ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2008-07-11 17:22

 «گۇلىــــــــــستان»شەيخ سەئدى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: بۇ يازمىغا Yawuz تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-07-16)

«گۇلىــــــــــستان»شەيخ سەئدى







پارىس خەلقىنىڭ13ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر شائىرى شەيىخ سەئىدىنىڭ(تولۇق ئىسمى شەيىخ مۇسلىھىددىن سەئىدى شىرازى) «گۇلىستان»ناملىق مەشھۇر ئەسىرى يالغۇز پارىس كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىلا ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ۋە مۇھىم بايلىق يادىكارلىقلاردىن بىرى بولۇپ قالماستىن،بەلكى جاھان مەدەنىيەت غەزىنىسىدىمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ھۆرمەتلىك بىر ئورۇننى ئىگىلىگەن.
«گۇلىستان»قاپىيلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن قىسقا ھېكايلىەر،ھېكىمەتلەر،ئىبىرەتلىك سۆزلەر توپلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ،ھەر بىر ھېكايە ئارلىقلىرغا مۇۋاپىق شرئىر مىسرالىرى قىستۇرۇلغان،سەككىز بابلىق بۇ نادىر ئەسەردە شۇ زاماندىكى ئىجدىمائي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرى،بولۇپمۇ 13-ئەسىردىكى فېئودالىزىم جەميىتىنىڭ تۈرلۈك قاتلاملىردىكى ھاياتنىڭ رىيال مەنزىرسى ئاجايىپ تولۇق سۈرەتلەپ بېرىلگەن،ئادالەت،ئىنسانپەرۋەرلىك،ۋەتەنپەرۋەرلىك،خەلىقنى سۈيۈش،ساداقەت، ۋاپا، مېھرى-مۇھەببەت،سېخىلىق،ئالىجاناپلىق ۋە باشقا گۈزەل ئەخلاقلار مەدھىيلەنگەن.قالاقلىق،رىياكارلىق،جاھالەت،يالغانچىلىق،ئالدامچىلىق،ئاچكۆزلۈك،زالىملىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جەميەتتىكى چىرىكلىكلەر ھەجۋى تىل بىلەن كەسكىن تەنقىد ئاستىغا ئېلىنغان.
شائىرنىڭ ھاياتى توغرىسىدا مەخسۇس ماتېريال يوق،پەقەت ئاپتۇر ئۆز ئەسەرلىرىدە زىكرى قىلغان بەزى پاكىتلار بىزگە ئۇنىڭ تەرجىمھالى توغرىسىدا ئومۇمى چۈشەنچە بېرەلەيدۇ.
سەئىد 1203-يلى ئوپچورىسىدە ئىراننىڭ شىراز شەھرىدا ئوتتىرا قاتلامغا مەنسۇپ ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.تەخمىنەن20ياش ۋاقتىدا ئوتتىرا شەرقنىڭ مەدىنيەت مەركىزى ھېسابلانغان،قەدىمىي شەھەر باغداتقا بېرىپ،مەشھۇر«نىزامىيە»مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان.ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئۆز ۋاتىندىن كۆپ قېتىم سەپەرگە چىقىپ،چەت مەملىكەتلىرىدە ۋە شەرىقنىڭ بىرمۇنچەشەھەرلىردە ساياھەتتە بولغان.ئون تۆت قېتىم ھەج قىلغان:غەرپتە شىمالىي ئافرىقىغا قەدەر بارغان،ئەرەپ سەھرالىرىنى كەزگەن.مىسىر،ھەبەشىستان تۈركىيە قاتارلىق،مەملىكەتلەردە بولغان:دەمەشىق،ئېرۇسالىم،تىر ىپولى ھەلەب قاتارلىق شەھەرلەرنى كۆرگەن:شەرقتە ئافغانىستان،ھىندىستان،ئوتتىرا ئاسىيا رايونلىردا سەپەر،زىيارەتتە بولغان.ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي شەھرى بولغان قەشقەرغىمۇ كېلىپ كەتكەن.
شائىر دەرۋىشلىك ھاياتىنىمۇ باشتىن ئۆتكۈزگەن،ئەھلى سەلىپ ئۇرۇش ۋاقتىدا،ئۇ فەرەڭلەرنىڭ ئەسىرلىگىدىمۇ بولغان.چوڭ شەھەرلەردە ئالىملارنىڭ مۇنازىرلىرگە قاتناشقان.چەت يۇرتلاردا نۇرغۇن ئىشلارنى،ئاجايىپ ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن،ئاچچىق ئەلەملەرنى،ئۆلۈم خەۋپى،ئاچلىق،مۇھتاجلىق دەردىنى تارتقان،30يىلچە چەتئەلدە يۈرۈپ،ھەر بىر جايدا ئىجدىمائى تۇرمۇشنى ئۆزىگە خاس زېرەكلىك ۋە ماھارەت بىلەن كۈزۈتكەن،ۋە ئۈگەنگەن.سەئىد ئاخىرى ئۆزئانا يۇرتى شىرازغا قايتىپ كېلىپ،(-يىلى باھاردا1258)«گۇلىستان»ناملىق ئۆلمەس ئەسىرنى ياراتقان.شائىر بۇ ئىككى ئەسەرنى يېزىشتا،خەلققە پەندى-نەسىھەت ۋە تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلغان.ئاپتور«گۇلىستان»نىڭ خاتىمسىدە مۇنداق دەيدۇ:



بىز نەسىھەتنى جايىدا يەتكۈزدۇق،
بۇ بىلەن بىر بولۇك چاغنى ئۆتكۈزدۇق.
بىراۋلار مەيلى قىلمىسا رىغبەت،
ئەلچىنىڭ بۇرچى خەۋەر بېرىشلا پەقەت.




سەئىد ئۆز زامانىسىدا يۈكسەك ئەخلاقنىڭ ئالى جاناپ كۈيچىسى،ئادالەتنىڭ قىزغىن ھىمايچىسى بولغان ئىدى.ئۇ دۇنيادىكى قارىمۇ-قارشىلىقلارنى،ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى تەڭسىزلىكلەرنى چۈشىنىپ يەتكەچكە،بۇ قارىمۇ-قارشىلىقلارنى،ئۆز ئەسىردە دانالىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن.ئۇ دۇنياغا،ئۆز ۋەتىنىگە،كىشلەرگە مۇھەببەت بىلەن قاراشنى تەرغىپ قىلغان،خەلقلەرنىڭ قېرىنداشلىقى ۋە باراۋەرلىگىنى ياقلىغان.شائىر تەخمىنەن 1292يىلى 90يېشىدا ۋاپات بولغان.

تېمىنى قالايمىقان كۆچۈرمەڭ،ئىلكىتابتىن كۆچۈرگەن ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلىڭ.

تەستىقلانغاندىن  كېيىن داۋامىنى يوللاي.
[ بۇ يازما بەندە تەرىپىدىن 2008-07-14 14:45 دە قايتا ]
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1686
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 19
شۆھرىتى: 25 نومۇر
پۇلى: 195 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-25
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-01-31
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-07-14 10:45
رەھمەت سىزگە "بەندە" ئەپەندىم، داۋامىغا تەشنامىز!!!
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-07-14 14:06
داۋامى:
«گۇلىستان»يۈكسەك بەدىئى قىممەتكە ئىگە زور ئەدەبى ئەسەر بولۇپلا قالماستىن،بەلكى نۇرغۇنلىغان تارىخ،جۇغراپىيگە ئائىت بار مەلۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنبە سۈپتىدىمۇ پايدىلنىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر ئەسەردۇر،شۇنىڭدەك پارىس كىلاسسىك ئەدەبىى تىلنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يادكارلىغىدۇر.
شائىر بۇ ئەسەرنىخەلق ئىجادىيتى،خەلق كۆز قارىشىۋە خەلق تىلى ئاساسىدا يېزىپ چىققانلىقتىن،بۇ ئەسەر بارلىققا كەلگەن كۈندىن تارتىپلا يېقىن ۋە ئوتتىرا شەرقنىڭ ھەممە يېرىگە، ئوتترا ئاسىياغا تېزلا مەشھۇر بولغان ۋە خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان.ئۇنىڭدىكى نۇرغۇنلىغان ئىبرەتلىك سۆزلەر ۋە ھېكىمەتلەر خەلق تەمسىلىلىرگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ،تا ھازىرغا قەدەر خەلق ئارسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە.شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى،شەيخ سەئدى فېودالىزىم دەۋرىدە ياشىغان،ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان كىشى بولغانلىقتىن،بۇ ئەسەردە بەزىبىر پاسسىپ پىكىرلەرنىڭ ئىپادىلنىپ قېلىشى تەبىئى ئەھۋال.
«گۇلىستان»مەيدانغا كېلىش بىلەن ئىران،ئوتتىرا ئاسىيا،تۈركىيە،ىسىر،ھىندىستانلاردا ۋە باشقا مەملىكەتلەردە قايتا-قايتا كۈچۈرلۈپ،ئۇنىڭ نۇرغۇن قول يازما نۇسخىللىرى بارلىققا كەلگەن.مانا شۇ قوليازمىلار ئاساسىدا بۇ ئەسەر،شەرقتە بولسۇن،شۇنىڭدەك غەرىپتە بولسۇن،تەكرار-تەكرار نەشىر قىلىنغان،ھازىرقى ۋاقىتتا ئىران،ئوتتىرا ئاسىيا،تۈركىيە،مىسىر،ئافغانىستان،كاپكازلاردا ۋە ياۋروپادا ھەرقايسى دەۋرلەردە تاش باسما ۋە مىخ مەتبەدە بېسىلىپ چىققان نۇسخىللىرى 200گە يېتىدۇ.
شۇن قەيىت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى،بۇ ئەسەردە ھەرقايسى مەملىكەتلەردە قايتا-قايتا كۆچۈرلۈش ۋە بېسىلىش جەريانىدا،كاتىپلارنىڭ نادانلىقى ۋە بىپەرۋالىقى تۈپەيلىدىن،نۇرغۇنلىغان سەھۋەنلىك ۋە خاتالىقلار كۆرلۈپ كەلگەن،ھەتتا ئەپتور ئۆزى ئېيىتمىغان يات سۆزلەر،يات جۈملىلەر، شېئىرلار بۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈپ قويۇلغان.بەزى كاتىپلار كۆچۈرۈش جەريانىدا شائىرلىق ئىلھامى تۇتۇپ كېتىپ،مەزمۇنسىز ئاددى شېئىرلارنى كىرگۈزۈپ قوشۇپ قويغان.ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن نۇسخىلاردا بۇ ئېلىشمانچىلىق،كۆزگە ياققال چېلقىدۇ.ھەر بىر ھېكايىنى ئوقۇغاندا،سۆز جۈملىلەردىكى كېلىش قوشۇمچىللىرنىڭ ئوخشاشماسلىغى،ئالمىشىپ كەتكەن سۆزلەرياكى ئوشۇق سۆزلەر ئۇچىراپ تۇرىدۇ.ھازىرقى ۋاقىتتا ئەڭ موتىۋەر ھىسابلانغان بەزى نۇسخىلاردىمۇ بەزى پەرىقلەر بار.
بۇ ئەسەردە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق-خاتالىقلارنى تۈگتىش ۋە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسنى تۇرغۇزۇش يۈزسىدىن 16ئەسىردىن باشلاپ ئىران،تۈركىيە ۋە باشقا مەملىكەتلەردە كۆپلىگەن ئالىملار بىرمۇنچە ئىلمىي ئىشلارنى قىلدى ۋە بۇ ساھەدە مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
«گۇلىستان»نىڭ تۈركچە تەرجىمسى15-ئەسىردىلا بارلىققا كەلگەن.16-ئەسىردە تۈركيەلىك مەشھۇر تىلشۇناسلاردىن سۇرۇرى،شەمئى ۋە سۇدى،ئارقىمۇ-ئارقا «گۇلىستان»نىڭ شەرھىنى يېزىپ چىقىپ،ھەربىرى ئۆز ئەسىرگە «شەرھى گۇلىستان»دەپ نام قويغان.سۇرۇرى بۇ ئەسەرنى ئەرەپ تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىپ،ئەسلى پارىسچە تېكىستى بىلەن بىللە باستۇرغان.ئۇنىڭدىن كېيىن،ئىران،تۈركىيە،ھىندىستان ۋە باشقا مەملىكەتلەردە،نۇرغۇنلىغان شەرھىسى نۇسخىسى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ،سۇدىنىڭ«شەرھى گۇلىستان»ى ئۇلارنىڭ ئارسىدا ئالايىتەن ئورۇن تۇتىدۇ.
«گۇلىستان»خېلى بۇرۇنلا ياۋروپادىكى تىلشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان.17-ئەسىردە گوللاندىيلىك مەشھۇر ساياھەتچى ئادەم ئولېئارى بۇ ئەسەرنى نىمىسچىغا تەرجىمە قىلغان،1651-يىلى گىئورگى گېنىتسىي لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىپ،پارىسچە تېكىستى بىلەن بىللە نەشىر قىلدۇرغان.
ئېنگلزچە تەرجىمسىنى1975-يىلى خارىنگتون،1806-يىلى گىلادۋىن،1807-يىلى جەيمىس ديۇمۇلىن،1827-يلى جون كوكىس،1850-يلى ئىستۋىك ئىشلىگەن ۋە تولۇق نەشىر قىلدۇرغان.كېيىنكىللىرى ئالدىنقىللىرنىڭ خاتالىق - كەمچىللىكلىرنى تۈزەتكەن،ئەڭ كېيىنكى ئىنگلزچە تەرجىمسىنى،ۋىنگىريەدە تۇغۇلۇپ،ھىندىستاندا قىرىق يىل ھايات كەچۈرگەن ئالىم ئىدۋارد رېھاتسىېك،(E.Rehatsek)ئىشلىگەن.بۇ تەرجىمە ئىران تىلشۇناسلىرنىڭ نەزىردە مۇكەممەل ۋە موتىۋەر تەرجىمە ھىسابلانماقتا.
رۇسچە تەرجىمسى 18-ئەسىردەئولېئارىنىڭ نېمىسچە تەرجىمسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى 1922-يلى پروفېسور بېرتېلسنىڭ تەرجىمسىگچە بىرنەچچە نۆۋەت نەشىر قىلىنغان.كېيىنكى يىللاردا بۇ ئەسەرنىڭ رۇسچە تەرجىمسى ئۈستىدەئازەر بەيجانلىق ئالىم رۇستەم ئەلىيوپ مەخسۇس ئىلمىي ئىش ئېلىپ بارغان بولۇپ،ئەسەرنىڭ ئەڭ توختالغان مەتنى(تېكىستى)نى ئىلمى ۋە بەدىئى جەھەتتىن پۇختا بولغان تەرجىمسى بىلەن بىللە نەشىر قىلدۇرغان.

«گۇلىستان»خېلى بۇرۇندىن تارتىپ جوڭگو ئالىملىرنىڭ دىققىتنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى.بۇ ئەسەرگە بولغان قىزقىش كېيىنكى يىللاردا يەنىمۇ كۈچەيدى.1927-يىلى تارىخچى ۋە ئەدەبىياتشۇناس جىن جىندۇ «ئەدەبىيات پروگىراممىسى»دېگەن كىتاۋىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا شەيخ سەئدى توغىرلۇق ئالايىتەن توختالغان،ئۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم ھىكايەتلەر خەنزۇتىلىغا ئۈزلۈكسىز تەرجىمە قىلنىپ تۇردى.1959-1958يىللىرى تولۇق تەرجىمسى نەشىر قىلىندى.بۇ ئەسەرنى يەنە 1980-يىلى خەلق ئەدىبىياتى نەشىرياتى تولۇق نەشىر قىلدى.بۇ نەشىرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمسىنى يولداش شۈي جيەنفۇ ئەنەليىلىك ئىرانشۇناس ئالىم ئېستىۋىك(E.B.Eastiwick)نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمسىگە ئاساسەن ئىشلگەن.
«گۇلىستان»نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان مەدرىسلەردە دەرىسلىك سۈپتىدە ئوقۇلۇپ كېلىنگەن.پارىس تىلى ۋە ئەدەبىياتنى ئۆگەنگۈچىلەر بۇ كىتابنى بىرىنچى قېتىم قولىغا ئالماي مۈمكىن ئەمەس ئىدى.«گۇلىستان»نىڭ ئىران،ھىندىستان،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردا تاش باسمىدا بېسىلغان ھەرخىل نۇسخىللىرى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قەشقەر ۋە باشقا شەھەرلىرمىزدە كەڭ تارالغان.موشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاشكەنتلىك مۇراد خوجا ئىشان«گۇلىستان»نى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان بولۇپ،«شەۋقى گۇلىستان»①دەپ نام قويغان(«شەۋقى گۇلىستان»ـــ1940-يىللىرى ئوپچورىسدەتاشكەنتتە تاش باسمىدا بېسلىپ چىققان.مۇراد خۇجا ئىشان«گۇلىستان»نى چاغاتاي تىلى ئاساسىدا سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلغان).
بۇ كىتاب(شەۋقى گۇلىستان)مۇ خەلقنىڭ قولىدا ئانچە-مۇنچەساقلىنىپ قالغان.

ئازاتلىقنىڭ ھارپىسىدا غۇلجىدا چىققان«ئىتتىپاق»ژورنىلنىڭ ئايرىم سانلىرىدا بەزى ھېكايەتلەرنىڭ تەرجىمسى بېسىلىپ چىققان.بۇ قېتىم كەڭ كىتابخانلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ،بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشقا جاسارەت قىلدىم.تەرجىمە جەريانىدا بىر نەچچە نۇسخا سېلىشتۇرلۇپ چىقىلدى،مېنىڭ قارشىمچە،«گۇلىستان»نىڭ ئەڭ توختالغان تېكىستى 1971-يىلى تېھراندا مۇھەممەد ھۈسەيىن تەسبىھى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان پارىسچە-ئىنگلىزچە نۇسخىسى بىلەن 1959-يىلى موسكۇۋادا نەشىر قىلىنغان پارىسچە-رۇسچە نۇسخىسىدىكسى ھېسابلىنىدۇ.بۇ ئىككى كىتابنىڭ تېكىستى بىر- بىرىدىن ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ.بۇ ئەسەر ئاشۇ ئىككى كىتابتىكى تېكىستلەرگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ تەرجىمە بىرىنچى قېتىملىق ئەمگەك بولغانلىقتىن،سەھۋەنلىك-خاتالىقنىڭ بولىشى تەبئى،كىتاپخانلارنىڭ تۈزتىش پىكىرلىرنى قارشى ئالىمەن.

ر.جارى

1982-يىل.يانۋار


ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
①«شەۋقى گۇلىــــــــستان»__1910-يىللىرى ئوپچورىسدە تاش كەنىتتە تاش باسمىدا بېسىلىپ چىققان،مۇراد خوجا ئىشان «گۇلىـــــــتان»نى چاغاتاي تىلى ئاساسىدا سوزمۇ-سوز تەرجىمە قىلغان.

قۇرمۇ-قۇر ئورۇنلاشتۇرغان،كىتابنىڭ ھاشىيسىدە بېرىلگەن شەرھى خېلى تولۇق،مەدرىسسەدە تەھلىل كۆرگەن كىشلەر بۇنىڭدىن خېلى ئوبدان پايدىلنالايدۇ.

[ بۇ يازما بەندە تەرىپىدىن 2008-07-14 14:26 دە قايتا ]
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-07-14 14:43
دىباچە


(مۇقەددىمە)


بسم اللہ الر حمن الر حیم


(شەپقەتلىك،مېھرىۋان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

1


قۇدرەتلىك ۋە ئۇلۇغ خۇداغا مىننەتدارلىق بولسۇنكى،ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش يېقىنلىققا سەۋەب بولىدۇ،شۈكىرنى بەجا كەلتۈرۈش بىلەن نىئمەت كۆپىيىدۇ:ھەر نەپەس بەدەنگە سۈمرۈلگەندە،ئۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ،سىرىتقا چىقرىلغاندا تەنگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ.شۇنداق ئىكلەن،ھەر نەپەستە ئىككى نىئمەت مەۋجۇت ۋە ھەر بىر نىئمەت ئۈچۈن شۈكۈر لازىم.

كىنىڭ بار قولى ھەم تىلىدا ئىمكان،
چىققىلى شۈكرنىڭ ئەھدىدىن ئاسان؟


“ئەي داۋۇد خاندانى شۇكۇر قىلىڭلار!ھالبۇكى بەندىلىرىم ئىچىدە شۇكۇر قلغۇچىلار ئاز”①.

ياخشىدۇر بەندىگە ئۆز قۇسۇرى ئۈچۈن
كەچۈرۈم سورىسا خۇدا ئالدىدا،
ئۇنداق بولمىغاندا خۇداغا لايىق
شۇكرنى ھېچ ئادام قىلالماس ئادا،


ئۇنىڭ ھىساپسىز رەھمەت يامغۇرى ھەممە يەرگە تەڭ چۈشىدۇ:مول نىئمەتلىك سېخى داستىخنى ھەممە جايغا سېلىنغان،ئۇ بەندىللىرنىڭ نومۇس پەردىسنى قاتتىق گۇنا سەۋىۋى بىلەن يىرتىپ تاشلىمايدۇ،كۈندىلىك رىزقى-نەسىۋىسىنى نالايىق خاتالىق سەۋىۋى بىلەن توختۇتۇپ قويمايدۇ.

ئەي كەرەم ئىگىسى،غايىپ غەزنەڭدىن
بەھرمەن قىلسەن گەبر،تەرسانى②
دۈشمەنلەرگىمۇ نەزىرىڭ چۈشەر،
قۇرۇق قويمايسەن دوست-ئاشنانى.


ئۇ تاڭ شامىلى-فەرراشقا③ زۇمرەت گىلەملەرنى سېلىشقا بۇيرۇدى ۋە ئىنىكئانا-باھار بۇلۇتىغا زىمىن بوشۇگىدىكى ئۆسۈملۈكلەر قىزلىرنى(ياش مايسىلارنى)پەرۋىش قىلىشنى تاپشۇردى:دەرەگلەرنى نورۇزلۇق كىيىم بىلەن-يېشىل ياپراق تون بىلەن كىيىندۇرۇپ،ئۇششاق باللىرنىڭ -شاخ-پۇتاقلىرنىڭ بېشىغا باھار پەسلىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىش مۇناسىۋتى بىلەن گۇلتاجلارنى قويدى:ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئاغزىدىن ياسىغان قۇسۇق ئۇنىڭ قۇدىرتى بىلەن ئەڭ ياخشى ھەسەلگە ئايلىنىدۇ،خورما ئۇرغى ئۇنىڭ تەربىيسى بىلەن ئېگىز دەرەخ بوپ قەد كوترىدۇ.

بۇلۇت،شامال،ئاي،كۈن،ئاسمان ساڭا خىزمەتتە،
ئەگەر بىر نان كەلسە قولغا،يېمە غەپلەتتە.
ئەتراپىڭدا فەرمانبەردار ھەممە سەن ئۈچۈن،
ئىنساپسىزلىق،ھەق ئەمرىدىن قاچساڭ،ئەلۋەتتە.


رىۋايەت قىلىنىشىچە،كائىناتنىڭ باشچىسى،مەۋجۇداتنىڭ پەخىرى،ئالەم خەلقنىڭ شەرەپ-شانى،ئادەملەرنىڭ سەرخىلى،زاماننىڭ كامالەتكە تولغان كىشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن__

شاپائەتچى،ئەلچى،سەخى،بىغۇبار،
كەرەملىك،ئۇلۇغۋار،ئەزىزى،موھىردار④.


نەغەم ئۈممەتكە قورغاندىن سېنىڭدەك باشپانا تۇرسا؟
دېڭىز دولقۇنلىرى خەۋپسىز،ئەگەر نۇھ كېمە باشقۇرسا(رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە،نۇھ پەيغەمبەر ئادەم ۋە ھايۋانلارنى كېمىگە سېلىپ توپان سۇيدىن قۇتقۇزۇپ قالغان).

يەتتە يۈكسەككە ئوز كامالى بىلەن،
يەڭدى زۇلمەتنى ئوز جامالى بىلەن.
نەپىس ھەم كۆركەم ئۇندا بار خىسلەت،
دۇئا قىلىڭ ئاڭا،ئەھلى ئايالى بىلەن.


-بىزگە يېتىپ كەلگەن ھەدىستا مۇنداق دېيلىدۇ:قاچاندا بولمىسۇن،تۇرمۇشى پەرىشان گۇناكار بەندىلەردىن بىرى قۇبۇل قىلسا دېگەن ئۇمىت بىلەن ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك خۇدانىڭ دەرگاھىدا توۋىسىغا قول كۆتۈرسە،ئەمما ئاللا تائالا ئۇنىڭغا نەزەر قىلمىسا،ئۇ يەنە كەچۈرۈم سورايدۇ،ئاللا تائالا ئىككىنىچى قېتىم رەت قىلسا،ئۇ ئادەم يىغا-زارى بىلەن يەنە يالۋۇرىدۇ،شۇنىڭدىن كېيىن ئاللا تائالا ئېيتىدۇ:
"ئەي پەرىشتىللىرىم،بەندەمدىن راستىنلا ئۇيالدىم،چۈنكى ئۇنىڭ مەندىن باشقا پەرۋەردىگارى يوق،:شۇنداق ئىكەن مەن ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئوتتۈم،ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدىم،ئۇنى ھاجەتتىن چىقاردىم،چۈنكى بەندىنىڭ كۆپ دۇئا ۋە يىغا زارىسىدىن ئۇيىلىمەن"

قارا،بۇ خۇدا قانچىلىك رەھىمدىل،
گۇنانى قىلار بەندە،ئەما ئۇ خىجىل.


ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇق كەئىبىسىدە رىيازەت چەككۈچىلەر،ئۆزلىرنىڭ تولۇق ئىبادەت قىلالمىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىپ،"ساڭا لايىغىدا ئىبادەت قىلالمىدۇق"دىيشىدۇ.ئۇنىڭ جامالىنى تەئرەپ قىلغۇچىلار ھەيراتتە قېلىپ،"بىز سېنى تىگىشلىك دەرىجىدە تونيالمىدۇق "دىيشىدۇ.

گەر كىشى ۋەسپىنى مەندىن سورىسا،
نىمەدەر بىر دىلسىز،بولمىسا نىشان؟
ئاشىقلار مەشۇقلارنىڭ قۇربانى تۇرسا،
ئولۇكتىن كەلمەيدۇ ئاۋاز ھېچقاچان.


بىر تەقۋادار بېشىنى ياقسىغا چوكۇرۇپ ھەقىقەت دېڭىزىغا غەرىق بولغان ئىدى.ئۇ بۇ ھالەتتىن ئوزىگە كەلگەندە دوستلىردىن بىرى چاقچاق قىلىپ:"سەن سەيرە قىلغان بوستاندىن بىزگە نېمە توھپە-كارامەت ئېلىپ كەلدىڭ؟"دەپ سورىدى،"ئېسىمدىكى،-دېدى تەقۋادار،-گۇلنىڭ قېشىغا بېرىش بىلەنلە ئىتىگىمنى (گۇل بىلەن تولدۇرۇپ)،دوسلۇرۇمغا ھەدىيە قىلاي دېگەن ئىدىم،ئەمما يېتىپ بارغىنىمدا گۇلنىڭ ھىدى مېنى شۇنداق مەس قىلدىكى،ئىتىگىم قولۇمدىن چىقىپ كەتتى".

ئەي سەھەرنىڭ بۇلبۇلى ئىشقنى ئۈگەن پەرۋانىدىن،
ئۇ كويۇپ ئايرىلدى جاندىن،يوق ئۇنىڭدىن ھېچ ئەسەر.
ئشقنى دەۋا قىلغۇچىلار ماھىيەتتىن  بىخەۋەر،
تەھتىگە يەتكەن كىشىدىن كەلمىگەي قايتا خەۋەر.
            *                    *                  *
خىيال،قىياس،ئوي-پەرەزدىن ئۇستۇنسەن خۇدا،
ئېيتىلغاندىن،ئاڭلىغاندىن،ئوقۇغاندىن ھەم.
مەجلىس تۈگەپ،ئومرىمىزمۇ ئاخىرغا يەتتى،
ۋەسىپىڭدە بىز باشلانغۇچتا قالدۇق تا بۇ دەم.


____________________
①قۇرئان34-سۈرە13-ئايەت.
②گەبىر-ئوتقا چۇقۇنىدىغان بۇتپەرەس-خىرىستىيان.
③يەر سۈپۈرگۈچى ھەم توشەك سالغۇچى خىزمەتكار.
④ئەرەپچە دۈمبىسىگە پەيغەمبەرلىك موھرى بېسىلغان دېگەن مەنىدە بولۇپ،بۇ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ بىر سۈپىتى.
[ بۇ يازما بەندە تەرىپىدىن 2008-07-14 14:56 دە قايتا ]
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-07-14 15:06
2


ئىسلام پادىشاسى ئاتا بەك ئەبۇ بەكرى ئىبنى سەئد ئىبنى زەنگى(ئۇنىڭ سەلتەنەتى ئەبەدى بولسۇن)نىڭ ياخشى سۈپەتلىرى بايانىدا

سەئدنىڭ ياخشى گېپى ئەل ئاغزىدا جاراڭلىماقتا،ئۇنىڭ سوزىنىڭ شۆھرىتى يەر يۈزىگە پۇر كەتكەن،ھىكايىللىرنىڭ شېرىن مىۋىلىردىن خەلق خۇددى شېكەر يېگەندەك لەززەتلەنمەكتە،ئۇنىڭ ئەسەرلىرنىڭ ئايرىم قوليازمىلىرى ئالتۇن ئاقچىدەك قولدىن قولغا ئۆتمەكتە.مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كامالىتى،ئىستىداتى ۋە بالاغىتىگىلا باغلىق ئەمەس،بەلكى شۇنىڭغىمۇ باغلىقكى،جاھاننىڭ ئىگىسى،زامان دائىرسىنىڭ ئوق مەركىزى،سۇلەيمان(سۇلەيمان پەيغەمبەر،داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى)نىڭ ئىز باسارى،دىن ئەھلىنىڭ ھىمايەتكارى ئۇلۇغ شەھەنشاھ ئاتابەك مۇزەففەرەددىن ئەبۇبەكر ئىبنى سەئد ئىبنى زەنگى①(خۇدانىڭ يەر يۈزدىكى سايىسى---ئەي پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن رازى بول ھەم ئۇنى رازى قىل!)سەئدىغە غەمخورلوق كوزى بىلەن قارىدى،ئۇنىڭ ئەسەرلىرنىڭ تولۇقياقتۇردى ۋە سەمىمى ئىلتىپات كورسەتتى،نەتىقىدە خاس-ئاۋام ھەممە كىشى سەئدىگە مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان بولدى،چۈنكى “خالايىق ئوز پادىشالىرنىڭ كوز قارشىغا ئەگىشىدۇ “②(بۇ جۇملە ئەرەپ ماقالى)

مەن مىسكىنگە نەزرىڭ چۈشكەندىن بۇيان،
ئەسەرلىرىم بولدى كۈندىنمۇ ئايان.
گەرچە كۆپ مەن قۇلدا كەمچىللىك-نۇقسان،
ھەر ئەيىپمۇ ھۇنەردۇر،ياقتۇرسا سۇلتان.
* * *
قولۇمغا بىر كۈنى ھاممامدا بەردى،
ئاجايىپ خۇشپۇراق بىر گىلنى③ دوستۇم.
دىدىم بۇ گىلگە:“سەن ئىپارمۇ-ئەنبەر؟
ھىدىڭدىن مەس بولۇپ شاتلاندىن كوڭلۇم!“


دېدى ئۇ:"مەن ئىدىم بىر پارچە چالما،
ۋە لېكىن بىر مەھەل گۇل بىلە تۇردۇم.
ماڭا يۇقتى ئۇنىڭ خىسلەت-كامالى،
بۇ خىسلەت يۇقمىسا،تۇپراقتا ئورنۇم".


ئەي ئاللا،ئۇنىڭ ئومرىنى ئۇزۇن قىلىش ئارقىلىق موسۇلمانلارنى بەختىيار قىل:ئۇنىڭ ياخشى قىلىقلىرى ۋە ياخشى ئىشلىرنىڭ ساۋاۋىنى نەچچە ھەسسە كوپەيتكىن:دوستلىرى ۋە ئەمەلدارلىرنىڭ مەرتىۋسىنى يۇقرى كوتەرگىن:قۇرئاندا ئوقۇلغان ئايەتلەرھەققى-ھۆرمىتى،ئۇنىڭ دۇشمەنلىرنى ۋەقارا نىيەت رەقىپلىرنى يەر بىلەن يەكسان قىل:ئەي خۇدا،ئۇنىڭ مەملىكىتىنى ئامان قىل،بالا-چاقىللىرنى ئوز پاناھىڭدا ساقلا.

ئۇ بىلە دۇنيا گۇزەل،كۇلسۇن ئۇنىڭ بەختى ئەبەت،
ھەقتائالا ئۇنى كۇچلۇك ئەيلىسۇن نۇسرەت بىلەن.
بولسا يىلتىز ئۇ ئەگەر،ئاينىيدۇ تېزلا ياش كوچەت،
ئۇرۇغىبولسا ئىسىل،ئوسكەي گىيا زىننەت بىلەن.


ئۇلۇغ ۋە مۇقەدەس تەڭرى شىرازنىڭ(ئىراندىكى قەدىمقى بىر شەھەر،سەئدىنىڭ يۇرتى)پاك تۇپرىغىنى ئادىل ھاكىملارنىڭ تەسىر كۈچى بىلەن ھەمدە ئىشچان ئالىملارنىڭ ھىممىتى بىلەن قىيامەت كۈنىگىچە ئامانلىقتا ساقلىسۇن!

يوق زاماننىڭ ئاپىتىدىن پارىس ئىقلىمىدە غەم،
ئۇستىدە بولسا سېنىڭدەك بىر ئىلاھىي سايىۋەن.
يەر يۈزىدە ئۇشبۇ كۈن ھېچكىم بېرەلمەيدۇ نىشان،
ئىشىك ئالدىڭدىن بولەك ھېچ يەردە يوق دارىلئامان.
ئاسىرماق زىممەڭدەدۇر بىچارىلەرنىڭ كوڭلىنى،
شۇكرى بىزدىن،ئەجىر بەرمەك ھەقتائالادىن ھامان.
ساقلا،تەڭرى،پىتنە-جۇدۇندىن پارىس تۇپراغىنى،
تا جاھاندا بار ئىكەن تۇپراق بىلەن شامال-بوران.



______________
①(1226-125پارىس ھوكۇمدارى ،سەئدنىڭ ھىمايچىسى.
②بۇ جۇملە ئەرەپ ماقالى.
③گىل___قىزىل توپا،قەدىمقى چاغلاردا كىشىلەر ھاممامدا يۇيۇنغاندا گىلدىن ياسالغان چالمىنى بەدىنىگە سۈرتەتتى.
yol
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-07-14 15:15
3

كىتابنىڭ يېزىلىش سەۋىۋى


بىر كچە ئوتۇپ كەتكەن كۈنلىرىمنى ئويلاپ،زايا بولغان ئومرۈمگە ئېچىندىم-دە،دىل سارايچىسىنىڭ تاشلىرىنى كۆز يېشىمنىڭ ئالماسلىرى بىلەن تەشتىم ۋە ئوز ھالىمغا مۇناسىپ مۇنۇ بېيىتلارنى ئېيىتتىم:

ئومۇرۇمنى تۇگىتەر ھەر نەپەس،ھەر ئان،
قارىسام،ئۇنىڭدىن كوپى قالمىغان.
ئەي كىشى ئۇيقۇدا كەتتى ئەللىك يىل،
بۇ قالغان بەش كۇننى سەن غەنىمەت بىل.
شۇ كىشى خىجىلدۇر كەتسە ئىش قىلماي،
كوچۇش ۋاقتى يەتسە يۈكى ئارتىلماي.①


ھارغان چاغ شېرىندۇر ئۇيقۇ سەھەردە،
ياياقنى قالدۇرار يولدىن سەپەردە.
كىمىكى يېڭىدىن سالسا ئىمارەت،
ئۇ كېتىپ،باشقىسى كورىدۇ راھەت.
ۋە لېكىن باشقىدا يەنە شۇ ھەۋەس.
ھېچكىم بۇ بىنانى پۇتتۇرگەن ئەمەس،
بىۋاپا دوستى بىلەن بولمىغىن ئاشنا،
بۇ خائىن دوسلۇققا يارىماس ئەسلا.
ياخشىمۇ،يامانمۇ ئولەر ئاقىۋەت،
ياخشى ئىش قىلغانلار تاپار سائادەت.
لازىملىقنى گورگە سەن ئوزەڭ ماڭدۇر،
ئارقاڭدىن ئەۋەتمەس،ماڭغۇزغىن بالدۇر.
ئومۇر قار گوياكى تومۇزدا__
ئاز قالدى،ئىگىسى مەغرۇر كۇلكىدە.
ئەي كىشى بازارغا بارىسەن پۇل يوق،
قورقىمەن ياغلىغىڭ قايتارمۇ قۇرۇق.
ئاشلىقنى خام ئوراپ يەپ بولسا ھەركىم،
خاماننى ۋاقتىدا باش تېرىش لازىم.

ئاشۇ بېيىتىڭ مەنىسىنى مۇلاھىزە قىلىپ كورگەندى كېيىن مەن خىلۋەت بىر جايغا ئورۇنلىشۋېلىپ،كىشلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى توختۇتىشىنى،دەپتەرنىمۇ بىھۇدە سۆزلەردن ۋە مۇندىن كېيىن بىھۇدە سوزلىمەسلىكنى ماقۇل كوردۇم.

بىر بۇلۇڭدا ئۇندىمەي تۇرغان كېسىك تىل،گاس قۇلاق،
تىلىنىڭ تىزگىنى يوق ۋات-ۋات ئادەمدىن ياخشىراق.

(شۇ پەيىتتە)بىر كاجۋىدا مۇڭداش② ۋە بىر ھوجىرىدا ساۋاقداش بولۇپ ئولتۇرغان دوستلىرىمدىن بىرسى ئىشىگىمنى كىرىپ كەلدى-دە،بىردىنلا چاقچاق باشلاپ،قىزىقچىلىك بىساتىنى يايدى.مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدىم،ئىبادىتىمنى داۋاملاشتۇرۇپ،بېشىمنى تىزىمدىن ئالمىدىم.ئۇ رەنجىگەن ھالدا ماڭا قارىدى-دە دېدى:

گەپ ئاچقىن بۇرادەر خوشاللىق بىلەن،
بۇگۇن سۆز قىلىشقا بار ئىمكان ساڭا.
تىلىڭنى يىغارسەن بولۇپ نائىلاج،
ئەجەل كەلسە ئەتە پۇشايمان ساڭا.


يېقىن كىشلىرىمدىن بىرسى بۇ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى چۈشەندۇرۇپ:"بۇ ئادەم قالغان ئوورىنى ئىتكافتا ئولتۇرۇش③ بىلەن ئۆتكۈزۈشكە قارار قىلدى ۋە سوز ئاچماسلىققا نىيەت قىلدى.قولۇڭدىن كەلسە سەنمۇ ئەقلىڭنى تېپىپ،كىشلەر بىلەن ئارلاشماسلىق يولىنى تۇتقى"دېۋىدى،دوستۇم مۇنداق دېدى


________________
①ئەسلى تېكىستتە:كوچۇش دۇمبىغى چېلىنسا،يۇكى تېخى ئارتىلمىسا"
②بىر كاجىۋدا مۇڭداش بولۇش___سەپەرداش بولۇش مەنىسىدە،بىر توگىنىڭ ئىككى يېنىغا ئىككا كاجۋا ئارتىلىپ،ئىككى ئادەم ئولتۇرىدۇ.
③ئېتكافتا ئولتۇرۇش__مەلۇم مۇددەت جايىدىن قوزغالماي ئىبادەت قىلىش

داۋامى بار.
[ بۇ يازما بەندە تەرىپىدىن 2008-07-14 15:20 دە قايتا ]
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-07-14 17:04
;خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇغىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ۋە بىزنىڭ قەدىناسلىقىمىزنىڭ ھەققى ئۈچۈن(قەسەم قىلىمەنكى)،تاكى بۇرۇنقى ئادىتىمىز بويىچە ۋە قەدىمدىن كېلىۋاتقان قائىدىگە بىرەرسۆز ئېيتىلمىغىچە دېمىمنى ئالمايمەن ۋە بىر قەدەم نېرى سىلجىمايمەن،چۈنكى دوستلارنى رەنجىتىش نادانلىق،قەسەمنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش ئاسان،ئەلنىڭ زۇلفىقارى① قىنىدا تۇرسۇن،سەئدنىڭ تىلى ئاغزىنىڭ ئىچىدە بولسۇن دىيىش ئاقلانلىك ئەمەس ۋە ۋە دەنىشمەنلەرنىڭ پىكرىگە خىلاپ"



ئەي ئاقىل،نېمەدۇر ئېغىزدىكى تىل؟
ئۇ پەن ئەھلىنىڭ غەزنە ئاچقۇچى.
ئىتىك بولسا ئىشىگى بىلەمدۇ كىشى،
دارىگەرمۇ ئۇندا، گۆھەر ساتقۇچى؟
* * *
گەرچە دانا ئېيتۇر،سۇكۇت ساقلاش ئەدەپ،
زەرۇرۇ چاغدا سكزلەسكە سەن ھەردەم تىرىش.
ئىككى نەرسە ئەقىلسىزلىق،زەرۇر چاغدا__
سوزلىمەسلىك يا بىمەزگىل چەكتىن ئېشىش.


قىسقىسى، تىلىمنى سوزدىن تارتىشقا قادىر بولالمىدىم ۋە ئۇنىڭ سوھبىتىدىن يۇز ئورۇشنى ئادىمگەرچىلىك دەپ بىلمىدىم،چۈنكى ئۇ ياخشى بۇرادىرىم ۋە سادىق دوستۇم ئىدى.

ئەگەر جەڭچى بولساڭ،كېرەك جەڭ ئېچىش،
كېرەكتۇر يېڭىش ياكى بەزەن قېچىش.


ئاخىرى بولماي،ئۇنىڭ بىلەن سوزگە كىرشىپ قالدۇق ۋە سەيلە-تاماشا ئۇچۇن شەھەرنىڭ تېشىغا چىقتۇق.بۇ باھار پەسلى بولۇپ،سوغاقنىڭ كۇچى قالمىغان ئىدى ۋە گۇللەرنىڭ سەلتەنەت سۇردىغان ۋاقتى كەلگەن ئىدى.

چوكان تاللار كىيشىپتۇ يېشىل كوينەك،
بەختىيارلار خۇددى ھېيىتقا ياسانغاندەك.
* * *
جالال ئېيى② ئۇرا بىھىشت③بېشى ئىدى،
شاخ-شاخلاردا بۇلبۇل ئەجەب كۇيلەر ناۋا.
قىزىل گۇلگە ئۇنچە-شەبنەم خوپ ياراشقان،
جانانلارنىڭ مەڭزىدىكى تەردەك گۇيا.




كېچىنى بىر دوستىمىزنىڭ باغچىسىدا ئوتكۇزۇشكە توغرا كەلدى.بۇ كىشىنىڭ بەھرىنى ئاچىدىغان خۇش ھاۋالىق جاي ئىدى.كوڭۇلنى تارتىدىغان باراقسان دەرەخلەر بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن ئىدى،بۇ جاينى بىر كۆرسەڭ،ئۇنىڭ تۇپرىغىغا رەڭمۇ_رەڭ شېشە پارچىللىرى توكۇلۇپتۇ ،تاكلىرغا ھۇكەر يۇلتۇزلىرى ئېسىلىپتۇ،دېگەن بولاتتىڭ.

بىر باغكى،ئېرىقتا ھاياتبەخىش سۇ،
شاخلاردا قۇشلار نەغمىسى ياڭراق.
چەمەنلەر لالىلارغا لىق تولغان،
خىلمۇ-خىل مېۋىلەرگە باي ھەر ياق.
دەرەخلەر ئاستىدا غۇر-غۇر شامال،
گېلەمدەك بېزەلگەن گۇزەل تۇپىراق.


ئەتىسى ئەتتىگەن ئويگە قايتىش پىكىرى تۇغۇلۇپ،بۇ پىكىر بۇ يەردە ئولتۇرۇش خائىشىمىزدىن ئۇستۇن كېلىپ قالدى،قارىسام،دوستۇم شەھەرگە ئېلىپ كىىش ئۇچۇن ئىتىگىنى گۇل ۋە رەيھان،سۇنبۇل ۋە قىزىل چېچەكلەر بىلەن تولدۇرۇپ كەپتۇ.مەن ئۇنىڭغا دېدىم:"بوستاننىڭ گۇللىرنى ئوزەڭ بىلىسەن ئۇزۇن تۇرمايدۇ،گۇلىستان مەۋسىمىنىڭ ۋاپاسى يوق،دانالار ئېيىتقانكى،ئۇزۇن تۇرمايدىغان نەرسىگە كوڭۇل بەرمەسلىك لازىم،!"ئۇ دىدىكى:"ئەمىسە،ئىشنىڭ يولى قانداق؟"مەن دىدىم:"كىتاب كورگۇچىلەرنىڭ زوقلۇنىشى ۋە ئارزۇ قىلغۇچىلارنىڭ ھوزۇرلىنشى ئۇچۇن مەن گۇلىستان كىتاۋىنى يېزىپ چىقىشقا قادىرمەنكى،ئۇنىڭ ۋاراقلىرىغا كۇز شامىلىنىڭ رەھىمسىز شامىلى قەست قىلالمايدۇ،يىل پەسىلىلىرنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشى ئۇنىڭ باھارنىڭ پەيزىنى كۇز پەسلىنىڭ كوڭۇلسىزلىكىگە ئوزگەرتەلمەيدۇ

نە پايدا گۇلدىن ئالساڭ بىر تاۋاق،؟
گۇلىستانىمدىن ساقلا بىر ۋاراق.
گۇلنىڭ ئومرى ئۇزۇن بولمايدۇ،
بۇ گۇلىستان مەڭگۇ سولىمايدۇ."


شۇ سوزنى قىلۋىدىم،ئۇ ئېتگىدىكى گۇللەرنى يەرگە توكتى-دە،پېشىمگە ئېسىلىپ:"سېخى ئادەم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ!"دېدى.شۇ كۇنىلا«مۇناسىۋەت قائىدىلىرى ۋە سوھبەت ئۇسۇللىرى ھەققىدە»دېگەن بىر باب يېزىلىپ ئاققا كوچۇرۇلدى ۋە شۇنداق كىيىم بىلەن ياساندۇرۇلدىكى،ناتىقلارغا ئەسقاتقۇدەك ۋە يازغۇچىلارنىڭ سوز ماھارىتىنى ئاشۇرغۇدەك بولۇپ چىقتى،قىسقىسى،باغچىنىڭ گۇللىرى تېخى تۇگمەي تۇرۇپلا گۇلىستان كىتاۋى يېزىلىپ بولدى.ئەمما بۇ كىتاب جاھاننىڭ پاناھى بولىمىش شاھنىڭ بارگاھىدا يەن خۇدانىڭ سايىسى،پەرۋەردىگار لۇتپىنىڭ نۇر-جۇلاسى،زاماننىڭ مەشھۇر كىشىسى ئامانلىقنىڭ قورغانى،ئاسماندىن كۇچ نۇسىرەت تاپقان،دۇشمەنلەر ئۇستىدىن غالىپ چىققان،قۇدرەتلىك دولەتنىڭ قول-بىلىگى،دىننىڭ ئەڭ روشەن چىرىغى،ئىنسانلارنىڭ ھوسنى-جامالى،ئىسلامنىڭ پەخىرى،سەئد ئىبنى ئاتا بەك ئەئزەم،ئۇلۇغ شەھەنشاھ،خەلقلەرنىڭ غوجىسى،ئەرەپ ۋە ئىران پادىشالىرنىڭ ھامىسى،قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنىڭ سۇلتانى،سۇلەيمەن سەلتەنەتىنىڭ ۋارىسى،موزەففەرەددىن ۋەددۇنيا ئەبۇبەكرى ئىبنى سەئد ئىبنى زەنگى (ئاللاھ بۇئىككەيلەننىڭ بەخىت-ئىقبالىنى ئۇزۇن قىلسۇن،ئۇلۇغلىقىنى نەچچە ھەسسە زىيادە قىلسۇن،ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرنىڭ ئاخىرىنى خەيرىلىك قىلسۇن!)نڭ بارگاھىدا ئىتىۋارغا ئىگە بولسا ھەمدە ئۇ بۇ كىتابنى شاھلارغا خاس ئىلتىپات نەزىرى بىلەن ئوقۇپ چىقسا،ئاندىن ھەقىقى پۇتكەن بولىدۇ.

بۇ كىتابقا بەرسە شاھنىڭ ئىلتىپاتى زەپ-بىزەك،
بولغۇسىدۇر چىن رەسىملەر ئويى④،ئەرژەڭ⑤ نەقشىدەك.
زور ئۇمىت بار،شاھ سوزۇمدىن زېرىكىپ باش تارتمىسا،
چۇنكى بۇ ھەرگىز گۇلىستان جاي ئەمەس زېرىككۇدەك.
مۇھىمى:دىباچە سەئد ئىبنى ئەبۇبەكرى زىنگىنىڭ،
قۇتلۇق نامى قەيىت قىلىندى،بۇ سائادەتتىن دېدەك.




________________
① ئەلنىڭ زۇلفىقارى--رىۋايەت بويىچە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كۇيوغلى ئەلىنىڭ قىلىچى ھەمشە جەڭدە ئىشقا سېلىنىپ،قىنىدا تۇرمىغانلىقى بىلەن نام چىقارغا
②جالال ئېيى--ئىرانلىقلاردا 11-ئەسىردە ئىشلەنگەن بىر خىل يىل ھىساۋى كالېندارى،بۇ كالېندار مەشھۇر شائىر ئومەر ھەييام يىتەكچىلگىدە بىر گۇرۇپپا ئاستىرنوملار ئىسفاھان رەستىخانسىدا ئىشلەپ چىققان،بۇ كالېندار سەلجوقىلارنىڭ سۇلتانى جالالىدىن مالىك شاھنىڭ« 1070-1092»تەشەببۇسى بويىچە تۇزۇلگەچكە،ئۇنىڭ تەخىتكە ئولتۇرغان ۋاقتىدىن باشلىنىدۇ،شۇڭا "جالال دەۋرى"،"جالال ئېيى"دەپ ئاتالغان.
③ئۇرد بىھشىت--ئىراننىڭ كونا يىل ھىساۋى بويىچە باھارنىڭ 2-ئېيى.
④چىن رەسىملەر ئويى--جوڭگودىكى رەسىم-ھەيكەللەرگە باي بۇددا ئىبادەتخانىسى.
⑤ئەرژەڭ--مانىلارنىڭ ئاجايىپ رەسىملەردىن بىزەلگەن مۇقەددەس ئاپتورى ۋە رەسسامى.
⑥سەئد ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى سەئد ئىبنى زنگى--پارىسنىڭ ھوكۇمدارى،ئۇ ياش چېغىدا «1258-يىلى»مەلۇم كېسەللىك سەۋىۋى بىلەن ۋاپات قىلغان،بار-يوق 12كۇن پادىشاھلىق قىلغان،ئاپتور گۇلىـــــــــــــــــــــــــــتان كىتاۋىنى موشۇ كىشىگە بېغىشلىغان.

داۋامى داۋاملىشىدۇ.
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-07-15 20:19
4


ئادىل ئەمىر پەخرىددى ئەبۇ بەكر ئىبنى ئەبۇ نەسىرنىڭ گۇزەل ئەخلاقى بايانىدا


يەنە(شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى،)پىكىرىمنىڭ كېلىنى ھوسىن-جامالسىزلىقتىن باش كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ،ئۇمىتسىزلىك نەزىرىنى خىجىللىق ئايغىنىڭ ئۇستىدىن ئالالمايدۇ ۋە قەلىب ئىگىلىرنىڭ جەميىتىدە نۇر چاچالمايدۇ،پەقەت ئۇلۇغ،ئالىم،ئادىل،غالىپ ئەمىز،زەپەر ئىگىسى،سەلتەنەت تەختىنىڭ يۇلەنچۇگى،دولەت ئىشلىرنىڭ مەسلىھەتچىسى،پەقىرلەرنىڭ ھىمايچىسى،غېرىپلارنىڭ باشپاناھى،ئالىملارنىڭ تەربىيچىسى،تەقۋادارلارنىڭ دوستى،پارىس خەلقىنىڭ ئىپتىخارى،مەملىكەتنىڭ مادارى،دولەت ئەربابلىرنىڭ باشچىسى،دولەت ۋە دىننىڭ پەخىرى،ئىسلام ۋە موسۇلمانلارنىڭ ھامىسى،پادىشا-سۇلتانلارنىڭ تايانچى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبۇ نەسر①(ئاللا ئومرىنى ئۇزۇن قىلسۇن،دولىتىنى زىيادە قىلسۇن،قەلبى كوكسىنى كەڭ قىلسۇن،ئەجرىنى نەچچە ھەسسە كوپەيتسۇن!)نىڭ قۇبۇل-ئىلتىپاتىدىن زىننەت تاپسا،ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇ جىلۋە بېرەلەيدۇ،چۇنكى بۇ زات پۇتۇن دۇنيانىڭ ئۇلۇغلىرى تەرپىدىن مەدھىيلەنگەن،جىمى ئەخلاق بۇ كىشىدە مۇجەسسەملەنگەن.

ھەركىمگە ئۇنىڭدىن ئىنايەت بولۇر،
دۇشمىنى دوسىت،گۇناھى تائەت بولۇر.


قالغان بارلىق قۇللار ۋە خىزمەتكارلارنىڭ ھەرقايسسىغا مۇئەييەن بىر خىزمەت تەيىن قىلىنغان.ئەگەر ئۇلاردىن بىرەرسى(ئاشۇ خىزمەتنى)ئادا قىلىشتا بىپەرۋالىق ۋە خوشياقماسلىقنى راۋا كورسە،ئۇ چاغدا ئۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىپ،كايىشقا ئۇچىرايدۇ.ئەمما ئۇلۇغلارنىڭ نىئمىتىگە شۇكرى قىلىشى،ئۇلارغا مەدھىيە ئوقۇشى ۋە ياخشى دۇئادا بولۇشى لازىم بولغان دەرۋىشلەر②قاتلىمىغا كەلسەك،ئۇلار بۇنداق خىزمەتنى ئۇلۇغلارنىڭ ئالدىدا ئادا قىلغاندى كورە،يوق چاغدا بىجىرگىنى تۇزۇك،چۇنكى ئوزى بار چاغدا دۇئا قىلسا خشامەت-ياسمىچىلىققا يېقى بولىدۇ،يوق يەردە دۇئا قىلسا رىيادىن يىراق بولىدۇ ۋە تېزرەك ئىجاۋەت بولىدۇ.

شادلىنىپ،رۇسلاندى مۇكچەيگەن پەلەكنىڭ دۇمبىسى،
تاكى سەندەك بىر ئوغۇل تۇققاچقا دەۋرانغا ئانا.
بۇمۇ بىر ھېكىمەت،قاراڭكى،ئاممىغا مەسلىھەت ئۇچۇن،
قىلدى تەئيىن بەندىنى شەپقەت بىلەن قادىر خۇدا.
كىمكى ئوتسە ياخشى نامدا،بەختى باقىدۇر ئۇنىڭ،
ياخشىلىقتىن ياخشى نامى قالغۇسىدۇر ئەل ئارا.
سېنى ئالىم ماختىسۇن،ماختىمىسۇن،ھېچ گەپ ئەمەس،
قىلمىغاي مەششاتە③ لازىم بىر پەرى يۇز دىلرەبا.

____________________
①ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبۇنەسر__پارىس ھوكۇمدارى ئەبۇبەكرى ئىبنى سەئد ئىبنى زەنگىنىڭ ۋەزىرى.
②"دۇرۋىش"سوزىنى ئاپتۇر ئىككى مەنىدە ئىشىلتىدۇ:1-كەمبەغەل،نامرات،يوقسۇل،ساياق:2-جاھان كىزىپ يۇردىغان سوپى دەرۋىش
③قىز-كېلىنلەرنى ياساندۇردىغان ئايال.

Dawami Yezlidu
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-07-17 15:33
5



مېنىڭ پادىشا بارگاھىدىكى قۇسۇرۇم ۋە خىزمەتتىن ئۆزەمنى چەتكە تارتىشىم،شۇنىڭغا بىنا ئەن بولغانكى،بىرتوپ ھىندىستان ھەكىملىرى بۇزۇر جۇمھىرنىڭ① پەزىلەتلىرى توغرلىق گەپ-سوزدە بولۇشۇپ،ئۇنىڭ ھېچقانداق كەمچىللىكىنى تاپالمىغان،اخىرى ئۇنىڭ پەقەت بىرلا كەمچىللىگىنى تىلغا ئېلىشقان،ئۇ گەپتە بەك ئەزمە ئىكەن،يەنى سوزنى بەك كىچىكتۇرۇپ سوزلىگەچكە،ئاڭلىغۇچىلارئۇ سوز ئاچقۇچە ئۇزاق كۇتۇپ قالدىكەن بۇزۇر جۇمىھر بۇنى ئاڭلاپ شۇنداق دېگەن:

"ئاپلا، بۇ سوزنى نىمىشقا دېگەندىمەن!دەپ پۇشايمەن قىلغاندىن كورە،نېمە دىسەم بولار،دەپ ئۇزۇن ئويلىغان ياخشى!"

نۇتۇققا چىنىققان ياشانغان كىشى،
سوز ئاچماقتىن ئالدىن پىكىردۇر ئىشى.
پىكىر قىلماي ھەرگىز زۇۋان سۇرمىگىن،
گۇزەل سوزلە،مەيلى كېيىن سوزلىگىن.
بۇرۇن پۇختا ئويلاپ،قىل سوزگە جۇرئەت،
"بەس"دىيىشتىن ئالدىن سوزۇڭنى تۇگەت.
ئۇلاغدىن كىشى تىل بىلەن ياخشىراق،
خاتا سوزلىسەڭ ،سەندىن ئارتۇق ئۇلاغ.


بولۇپمۇ ئەتراپىغا مەرىپەت ئىگىللىرى جەم بولغان ۋە چوڭقۇر بىلىملىك ئالىملار توپلانغان پادىشا ھەزرەتلىرنىڭ (ئۇنىڭ غەلبىسى شان-شەرەپ قازانسۇن!)ئەمەلدارلىرى ئالدىدا سوزۇمنى يورغىلتىشقا باتۇرلۇق قىلسام،بىئەدەپلىك قىلغان بولىمەن ۋە ئەرزىيمەيدىغان نەرسىلەرنى ئالى ھەزرەت ھوزۇرىغا ئېلىپ كەلگەن بولىمەن:چۇنكى مۇنچاق، جەۋھەرپۇرۇشلار بازىرىدا بىر دانە ئارپىچىلىك قىممەتكە تۇرمايدۇ،چىراغنىڭ يورۇغى ئاپتاپتا كورۇنمەيدۇ،ئىگىز مۇنار ئەلۋەند تېغىنىڭ② ئېتىگىدە پەسلا كورنىدۇ.


كىمكى كورەڭلەپ سوزسا بويۇن،
بېشىغا دۇشمەن سالىدۇ ئويۇن.
سەئدى جىم ياتقان ئازادە بىر تەن،
چېلىشماس ھېچكىم ياتقۇچى بىلەن.
ئەۋۋەل ئوي-پىكىر،ئاندىن سوڭ سالام،
دەسلىۋىدە ئۇل،ئاندىن كېيىن تام.


باغۋەنلىك قىلىش مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدۇ،ئەمما بوستاندا ئەمەس،مەن گۇزەللىك بىلەن سودا قىلىمەن،لېكىن كەنئاندا ئەمەس.③
لۇقماندىن:"ھېكىمەتنى كىمدىن ئۇگەندىڭ؟"دەپ سورىغاندا،ئۇ"قارىغۇلاردىن ئۇگەندىم،چۇنكى ئۇلار ماڭىدىغان يېرىنى سىپىلاپ بىلۋالماي تۇرۇپ،ئاياغ باسمايدۇ"دەپ جاۋاب بەرگەن.
"كىرىشتىن بۇرۇن چىقىشنى ئويلا"④

* * *
(ئاۋال)ئەرلىگىڭنى سىناپ كور،ئۇندىن كېيىن خوتۇن ئال.

* * *
خورازلار سوقۇشتا بولسىمۇ چاققان،
مىس تىرناق لاچىنغا قاچان جەڭ ئاچقان؟
موشۇك شىر بولىدۇ چاشقان تۇتۇشتا،
لېكىن ئۇ يولۋاسنىڭ ئالدىدا چاشقان.


ئەمما بىز، قول ئاستىدكىلەرنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرغا كوز سالمايدىغان ۋە كىچىكلەرنىڭ گۇنالىرىنى يۇزىگە سالمايدىغان ئۇلۇغلىرمىزنىڭ ئالىجاناپ ئەخلاقىغا تايانغان ھالدا بۇ كىتابقا نادىر ۋەقەلەر،تەمسىللەر،شېئىرلار،ھىكايەتلەر ۋە ئوتمۇشتىكى پادىشالارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا ئائىت بىر قانچىلىغان سوزلەرنى قىسقا شەكىللەر بىلەن كىرگۇزدۇق.بۇنىڭغا قىممەتلىك ئومرىمىزنىڭ بىر قىسمى سەرىپ قىلىندى،گۇلىـــــــــستان كىتاۋىنى يېزىشتىكى سەۋەب مانا شۇ ئىدى--ياردەم ئاللادىن!

بۇ نەزمە،بۇ ئەسەر ئۇزۇن يىل قالسۇن،
توپىمىز ھەر جايدا بولسىمۇ توزان.
غەرەز شۇكى،بىزدىن بىر نىشان قالسۇن،
چۈنكى يوق بارلىقتا بەقا⑤ ھىچقاچان،
دۇئا قىلار بىر كۈنى رەھمىتى بىلەن،
دەرۋىشلەر ئىشىغا قەلبى پاك ئىنسان.


كىتابنىڭ ۇتزۇلۇش تەرتىۋى ۋە بابلارنىڭ جايلاشتۇرۇلشىغا دىققەت-نەزىرمىزنى تىككەندە،سوزنى قىسقا قىلىشنى لايىق كورۇپ،بۇ گۇزەل باراقسان باغچىغا جەننەتكە ئوخشاش سەككىز ئىشىك قويۇش قارارىغا كەلدۇق.زېرىكىش تۇغدۇرماسلىق ئۇچۇن ماۋزۇ قىسقا بولدى.


_________
①بۇزۇر جۇمىھر__ساسانلار شاھى نۇشىرۋاننىڭ ۋەزىرلىردىن بىرى،ئۇ دانىشمەن،پەيلاسوپ دەپ داڭ چىقارغان.
②ئەلۋەند__ئىراندىكى ئىگىز بىر تاغ،ھەمەدان شەھرىنىڭ جەنۇبىدا.
③كەنئان__يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ يۇرتى،قۇددۇس بىلەن دەمەشىق ئارسىدا،يۈسۈپ پەيغەمبەر گۈزەللىك بىلەن داڭ چىقارغانلىقتىن،شائىر بۇ يەردە كەنئاننى تىلغا ئالغان.
④ئەرەپ ماقالى.
⑤بەقا-دائىملىق،تۇرغۇنلۇق،مەڭگۇلۇك.



Alwatta Dawamlishidu..

ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1314
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 25
شۆھرىتى: 31 نومۇر
پۇلى: 300 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-17
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-09-06 23:00
قولىڭىزغا  دەرت كەلمىسۇن  قىرىندىشىم  ... مەن بۇ  كىتاپنىڭ ئەسلى  يەنى  مۇشۇ  نۇسخىسىنى ئىزدەپ  يۈرگىلى  خىلى  بولغان  ..   
مۇمكىن  بولسا  بۇ كىتاپنىڭ  ئىلكىتابىنى  ماڭا  يوللاپ  بەرگەن  بولسىڭىز..........................................................................................
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 4496
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 13
شۆھرىتى: 17 نومۇر
پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-09-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-19
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-09-30 23:22
ئۇف  ئاران چۇشۇرۇپ بولدۇم  رەخمەت سىزگە .............
رەخمەت بۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلغان كىتاپكەن  ...............
yol
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-10 13:11
بىرىنچى باب پادىشالارنىڭ خولقى-ئادىتى توغرىسىدا
ئىكىنچى باب دەرۋىشلەرنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا
ئۈچىنچى باب ئازغا قانائەت قىلىشنىڭ پەزلىتى توغرىسىدا
تۆتىنچى باب سۈكۈت قىلىشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا
بەشىنچى باب ئىشق ۋە ياشلىق توغرىسىدا
ئالتىنچى باب ئاجىزلىق ۋە قېرلىق توغرىسىدا
يەتتىنچى باب تەربىينىڭ تەسىرى توغرىسىدا
سەككىزىنچى باب مۇناسىۋەت قائىدىلىرى توغرىسىدا

ئۇ چاغ بىزگە ئىدى بىر ياخشى پۇرسەت،
ئىدى ئالتەيۈز ئەللىك ئالتە ھىجىرەت.①
نەسىھەت ئىدى مەقسەت،ئاڭا يەتتۇق،
خۇداغا تاپشۇرۇپ قويدۇق ۋە كەتتۇق.




بىرىنچى باب

پادىشالارنىڭ خولقى-ئادىتى توغرىسىدا

ھىكايەت(1)


ئاڭلىشىمچە،بىر پادىشاھ بىر ئەسىرنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان.بىچچارە ئۈمىتسىز ھالەتتە پادىشانى يامان تىل بىلەن تىللاشقا باشلىغان.چۈنكى كىشىلەر ئېيىتقاندەك،كىمكى جېنىدىن ئۈمىت ئۈزسە،كۆڭلىدىكى ھەممە گەپنى ئېيتىۋالىدۇ.

ۋاقىت تار،قېچىشقا قالمىسا ئامال،
ئاجىز قوللار قىلىچقا ئېتىلار دەرھال.
* * *
ئۈمىتسىز ئادەمنىڭ ئۇزۇرار تىلى،
مەغلۇپ موشۈك ئۆزىنى ئتقا ئاتقاندەك.


پادىشا سورىدى:"نېمە دەيدۇ ئۇ؟"ئالىجاناپ ۋەزىرلىردىن بىرى جاۋاب بەردى:"ئەي پادىشاھىم،ئۇ ئېيتىدۇركى،جەننەت غەزىۋىنى يۈتكۈچىلەر ۋە خەلقنىڭ كەمچىللىكلىرنى كەچۇرگۇچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغاندۇر".②
پادىشانىڭ رەھمى كېلىپ،ئەسىرنىڭ خۇنىدىن ئۆتتى.بايقى ۋەزىرگە زىت بولغان يەنە بىر ۋەزىر "بىزنىڭ خىلىمىزدىكى كىشىلەرگە پادىشانىڭ ھوزۇرىدا راسىت سۆزدىن باشقىنى دىيىش لايىق ئەمەس.بۇ ئەسىر پادىشاغا دەشنام بىرىپ،نالايىق سۆزلەرنى قىلدى"دىدى.پادىشا بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى-دە،دىدى"ماڭا سېنىڭ راسىت سۆزۈڭدىن كۆرە،ئۇنىڭ يالغان سۆزى ماقۇل كەلگەن ئىدى،چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى يارشىش جەھەتتىن ئېيتىلغان ئىدى،سېنىڭ بۇ سۆزۈڭ يامانلىق قىلىشقا قارتىلغان،ھالبۇكى ئاقىللار:پىتنە تۇغدۇردىغان راسىت سۆزدىن،ياخشىلىق يەتكۈزدىغان يالغان سۆز ئەۋزەل دېگەن."

كىمكى شاھقا سۆزىنى ئۆتكۈزسە،
ئەپسۇسدۇر تىلىنى يامانغا يۈرگۈزسە.

فەرىدۇق③ سارىينىڭ پەشتىغىغا مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى:

جاھان، دوستۇم، ھېچكىمگە باقى ئەمەس،
جاھاننى ياراتقانغا دىل باغلا،بەس.
جاھان مۈلكىگە ھېچ ئۈمىت باغلىما،
بېقىپ كۆپنى سەندەك،جاننى ئالدى يەنا.
كېتەر بولسا پاك جان،پەرق ئەتمەك نېمە؟
زىمىندا ۋە يا تەخىتتە ئۆلمەك نېمە؟




①بۇ يەردە كىتابنىڭ ھىجىريەنىڭ 656-يىلى يېزىلغانلىقى بايان قىلىنغان

②قۇرئان،3-سۈرە134-ئايەت

③فىردەۋىسنىڭ «شاھنامە»سىدىكى شەخىسلەرنىڭ بىرى
yol
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-10 13:13
ھىكايەت(2)


خۇراسان شاھلىرىدىن بىرى سۇلتان مەھمۇد ئىبنى سەبۇكتېگىننى①چۈشەپ قاپتۇ.گۇيا ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى چىرىپ توپىغا ئايلانغانمىش،پەقەت ئىككى ككزى ساق بولۇپ،چانىغىنىڭ ئىچىدە مۆلدۈرلەپ تۇرارمىش،بارلىق ھوكۇما بۇ چۈشكە تەبىر بېرىشتىن ئاجىز قالدى،پەقەت بىر دەرۋىش چۈشنىڭ تېگىگە يىتىپ:“مېنىڭ پادىشالىقىم باشقىلارنىڭ قولىدا نېمە بولىۋاتقاندۇ،دەپ ھىلىغىچە قاراپ تۇرغان!”دېدى.

نۇرغۇن نامدارلار يەرگە دەپنە قىلىندى،
يەر يۈزىدە ئۇلاردىن نام-نىشان قالمىدى.
يەرگە تاپشۇرۇلغان كونا جەسسەتنى،
توپا يەم قىلدىكى،ھەتتا ئۇستىخان قالمىدى.
نۇشىرۋاننىڭ② نامى ياخشىلىق بىلەن تىرىك،
كۆپ چاغ ئۆتۈپ،دىيىلسىمۇ:نۇشىرۋان قالمىدى.
ياخشىلىق قىل،ئەي پالانى،ئۆمرۈڭنى غەنىمەت بىلىپ،
مۇنۇ خەۋەردىن ئالدىنراقكى:پالانى قالمىدى.



①سۇلتان مەھمۇد ئىبنى سەبۇكتېگىن--- غەزنىۋىلەرنىڭ قۇدىرات سۇلالىسىگە ئاساس سالغۇچى ماشھۇر بىر پادىشا.
②نۇشىرۋان---ساسانىسلار شاھى(531-579).
yol
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-10 13:19
ھىكايەت(3)




ئاڭلىشىمچە،بىر شاھزادە بويى پاكار،كۆرۈمسىز بولۇپ،ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ئېگىز بويلۇق چىرايلىق ئىكەن.بىر قېتىم ئاتىسى ئۇنىڭغا يىرگىنىش ۋە پەس نەزەر بىلەن قارىغان ئىدى،ئوغۇل بۇنى پاراسەت ۋە چېچەنلىك بىلەن سېزىپ قېلىپ مۇنداق دىدى:"پاكار دانىشمەن ئۇزۇنتۇرا ئەخمەقتىن ياخشى،قاممىتى ئېگىز بولسىلا قەدرى-قىممىتى ئۈستۈن بولىۋەرمەيدۇ.چۈنكى قوي پاكىز،پىل پاسكىنا."

يەر يۈزىدە ئەڭ كىچىك تاغ تۇرسىنا① ئەمما ئۇنىڭ،
ئورنى چوڭدۇر قەدرى-قىممىتى خۇدانىڭ ئالدىدا.
          *                    *                  *       
ئاڭلىدىڭلىمۇ سېمىز ئەخمەققە،
بىر كۈنى دىدى بىر ئورۇق دانا:
"ئورۇق بولسىمۇ ئەرەپنىڭ ئېتى،
سېمىز ئېشەكتىن بەرىبىر ئەلا."


ئاتىسى كۈلۈپ كەتتى،دۆلەت ئەربابلىرىغا بۇ سۆز ماقۇل كەلدى،ئەمما ئاكا-ئۇكىلىرى قاتتىق رەنجىدى.

كىشى بىرەر سۆز دىمىگەن بولسا،
كەمچىللىك،خىسلىتى بولۇر پىنھان.
چىپار نەرسىنى جۇا دېمىگىن،
بولمىسۇن يولۋاس ئۇخلاپ ياتقان.


ئاڭلىشىمچە،شۇ ئارىدا بىر كۈچلۈك دۈشمەن پادىشاغا ھوجۇم قىلىپ كەلگەن.ئىككى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرى يۈزمۇ-يۈز سەپ تارتقاندا،قەڭ مەيدانىغا بىرىنچى بولۇپ ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن كىشى ئاشۇ يىگىت بولۇپ،ئۇ:

مەن ئەمەسمەن ئۇ كىشى،ئارقامنى كۆرسەڭ جەڭ كۈنى،
شۇ كىشى مەنكى،كۆرەرسەن بېشى قان تۇپراق ئارا.
جەڭگە كىرسە ھەر كىشى قانى بىلەن ئوينار پەقەت،
كىمكى قاچسا جەڭ كۈنى لەشكەرگە بولغاي چوڭ بالا.


دىدى-دە،ئۆزىنى دۈشمەن قوشۇنىغا ئېتىپ،پەھلىۋانلىردىن بىرقانچىسنى غۇلتىۋەتتى،ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەلگەندە يەر ئوپۇپ مۇنداق دېدى:

ئەي كىشى كۆرۈندۈم بىچارە ساڭا،
گەۋدىلىكنى ئەمدى سەن چوڭ بىلمە.
كارغا كەلگەي ئورۇق ئات جەڭدە،
سەمرىتكەن كالىدىن كەلمەس ھېچنىمە.


ئېيتىشلارغا قارىغاندا،دۈشمەننىڭ ئەسكىرى بىقياس كۆپ بولۇپ،بۇلار ئاز ئىدى.شۇڭا بىر توپ ئەسكەر قېچىشقا يۈز تۇتقان.بۇ چاغدا شاھزادە نەرە تارتىپ،"ئەي باتۇرلار،غەيرەت قىلىڭلار ياكى ئاياللارنىڭ كىيمىنى كىيۋېلىڭلار!"دېگەن.
ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئاتلىقلارنىڭ غەيرىتى جۇش ئۇرۇپ،ھەممە بىرلىكتە ھۇجۇمغا ئۆتكەن.ئاڭلىشىمچە،ئۇلار شۇ كۈنىلا دۈشمەن ئۇستىدىن غەلبە قازانغان.پادىشا ئوغلىنىڭ يۈز-كۆزىدىن سۈيۈپ قۇچاقلىغان ۋە ئۇنىڭغا كۈندىن-كۈنگە مىھرىۋانلىق بىلەن قارىغان.ئاخىردا ئۇنى ئۆزىنىڭ تەختى ۋارىسى قىلىپ جاكارلىغان.
ئاكا-ئۇكىلىرى ھەسەت قىلىشىپ،ئۇنىڭ تائامىغا زەھەر سالغان،بۇ ئىشنى سىڭلىسى ھوجۇرسىدا تۇرۇپ كۆرۈپ قېلىپ،دەرىزىنى چەككەن.يىگىت چۈشىنىپ،تائامدىن قولىنى تارتقان ۋە مۇنداق دېگەن:"ئىش بىلەرمەنلەر ئۆلسۇن،قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلار ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسسۇن!"دىيىش ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس.

ھوقۇش سايىسىگە كەلمىگەي ئادەم،
ھۇما قۇش②جاھاندىن يوقالغاندا ھەم.


ئاتىسى بۇ ئەھۋالدىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن ،ئاكا-ئۇكىلىرنى چاقىرتىپ،تېگىشلىك ئەدۋىنى بەرگەن.شۇندىن كېيىن ھەرقايسسىغا مەملىكەتنىڭ چېتىدىن بىردىن ۋىلايەتنى ئاجىرتىپ بەرگەن،شۇنىڭ بىلەن پىتنە-پاسات پەسىيىپ،جىدەل-ماجىرا بېسىققان،چۈنكى"ئون دەرۋىش بىر پالاستا ئۇخلايدۇ،ئىككى پادىشا بىر مەملىكەتكە پاتمايدۇ".

مەرت كىشى يېرىم نانى ئۆزى يېسە،
يېرمىنى نامراتقا بەخىش ئېتەر.
بىر ئىقلىمغا ئىگە بولسا پادىشا،
يەنە بىرنى قولۇمغا ئالسام دەر.


①تۇرسىنا__يەھۇدىلار بىلەن موسۇلمانلار قەدىمدىن مۇقەددەس بىلىدىغان بىر تاغ.
②ھۇما__خەلق ئىچىدە بەخىت قۇشى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇشنىڭ ئىسمى.رىۋايەت بويىچە ھۇمانىڭ سايىسى بېشىغا چۈشكەن ئادەم پادىشا بولارمىش.
yol
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 1042
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 34
شۆھرىتى: 41 نومۇر
پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-12-24
14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-10 15:13
ھىكايەت(4)


بىر توپ قاراقچىلىرى تاغ بېشىدا ماكان تۇتۇپ،كارۋانلارنىڭ ولىنى توساتتى.ئەتىراپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئۇلارنىڭ بۇلاڭچىلقىدىن ۋاھىمىگە چۈشكەن،سۇلتان لەشكەرلىرى بولسا يېڭىلىپ قالغان ئىدى،چۈنكى قاراقچىلار تاغ چوققىسىدا قىيىن يوللارنى قولغا كىرگۈزۋېلىپ،ئۇ يەرنى ئۆزىگە پاناجاي قىلۋالغان ئىدى.شۇ تەرەپتىكى ئۆلكىلەرنىڭ مەمۇرلىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىنى يوقتىش ئۈچۈن مەسلىھەت قىلىشتى،چۈنكى بۇ گۇرۇھ شۇ تەرىقە كېتىۋىردىغان بولسا،ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش مۈمكىن بولماي قالاتتى.

يېڭىدىن يلتىز تارتسا ياش كۆچەت،
يۇلالايدۇ يەردىن بىر ئادەم پەقەت.
ئۇزاق يىل ئۇ نەزەردىن قالماق بىلەن،
يۇلالمايسەن ھەتتا تۆمۇر چاق بىلەن.
ئاساندۇر بۇلاقنى كۈمۈش بەل① بىلەن،
ئۇلغايسا ئۆتەلمەس كىشى پىل بىلەن.


گەپ شۇنىڭغا توختالدىكى،بىر ئادەمنى چارلاشقا ئەۋەتىپ،ئەپلىك پۇرسەت كۈتمەكچى بولۇشتى.بىر كۈنى قاراقچىلار خەلقنى بۇلاشقا كېتىپ،ئۇۋىسى خالى قالغان چاغدا،بىر قانچە ئىش كۆرگەن،جەڭ تەجىربىسى بار يىگىتلەر ئەۋەتىلدى.ئۇلار تاغنىڭ بىر ئۆڭكۈرىگە مۆكۈپ تۇرۇشتى.كەچ كىرگەندە قاراقچىلار بۇلاڭچىلىقنى تۈگتىپ،بۇلىغان نەرسىللىرنى كۆتۈرشۈپ قايتىپ كەلدى.قورال-ياراقلارنى يىشىپ تاشلاپ،ئولجىلىرنى ئوتتۇرغا قويۇشتى،بۇلارغا ھۇجۇم قىلغان دەسلەپكى دۈشمەن ئۇيقۇ بولدى.بىرىنجى جىسەك ۋاقتى ئۆتكەندە.

قۇياش گەردىشى زۇلمەتكە چۆككەندە،
يۇنۇس② گويا بېلىق ئاغزىغا مۈككەندە.


باتۇر يىگىتلەر پىستىرمىدىن چاچراپ چىقىشتى-دە،قاراقچىلارنىڭ قوللىرنى بىر-بىرلەپ ئارقىسىغا باغلاپ،بامدات ۋاقتىدا پادىشانىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشتى.پادىشا ھەممىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى.شۇ ئارىدا ئۇلارنىڭ ئارسىدا بىر ياش كۆزگە چېلىقىپ قالدى.ئۇنىڭ ياشلىق كۈچىنىڭ مىۋىسى ئەمدىلەتىن يېتىلگەن،جامال گۇلىستاننىڭ مايسىلىرى ئەمدىلەتىن كۆكرىشكە باشلىغان ئىدى.ۋەزىرلەردىن بىرى پادىشا تەختىنىڭ بوسۇغىسىنى ئوپۇپ،شاپائەت يۈزىنى يەرگە قويدى-دە،دېدى:"بۇ بالا تېخى ھايات بېغىدىن بىرەر مېۋە تېتىپ كۆرمىگەن ۋە ياشلىق باھارىدىن بەھىرمەن بولمىغان.شۇڭا پادىشاھىمىزنىڭ سېخىلىغى ۋە ئالىجانابلىغىدىن ئۈمىدىم شۇكى،ئۇنىڭ خۇنىدىن ئۆتۈپ،مەن بەندىسىگە بېرۋەتسە ئىكەن."
پادىشا بۇ سۆزدىن بوينىنى تولغىدى،بۇ پىكىر ئۇنىڭ يۈكسەك رەيىگە مۇۋاپىق كەلمىگەچ،مۇنداق دېدى:

ياخشىلارنىڭ نۇرى يۇقماس زاتى پەسكە ھېچقاچان،
تەربىيە نائەھلىگە گۈمبەزدىكى ياڭاقسىمان.


ئۇلارنىڭ ناپاك نەسلىنى قىرىپ تاشلاپ،ئۇرۇق-ئەۋلادىنىڭ يىلتىزىنى قۇمۇرۋېتىش ياخشىراق،چۈنكى،ئوتنى ئۆچۈرۈپ، چوغنى قالدۇرۇپ قويۇش،يىلاننى ئۆلتۈرۈپ،تۇخۇمىنى ساقلاپ قېلىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس.
ۋەزىر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ،خالار-خالىماس ماقۇل كۆرگەن بولدى ۋە پادىشانىڭ گۈزەل پىكرىگە ئاپىرىن ئوقۇپ،مۇنداق دېدى:"پادىشاھىمىزنىڭ ئىلتىپات قىلىپ ئېيتقىنى چىن ھەقىقەت،ئەگەر بۇ بالا ئاشۇ يامان ئادەملەرنىڭ ئۈلپەتچىلكىدە ئۆسكەن بولسا،ئۇلارنىڭ خۇينى ئۆزلەشتۈرۋالغان بولاتتى،ئەمما مەن قۇلىڭىز ئۈمىتۋەرمەنكى،ئۇ ياخشىلارنىڭ ئارسىدا تەربىيە كۆرسە،ئاقىللارنىڭ خۇلقىنى ئۆزلەشتۈرىدۇ،چۈنكى ئۇ تېخى كىچىك بالا،بۇ گۇرۇھنىڭ بۇلاڭچىلىق،توپىلاڭچىلىق ئادەتلىرى ئۇنىڭغا ئانچە سىڭگىنى يوق.ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن"
ھەر بىر بوۋاق تۇغۇلغان چېغىدا ئىسلام بىلەن تۇغۇلىدۇ،كېيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى يەھۇدى قىلىپ چىقىدۇ،يا خىرىستىيان قىلىپ چىقىدۇ،يا مەجۇسى③ قىلىپ چىقىدۇ.


يامانغا يار بولغاچ لۇتىنىڭ④ جورىسى،
بولدى پەيغەمبەرلىك خانىدان ۋەيران.
ئەسھاب كەھىفنىڭ⑤ ئىتى نەچچە كۈن،
ياخشىلارغا ئەگەشكەچ بولغانتى ئىنسان.



بۇ سۆزنى ئېيىتقاندا پادىشاھنىڭ يېقىن كىشلىردىن بىر بۆلگى ئۇنىڭ شاپائىتىگە يار يۆلەكتە بولۇشتى.پادىشا ئۇنىڭ خۇنىدىن ئۆتتى-دە: "بوپتۇ،گەرچە بۇ ئىشنى مەسلىھەت كۆرمىسەممۇ كەچۈرۈم قىلدىم!"دېدى.


بىلەمسەن،رۇستەمگە زال⑥ نېمە دېگەن؟
بولمايدۇ كىچىك دەپ قارالسا دۈشمەن.
كۆپ كۆردۇق،ئەسلىدە بۇلاق سۈيى ئاز،
ئۇلغايسا تۆگىنى ئالار يۈك بىلەن.



گەپنىڭ قىسقىسى ۋەزىر بالىنى تۈرلۈك نازۇ-نېممەتلەرگە كۆمۈۋەتتى،ئۇنىڭ تەربىيسىگە ئۇستاز-ئەدىپلەرنى تەيىنلەپ،سۆز سۆزلەش ۋە گەپ قايتۇرۇش سەنئىتىنى ۋە پادىشاغا خىزمەت قىلىشنىڭ باشقا قائىدىلىرنى ئۇگەتتى.ئەمەلدارلانىڭ نەزىردە بۇ ئىش ناھايتتى ماقۇل كۆرۈندى،بىر قېتىم ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۇ بالىنىڭ سۈپتى توغرلىق سۆز ئچىپ،ئاقىللارنىڭ تەربىيسىنىڭ ئۇ بالىغا تەسىر قىلغانلىقىنى،بۇرۇنقى نادانلىقى ئۇنىڭ تەبئىتىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتتى،پادىشا كۈلۈپ قويدى-دە،دېدى:


"ئاقىۋەت بۆرە كۈچىكى بۆرە بولۇپ،
گەرچە ئۇ ئادەم ئىچىرە ئۆرە بولۇر."



ئارىدىن بىر-ئىككى يىل ئۆتكەندە،ئاشۇ مەھەللىنىڭ بىر توپ ئوغۇرلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە باغلاپ،ئۈلپەتچىلىك ئورناتتى.شۇنىڭ بىلەن پۇرسەت تېپىپ،ۋەزىرنى ھەم ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ،ئۇنىڭ ھەددى-ھىسابسىز مال-مۈلكىنى بۇلاپ كەتتى ۋە قاراقچىلارنىڭ غارى ئىچىدە ئاتىسنىڭ ئورنىدا ئولتۇردى.دېمەك،ئاسى بولۇپ كەتتى.پادىشا ھەيرەت بارمىقىنى چىشلەپ،دېدى:


"ئەسكى تۆمۈردىن ياسالامدۇ كىشى ئۆتكۈر قىلىچ،
رەزىل ئادەم تەربىيدە،ئەي ھەكىم،بولماس ئىنسان.
گەرچە يامغۇر ياخشىلىقتا ھەممىگە ئوىشاش،بىراق،
باغدا لالە ئۆسىدۇ،شورلۇقتا يانتاق ھەر قاچان.
* * *
شورلۇقتا ھېچقاچان سۇنبۇل ئۆسمەيدۇ،
ئۇرۇقنى،ئەمگەكنى قىلمىغىن زايا.
يامان ئادەملەرگە ياخشىلىق قىلىش،
ياخشىغا يامانلىق قىلغان گويا."



①بەل---گۈرجەك مەنىسىدە.
②يۇنۇس پەيغەمبەر---رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە،يۇنۇس پەيغەمبەر بېلىقنىڭ قارنىغا كىرىپ قىرىق كۈندىن كېيىن سالامەت چىققان.
③مەجۇسى---ئوتپەرەس يەنى ئوتقا تىۋىنغۇچى.
④لۇت---پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى.رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە،لۇتنىڭ خوتۇنى يامان ئادەملەرگە يار بولغاچقا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك ئائىلىسى ۋەيران بولغان.
⑤ئەسھاب كەھىف---"غار كىشلىرى"دېگەن مەنىدە بولۇپ،قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان.
⑥رۇستەم بىلەن زال---فىردەۋىسنىڭ «شاھنامە»سىدىكى شەخىسلەر.
ئەركەم تورى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !