نۆۋەتتىكى تېما : ئونسۇ ناھىيىسى ھېكايىسى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 349ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1774
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 151
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە151دانە
شۆھرىتى: 821 نومۇر
پۇلى: 1670 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :40(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئونسۇ ناھىيىسى ھېكايىسى

      ئونسۇ ناھىيىسى (تېىخى 6-7 يىل ئىلگىرى ئاقسۇ  كونىشەھەر دەپ ئاتىلاتتى،كېيىن دۆلەت تەرىپىدىن نامى ئونسۇغائۆزگەرتىلدى)تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى باي، توقسۇ بىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمالىي تەرىپى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 119 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  153 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى  167 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  14 مىڭ  600  كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 108 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك  1 - شىسنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1001 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  194 مىڭ  800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  76.90% نى، خەنزۇلار  20.53% نى، باشقا مىللەتلەر  2.57% نى تەشكىل قىلىدۇ.
      ئونسۇ ناھىيىسى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەنگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىس گۇاڭشۈنىڭ  10 - يىلى (1884 - يىلى) ئونسۇ بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان، گۇاڭشۈنىڭ  28 - يىلى (1902 - يىلى) دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئايماقتىن مەھكىمىگە ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ  2 - يىلى (1913  - يىلى) ناھىيە قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1958 - يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن.  1962 - يىلى ئاقسۇ كونىشەھەر دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىغان.
  يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس، شىمالىي قىسمى تەڭرىتاغ رايونى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى  6000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىسىدىن  20 دىن كۆپرەككى بار (تۆمۈر چوققىسى ئە ئېگىز چوققا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى  7435.29 مېتىر كېلىدۇ). جەنۇبىي قىسمى تاغ - دەريالار ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭلىك ۋە دەريا ئېقىنىنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى  52.4% نى، تۈزلەڭلىك 17.6% نى، قۇملۇق  30% نى ئىگىلەيدۇ. دەرياسىدىن توشقان دەرياسى، قومئېرىق دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، قارا يۇلغۇن دەرياسى ۋە مۇزات دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى ئۈچ مىليارد  20 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد  120 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن قۇلان، يىلپىز، قاقىر، شىمال ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلاr قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، گەج، قاشتېشى، تۇز، سېغىز توپا، مەرۋايىت تاش قاتارلىقلار بار.
  ئونسۇ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  37.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 27.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2718.1 سائەت. قىروسىز مەزگىلى  207 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  62.9 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  180.9 مىللىمېتىر.
  بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناھىيە، ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  37 مىڭ  500 گېكتار ( 562 مىڭ  500 مو)، ئورمانلىق كۆلىمى  95 مىڭ 700  گېكتار (بىر مىليون 435  مىڭ 500  مو)، ئوتلاق كۆلىمى 541  مىڭ گېكتار (8  مىليون 115 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان  37 مىڭ  600 گېكتار (564 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، قۇلماق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ، پۇراقلىق گۈرۈچ، يېپىشقاق پۇراقلىق گۈرۈچ مەملىكەتلىك دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ <يېشىل يېمەكلىك> گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار قاتارلىقلار بار. ئۆزىگە خاس مەھسۇلاتلىرىدىن دۇڭلىڭ قاشتېشىدىن سىپتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، دورىلىق ناترىي خلورد، ئېفېرىن قاتارلىقلار بار.
  ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەتە تاشيولىنىڭ  314 - لىنىيىسى ناھىيىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان؛  2000 پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشى تورىغا كىرگۈزۈلدى. ئوپتىكىلىق كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش، سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارالىق فاكس بىردەك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
  ناھىيىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قىرمىشئاتام مازىرى، تۆمۈر چوققا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىقلار بار.
yol
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
| ۋاقتى : 2008-09-12 00:50 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 349ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 195
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە195دانە
شۆھرىتى: 202 نومۇر
پۇلى: 2020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :187(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ھازىرقى نوپۇسى 200 مىڭدىن ئاشىدىكەن-دە؟
yol
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2008-09-12 18:53 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 349ـ كۆرۈرمىنى
kuqlan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 2762
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 18 نومۇر
پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-16
ئاخىرقى : 2008-09-12

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بەزىلەر نىڭ يېزىشىچە تارىختىكى ھەقىقى ئونسۇ ئۈچتۇرپان ناھيەسى ئكەن.  پەقەت خەنزۇچىدىكى ۋېنسۇ نامىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپتۇ ،بۇ ھەقتە شىنجاڭ ئجتىمائى پەنلەر مۇنبىرنىڭ كونا سانىدا  بىر تارىخچىنىڭ ماقالىسى بېرىلگەن (قايسى سانىدا ئكەنلىكى ئسىمدە قالماپتۇ كەچرگەيسىلەر )
| ۋاقتى : 2008-09-12 21:39 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 349ـ كۆرۈرمىنى
erdewil

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1774
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 151
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە151دانە
شۆھرىتى: 821 نومۇر
پۇلى: 1670 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :40(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2008-09-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

شۇنداق ، ئونسۇ بۇرۇنقى ئۇچتۇرپان نامى ئىكەنمىش،بىراق ھۆكۈمەت بۇيرۇقى بىلەن ئۆزگەرتىلدى-دە،بويسۇنىمىز شۇ....
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
| ۋاقتى : 2008-09-19 11:36 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.053297(s) query 4, Time now is:09-19 12:35, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation