ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 190ـ كۆرۈرمىنى
tarhan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
---|
قەدىمكى شەھەر -يارغول ئىبراھىم مەخمۇت «يىپەك يولى» قەدىمكى شەھەرلەرنى تىلغا ئالغاندا ، جۇڭگو ۋە چەتئەللەرگە مەشھۇر قەدىمكى شەھەر يارغولنى ئالدى بىلەن تىلغا ئالىمىز . قەدىمكى شەھەر يارغول ئۆزىنىڭ قەدىمىلىكى بىلەن نۇرغۇن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ، تەتقىقاتچىلارنى جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە . بۇ قەدىمكى شەھەر ھازىرقى تۇرپان شەھىرىگە تەخمىنەن ئون كىلومېتر يىراقلىقتىكى بىر جىلغا مەركىزىگە جايلاشقان . بۇ يەردىن تۆپىلىكنى بويلاپ ئۇدۇل ماڭساق، قەدىمكى شەھەر يارغولنىڭ جەنۇنىې دەرۋازىسىغا كېلىمىز . بۇ يەردە تۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر سالساق ، ئۇ يەردىكى قاتمۇقات خارابىلەر ، ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان ئەسكى تاملار ، چوڭقۇر ھەم قورقۇنچلۇق يەر ئاستى يوللىرى، سىرلىق ئوردا سارايلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان كونا ئۆي خارابىلىرى، رەتلىك مۇنارلار ، ئەينى ۋاقىتتا ئاجايىپ كۆركەم ھەشىمەتلىك ياسالغان بۇتخانا ھويلا – ئاراملىرى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرمەي قالمايدۇ . بۇرۇن قەدىمكى شەھەر يارغول شەرىق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان . ئو مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2 – ئەسىردىن بۇيان يىراق ياۋروپاغا سوزۇلغان مەشھۇر «يىپەك يولى»نىڭ مەركىزىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن . جەنۇپتىن شىمالغا سوزۇلغان قەدىمكى يارغول شەھەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئىككى كىلومېترغىچە ، ئومۇمى كۆلىمى تەخمىنەن 400 مىڭ كۋادرات مېتر ، قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 250 مىڭ كۋادرات مېتر كېلىدۇ . ئۇزۇن يىللار داۋامىدا نۇرغۇن قېتىملىق ئۇرۇش ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ، ھازىر بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ جەنۇپتىن شىمالغىچە بولغان بىر يېرىم كىلومېتر دائىرىدىكى جەنۇپ ۋە ئوتتۇرا تەرىپىگە جايلاشقان قىسمىلا ساقلىنىپ قالغان. شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بۇتخانا ۋە بۇت مۇنارلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بۇزۇلۇپ تۈگىگەن . شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ھەشىمەتلىك بىنالارمۇ ئاللىقاچان ۋەيران بولۇپ كەتكەن . دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قەدىمكى يارغول شەھەرى خېلى بۇرۇنلا گۈللىنىش دەۋرىگە كىرگەن . «خەننامە. غەربىي رايون تەزكىرىسى» دە: « ئالدى قاڭقىل بەگلىكىنىڭ پادىشاھى يارغولدا تۇرىدۇ ، بۇ شەھەر ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان يېرىگە جايلاشقان …1000دىن كۆپرەك نوپۇسى ، 2000 غا يېقىن ئەسكىرى بار …» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن . ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا ، قاڭقىللارنىڭ مەرىپەت باسقۇچىغا قەدەم قويغان ۋاقتى يېغىلىق دەۋرىدىن كېيىن ئەمەس . مىلادى 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ، ئالدى قاڭقىللار ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىن يارغول تېرىتورىيىسىگە كۆچۈپ كېلىپ ، بۇ يەردە ھاكىمىيەت قۇرۇپ ، بۇ زېمىننى گۈللەندۈرگەن . تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى مىلادى 640 – يىلى يارغولدا قۇرۇلغان . قەدىمكى يارغول شەھىرى ھونلار تېرىتورىيىسىگە يېقىن بولۇپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرت ئارىلىقىدىكى مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن ئىدى . بىراق كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە ، يايلاق يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ ، يارغول شەھىرىنىڭ ھەربىي ۋە قاتناش – تىرانسىپورت جەھەتتىكى رولى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتكەن . يارغول شەھىرىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى شەھەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى جەھەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان . قەدىمكى يارغول شەھىرى قەدىمكى شىنجاڭ رايونى ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە « يىپەك يولى » نى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە . مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى» 1994 – يىلى1– ئاينىڭ 25– كۇنى |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 190ـ كۆرۈرمىنى
kisek
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|