۈن ئاچامنى تونۇيدۇ، مۇشۇنداقلا چىقساق ئاۋارىچلىققا ئۇچراشتىن قورقمامسىلەر؟ــ سۆزى تۈگەپلا بىر ئاق شىلەپىنى لىن خەييۈننىڭ بېشىغا كەيدۈرۈپ قويدى، ئاندىن يەنە يۈگۈرۈپ چىقىپ ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرىنى ئىزدەپ بىر دانە قارا كۆزەينەكنى ئارىيەتكە ئېلىپ كەلدى.
53 مىنۇت 27 سېكۇنت ۋاقىت ئۆتكەندە، تۆتەيلەن ئاخىرى ئۆيدىن چىقتى. ئەلچىخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئىككى قىزچاق كۈلۈپ تۇرۇپ لىن خەييۈنگە:
ــ خەييۈن ئاچا، سىزنىڭ لاتاپىتىڭىزنى ھەقىقەتەنمۇ توسۇپ قالغىلى بولمايدىكەن، ھېلىلا ئىشىكتە تۇرغان قاراۋۇللارنىڭ تۇرقىمۇ چېن جىكۈنگە ئوخشاپ قالدى، بەك كۈلكىلىككەن-ھە!ــ دېيىشتى.
تۆتەيلەن خانوي شەھىرىدىكى ئەڭ ئاۋات سودا كوچىسىغا كەلدى، ئەتراپ بەكمۇ قايناق بولۇپ، نۇرغۇن ئادەملەر بالا-چاقا، ئەل-ئاغىينىلىرىگە ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىۋاتاتتى. لىن خەييۈن قارىماققا بەكمۇ خۇشال بولۇپ، قالغان ئىككى قىزچاق بىلەن تۆت ئەتراپنى ئايلىناتتى، شۇڭا كوچىدا بىر خىل غەلىتە مەنزىرە پەيدا بولدى، ئۈچ چىرايلىق قىزچاق ئالدىدا كۈلكە-چاقچاق قىلىپ ماڭاتتى، كەينىدە پودپولكوۋنىكلىق ھەربىي فورما كىيگەن بىرى قولىدا بىر تالاي نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. لىن خەييۈن بېشىنى بۇراپ، نەرسىلەرگە كۆمۈلۈپ قالايلا دەپ قالغان چېن جىكۈنگە قاراپ قويۇپ، قالغان ئىككى قىزغا دېدى:
ــ نەرسىلەرنى بەك كۆپ ئېلىۋەتتۇقمۇ-قانداق؟
بىر قىز بارماقلىرىنى پۈكۈپ ساناپ بېقىپ:
ــ كۆپ ئەمەسقۇ، يەنە تېخى بىر نەچچە خىلىنى ئالمىدۇق. ھە راست، مايور فېڭ ماڭا بىر نەچچە قۇر كىيىم ئالغاچ كېلىشنى ھاۋالە قىلغان ئىدى، تېخى!ــ دېدى.
ــ ۋاي خۇدايىم!ــ چېن جىكۈن بۇنى ئاڭلاپ يەنە ئۇھ تارتىپ قويدى. دەل مۇشۇ چاغدا لىن خەييۈن ئالدى تەرەپتە يىراقتا تۇرغان بىر ئەرنى كۆرسىتىپ:
ــ ئاۋۇ ئادەم ۋەن شيوڭفېيدەك قىلىدۇ، بىز بېرىپ قاراپ باقايلى!ــ دېدى. ئۈچەيلەن يۈگۈرۈپ كېتىشتى، ئارقىسىدىن چېن جىكۈن بىر قۇچاق نەرسىنى قۇچاقلىغىنىچە ھاسىراپ-ھۆمىدەپ ئۇلارغا ئەگەشتى. ھېلىقى ئادەم، دەرۋەقە، ۋەن شيوڭفېي ئىدى، ئۇ بوغماق چاپان كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇمۇ قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان ئىدى.
ــ سىزمۇ بازار ئايلانغىلى چىقتىڭىزمۇ، ۋەن شيوڭفېي؟
ۋەن شيوڭفېي بۇنى ئاڭلاپ بۇرۇلۇپ قاراپ، ئالدىدا تۇرغان چىرايلىق قىزغا قاراپ يېرىم كۈنگىچە گەپمۇ قىلماي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، چېن جىكۈن نەرسىلەرنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، ۋەن شيوڭفېينىڭ تۇرقىغا قاراپ، جەينىكى بىلەن ئۇنى تۈرتۈپ قويۇپ:
ــ ئېسىڭىزنى يىغىڭ، بۇ يەردە ساراڭدەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇۋەرمەڭ!ــ دېدى. ۋەن شيوڭفېي بىردىنلا ئېسىنى يىغدى، ئادەتلەنگىنى بويىچە لىن خەييۈنگە قاراپ سالام بەرمەكچى بولۇشىغا، لىن خەييۈن دەرھال ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ:
ــ بۇنچىۋالا كۆپ ئادەم ئالدىدا ئارتۇقچە تۈزۈت قىلماڭ،ــ دېدى. ۋەن شيوڭفېي بېشىنى لىڭىشىتىپ:
ــ ياخشىمۇسىز، لىن گېنرال! لى رەئىس بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ۋېيتنام رەئىسى چېن دېلياڭ بىلەن ماددىي ئەشيا ياردىمى ئىشى توغرىسىدا يالغۇز سۆھبەتلەشمەكچى، شۇڭا مېھمانخانىدا بەك زېرىكىپ كېتىپ، مۇنداقلا ئايلانغىلى چىققان ئىدىم،ــ دېدى. لىن خەييۈن بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
ــ بىزمۇ بازار ئايلانغىلى چىققان ئىدۇق، ئۇنداقتا بىرگە ئايلىنايلىمۇ؟ــ دېدى. ۋەن شيوڭفېي بېشىنى لىڭىشىتىپ:
ــ بولىدۇ، ھوي … يەنە بىرئىش بار، رەئىس چېن دېلياڭ بۈگۈن كەچ خەلق سارىيىدا زىياپەت راسلاپ، لى رەئىس ۋە بىزنى كۈتۈۋالماقچى، كەچ سائەت يەتتىگە، ئۇنتۇپ قالماڭ،ــ دېدى. لىن خەييۈن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭىشىتتى، چېن جىكۈن بۇ چاغدا:
ــ ياخشىمۇسىز! مەن جۇڭخۇا دەرىجىلىك چارلىغۇچى ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى پودپولكوۋنىك چېن جىكۈن،ــ دېدى. ۋەن شيوڭفېي كۈلۈپ تۇرۇپ قولىنى ئۇزىتىپ:
ــ ياخشىمۇسىز! مەن جۇڭگو ئالاھىدە قىسمى 23-تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋەن شيوڭفېي،ــ دېدى ۋە چېن جىكۈننىڭ ئىككىلا قولىدا نەرسىلەرنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى، قولىنى ھەرگىزمۇ سۇنالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئامالسىز كۈلۈپ قويدى، بىردەمدىن كېيىن ۋەن شيوڭفېي چېن جىكۈننىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ كۆتۈرۈۋالدى. ئالدىدا كۈلكە-چاقچاق قىلىپ كېتىپ بارغان ئۈچەيلەننى كۆرۈپ، ۋەن شيوڭفېي ئىچى ئاچچىق بولغان ھالدا:
ــ ھەي! ئەينى چاغدىكى ئۇرۇش قەھرىمانى بۈگۈنكى كۈندە ھاممالغا ئايلىنىپ قالدى، ھەجەپ نەس باستى-دە…،ــ دېدى.
ــ مېنىڭ ئەھۋالىم بەتتەررەك، سىز ھېچبولمىغاندا پۇقراچە كىينىۋاپسىز، مەن بىر پودپولكوۋنىك تۇرۇپ چوڭ كوچىدا قىزلارغا ياردەملىشىپ كىيىم-كېچەك كۆتۈرۈپ يۈردۈم، ئەگەر بۇ گەپ تارقىلىپ كەتسە قىسىمدا بىر ئۆمۈر بېشىمنى كۆتۈرەلمەيمەن،ــ دېدى چېن جىكۈن. ئىككىيلەن ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، خۇددى كىمنىڭ ھالىنىڭ بەتتەررەك ئىكەنلىكىنى تالاشقاندەك بولۇشتى.
ئالدىدا كېتىپ بارغان بىر قىزچاق لىن خەييۈنگە دېدى:
ــ خەييۈن ئاچا، سىز بۈگۈن ماڭا باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلۇۋاتىسىز.
ــ نېمىشقا؟ــ سورىدى لىن خەييۈن چۈشەنمىگەندەك قىلىپ.
ــ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە، خەييۈن ئاچا، سىز دائىم كۈلۈپلا تۇرىدىغان، شوخ، كىشىگە ئوچۇق مىجەزلىك تۇيغۇ بېرىدىغان، بىر كەپسىز كىچىك قىزچاقتەك بىلىنەتتىڭىز. بىراق بۈگۈن سىز كىشىگە بىر خىل سوغۇق تەسىر بەردىڭىز، خۇددى ناھايىتى غەمكىن، كۆڭلىدە نۇرغۇن ئىشلىرى باردەك كۆرۈندىڭىز، ئادەمگە بىر خىل ناھايىتى پىشىپ يېتىلگەندەك تۇيغۇ بەردىڭىز،ــ دېدى يەنە بىرى. لىن خەييۈن بۇنى ئاڭلاپ سۇس كۈلۈپ قويۇپ دېدى:
ــ بەلكىم شۇنداقتۇ، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى مەن بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، ھەر قايسى جەڭ رايونلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن، كۆڭلۈم بىرئاز بىئارام بولدى.
ــ بىراق سىز ئەسلىدە قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ناھايىتى خۇشال يۈرەتتىڭىزغۇ؟ــ ھېلىقى قىزچاق بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئازراق ئويلانغاندىن كېيىن دېدى،ــ بولدىلا، بۇلارنى ئويلىمايلى! كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كېتەيلى، خەييۈن ئاچا، بۈگۈن بىز راسا بىر خۇشال ئوينىۋالايلى.
لىن خەييۈن بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويۇپ، ھېلىقى قىزنىڭ بېشىغا شاپىلاقلاپ قويۇپ دېدى:
ــ بولىدۇ، مەن سىلەرگە راسا خۇشال بىر ئويناپ كېلىشكە ماقۇل بولاي.
لىن خەييۈن كۆز ئالدىدىكى خۇشال-خۇرام تۇرغان ئىككى قىزچاققا قاراپ:
ــ تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم خۇشال ئوينايلى، بىر نەچچە قېتىم كۆپرەك ئوينىۋالساق نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە!ــ دەپ ئويلىدى كۆڭلىدە.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif