« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
نۆۋەتتىكى تېما : ئىملايىمىزنىڭ ئەسلىگە قايتىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
koktash

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 380
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-09
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئىملايىمىزنىڭ ئەسلىگە قايتىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

مەزكۇر تېمام مۇنبەرىمىزدىكى ئىلىم (قۇددۇس ھافىز)ئەپەندىنىڭ تۆەندىكى يازمىسىغا قارىتا يېزىلغان:
./bbs/read.php?tid=1326

تىلىمىزنىڭ ئەسلى گرامماتىكىسى، بولۇپمۇ ئا ئا لەرنىڭ ئاجىزلىشىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم.
مېنىڭ قارىشىمدا، بىز تۈرك مەنبەلىك خەلق، تىلىمىز تۈركىي تىل، بۇرۇن گەرچە ھەر خىل يېزىقلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن خاقانىيەت تىلى، چاغاتاي تىلى قاتارلىق بۈيۈك تىل دەۋىرلىرىنى بېشىمىزدىن ئۆتكەزدۇق. باشقا تۈركىي مىللەتلەرمۇ يۇقارقى بۈيۈك تىللارنى بىز بىلەن ئورتاق ئىشلىتىپ كەلدى. (شۇنىسى ئاشۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك "مىللەت ئۇقۇمى" يوق ئىدى، چۈنكى ھەممىمىز تۈرك ئىدۇق) لېكىن بىزدىن باشقىسى ئا ئە لىرىنى ئاجىزلاشتۇرۋالمىدى. تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە پەقەت بىزلا "ئاناسى" نى "ئانىسى" دەپ يېزىپ كېلىۋاتىمىز، ھەم بۇنى "ئۆزگىچىلىك" دەپ تەرىپلەۋاتىمىز. بۇ راستىنلا بىر ئۆزگىچىلىكمۇ؟! ئەگەر ئۆزگىچىلىك بولسا، تىل تەرەققىياتىمىزغا كاتالىزاتور بولسا توغرا بولاتتى، ئەپسۇس، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە تىلىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولىۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك، ئۇيغۇر تىلىدا "قانداق ۋاقتىدا "ئا" تاۋۇشى "ئې"غا، قانداق ۋاقىتتا "ئى" غا ئۆزگىرەش توغرىسىدا بىر مۇنچە گرامماتىكا قائىدىلىرىنى چىقىرىشقا توغرا كەلدى. بۇنداق ئۇششاق مىساللارنى ئېلىپ ئولتارمىساممۇ، 2006- يىلىدىكى تىلكومنىڭ ئىملا تۈزىتىش توغرىسىدىكى 11 مەسىلىنىڭ قاتارىدا " ئا  ئە لەرنىڭ ئاجىزلىشىشى" بار بولۇپ، مەزكۇر "ئۆزگىچىلىك"نىڭ "مەسىلە" قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى "پۇتلىكاشاڭلىق"نىڭ تىپىك ئىسپاتى. ئەگەر ئۇ بىر پۇتلىكاشاڭ بولمىسا، تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئوڭ كەلگەن بولسا، نېمىە ئۈچۈن 11 مەسىلىنىڭ قاتارىدا تىزىلىپ قالىدۇ!؟  http://www.anatilim.com/anatilimmunbiri/ShowPost.asp?id=528
2006- يىلدىكى ئىملا تۈزىتىش يىغىنى 1950- يىلدىن كېيىنكى 6- قېتىملىق "ئىملا تۈزىتىش" يىغىنى بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقى ئىملاسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.....
باشقا مىللەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بىرەر قېتىم ئىملا ئۆزگەرتىش قىلىپ قويىدىكەن. خەنزۇچىمۇ 50 يىل بۇرۇن ئاددى يېزىلىشقا باشلىغاندىن باشقا، ئىملا ئۆزگەرتىپ باقمىدى. ھازىرقى ئېنگلىزچىمۇ بىزنىڭ چاغاتاي تىلىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىشلىتىۋاتقان ۋاقتىمىزدىكى بىلەن ئوخشاش. شىۋېت تىلىمۇ 200 يىلنىڭ ئالداىدا بىر قېتىم "رېمۇنت" قا چۈشۈپ، ھازىرغىچە ئىملا ئۆزگەرتىش كېسىلىدىن خالىيمىش.....

ئەڭ دەسلەپكى ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئىملا تۈزىگەنلەر گوياكى بىر ئېنجىنىر، ئەپسۇس بۇ ئېنجىنىرلار بىنانىڭ ئۇلىنى خاتا قويدى. بىنا گەرچە لەپپەڭشىپ ئاران تۇرسىمۇ، ئۇنى ياماپ- چاپلاپ دىگۈدەك، باشقىلارغا مۇكەممەل قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ھېچكىممۇ بۇ بىنانىڭ ئۇلىنىڭ خاتا سېلىنغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ باقمىدى، ھەم ياماپ- چاپلىسىلا مۇكەممەللىشىپ كېتىدىغانىقىغا ئىشىنىپ كەلدى. ششۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە ئىملايىمىزنى 5 نۆۋەت "رېمونت" قىلىپ بولۇپمۇ، 21- ئەسىرگە كىرگەندىمۇ (2006) يەنە بىر قېتىم رېمونت قىلىۋەتتۇق.  مەسىلە تەلتۆكۈس ئوڭشالدىمۇ؟  جاۋابىنى يەنە 10 يىلدىن كېيىن كۆرۈمىز. چۈنكى 10 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم "چوڭ رېمونت" قىلىشى ئېنىق تۇرۇپتۇ...
ئەڭ دەسلەپكى ئىملا تۈزىتىشتە، 500 يىل ئورتا ئاسىيا تۈركلىرىگە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلەپ كەلگەن چاغاتاي تىلىنى ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شىۋىسى ئاساس قىلىندى، ئىسڭىزدە بولسۇن، يېزىقنى ئەمەس، شىۋىنى ئاساس قىلىپ تۈزىلدى. دېمەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل- يېزىقى ئەجداد تىلىغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلالمىدى. چاغاتاي تىلىدەك مۇكەممەل (ھېچ بولمىغاندا بىر قەدەر مۇكەممەل، چۈنكى ئورتا ئاسىيا تۈركلىرى نەچچە يۈز يىل ئىشلىتىپمۇ، بىرەر قېتىم ئىملا ئىسلاھاتى قىلغان دەپ ئاڭلىمىدىم، لېكىن ھازىرقى يېزىقىمىز 50 يىلدا 6 قېتىم ئوڭ- تەتۈر ئىسلاھ قىلىنىپ بولدى) يېزىقنى ئاساس قىلمىغانلىقتىن، ھازىرقىدەك 10 يىلدا دېگۈدەك بىر قېتىم رېمۇنت قىلىپ ئىشلىتىدىغان بىچارە ھالەتكە كېلىپ قالدى.
ھېچقانداق بىر ئىلغار مىللەت شىۋىنى ئاساس قىلىپ ئەدەبىي تىل تۈزىمەيدۇ، لېكىن بىز ئىزا تارتماي شۇنى قىلدۇق. بېيجىڭلىقلار 我 نى "ۋو" دەپ ئوقۇغىنى بىلەن، گۇاڭدۇڭلۇقلار "مو" دەپ، شەنشىلىكلەر "ئې" دەپ ئوقۇيدۇ. ئېنگلىزچىدە know نى "نوۋ" دەپ ئوقۇيدۇ، ئالدىدىكى k نى ئوقۇمايدۇ. ئۇ مەيلى قانداق ئوقۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر 我ۋە know دەپ يېزىلىشى شەرت(我ۋە knowقەدىمدە باشقىچە ئوقۇلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن). دېمەك، بىر مىللەتنىڭ ئېغىز تىلى بىلەن يېزىق تىلى پەرقلىنىدۇ. بىلىشىمچە، ئوروسلارنىڭ خەت يېزىلىشىمۇ ئوقۇلىشىغا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. نېمە دەپ يازسا شۇنداق ئوقۇيدىغان ئىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. يېزىلغىنى ئۇ بىر مۆھۈر، سىز نېمە دەپ ئۆزلەشتۈرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم يېزىقتا شۇنداق يازىسىز. بۇ مۇقىم ھالەتتە بىرلىكلىكنى ساقلاشنىڭ قائىدىسى. خەنزۇلار بىر- بىرنىڭ گېپىنى بىلىشەلمىسە، يۈز –تۇرانە تۇرۇپ خەت يېزىشىپ پىكىرلىشەلەيدۇ. لېكىن بىزچۇ؟  قازاق، قىرغىز لار، تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن يۈز –تۇرانە پىكىرلىشەلەيمىز-يۇ، خەت ئالاقە قىلالمايمىز.
پەقەت بىزلا ئەمەس، كۆپىنچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېزىقى كىلاسسىك يېزىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئېغىز تىلىدىن كەلگەن. ناۋادا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر ئېغىز تىلىغا ئەمەس، قەدىمكى تىل- يېزىقىغا ئاساسلىنىپ يازسا، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېزىقى پەقەت بىرلا ھالەتكە كېلەلەيدۇ. مەسىلەن:
مۇسۇلماندار اسخاناسى (قازاقچە)، بۇنىڭدىكى "دار" ئېغىزچە، ئەسلى "لار" بولىدۇ، "ئاس"- "ئاش" بولىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى (ئۇيغۇرچە)، "خانىسى" ئېغىزچە، ئەسلى "خاناسى" بولىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئوشخوناسى (ئۆزبەكچە)،  "ئو"نىڭ 'ئا" تەلەپپۇز قىلىنىشى ئۆزبەكچىدىكى ئورۇسنى دورىغان بىر ئۆزگىچىلىكى بولۇشى مۇمكىن.
مۇسۇلمانلار اشخاناسى (ئەڭ ئورتا، چاغاتاي تىلىغا يېقىن)


يەنە ئوبدان قاراپ باقىدىغان بولساق، بىزدىن باشقا تۈركلەر ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ، كونا كىتاپلىرىمىزدىمۇ ئاجىزلاشتۇرماي يازغان. ئۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز، ناخشىلىرىمىزنى ئاڭلاپ بېقىڭ، "ئاچىل، ئاچىل گۇل ئاچىل" (ئېچىل، ئېچىل، گۈل ئېچىل ئەمەس)، "پۇرايدۇ بەشكېرەم باغى" (بېغى ئەمەس). ئۇنىڭغىمۇ ئىشەنمىسڭىز، 1980- يىللاردىن بۇرۇنقى پۇللارغا قاراپ بېقىڭ، "جۇڭگو خەلق بانكاسى" (بانكىسى ئەمەس) دېگەن خەتنى كۆرىسىز......
ئۇنداقتا بىز قانداقسىگە ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئىملانى تاللاپ قالدۇق؟ بۇنىڭدا 2 سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، 1- سىياسىي ئويۇن، تۈركىي مىللەتلەرنى ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالاقە قىلىشتىن ۋە ئىتتىپاقلىشىشتىن توسۇش، بۇنى دەسلەپ سوۋېت ئىتتپاقى يولغا قويغان. 2- مىللىي ئۆزگىچىلىككە ئىنتىلىش، باشقا تۈركلەردىن پەرقلىنىش. ھازىرمۇ تۈركىي مىللەتلەر ئارا پەرقلىنىش ئىنتىلىشى بەك كۈچلۈك. قازاقلار "ياكى" دېگەن گەپنى چۈشىنىدىكەن، لېكىن ئۇنى قەتئىي ئىشلەتمەي، زادى "نەمەسە" دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدىكەن. بىز ئېغىز تىلىدا "ياخشى بولايلىق"، دەيمىز، لېكىن قازاقچىگە ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇنداق يازمايمىز. ھەتتا قازاقچە، ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە ھەرىپلەرمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن.
بۇ خىل ئۆزگىچىلىكلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئانا تىلى بىلەن تەڭ نابۇت قىلىدىغان كۆرۈنمەس سىرتماقلا خالاس!!!
ناۋادا، ھەممە تۈركىي مىللەتلەر تىل ئورتاقلىقىدىن پايدىلىنىپ، قەدىمكى ئىملالىرىمىز ئاساسىدە يېڭى بىر تىل- يېزىق لايىھەپ چىقسا، بۇنى ھەممە تۈركىي مىللەتلەر ئىشلىتىپ، دۇنيا مىقىياسىدا ئۇچۇر- ئالاقە قىلالىسا، بۇنىڭ نەرى يامان؟!  ئۇيغۇرغا نېمە زىيىنى بار؟! ئۇيغۇرلار ئۆز قېرىندىشىنىڭ سۆزىنى بىلىپ، خېتىنى ئوقۇيالماي، تەكلىماكاندا مەڭگۈ قاپسىلىپ ياتسا، ئاخىرىدا ئانا تىلى بىلەن بىرگە يوقاپ كەتسە ياخشىمۇ؟ ؟؟

بىز ئاشۇ ئىملاغا كۆچكىلى تېخى ئاران 50 يىل بولدى. ئۇنداقتا، بىز 50 يىللىق گرامماتىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 500 يىللىق، ھەتتا 1000 يىللىق گرامماتىكىدىن ۋاز كېچىمىزمۇ؟  بۇ پەقەت 500 ۋە 1000يىللىق گرامماتىكىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا تەنھا قېلىشقا مۇپتىلا بولۇشنى تاللاش خالاس!
بىز پەقەت ئۆز "تۈرك" لىكىمىزنى، يەنى تۈركىي تىلىمىزنى ساقلاپ قالغاندىلا، ئاندىن ئاناتىلىمىزنى ساقلاپ قالغان بولىمىز. ئەگەر سۆزلىشۋاتقان تىلىمىز تۈركىي تىل بولمىسا (ئا ئە لەر ئاجىزلاشسا)، قانداقسىگە بىزنىڭ ئاناتىلىمىز بولالايدۇ. قىسقىسى، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز پەقەت ئۇيغۇر تۈركچىسى!

يەنە بىر گەپ، ئا ئە لەرنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق قائىدىسى باشقىلار ئېتقاندەك ئىسلاھ ئەمەس، بەلكى ئەسلىگە قايىتىش!  بىزنىڭ يېزىقىمىز نۇرغۇن ئىسلاھ قىلىنىش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى مۇكەممەل ھالىتىدىن ھازىرقىدەك 10 يىلدا بىر قېتىم چوڭ "رېمۇنت"قا چۈشىدىغان ھالغا كەلگەن!

تىلىمىزنىڭ ئۆتمۈشى بىر نۇقتا، ھازىرى بىر نۇقتا. مۇشۇ 2 نۇقتا ئارىسىدىكى تۈز سىزىق تىلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ توغرا يۆنلىشى بولالايدۇ. باشقا تىللارمۇ ھەم شۇنداق.
خەنزۇلار مەكتەپتە مەجبۇرى ھالدا 古文 (قەدىمىي يېزىق) دەرسىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر بىر خەنزۇ ئوقۇغۇچى مەكتەپتىكى چېغىدىلا خەنزۇ تىلىنىڭ ئۆتمۈش ھالىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ. ئامېرىكىلىقلارمۇ "قەدىمكى كىلاسسىك ئېنگلىز تىلى" نى ئۆتىدۇ. ئۇلار ئۆز تىللىرىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرىنى ياخشى باغلاپ، توغرا بولغان يۆنىلىشكە سىلجىيدۇ. پەقەت بىزلا تىلىمىزنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولالمايمىز. بىز ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدە "خاقانىيە تىلى" ، "چاغاتاي تىلى" قاتارلىقلارنى قوللانغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، خىزمەت ئالدىراشلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ تىللار بىلەن تونۇشۇشقا پۇرسەت بولمايدۇ. شۇڭا، ھازىرقىدەك تىلىمىزنىڭ تەرەققىيات يۆنلىشىنى توغرا بەلگىلىيەلمەي يۈرۈيمىز.
  تىلىمىزنىڭ تەرەققىيات يۆنلىشىنى توغرا بەلگىلەشتە، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، تىلىمىزنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى توغرا بىلشىمىز ۋە مۆلچەرلىشىمىز كېرەك.
[ بۇ يازما koktash تەرىپىدىن 2008-09-04 23:25 دە قاي ]
1som
| ۋاقتى : 2008-09-04 22:44 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
palwan

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1287
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 148
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە148دانە
شۆھرىتى: 156 نومۇر
پۇلى: 1530 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :82(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يولداش كۆكتاشنىڭ يوللانمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇستازىم ئابدىبەسىر ئابدۇشۇكۇرىنىڭ يېقىندىلا سۆزلىگەن تىل تەتقىقاتى ، يېڭى دەرسىل ئىسلاھاتىدىكى دەرىسلىك تۈزەش خىزمەتلىرىدىكى قىيىچىلىق ۋە كۆڭۇل غەشلىكلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۈرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۆزىنىڭ نىمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى ، كىلاستىك ئەدەبىياتنى ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئۆتۈش، نىمىلەرنى تۈتقا قىلىش، ئۆز تىلىنى قەدىرلەيدىغان بىر ئەۋلاتنى تەربىيلەشتە قايسى تەرەپلەرنى بەكرەك گەۋدىلەندۇرۇش قاتارلىقلارنى سۆزلىگەندىكى سىماسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. ئۇنىڭ مەڭگە تاشلار توغرىسىدىكى سۆزلىگەن لىكسىيىسىدىن تەئەجقۇپلەنگەن كۈرسانلاردىن بىر قانچىمىز سۇئاللارنى سورىدۇق، سورىغان سۇئاللىرىمىزغا بىرىلگە جاۋاپلاردىن خىجىل بولدۇق، ئۇيالدۇق. تۇيۇنقۇق مەڭگۇ تاشلىرى، بىلگە قاغان مەڭگۇ تاشلىرىدا خەنزۇ يېزىقى نىمىش قىلىدۇ؟ جاۋاپتىن كېيىنلا ھەممىمىز ئورتاق ھالدا، مانا بۇ بىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان باشقىلارنىڭ يېزىقى جەھەتتىكى ئارتۈقچىلىقى. ھېلىمۇ خەنزۇ يېزىقىدا ئويۇپ قويۇپتىكەن بولمىسا ئۈنىڭ تەۋەلىكى يەنە قاچانغىچە تالاش-تارتىشتا قالاركىن دىگەن تۈنۇشقا كەلدۇق.
      يولداش كۆكتاش ئېيتقاندەك، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئۇلۇغ بوۋام(دادامنىڭ دادىسىنىڭ دادىسىنى كۆزدە تۈتتۇم)يازغان يازمىلارنى مەن تۈرماق 30يىللىق مائارىپچى داداممۇ ئوقۇپ چۇشىنەلمەسلىكتەك پاجىئەگە دۇچ كەلدى. دادامنىڭ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغاندىكى قالدۇرغان كونىسپىكلەرنى مانا مەن ئوقۇپ تۇللۇق ھەزىم قىلالمايمەن. قول يازمىلارنى قويۇپ تۈرايلى، تاشكەنىت مەتبەلىرىدە بېسىلغان نەشىر بويۇملىرىنى ئوقىساقمۇ ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىمىز ئەمەستەك، غەلىتىلىك ھىس قىلىدىغان ھال شەكىللەندى. ئورخۇندىكى كۆپ سانلىق زىيالىيلارنىڭ مىللىيەتلىكنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولغان يېزىقىمىزنىڭ جۇملىدىن تىلىمىزنىڭ ئەسلىنى ساقلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى،يولداش كۆكتاشنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە، ئەسكەرتمىلىرىگە نەرەر كۆزۇڭلارنى سېلىپ قويۇشىڭلارنى، بۇ ھەقتە ھەممىڭلارنىڭ ئويلۇنۇك كۆرۈشىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن  تەۋىسيە قىلىمەن.رەخمەت.
[ بۇ يازما palwan تەرىپىدىن 2008-09-05 12:33 دە قايت ]
| ۋاقتى : 2008-09-05 12:20 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
yolchibeg

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1378
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-05
ئاخىرقى : 2008-09-05

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بولسا ئانا تىلىم تورىغىمۇ يوللاپ قويساڭلار
| ۋاقتى : 2008-09-05 15:05 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
tax

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2839
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە38دانە
شۆھرىتى: 40 نومۇر
پۇلى: 390 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :11(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-19
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھازىر ئانا تىلنى توغرا ئىشلىتىش ئەمەس قوغداپ،ساقلاپ قىلىشقىمۇ قادىر بولالمايۋاتىمىز.
yol
| ۋاقتى : 2008-09-05 16:58 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
shakira

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3691
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرىتى: 8 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-07-20
ئاخىرقى : 2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەگەر بۇ "كەينىگە قايتىش" دۇلقۇنى كۆتۈرۈلسە ماڭا ئوخشاش "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى"نى ئوقۇپ چوڭ بولغانلارغا زەربە بولىشى مۈمكىن،بۇ قىيىنچىلىق ھىچ گەپ ئەمەس،يېڭىپ كەتكىلى بولىدۇ.ئەمما بۇ دۇلقۇننى قوش تىللىق ئوقۇتۇش دۇلقۇنى يۈتىۋېتىپ،دىققەت قىلىدىغان ئادەم چىقماي قالارمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.
ئەندىشەم يۇقىردىكى تورداش بىلەن ئوخشاش.
1som
| ۋاقتى : 2008-09-05 19:56 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
koktash

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 380
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-09
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەنىڭچە، گەپ كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ "ئا، ئە" لەرنى ئاجىزلاشتۇرماي يازىشنى ئېتىراپ قىلىشىدا!
ھېچ بولماغاندا، ئاناتىلىمىزنىڭ ئەسلىي قىياپەتنى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىۋالىشىدا! يەنى ھەقىقەتنى بىلىۋالىشدا!


رەسمىي بۇرۇق چۈشۈرۈلۈپ ئىملانى ئەسلىگە قايتۇرۇش باشقا- باشقا گەپ! 
yol
| ۋاقتى : 2008-09-05 20:24 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
honqan

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2499
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە29دانە
شۆھرىتى: 30 نومۇر
پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :46(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-07
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئانا  تىلنى    قوغداش      مىللتىمىزنىڭ    ھەر  بىر  ئەزاسىنىڭ    باش  تارتىپ    بولمايدىغان    بۇرچى.
yol
| ۋاقتى : 2008-09-05 21:37 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
kokarih

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1254
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرىتى: 8 نومۇر
پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :6(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-01-13
ئاخىرقى : 2008-12-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  ئۆتكەن يىلىغۇ دەيمەن،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل يېزىق كومىتېتىدىن بىر بۆلۈك مۇتەخەسىسلەر گورۇپپىسى دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت،ئوبلاستلىرىغا بېرىپ،يېڭىدىن تۈزۈلمەكچى بولغان <<ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى>>ۋە<<ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى>>ئۈچۈن تۆۋەنلەردىن پىكىر ئېلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانكەن.بىزگىمۇ مەزكۇر تۈزۈلگۈسى لۇغەت ئۈچۈن پىكىر ئېلىش نۇسىخىسىدىن بىرى  (ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 2006-يىلى 9-ئاينىڭ15-كۈنى پۈتۈلگەن تامغىلىق خەت)بىر قانچە ئاي بۇرۇن پوچتىدىن يېتىپ كەلگەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ جاي-جايلارغا ئەۋەتكەن مۇھاكىمە تىزىسىدە تۆۋەندىكى تەرەپلەر نوقتىلىق دەتالاشقا قويۇلغان.
1.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش مەسىلىسى:<< ئى>>تاۋۇشىنى روس،ياۋرۇپا تىللىرىدىن كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ سۆز بېشىغا قېتىش- قاتماسلىق مەسىلىسى.
2.سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش مەسىلىسى:<< ئە>>تاۋۇشىنىڭ سۆزنىڭ بىرىنچى ياكى كېيىنكى بوغۇملىرىدا << ئې>>ياكى<<ئى>>غا  ئاجىزلاشتۇرۇپ يېزىلىشى؛<<ئا>>تاۋۇشىنىڭ تۆت خىل ئەھۋال ئاستىدا ئاجىزلاشتۇرۇش ياكى ئاجىزلاشتۇرماسلىق مەسىلىسى.
3.سىنگارمونىزم مەسىلىرى:(سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى)
4.ئورۇن،چىقىش،ئوخشاتما كېلىش،شۇنىڭدەك ئورۇن-بەلگە كېلىش قوشۇمچىلىرىنىڭ جاراڭسىز ۋارىيانتلىرىنى قىسقارتىش مەسىلىسى
5.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيىسى مەسىلىسى(سۆزلەرگە ئەسلى تەلەپپۇزى بويىچە ئىملا بەلگىلەش تەۋسىيە قىلىنغان)
6.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىش مەسىلىسى(سۆزلەرنى يېزىلغىنى بويىچە تەلەپپۇز قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان)
7.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش مەسىلىسى(<<ي>>تاۋۇشىنى قوشۇش ياكى قوشماسلىق تەۋسىيە قىلىنغان)
8.<<-چە >>بىلەن ئاياغلاشقان تۇرغۇن سۆزلەر مەسىلسىى:(بۇ قوشۇمچە بىلەن ياسالغان ياكى چەت تىلدىن قوبۇل قىلغان ئاخىرى <<چە>>بىلەن قۇرۇلغان سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشقاندا،<<چە>>دىن بۇرۇن كېلىۋاتقان بۇغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇشنى ئاساس قىلىمىزمۇ ياكى ئالدىنقى بۇغۇمنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،بىردەك قوشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق ۋارىيانتىنى قوشىمىزمۇ؟دېگەن تەۋسىيە) 
9.<<ل>>تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىش مەسىلىسى:(بۇنىڭدا سۆزلەرتەركىبىدىكى <<ل>> تاۋۇشىنى تولۇق تەلەپپۇز قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان)
10.<<ر>>تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىش مەسىلىسى:(بۇنىڭدا مەزكۇر تاۋۇشنى چۈشۈرمەي تەلەپپۇز قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان)
11.بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملا مەسىلىسى:بۇنىڭدا،بىرىككەن سۆزگە بېرىلىدىغان تەبىر،قانداق سۆزلەرنى بىرىككەن سۆز دەپ تونۇش ۋە قوشۇپ يېزىش،بىرىككەن سۆزنىڭ ئىككى (بەلكىم ئىككىدىن كۆپ بولۇشىمۇ مۇمكىنغۇ)تەركىبى ئوتتۇرىسىدىكى فونېتىكىلىق ۋە باشقا ئۆزگىرىشلەرنى يېزىقتا ئىپادە قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىلىرى كۆرسىتىلگەن.
      2007--يىل5-ئاينىڭ19-كۈنى پارتكوم خىزمەت بىناسىنىڭ ئىككىنچى قەۋەت سۆھبەت زالىدا ئاشۇ مۇتەخەسىسلەر گورۇپپىسىدىن مىرسۇلتان ئوسمانوپ باشچىلىقىدىكى يولداشلار بىلەن  شەھىرىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەكىللىرى،رادىئو-تېلېۋىزىيە ئورگانلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك خادىملار،مۇخبىرلار ۋەكىللىرى بىرلىككتە بۇ 11مەسىلە ئۈستىدە بىركۈن قىزغىن دەتالاش ئېلىپ بارغان.
      مېنىڭچە،قانداقلا بولمىسۇن،تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ فونېتىكىلىق ياكى مورفولوگىيىلىك نوقسانلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ئەھمىيەتلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ.شۇنداقتىمۇ گەپ يەنە بىر نوقسانغا يول قويماسلىقتا.تىلىمىزدا يالغۇز فونېتىكا جەھەتتىلا بۇزۇلۇش بولماستىن،لېكسىكىدىكى ئاينىش،گرامماتىكىدىكى ھەل بولمايۋاتقان قېيىن سىنتاكسىسلىق قائىدىلەر بەش قولدەك ئايان تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا،تېخىمۇ مۇھىمى تىل ساھەسىدە بىزگە رەھناما بولالايدىغان ئىستىداد ئىگىلىرىنىڭ كەملىكى،شۇ ۋەجىدىن تىلىمىزنىڭ ئۈچ تەركىبى قىسمىغا ئائىت ئەسىرلىك قىممەتكە ئىگە كىتابلارنىڭ يوقلىقىمۇ قوشۇلۇپ،يۇقىرىقىدەك ھادىسىلەر كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.دەرۋەقە،خەمىت تۆمۈر ئەپەندى، مىرسۇلتان ئوسمانۇف ئەپەندى،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى،ئىبراھىم مۇتىھى ئەپەندى،نەسرۇللا يولبولدى ئەپەندى، ئەخمەد زىيائى ئەپەندىلەر ۋە يەنە بىر قىسىم خانىملار بۇ ساھەدە كۆپ ئەجىرلەرنى سىڭدۈردى.لېكىن ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە مەخسۇس تىل نوقتىسىدىن ئالىي دەرىجىلىك ئاسپىرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقمايۋاتقانلىقىمۇ،ئازراق چىقسىمۇ،تىل ئىلىمىنىڭ غوللۇق، نېگىزلىك ساھەسىدە چىقمايۋاتقانلىقىمۇ بىر سەۋەبتۇر.
    شۇڭا مەن ئويلايمەن،تىلىمىزنىڭ مەيلى فونېتىكىسى بولسۇن ياكى لېكسىكىسى بولسۇن ۋە ياكى گرامماتىكىسى بولسۇن زامانىمىزنىڭ ئاجايىپ بىر سىياسىي دەۋردە بۆھرانغا ئۇچراش نەتىجىسىدە بۈگۈنكىدەك تەۋسىيىلىك تەكلىپ- پىكىرلەرگە مۇھتاج بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.بۇزۇلۇش بولغانكەن،ئۆزگەرتىش بولۇش كېرەك.لېكىن بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ، ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىسى كېتىدۇ.يەنە تېخى كېتىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ.تىلنىڭ ئىجتىمائىيلىق خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا،بىزدەك ئاز ساندىكى ئىشتراكچىلارنىڭ قىزغىنلىقى كۇپايە قىلمايدۇ.بۇنىڭغا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەربىر ئەزاسى مەيلى ئۇ گاچا بولسۇن-گاس بولسۇن-ئەما بولسۇن ئۆرە-تۆپە بولۇشى كېرەك.ئەپسۇس،بىزدە تىل ئۈچۈن <<گاچا>>،<<گاس>>،<<ئەمە>>بولىۋالىدىغانلار ساماندەك.بولمىسىغۇ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مىللىي تىل-يېزىق ھەققىدىكى سىياسىتى قانۇن ئاساسىغا ئىگە.
     قىسقىسى،بۇ ھەقتە تەخىرسىز مۇلاھىزىلەرنىڭ بولۇپ تۇرغىنى ياخشى.تېخىمۇ مۇھىمى ئىلمىي ئەمگەك،تىل ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار،پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى،ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاتەش كەبى قىزغىنلىقى بولغاندا مېنىڭچە،مەسىلە ھەل بولغۇسى!
ئاساسىغا ئىگە.
yol
| ۋاقتى : 2008-09-06 12:41 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
kuqlan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 2762
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
شۆھرىتى: 22 نومۇر
پۇلى: 210 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-16
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھەر بىر ئۇيغۇردا سەياسى كاللا بۇلۇشى كېرەك. ئۇيغۇر ئۈچۈن روھى بىرلىك  بۇلۇشى كېرەك ئدى ،روھى بىرلىككەن ھازىر دەز كەتتى  بۇنى ئاز دەپ ئا ئە تاۋۇشلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش كېرەك  دەپ ئەمدى تىل بىرلىكىمىزنى يوقۇتۇشقا قەدەم بېسۋاتىسىلەر .ھازىر ئۇيغۇردا تىل بىرلىكى مەۋجۈت بۇ بىرلىكىنى ئە ئا تاۋۇشىدىن ئبارەت 2نەرسىنى تالىشىپ يوقۇتۇپ قويمايلى بۇئشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتى چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارغۇ قىلىپتۇ دىگەن نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئۇيغۇر بولسىڭىز  ...........
| ۋاقتى : 2008-09-09 22:01 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
koktash

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 380
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-09
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

كۇقلان ئەپەندى،
يۇقارقى تېما 2 يىلدىن ئارتۇق ئۇزۇن ئويلىنىشلار ۋە ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق يېزىلغان تېما.

"ئا" ، "ئە" لەرنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئىبارەت خاتالىق-- ئۇيغۇلارنى باشقا تۈركلەردىن پەرقلەندۈرۈپ يالغۇز قالدۇرۇشتىن باشقا، ئەسلى تارىخىمىزنى بىزدىن ئايرىۋېتىدۇ، مەدەنىيىتىمىزنى يالغۇز  قالدۇرىدۇ. بۇنداق يېتىمچىلىق ئەلۋەتتە بىزنى مەنقەرزلىككە سۆرەپ بارىدۇ.

بىلسىڭىز، "ئا" ، "ئە" لەرنىڭ ئاجىزلىشىشى بىزگە باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئىملا قائىدىسى.
100 يىلنىڭ ئالدىدا، يازغان خېتىڭىزنى ئورتا ئاسىيا، ھەتتا تۈركىيەگە ئېلىپ بارسىڭىزمۇ باشقىلار ئوقالايتتى، يېزىق ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولاتتى. ھازىرچۈ؟ يېنىمىزدىكى قازاق، قىرغىزنىڭ خېتىنىمۇ ئوقۇپ چۈشىنەلمەيمىز، ئۇلارمۇ ھەم بىزنىڭكىنى ئوقۇيالمايدۇ. مانا مۇشۇ ئۆزگىچىلىكمۇ؟! مۇشۇمۇ بىرلىك بولدىمۇ؟؟؟

سىز دەۋاتقان بىرلىك بىرلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىھېچقانداق تۈرككە ئوخشىمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ، يېتىم قالدۇرۇش خالاس!
| ۋاقتى : 2008-09-09 23:04 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 433
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە433دانە
شۆھرىتى: 482 نومۇر
پۇلى: 12740 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :173(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم  koktashئەپەندى !  ئىدىيە جەھەتتە سىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بەش كۈندىن بېرى ناھايىتى كۆپ ئويلاندىم. سىز << ئۇرخۇن >> مۇنبىرىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىستىبداتلىق ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئىنكاسىڭىزنىڭ تىزلىكى، مۇنازىرە ئۇسلوبىڭىز ۋە مۇنازىرە ئەخلاقىڭىز خۇددى ئۇلۇغبەك ئەپەندى بىلەن ئوخشاش دەپ قاراپ ھەر ئىككىڭلاردىن ئالامەت زوقلىنىپ، ھەتتا مەن دەرىس بىرىۋاتقان ئالتە سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرىغا تەرىپىڭلارنى قىلىپ، سىلەرنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىڭلارنى ئۆلگە قىلىش توغرىسىدا كۆپ توختالدىم . << ئۆلگە قىلىش>>دىگەن بۇ ئاتالغۇ كىشىلىك قىممىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نوختىسى ئىكەنلىكىنى بىلىسىز ئەلۋەتتە.  كىشىلىك قىممەت : كەسپى ئىقتىدار، ئونۋىرسال ساپا، ئىجتىمائى ئادىللىق ۋە ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىكى ۋىجدانى بۇرچ پىداكارلىقىدۇر. ئىجتىمائى ئادىللىق ئىچىدە مىللەتنىڭ تىل - يېزىق ئىشى بايانىڭىزدىكىدەك تېخىمۇ ھالقىلىق مەسىلە. رىياللىققا ئۆتكۈر نەزىرىڭىز بىلەن تىكىلگىنىڭىزدە، نىمە ئۈچۈن تىل- يېزىق ئىسلاھاتى ھەر قېتىملىق ئاچقۇچلۇق پەيتكە توغرا كىلىدۇ ؟؟؟ يەنە كېلىپ << قوش تىل مائارىپى>> يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتىرىلگەن مۇشۇنداق پەيتتە ؟؟؟ يېزىق ۋە ئىملا ئۆزگەرتىش ئىشى، پارچە - پارچە بوستانلىق ئولتۇراق ئالاھىدىلىگىگە خەلقىمىز ئەۋلاتلىرىنىڭ  ئالدى- كەينى بولۇپ ئون يىل ئەتراپىدىكى قىممەتلىك ۋاختى دىگەن گەپ. بۇ پۇرسەت << قوش تىل>>دىكى ئاتالمىش يەنە بىر تىلنىڭ تەرەققىياتىغا تېپىلغۇسىز پۇرسەت. مەن بۇ مۇناسىۋەتتە، قايسى بىر تىلشۇناسقا سۆغاق پوزتسىيە بىلەن :<< مەرگەز پەرۋانىللىرىنىڭ ئالەمچە نەتىجىللىرىمۇ ئاۋامنىڭ مەسخىرلىك كۈلكىسىدىن يانداپ ئۆتىشى كېرەك>>دىگەن ئىنكاسنىمۇ يازغان. ئەسىرىڭىزنىڭ ئىلمىلىككە تويۇنغانلىقىدا گەپ يوق. بىراق ئىدىيىۋىلىكتە.........................
    ئالدىراپ ئىنكاس يازماسلىقىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتىنەي...
yol
| ۋاقتى : 2008-09-10 00:51 10 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
barhan

دەرىجىسى :مىڭ بېشى


UID نۇمۇرى : 1522
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 433
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە433دانە
شۆھرىتى: 482 نومۇر
پۇلى: 12740 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :173(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-26
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

      يەنە بىر گەپ :  ئابدىروپ پولات بىلەن قۇددۇس ھاپىزنىڭ قارىشىدا تۈپكى پىرىنسىپاللىق پەرىق يوشۇرۇنغان . تەپەككۇر چۇڭقۇرلىقىدا دەڭسەپ كۆرگەيسىز ...

    سىز بىلەن قېرىنداشلىق مېھرى مۇھەببىتىدە قۇچاقلاشقۇچى ۋە ئاللاھتىن روھى ئورتاقلىق بېغىمىزنى چىڭىتىش دۇئاسىغا قول كۆتۈرگۈچى ---------بارخان
yol
| ۋاقتى : 2008-09-10 12:13 11 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
koktash

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 380
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-09
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئىنكاسىڭىزغا تەشەككۈر، بارخان ئەپەندى!
ئىملانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېنىڭ تۈپ نىشانىم ئەمەس! 
ئۇندقتا "كۆكتاش نېمىشقا ئۇنچىۋالا چالۋاقايدۇ؟" دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، مېنىڭ نىشانىم پەقەت كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا "ھازىرقى ئىملايىمىزنىڭ خاتا تۈزۈلگەنلىكىنى، ئەگەر كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىز ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولسا، بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇپ، ھازىرقىدەك 10 يىلدا بىر قېتىم ئىملا ئۆزگەرتىشنىڭ ئورنى يوق ئىكەنلىكى" نى  يەتكۈزۈپ قويۇشلا  خالاس.
مېنىڭچە نەزىرىمدە، ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىلار تىلىمىزنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىپ، تىلىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن ئۆتمۈشتىكى ھالىتىنى سېلىشتۇرما قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەندە، تىلىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى تەبئىي ھالدا  توغرا يولغان قاراپ ماڭالايدۇ!

مىسال: تىل- يېزىقى توغرا  تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەر قانداق مىللەتنىڭ پۇقراسى مەكتەپ مەزگىلىدىلا ئاناتىلىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھالىتى بىلەن تونۇشۇپ چىققان بولىدۇ.
لېكىن بىزچۇ؟ ھەتتا تىلشۇناسلىرىمىزمۇ يۇقارقىدەك سەۋىيەدە ئەمەس. 

ئۆزەم تىل- يېزىق ئۆگىنىش ۋە تىل- يېزىق ئۆگەنگۈچىلەرنى كۈزىتىش جەريانىدا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ھېس قىلدىم: سەبىي ۋاقىتدا(ياكى ئۇزۇن مەزگىل) ئۆگەنگەن تىل ۋە يېزىق شۇ ئادەمنىڭ بۇندىن كېيىنكى تىل- يېزىق تەرەققىيات يۆنلىشىنى بەلگىلەيدىكەن. مەسىلەن: يېىڭى يېزىقتا ساۋادى چىققان بىر ئاكىمىز گەرچە كونا يېزىقنى بىلسىمۇ، يېڭى يېزىقنىڭ نەقەردەر ئېسىللىكى، كۆزنى ئاغرىتمايدىغانلىقى ۋە مۇشۇ بويىچە تەرەققىي قىلغان بولسا ھازىرقى سەۋىيەدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى، ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختايدۇ. ULY (ئۇلاي) نى تۈزىگەندىمۇ، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار نېمىس يېزىقىغا، ئورتا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئورۇس يېزىقىغا، تۈركىيەدىكىلەر تۈركىيە يېزىقىغا، جۇڭگودىكىلەر بولسا پىنيىنغا  زورلايدۇ. ئۇلاينى تۈزۈشكە ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بىلىملىك تۇرۇپ، نېمىشقا بىر- بىرىگە يېقىن كەلمەيدىغان ھالەتتە تۈزىيدۇ؟ سەۋەبى بىرلا - "ئۇلارنىڭ تىل- يېزىق تەرەققىيات قارشى سەبىي ۋاقتىدا ياكى ئۇزۇن مەزگىل باشقا تىل- يېزىقنى ئىشلىتىش جەريانىدا، ئاشۇنداق تۈزۈش "ھەق" دەپ قارايدىغان ئىديەگە كېلىپ بولغانلىقىدا"!
ئەينى ۋاقتىدا، چەتئەل تىل- يېزىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان خەنزۇ زىيالىلارمۇ خەن يېزىقىنى لاتىن ھەرىپىگە ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى ئۇ زىيالىلار مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك تەسىرگە ئۇچرىغان، ھەم شۇنى "ھەق" دەپ چۈشەنگەن. لېكىن ئەنئەنىۋى يېزىقنى ساقلاپ كەلگەن كۆپ قىسىم"مۇتتەسسىپلەر" نىڭ قارشى تۇرشى بىلەن، خەنزۇ يېزىقى يەنىلا ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان. ناۋادا زورمۇ- زور ئۆزگەرتىۋەتكەن بولسا، خەنزۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش قەرەلدە بىر قېتىم ئىملا ۋە يېزىق ئىسلاھ قىلىپ ماڭاتتى....

شۇڭا دەيمەن، تىل- يېزىقنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنلىشى مۇقەررەر ھالدا ئۇنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرىنى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ياتقۇزۇشتا!
[ بۇ يازما koktash تەرىپىدىن 2008-09-10 12:52 دە قاي ]
| ۋاقتى : 2008-09-10 12:47 12 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
kuqlan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 2762
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە20دانە
شۆھرىتى: 22 نومۇر
پۇلى: 210 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-16
ئاخىرقى : 2009-01-06

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەڭ ئاخىردا دەيدىغىنىم:
1.ئە ئا تاۋۇشى ئاجىزلىشىدىغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى قازاق ،قىرغىز.....قاتارلىق تۈركى  خەلىقلەر بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلشىمىزغا ھەرگىز تاقاشمايدۇ.ئۇلار بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلالىساقلا  ئۇلار بىلەن بولغان تىل پەرقىمىز كىچىكلەيدۇ .
2. باشقا تۈركى قەۋىملەر بىلەن تىل پەرقىمىز بولغاچقا پەقەت ،پەقەت بىز ئۇيغۇر مىللىتىلا تىلىمىزنى رېمونىت قىلىشىمىز كېرەكمىكەن؟ بۇرادەر قازاق ،قىرغىزلار ج تاۋۇشىنى ق تاۋۇشىغا  ئۆزگرتەمدىكەن(.مەڭگۈ تاشلاردا يول جول دىيىلمەيدۇ)؟،ئوزبېكلەر ئاشخانىنى  ئوشخانە دىمەسلىككە ماقۇل بۇلامدىكەن؟ ئۇلار قۇشۇلسا مەنمۇ قۇشۇلىمەن.
[ بۇ يازما kuqlan تەرىپىدىن 2008-09-10 23:10 دە قايت ]
yol
| ۋاقتى : 2008-09-10 23:05 13 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 2166ـ كۆرۈرمىنى
koktash

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 380
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-09
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

كۇقلان ئەپەندى،
1. تۈركىي مىللەتلەر تىل ئالاقە  جەھەتتە ئەزەلدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ باققىنى يوق. لېكىن مەن دەۋاتقىنىم يېزىق. سىز قازاقىستانلىق قازاق بىلەن تۈركىي تىلدا خەت يېزىپ ئالاقىلىشالامسىز؟ ھەتتا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بىلەنمۇ ئالاقە قىلالمايسىز!  شۇڭا، تېمىنىڭ ئوبىكتىنى توغرا ئايرىڭز، مەن دەۋاتقىنىم "يېزىقنىڭ ئىملاسى"، ھەرگىز "تىل تەلەپپۇزى" ئەمەس.  تىل بىلەن يېزىقنى پەرقلەندۈرۈڭ.
2. قازاق، ئۆزبەكلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى شۇنچىلىك. ئۇلار ئۆزگەرتىشنى ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ پەرقلىنىشنى ئويلىشى مۇمكىن. لېكىن بىز ئۇلارنى دورىماسلىقىمىز، مەدەنىيەتلىك قەۋىم سۈپىتىدە تۈركىي مىللەتلەرگە مەلۇم دەرىجىدە ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك.  باشقا تۈركىي مىللەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ھەقىقىي تونۇشى، ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلەپ ئالمىشىشى ۋە تارىخىي بىلىم سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھازىرقىدەك بىر ھەقىقەتنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتكۈسى ...........
yol
| ۋاقتى : 2008-09-10 23:42 14 -قەۋەت
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.060991(s) query 4, Time now is:01-11 09:37, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation