ناھايىتى ئەقىللىق بىر بالا بولغان ئىكەن، بىر كۈنى ئۇ ئانىسى بىلەن بىر مىلىچمال دۇكىنىغا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى بېرىپتۇ. دۇكاندار ئۇنىڭ ئوماقلىقىغا مەسلىكى كېلىپ، ئۇنى دۇكىنىدىكى كەمپۈتتىن ئېلىشقا تەكلىپ قىپتۇ، نەچچە قېتىم زورلىسىمۇ بالا قەتئىي ئالغىلى ئۇنىماپتۇ، ئاخىرى دۇكاندار بىر سىقىم كەمپۈتنى ئۇنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپتۇ.
ئۆيگە قايتقاندىن كېين ئانىسى ئۇنىڭدىن دۇكاندار كەمپۈت ئېلىشقا تەكلىپ قىلغاندا نېمىشقا ئالمىغانلىقىنى سورىغاندا بالا ئانىسىغا:«مېنىڭ قولۇم دۇكاندارنىڭكىدىن كىچىك، شۇڭلاشقا ئالالايدىغان كەمپۈتۈممۇ ئۇنىڭكىدىن ئاز، دۇكاندار ئۆزى ئېلىپ بەرسە، ئەلۋەتتە، تېخىمۇ كۆپ كەمپۈتكە ئېرىشەلەيمەن-دە!» دەپتۇ.
ئىلاۋە: بۇ بىر ناھايىتى ئەقىللىق بالا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ چەكلىكلىكىنى بىلەلىگەن، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈكلىكىنىمۇ بىلەلىگەن. ئىش قىلىشتا پەقەت ئۆزىنىڭ كۈچىگىلا تايىنىپلا قالماستىن، مۇۋاپىق پۇرسەتتە باشقىلارغا تايىنىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، بۇ بىر خىل كەمتەرلىك، شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە بىرخىل ئاقىلانىلىقتۇر.