38-پاراللېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رولى(2)

38-پاراللېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رولى

تەخمىنەن 300 كلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ پاسىل سىزىقى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى قىيپاش كېسىپ ئۆتۈپ، 75 كىچىك ئېقىن ۋە 12 دەريانى بۆلۈۋەتتى، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قاتمۇقات تاغ-داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 181 چېغىر يول، 104 يېزا-كەنت توپا يولى، 15 ئۆلكە تاشيولى ۋە 8 يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولنى ھەمدە 6 جەنۇپ-شىمال تۆمۈر يولىنى كېسىپ ئۆتتى.[14] ئېنىقكى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇغراپىيىلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، 38-پاراللېل بولسا ئىنتايىن نامۇۋاپىق بىر پاسىل سىزىقى ئىدى، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ئالدىراش ھالدا سىزىپ چىقىلغان بۇ پاسىل سىزىقىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئويلىشىشى يوقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا ئورۇنلاشقاندا، بىردەك 38-پاراللېلنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەت ئارمىيىلىرىنىڭ چاۋشيەنگە ئورۇنلىشىشىغا بېكىتىلگەن پاسىل سىزىقى ئىكەنلىكىنى، سىياسىي ئەھمىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىغان بولسىمۇ،[15] بىراق، ئەمەلىيەتتە، بولۇپمۇ كېيىنكى تارىخىي تەرەققىيات 38-پاراللېلنىڭ ئاتالمىش تەسلىم قوبۇل قىلىشتىكى ھەربىي ئەھمىيىتىنىڭ پەقەت يۈزەكى ۋە ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەتنىڭ 38-پاراللېلنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئۆزىدە ئاللىقاچان چوڭقۇر سىياسىي ئەھمىيەت بارلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار 38-پاراللېلنىڭ بەلگىلىنىشىدە پەقەت ھەربىي ئىشلاردىكى ئەھمىيىتى بار دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، كىم خېندېرسون مۇنداق قارايدۇ:« شىمالىي كەڭلىك 38-پاراللېل چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى ئىككىگە بۆلۈشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل» بولسا «سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن»دۇر. ئۇ يەنە دەلىل كەلتۈرۈپ:« جەنۇبىي چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى قوماندانى جون خوجې 1947-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋە 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 38-پاراللېل بويىچە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بۆلۈشكە چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ شتات ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سەۋەپ بولغان ئىدى دېگەن ئىدى؛ ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى ۋالتېر 1949-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى پاسىل سىزىقى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىككى قىسمىنى ئوتتۇرىسىدىن ئايرىپ سىزىلغان دېگەن ئىدى.[16]» دېگەن ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى سلاۋېنسكىمۇ:« ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىش چاۋشيەننى ئىككىگە بۆلۈشتىكى بىردىنبىر مەقسەد» دەپ كېسىپ ئېيتقان ئىدى، كېيىنچە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىگە كەلگەندىلا 38-پاراللېل ئاندىن «جەنۇپ-شىمالىي چاۋشيەننىڭ چېگرىسى بولدى».[17] رۇسىيە چاۋشيەن مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى تولكۇنوۋ ۋە ئۇفىمتسېۋ تېخى يېقىندا نەشر قىلدۇرغان بىر مەخسۇس ئەسىرىدە يەنىلا 38-پاراللېلنىڭ ئايرىلىشى «بىر خىل پەۋقۇلئاددە ۋاقىتلىق تەدبىر، ئۇنىڭ مەقسىدى بولسا ئاشۇ يەرنى بېسىپ ياتقان ياپونىيە قوشۇنلىرىنى تەلتۆكۈس تارمار قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ تەسلىمىنى قوبۇللاش» دەپ قارىدى.[18] ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەتنىڭ 38-پاراللېلنى بەلگىلىشىنى مانا مۇشۇنداق پەقەت ھەربىي ئىشلاردىكى ئەھمىيىتىدىن ئويلىشىلغان دېيىش، روشەنكى، كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ 38-پاراللېلنى پاسىل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدا ئالدى بىلەن ئويلاشقىنى شۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشىنى توسۇشتىن ئىبارەت ھەربىي ئىشلاردىكى ئەھمىيىتى ئىدى، بۇ تەرىپى شەك-شۆبھىسىز، بىراق بۇ ئەڭ ئاخىرقى، شۇنداقلا ھەل قىلغۇچ ئويلىشىش ئەمەس. ئەگەر مەسىلىگە يالغۇز ياكى يۈزەكى قارىمايدىغان بولساق، ئۇنداقتا ھەربىي ئەھمىيىتىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان سىياسىي ئەھمىيىتىنىمۇ كۆرسىتىشىمىز لازىم.

بىرىنچى، ئىلگىرى بىز سۆزلەپ ئۆتكەندەك، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر چاۋشيەن مەسىلىسىنى ئويلىشىشىنىڭ ئۆزى خەلقئارالىق سىياسىي نۇقتىنى چىقىش قىلغان. ئەينى چاغدا پەقەت ياپونىيىنىڭ دەرھال شەرتسىز تەسلىم بولىدىغانلىقىنى جاكارلايدىغانلىقىنى ئويلاشمىغانلىقتىن، ۋەزىيەتتە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا تەسلىم قوبۇللاش ۋە ھەربىي ئىشغالىيەت پاسىل سىزىقى مەسىلىسىنى ھاپىلا-شاپىلا ئوتتۇرىغا قويغانلا يېرى بار.

ئىككىنچى، ئامېرىكا تەرەپ چاۋشيەن پاسىل سىزىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا سىياسىي ئويلىشىشى بار ئىدى. بۇندىن ئىلگىرىكى 1944-يىلى 3-ئايدىلا ئامېرىكا چاۋشيەندىكى ھەربي ئىشغالىيەت مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا باشلىغان ئىدى. گەرچە چاۋشيەن مەسىلىسى رۇزېۋېلتنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىراق شەرق سىياسىتىنىڭ يادروسى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى چاۋشيەندە ھۆكۈمرانلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇش غەرىزىنى توسۇشى لازىم ئىدى. رۇزېۋېلت دىپلوماتىيە يولىدىن پايدىلىنىپ بۇ مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى، ئۇ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كوردېل خۇلغا:« چاۋشيەن خەلقئارانىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىدا بولسا بولىدۇ، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە باشقا بىر-ئىككى دۆلەت قاتناشسا بولىدۇ،» دېگەن ئىدى.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif