ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 974ـ كۆرۈرمىنى
sumayya
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
---|
يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى تېخنىكوم مەكتىپى___ ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ، ئاتۇشنىڭ ئېكىساق كەنتىدە ئاكا - ئۇكا مۇسابايوپلار تۇنجى قېتىم يېڭى مائارىپنىڭ مەشئىلىنى ياقتى .شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردا يېڭىچە مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىشتىن ئىبارەت دەسلەپكى يېڭى مائارىپچىلىق ھەركىتى شەكىللەندى. ئەينى دەۋىردە بۇ يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنڭ شەكىللىنىشىدە دۇچ كەلگەن جىددىي قىيىنچىلىق ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك ئىدى . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلار دىنىي مۇتەئەسىسىپ كۈچلەرنىىڭ توسقۇلۇقىغا قارىماستىن ،قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشلەر ۋە بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ،چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،تۇركىيىدىن يەتتە نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ ئەككەلدۇردى . ئۇلار ئاتۇشقا كەلگەندىن كېيىن باھاۋۇدۇن مۇسابايۇپنىڭ تاپشۇرقىغا بىنائەن ،ئوقۇتقۇچى مەسلىسىنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ ،1907 -يىلى ئوتتۇرا تېخنىكوم خاراكېىردىكى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى قۇردى .بۇ مەكتەپ ''ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى "دەپ ئاتالدى .مەكتەپ مۇدىرلىقىغا ئەخمەت كامال قويۇلدى. بۇ مەكتەپكە ئاتۇش ،قەشقەر، خوتەندىن بولۇپ جەمئىي 40 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق،تاماق، كىيىم-كېچەك،دەپتەر-قەلەم راسخوتلىرى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى باھاۋۇدۇن مۇسابايۇپ تەرپىدىن تەمىن ئېتىلدى،شىپاھىيە ،ئەدەبىيات،رۇس تىلى،پارىس تىلى،تارىخ، جۇغراپىيە،ھال ئىلمى(تەبىئەت دەرسى)،تەنتەربىيە،غەزەل، رەسىم دەرىسلىرى تەسىس قىلىندى .مەكتەپ تەرپىدىن مىغ مەتبەدە مەخسۇس ئېلىپبە كىتابى باستۇرۇلدى.ھەر قايسى دەرىسلەر قاتتىق تەلەپ ئاستىدا .ئۆتۇلگەندىن سىرت ،تەنتەربىيە دەرسىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرلگەنىدى.دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىپ تۇراتتى. ''ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى" 1909-يىلى يازدا داغدۇغىلىق ئوقۇش پۈتتۈرۇش مۇراسىمى ئۆتكۇزۈپ .تۇنجى تۇركۇمدىكى 40 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ھەر قايسى جايلارغا ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئەۋەتتى.ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردا يېڭى پەننىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى"نىڭ ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەپ يېتۇشتۇرۇش جەريانى شىنجاڭنىڭ يېڭى مائارىپچىلىق ھەركىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىدى ،گەرچە ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلشى بىلەن بۇ جەريان ئۈزۈلۇپ قالغان بولسىمۇ،1926- يىلىغا كەلگەندە ئاكا-ئۇكا مۇسا بايوپلار يەنە شۇ مەكتەپتە ئقۇپ كەلگەن زۇنۇنباي قاتارلىق كىشلەرنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلدىئ.ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇسابايۇپلار تەرپىدىن خىزمەتكە تەقسىم قىلنىپ ،مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودا ئورۇنلىرىغا ئىشقا قويۇلدى.شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدا ياۋرۇپاچە بوغالتىرلىق كەسپى يولغا قويۇلۇپ، يېڭىچە سودا قىلىش ئىشلىرى باشلاندى. "ھەبىب زادە دارىلمۇئەللىمىن"نىڭ تەسىرى بىلەن 1932-يىلىدىن كېيىن قەشقەردە يېڭى پەننىي مەكتەپلەر قۇرلۇشقا باشلىدى. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئېكىساق مائارىپىدا تەربىيىلەنگەب ئوقۇغۇچىلار ئۈستىگە ئالدى. شۇ ۋاقىتتا ئېكىساق مائارىپى قەشقەردە كەينى -كەينىدىن قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى يېتىشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يەنە بىر دارىلمۇئەللىمىن سىنپىنى تەسسىس قىلىپ،26 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ ،ئوقۇتقۇچىىلققا چىقىرىپ بەردى. بۇ دەۋىر شىنجاڭنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى يەنە بىر قېتىملىق يېڭى مائارىپچىلىق ھەركىتىنىڭ شەكىللىنىشى بولۇپ، بۇ جەرياننى "ھەبىب زادە دارىلمۇ ئەللىمىن مەكتىپى"نىڭ تەسىرى ۋە ئۇنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ. [ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-05-24 00:17 دە قايتا ] |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 974ـ كۆرۈرمىنى
tarhan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
---|
سۇممايا ! يازمىللىرىڭىزنى مەن ۋە ئورخۇندىكى بارىلىق يولداشلار ئوقۇپ ناھاييىتى خۇرسەن بولدۇق . ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ھارمىغايسىز . بۇ يازمىلار ئۆزىڭىزنىڭمۇ ياكى باشقا مەنبەلەردىن ئىلىنغانمۇ ؟ ئەگەر باشقا مەنبەلەردىن ئالغان بولسىڭىز مەنبە نامىنى كىرگۇزۇپ قويغان بولسىڭىز . ئاتۇشنىڭ مول تارىخى مەدەنىيەت قاتلىمىنى تەتقىق قىلىشتا مەنبە تولۇق ئەسكەرتىلمىسە بىزمۇ يۇقارقى مەلۇماتلارغا گۇمان بىلەن قاراپ قالىدىكەنمىز . يەنىمۇ كۆپ يازمىلارنى يوللىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن . رەھمەت . |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 974ـ كۆرۈرمىنى
sumayya
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 974ـ كۆرۈرمىنى
udun
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 974ـ كۆرۈرمىنى
halipjan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 974ـ كۆرۈرمىنى
udun
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |