ئۈچ نەپەر تامچى تام قوپۇرىۋېتىپتىكەن، بىر يولۇچى ئۆتۈپ كېتىپ بېرىۋېتىپ ئۇلاردىن سوراپتۇ:
ـــ سىلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟
تۇنجىسى ھارغىن ھالدا:
ـــ كۆرمىدىڭمۇ؟ تام قوپۇرۇۋاتىمىز!ـــ دەپتۇ. ئىككىنچىسى بېشىنى كۆتۈرۈپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:
ـــ بىز بىنا سېلىۋاتىمىز،ـــ دەپتۇ، ئۈچىنچىسى بولسا قانداقتۇر بىر ئاھاڭغا غىڭشىغاچ خۇشال ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـــ بىز يېڭى بىر شەھەر بەرپا قىلىۋاتىمىز،ـــ دەپتۇ.
ئون يىلدىن كېيىن، بىرىنچى تامچى يەنە باشقا بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا تامچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىكەن، ئىككىنچىسى بولسا ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ چېرتيۇژ سىزىۋاتقان ئىكەن، ئۇ ئېنژېنېر بولۇپ يېتىشىپ چىققان ئىكەن، ئۈچىنچىسىچۇ؟ ئۇ ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ خۇجايىنىغا ئايلانغان ئىكەن.
ئىلاۋە: قولىڭىزدىكى ئەڭ ئاددى ئىشلارمۇ، ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭىزنىڭ باشلىنىشىدۇر، بۇنى ھېس قىلىپ يېتىش-يېتەلمەسلىكىڭىز سىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش-چىقىرالماسلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.