ھەربىر مىللەت ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك،نوپۇسى 1مىليارد 300مىليونغا يېقىن خەنززۇلار ،نوپۇسى نەچچە يۈز مىليون رۇسلار، ياكى ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈنلا مۇھىم بولماستىن جۈملىدىن نوپۇسى 10مىليونغا يېتىدىغان بۈيۈك ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم،شۇڭا ئۇيغۇر ئۆز تىلىنى قوغداش ياكى ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا ئۆگىنىشتە بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.دېمەك ھەربىر ئۇيغۇر ئۆزىگە كەسكىن ھالدا سوئال قويۇپ بېقىشى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە
ماقالە باشلىنىش مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ئەسكەرتىش:
تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىدىن ئەزىزى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ن. تەمكىنى
نەشرى ماتېرىياللىرىدىن: رىياد شەھىرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ ھـىجىرىيە:22/7/1429
2008 -يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، ئانا تىلنىڭ رولى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، ئانا تىلنى قوغداش ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىش، مىللەتنى قوغدىغانلىق ۋە ئۇنى ھىمايە قىلغانلىق، ئۆز ئانا ۋەتىنىگە ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە ئىنسانىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلغانلىق بولۇپ، ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلىشى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالايدىغانلىقى، ئانا تىلنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇش، باشقا تىللارنى ھاجەتكە قارىتا ئۆگىنىش توغرىسىدا جانلىق مىساللار بىلەن ئەتراپلىق تەۋسىيە قىلىدۇ.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئىمام اللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇغاندىن كېيىن جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن يۈز مىڭلارچە جامائەتكە:
"ھەربىر مىللەت ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك" دېگەن مەزمۇندا مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى:
ئى ! مۇسۇلمانلار اللاھتىن قورقۇڭلار. تەقۋادار بولۇڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
ئىسلام ئۈممىتى دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا يۈكسەك ئورۇن ۋە مەرتىۋىگە ئىگە ئۈممەت. تارىختىن بىرى ئىسلام دىنى دۇنيانىڭ بارلىق مەدەنىيەت ۋە ھەزارەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ئىنسانىيەتنى يۈكسەك مەدەنىيەتكە يېتەكلىگەن مۇقەددەس بىر مەدەنىيەتكە ئىگە دىندۇر.
يېقىنقى زامانلاردا ئۈممەت بېشىغا كېلىشمەسلىك، مۇسىيبەتلەر ئارقىمۇ ئارقا كېلىپ باشقا مىللەتلەرنىڭ يوپۇرۇلۇپ كېلىپ خىرىس قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئەپسۇسكى مۇقەددەس دىنىمىز ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلار ئەجنەبىيلەر بولغاندىن سىرت ئۆزىنى مۇسۇلمانلار قاتارىدا ساناپ، مۇسۇلمانچە ئات قويۇپ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانلاردىندۇر.
ئىسلام ئۈممىتىنى بۇنداق بىر خار-زەبۇنلىققا ئېلىپ بېرىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسلىقى شۇكى، ئۈممەت ھازىرغا قەدەر ئۆزىگە بىر يۈكسىلىش، تەرەققىي قىلىش پىلان لايىھىسى تۈزگىنى يوق. ئىسلام ئۈممىتى ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا بىر تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش پىلانى تۈزۈپ ئومۇمىي بىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تولىمۇ موھتاج. شۇنداق بولغاندا ئۈممەت ئۆزىنىڭ قەددىنى رۇسلاپ، دۇنيا مىللەتلىرى ئالدىدا ئىگىلىك تىكلىگەن بولاتتى. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتى باشقا دىن ۋە مىللەتلەردە يوق ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكى، تەپەككۇرى، مەنىۋى دۇنياسى ۋە ئاساسى مۇستەھكەملىكتە تەڭداشسىز بىر ئۈممەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىسلام ئۈممىتى بۈگۈنكى كۈندە بىر لىك، پۈتۈنلۈك ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىنتايىن موھتاج بىر ۋەزىيەتتە تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا مىللەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلايدىغان مۇھىم ئامىل-سەۋەبلەردىن، ئەقىدە ئىكەنلىكىدە شەك يوق. تىل بولسا يەڭگىل ساناشقا بولمايدىغان بىرلىك ۋە كۈچ ئامىلىدۇر. مەدەنىيىتىمىزنى ھىمايە قىلىشنىڭ ئامىللىرىدىن بىرى تىلدۇر. تىل ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا، گۈللەندۈرۈشتە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدۇ..
تىل تەپەككۇرنىڭ قورالى بولۇپلا قالماستىن تەپەككۇر بارلىققا كۈلىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. تىل ئارقىلىق ئىنسان ئۆزى كەشىپ قىلغان، ئىگىلىگەن ماھارەت، روھىيەتتىكى يۈكسەكلىك، ۋىجدانىي تەرەققىياتتا، ئۆز كىملىكىنى ئىسپاتلاشتا ئەمەلىي ھەسسە قوشىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. تىل ئەقىلنىڭ ئەينىكى، تەپەككۇرنىڭ مۇھىم ئاپپاراتىدۇر. مىللەتنىڭ تىلى بولسا مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بايلاشتۇرىدىغان ئامىلدۇر. تىل دېگەن سۆزلەپ تۇرغۇچى تەپەككۇر، تەپەككۇر بولسا ئۈنسىز تىلدۇر.
شۇڭا دەيمىزكى، مىللەتنىڭ تەپەككۇرى، تىلى بىلەن بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، تىل مىللەتنىڭ بايلىقىدۇر. تىل مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەۋلادتىن -ئەۋلادقا ئۇلايدىغان كۆۋرۈكتۇر.
كۆپ تىللىق دۆلەت ياكى ۋەتەن بولسا، مىللەتنى ئېغىر ئىدېئولوگىيە كرىزىسى ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇرلايدۇ. مۇستەملىكىچىلەر ئەزەلدىن مۇستەملىكە قىلغان مىللەتلەرنى ئانا تىلىدىن ئايرىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ كەلگەن. ياكى بولمىسا مۇستەملىكە مىللەتلەردە ئۆلگەن تىللارنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق تائىپىۋازلىق، يۇرتۋازلىق شۇئارلىرىنى قوزغاپ پارچىلاپ يوقىتىش سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلدى.
يۇقىرىدا ئىنسانىيەت ھاياتىدا تىلنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالغان بولساق، ۋەھىينىڭ تىلى بولغان ئۇلۇغ تىل(ئەرەب تىلى) ۋە ئۇنىڭ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى قايتا قۇرۇش يولىدىكى ئورنى بولسا دۇنيادىكى جانلىق تىللار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ۋە قەدىمكى تىل ھېسابلىنىدۇ. اللاھ قۇرئان كەرىمىدە قۇرئان كەرىمىنى ئۆز ھىمايىسىدە ساقلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن تا قىيامەتكىچە ساقلىنىپ ئىستېمالدىن قالماي داۋاملىشىدىغان بىر تىلدۇر.
ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى، پاساھەت-بالاغىتىدە تەڭداشسىز بىر تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا تىلى بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ تىلدۇر. ئەھلى ئىسلام ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشكە ھەر زامان ۋە ماكاندا بەس-بەستە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەرەب تىلىغا بولغان بۇ دۇنياۋى ئىنتىلىش ئەرەب دۇنياسىنىڭ سىياسىي كۈچى، مەدەنىيەت سالماقلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ئەقىدىسىگە بولغان ھېرىسمەنلىكى ھەمدە بۇ تىل قۇرئان كەرىم تىلى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇ ئاساستا بارلىق مۇسۇلمانلار ئەرەب تىلىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى سۈپىتىدە ئۆگىنىدۇ. بەزىلەر بۇ ئۇلۇغ تىلنى بۇزۇپ يەرلىك شىۋىگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا، بۇنداق تەشەببۇسلار بازار تاپالمايدۇ.
شۇ ھەقىقەت ھەربىر ئىنسان ئېڭىدا ئېنىق بولۇشى كېرەككى، ھەربىر شەخس ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پۇختا ۋە پىششىق بىلىشى كېرەك. تىلنىڭ يوقىلىشى مىللەتنىڭ يوقىلىشى دېمەكتۇر. ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان مىللەت ھېچقاچان ئانا تىلىنى خارلىمايدۇ. باشقا تىللارنى ئانا تىلىدىن ئەۋزەل كۆرمەيدۇ. چەتئەل تىلىغا بەك قاتتىق بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئۆزى ئىنساندا مىللىي كىملىك ئېڭىنى كېمەيتىدۇ. ئۆز تىلىدىن نومۇس قىلىش، چەتئەللىكلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشتىن پەخىرلىنىش ئىنساندىكى مىللىي ۋە روھىي گادايلىقنىڭ دەلىلىدۇر. چەتئەل تىلى پەقەتلا ئىنسان ئۈچۈن ياردەمچى ئامىل بولۇشتىن باشقا رول ئوينىيالمايدۇ. چەتئەل تىلى ھېچقاچان ئانا تىل بەدىلىگە بولماسلىقى كېرەك. ئانا تىل ئورنىغا باشقىلارنىڭ تىلىنى دەسسىتىشنى خالىغانلار تەرەققىي قىلماستىن زىيان تارتىدۇ ۋە مىللەتنىڭ مۇنقەرز بولۇشىغا ئۇل ھازىرلىغان بولىدۇ، بۇنداق كىشىلەر بىر كۈنى تارىخنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.
مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قوللىنىپ كەلگەن پىلانى مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تامامەن يوق قىلىش، ئەگەردە پۈتۈنلەي يوقىتىشقا كۆزى يەتمىسە مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد ساھەلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. بەزى دۆلەتلەر مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يوقىتىش بىلەن كۇپايىلەنمەستىن دىنى، مەدەنىيىتىگىمۇ خىرىس قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ.
تىلىدىن ئايرىلغان مىللەتلەر، تەپەككۇرى، ئارزۇ-ئارمانلىرىدا غېرىبلىق ھېس قىلىش بىلەن بىرگە ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرىنىڭ ئارىسىنى ئۈزۈپ قويدى. نەتىجىدە مەۋجۇدىيتىدە ھەقىقىي غېرىبلىق ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى.
قارايدىغان بولساق، مائارىپ ساھەسىدە ئاناتىلىنى تاشلاپ ئەجنەبىي تىلنى قوللانغان مىللەت مەغلۇبىيەت، ئاجىزلىق ۋە چېكىنىشتىن باشقىغا ئېرىشەلمىدى. ئانا تىلىنى تاشلاپ باشقا تىللار ئارقىلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىشنى خالىغانلار ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پەۋقۇلئاددە چېكىنىشكە دۇچ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. ئانا تىلىنى تاشلاپ باشقا تىللارنى قوبۇل قىلغانلارنى:
"بىلىمسىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن كۆز ئەينەك تاقىۋالسا كۇپايە قىلىدىغاندەك"،"ئالىم بولۇش ئۈچۈن سەللە كىيىۋالسا كۇپايە قىلىدىغاندەك"
ھېسسىياتتا بولغانلارغا ئوخشىتىش مۇمكىن. ئانا تىلى ئارقىلىق دۇنيا مىللەتلىرى ئالدىدا ئەڭ زامانىۋى تېخنىكا ۋە تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن دۆلەتلەرنى كۆرۈش ئانچە قىيىن بولمىسا كېرەك. بىلىش كېرەككى، مىللەتلەر ئاناتىلىنى پۇختا ئۆگىنىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلالايدۇ. بۇنىڭدا شەرقتىكى ۋە جەنۇبى ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى مىسالى يېتەرلىك بولسا كېرەك.
(شەرقتە: ياپونىيە، مالايشىيا، كورىيە. جەنۇبى ئاسىيادا: پاكىستان، ھىندىستان، بېنگال)
خۇلاسە قىلىپ ئېيتىمىزكى، تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ دەلىلىدۇر. ئانا تىلىدىن نومۇس قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە مىللىتى، ۋەتىنىدىن نومۇس قىلىدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئەجنەبىيلەرنىڭ ھەممە نەرسىسى چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. شۇلارنى ئۇلۇغلايدۇ. ئۆزىنى ئۇلاردىن تۆۋەن، خار، ئاجىز سانايدۇ. ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا ئۆگەنمىگەن، ئېتىبار بەرمىگەن كىشى ياكى مىللەت باشقىلارنىڭ خىزمەتچىسى بولۇشقا ئەرزىيدۇ، باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرالمايدۇ. تەرەققىياتنىڭ شەرتى باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئەمەس. بەلكى بارلىق تېخنىكىلارنى ئانا تىلىغا ئۆزگەرتىشتە. بارلىق زامانىۋى بىلىم، تېخنىكىلارنى ئانا تىلغا ئۆزگەرتكەندە كەشپىياتچى، ئىجادىيەتچى ئەۋلادلار كۆپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدۇ. دېمەك؛ ئانا تىلنى قوغداش ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىش، مىللەتنى قوغدىغانلىق ۋە ئۇنى ھىمايە قىلغانلىق، ئۆز ئانا ۋەتىنىگە ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە ئىنسانىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
اللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
بىلىڭلاركى دىللار پەقەت اللاھ نى ئەسلەش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
اللەنىڭ ئالدىدىكى ئورنىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، قەلبىڭىزدىكى اللەنىڭ ئورنىغا قاراڭ.
ۋىجدانى مەسئۇلىيەت ۋە ئىمانى تەربىيەت بىلەن ئانىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئانىنىڭ باللىرى تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ يىتىمدۇر.
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغۇم كېلۇر.
ئاتا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر.
بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكا يۇ ئافرىقىدا.
قولىغا يامبۇ كۈمۈش ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
كۆكلەم – باھار كەتسە، يېنىپ كەلـگەن بار،
جاندىن كەچسە جاناننى تېپىپ سۆيگەن بار،
ئېيتىـڭـچۇ بىر كەتـكەن ياشلىق كەينىدىن،
قوغـلـىــشىپ جاھـاندا كىـمـمـۇ يەتـكـەن بار! .
[ بۇ يازما erdewil تەرىپىدىن 2008-09-08 19:41 دە قاي ]