38-پاراللېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رولى(3)

38-پاراللېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رولى(3)

يۇقىرىقى تەھلىللەردىن بىز مۇنداق يەكۈن چىقىرالايمىز: 38-پاراللېلنىڭ بەلگىلىنىشى، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، گەرچە يۈزەكى قارىغاندا مەسىلە ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، باشلىنىشىدىلا ئۇنىڭ چوڭقۇر سىياسىي ئويلىشىشى بار؛ 38-پاراللېلنىڭ بەلگىلىنىشى، چاۋشيەن مىللىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بۆلۈنۈپ تۇرۇش ئۇرۇقىنى يەرگە كۆمدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇدىغان يۈزلىنىش سەۋەپلىك، بۇ ئاچچىق ئۇرۇق مۇقەررەر ھالدا بىخ سۈرەتتى؛ 38-پاراللېلنىڭ بەلگىلىنىشى، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەتنىڭ يىراق شەرق ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋەزىيىتىگە ئاساس سالدى، 38-پاراللېل ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت كۈچلىرىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا تىركىشىپ تۇرۇشىدىكى بەلگىلىنىپ بولغان چېگرا سىزىقىغا ئايلاندى.

ئەگەر بۇ يەكۈن پۇت تىرەپ تۇرالىسا، ئۇنداقتا تولۇق خۇلاسىلەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىدىكى ئەڭ چوڭقۇر مەنبە ــــ ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلىرىنىڭ يىراق شەرقتىكى قارشىلىقى 38-پاراللېلنىڭ بەلگىلىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، كېيىنكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ۋە چاۋشيەن خەلقىنىڭ بۆلۈنۈشىمۇ دەل مۇشۇ پاراللېل سىزىقىنى چۆرىدەپ تەرەققىي قىلغان. مۇشۇ 38-پاراللېلغا چېتىشلىق ھەربىي ھەرىكەتلەر بىر ئاساسىي لېنىيە سۈپىتىدە، چاۋشيەن توقۇنۇشى ۋە چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭىپ كىردى: جەنۇپ-شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھەربىي توقۇنۇشى 38-پاراللېلنى بويلاپ قانات يايغان؛ شىمالىي چاۋشيەن قوشۇنىنىڭ 38-پاراللېلدىن ھالقىپ ھۇجۇم قىلىشى ئامېرىكىنى ئۇرۇشقا پۈتۈنلەي سۆرەپ كىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ ب د ت ئارمىيىسىنىڭ 38-پاراللېلدىن ھالقىپ شىمالغا ھۇجۇم قىلىشى يەنە تېخى جۇڭگونى چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقىرىشقا مەجبۇر قىلدى؛ جۇڭگو قوشۇنىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلماي 38-پاراللېلدىنن ھالقىپ ئۇرۇش قىلىشى سەۋەپلىك، ب د ت ئۇنىڭغا «تاجاۋۇزچى» دېگەن جىنايى ئاتنى ئارتىپ قويدى؛ مەك ئارسۇرمۇ 38-پاراللېلدىن ھالقىش قاتارلىق ئۇرۇش داۋرىڭىنى قايتا تەسەببۇس قىلغانلىقتىن، رەئىس جۇمھۇر (پرېزىدېنت) ترۇمېن تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ ئۇرۇش توختىتىپ سۆھبەتلىشىشمۇ 38-پاراللېلنى بويلاپ ئۇرۇش توختىتىش بىلەن باشلاندى؛ ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى يەنىلا، ئاساسىي جەھەتتىن، 38-پاراللېلنى جەنۇپ-شىمالىي چاۋشيەننىڭ پاسىل سىزىقى قىلىش بولدى. دەۋر قىلىپ ئايلىنىپ، ئاخىرقى نۇقتا يەنىلا باشلىنىش نۇقتىسى بولدى، مانا بۇ 38-پاراللېلنى چۆرىدەپ قىلىنغان چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ باش-ئاخىرى.

ئەلۋەتتە، لوگىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، 38-پاراللېلنىڭ پەيدا بولۇشى كېيىنكى جەنۇپ-شىمالىي چاۋشيەن توقۇنۇشى ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۇرۇش پارتلىشىنى پەقەت بىر خىل ئېھتىماللىق بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىدى. ئەگەر ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى تىركىشىشى بولمىغان بولسا، ئەگەر چاۋشيەن مىللىتىنىڭ ئىچكى توقۇنۇشى ئۆتكۈرلىشىپ كەتمىگەن بولسا، ئەگەر دۇنيا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋەزىيىتى پەيدا بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى بەك تەس ئىدى. ئەپسۇسكى، تارىخ بۇ پەرەزلەرنىڭ ئەكسى يۆنۈلۈشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى.

ئىزاھاتلار:

[1]«خەلئارالىق شەرتنامىلەر توپلىمى(1934~1944)»، دۇنيا بىلىم نەشرىياتى 1961-يىل نەشرى، 407-بەت

[2]ھاررىي ترۇمېن:«ترۇمېن ئەسلىمىلىرى: سىناق ۋە ئۈمىدلىك يىللار(1946~1953)»، ئۈچ بىرلەشمە كىتابخانىسى 1974-يىل نەشرى (1956-يىلىدىكى ئېنگلىزچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 374-بەت. «قاھىرە خىتابنامىسى» ستالىننىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنغان.

[3]«تېھران، يالتا، پوتسدام يىغىنلىرى خاتىرىلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى 1975-يىل نەشرى، 163-،164-،225-بەتلەر.

[4]«ترۇمېن ئەسلىمىلىرى»، 375-بەت.

[5]كىم خېندېرسون:«38-پاراللېل زادى قانداق بېكىتىلگەن»، كورىيە «يېڭى شەرقىي ئاسىيا» ئايلىق ژورنىلىغا بېسىلغان، 1993-يىل 12-ئايلىق سانى.

[6]جامېس شنابېل:«چاۋشيەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى» 2-تومى، دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1990-يىلدىكى خەنزۇچە تەرجىمىسى، 9-بەت.

[7]«ترۇمېن ئەسلىمىلىرى»، 375-بەت. جوسېف گوردەن:«ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئىلگىرى پوتسدام يىغىنى مەزگىلىدە مارشالغا 38-پاراللېلنى بويلاپ ئۇرۇش قىلىش پاسىل سىزىقىنى بېكىتىشنى، چۈنكى بۇ سىزىقنىڭ بۇ دۆلەتنى تەخمىنەن تەڭ ئىككىگە بۆلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان» دەپ ئېيتقان ئىدى. جوسېف گوردەن:«چاۋشيەن ئۇرۇشى ـــ ئاشكارىلانمىغان ئىچكى ئەھۋاللار»، ئازادلىق ئارمىيە نەشرىياتى 1990-يىل نەشرى (1982-يىلىدىكى ئېنگلىزچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 9-بەت. بىراق، روشەنكى، ئىلگىرى ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا قويمىغان، ئۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم ترۇمېن تىلغا ئالغان ئىشلاردا بولسا كېرەك.

[8]سوۋېت ئىتتىپاقى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەسكەر چىقارغان، ياپونىيە پادىشاھى تەسلىم بولۇش پەرمانىنى ئېلان قىلغان ۋاقىت 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىراق، ئەمەلىيەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەر چىقارغان ۋاقىتتا ياپونىيە پادىشاھى «پوتسدام خىتابنامىسى»نى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلىپ بولغان ئىدى. مۇئەللىپنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا ئەسكەر چىقىرىشى: نىشان ۋە نەتىجە» («تارىخىي تەتقىقات» 1994-يىل 5-سان) ناملىق ماقالىسىدا بۇ ھەقتىكى بايانلار بار.

[9]كىم خېندېرسوننىڭ يۇقىرىدىكى ماقالىسىغا قارالسۇن.

[10]شنابېلنىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 10-،11-بەتلەر.

[11]«ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئالاقىسى»(Foreign Relations of the United States)، 1945-يىل، 6-توم، ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايونى 1969-يىل نەشرى، 1039-بەت؛ دىن ئەچېسۇن:«ئەچېسۇن ئەسلىمىلىرى»، شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى 1978-يىل نەشرى (1969-يىلىدىكى ئېنگلىزچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 302-بەت؛ كىچىك كلېي بلەيېر:«مەك ئارسۇر»، جەڭچى نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى (1977-يىلىدىكى ئېنگلىزچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 315-بەت؛ گوردەننىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 9-بەت.

[12]38-پاراللېلنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى شتاب خادىمىغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيىسى تەسلىم قوبۇللاش سىزىقىنى شىمالدىكى 39-پاراللېلغا سۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى، بىراق ستراتېگىيە ۋە سياسىي كومىتېتتىكى برىگادا گېنېرالى لىنكولن:«39-پاراللېل داليەن ۋە لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيەت رايونىغا كىرگۈزۈپ قويىدىغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقى چوقۇم قوبۇل قىلمايدۇ،» دەپ قارىدى، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىمۇ بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلىدى. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى لايىھەدە يەنىلا 38-پاراللېل ساقلاپ قېلىندى. شنابېلنىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 11-بەت.

[13]سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تۈزگەن «1941~1945-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار كېڭىشى رەئىسىنىڭ ئامېرىكا رەئىس جۇمھۇرى ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىرى بىلەن بولغان ئالاقە توپلىمى»، 2-توم، دۇنيا بىلىم نەشرىياتى 1963-يىل نەشرى (1957-يىلىدىكى رۇسچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 262-~264-بەتلەر؛ جەنۇبىي چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى جەڭ تارىخى تەھرىر ھەيئىتى:«چاۋشيەن ئۇرۇشى (جۇڭگو كوممۇنستلىرى قوشۇنىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ۋە ب د ت قوشۇنىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى)»، خېيلۇڭجياڭ چاۋشيەن مىللىتى نەشرىياتى 1987-يىلىدىكى خەنزۇچە تەرجىمىسى، 23-بەت.

[14]شنابېلنىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 13-بەت.

[15]«چاۋشيەن ئۇرۇشى (جۇڭگو كوممۇنستلىرى قوشۇنىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ۋە ب د ت قوشۇنىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى)»، 23-بەت.

[16]كىم خېندېرسوننىڭ يۇقىرىدىكى ماقالىسىغا قارالسۇن.

[17]Б.سلاۋېنسكى:«1950~1953-يىللاردىكى چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قارىتا قايتا ئويلىنىش» (Корейская Война 1950-53гг.: Современное Переосмысление)، «يىراق شەرق مەسىلىلىرى» 1991-يىللىق 2-سان، 80-بەت.

[18]А.В.تولكۇنوۋ ۋە П.ئۇفىمتسېۋ:«چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى قاراش» (Корейская Проблема: Новый Взгляд)، موسكۋا 1995-يىل نەشرى، 6-بەت.

[19]گوردەننىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 3-،4-بەتلەر.

[20]گوردەننىڭ يۇقىرىدىكى كىتابى، 9-بەت.

[21]«ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئالاقىسى»، 1945-يىل، 6-توم، 1039-بەت.

[22]«ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئالاقىسى»، 1945-يىل، 6-توم، 1039-بەت.

[23]ئامېرىكا پېنسيلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى لى تىڭجى ئىلگىرى ماقالە يېزىپ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لى تىڭجى «ستالىن نېمىشقا 38-پاراللېلنى قوبۇل قىلىدۇ؟» شەرقىي شىمالىي ئاسىيا تەتقىقاتى ژورنىلى (Why did Stalin agree for the 38th parallel?)، 1985-يىل 4-توم 14-سان.

[24]ملوۋان جىلاس:«ستالىن بىلەن سۆھبەت»، دۇنيا بىلىم نەشرىياتى 1989-يىل نەشرى (1962-يىلىدىكى ئېنگلىزچە نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان)، 85-بەت.

[25]سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تۈزگەن يۇقىرىدىكى كىتاب، 267-،268-بەتلەر.

[26]سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تۈزگەن يۇقىرىدىكى كىتاب، 268-بەت.

[27]سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تۈزگەن يۇقىرىدىكى كىتاب، 269-بەت؛ «چاۋشيەن ئۇرۇشى (جۇڭگو كوممۇنستلىرى قوشۇنىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ۋە ب د ت قوشۇنىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى)»، 580-،581-بەتلەر.

———————————-

بۇ ماقالە «شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 1997-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان، ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ بلوگىغا يوللانغان. تەرجىمە قىلىشتا پايدىلانغان مەنزىل:

ئەنقا تورى




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif