38-پاراللېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رولى(1)

38-پاراللېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رولى

ئاپتورى: شېنجىخۇا

تەرجىمان: ئادىلجان ئابدۇرېھىم

38-پاراللېل چاۋشيەن ئۇرۇشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، بۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ھەقىقەت. بىراق 38-پاراللېل زادى قانداق بەلگىلەنگەن؟ 38-پاراللېلنى بەلگىلەشنىڭ ئۆزى زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ 38-پاراللېل بىلەن چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ئىچكى ۋە ماھىيەتلىك باغلىنىشى نەدە؟ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا تارىختىن بۇيان ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۈت بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىراق شەرق ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم رولى بولغانلىقتىن، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، چاۋشيەندىن ئىبارەت ئىلگىرى مەلۇم دەرىجىدە جۇڭگوغا بېقىنغان پادىشاھلىق ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئۇچرىدى. 1910-يىلى ياپونىيە جاھانگىرلىكى چاۋشيەننى يۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىر بېقىندى ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان ۋاقىتتا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارالىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەسلىھەتلەشكەندە چاۋشيەننىڭ تەقدىرى ھەققىدىمۇ سۆھبەتلەشتى. 1943-يىلى 11-ئايدا ئېچىلغان قاھىرە يىغىنىدا، رۇزېۋېلت، جياڭ جيېشى ۋە چۇرچېل ئورتاق ئىمزالىغان «قاھىرە خىتابنامىسى»دە چاۋشيەن مەسىلىسىگە قارىتا مۇنداق دېيىلگەن:«بىز ئۈچ چوڭ دۆلەت چاۋشيەن خەلقى ئۇچرىغان قۇللۇق ئاسارىتىگە قايغۇرىمىز، مۇۋاپىق ۋاقىتتا چاۋشيەننى مۇستەقىل قىلىشنى قارار قىلدۇق.»[1] ئۇنىڭ ئارقىدىنلا ئېچىلغان تېھران يىغىنىدا رۇزېۋېلت يەنە ستالىن بىلەن چاۋشيەننىڭ ئىستىقبالى مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى. ستالىن ئۆزىنىڭ «قاھىرە خىتابنامىسى»نى كۆرگەنلىكىنى ھەمدە چاۋشيەننىڭ مۇستەقىل بولۇشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە چاۋشيەن پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى بىر مەزگىللىك تەييارلىق ۋاقتىغا مۇھتاجلىقىغا، بۇ ۋاقىتنىڭ بەلكىم 40 يىل بولىدىغانلىقىغىمۇ قوشۇلدى.[2] 1945-يىلى 2-ئايدىكى يالتا يىغىنىدىمۇ چاۋشيەن مەسىلىسى ھەققىدە قايتا سۆھبەت بولدى. 2-ئاينىڭ 8-كۈنى رۇزېۋېلت بىلەن ستالىن ئۇچرىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىدىكى شەرتلەرنى سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، رۇزېۋېلت زېمىن تەۋەلىكىنى ۋاكالىتەن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ستالىنغا چاۋشيەن خەلقى ئۆزىنى باشقۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن، «چاۋشيەننى بىر سوۋېت ۋەكىلى، بىر ئامېرىكا ۋەكىلى، بىر جۇڭگو ۋەكىلى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش»،«ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ۋاقتى قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى بولۇش» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. بەلكىم ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئېدېن ئىلگىرى ئامېرىكا 1944-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇشتىن كېيىنكى چاۋشيەن ۋە ھىندىچىنىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش لايىھىسىنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، رۇزېۋېلت «ئەنگلىيىنى چاۋشيەننى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق» دەپ قارىدى. ستالىن ۋاكالىتەن باشقۇرۇش لايىھىسىگە قوشۇلدى، بىراق، ئۇ يەنىلا ئەنگلىيىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش لازىم دەپ تەكلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتىن كېيىن جۇڭگو، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت چاۋشيەننى ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن باشقۇرۇش لايىھىسى يالتادا بېكىتىلدى. بىراق يىغىن ھۆججەتلىرىدە چاۋشيەننى باشقۇرۇش مەسىلىسى كونكرېت تىلغا ئېلىنمىدى، پەقەت قايسى زېمىنلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش تىلغا ئېلىنغان ۋاقىتتىلا «بۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىش» دەپلا قويۇلدى.[3] ترۇمېن ئامېرىكىنىڭ رەئىس جۇمھۇر (پرېزىدېنت) لىقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، 1945-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالاھىدە ئەلچىسى خوپكىنسنى ستالىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتى، ستالىن تۆت دۆلەت چاۋشيەننى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.[4]

ھالبۇكى، ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغانلىقتىن، يىراق شەرقنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش كېلىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن تۆت دۆلەت تېخى چاۋشيەننى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مەسىلىسىدە كونكرېت كېلىشىم تۈزۈشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇللاش ۋە ھەربىي ئىشغالىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، 38-پاراللېلنى ئايرىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. شىمالىي كەڭلىك 38 گرادۇسلۇق سىزىق ئەسلىدە بىر تەبىئي ۋە جۇغراپىيىلىك سىزىق ئىدى، گەرچە چاۋشيەن چېگرىسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 300 كلومېتىر كېلىدىغان شەكىلسىز بۇ سىزىق چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى كۆلىمى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى بۆلەككە ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ماھىيەتتە ھېچقانداق ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەھمىيىتى يوق ئىدى. ھەربىي ياكى سىياسىي جەھەتتە بۇ سىزىقتىن سۈنئىي ھالدا پايدىلىنىشنى ئەڭ دەسلەپتە ياپونىيە ۋە چاررۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغ
ان ئىدى. 1896-يىلى ياپونىيە بىلەن چاررۇسىيە چاۋشيەننى مەخپىي بۆلۈشىۋېلىشنى پىلانلاپ، ياپونىيە چاررۇسىيىگە 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 1904-يىلى ياپونىيە-چاررۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا، چار پادىشاھمۇ چاررۇسىيە 38-پاراللېلنىڭ شىمالىنىلا باشقۇرۇش، ياپونىيىنىڭ 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقانداق جايدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا يول قويۇشنى قارار قىلغان ئىدى. بىراق بۇ ئىككى قېتىملىق بۆلۈشۈشنىڭ ھەر ئىككىسى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى سەۋەپلىك ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.

38-پاراللېلنى ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن پايدىلىنىپ پاسىل قىلىشنى ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشىگەندە ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. 1945-يىلى 2-ئايدا، ياپونىيە چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىپ ئىككىگە ئايرىدى، شىمالدىكى قىسىملىرىغا كانتۆگۇن ئارمىيىسى، جەنۇبىدىكى قىسىملارغا باش شتاب قوماندانلىق قىلدى. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، باش شتاب چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق بارلىق قوشۇنلارغا كانتۆگۇن ئارمىيىسى قوماندانلىق قىلىشنى، چاۋشيەن باش ئەمىر(گۇبېرناتور)ى كانتۆگۇن ئارمىيىسى باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق 5-ئاينىڭ 7-كۈنى باش شتاب باشلىقى يوشى جىرۆ ئۇمېزۇ بۇ لايىھىنى كۆتۈرۈپ پادىشاھ خىروخىتو بىلەن كۆرۈشكەندە، پادىشاھنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.[5] شۇنىڭ بىلەن 38-پاراللېل، ئەمەلىيەتتە، كېيىنچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى ۋە شىمالىي چاۋشيەندە ياپونىيىنىڭ كانتۆگۇن ئارمىيىسى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەن ۋە ياپونىيە تاقىم ئاراللىرىدا باش شتاب بىۋاسىتە قومانلىق قىلغان ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغاندا ۋاقىتتا ئوبيېكتىپ ئاساس بولدى.

ھالبۇكى، 38-پاراللېلنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن ئالاھىدە پايدىلىنىلىشىدا تۇيۇقسىزلىق، تاسادىپىيلىق بار. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەر چىقىرىپ ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ جەڭ رايونىنى ئېنىق ئايرىشمىغان ئىدى. 1945-يىلى 7-ئايدىكى پوتسدام يىغىنىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ دۆلەت ھەربىي ئىشلار باشلىقلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقاندىن كېيىن، پۈتكۈل چاۋشيەن رايونىدا ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلىش دائىرىسىدە بىر پاسىل ئايرىۋېلىش لازىملىقىغا قوشۇلۇشقان ئىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەد، روشەنكى، ئۇرۇش جەريانىدا ئۇقۇشماسلىق چىقىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. يەر يۈزىدىكى ئۇرۇش قىلىش ۋە ئىشغالىيەت رايونى مەسىلىسى قىلچىمۇ مۇھاكىمە قىلىنمىغان ئىدى. ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېنچ ئوكيان ئۇرۇشىنىڭ يادروسى ياپونىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىدى. شۇڭلاشقا، ئەينى چاغدا ئۈچ خىل ئارمىيىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان مارشالمۇ ترۇمېندىن مەك ئارسۇرغا ھوقۇق بېرىپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر دىۋىزىيە ئەۋەتىپ پۇساندىن قۇرۇقلۇققا چىقىشنى، ئۇندىن باشقا يەنە سېئۇل ۋە چوڭجىننى ئىشغال قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئىشلار ئىدى. پوتسدام يىغىنىدا، سوۋېت ئارمىيىسى باش شتاب باشلىقى مارشالغا سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن چاۋشيەنگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا ماسلىشىپ چاۋشيەن دېڭىز قىرغىقىدا ھەربىي ھەرىكەت قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى. مارشال ئېنىق قىلىپ:« ئەگەر ياپونىيە ۋەيران بولمايدىكەن، ياپونىيىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەندىكى ھەربىي كۈچى يوقىتىلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا چاۋشيەندە سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىشقا تەييارلانمايدۇ.» دېگەن ئىدى.[6] ترۇمېننىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا ئەينى چاغدا ھېچكىم مەيلى ئامېرىكا ۋە مەيلى سۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چاۋشيەنگە كىرىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى. ترۇمېن خەلقئارا يىغىنلاردا ئەزەلدىن 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىپ چاۋشيەننى ئايرىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.[7]

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇيۇقسىز ياپونىيىگە جەڭ ئېلان قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيە پادىشاھىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشنى قارار قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىش،[8] ئىشلاردا جىددىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنى مانجۇرىيە ۋە چاۋشيەندىكى ياپونىيە كانتۆگۇن ئارمىيىسىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغاندا، چاۋشيەنگە ئەڭ يېقىن ھېسابلانغان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرى تېخى چاۋشيەندىن 600 ئېنگلىز مىلى يىراقلىقتىكى ئوكىناۋا ئارىلىدا ئىدى. شۇ سەۋەپتىن، ياپونىيە جەڭ قۇرۇلمىسى بىتچىت بولۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىد




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif