58-باب يېتىپ كېلىش

ــ قوماندان! لىن خەييۈن گېنېراللارنىڭ ئالەم كېمىسى زېگېر قىسىملىرى تەرىپىدىن ئورىۋېلىنىپ قىمىرلىيالماي قالدى، بازىنىڭ 7-قەۋىتى زېگېرلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىندى! 8-قەۋەتتىكى قوغدىنىش قىسىملىرى ئۇلارنى ئۇزۇن توسۇپ تۇرالمايدۇ!ــ دوكلات قىلدى بىر ئەسكەر چىلىق-چىلىق تەرلىگىنىچە. جوۋيۈ ئېڭىكىنى سىلاپ تۇرۇپ:
ــ ئەھۋالدىن قارىغاندا، بازىنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ ئېلىنىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدەك قىلىدۇ!ــ دېدى، ئاندىن ئۇ يېنىدىكى ئەسكەرگە شەرەتلىدى، ھېلىقى ئەسكەر بىر كونۇپكىنى باستى، تامدىن بىر چوڭ ئىشىك ئاستا-ئاستا ئېچىلدى! جوۋيۈ ۋە بىر نەچچەيلەن ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەرخىل قورال-ياراقلار رەتلىك تىزىقلىق تۇراتتى. جوۋيۈ بىر نەچچە «قىزىل يۇلتۇز» زەربە مىلتىقىنى تاللاپ ئالغاندىن كېيىن چىقىپ دېدى:
ــ ھەممىڭلار ئۆزەڭلار ياخشى كۆرىدىغان قوراللارنى ئېلىڭلار، بىردەم تۇرۇپ بىز زېگېرلار بىلەن تازا بىر سوقۇشىمىز!
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگە ھەممەيلەن يۈگۈرۈپ كىرىپ قۇچاق-قۇچاقلاردا قوراللارنى كۆتۈرۈپ چىقىشتى. ئالدىراش يۈرگەن ئەسكەرلەرنى كۆرۈپ جوۋيۈ تىزگىن سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر قاتار سانلارنى كىرگۈزدى، كومپيۇتېردا كىرىشتۈرۈلگەن سۈنئىي ئادەم ئاۋازى ئاڭلاندى:
ــ بازا ئۆزىنى پارتلىتىش پروگراممىسى قوزغىتىلدى، تاللاش شەكلى قولدا پارتلىتىش، بازا قوماندانى جوۋيۈ، قوزغىتىش شىفىرىنى كىرگۈزۈڭ!
جوۋيۈ ئەتراپتىكى ئۆزىگە قاراپ تۇرغان خىزمەتچى خادىملارغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۈلۈپ تۇرۇپ دېدى:
ــ بۇ مېنىڭ زېگېرلارغا بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى سوۋغام، ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇلار بۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىپ كېلەلىسە!
ھەممەيلەن بۇنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭىشتىشتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى جوۋيۈگە ئوخشاش ئويلاۋاتاتتى. جوۋيۈ بېشىنى لىڭىشىتىپ قويۇپ، بارماق ئىزىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان تىزگىن سۇپىسى ئالدىدا ئۇزۇن بىر قاتار شىفىرنى كىرگۈزدى.
ــ شىفىر توغرا!ــ ئاۋاز ئاياقلىشىشى بىلەن تىزگىن سۇپىسىدىن بىر ئاچقۇچ تىقىدىغان تۆشۈك كۆرۈندى، جوۋيۈ يۇشۇرۇپ قويۇلغان بىر شىفىرلىق چاماداندىن بىر ئاچقۇچنى ئېلىپ تۆشۈككە تىقتى، ھازىر ئەگەر ئۇ ئاچقۇچنى تولغىسىلا پۈتكۈل بازا بەش سېكۇنتتىلا ئاي شارىدىن مەڭگۈلۈك يوقايتتى!
ئاي شارى ھاۋا بوشلۇقىدا ليۇخۇا لەپپەڭشىپ ئاران قالغان پىلانېتلار ئارا جەڭ ئۇچقۇسىنى ھەيدەپ ساناقسىز چىرىتكۈچى سۇيۇقلۇقلار ئارىسىدىن بۆسۈپ ئۆتتى. ليۇخۇا ئاللىقاچان توققۇز دانە چىرىتكۈچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى، ئەمما ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن جەڭ ئۇچقۇسى ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۈشمەننى يوقىتىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتاتتى. راداردا ھەممە يەردە زېگېرنىڭ قىسىملىرى كۆرۈنەتتى، ئەتراپتا قىسىملىرىمىزنىڭ جەڭ ئۇچقۇلىرىدىن ئانچە كۆپ قالمىغان ئىدى، شۇنداقتىمۇ نەچچە ھەتتا ئون نەچچە دانە چىرىتكۈچىلەر تەرىپىدىن قوغلىنىۋاتاتتى.
ــ ئۆلگۈر، ئەجەبا بىز راستىنلا مۇشۇ قۇرۇتلارنىڭ قولىدا ئۆلەرمىزمۇ؟ــ ليۇخۇا مۇشۇنى ئويلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن ئۆزىگە ئۇدۇل ئېتىلىپ كېلىۋاتقان بىر چىرىتكۈچىنى كۆردى، ئۇنىڭ ئاغزىدىن كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان چىرىتكۈچ شۆلگەي ئېتىلىپ چىقتى!
ليۇخۇا قاتتىق چۆچۈپ چىرىتكۈچى سۇيۇقلۇقتىن ئۆزىنى ئالدىراش چەتكەن ئالدى، ئۇچقۇ گەۋدىسى قاچالىغان بىلەن قانىتى قاچالمىدى. چىرىتكۈچى سۇيۇقلۇق قاناتقا زەربە بىلەن تېگىپ، قاناتنىڭ يوغان بىر پارچە يېرى ئېرىپ كەتتى، پىلانېتلار ئارا ئۇچقۇ خۇددى ھاراق ئىچكەن زابويدەك ئوڭ-سولغا ئىغاڭشىپ كەتتى، ليۇخۇا جېنىنىڭ بېرىچە ئۇچقۇنى مۇقىملاشتۇرماقچى بولدى، بىراق يەنە بىر ئۇچۇم ئېرىتكۈچى سۇيۇقلۇق تەسىرىدە پۈتكۈل ئۇچقۇ ھاۋادا ئوت يالقۇنىغا ئايلاندى.
يەر شارى ئوربېتىسىدا يۈزلىگەن ئالەم كېمىلىرى تۈمەنلىگەن پىلانېتلار ئارا ئۇچقۇلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا زېگېرنىڭ چىرىتكۈچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا جېنىنىڭ بېرىچە تاقابىل تۇرۇۋاتاتتى. بارلىق ئۇچقۇچىلار ھەممە تىزگىن بومبىلىرىنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە ھەممە ئوقلىرىنى ئېتىپ تا بىرەر تال ئوقى قالمىغۇچە جەڭ قىلىپ، خالىمىغان ھالدا قايتىپ ئوق-دورا تولۇقلايتتى! ھەر بىر ئۇچقۇچىنىڭ كەينىدە بىر چىرايلىق كۆك رەڭلىك پىلانېت ــ ئۇلار تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن ئانا پىلانېت بار ئىدى! كۆز ئالدىدا ئۇچۇپ يۈرگەن كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتىپ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدىغان بۇ غەلىتە مەخلۇقلارنى كۆرگىنىدە، ئۆزلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان بۇ گۈزەل پىلانېتنىڭ بۇ كۆڭۈلنى ئاينىتىدىغان غەلىتە مەخلۇقلار تەرىپىدىن دەپسەندى قىلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئىختىيارسىز ھالدا غەزەپ ئوتلىرى لاۋۇلدايتتى! ئاخىرغىچە جان تىكىپ ئېلىشىدىغان باتۇرانە روھ ئۇلارنى بارلىق زېگېر قىسىملىرىنى يەر شارى سىرتىدا توسۇپ تۇرۇشقا، زېگېر قىسىملىرىنى بىر قەدەممۇ ئالغا سىلجىش خام خىيالىنى قىلدۇرماسلىققا مۇيەسسەر قىلدى!
يەر شارىدا ھازىر ئەڭ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى! تېخىغىچە تېنچلىقتىن مەسخۇشت بولۇپ يۈرگەن ئادەملەر چۆچۈپ كېتىشتى! قورقۇنچ ۋە ئالاقزادىلىك يامراپ كەتمەستىن، ئەكسىچە ھەممەيلەن تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشقا باشلىدى. ئورتاق دۈشمەن ئالدىدا ئىلگىرىكى ئىنسانلارنى جەڭ مەيدانىدا ئۆزئارا ئەسەبىيلەرچە قىرغىن قىلدۇرغان باھانىلەرنىڭ ھەممىسى نەلەرگىدۇ غايىپ بولغان ئىدى. كىشىلەر خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكلىشىدە تەرتىپلىك ھالدا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى پاناھ جايلارغا كىرىشكە باشلىدى. قېرىلار، ئاياللار ۋە بالىلار ئالدى بىلەن كىردى. ئەرلەر قېپقالدى. بىرمۇ ئەر كىشى كىرىشنى تالاشمىدى. ئەگەر ئۇنداق قىلسا كۆپچىلىك ئۇنى كۆزگە ئىلمايتتى! قېپقالغانلارنىڭ ھەممىسى قىسىملارغا ياردەملىشىپ ئاكوپلارنى ياساشقا باشلىدى، ھەربىي ماشىنىلار بىر-بىرلەپ ھەيدەپ كېلىنىشكە باشلىدى. سەپ بېشىدىكى ئەسكەر ماشىنىدا تۇرۇپ توۋلىدى:
ــ كۆپچىلىك بۇ يەرگە يىغىلىڭلار، مېنىڭ سىلەرگە دەيدىغان گېپىم بار!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ كىشىلەر ئالدىراش يېتىپ كېلىشتى-دە، جىمجىتقىنە بىر يەرگە توپلاشتى. ھېلىقى ئەسكەر قولىغا كاناي ئېلىپ توۋلىدى:
ــ كۆپچىلىك، بىزنىڭ گۈزەل ماكانىمىز زېگېر غەلىتە مەخلۇقلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراش ئالدىدا تۇرماقتا، بىزنىڭ باتۇر ئالەم كېمىسى قىسىملىرىمىز ئاسماندا پۈتۈن كۈچى بىلەن زېگېر غەلىتە مەخلۇقلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسەتمەكتە! ئەگەر زېگېرلار بىزنىڭ مۇداپىئە لېنىيىمىزنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتسە، بىزنىڭ گۈزەل ماكانىمىز زېگېر غەلىتە مەخلۇقلىرىنىڭ ئاياق ئاستى قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. بىز بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىغا ھەرگىز يول قويالمايمىز، بىز بىر تۈركۈم پىدائىي ئەسكەر قوبۇل قىلماقچى! ئەگەر كىمىكى بىز بىلەن بىللە زېگېرلارغا قارشى تۇرۇشنى خالىسا، شۇ ئالدىغا چىقسۇن!
سۆز ئاياقلىشىپ بولغۇچە كىشىلەر تەۋرەپ كېتىشتى، نۇرغۇنلار ئالدىغا بىر قەدەم چىقىشتى، گەرچە دەسلەپتە بىر قىسىملار ئازراق ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قېلىشقان بولسىمۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارمۇ ئالدىغا بىر قەدەم چىقىشتى! كىشىلەر چۇقان سېلىپ توۋلاشتى، ھەممەيلەن «زېگېرلارغا قارشى تۇرۇپ، ئۆز ماكانىمىزنى قوغدايلى!» دەپ توۋلىشاتتى، بەس-بەستە زېگېرلار بىلەن ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشەتتى. ھېلىقى ئەسكەر بۇنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا دېدى:
ــ بىز ھازىر ھەر قايسىڭلارغا قورال تارقىتىپ بېرىمىز، كۆپچىلىك قورالنى ئالغاندىن كېيىن ئەسلى ئورنۇڭلاردىن مىدىرلىماڭلار، بىز قوراللارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرىمىز!
ئۇ قولىنى بىر شىلتىۋىدى، ھەربىي ماشىنا يېنىدىكى بىر ئەسكەر:
ــ كۆپچىلىك، بۇياققا كېلىپ رەتكە تىزىلىڭلار! ھەممىڭلار بۇ يەرگە كېلىڭلار!ــ دېدى. كىشىلەر مېڭىپ كېلىپ تىزىلىشتى، ئەسكەرلەر ماشىنىدىن قوراللارنى چۈشۈرۈپ، ھەربىر ئادەمگە بىر-بىرلەپ تارقىتىپ بېرىشكە باشلىدى. بىر قىسىم قورال مەستانىلىرى قوللىرىدىكى قوراللارغا مەستانىلەرچە قاراپ خۇشال ھالدا سىيلاپ كېتىشتى. بەزى ئەسكەرلەر ئۈچ-تۆتتىن توپلاشقان كىشىلەر توپىدا كۆپچىلىككە قوراللارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۆزلەشكە باشلىدى!
دەل مۇشۇ پەيتتە ئاي شارى ئاسمىنىدا گېنېرال لىن خەييۈننىڭ جۇڭخۇا دەرىجىلىك ئالەم كېمىسى زېگېرنىڭ جانلىق ئالەم كېمىسى تەرىپىدىن چىڭڭىدە چىرمىشىپ قېلىپ ئاجرىيالماي قالغان ئىدى، زور بىر تۈركۈم يىرتقۇچىلار جانلىق ئالەم كېمىسىنىڭ تۇرۇبىسى ئارقىلىق ئالەم كېمىسى ئىچىگە يۇپۇرۇلۇپ كىرىپ، كېمە ئىچىدىكى مۇھاپىزەتچى قوشۇن بىلەن كەسكىن ئېلىشىۋاتاتتى! يېقىن ئەتراپتا تۇرغان ئالەم كېمىسى قوماندانى لىن خەييۈننىڭ كېمىسىنىڭ ئاستا-ئاستا زېگېرلار تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئامالسىز قاراپ تۇراتتى. ئۆزىمۇ ساناقسىز چىرىتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئورىۋېلىنغاچقا ئارمانغا چۈشلۇق دەرمانى يوق تۇراتتى. چېن جىكۈن كېمىنى ھەيدىگىنىچە جېنىنىڭ بېرىچە سۈرئەتنى تېزلىتىۋاتاتتى، ئەمما زېگېرنىڭ جانلىق ئالەم كېمىسى قىمىرلاپمۇ قويمىدى. چېن جىكۈن تەقەززا بولغان ھالدا دېدى:
ــ بۇ غەلىتە مەخلۇقتىن ئاجراشقا ئامال بولمىدى، گېنېرال!
لىن خەييۈن تەشۋىشلەنگەن ھالدا ئالدى تەرەپتىكى جانلىق ئالەم كېمىسى ۋە ئاسماندا لىق ئۇچۇپ يۈرگەن چىرىتكۈچىلەرگە قاراپ تۇراتتى، كېمىدىن ۋاز كېچىشكە بۇيرۇق قىلغان تەقدىردىمۇ، قېچىپ چىققان ھېچقانداق جەڭ قىلىش ئىقتىدارى يوق قۇتقۇزۇش كېمىلىرىگە ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق ئىدى! لىن خەييۈن تازا جىددىيلىشىپ تۇرغاندا، بىلنەر-بىلىنمەس مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى. لىن خەييۈن ئالدىراپ سورىدى:
ــ نېمە؟ يىرتقۇچىلار بۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدىمۇ؟
بىر ئەسكەر يۈگۈرۈپ كېلىپ دوكلات قىلدى:
ــ ياق، پەقەت بىرنەچچە يىرتقۇچى 24-رايوننىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش تۇرۇبىسىنى بويلاپ ئۆمىلەپ كىرىپ كەلدى. ئۇلارنى يوقىتىپ بولدۇق!
لىن خەييۈن بۇنى ئاڭلاپ ئالدىراش دېدى:
ــ دەرھال توسۇۋېتىڭلار…
سۆزى تۈگەپ بولغۇچە ئالەم كېمىسى قاتتىق سىلكىنىپ كەتتى. سىرتتىكى جانلىق ئالەم كېمىسى كېمە ئىچىگە كىرىۋاتقان قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى بەك ئاستا بولۇپ قالدى دەپ ئويلىدى بولغاي، بىراقلا ئۆزى ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر دانە ئالدى قولىنى زەربە بىلەن ئالەم كېمىسىگە ئۇردى، ھەربىر ئۇرۇشىدا ئالەم كېمىسىنىڭ سىرتىدىن يوغان بىر تۆشۈك ئېچىلاتتى. تەۋرىنىش ئىچىدە ئۇچقۇچى بۆلمىسىدىكى بىر قىسىم ئەسۋاپلاردىن ئوت ئۇچقۇنى چاچراپ چىقىشقا باشلىدى. قالايمىقانچىلىق ئىچىدە كىمنىڭ ئاستاغىنە بىر تىزگىنەكنى ئېلىپ بىر كونۇپكىنى بوشقىنە باسقىنىنى بىلگىلى بولمىدى، ئالەم كېمىسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى پېچى زىيادە كۈچەپ ئايلىنىپ، ئىتتىرگۈچتىن چىققان كۆك رەڭلىك نۇر كۆزنى بىردىنلا باشقىچە قاماشتۇرىۋەتتى! زېگېرنىڭ جانلىق ئالەم كېمىسىمۇ بۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتۇلماقچى بولغان ئالەم كېمىسىنى تۇتۇپ تۇرالماي قالدى. ھەرىكەتلەندۈرگۈچى پېچنىڭ كۈچى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ قالغاندا زېگېرنىڭ جانلىق ئالەم كېمىسى پەقەت تۇتۇپ تۇرالمىدى، ئالەم كېمىسى كۈچلۈك ئېتىلىپ چىقتى، بىراق بۇنىڭ بەدىلىگە كېمە گەۋدىسىدە بىر تال ئۇزۇن ئىز قالدى. زېگېرنىڭ جانلىق ئالەم كېمىسى ئۆز قولىدىكى ئولجىنىڭ قېچىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئالدىراش قايرىلىپ قوغلاپ كەلدى، بىراق ماگنىت زەررىچە زەمبىرىكى ئۇنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئاستىلىتىپ قويدى، زىيادە قوپال گەۋدىسى زورۇققان ھالدا ئالەم كېمىسىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتاتتى!
ئالەم كېمىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۈمىدسىزلىكتىن ھەيرانلىققا، ئارقىدىنلا ھەيرانلىقتىن خۇشاللىققا چۆمدى. ئۆزلىرىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، تاپ بېسىپ كېلىۋاتقان زېگېرنىڭ جانلىق ئالەم كېمىسىگە قاراپ، ئۇلار ھازىر پەقەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى پېچنىڭ چىقارغان ئېنېرگىيسىنىڭ ھەرگىزمۇ يوقالماسلىقىنىلا تىلىيەلەيتتى، ئەگەر زېگېرلار قوغلاپ يېتىشىپلا قالسا ئۆزلىرىگە ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق ئىدى! بىراق بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشمايتتى، ئېنېرگىيە ئاز-ئازدىن خوراپ، ئەڭ ئاخىرى ئالەم كېمىسى توختاپ قالدى، زىيادە كۈچەپ ئايلىنىشنىڭ نەتىجىسىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى پېچمۇ ئەمدى پەقەت قوزغىلالمىدى، كېمە ئىچىدە ھەممە يەردە قېتىراپ يۈرگەن يىرتقۇچىلارنى، ئۆزلىرىگە بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان جانلىق ئالەم كېمىسىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەن ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ تۈگەشكەنلىكىنى بىلىشتى. بىراق ئاللىقاچان ئاستاغىنە قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىغا كېلىپ بولغان پولۇتۇسلارنىڭ يىراق سەپەر قوشۇنى قىسىملىرى بۇنداق ئويلىمىدى، نەچچە ئون توشۇغۇچىلار ئۆزلىرىدە ئالاھىدە بار بولغان ماكان ئاتلاپ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئىشلەتتى، تېخىغىچە قاتمۇ-قات مۇھاسىرىدە تۇرغان جۇڭخۇا دەرىجىلىك ئالەم كېمىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئالەم كېمىسىنىڭ ئۈستىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان كۆك رەڭلىك قاينامنى كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىشتى، غايەت زور تارتىش كۈچى پۈتكۈل ئالەم كېمىسىنى يۇتۇپ ئېلىپ كىرىپ كەتتى، پەقەت بىر ئامېرىكىلىق خىزمەتچى خادىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزىلا قېلىپ قالدى:
ــ خۇدا ساقلىغاي!
زېگېرنىڭ بايراقچى كېمىسىدىكى مادېس ھەم ئەنسىرىگەن ھەم ئازراق روھلانغان ھالدا دېدى:
ــ قارىغاندا قاتتىق جەڭدىن ساقلانغىلى بولمىغۇدەك، جەڭ پاتلا پارتلىغۇدەك!
يۇدېسنىڭ غوزىكىدىكى سەزگۈچ قوللار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قىسقىراپ كىرىپ كەتتى، يۇدېسنىڭ غوزىكى تەۋرەشكە باشلىدى، پەقەت ئۇنىڭ خىقىرىغان ئاۋازىلا ئاڭلاندى:
ــ توغرا! دەل ۋاقتىدا كەلدىڭلار، پولۇتۇسلار! بۇ قېتىم بىز چوقۇم كونا ھېسابىمىزنى راۋۇرۇس ھېسابلىشىۋالايلى!




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif