نۆۋەتتىكى تېما : ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقيا ئېتقادى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 301ـ كۆرۈرمىنى
tarhan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 544
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-08-03
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقيا ئېتقادى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقيا ئېتقادى
ئابلاجان مۇھەممەت ئۈمىد يار

ئوقيا ئىنسانلار ئىپتىدائىي ھايات باسقۇچىدىن تارتىپلا تۇرمۇش ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە كەڭ ئىشلەتكەن ، قۇرۇلمىسى ئاددىي ، ئىشلىتىشكە قۇلاي ئوۋچىلىق قۇرالى ۋە جەڭ قۇرالىدۇر . ئۇ قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان .
مەدەنىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، جاھالەت دەۋرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى ئىنسانلارنىڭ ئوقيانى كەشىپ قىلىشى بىلەن باشلانغان . ئىپتىدائىي قەۋملەر  ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئوقيا ئوقىنى قۇياش نۇرىغا تەققاسلاپ چۈشەنگەن . چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئەپسانىلىرىدا قۇياش ئەڭ مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ئوۋچى ، دەپ قارالغان . شۇڭلاشقا ئوقيا ئىپتىدائىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا ئالاھىدە خىسلەتلىك قۇرال ھېسابلانغان . ئىپتىدائىي ئەجدادلىرىمىز ئەڭ دەسلەپ ئىجاد قىلغان ئاددىي تاش  ئوقيالىرىنى ئىلگىرى يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن قوغدىنىش ياكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈنل ئىشلەتكەن بولسا ، كېيىنچە باشقا قەبىلىلەر بولغان ئۇرۇش – توقۇنۇشلاردا ئىشلەتكەن .  ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ  كېيىنكى مەزگىلىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى نوقۇل ئوۋچىلىقتىن ھالقىپ چارۋىچىلىق ۋە مۇقىم دېھقانچىلىققا  ئۆزگەرگەن . مۇشۇ مەزگىللەردىمۇ ئوقيا يەنىلا مۇھىم ئەمگەك قۇرالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن . مەدەنىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ، بازارلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە چوڭ – كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى  بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى . قەبىلىلەر ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش – جېدەللەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك ئوقيا قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ  ھايات – ماماتى ، غەلىبە ياكى مەغلۇبىيىتى بىلەن بىۋاستە باغلىنىپ ، قەۋملەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان  بىردىنبىر ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندى . مۇشۇ يوسۇندا داۋاملاشقان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت جەريانىدا ئوقيانىڭ ھل قىلغۇچ رولىنى تونۇپ يەتكەن ئەجدادلىرىمىز ئوقيادىن ئىبارت بۇ قۇرالنى ئىلگرىكىگە ئوخشاشلا مۇقەددەسلەشتۈرۈپ تونۇغان ، قەدىمكى تەڭرىقۇتلار ۋە باتۇرلارنىڭ دالىدىكى ئوۋچىلىق ياكى جەڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش – بولماسلىقىنى ئوقيادىن ئىبارەت مۇقەددەس قورالغا باغلىق ،  دەپ قارىغان  .
قەدىمكى فولكلور مىراسلىرىمىز ۋە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوقياچىلىق مەدەنىيىتى ۋە ئوقيا مۇقەددەسلىكى قارىشىنى كۆپ تەرەپتىن ئىسپاتلايدۇ . شىنجاڭنىڭ ئالتاي تېغى ، تەڭرىتېغى ئېتەكلىرىدىكى غار – ئۆڭكۈرلەر ، تۇرپان ، دۇنخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىكى مىڭئۆيلەرگە سىزىلغان رەسىملەر ۋە توقسۇن  تەۋەسىدىكى پەنجىرىتاغقا ئويۇلغان تاش خەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوقيا تۇتقان ئادەم ياكى ئوقيا ئالاھىدە تەسۋىرلەنگەن . « ئوغۇزنامە» ئېپوسىدا باش قەھرىمان ئوغۇزخاننىڭ بېلىگە ئوقيا ئاسقان ھالدا مەيدانغا چىقىپ ئوۋچىلىقتىكى ماھارىتىنى كۆرسەتكەنلىكى ، ئەسەرنىڭ كېيىنىكى قىسمىدا  ئوغۇزخاننىڭ ۋەزىرى ئۇلۇغ تۈركنىڭ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوقنى كۆرگەنلىكى ھەم ئۇنىڭ چۈشىدىكى مۇشۇ بېشارەتكە ئاساسەن  ئوغۇزخاننىڭ ئوغۇللىرىنى ئوۋغا ئەۋەتكەنلىكى ، ئۇنىڭ چوڭ خوتونىدىن تۇغۇلغان ئۈچ ئوغلىنىڭ بىر ئالتۇن يانى ، كىچىك خوتونىدىن تۇغۇلغان  ئوغۇللىرىنىڭ ئۈچ كۈمۈش ئوقنى تېپىپ كېلىپ ئاتىسىغا تاپشۇرغانلىقى ، ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئوغۇزخاننىڭ بالىلىرىدىن كۈتكەن تىلىكى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى ئامىتىنىڭمۇ ئوقيا ۋاستىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقانلىقى بايان قىلىنغان .
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوقيانىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئوقيا مۇقەددەسلىكى ئەنئەنسى ئۇيغۇر فولكلور مىراسلىرىنىڭ بىرى - «باتۇر تەڭرىقۇت رىۋايىتى» دىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . بۇ رىۋايەتتە باتۇرنىڭ ئۇلۇغ ياۋچىلار ئېلىدىن بارىمتايلىق (كېپىللىك) تىن قېچىپ كەلگەندىن كېيىن رەقىبلىرىنى تېنچىتىپ ، ھاكىمىيەت ئىگىلەش ئۈچۈن پەم – پاراسەت ئارقىلىق بىر خىل ئالاھىدە ئوقيانى ئىجاد قىلغانلىقى ھەم بۇ ئاۋازلىق ئوقياغا تايىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ مەقسىتىگە يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان . دېمەك ، بۇ رىۋايەتتىكى ئوقيا ئوبرازى ئامەتنىڭ ، شانلىق زەپەرنىڭ ،  ھاكىمىيەت ئىگىلەشنىڭ مۇھىم ېاستىسى سۈپىتىدە رول ئوينىغان .
بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسىنى شەرھلەپ ، بۇ ھەقتە  ئوقياغا مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەتنى مىسال كەلتۈرگەن . ئۇنىڭدا قەدىمكى زاماندا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا ئۇيغۇر خاقانىنىڭ ئىسكەندەر قوشۇنلىرنىڭ ئالدىغا 4000 ئاتلىق ئوقياچى قوشۇن ئەۋەتكەنلىكى ، بۇ  ئوقياچى قوشۇننىڭ كارامىتىنى كۆرگەن ئىسكەندەر ئۇيغۇرلارغا قايىل بولۇپ ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماي تىنىچلىق بېتىمى تۈزگەنلىكى ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقيا ئېتىشتىكى ئالاھىدە ماھارىتى ئارقىلىق باشقا ئەللەرنى قايىل قىلغانلىقى بايان قىلىنغان .
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تارىخىي ئۇچۇرلار بىلەن كىروران گۈزىلى قەبرىسىدىن تېپىلغان مېتال ئوقيا پارچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقياچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى مېتال ئوقياغا تەرەققى قىلغانلىقى ،  ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەڭ كەم دېگەندىمۇ 4000 يىللار ئىلگىرىلا مېتال ئوقيانى ياسىغانلىقى ھەم ئۇنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئىشلەتكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتقا ئىگە بولالايمىز .

مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى» 2001– يىلى7– ئاينىڭ21– كۇنى



| ۋاقتى : 2008-07-16 19:36 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 301ـ كۆرۈرمىنى
kisek

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1354
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 70
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە70دانە
شۆھرىتى: 86 نومۇر
پۇلى: 850 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-02
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمى تارىخىدىكى "ئوقياچىلىق"،"ئۈزەنگە" كەشپىياتى
...قەدىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەسىرلىرىنى قالدۇرغان.
[ بۇ يازما kisek تەرىپىدىن 2008-07-17 08:42 دە قايتا ]
| ۋاقتى : 2008-07-17 00:11 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 301ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 183
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە183دانە
شۆھرىتى: 216 نومۇر
پۇلى: 10070 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :71(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2008-09-17

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    مەن يېقىندا يۇرتىمىزنىڭ بايلىق ھېرىسمەنلىرى كولىۋەتكەن قەدىمى قەبرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن قەدىمكى ھەمدەپىنە بويۇم ئوقيانىڭ ئوقىنى ئۈچ پارچە ھالەتتە ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدىنى يادىكارلىق ئىشخانىسىغا دەرھال ئىككى قېتىم تىلىفۇن قىلىپ، بۇ يەردە 5000دىن ئارتۇق قەدىمى قەبرە بارلىقىنى ئىنكاس قىلدىم. ئۇلار دەرھال كېلىپ مىنىڭ يىتەكلىشىم ئاستىدا بۇ قەبرىلەرنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى ۋە دەرھال قوغدۇنۇش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىشتى. مەن ئۇلارغا ئۆزەم تېپىۋالغان بىردانە يارغۇنچاق، چۆچەك، قوشۇق، ئوقيا، ئاياللار ئىشلىتىدىغان تارغاق، ئالتۇن يالىتىلغان ھەيكەل پارچىسى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇپ بەردىم.
  ھەقىقىتەنمۇ يۇرتىمىزدا تارىخىمىزغا ئائىت گۆھەرلەر ساناقسىز ، ئەمما ئۇنى قولىغا ئېلىپ تارىخى نەزەر بىلەن قاراپ مۇئەييەن ئىلمى ھۆكۈمگە تۇتۇنغۇچىلار يوق دىيەرلىك.....................................................؟؟؟
yol
| ۋاقتى : 2008-07-17 18:44 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 301ـ كۆرۈرمىنى
honqan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 2499
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-07
ئاخىرقى : 2008-09-16

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەجداتلىرىمىز  ئەڭ    بۇرۇن  ئۆي  ھايۋانلىرىنى    كۆندۈرگەن  خەلىق  بولۇپ  ئات  بۇنىڭ  تىپىك  مىسالى .  ئەجداتلىرىمىز  ئاتنى  كۆندۇرگەندىن  كېيىن  ئۇنى  مىنىش  ئېھتىياجى  بىلەن    يۈگەن(نوقتا) ،ئۈزەڭگىنى  كەشىپ  قىلغان.  يەنە  شۇ  مەقسەتتە    ئۆتۇكنى  كەشىپ  قىلغان.    يۇقارقىلار    ئارخىلوگىيەلىك  تېپىلمىلار    ئارقىلىق    ئىسپاتلانغان.
yol
| ۋاقتى : 2008-07-17 20:49 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 301ـ كۆرۈرمىنى
zirek

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1895
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 54
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە54دانە
شۆھرىتى: 58 نومۇر
پۇلى: 580 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :30(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-24
ئاخىرقى : 2008-09-12

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىختىراچى ئادەملەردىن ئىدى. قاچانكى بوستان مەدەنىيتى دېڭىز مەدەنىيتىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالدى، بىز بوستانلىقلاردا بىراقلا بۇخارا ئۇيقۇسىنى باشلىۋەتتۇق. دېڭىز مەدەنىيتى كىشلىرى بولسا، بىپايان دېڭىزدا ئن-تىنسىز ئالغا كەتتى.....
yol
| ۋاقتى : 2008-07-19 01:04 4 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.077678(s) query 4, Time now is:09-17 05:47, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation