ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1202
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 55
شۆھرىتى: 65 نومۇر
پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2008-09-22 17:14

 قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: بۇ يازمىغا Yawuz تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-12-24)
قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى

ھاجى نۇر ھاجى

كىرىش سۆز

قارا خانىلار خانلىقى مەملىكىتىمىز تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. قاراخانىلار خانلىقى مىلادى 9 – ئەسىردىن 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە 4 ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈم سۈردى. بۇ خانلىق دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمى (قەشقەرنى مەركەز قىلغان) دىن تاكى جەيھۇن (ئامۇ دەريا) نىڭ ئوتتۇرا قىسمى (يەنە ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىي قىسمى) غىچە بولغان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا زىمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ پايتەختى قەشقەر بىلەن بالاساغۇن ئىدى.
قاراخانىلار خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يەتتە سۇ ۋە تارىم ۋادىسىدىكى رايونلاردا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىدە يېڭىلىنىش ۋە يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى؛ دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ راۋاجلىنىشى ئارقىسىدا قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا تەرەققىي قىلدى؛ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولغان چوڭ شەھەرلەر بارلىققا كەلدى؛ مۇكەممەل شىپاخانىلار، تۈرلۈك پەنلەر ئوقۇلىدىغان ئۇنۋېرسال ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مەسىلەن، قەشقەردىكى «ساچىيە»، «مەھمۇدىيە» مەدرىسلىرى، جامە، كارۋان سارايلىرى بىنا قىلىندى؛ قەشقەر، بۇخارا، سەمەرقەنت قاتارلىق جايلاردا ناھايىتى كۆركەم ھەشەمەتلىك بىنالار قورۇلدى، بەزىلىرى زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ كەلدى؛ نۇرغۇن ئالىم – ئۆلىمالار، ئەدىپ – شائىرلار، تىلشۇناسلار، پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسىسلىرى، تىۋىپلار، ھەربىي ئالىملار، قانۇنشۇناسلار مەيدانغا كەلدى. 11 – ئەسىردە ياشىغان قەدىمقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى ۋە ئاساسچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇيۇك پەيلاسوپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقەرى ئەنە شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانى، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىلق ئەسەرلىرى شۇ دەۋرىنىڭ گۇل تاجىلىرىدۇر. بۇ ئەسەرلەر ئۆز تەپەككۇرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، بەدىئىي جەھەتتىكى يۈكسەكلىكى، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، ئوسلۇبىنىڭ مۇكەممەللىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.
قىسقىسى، قاراخانىلار خانلىقى مەمەلىكىتىمىز تارىخىدا جۈملىدىن ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. شۇڭا مەمەلىكىتىمىز تارىخچىلىرى بۇ خانلق ھەققىدە تەتقىقات ئىشىنى باشلىۋەتتى.
مەن بىر قانچە يىل ماتېرىيال توپلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇرۇنقىلارنىڭ ماتېرىياللىرىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تولۇق پايدىلىنىپ «قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» نى يېزىپ، ئۇنى ئۆزەمنىڭ دەسلەپكى تەتقىقات مىۋەم تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويدۇم.
قاراخانىلار خانلىقىنىڭ پۈتكۈل دەۋرىنى يورۇتۇپ بېرىش ناھايىتى زور ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ. سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقتىن، ئەھەردە كەمچىلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. كىتاپخانلارنىڭ كەمچىلكلەرنى تۈزىتىۋېلىشىم ھەققىدە ئىلمىي ياردەم بېرىشىنى سورايمەن.
بۇ ئەسەرنى يېزىشتا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، ئاپتۇنۇم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، پىشقەدەم ئۇستازلار ۋە يۇلداشلار ماددى، مەنىۋى جەھەتتىن قىزغىن ياردەم بەردى، بۇ يولداشلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
ئاپتور


بىرىنچى باب ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار
1- بۆلۈم ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات





ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىزدە مەدەنىيىتى خېلى بۇرۇن تەرەققىي قىلغان، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمقى مىللەتلەردىن بىرى.
«ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 5 – ئەسىردە ئېلىپبەلىك يېزىق قوللانغانلىغى ھەققىدە ئېنىق ماددىي پاكىت بار.»① بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ۋە 8 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالاھىدە راۋاجلانغانلىقىنى بىلىمىز.
ئۇيغۇرلار 5 – ئەسىردىن باشلاپ ئورخۇن – يەنسەي يېزىغى (تۈرك – رونىك يېزىقى) ۋە سوغدى يېزىغى ئاساسىدا يارىتىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغاندىن باشقا، يەنە توخار يېزىغى (كۇچا يېزىغى) ۋە خوتەن يېزىغىنىمۇ قوللانغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ياشىغان قەدىمقى ماكانى ھەققىدە قۇلىمىزدىكى ماتېرىياللار ھازىرچە يېتەرلىك ئەمەس. ئەمما ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ۋە يازما مەنبەلەردىن قارىغاندا، تۇرالار، ھونلار، تۇغلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى ۋە ئاتا – بوۋىلىرى ئىدى. ھونلار ئەڭ قەدىمكى چاغلاردا (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن تارتىپلا) جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا ۋە غەربىي قىسمىدا ياشاپ كەلگەن②، مىلادىدىن 5 ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردا بايقال كۆلىنىڭ غەربىي، سېلىنگا دەريا ۋادىسى تۇغلۇقلارنىڭ پائالىيەت ئورنى ئىدى. ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردا، بايقال كۆلىگە يېقىن جايلاردا ۋە خېشى كارىدورى ئەتراپىدا، مىلادى 3 – ئەسىردىن باشلاپ بايقال كۆلى بىلەن تيانشاننىڭ ئارىلىقىدا، مىلادى 4 – ئەسىردە تارىم بوستانلىقىدا ۋە 5 – ئەسىردىن باشلاپ بىر قىسمى موڭغۇل يايالىقىدا ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدىكى جايلاردا ياشىدى. «تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم بوستانلىقى 4 –، ۋە 5 – ئەسىردىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان ماكانى ئىدى.»③ پاكىتلار ئېنىق كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بېرى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىغىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئۆز ئىگىلىكىنى ياراتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى بەرپا قىلدى.
تارىم بوستانلىقى قەدىمدىن تارتىپلا سۇغىرىلىدىغان ۋادىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ۋادىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇرلار بۇ يەردە بۇغداي، شال، زىغىر، نوقۇت (پۇرچاق) قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيتتى؛ ئۈزۈم قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرەتتى. ئۇيغۇرلار كېۋەز، كەندىر قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن تارتىپلا بىلەتتى. تارىم بوستانلىقىدا ئۆستۈرۈلگەن ئۈزۈم 3000 يىللىق تارىخقا ئگە.
ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى خانلىقلارنىڭ تارىخىدا ھەر خىل ناملار بىلەن تىلغا ئېلىنسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر دىگەن نامنى بىلدۈرەتتى.
ئۇيغۇرلار مىلادىدىن 3 ئەسىر ئىلگىرىكى چاغلاردا تۇغلۇقلار دىگەن نام بىلەن شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈندى. شەرقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايونلىرى سىبىرىيىدىكى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا بولغان بولسا، غەربتىكى ئۇيغۇرلار ئېرتىش دەرياسى بىلەن بالقاش كۆلىنىڭ ئارىلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى. مىلادىدىن 4 ئەسىر ئىلگىرى ئۇيغۇرلار خەنزۇ مەنبەلىرىدە «تېلى» نامى بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ، «تېلى» يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسىتەتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەنبەلەردە شەرقتىكى تۇرالار «ئون ئوغۇز»، «ئوغۇز» دەپ ئاتالسا، غەرپتىكى تۇرالار ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالدى. 6 – ئەسىردىكى خەنزۇچە مەنبەلەردە رەسمىي ئۇيغۇر نامى بىلەن قەيت قىلىندى.
يۇقىرىقى پاكىتلاردىن قارىغاندا، شۇ نەرسە ئايانكى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى، ئەڭ كەم ھېسابلىغاندىمۇ، مىلادى 5 – ئەسىردىن ئىلگىرىلا ھازىرقى شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلار مىلادىدىن 3 ئەسىر بۇرۇن ھونلارنىڭ شىمالىدا ۋە غەربىدە ياشىغان تۆلەسلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى. تۆلەسلەر ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ قوشۇلغان بىرلىگى بولۇپ، تارىختا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۆلەس دەپ ئاتالغان ئەجدادىدىن ئىلگىرىكى ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ ھونلار بىلەن مەلۇم قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان. شۇڭا ئۇيغۇرلار قەدىمدىلا ھونلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى دىگەن تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن. «چۈنكى ھونلارنىڭ تەركىبىدە ئون ئۇيغۇرلار، سادىغۇرلار، ئوتۇغۇرلار دىگەن قەبىلە بولغان.»④
بەزىلەر «ئۇيغۇر دىگەن نام خەنزۇچە مەنبەلەردە 5 – ئەسىردىن باشلاپ كۆزگە چېلىقىدۇ» دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە ئۇنداق دەپ قاراش تارىخىي مەنبەلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ توغرىدا مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
«ايغر – ئۇيغۇر. بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن.
ماڭا مۇھەممەت چاقىر تۇنقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دىگەن ئىدى: زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تورت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ”اينان خز خرند – inan huzhurand – بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ“ دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل ”huzhur“ دەپ ئاتىلىپتۇ. كېيىن ”خ –h“ ھەرىپى ”ا – ئېلىف“ قا ئالماشقان. مۇنداق بوغۇز ھەرپلىرىنىڭ بىر – بىرىگە ئالمىشىشى، بولۇپمۇ ”ا – ئېلىف“ نىڭ ”خ –h“ غا ۋە ”خ –h“ نىڭ ”ا – ئېلىف“ قا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە.»⑤
مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا نەقىل كەلتۈرگەن مەنبەنى تارىخىي رىۋايەت دەپ قارىغاندىمۇ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تۈركلەر بىلەن قىلغان جېڭى ئىراننىڭ ئاخىمىندىلار⑥ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭدەك ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئۇيغۇرلارنى مىلادىدىن 2 – 3 ئەسىر ئىلگىرىلا ئۇيغۇر دەپ ئاتىغانلىقىنى مەھمۇت قەشقەرىمۇ تىلغا ئالغان.
ئۇيغۇر ئەسلىدە بىر مىللەتنىڭ نامى ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر قانچە قەبىلە ئىتتىپاقىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇر – «ئۇيۇشتى، قوشۇلۇپ ئىتتىپاقلاشتى، بىر بىرىدىن ئايرىلماس بولۇپ ئۇيۇشتى»⑦ دىگەن مەنىگە ئىگە. دىمەك، ئۇيغۇرلار بىر نەچچە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق نامى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمدىن تارتىپ مەشھۇر بولۇپ كەلدى.
ئۇيغۇرلار كۆك تۈرك خانلىقى (552—743 – يىللار) نىڭ ئىچكى قىسمىدا بولغان كۆرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئىتتىپاقدىشى باسمىل، قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ كۆك تۈرك خانلىغىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 744 – يىلى ئۇيغۇر خانلىغىنى قۇردى.
ئۇيغۇر خانلىقى 745 – يىلىدىن 854 – يىلىغىچە گوبىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ جايلارغا ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى. كول بىلگە ئۇيغۇر خانلىقىنى تۇنجى قېتىم قۇرغۇچى كىشى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى «قۇتلۇق بىلگە كول قاغان» دەپ ئاتىدى. ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ مەركىزى ئوردىسى موڭغۇل دالىسىدىكى ئوتەكەن تېغى بىلەن ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى قارا بالغاسۇن شەھرى ئىدى. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تېرىتورىيىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، شەرقتە ھىنگان (شىڭئەنلىڭ) تاغلىرىدىن تارتىپ غەربتە ئالتاي تاغلىرى ۋە تارىم ۋادىسىغا قەدەر، شىمالدا بولسا بايقال كۆلىگە قەدەر يېتىپ باراتتى، جەنۇبىي تەرىپى سەددىچىن بىلەن چېگرىلىناتتى.
ئۇيغۇر خانلقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى كۆك تۈرك ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر مۇنچە مىللەتلەرنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇۋېلىپ، تەركىۋىگە قوشۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مىللىي تەركىۋىگە نۇرغۇن خەلقلەر قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر خانلىقى ھەققىدىكى تارىخ مەيدانغا كەلدى. خەنزۇچە مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار تارىختا «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئاتالدى. «توققۇز ئۇيغۇر» — «ئىچكى توققۇز ئۇيغۇر»، «تاشقى توققۇز ئۇيغۇر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «ئىچكى توققۇز ئۇيغۇرلار»: ياغلاقار، ئوتۇرقار، تۇلەمۇر، بوقاسقىر، ئاۋۇچاگ، قوغۇرسۇ، يابوقتار، ئاياۋۇز، ياغما؛ «تاشقى توققۇز ئۇيغۇر» لار: ئۇيغۇر، بوكە، بايىرقۇ، توڭرا، ئىزگىل، قىپئار، باسمىل، قارلۇق، ئارىزغۇن.
ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى ياغلاقاردىن چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئورنى يۇقىرى ئىدى. شۇڭا، ياغلاقاردىن كېلىپ چىققان «كول بىلگە» قاغان تۇنجى ئۇيغۇر خانى بولدى. ئۇيغۇر خانلىقىغا يەنە بايقال كۆلىنىڭ غەربىدىكى قۇرىقا، يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى قىرغىزلار، تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى ساتلار، قارا قۇرۇم ئەتراپىدىكى تاڭغىتلار، ھىنگان تاغلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى قىتانلار تەۋە ئىدى.
ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمدارى «قاغان» (خاقان) ئىدى. ئۇيغۇر خاقانى ۋەزىر، بەگ، ئارمىيە ئەمەلدارى، باج ئەمەلدارى قاتارلىق مەنسەپدارلار ئارقىلىق سىياسىي، ھەربىي ئىشلارنى باشقۇراتتى.
ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىق زور سالماقنى ئىگەللەيتتى. تاڭ دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر شائىر دۇفۇنىڭ «شىمالغا يۈرۈش» نامىلىق شېئىرىدا «ئۇيغۇرلار ئەسكەر تارتتى بەش مىڭلاپ، ئاتلىرى بار تۈمەنلەپ» دىگەن مىسرالار بار. «تاڭ سۇلالىسىنىڭ يېڭى تارىخى. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسكەرلىرى 4 مىڭ كىشى، ئاتلىرى 40 مىڭ تۇياق» دەپ يېزىلغان. بۇ نوقتا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇنتىزىم ئەسكىرى قوشۇنىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئەسكەرلىرى يېتەرلىك ئات بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ خانلىق ھاكىمىيىتىدە ۋارىسلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. خان ئەۋلادىدىكىلەر خانلىققا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن مانى سودىگەرلىرى ئۇيغۇر خانلىغىنىڭ تەۋەسىگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە ۋە دىنىي ئىشلىرىغا ئارىلاشتى.
ئۇيغۇر خاقانى قۇتلۇق بىلگە خاقان 747 – يىلى ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا مۇيۇنچۇر خاقان بولدى، ئۇ كول خاقان دەپ ئاتالدى. 755 – يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوڭلۇك – سۆيگىن (ئەنلۇشەن – شىسىمىن) ئىسيانى يۈز بەردى. 757 – يىلى ئۇيغۇر خاقانى مۇيۇنچۇر تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەكلىۋى بويىچە، ياباقۇ ئۇنۋانلىق ئوغلىنىڭ باشچىلىقىدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۆڭلۈك – سۆيگىن ئىسيانىنى تىنجىتىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ چاڭئەن، لوياڭ قاتارلىق رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەملەشتى. ئۇيغۇر خاقانى مۇيۇنچۇرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسى ئۆز مەلىكىسىنى خوتۇنلۇققا بېرىپ، ئۇنىڭغا «باتۇر، ھەيۋەتلىك قۇتلۇق بىلگە» دىگەن ئاتاقنى تەقدىم قىلدى.
مۇيۇنچۇر قاغان ئۆلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئوغلى بوگۇ خاقان خانلىققا ۋارىسلىق قىلىپ تەختتە ئولتۇردى. بوگۇ خاقان خانلىق تەختىدە (759—780 – يىللار) ئولتۇرغان مەزگىلدە، 762 – يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ 2 – قېتىملىق تەكلىۋى بويىچە ئەسكەر چىقىرىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ شى جاۋىي توپىلىڭىنى تىنجىتىپ، خېبىينىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ياردەم بەردى.
(داۋامى بار)
2- بۆلۈم ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى
تۇبۇتلار (قەدىمقى زاڭزۇلار) غەربىي يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى ئېل ئىگىسى ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ بەشبالىق (ھازىرقى جىمىسار) نى ئىگەللىدى، بۇ جايلاردا قارلۇقلار، ساتلار، ئاق تۈركلەر ياشايتتى. كېيىن تۇبۇتلار يەنە كۈچ توپلاپ، قارلۇق ۋە ئاق تۈركلەرنىڭ ئىچىدىن بىر قىسم كۈچنى ئۆزىگە تارتىپ، بەشبالىقنى ھۇجۇم قىلىپ بېسىۋالدى.
791 – يىلى، ئېل ئىگەسى خاقان 50—60 مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ كېلىپ، بەشبالىققا ھۇجۇم قىلغاندا، يەنە تۇبۇت ۋە قارلۇقلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى. ئېل ئىگەسى قوچۇغا جايلاشقان ئۇيغۇر خان ئوردىسىنى جەنۇبقا يۆتكىدى. 792 – يىلى، ئېل ئىگىسى 2 – قېتىم ئەسكەر باشلاپ كېلىپ، تۇبۇت ۋە قارلۇقلارنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ جايلارنى يەنە قايتۇرۇۋالدى.
ئۇيغۇر خانلىقى 8 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئېغىر بوھرانغا ئۇچرىدى. چۇلۇق خاقان «ئاي تەڭرى ئۇلۇغ بولمىش ئالىپ بىلگ» دىگەن نەم بىلەن 825 – يىلىدىن 832 – يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى.
832 – يىلى چۇلۇق خاقان ئۆلگەندىن كېيىن، تەخت خان جەمەتى بولمىغانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىنىپىي زىددىيەتلەر تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ ماجرا كۆپەيدى، ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان خەلقلەردە بۆلۈنۈش يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئارقا – ئارقىدىن داۋام قىلغان جۇدۇن ئاپىتى، ۋابا، ئاچارچىلىق بىلەن نۇرغۇن چارۋا ۋە ئادەملەر قىرىلىپ كەتتى. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچى پارچىلىنىشقا باشلىدى. 839 – يىلى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋەزىرى ساتلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كېلىپ پايتەختكە ھۇجۇم قىلدى. «ئاي تەڭرى ئۇلۇغ بولمىش ئالىپ بىلگە خاقان» ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا پاسا تېگىن خان بولدى. 840 – يىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ باشلىقى كول بۇقا قىرغىزلارنىڭ باشلىقى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 100 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزىي ئوردىسىغا بېسىپ كىرىپ، پاسا تېگىن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى ئۆلتۈردى. ئوردا ۋە شەھەرلەرگە ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. بىر ئەسىرگە يرقىن ياشىغان ئۇيغۇر خانلىغى مىلادى 839 – يىلى يىمىرىلدى. كېيىن ئۆگە خاقان دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، لېكىن ئۇيغۇر خانلىقى ئاخىر ئاغدۇرۇلدى.
3- بۆلۈم ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى
839 – يىلى ئۇيغۇر خانلىغى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ خانلىقنىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئوتوكەن تاغلىرىدىن ئايرىلىپ، بۇ خانلىقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى جايلارغا كۆچۈپ كەلدى.
839 – يىلىدىكى غەربكە كۆچۈش مەسىلىسىگە قارىتا تارىخشۇناسلاردا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەھجۇت بولۇپ كەلدى. پروفېسسور فېڭ جاشېڭ ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت قىسقىچە ماتېرىياللار توپلىمى» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىگەن ئىككى كىتاپتا «ئۇيغۇرلار 839 – يىلىدىن كېيىن 3 تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن، ھەر بىر تارمىقى بىردىن ھاكىمىيەت قۇرغان ئىدى» دىيىلگەن. باشقا تارىخى ئەسەرلەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتى مىلادى 839 – يىلى يىمىرىلىپ، ئۇلار 3 تارماققا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچكەن. بۇلارنىڭ گەنسۇ كارىدورىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا قوشۇلغان بىر تارمىقى كېيىنكى كۈنلەردە سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان مىللەتنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغان، ئىككى تارمىقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغى بىلەن قاراخانىلار خانلىغىنى قۇرغان ئىدى دەپ قەيت قىلىنغان ۋە ھازىرقى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار 840 – يىلى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان، 840 – يىلىدىن بۇرۇن بۇجايدا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بولمىغان دىگەندەك بىر تەرەپلىمە، خاتا قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تارىخىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە «تېلى، چېلى، جژلى» دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى تۇرالار ياكى تۇغلۇقلارنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. تۇرالار مىلادىدىن 3 ئەسىر ئىلگىرى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرق ۋە غەرب ئېتەكلىرىدە ياشاپ كەلگەن. دىمەك، تۈركى خەلقلەر ئەزەلدىن شەرقىي تۈركلەر ۋە غەربىي تۈركلەر دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ ياشىغان. شەرقىي تۈركلەر سىبىرىيىگە، بايقال كۆلى ئەتراپىغا، موڭغۇل دالىسىغا، غەربىي تۈركلەر تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئىتەكلىرىگە جايلاشقان ئىدى. بىزگە مەلۇمكى، قەدىمقى زامانلاردا ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى جايلار شەرقتە چوڭ ھىنگان تاغلىرىدىن باشلاپ غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە سوزۇلاتتى. بىپايان كەڭ زىمىندا ھونلار، تۇغلۇقلار، سايبىلار، جورجانلار، تۈركلەر، ئوغۇز، ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمقى مىللەتلەر ياشايتتى.
تارىختا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان تۇغلۇقلار بىلەن ھونلار ماھىيەتتە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ، بۇلارنى تۈرك دىيىشكە بولىدۇ. خەنزۇ تارىخچىسى سىماچيەن يازغان «تارىخنامە» نىڭ «بەش پادىشاھ تەزكىرىسى» دىگەن بابىدا پادىشاھ خۇاڭدىنىڭ ھونلارنى شىمالغا قوغلىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. سىماچيەن جۇڭگونىڭ ئىپتىدائى جەمئىيىتىدىكى بىر رىۋايەتنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ھونلارنىڭ قەدىمقى مىللەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. «خەننامە» دە ھونلارنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدا بوز يەر ئاچقانلىقى ھەققىدە خاتىرىلەر بار. دىمەك، ھونلار ئەڭ قەدىمدىن تارتىپلا پۈتۈن موڭغۇل دالىسىدا ھەم شىنجاڭ دائىرىسىدە ياشىغان ئىدى. «تارىخنامە. ھون تەزكىرىسى» دە، «خەننامە» دە تۇرالار ھونلارنىڭ شىمالىغا يەنى بايقال كۆلى ئەتراپلىرىغا جايلاشقان دىيىلىدۇ. بۇلار تارىختا «شەرقىي تارماق» دەپ ئاتىلىدۇ. «ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا تۇغلۇقلارنىڭ بىر تارمىقى سەمەرقەنتكە، ئارال دېڭىزى بويىغا جايلاشقان دىيىلىدۇ. بۇلار تارىختا «غەربىي تارماق» دەپ ئاتىلىدۇ. دىمەك، بۇ پاكىتلاردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، تۇغلۇقلار قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا ئارال، ئالتاي ۋە تەڭرى تاغلىرى ئەتراپىدىكى كەڭ زىمىندا ياشىغان. ئارخېئولوگىلىيلىك ماددىي پاكىتلارمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلىماقتا. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخئولوگىيە تەتقىقات ئورنى 1979 – يىلى لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىن بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى تاپتى. بۇ ئايال جەسەتنى شىنجاڭ قەدىمقى ئاسارە – ئەتىقىلەرنى تەتقىق قىلىش ئورنى 1980 – يىل 4 – ئايدا قەدىمىك يىپەك يولى لوپنۇرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا تەبەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن تاپقان ئىدى. بۇ جەسەت 1981 – يىل 2 – ئايدا شاڭخەيگە ئېلىپ بېرىلدى. شاڭخەي 1 – تىببىي ئىنىستوتى، شاڭخەي تەبىئەت مۇزېيى قاتارلىق 19 دىن ئارتۇق پەن – تەتقىقات ئورنىدىكى خادىملار بۇ جەسەتنى ئىلمىي ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭ ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىگىنى، ئۇنىڭ 40—45 ياشلار چامىسىدا بولۇپ، قېنى «و» شەكىللىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇ جەسەتنىڭ تارىخى بۇرۇن قۇمۇلدىن تېپىلغان 3200 يىللىق تارىخقا ئىگە جەسەتتىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كەم ھىسابلىغاندىمۇ 4000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگى بىكىتىلدى. ئۇ ئېلىمىزدە ھازىرغىچە تېپىلغان جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان جەسەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ جەسەت بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سىۋەتكە بۇغداي قاچىلانغان. دىمەك، بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرى مۇشۇ جايدا ياشىغان خەلقلەرنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىغىدىن ۋە تاللانما ئۇرۇقلارنى ئىشلەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئايال جەسەتنىڭ ئەزالىرى ساق، قول – پۇتىنىڭ بارماقلىرى جايىدا، چاچ، تېرىسى ياخشى تۇرغان. شىنجاڭ رايونىدىن بۇ ئىككى جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقى تارىم ئويمانلىقىدا قەدىمدىن تارتىپ تۈركى خەلقلەر ياشىغانلىقىنىڭ پولاتتەك دەلىلى! بۇ پاكىتتىن بىز مۇندىن 4000 يىل ئىلگىرىلا تارىم بوستانلىقىدا ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرىنىڭ ياشىغانلىغىنى چۈشىنىۋالالايمىز. لوپنۇر ئەتراپىدىن تېپىلغان ئايال جەسەت بىلەن يەنە يۇڭ، كەندىر، يىپەكنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تۇقۇلغان ماشرۇپمۇ بىللە كۆمۈلگەن. بۇ ھىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا مەدەنىيەتنىىڭ يەنە بىر گۈلتاجىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ جەسەتلەر ئەينى زامانلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى، تارىم بوستانلىقىغا جايلاشقان خەلقلەرنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يىپەك، كەندىر، يۇڭ توقۇمىچىلىق ئىشلىرىنى ۋە ھۈنەر – سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ كۆپرەك ماددىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ چىقىش ئارخىئولوگىيە، ئانتروپولوگىيە، ئېتنوگرافىيە قاتارلىق پەن خادىملىرىنىڭ مۇندىن كېيىنكى تىرىشچانلىقىغا باغلىق. تۇغلۇقلار ئىگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇلار «ئىگىز ھارۋىلىقلار» (ئىگىز قاڭقىللار) دەپ ئاتالدى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە تۇرالار خەنزۇچە «دېلى»، «گاۋچې» (ئىگىز ھارۋىلىقلار) دەپ ئاتالغان، بۇمۇ بىر قەبىلىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى. 5 – ئەسىرگە كەلگەندە، تۇغلۇقلار سايبىلار بىلەن سوقۇشۇپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىر قىسمى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ بارغان، بىر قىسمى سېلىنگا دەرياسى بويىغا چېكىنگەن. تۇرالارنىڭ غەربكە قاراپ تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىغا سۈرۈلگەن بىر قىسمىدىكى ئوغۇزلار كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي تارمىقى بولۇپ قالدى؛ شىمالغا سۈرۈلۈپ سېلىنگا دەرياسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان ئون ئوغۇزلار بولسا كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تارمىقى بولۇپ قالدى. غەربىي تارماق غەربىي تۈركلەرگە قۇشۇلۇپ كەتتى. شەرقىي تارماق ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسىي تەركىۋى قىسمى بولۇپ قالدى. دىمەك، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تۇغلۇقلاردىن تارتىپ ئوغۇز، ئۇيغۇرلارغا قەدەر تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى، شىمالى بىلەن موڭغۇل دالىسىدىن ئىبارەت 2 جايغا بۆلۈنۈپ ياشىغانلىغىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە 4 – ئەسىردىلا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلاردا ئاللىقاچان ماكانلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىغى قەيت قىلىنغان. بۇ جايلارغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن، مەدەنىيەتتە ناھايىتى تەرەققى قىلغان ئىدى. بۇ جايلاردىكى خەلق كۆپىنچە دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك قىلاتتى. تۇغلۇقلار ياكى ئىگىز قاڭقىللارنىڭ مىلادى 4 – ئەسىردىن بۇرۇنلا تەڭرى تاغلىرى ئەتراپىدا ماكانلىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغانلىقى شۇ رايوندا ئاھالىنىڭ ئۇيغۇرلىشىپ كېتىشىدە چوڭ رول ئوينىغان ئىدى. 5 – ئەسىرگە كەلگەندە، تۇغلۇقلار ياكى ئىگىز قاڭقىللار تۇرپان ئويمانلىغىدا ھاكىمىيەت قۇردى. «ۋېي پادىشاھلىغىنىڭ تارىخى. ئىگىز قاڭقىللار تەزكىرىسى» بىلەن «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. ئىگىز قاڭقىللار تەزكىرىسى» دە يېزىلىشىچە، ئىگىز قاڭقىلدىكى بىكفولو قەبىلىسىنىڭ باشلىغ ئاكا – ئۇكا ئاۋۇزلۇلار 100 مىڭ ئائىلىدىن كۆپرەك كىشى (بىر ئائىلىنى 5 جان ھىسابلىغاندا، كەم دىگەندە 500 مىڭ كىشى بولىدۇ) نى باشلاپ يارغۇل ئەتراپىغا كۆچۈپ باردى، مىلادى 499 – يىلى قاڭقىل پادىشاھلىغىنى قۇرۇپ، يارغۇلنى ئۆزىگە پايتەخت قىلدى. دىمەك، ئىگىز قاڭقىللار (تۇغلۇقلار) نىڭ تەسىرى كۈچى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىنى ئاساسىي مەركەز قىلغان ھالدا پۈتۈن تۇرپان ئويمانلىغى، تارىم بوستانلىغىغا يېتىپ بارغان.

4- بۆلۈم ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى دىنلىرى

1. ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپ تۈركلەرنىڭ دىنى بولغان شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. شامان دىنى: تەڭرى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، ئاسمان، يەر ۋە پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمى ئۆتىدىغان بىردىن – بىر ئىلاھ دەپ قارايتتى. كىشىلەر بۇ دىننىڭ روھانىلىرىنى «تويىن» دەپ ئاتايتتى. «تويىن» دىنىنىڭ ئىبادەتخانىلىرى بار ئىدى. تارىخىي مەنبەلەردىكى رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار شامان باخشىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەر يىلدا بىر قېتىم قۇربانلىق قىلىپ، ئىبادەتخانىغا توپلىشىپ دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزەتتى.
شامان باخشىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى شامان ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلىش، خەلقلەرگە شامان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى سىڭدۈرۈش ۋە دىنىي ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلىش ئىدى. كېيىنكى دەۋىرلەردە شامان («تويىن») دىنىنىڭ قاراشلىرىدا ۋە پائالىيەتلىرىدە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. دەسلەپ دىن پىشۋالىرى 2 گە ئايرىلدى. بىر قىسمى يۇقىرى «تويىن» (شامان) باخشىلىرى، يەنە بىر قىسمى سېھرىگەرلىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنى «قام» دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن شامان دىنى «تويىن» دىنى، «قام» دىنى دەپ ئىككى دەپ ئىككى مەزھەپ، ئىككى سېستىمىغا ئايرىلدى ۋە ئاسماننى ئىدارە قىلىدىغان بىر زات، يەرنى ئىدارە قىلىدىغان بىر زات بار دەپ قاراپ، ئۇلارغا خۇدا دەپ ئىشىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ تۈپەيلىدىن، كۆپ خۇدالىق ئېتىقاد بارلىققا كەلدى. ھەر بىر خۇداغا بىردىن بۇت ياساپ، ئىبادەتخانىدىكى بۇتلار ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، چوقۇنۇش ئادىتى پەيدا بولدى. كېيىنچە بۇ دىنىي ئەقىدىلەرگە يەنە بوز بۆرىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا چوقىنىدىغان، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىدىغان، بايراق ئۇچىغا بوز بۆرىنىڭ كاللىسىنى بېكىتىپ قۇيىدىغان ئادەت پەيدا بولدى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى «ئوغۇزنامە» دە كۆك يايلىلىق چوڭ بىر بۆرىنىڭ ئوغۇزخانغا يول باشلاپ ماڭغانلىقى ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ.
«... ... ... ... ... ... ...
139. ئۇ يۇرۇق ئىچىدىن، كۆك
140. تۈكلۈك، كۆك يايىلىق چوڭ
141. بىر ئەركەك بۆرى چىقتى. بۇ بۆى ئوغۇز
142. خانغا مۇنداق دىدى:
143. ”ھەي ئوغۇز، سەن
144. ئۇرۇنغا ئەسكەر چىقارساڭ،
(17)
145. مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن.“
146. شۇندىن كېيىن، ئوغۇز خاقان
147. چېدىرلىرىنى يىغىپ، ئاتلاندى.
148. قارىسا، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا
149. كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق بىر ئەركەك بۆرى
150. يول باشلاپ مېڭىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن
151. ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن
152. ئەگىشىپ ئىلگىرىلىدى.⑧
... ... ... ... ... ... ... ...
بۇ دىنغا 3 – ئەسىردە ھونلار، تۈركلەرمۇ ئېتىقاد قىلغان، ئۇيغۇلار 8 – ئەسىرلەردىن باشلاپ ئېتىقاد قىلغان. دىمەك، شامانىزىم دىگەن سۆز تەبىئەتنى ئومۇمى ۋە ئايرىم ھالدا ئىلاھلاشتۇرغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
2. مانى دىنى 3 – ئەسىردە ئىرانلىق مانى تەرىپىدىن تارقىتىلغان.
763 – يىلى ئۇيغۇر خاقانى مانى دىنىنى ھۆرمەتلىك «ئورۇنغا» قويغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالدى. ئۇلار بۇ دىننى دۆلەت دىنى دەپ قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كونا دىنلارغا دائىر رەسىملەر كۆيدۈرىۋېتىلدى.
مانى دىنىغا زەردەش، خرستىيان ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ مەزمۇنى سىڭدۈرۈلگەن. مانى دىنى باشقا دىنلارغا ئوخشاش ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.
بۇ دىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىنىپىي قارىمۇ – قارىشىلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئۇيغۇر مانى راھىپلىرىمۇ مانى دىنىنى تارقىتىشتىن باشقا، خان ئوردىسىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگىمۇ ئارىلىشالايدىغان ھوقۇققا ئىگە ئىدى.
5- بۆلۈم ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتى

ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى خېلى تەرەققى قىلدى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆز يېزىقىدا يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇردى. بۇ يېزىق يادىكارلىقلىرى ئەڭ دەسلەپتە موڭغۇل دالىسىدىكى ئورخۇن دەرياسى ئەتراپىدىن تېپىلغانلىقتىن، قەدىمىي ئورخۇن يېزىغى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يازما يادىكارلىقلاردا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرىشى، ئىلىم – پەن جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت – سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن. بۇ قەدىمىي مىراسلار تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنىڭ نەمۇنىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكىسى كۆك تۈرك خانلىغىغا ئائىت «تونيۇقۇق مەڭگۇ تېشى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مىلادىنىڭ 712—716 – يىللىرى قەدىمكى تۈرك يېزىقى بىلەن 2 چوڭ مەر مەر تاشقا 62 قۇر خەت بىلەن پۈتۈلۈپ، تونيۇقۇقنىڭ قەۋرىسى ئالدىغا ئورنىتىلغان. بۇ ئۇيغۇر يازما يادىكارىقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلمىي قىممەتكە ئىگە يادىكارلىقلاردىن بىرى.
ئىككىنچىسى، «كول تېگىن مەڭگۇ تېشى»، بۇ تاش 732 – يىلى ئورنىتىلغان.
ئۈچىنچىسى، «بىلگە خاقان مەڭگۇ تېشى»، بۇ تاش 735 – يىلى ئورنىتىلغان.
تۆتىنچىسى، «مويۇنچۇر مەڭگۇ تېشى»، بۇ تاش 759 – يىلى ئورنىتىلغان.
بەشىنچىسى، «توققۇز ئۇيغۇر خاقانى مەڭگۇ تېشى»، بۇ مەڭگۇ تاشلار تۇنيۇقۇق، كول تېگىن، بىلگە خاقان، ئۇيغۇر قۇتلۇق بىلگە خاقانلارنىڭ مۇندىن 1260 يىل بۇرۇن قالدۇرغان يازما يادىكارلىقلىرى بولۇپ، بۇ يازما خاتىرىلەرگە خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى، ھەربىي پائالىيەتلىرى ۋە دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى تۆھپىلىرى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، دۆلەتنىڭ قانۇن – ئىنتىزامى، ئەسكىرى قوشۇن تەشكىلى، ھۆنەر – سەنئەت، نەققاشلىق سەنئىتى، خوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقە – مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق ئىشلار پۈتۈلگەن. تۈرك ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى تارىخىنى، ئىتنوگرافىيىسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن قىممەتلىك ئىلمىي ماتېرىيال بولۇپ، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ زور قىممەتكە ئىگە تارىخىي ھۆججەتلەر، شۇنداقلا تۈركى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ گۇۋاسى ۋە ئەينى زامان تىل – يېزىغىنىڭ ئۆلگىسى.
قۇچو تۇرپان ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرى قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا شانلىق سەھىپە ئېچىلغان ئالتۇن دەۋر بولدى. بۇ دەۋردە بۇددا، مانى ۋە خرىستىيان دىنلىرى تەسىرىدىكى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى يۇقۇرى دەرىجىدە تەرەققى قىلدى.
قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىككە ئوخشاش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى يەنىمۇ راۋاجلانغانلىقتىن، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققى قىلدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمۇ يۈكسەك دەرىجىگە يەتتى. جۇڭگو ساياھەتچىسى ۋاڭ يەندى (981—983 – يىللار) بەشبالىقتا قوچۇ خانى ئارسلان خان ۋە ئۇنىڭ شاھزادىلىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ ئىدىقۇتنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ: «ئۇلارنىڭ سانسىزلىغان پادىلىرى بار، ئۇلار مالنىڭ رەگىگە قاراپ پادىغا ئايرىيدىكەن، يىلقىلار تاغ، ئېدىرلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە يايلاپ يۈرىدىكەن»، «قوچۇدا پاختا، يىپەك گەزلىمىلەر توقۇلىدىكەن، ئادەملىرى جاسارەتلىك، چىۋەر ئىكەن، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ھەم قاشتاش ئەسۋابلىرىنى ياساشقا ماھىر ئىكەن» دەپ يازغان. قوچۇدا يەنە ئۈزۈم، قوغۇن، تاۋۇز، نەشپۈت، ئانار، شاپتۇل قاتارلىق مىۋىلەرنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان باغۋەنچىلىكمۇ غايەت تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۈزۈم مۇسەللىسى بىلەن داڭ چىقارغان. قوچۇ رايونىدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن سودا شەھەرلىرى مەيدانغا كېلىپ، غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرغان سودا يولى – «يىپەك يولى» راۋانلاشتى. قوچۇنىڭ ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى قۇيۇقلاشتى.
قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدە يارىتىلغان ھەر خىل ژانىرلاردىكى ئەسەرلەردىن قەدىمقى تىپىك داستان «ئوغۇزنامە»، «تۇرپان شېئىر – قوشاقلىرى»، بۇددىزىم رىۋايەتلىرى مەزمۇن قىلىنىپ يېزىلغان «چاشتانى ئىلىك بەگ»، «ئىككى تېگىن ھىكايىسى»، «ئالتۇن يارۇق»، چوڭ تىپتىكى دىراما «مائىترى سىمىت»، خرىستىيان دىنى مەزمۇنىدىكى ھەر خىل ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە پارچىلار بۇ دەۋردىكى ئەدەبيات تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدىغان نادىر ئەسەرلەردىن ئىدى؛ بۇ دەۋردە يەنە ئاتاقلىق ئالىملار، ئەدىپلەر، تەرجىمانلار دۇنياغا كەلدى. ئۇلاردىن ئاپرىنچور تېگـىن، كول تارقان، سىڭقۇ سالى تۇتۇڭ، پراپتا ياشىرى، ئاسىخ تۇتۇڭ، قالىم كەيشى، چىسۇيا قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن يۇقۇرقى ئەسەرلەر 9—10 – ئەسىرلەردىكى بۇددىزىم مەدەنىيىتى مۇھىتىدا پىشىپ يېتىلىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن. ئەگەر قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبى تىلى بولمىغان بولسا 9 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئىسلامىيەتنى يېڭىدىن قوبۇل قىلغان خاقانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبى تىلى مۇنداق قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە يۈكسەك پەللىگە كۆتىرىلمىگەن بولاتتى. چۈنكى مەيلى خاقانىيە دائىرىسىدىكى ياكى قوچۇ دائىرىسىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ھەممىسى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. بۇ جەھەتتىكى ئىدىئولوگىيىلىك قارشى ئوخشاش ئىدى، مەدەنىيىتىدە بىرلىك بار ئىدى.
قەدىمقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسسامچىلىغىمۇ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ دەۋرنىڭ رەسسامچىلىغىغا تىپىك ۋەكىل قىلىپ تۇرپان بىزەكلىتىكى تام رەسىملىرىنى ۋە دۇڭخۇاڭ (داش ئاتا) تام رەسىملىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ تام رەسىملىرىدە ساز چېلىۋاتقان ئۇيغۇر سازەندىلىرىنىڭ رەسىملىرى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدىن ئېلىنىپ سىزىلغان رەسىملەر ئىدى. ئۇيغۇر سازەندىلىرى چېلىۋاتقان سازلار تەركىۋىدە كاناي، سۇناي، قوۋۇز، غىجەك، چاڭ ۋە باشقا تارىلىق چالغۇ ئەسۋاپلىرى، مەسىلەن، پەنجىتار، خۇشتا قاتارلىق ھەر خىل مىللى مۇزىكا چالغۇ ئەسۋاپلىرىمۇ بار.
«مائىترى سىمىت» ناملىق دىرامىنى ئادياچاترا دىگەن كىشى سانسكرىت تىلىدىن توخار تىلىغا تەرجىمە قىلغان، تانراكسىت دىگەن يەنە بىر كىشى توخار تىلىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق تەرجىمانلىرى دەپ ھىسابلىنىپلا قالماستىن، بەلكى سانسكرىت، سوغدى، خەنزۇ تىلى، ئىران تىللىرىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن، ئۇلار تەرجىمىنى ناھايىتى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەيتتى. كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىش ۋاقتىدا ئەسلى نۇسخىسىغا ئاساسلىنىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، باشقا تىللاردىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىدىنمۇ پايدىلىناتتى. تەرجىمە قىلىنغان بۇددا ۋە مانى دىنى نوملىرىنىڭ مەزمۇنى، تۈرلىرىدىن قارىغاندا، دىنى كىتاپلار، ھىكايىلەر، ھەر خىل نەسىھەتنامە خاراكتىردىكى ئەسەرلەر، دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر، مۇناجاتلارنى ئىزاھلىغان ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
بىزەكلىك ۋە دۇڭخۇاڭدا تېپىلغان مەدىنى يادىكارلىقلار قوچۇ (بۇ يەردە بىر پارچە سۈرەت بار) ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرىدە مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىغىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. «بىزەكلىك» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى «بىزەلگەن، زىننەتلەنگەن جاي» دىگەنلىك
 بولىدۇ؛ ئۇنىڭ كەڭ مەنىسىدىن ئالغاندا، تام رەسىملىرى، نەقىشلەر ۋە ھەيكەللەر بىلەن بىزەلگەن جاي يەنى سەنئەت ماكانى دىگەننى بىلدۈرىدۇ.
تۇرپاندىكى بىزەكلىك، تۇيۇق، بۇليۇق، قارا خوجا، ئاستانىلەردىن ۋە دۇڭخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمقى سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي پۇراق نامايەن قىلىنغان. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغىدا ئۆتكەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان ئىدى. تۇرپان ۋە دۇڭخۇاڭدىن تېپىلغان تۈرلۈك نەقىشلەر، تام رەسىملىرى ۋە بەدىئىي ئەسەرلەر ئەنە شۇ ئۇيغۇر سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ مەھسۇلى. قەدىمقى ئۇيغۇر رەسسامچىلىق سەنئىتىدە تىزما رەسىملەر، تام رەسىملىرى ئارقىلىق ۋەقەلىكنى چۈشەندۈرۈش سەنئىتى ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇ خىل سەنئەتنىڭ تەكەمۇللاشقان شەكلى ئىدى. قوچۇ خانلىغى دەۋرىدە يېزىلغان ئەسەرلەردە ئەينى دەۋرىدىكى بۇددا دىنى ۋە مانى دىنى تەسىرى بولغاندىن تاشقىرى، زور كۆپچىلىگى ئەينى زامان ئۇيغۇر تارىخىي ئەدەبىياتىنىڭ تەركىۋى قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىي ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بىرىدۇر.
كۇچا قەدىمقى مەدەنيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى. قەدىمقى زاماندا، بۇ يەردە ياشىغان ئۇيغۇرلار دۇنياغا مەشھۇر شانلىق «كۇسەن»⑨ مەدەنىيىتى ياراتتى. بۇددىزىمنىڭ دۆلىتىمىزدە تارقىلىشىدا، كۇچا ئىنتايىن مۇھىم كۆۋرۈكلىك رول ئوينىدى. كۇچادا نۇرغۇن ئاتاقلىق تەرجىمانلار، مۇزىكانتلار، بۇددىزىم ئۆلىمالىرى دۇنياغا كەلدى، كومىراجىۋا مۇشۇ مەشھۇر كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.
كومىراجىۋا مىلادىنىڭ 344 – يىلى دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ دادىسى ھىندىستانلىق بولۇپ، ئانىسى كۇچالىق ئىدى. ئۇ 7 يېشىدا بۇددىزىمنىڭ ھىنايانا نوملىرىنى ئۆگىنىپ، ھىنايانا مەزھىبىنى قوبۇل قىلغان؛ 12 يېشىدىن كېيىن ماخايانا نوملىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن؛ بىلىم ئېلىش ئىشتىياقى بىلەن ھەر قايسى ئەللەرنى ئارىلىغان؛ مەشھۇر بۇددىزىم ئۆلىمالىرىنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ ناھايىتى كەڭ بىلىم ھاسىل قىلغان؛ ياش چېغىدىلا غەربىي يۇرتلاردىكى بۇددىزىم ئەللىرى ئېتراپ قىلغان مەشھۇر ئۆلىما بولۇپ تونۇلغان.
384 – يىلى پادىشاھ فۇجيەن چوڭ جياڭجۈن لى گۇاڭنى ئەۋەتىپ كۇسەن دۆلىتىنى بويسۇندۇرغاندا، 41 ياشتىكى كومىراجىۋا لى گۇاڭنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرگە بارغان. 385 – يىلى لى گۇاڭ لياڭجۇنى ئىشغال قىلىپ، كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىغىنى قۇرىدۇ. كومىراجىۋا (بۇ يەردە بىر پارچە سۈرەت بار) لياڭجۇدا 17 يىل تۇرۇپ خەنزۇ تىل – يېزىغىنى پۇختا ئۆگىنىدۇ. 401 – يىلى، كېيىنكى چىن پادىشاھلىغىنىڭ پادىشاھسى ياۋشىڭ كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىغىنى يوقىتىپ، كومىراجىۋانى چاڭئەنگە ئالدۇرۇپ كېلىپ، ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئۇستازلىققا تەيىنلەيدۇ. كومىراجىۋا پادىشاھلىق تەرجىمە مۇئەسسىسىنىڭ شاۋياۋيۇەن باغچىسىدا بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
كومىراجىۋا ئۆز دەۋرىدە بىراخمى يېزىغىنىڭ مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە بۇددىزىم نوم تەلىماتلىرىنى مۇكەممەل ئىگەللەپلا قالماستىن، بەلكى خەنزۇچە تىلدىمۇ يېتىلگەن ئۇستاز بولۇشتەك ئىككى ئاساسىي شەرتنى ھازىرلىغانلىغى ئۈچۈن، چىن پادىشاھسى ياشىڭنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىدە داڭ چىقارغان راھىپلار بىلەن بىرلىشىپ، نوم تەرجىمە ئىشلىرىنى يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرگەن. كومىراجىۋا تەرجىمانلىق پائالىيىتىدە نۇرغۇن ئىزلىنىپ «5 نى ئۆزەەرتىش»، «3 كە تەگمەسلىك» جەھەتتە مەنە تەرجىمە ئېقىمىنى يارىتىپ، بۇرۇن ئۆتكەن ئاتاقلىق تەرجىمان جژچيەن، كاڭ شىڭفۇلارنىڭ تەرجىمىسىدىكى ئەسلىگە سادىق بولماسلىقتەك نوقسانلارنى تېپىپ چىققان. ئۇ تەرجىمە ئىشىنىڭ مۇشەققەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. ئۇ تەرجىمە توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقتىن، چاڭئەندە تۇرغان 10 يىل ئىچىدە پۈتۈن زېھنىنى تەرجىمە ئىشىغا قارىتىپ تەرجىمىنى مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىپ، ئىلگىرى تەرجىمە ئىشىدا مەۋجۇت بولغان سەل قاراشتەك ئاجىزلىقلارنى تۆگەتكەن. ئۇ تەرجىمە (بۇ يەردە بىر پارچە سۈرەت بار) ئىشىدا نومنىڭ براخمانچە نۇسخىسىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ مەنىسىنى خەنزۇچە شەرھىلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ شەرھىلىگەن مەزمۇنى مۇھاكىمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە يۈزلىگەن ھەتتا 2—3 مىڭ مەشھۇر راھىبلارنىڭ تەپسىلى مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن نومنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى يېزىپ چىقاتتى. غەربىي يۇرتلاردىكى يېزىق نۇسخىلىرىدا خاتالىق بولسا براخمى نۇسخىسىغا ئاساسەن تۆزىتەتتى. تەرجىمە بېشىدىن – ئاياق راۋان بولغاندا ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىشنى قارار قىلاتتى. كومىراجىۋا مۇنداق ئالىجاناپ يۈكسەك مەسئۇللۇق بىلەن 300 نەچچە جىلد نوم ۋە شاستىر (بۇددىزىم تەفسىرلىرى) نى تەرجىمە قىلىپ چىققان، ئۇنىڭ تەرجىمىلىرى 35 كىتاپ، 294 جىلدكە يەتكەن. «جىن سۇلالىسىنىڭ تارىخى» نىڭ «خاتىرىلەر» بابىدا «ھازىرقى يېڭى نوملارنىڭ ھەممىسىنى كومىراجىۋا تەرجىمە قىلغان» دىيىلگەن. (بۇ يەردە بىر پارچە سۈرەت بار). 
ئۇ جان ئۈزۈش ۋاقتىدا: «ئەگەر تەرجىمەمدە ئاساسىي مەزمۇن يوقاپ كەتمىگەن بولسا، ئۆلگىنىمدىن كېيىن تېنىم كۆيدۈرۈلسىمۇ تىلىم ساق قالغاي» دەپ ۋەسىيەت قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇ ئۆمرىنى بۇددىزىمنىڭ تەلىماتلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا ئەڭ سادىق، ئەڭ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگو بۇددىزىم تەرجىمەشۇناسلىغىنىڭ گۇلتاجى بولۇپلا قالماستىن، ئىلىمىزنىڭ ھىندىستان ۋە غەربىي يۇرتلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت مۇناسىۋەت تارىخىدا ئۆچمەس تۆھپە ياراتتى. (بۇ يەردە بىر پارچە سۈرەت بار)
ئىزاھاتلار:
① «مەدىنى يادىكارلىقلار» ژورنىلىنىڭ 1989 – يىل 1 – سانى.
②③ «تارىخنامە. ھونلار تەزكىرىسى»، 9 – جىلد، 2879 – بەت.
④ «تاڭ سۇلالىسىنىڭ كونا تارىخى» 5198 – بەتكە قارالسۇن.
⑤ «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 151 –، 152 – بەتلەر.
⑥ ئاخىمىندىلار سۇلالىسى – مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى ئىراندىكى ئاخىمىند قەبىلىسىدىن بولغان دارىئو I تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارىس دۆلىتى. بۇ سۇلالە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 336—330 – يىللىرى ئىسكەندەر زولقەرنەين تەرىپىدىن يوقىتىلغان ئىدى.– ت.
⑦ ئوبۇلغازى باھادۇرخان مىلادىنىڭ 1663—1669 – يىللىرى يازغان «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق ئەسەردىن.
⑧ «ئوغۇزنامە» 48—49 – بەتلەر. مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ 1980 – يىل نەشىرى.
⑨ كۇسەن – كۇچانىڭ قەدىمقى يەنە بىر ئىسمى.
(داۋامى بار)
[ بۇ يازما kokbora7411 تەرىپىدىن 2008-09-26 14:39 دە ]
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UIDنومۇرى: 1797
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 355
شۆھرىتى: 533 نومۇر
پۇلى: 3575 سوم
تۆھپىسى: 2 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 538(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-09-23 00:42
qoute
1 - قەۋەتتىكى Ulughbek 2008-09-22 19:14 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
داۋامىنى چۇقۇم يوللايدۇ."داۋامى بار"دەپ قۇيۇپتۇ ئەمەسمۇ. شۇڭا تېمىنى قاپبەلدىن ئۈزىدىغان "تەشەككۈر"،"رەھمەتنامە"لەرنى يوللىماي تۇرساق.تېمىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاپ تۇرساق. بۇ تېما يېزىلىپ تۈگىگەندە ئاندىن "رەھمەت"ۋە مۇلاھىزەلىرىمىزنى باشلىساق.شۇڭا تەۋسىيەرىم، مۇشۇنداق ئىنكاسلارنى بىر پۈتۈن مەزمۇن يېزىلىپ تۈگىگىچە يازمىساق.ئەمدى باشقۇرغۇچى مۇشۇ ئىنكاسلارنى ئۈچىرىڭ.مېنىڭ ماۋۇ ئىنكاسىممۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

Ulughbek ئەپەندىنىڭ يۇقۇرىدىكى بۇ تەلىۋىنى قۇبۇل تېپىپ، ئىنكاسلار ئۈچۈرۈلدى. بۇ دېگەنلىك - كىتاب يوللۇنۇپ بولغۇچە ئىنكاس يازماڭ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مەدىھىيە سۆزلىرى بىلەن تۇلۇپ كەتمىسۇن دېگەنلىك. مۇنبىرىمىز مۇنازىرە مىنبىرى بولغاچقا، كىتاب يوللۇنۇپ بۇلغۇچە بولغان ئارلىقتا يوللانغان مەزمۇنلار ھەققىدە مۇنازىرە بولسا بۇلىدۇ. ئامال بار رەھمەت ئېيتىش، تەشەككۇر بىلدۈرۈش، تىلەك تىلەش، رىغبەتلەندۈرۈش شەكلىدىكى ئىنكاسلارنى يازمايلى. ھەم زىدىيەت پەيدا قىلىدىغان، ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزۈدىغان ئاساسسىز، پاكىتسىز ئىنكاسلاردىن ساقلىنايلى. ئورخۇن بىزنىڭ ئۈگۈنۈش سورۇنىمىز، مەدىنىيەت ئالماشتۇرىدىغان، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىدىغان مۇنازىرە سورۇنىمىز. بىزنىڭ بىرلا ئائىلىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ ئورخۇن!
yol
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1202
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 55
شۆھرىتى: 65 نومۇر
پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-09-26 14:44
تور باشقۇرغۇچىسى بولسا مەن يوللىغان بۇ ماتېرىيالنى باشقىىلار كۆرىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئۆزىڭىز رەتلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن مەن بۇرۇن يوللىغان بۆلۈملەرنىڭ ئاخىرىغا قانداق ئۇلاشنى بىلەلمەي قالدىم
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1787
جەۋھەر يازمىسى: 6
يوللىغان يازمىسى: 432
شۆھرىتى: 688 نومۇر
پۇلى: 4305 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 756(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-09-26 16:45
كۆك بۆرە ئەپەندى مېنىڭ مۇشۇ ئىنكاسىمنىڭ داۋامىغا ئۇلاپلا، قالغان قىسىملىرىنى بۆلۈم ياكى باپلارنى بىرلىك قىلغان ھالدا ئىنكاس تەرىقىسىدە يوللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ، ئەگەر بەك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگىدەك بولسا، بىز تەكشۈرۈپ رەتلەپ قويىمىز.
yol
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1202
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 55
شۆھرىتى: 65 نومۇر
پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-09-27 19:19
(داۋامى)
ئىككىنچى باب ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا
1- بۆلۈم ئەرەب ئىستىلاسى


ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ماۋرا ئۇننەھرگە① ۋە خۇراسانغا خوشنا بولغان كەڭ جايلاردا 6 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا فېئوداللىق تۈزۈمدىكى تۈرك دۆلىتى قۇرۇلدى. بۇ جايلاردا 7 – ئەسىرنىڭ 2 – يېرىمىدىن تاكى 8 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە شاش (تاشكەنت) خانلىغى، پەرغانە خانلىغى، سوغدىيان (سەمەرقەنت) خانلىغى، بۇخارا خانلىغى، خارەزىم شاھ خانلىغى، كۇشانىيە خانلىغى ھۆكۈم سۈردى. بۇلاردىن باشقا، بارجاقلار ۋە تاھىرىيە خانلىغىمۇ بولغان ئىدى.
يەتتە سۇنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قەشقەر ۋادىسىدا ياغمىلار ياشايتتى. ئىسسىق كۆلنىڭ ئەتراپىدا ئىلى دەرياسىدىن تارتىپ نارىن ئارىلىغىغىچە بولغان جايلاردا چىگىللەر ياشايتى، يەتتە سۇدا توخسى قەبىلىلىرى بار ئىدى.
بۇ دەۋرلەردە تارىم ۋادىسى بىلەن ماۋرا ئۇننەھردە فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا كۆپلىگەن سودا شەھەرلىرى مەيدانغا كېلىپ، سودا ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ماۋرا ئۇننەھر، چۇ، تالاس ۋادىلىرىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى، مەدەنىيىتى يەنىمۇ ئۆستى. جۇڭگو ساياھەتچىسى شۇەن جۇاڭ (602—664 – يىللار) نىڭ «غەربىي يۇرتلارغا ساياھەت» دىگەن ئەسىرىدە: «چۇ دەرياسى ئارىلىغىدىكى جايلاردا ياشىغۇچى ئاھالە مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ئىكەن، ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچىگى، تىل – يېزىغى ئوخشاش ئىكەن. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تارتىپ يېزىلىدىغان سۈرىيە يېزىغى ئاساسىدىكى 32 ھەرپلىك ئېلىپبەسىى بار ئىكەن. تارىخىي ئەسەرلىرىمۇ بار ئىكەن» دەپ يازغان ئىدى. ئىلى، چۇ ۋە سۇياپ دەرياسى ۋادىلىرىغا جايلاشقان تۇركەشلەر 638 – يىلى سۇياپنى چوڭ ئوردا، ئىلى دەرياسى بويىدىكى ئالمالىقنى كىچىك ئوردا قىلىپ، تۇركەش دۆلىتىنى قۇردى. بۇ تۇركەش دۆلىتى 8 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى. تۈركى خەلقلەردىن بولغان قارلۇقلار تۇركەشلەرنىڭ ئەسلى ماكانلىرىنى بېسىۋېلىپ، 616—656 – يىللىرى قارلۇق دۆلىتىنى قۇردى. بۇ چاغدا تالاس، سۇياپ② شەھەرلىرى قارلۇقلارغا قارايتتى. شۇەن جۇاڭ: «بۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ بىر قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن، يەنە بىر قىسمى سودا – سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. چۇ دەرياسى بويىدىكى سۇياپ شەھرى سودا مەركىزى ئىكەن. ئاھالە ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادىتى بويىچە چېچىنى بېشىغا يۆگەپ، چوققىسىنى ئوچۇق قويىدىكەن. بەزىلىرى چېچىنى چۈشۈرۋېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پىشانىسىگە ياغلىق چېگىۋالىدىكەن» دەپ يازغان.
7 – ئەسىردە بۇ شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدىمۇ بىر قانچە شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرلەردە تۈركىي خەلقلەر ياشايتتى، ھەر قايسى شەھەرنىڭ ئايرىم – ئايرىم ھاكىملىرى بولغان. شۇە جۇاڭ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «مەن تۈرك خانلىرىنىڭ بىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. بۇ خاقان ئۈستىگە يىپەك تون كىيگەن، چېچىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، پىشانىسىنى يىپەك ياغلىق بىلەن بىر نەچچە قات ئورىۋالغان. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرمۇ چېچىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىدىكەن. خاقان ئالتۇن بىلەن بىزەلگەن چېدىردا مېنى قۇبۇل قىلدى. يىپەك كىيىملەرنى كىيگەن چوڭ ئەمەلدارلار چېدىرغا سېلىنغان كىگىز ئۈستىدە ئىككى قاتار بولۇپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدە خاقاننىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى بار ئىدى. ماڭا تۈرك خاقانى زىياپەت بەرگەندە، ئادەمنى لەززەتلەندۈرۈپ، كۆڭۈلنى ئاچىدىغان مۇزىكىلار چېلىندى. مىھمانلارنىڭ ئالدىغا ئاۋال گۆش قويۇلۇپ، ئاندىن شاراب تۇتۇلدى. ئۈسۈملۈك يېغىدا پىشۇرۇلغان تاماقلار ۋە سۈت كەلتۈرۈلدى.»
شۇ چاغلاردا، ماۋرا ئۇننەھردىكى خارەزىم دۆلىتىدە يەر ئىگىلىرى «دىخان» دەپ ئاتىلاتتى. («دىخان» پارىسچە سۆز بولۇپ، يەر ئىگىسى مەنىسىدە) ھاكىملارمۇ «دىخان» دەپ ئاتىلاتتى. ھاكىملار ئېسىلزادىلەردىن ھىسابلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىمۇ «دىخان» نامى بىلەن ئاتىلاتتى. ماۋرا ئۇننەھردىكى ھاكىمىيەت ئىراندىكى ھاكىمىيەت تەشكىلىگە ئوخشاپ كېتەتتى. ھاكىم ئاستىدا «چاكار» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىسىم ئەسكەرلەر بار ئىدى. بۇ جايلاردىكى تۈركى خەلقلەر، ئاساسەن، زەردەش، بۇددا، نىستۇرى، مانى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلاتتى.
زەردەش (ئاتاشپەرەسلىك) دىنى ئەڭ ئاۋال ئىراندا ئاۋۇئاسترا ناملىق كىشى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. بۇ دىن مىلادىدىن 6 ئەسىر ئىلگىرى دارا I③ نىڭ دەۋرىدە ئىران پادىشاھلىغىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەنگەن.
بۇ دىن: «ئالەم ياخشىلىق – يامانلىق، يۇرۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل قۇۋۋەتنىڭ كۈچىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئۆزئارا كۆرەش كىلىدۇ. ئاخىرىدا ياخشىلىق يامانلىقنى، يۇرۇقلۇق قاراڭغۇلۇقنى يېڭىدۇ. ئوت بولسا ياخشىلىقنىڭ سىمۋولى» دەپ ھىسابلايتتى. شۇڭا، زەردەش دىنى ئوتنى مۇقەددەس دەپ تۇنۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇشىنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي بەلگىسى قىلاتتى. زەردەش دىنى ئىراندا دۆلەت دىنى قىلىپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، جايلاردا ئاتەشكۇرە (ئاتەشپەرەسلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى)لەر تەسىس قىلىندى. زەردەش دىنى مەيدانغا كېلىىشتىن بۇرۇن، ئىراندىكى ئاھالە يۇلتۇزغا چوقۇناتتى. ئىراندا زەردەش دىنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىگىچە داۋام قىلدى. خەلىپە ئۆمەر (634—644 – يىلغىچە خەلىپە بولغان) زامانىسىدا ئەرەپلەردىن سەئىد ئىبنى ۋاققاس ئىراننى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ئىراننىڭ رەسمى دۆلەت دىنىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن زەردەش دىنى بۇ يەردىن سىقىپ چىقىرىلدى. ئىراندا قالغان زەردەش مۇخلىسلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىغى ئۈچۈن ھىندىستانغا كۆچۈپ كەتتى. ھىنسدىستاندىكى بومبايدا، ئىراننىڭ يەزدى شەھرىدە ۋە باشقا جايلاردا خېلى نۇرغۇن ئاھالە ھېلىمۇ زەردەش دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. زەردەش دىنىنىڭ «زىند ئاۋىستا» نامىلىق كىتاۋى ھازىرمۇ مۇقەددەس كىتاپ دەپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ كىتاپ ۋە ئۇنىڭ شەرھىسى ياۋروپادا تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىندى.
ئىسلام دىنى ئەڭ ئاۋال 570—632 – يىللاردا ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا مەيدانغا كەلدى، كېيىنچە ئەرەپلەرنىڭ رەسمى دۆلەت دىنى بولدى، 7 – ئەسىردە، غەربىي ئاسىيادا باش كۆتىرىشكە ۋە كېڭىيىشكە باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىن ئىرانغا كېڭەيدى. يەنە ئىراندىن ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئومۇملاشتى. خەلىپە ئۆمەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردە، ئىسلام قوشۇنى ئىران، ئىراق، مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق جايلارغا يۈرۈش قىلدى ۋە ئىران پادىشاھسىنى مەغلۇپ قىلىپ، كېيىن خۇراسان ئەتراپىدىكى تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارغا بېسىپ كىردى. خەلىپە ئوسمان (644—657 – يىللاردا ھاكىمىيەت يۈرگـۈزگەن)نىڭ زامانىسىدا خۇراسان مەملىكىتى ئەرەپلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئەرەپلەر 653 – يىلى خۇراسان ۋالىسى ئەھنىق ئىبنى قەيسنىڭ قوماندانلىقىدا شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلىپ، بەلخنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن توخارىستان قاتارلىق جايلاردا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتتى. بۇ جايلاردىكى تۈركلەر ئىسلامغا تەۋە بولدى. خەلىپە ئابدۇلمۇلۇك دەۋرىدە (699—700 – يىللار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) ئەرەپلەر ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن تۈرك زىمىنلىرىغا داۋاملىق يۈرۈش قىلدى.
ئابدۇلمۇلۇك ئىراق ۋالىسى مەشھۇر ھەججاجنى خۇراساننىڭ ۋالىلىغىغا تەيىنلىدى. ھەججاجنىڭ قول ئاستىدىكى مۇھەللەپ ئىبنى نەبى سۇپرە ئەرەپ قوماندانلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن ئىدى. ئۇ 700 – يىلى ئامۇ دەريانى بويلاپ يۇقىرىغا مېڭىپ بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى.
ھەججاج 705 – يىلى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم ئىسىملىك بىر قومانداننى خۇراساننىڭ ۋالىلىغىغا تەيىنلىدى. قۇتەيبە توخارىستانغا ھۇجۇم قىلىپ، تۈرك خانلىغىنى بوي سۇندۇردى؛ 706 – يىلى ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ، باي كەنتىگە ھۇجۇم قىلدى. تۈركلەر قۇتەيبە قوماندانلىقىدىكى ئەرەپ ئەسكەرلىرىنى 2 ئاي مۇھاسىرە قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئاخىرى ئۆزلىرى مەغلۇپ بولدى. قۇتەيبە باي كەنت ئاھالىسىنى دەھشەتلىك ھالدا قىرغىن قىلدى، ئاھالىنىڭ بارلىق مال – مۈلۈكلىرىنى بۇلىدى، شەھەرگە ئوت قويدى.
تۈرك خاقانى كول تېگىن پەرغانە ۋە سوغدى تۈركلىرىنى ئىسلام ئەسكەرلىرىگە قارشى سەپەرۋەر قىلىپ، ئامۇ دەريا بويىدىكى تىرمىز شەھرىگە ئورۇنلاشتى. 707 – يىلى، قۇتەيبە ئىسلام ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ، كول تېگىن باشچىلىغىدىكى تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلدى. كول تېگىن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى، 2 – قېتىم (708 – يىلى) يەنە كۈچ توپلاپ سوغدىياناغا يۈرۈش قىلىپ، قۇتەيبەنى مەغلۇپ قىلدى.
قۇتەيبە بۇ مەغلۇبىيىتىنى ھەججاجقا مەلۇم قىلپ، ئۇنىڭغا ماۋرا ئۇننەھرنىڭ خەرىتىسىنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەججاج ئىسلام ئەسكەرلىرىنى قايتا تەشكىللەپ، ئىراندىن بىر قىسىم مۇسۇلمان قوشۇننى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇرۇشقا قاتناشتۇردى. مىلادىنىڭ 709 – يىلى، قۇتەيبە بۇخاراغا يۈرۈش قىلدى. كول تېگىن قوشۇن بىلەن سەمەرقەنتتىن بۇخاراغا يېتىپ كەلدى. مۇشۇ جايدا تۈركلەر بىلەن ئەرەپلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولدى. بۇ ئۇرۇشتا كول تېگىن قاتتىق جاراھەتلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇخارا، سەمەرقەنت، سوغدى خانلىقلىرىنىڭ مۇستەقىللىغىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن قۇتەيبەگە تەسلىم بولدى. قۇتەيبە بۇ رايونلارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇردى. مىلادىنىڭ 712 – يىلى، ئەرەپلەر سەمەرقەنتتە تۇنجى قېتىم مەسچىت سالدى. قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم سەمەرقەنتكە ۋالى قىلىپ تەيىنلەندى. ئەرەپلەر مىلادىنىڭ 713 – يىلى پەرغانە ۋە خۇجەندنى بوي سۇندۇردى؛ 714 – يىلى كاسان④ شەھرىنى ئىشغال قىلدى. شۇ يىلى شاش (تاشكەنت) ئۇرۇش قىلمايلا ئەرەپلەرگە تەسلىم بولدى. قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم تۈرك ئەللىرىگە قىلغان يۈرۈشلىرىدە ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشەلمەي، 715 – يىلى (بەزى رىۋايەتتە 716 – يىلى) ئۆز ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن مەرۋىدە ئۆلتۈرۈلدى.
جامال قارشى يازغان «قەشقەر تارىخى» دىگەن كىتاپتا: «715 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ئەرەپ سەردارى قۇتەيبەنىڭ قەۋرىسى قوقەندە. قوقەندىكى بۇ قەبرىستانلىقتا يەنە ئىمام ھۈسەيننىڭ نەۋرىسى بىلەن ئىمام مۇھەممەت باقىرنىڭ قېرىندىشى ئابدۇللا (731 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ قەۋرىسىمۇ بار ئىدى» دىيىلگەن. شۇڭا بۇ جاي مۇقەددەس ئورۇنلارنىڭ بىرى ھىسابلانغان.
ئىسلام تارىخچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە قۇتەيبەنى ئىسلام دىنىنى تارقىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ قەھرىمانى دەپ مەدھىيىلىشىدۇ. دەرۋەقە، قۇتەيبە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىشتە ئەھنىق ۋە مۇھەللەپلەرنىڭ ئوغۇللىرىغا ئوخشاش مەشھۇر قوماندانلار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇ ئىسلامىيەتنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قىلغان يۈرۈشلىرىدە مىسلىسىز دەرىجىدە زالىملىق قىلىپ، ھەججاجنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولدى. ئۇ تۈرك ۋادىلىرىدا زۇلۇم تىغى بىلەن قان تۆكۈشتە ھەججاجدىن قېلىشمىدى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلارنىمۇ قىردى. ئۇ توخارىستاننى ئىشغال قىلغاندا، شەھەر ئاھالىسىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. قۇتەيبەنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشى، خەلقنىڭ غەزىۋىدىن تاشقىرى، ئۆز ئىچىدىمۇ ئونىڭغا قارشى كۈچنىڭ بارلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. قۇتەيبە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇرۇن ئىسلام دىنىغا كىرگەن خەلقلەر ئىسلام دىنىدىن يېنىۋالدى. بەزى شەھەرلەر مۇستەقىللق جاكارلاپ ئەرەپلەر تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئەرەپلەر بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ئۇزاق داۋام قىلدى.
716 – يىلى كول تېگىن ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ ئورنىغا قۇتلۇق قاغاننىڭ چوڭ ئوغلى بىلىگ خاقان بولدى. بىلىگ خان زامانىسىدا كول تېگىننىڭ ئىنىسى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى ئىدى. كول بىلىگ خان 734 – يىلى ۋاپات بولدى.
718 – يىلى، خەلىپە سۇلايمان ۋاپات بولدى. 719 – يىلى سوغدى تۈركلىرى سەمەرقەنتتىكى ئەرەبلەرگە ھۇجۇم قىلدى. خوراسان ۋالىسى ئەسكەر توپلاپ سەمەرقەنتكە بېسىپ كىرىپ، ئاھالىنى قىرغىن قىلدى.
ئىسلام تارىخىدا «خاقانى تۈرك» دەپ مەشھۇر بولغان چولۇق خاقان سوغدىيانا تۈركلىرىنىڭ بېشغا كەلگەن قانلىق ھادىسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 721—722 – يىللىرى سەمەرقەنتكە يۈرۈش قىلىپ، ئەرەبلەر بىلەن كۆپ قېتىم قانلىق ئۇرۇشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئاخىر ئۆزى مەغلۇپ بولدى.
725 – يىلى، ئەرەب قوماندانى مۇسلىم ئىبنى سەئىد پەرغانىگە قايتا ھۇجۇم قىلىپ، خۇجەند شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. بۇ ۋاقتىدا چولۇق خاقان تالاستىن ئۈلگۈرۈپ كېلىپ، مۇسلىم ئىبنى سەئىدنى مەغلۇپ قىلدى ۋە خۇجەندنى قايتۇرۇۋالدى.
726—727 – يىللىرى چولۇق خاقان خوراسان ۋالىسى ئەسئەت ئابدۇللانىڭ ماۋرا ئۇننەھردە تۈركلەر بىلەن تۇتۇشۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىغىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، ئەرەپلەر مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. 727 – يىلى، ئەسئەت ۋالىلىقتىن بوشىتىلىپ، ئورنىغا ئەشرەس ئابدۇللا قويۇلدى، ئەشرەس سالىھ تەرىق دىگەن ئولىمانى ماۋرا ئۇننەھردىكى تۈركلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. سالىھ تەرىق خەلقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلىپ، ئۇلارغا ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرىنى چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن تۈركلەر ئىچىدە ئىسلام دىنىغا ئىشەنچ – ئەقىدە تىكلىنىپ، «مۇسۇلمان بولۇشقا باشلىدى. جايلاردا مەسچىتلەر بىنا قىلىىندى. كىشىلەر قۇرئان ئوقۇش، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولدى»،⑤ «ئەشرەس ئىسلام دىنىنى يېڭىدىن قوبۇل قىلغانلارنى، ئىسلام قائىدىلىرىگە رىئايە قىلغانلارنى، قۇرئاندىن بىر سۈرە ئوقۇشقا ئىقتىدارى بولغانلارنى ئازات قىلىدىغانلىغىنى ئېلان قىلدى.»⑥ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلەردىن سېلىق ئالمىغاندىن تاشقىرى، ھەتتا ئۇلارنى سۈننەتكىمۇ تەكلىپ قىلماسلىققا بۇيرۇدى، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىسلام دىنىغا كىردى. سېلىق ئېلىپ تاشلانغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ غەزىسىگە كىرىدىغان دارامەت زور مىقداردا ئازىيىپ كېتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ئاساسى ئاجىزلاپ قالدى. شامنىڭ غەزنىچىسى ئەشرەس ۋالىغا يازغان بىر مەكتۇبىدا: «مالىيە مەبلىغى ئازىيىپ كەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى مالىيە مەبلىغى بىلەن بۇلىدۇ. ئاڭلىشىمچە، سوغدىياندا ۋە باشقا يۇرتلاردا تېخى مۇسۇلمان بولمىغانلار بار ئىكەن، ئۇلار مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپ باج بېرىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولغانمىش. بىزنىڭچە، خۇدانىڭ ئەمرىنى تۇتقان ۋە قۇرئاننى ياد ئالغان كىشىلەردىن سېلىق ئالمىساق. ئۇندىن باشقا، پەرزلەرنى ئادا قىلمىغان، قۇرئاننى ياد ئالمىغانلاردىن مۇسۇلمان دىگىنىگە قارىماي سېلىق ئالساق» دىيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار تۈركلەردىن يەنە سېلىق ئېلىشقا باشلىدى. بۇ ھال ئاھالە ئىچىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، ئىسيانغا سەۋەبچى بولدى. ئەشرەس ئۆزىنىڭ سەمەرقەنتتىكى ۋەكىلى سالىھ تەرىقنى ۋە بىر قانچە ئەمەلدارنى تۇتۇپ كېلىپ قاماققا ئالدى. بۇ خىل زورلۇق – زومبۇلۇقنى كۆرگەن مۇسۇلمانلار ۋە تېخى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بارلىق تۈركلەر بىرلىشىپ چولۇق خاقاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
مىلادىنىڭ 729 – يىلى، چولۇق خاقان نۇرغۇن ئەسكەر توپلاپ، پەرغانە، تاشكەنت ۋە سوغدىيان تۈركلىرىنى ئەرەبلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. تۈرك ئەسكەرلىرى بۇ ئۇرۇشتا سوغدىيان ئۆلكىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئەرەپ ئەسكەرلىرىنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئەشرەس بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ، مەرۋىدىن يۈرۈش قىلىپ، ئامىل شەھرىنىڭ يېنىدا ئامۇ دەريادىن ئۆتتى ۋە تۈركلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولدى. لېكىن، كېيىنكى بىر قېتىملىق تۇتۇشۇشتا چولۇق خاقان مەغلۇپ بولۇپ، باي كەنتنى ئەشرەسكە تارتقۇزۇپ قويدى. ئۇزۇن ۋاقىت جەڭ قىلىش نەتىجىسىدە بۇخارا ۋە سەمەرقەنت شەھەرلىرى ئەرەپلەرگە، پەرغانە، خەتەل (قارا تېگىن)، توخارىستان ۋە سوغدىياننىڭ كۆپ قىسمى تۈركلەرگە قارايدىغان بولدى.
مىلادىنىڭ 730 – يىلى، ئەشرەس خۇراساننىڭ ۋالىلىغىدىن يىقىلىپ، ئورنىغا جۇنەيد ئابدۇرەھمان ۋالى بولدى، ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي توخارىستانغا ھۇجۇم قىلدى. چولۇق خاقان بۇنى ئاڭلاپ، ئەرەپلەرنىڭ قولىدىكى سەمەرقەنتكە يۈرۈش قىلىپ جۇنەيدنىڭ قوشۇنىنى قورشىۋالدى. جۇنەيد خوراساندىن ياردەم تەلەپ قىلدى، ياردەمگە كەلگەن ئەرەپ قوشۇنلىرى چولۇق خاقان بىلەن سوقۇشۇپ ئاخىرى غەلىبە قىلىپ، بۇخارانى ئالدى. چولۇق خاقان تالاسقا چېكىندى. كېيىنكى ئۇرۇشلاردا ئەرەپلەر بۇخارا، سەمەرقەنت شەھەرلىرىنى يەنە تۈركلەرگە تارتقۇزۇپ قويدى. ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ھەممىسى، توخارىستان ۋە بەدەخشاندىن ئىبارەت تۈرك يۇرتلىرى يەنە چولۇق خاقانغا تەۋە بولدى.
بۇ دەۋردە چولۇق خاقان تۇركەش دۆلىتىنىڭ چېگرىسى تازا كېڭەيگەن ئىدى. تۈركەش دۆلىتى ئون قەبىلىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىدى. ئىسسىق كۆلنىڭ غەربىدىكى بەش قەبىلە چولۇق خاقاننىڭ تەۋەلىگىدە بولۇپ، كىشىلەر بۇ بەش قەبىلىنى «قارا تۇركەش» ياكى «غەربىي تۇركەش» دەپ ئاتايتتى. ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىدىكى جايلار چولۇق خاقاننىڭ قول ئاستىدىكى كول چۇر باغاتۇرخان ئۇنۋانلىق بىر ۋالىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. چولۇق خاقان 738 – يىلى ماۋرا ئۇننەھردىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى. كول چۇر باغاتۇرخان چولۇق خاقاننىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش نامى بىلەن توقماق شەھرىگە كېلىپ، خاقاننى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆلتۈردى. 739 – يىلى كول چۇر باغاتۇرخان ئۆزىنى تۇركەش خاقانى دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما، تۇركەش دۆلىتى ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكتىن، ئەبۇ مۇسلىم باشچىلىقىدىكى ئەرەپ قوشۇنى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ توخارىستان ۋە ماۋرا ئۇننەھرگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، 742 – يىلى ئۇ يەردە يەنە ئەرەپلەر ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى.
766 – يىلى، يەتتە سۇ، سىر دەريا ۋە سۇياب ئەتراپىدا ياشايدىغان قارلۇق قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. ئەرەپلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خۇراساننى ئىگىلىگەندىن كېيىن تىكلەنگەن ھاكىمىيەت تارىختا بارماقىلار⑦ ھاكىمىيىتى دەپ ئاتالدى. بارماقىلار ئابباسىيە خەلىپىلىگىنىڭ بۇ جايلارنى ئىدارە قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. مىلادىنىڭ 786—809 – يىللىرى بارماقىلار خانلىغى زەئىپلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تاھىرىيە خانلىغى باستى. تاھىرىيە خانلىغىنىڭ باشلىغى خۇراساننىڭ چوڭ يەر ئىگىسى بولغان ئاقسۆڭەك تاھىر ئىبنى ھۈسەيىن بولۇپ، بۇ خانلىق ئۇنىڭ نامىدا تاھىرىيە خانلىغى دەپ ئاتالدى. تاھىر مىلادىنىڭ 809—813 – يىللىرى مەمۇن بىلەن ئامىن ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشتە مەمۇن (ھارۇن رەشىتنىڭ ئوغلى) نى قوللاپ، ئۇنىڭ باغدات خەلىپىلىگىنى تارتىۋېلىشقا ياردەم بەرگەن ئىدى.
مەمۇن 813 – يىلى خەلىپىلىك تەختىگە چىققاندىن كېيىن، تاھىر ئىبنى ھۈسەيىننى ئەڭ يېقىن كىشىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، باغداتتا لەشكەر باشلىقلىغىغا، كېيىن ئىراندا ئىگىلىك باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىغىغا تەيىنلىدى. مىلادىنىڭ 821 – يىلى ئۇنى خۇراساننىڭ نائىبى (ۋالى دەرىجىلىك ئەمەلدار) قىلىپ بەلگىلىدى. تاھىر ئىبنى ھۈسەيىن خۇراساننىڭ پادىشاھلىغىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش مەقسىدىدە، مەسچىتلەردە خەلىپە نامىغا ئوقۇلىدىغان قۇتبىنى چىقىرىپ تاشلىدى. بۇ ئۇنىڭ خەلىپىگە قارشى ئاشكارە ئىسيان كۆتۈرگەنلىگى ئىدى. تاھىر 822 – يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا (ۋالىلىققا) ئابدۇللا ئىبنى تاھىر چىقتى. ئابدۇللا تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە (مىلادىنىڭ 844 – يىلىغىچە) بۇ مەنسەپنى ئىگەللەپ، خەلىپە دۆلىتىگە ساداقەتلىك بىلدۈرۈپ كەلدى. ئۇ ئەرەپلەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرىنى دەھشەتلىك باستۇردى، دىخانلار ئۈستىدىن ئېلىنىدىغان باج – سېلىقنى ھەددى – ھىسابسىز كۆپەيتتى. «تارىخىي تەبىرى» دىگەن كىتاپتا بايان قىلىنىشىچە، ئابدۇللا ئىبنى تاھىر ئۆزىگە قاراشلىق ۋىلايەتلەردىن توپلىغان سېلىقنىڭ مىقدارى 48 مىليون دەرھەمگە يەتكەن. ئۇ ھەر يىلى خەلىپىگە 44 مىليون 846 مىڭ دەرھەم ئاقچا، 13 ياخشى ئات، 2000 قوي، 2000 قۇل، 1187 توپ بوز تۆلەپ تۇرغان. تاھىر مۇشۇ يوللار بىلەن خەلقنى قاتتىق ئەزگەن.
بارتولىد ئۆزىنىڭ «ئىراندىكى دىخانلار ھەرىكىتىنىڭ تارىخى» دىگەن ئەسىرىدە بايان قىلىشىچە، ئابدۇللا ئىبنى تاھىر 839 – يىلىدىكى تابارىستان دىخانلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشتى. تاھىرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا بوي سۇنمىغان سامانىلار ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەن قىلىپ، ئاخىر ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. تاھىرىيە خانلىغى 873 – يىلى يىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن ماۋرا ئۇننەھردە بىر ئەسىر داۋام قىلغان كۆرەش نەتىجىسىدە سامانىلار خانلىغى مەيدانغا كەلدى.
(داۋامى بار)

[ بۇ يازما kokbora7411 تەرىپىدىن 2008-09-27 19:35 دە ]
yol
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1202
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 55
شۆھرىتى: 65 نومۇر
پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-09-28 00:55
(داۋامى)
2- بۆلۈم سامانىلار خانلىقى
(874—999 –يىللار)

سامانىلار خانلىغى ماۋرا ئۇننەھردە قۇرۇلغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ دۆلەت ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت ئىبنى مانسۇر ئىبنى سامانى نامى بىلەن قىسقارتىلىپ «سامانىلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان.
سامانىلار دۆلىتىنىڭ تەۋەسىگە خۇراسان، ماۋرا ئۇننەھر ۋە جۇرجان قاتارلىق جايلار كىرەتتى. بۇ دۆلەت ئىسلام دىنىنى ماۋرا ئۇننەھردىن شەرققە كېڭەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى. كېيىنكى دەۋىرلەردە سامانىنىڭ 4 ئوغلى خاندانلىققا ۋارىسلىق قىلدى. سامانىنىڭ ئوغۇللىرى مەمۇنغا قارشى كۆتىرىلگەن قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ئىدى. ئۇلار دەسلەپتە ئاتەشپەرەسلىكتىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن، مەمۇننىڭ قوللىشىغا ئېرىسكەن. كېيىن مەمۇن ئۇلارنى ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى.
سامانىلار دۆلىتى فېئوداللىق دۆلەت ئىدى. ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققى قىلغان، تاۋار ئىگىلىگى راۋاجلانغان ئىدى. سامانى 820 – يىلىدىن 865 – يىلىغىچە پەرغانە ۋادىسىدا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ 865 – يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ناسىر ئىبنى ئەخمەت سامانىلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى (865—892). ناسىر تەختكە چىقىپلا ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇخارا، شاش ۋە قاشقا ۋادىسىغا ھەتتا قەشقەرغىچە يۈرۈش قىلدى.
خۇراسان ھاكىمى مۇھەممەت ئىبنى تاھىرنىڭ ئىنىسى ھۈسەيىن ئىبنى تاھىر 874 – يىلى بۇخارانى ئېلىپ، بۇخارا ۋە خارەزىم ۋىلايىتىگە ۋالى بولدى. ئۇ بو قېتىمقى يۈرۈشتە زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىپ، ئاتىرشا شەھەر ئاھالىسىنى بۇلىدى ۋە قىردى. ھۈسەيىن بۇخارا ھاكىمى بولغان ۋاقتىدا ئۆزىگە قاراشلىق جايلارغا ئېغىر سېلىق سالدى. ئاھالىنى پۇللارنى كۈمۈش پۇلغا ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاھالە قاتتىق نارازى بولدى. نارازى بولغان خەلق ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋە ئوردىغا ئوت قويدى. شەھەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمى سەمەرقەنتتىكى ناسىر ئىبنى ئەخمەتكە ۋەكىل ئەۋەتىپ، سامانىلار خانلىغىدىن ھۈسەيىننى خىزمەتتىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ھاكىم ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەكلىپ ناسىر ئىبنى ئەخمەتنى خوشال قىلدى. چۈنكى ئۇ ماۋرا ئۇننەھرنى سامانىلار ھۆكۈمرانلىغى ئاستىغا ئېلىپ، بۇ جايلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈستىدە باش قاتۇرۋاتقان ئىدى. ناسىر ئىبنى ئەخمەت ئۆز ئىنىسى ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەتنى بۇخاراغا ۋالى قىلىپ ئەۋەتتى. ھاكىم ئالماشقان بولسىمۇ، ئېزىلگەن دىخانلار يەنىلا ھېچقانداق ياخشىلىق كۆرمىدى.
ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت (874—907 – يىللىرىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) يەنىلا دىخانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش بىلەن بەنت ئىدى. نەرشەخى⑧ «بۇخارا تارىخى» دىگەن ئەسىرىدە: «بەركەت بىلەن راستان ئوتتۇرىسىدا 4 مىڭ دىخان قوزغىلاڭ كۆتەردى. ئىسمايىل قوزغىلاڭچى دىخانلارنى قورال كۈچى بىلەن باستۇردى» دەپ بايان قىلغان.
ناسىر ئىبنى ئەخمەت ئاشۇ يىللاردا پۈتۈن ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ھۆكۈمدارى سۈپىتىدە كۈمۈش پۇل چىقاردى. بۇ ئىلگىرى تاھىرىلەرگە بېرىلگەن ئىمتىياز ئىدى. 887 – يىلى سەمەرقەنتتە چىقىرىلغان پۇل (دەرھەم) سامانىلارنىڭ تۇنجى دەرھەملىرىدىن بولۇپ ھىسابلىناتتى. ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت ناسىرغا بوي سۇنۇشنى خالىماي، مۇستەقىل بولۇشقا ھەرىكەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەمەرقەنت غەزنىسىگە سېلىق، باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى. ناسىر ئىبنى ئەخمەت بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى باشلىنىپ، تاكى 888 – يىلىغىچە داۋام قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ناسىر ئىبنى ئەخمەتنىڭ قوشۇنلىرى يېڭىلىپ قالدى، ماۋرا ئۇننەھر پۈتۈنلەي ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەتنىڭ قولىغا ئۆتتى. ناسىر ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈپ، 893 – يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسمايىل تەختكە چىقىپ ئۇزۇنغا قالماي تىرازغا قاراپ يۈرۈش قىلدى ۋە بۇ جايدىكى تۈركلەرنىڭ 10 مىڭدەك ئەسكىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنى قولغا چۈشۈردى، نۇرغۇن ئولجىغا ئىگە بولدى. ئىسمايىلنىڭ بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ قولغا چۈشۈرگەن ئولجىلىرى ھەر بىر ئاتلىق ئەسكەرگە 10 مىڭ دەرھەمدىن توغرا كەلدى. ئىسمايىل تارازنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بۇتخانىلارنى چېقىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مەسچىت بىنا قىلدى. مۇپتى، شەيخۇلئىسلام مەنسەپلىرىگە دىنىي كىشىلەردىن قويۇپ، ئۇلارنى ئۇستاز نامى بىلەن ئاتىدى. 9 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا ئىراندا ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىشتىكى تاشقى سىياسەت ئۆزگىرىپ، مۇھىم نوقتا شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلارغا قارىتىلدى. خۇراساننىڭ ھاكىمى ياقۇپنىڭ ئۇكىسى ئىمىرسەپپا ئارى (879—900 – يىللار) ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەتنىڭ زاماندىشى ئىدى. باغدات خەلىپىلىگى ئىمىر سەپپا ئارى بىلەن ئىسمايىل سامانىنى ئۆزئارا ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇپ، ئىسمايىلدىن پايدىلانماقچى بولدى. ئۇلار 900 – يىللارغىچە ئۇرۇشتى. بۇ ئۇرۇشتا ئىسمايىل غەلىبە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سامانىلار دۆلىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسمايىل شەرقىي ئىراننىڭ چوڭ ئوبلاستلىرىنى قوشۇۋېلىپ، ئۆز دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئۇ تېخىمۇ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئاكتىپ ھەركەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركلەردىن ياللانما قوشۇن قۇرۇشقا تىرىشتى. ئىسمايىل ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى مۇنتىزىم دۆلەت تەشكىلاتىغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ كېتەلمىدى. بۇ دەۋردىكى ئاساسىي زىددىيەت ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن دىخانلار ۋە فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ دىخانلار ۋە ھۈنەرۋەنلەرنى رەھىمسىز ئېكىسپالاتسىيە قىلىشى دائىم نارازىلىقنىڭ توغۇلۇشىغا، قوزغىلاڭنىڭ كۆتىرىلىشىگە سەۋەپ بولاتتى.
سامانىلارنىڭ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشتە يۈرگۈزگەن مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ قارشىلىغىغا ئۇچرىدى. سامانىلار ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن غەزنە، گۇرجىستان، خارەزىم، ئىسپىجاپ قاتارلىق جايلارنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرالمىدى. بۇ جايلاردىكى يەرلىك ھاكىملار مەركىزىي ھاكىمىيەتنى ئېتراپ قىلمىدى.
ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشتا سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئىدىيىدىكى كىشىلەرگە ۋە فېئوداللارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان كىشىلەرگە تايىنىپ ئىش كۆردى. ئىسمايىلنىڭ ئوغلى ئەخمەت (907—914 – يىللاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) ئەرەپ تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىشنى قۇۋۋەتلەپ، ئەرەپ تىلىنى بىلگەنلەرگە ھامىلىق قىلغانلىقتىن، ساراي ئەمەلدارلىرى بىلەن تۈرك قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. تەختكە ئەخمەتنىڭ 8 ياشلىق ئوغلى ناسىر II (914—943 – يىللاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن) چىقتى. ناسىر كىچىك بولغانلىقتىن دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىشنى ئۇنىڭ ۋەزىرى ئابدۇللا مۇھەممەت ئىبنى ئەخمەت جەيھانى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
ئەخمەت ئىبنى ئىسمايىل ھايات چېغىدا سامانىلار ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيانلار كۆتىرىلگەن ئىدى. ئىسمايىلنىڭ ئۇكىسى ئىسھاق ئىبنى ئەخمەتمۇ سەمەرقەنتتە قوزغىلاڭ كۆتەردى. ئەمما بۇ قوزغىلاڭ قانلىق باستۇرۇلدى. 914 – يىلى ئەتىيازدا ئەبۇ سالىق مانسۇر ئىبنى ئىسھاق سەمەرقەنتتە قوزغىلاڭ كۆتەردى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ جەنۇپ تەرەپلىرىدە ئومۇمى يۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتىرىلىشكە باشلىدى. ھەتتا بۇ قوزغىلاڭغا ئەخمەت ئىبنى ئىسمايىلنىڭ ئەڭ سادىق لەشكەر باشلىقلىرىدىن بولغان ھۈسەيىن ئىبنى ئېلىمۇ قاتناشتى. بۇ قوزغىلاڭمۇ دەھشەتلىك ھالدا باستۇرۇلدى. لېكىن، خەلقنىڭ قارشىلىغى بۇنىڭلىق بىلەن ھەرگىز پەسىيىپ قالمىدى. تاشكەنت ۋە قەشقەرنىڭ ياردىمى بىلەن 922 – يىلى ئېلى ئىبنى ئىسھاق باشچىلىقىدا سامانىلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىلدى. مۇشۇ مەزگىللەردە قارامىت⑨ مەزھىبى پۈتۈن مەملىكەتكە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتتى. قارامىتلەر سامانىلار ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز كىشىلىرىنى سامانىلار دۆلىتىگە كىرگۈزدى. ناسىر II زامانىسىدا خۇراسان، ماۋرا ئۇننەھردە قارامىتلەرنىڭ تەسىرى كەڭ تارقالدى. سامانىلارنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ بۇ مەزھەپنى قوبۇل قىلدى. ئاخىر ناسىر II مۇ قارامىتە مەزھىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
ناسىر II دەۋرىدە مۇھەممەت ئىبنى ئەخمەت نەخشەبى ماۋرا ئۇننەھردىكى قارامىتلەرنىڭ رەھبىرى ئىدى. ناسىر II مۇ ئۇنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئىش كۆرەتتى. نەخشەبى فاتىمە خەلىپىلىگى دەۋرىدە بۇخارا زىندانىدا ئۆلگەن خۇراسان قارامىتىلەرھەركىتىنىڭ چوڭ رەھبىرى ھۈسەيىن ئىبنى ئېلىنىڭ خۇنى ئۈچۈن سامانىلار ھاكىمىيىتىنى 119 مىڭ دىنار تۆلەشكە مەجبۇر قىلدى. سامانىلارنىڭ قارامىتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرىشى ئىسلام ئۆلىمالىرى بىلەن تۈرك ئەسكەرلىرى ئىچىدە قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى. تۈركلەرنىڭ نارازىلىغى ئەمىرگە قارشى جامائەت پىكرى تەييارلىدى. نەتىجىدە ناسىر II تەختنى ئۆز ئوغلى نوھقا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
نوھ تەختكە چىقىش بىلەنلا ئۆز ئاتىسى ناسىر II نى زەنجىرلەپ زىندانغا تاشلىدى، ئارقىدىنلا نەخشەبىنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەملىكەتتە قارامىتە مەزھىبىگە قارشى ھەركەت باشلىنىپ، ئۇلارنىڭ مال – مۆلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىندى. نوھ قارامىتلەرنى قورال كۈچى بىلەن يوقاتماقچى بولغان بولسىمۇ، يوقىتالمىدى. قارامىتلەرنىڭ تەسىرى ماۋرا ئۇننەھر ھەم خۇراساندا ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ساقلىنىپ كەلدى.
نوھ ئىبنى ناسىر (943—954 – يىللاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن)نىڭ ھۆكۈمرانلىغى باشلانغاندىن تارتىپ سامانىلار دۆلىتى خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەربىسىدە بارغانسېرى ئاجىزلاشتى. قوزغىلاڭچىلار 942 – يىلى سامانىلار دۆلىتىنىڭ غەزىنىسىنى بۇلاپ قۇرۇقداپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ مالىيىسى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى. نوھ مالىيە ئەھۋالىنى ئوڭشىماڭچى بولۇپ، ئالۋاڭ – ياساقنى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپەيتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالۋاڭ – ياساقنى مۇددەتتىن بۇرۇن يىغىۋېلىش ئۈچۈن ھەر خىل چارە – تەدبىرلەرنى قوللاندى. نوھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە ئالۋاڭ – ياساقنى قەرز ئورنىدا مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن يىغىۋالاتتى. لېكىن بۇ قەرزنى ھۆكۈمەت ھېچقاچان تۆلىمەيتتى. روھانىلار تەرەپدارى بولغان نوھ ئۇلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلفەزلى مۇھەممەت سۇلايماننى ۋەزىرلىك مەنسىۋىگە تەيىنلىدى. نوھ ئۆز ھاكىمىيىتىنى روھانىلارنىڭ ياردىمى بىلەن مۇستەھكەملەشكە تىرىشتى ۋە ئۇلارنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ئىش قىلدى؛ مەمۇرى ئەمەلدارلارنى روھانىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە بەلگىلىدى. نوھ ھەتتا روھانىلارنى سېلىق تۆلەشتىنمۇ ئازات قىلدى.
يېڭى تەيىنلەنگەن ۋەزىر مۇھەممەت سۇلايمان پەقەت دىنىي ئىشلار بىلەنلا شۇغۇللىنىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا قىزىقمىدى. ھەر خىل ئالۋاڭ – ياساقلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئالۋاڭ – ياساقنى ئۆزلىرى خالىغانچە ئاشۇرۇپ، ئۆز يېنىنى تولدۇرغانلىغى خەلقنىڭ نارازىلىغىنى قوزغىدى. مالىيە ئەھۋالىنىڭ كۈندىن – كۈنگە يامانلىشىشى، ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋاللارنى ياخشىلاشقا قادىر ئەمەسلىگى دۆلەتنىڭ بارغانسىرى چۈشكۈنلەشكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى. مەملىكەتنىڭ ھەممە يىرىدە خەلقنىڭ قوزغىلاڭلىرى پارتلىدى. نوھنىڭ ئاكىسى ئىبراھىم ئىبنى ئەخمەت نوھقا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەرگەن خۇراسان نائىبى ئەبۇل ئېلى چېفانىنىڭ ياردىمى بىلەن 947 – يىلى بۇخارانى بېسىۋالدى. نوھ سەمەرقەنتكە كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئەبۇل ئېلى بۇخارادىن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، نوھ ئۆز پايتەختىگە قايتىپ كېلىپ قوزغىلاڭچىلارنى قاتتىق بېسىقتۇردى. مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن ئەبۇ ئەلى چىفانى ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشتە نوھ بىلەن ئەبۇل ئېلى ئوتتۇرىسىدا يارىشىش كېلىشىمۇ تۈزۈلگەن بولسىمۇ، كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ۋاقتىدا يەنى 954 – يىلى نوھ ۋاپات بولۇپ كەتتى. بۇ كۆرەش نوھنىڭ ۋارىسى ئابدۇلمۇلۇك (954—961 – يىلاردا ھاكىيەت يۈرگۈزگەن) دەۋىدىمۇ داۋاملاشتى. ئابدۇلمۇلۇك ساراينىڭ ئۇلۇغ ھاجىپلىق مەنسىۋىنى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىغى ئېل تېگىنگە تۇتقۇزدى. ئابدۇلمۇلۇك ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ناسىر III تەختكە چىقتى. ئەمما ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىنمۇ كۆرەش يەنە داۋاملاشتى. بۇخارا ئاھالىسى قوزغىلاڭ كۆتەردى. قوزغىلاڭچىلار ئەمىر سارىيىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى ۋە سارايغا ئوت قويدى. ناسىر III ئۇزۇن ئۆتمەي تەختىدىن ئاغدۇرۇلدى. نەتىجىدە ئېل تېگىن غەزنەگە كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ غەزنەدە دۆلەت قۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، 963 – يىلى ۋاپات بولدى.
مۇشۇ پەيتتە سامانىلار ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى كۆرەش، بولۇپمۇ ساراي ئىچىدىكى كۆرەش قاتتىق ئەۋج ئالدى. بۇ ئەھۋال سامانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلدى. سامانىلارغا قاراشلىق ئامۇ دەريانىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى جايلار مۇشۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ دارامىتى زور دەرىجىدە كېمىيىپ كەتتى. يېڭى ۋەزىرمۇ تەرتىپ ئورنىتالمىدى، نۇرغۇن جايلار قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. قوشۇنلارنىڭ خەلق ئۈستىدىكى جەبرى – زۇلمى ئاشتى، ھاكىمىيەت تۈركلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. ۋەزىرنىڭ ئەمر – پەرمانلىرى ئاقمىدى. ناسىر ئارسلانخان ئېلىك 999 – يىلى سامانىلارنىڭ پايتەختى بۇخارانى بېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سامانىلار خانلىغى مۇنقەرەز بولدى.
(داۋامى بار)
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1202
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 55
شۆھرىتى: 65 نومۇر
پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-09-28 09:03
(داۋامى)
3- بۆلۈم سامانىلار خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت شەكلى
9—10 – ئەسىرلەردە، سامانىلار دۆلەتنى ۋىلايەتلەرگە بۆلۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. سامانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىغى «ئەمرۇلمۆمىنىن» (مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى) دىگەن ئۈنۋان بىلەن ئاتىلاتتى. ئابباسىلار سامانىلار دۆلىتىنى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارىغاچقا، ئابباسىلار خەلىپىسى ئۇلارغا مۇشۇ نامنى بەرگەن ئىدى. سامانىلار ئابباسىلار خەلىپىلىرى قوللانغان ھاكىمىيەت تەشكىلىي شەكلىنى داۋاملاشتۇردى. سامانىلارنىڭ ئەڭ ئالى ھاكىمىيەت ئورگىنى «مەركىزىي مەھكىمە» يەنى دەرگاھ (ساراي) ۋە «دىۋان» (ئىدارە) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سېستىما بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت 10 باشقارما بىلەن ئىدارە قىلىناتتى.
سامانىلار دەۋرىدىكى مەھكىمە تۈزۈمى پارسلارنىڭ ئەنئەنىسى بولۇپ، دۆلەت ئاپاراتى مەركىزى مەھكىمە بىلەن دىۋاندىن تەشكىل قىلىناتتى. بۇ ئاپارات خەلىپىگە ۋاكالىتەن دۆلەتنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى. بىز بۇنىڭدىن شەرقتىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلارنىڭ ھەممە ئورگانلىرى ئىككى چوڭ سېستىما يەنى «مەھكىمە – دەرگاھ» ۋە «دىۋان»غا بۆلۈنگەنلىگىنى كۆرىمىز. سامانىلارنىڭ مەھكىمىسى ۋە دىۋاننىڭ باشلىقلىرى باش ھاجىپ، باش مىرزا، مىرزىلار ۋە باشقىلاردىن تەركىپ تاپاتتى. سامانىلار دۆلىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورگىنى بولغان دەرگاھنى باشقۇرىدىغان كىشى دۆلەتنىڭ سىياسى ھاياتىدىكى ھەممە ئىشلارغا ئارىلاشقانلىغى ئۈچۈن ئەڭ ئابرويلۇق شەخسلەردىن بولۇپ ھىساپلىناتتى.
مەركىزى مەھكىمە 10 دىۋاندىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ھەقتە نەرشەخى ئۆزىنىڭ «بۇخارا تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە: «يۇقىرىدا مەركىزى باش مەھكىمە يەنى دەرگاھ ھەم دىۋان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدا باش ھاجىپ،⑩ ۋەزىر ۋە دىۋان ئەمەلدارلىرى بولاتتى. باش مەھكىمە ۋىلايەتلەرگە ھاكىم تەيىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى» دەپ بايان قىلىدۇ. باش مەھكىمە دىۋان، باشقارمىلاردىن تەشكىل قىلىناتتى. ساراي ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتچىلەرنى باش ھاجىپ باشقۇراتتى.
1. «دىۋان مۇستەخى» ب – مەھكىمىنىڭ باش مالىيە باشقارمىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ پۈتۈن مالىيىسىنى باشقۇراتتى. ئۇنىڭ ئاستىدا يەنە مەخسۇس ھىساپچىلار ئىشلەيدىغان بۆلۈملەر بولۇپ، ئۇلار دۆلەتنىڭ كىرىم – چىقىمىنى ئېنىقلاپ تۇراتتى.
2. «دىۋان ئەررا سائىل» – مەھكىمىنىڭ خەت – ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگان ئىدى.
3. «دىۋان ئىنشا» – بۇيرۇق – يارلىق باشقارمىسى بولۇپ، مەھكىمىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم باشقارمىلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ باشقارما دۆلەتنىڭ ھۆججەت، خەت – ئالاقىلىرىنى، ھەتتا باشقا دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىشلىرىنىمۇ باشقۇراتتى.
4. «دىۋان شاھبۇششۇرات» – مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسى، دۆلەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بەرگۈچى ئورگان ئىدى.
5. «دىۋان ساھىبەلبەرد» – پوچتا باشقارمىسى. ئۇ دۆلەتنىڭ پوچتا خىزمىتىگە مەسئۇل ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدا يەرلىك پوچتا بۆلۈملىرى بار ئىدى. بۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر – پارمانلىرىنى تۆۋەنگە تېز يەتكۈزۈشتى تاشقىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۈستىدە يۇشۇرۇن مەلۇمات يەتكۈزۈپ بېرەتتى.
6. «دىۋان مۇختەسىپ» – بازارغا نازارەتچىلىك قىلىدىغان باشقارما بولۇپ، سودىگەرلەرنىڭ سودا – سېتىق ئىشلىرىغا، قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن باھا بويىچە سېتىلىشىغا ۋە بازار باشقۇرۇش ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلاتتى. بۇ ئورگان كېيىنكى چاغلاردا ئاھالىنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنىڭ ياخشى – يامانلىغى، مەسچىتلەرگە بېرىش – بارماسلىغى، ئىچىملىكلەرنى ئىچىش – ئىچمەسلىگى ئۈستىدىنمۇ نازارەت قىلىدىغان بولدى.
7. «دىۋان مۇشرىبان» – غەزىنىدىكى پۇلنىڭ چىقىم قىلىنىشىغا ۋە سارايغا كەتكەن خىراجەتلەرگە نازارەت قىلىدىغان باشقارما ئىدى.
8. «دىۋان مۇھتەسىپ – ئىلىم – پەنگە مەسئۇل باشقارما بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىلىم – پەن ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
9. «دىۋان مۇشرىپ» – مەمۇرى خادىملارغا نازارەت قىلغۇچى باشقارما بولۇپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئۈستىدىن نازارەت قىلىدىغان ئورگان ئىدى.
10. «دىۋان ئاۋقاب» – ۋەخپە يەرلەرنى باشقۇرىدىغان باشقارما ئىدى.
قازى، شەيخۇل ئىسلام، رەئىس، خاتىپ قاتارلىق ئەمەلدارلار دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.
سامانىلار دەۋرىدىكى مەھكىمە ۋە دىۋاندا ئەمەلدارلىق قىلغۇچىلار مۇسۇلمان روھانىلىرىدىن بولۇشى شەرت ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇرى تەبىقىدىكى دىنىي كىشىلەردىن بولۇشى، مەلۇم دەرىجىدىكى مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى، ئەرەپچە، پارىسچە تىللارنى ۋە قۇرئاندىكى ئەر – پەرمانلارنى پىششىق بىلىشى، ھەر خىل پەنلەردىن خەۋەردار بولۇشى تەلەپ قىلىناتتى. ھۆكۈمەت مۇشۇنداق كىشىلەرنى تاللاپ، مەھكىمە، دىۋان ئەمەلدارلىغىغا تەيىلەيتتى.
سامانىلار دۆلىتىنىڭ ئەسكىرىي قىسىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى تۈركلەردىن قوبۇل قىلىنغان ۋە ياللانغان ئەسكەرلەر ئىدى. نىزامۇلمۇلۇك⑪ ئۆزىنىڭ «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ۋە «سىياسەتنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە سامانىلارنىڭ ئاساسىي قوغدىغۇچى قوشۇنى ھەققىدە مۇنداق دىگەن: «سامانىلارنىڭ باش مەھكىمىسىنى قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچى قوشۇن ۋە ياللانما قوشۇننىڭ كۆپ قىسمى ياش ئوغۇزلار، تۈركلەر ۋە تۈركمەن يىگىتلىرىدىن ئىدى. ئۇلار پىيادە ئەسكەرلەر بولۇپ، 1 – يىلىدا ئاتقا مىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىناتتى. كىيىم – كېچىگىگە زىندان ماتا دىن⑫ كىيىم بېرىلەتتى؛ 2 – يىلى بۇ ئەسكەرلەرگە ئاددى ئىگەرلەنگەن ئات بېرىلەتتى؛ 3 – يىلى بۇ ئەسكەرلەرنى باشقا ئەسكەرلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن كەمەر، ياخشى كىيىم – كېچەك، كۈمۈش بىلەن زىننەتلەنگەن قارا موۋۇت قالپاق بېرىلەتتى؛ 4 – يىلى چېدىر باشلىغى دىگەن ئەمەل بېرىلەتتى، ئاندىن ئەمەلدارلىققا كۆتىرىلەتتى».
سامانىلار دەۋرىدە مۇئاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئەسكەر ۋە خىزمەتچىلەرگە ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئومۇمى يۈزلۈك مۇئاش بېرەتتى. ھەر قېتىمدا 5 مىليون دەرھەمدىن كېتەتتتى. بىر يىلىغا تەخمىنەن 20 مىليون دەرھەم سەرپ قىلىناتتى.
سامانىلار دۆلىتى ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قوللىنىپ، ئۆز تەۋەلىگىدىكى جايلارنى مەھكىمە ئارقىلىق باشقۇردى. خارەزىم، تاشكەنت، غەزنە ۋە جۇرجان قاتارلىق جايلارنىڭ ھاكىملىرى سامانىلارغا خىراجەت تۆلەيتتى، ئۇلار مۇستەقىللىق خاراكتىرىغا ئىگە ئىدى. شوڭا كېيىنكى دەۋرلەردە، ئۇلار سامانىلارغا بوي سۇنماستىن، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىغان بولدى، بۇنى كۆرگەن باشقا جايلارمۇ مۇستەقىل بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى ئەينى دەۋردىكى سامانىلار ھاكىمىيىتىدە بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

4- بۆلۈم سامانىلار دەۋرىدىكى مەدىنىيەت
سامانىلار دەۋرىدە، ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ئاساسىي ۋىلايەتلىرىدە، بولۇپمۇ زەرەپشان ۋادىسىدا دىخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قىشلاقلار مەيدانغا كېلىپ، دىخانچىلىق تەرەققى قىلدى. قىشلاقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى بىلەن سودا تەرەققى قىلدى. سودىنىڭ تەرەققى قىلىشى ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئاساس ياراتتى. زەرەپشان، قەشقەر ۋادىلىرىدا، پەرغانە، تاشكەنت ۋە خارەزىمدە دىخانچىلىق ئىشلىرى سۇغىرىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇغداي، ئارپا، شال، نوقۇت، كېۋەز، مايلىق دان قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلاتتى. بۇ ۋاقىتتا زەرەپشان ۋادىسى ئەڭ مۇھىم كېۋەزچىلىك رايونى ئىدى. دىخانچىلىقنىڭ تەرەققى قىلىشى باغۋەنچىلكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئاساس ياراتتى. بۇ جايلاردا شاپتۇل، ئۈزۈم، ئەنىجۈر، ئۈرۈك، ئالما، نەشپۈت، ئانار، بىھى قاتارلىق مىۋىلەر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلەتتى.
ماۋرا ئۇننەھر ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادىدا دىخانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىكتىن تاشقىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلكمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. شەھەر ۋە يېزا – قىشلاق ئاھالىسى ئىچىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپ ئىدى. زىندان قىشلاقتا ماتا، گەزلىمە ۋە يۇڭ رەختلەر توقۇلاتتى. بۇخارا ۋە باشقا جايلاردا گىلەمچىلىك سانائىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيتتى. نەرشەخى ئۆزىنىڭ «بۇخارا تارىخى» دىگەن ئەسىرىدە: «بۇ جايلاردا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئىران، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا چىقىرىلاتتى» دەپ بايان قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سەمەرقەنت سودا مەركىزى ئىدى. سەمەرقەنتنىڭ لاتا قەغىزى مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىدى. شۇ دەۋرلەردە ماۋرا ئۇننەھردە كارۋان سودىسى تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئۇلار جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلارغا قاتنايتتى. جۇڭگو، ئەرەبىستان، مىسىر، ئىراننىڭ مەدەنيىتى قەدىمقى يىپەك يولى ئارقىلى بۇ رايونغا تەسىر قىلغان ئىدى. نەتىجىدە ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەتمۇ راۋاجلاندى.
11– ئەسىرنىڭ بېشىدا خارەزىم مەمۇننىڭ پايتەختى ھەم مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ئىدى. بۇ جايغا نۇرغۇن ئالىملار توپلاندى. شۇ دەۋردە ئەبۇ ئېلى ئىبنى سىنا (980—1037 – يىللار) ۋە ئەبۇ رەيھان مۇھەممەت ئىبنى ئەخمەت ئەل بىرونى (973—1048 – يىللار) غا ئوخشاش ئۇلۇغ ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلار مەيدانغا كەلدى.
تارىختا خارەزىمنىڭ مەدەنىيىتى بىرونىنىڭ نامى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغاندۇر. ئەبۇ رەيھان بىرونى قەيات شەھەر ئەتراپىدىكى «بۇرۇن» دەپ ئاتىلىدىغان قىشلاقتا 973 – يىلى دۇنياغا كەلدى. بىرونى ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ، ئاشۇ «بۇرۇن» دىگەن قىشلاقنىڭ نامىدىن ئېلىنغان. بىرونى ياش ۋاقتىدا خارەزىم شاھىنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ «ئەل ئەسەر ئەل باقىيە ئانەل قورونال خالىيە» («ئەجدادلاردىن قالغان يادىكارلىق») نامىلىق مەشھۇر كىتابىنى، ئاسترونومىيە ۋە باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە 150 تىن ئارتۇق ئىلمىي ئەسەر يازغان. ئۇ يەنە «ھىندىستان» ناملىق داڭلىق ئەسىر بىلەن دۇنياغا تۇنۇلدى.
شۇ دەۋرلەردە يەنە تارىخشۇناس ئابۇناسىر ئاررات، مۇھەممەت خارەزمى، ئەلغەدغانى، ئەبۇ ناسىر فارابى، ئاركىندى، ئەررازى، ئەل مائارى، پەيلاسوپ ئابدۇساخىل، تىببى ئالىم خۇممەر قاتارلىق مەشھۇر ئالىملار ئۆتتى. ئاتاقلىق تارىخشۇناس گەردىزىنىڭ «زەينولئاخبار» («گۈزەل خەۋەرلەر»)، بەيھىقى (966—1077 – يىللار)نىڭ 30 توملۇق چوڭ كىتاۋى، مەجىددىن (ۋاپاتى 1068 – يىلى)نىڭ «تارىخىي مۈلكى تۈركىستان) («تۈركىستان تارىخى»)، نىزامۇلمۇلكنىڭ «سىياسەتنامە» ۋە «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى.
مەدەنىيەت تارىخىدا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان نەققاشچىلىق، ھەيكەلتاراشلىق، بىناكارلىق سەنئىتىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەرەققى قىلدى.

ئىزاھاتلار:
① ماۋرا ئۇننەھر – ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىر دەريا بىلەن ئامۇ دەريا ئارىلىغىدىكى جايلارنىڭ نامى. سىر دەريانىڭ شىمالىدىكى جايلارمۇ ماۋرا ئۇننەھرگە قارايتتى.
② سۇياپ – چۇ دەرياسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر ئىدى. ھازىر توقماق شەھرىگە توغرا كېلىدۇ.
③ دارا I – ئىسكەندەر دارا مىلادىدىن ئىلگخرىكى 521 – يىلىدىن 486 – يىل ئارىلىغىدا ئۆتكەن ئىران پادىشاھسى.
④ كاسان – تاشكەنت شەھرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا بولۇپ، 8 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە پەرغانە ھۆكۈمداارلىرىنىڭ پايتەختى بولغان.
⑤ ⑥ بارتولىد: «موڭغۇللار دەۋرىدىكى تۈركىستان».
⑦ بۇ ھاكىمىيەتنىڭ مەنسەپدارى بەلخلىق بارماقىلاردىن بولغاچقا، بۇ ھاكىمىيەت بارماقىلار نامى بىلەن ئاتالغان.
⑧ نەرشەخى – ئابابەكرى مۇھەممەت ئىبنى قەئبەر نەرخەشى (؟—959) – ت.
⑨ فاتىمە خەلىپىلىگىدىن ئىلگىرى سۈرىيە ۋە ئىراقتا «قارامىتە» دىگەن نام بىلەن ئەركىن پىكىرلىك ئىسمايىل مەزھىبى مەيدانغا كەلدى. بۇ مەزھەبنىڭ ئاساسچىسى بولغان ھەمىدانى تەخەللۇسلۇق بىر كىشىگە قارامىت دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.
⑩ باش ھاجىپ – ئەرەپ تىلىدا ئەل ھاجىپ (ھاجىپلار ھاجىپى) دەپ ئاتىلىدۇ، ھاجىپ سامانىلار دۆلىتى ۋاقتىدا ساراي ئۈنۋانلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ھىساپلىناتتى. بۇ ئۈنۋاننى غەزنەۋىلەر، كېيىنكى دەۋرلەردە قاراخانىلارمۇ قوللانغان.
⑪ نىزامۇلمۇلۇكنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەبۇ ئېلى ھەسەن ئىبنى قۇس بولۇپ، 1092 – يىلى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.
⑫ زىندان ماتا – بۇخارادىكى زىندان قىشلاقتا ئىشلەنگەن ماتا زىندان ماتا دەپ ئاتالغان.
(داۋامى بار)
[ بۇ يازما kokbora7411 تەرىپىدىن 2008-09-28 09:12 دە ]
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1202
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 55
شۆھرىتى: 65 نومۇر
پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-09-30 15:58
(داۋامى)

ئۈچىنچى باب قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى
1— بۆلۈم قاراخانىلار خانلىقى مەيدانغا كەلگەن دەسلەپكى دەۋر
9 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ 13 – ئەسىرگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ۋە بەزى تۈركى مىللەتلەرنىڭ قەدىمقى ماكانى بولغان شىنجاڭدا قاراخانىلار خانلىغى ۋە خوتەن خانلىغى، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىغىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ فېئوداللىق خاندانلىق مەۋجۇت ئىدى. شىنجاڭنىڭ جەنۇبى كۇچادىن تاكى جەيھۇن (ئامۇ) دەرياسىغىچە بولغان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا قەشقەر ۋە بالاساغۇننى پايتەخت قىلغان قاراخانىلار يەنى تۈرك ۋە ئىسلام خانلىغى ياشىغان ئىدى.
قاراخانىلار خاندانلىغىنىڭ مەيدانغا كېلىشى دۆلىتىمىز تارىخى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ غەربىي يۇرتنىڭ گۈللۈپ ياشنىشى، مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىشى ھەمدە غەربىي يۇرتتىكى بىر مۇنچە قەدىمقى تۈركى قەۋملەرنىڭ قوشۇلۇپ ئۇيغۇرلىشىشى ئۈچۈن تارىختا چوڭ تۆھپە قوشتى ۋە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.
«قارا» دىگەن ئىسىم قاراخانىلار خانلىغىنىڭ خانلىق ئۇنۋانلىرىدا قوللىنىلغان. جامال قارشى ئۇيغۇر تارىخچىسى ئەبۇل فۇتۇھ ئابدۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقەرى (ۋاپاتى مىلادىنىڭ 1082 – يىلى) يازغان «قەشقەر تارىخى» ناملىق چوڭ ئەسەر (ئەپسۇسكى، بۇ ئەسەر بىزنىڭ زامانىمىزغا يېتىپ كېلەلمىگەن) دىن پايدىلىنىپ تۈزگەن «سۇراھ» (مىلادىنىڭ 1282 – يىلى تۈزۈلگەن) ناملىق لوغەتنىڭ ئەرەپچە «مولھقاتۇس سۇراھ» دىگەن ئىلاۋىسىدە: «قاراخانىلارنىڭ ئىسمى قارا نامى بىلەن ئاتىلىشتىن باشقا، خانلارمۇ ئۆزىگە ياغما ۋە قارلۇقلارنىڭ سىمۋول ئادىتى بويىچە دەسلەپتە <بۇقا> كېيىن <بۇغرا> دەپ لەقەم قويغان» دەپ كۆرسىتىلگەن.
قەشقەر خانلىغىنىڭ خانلىرى ئۆزلىرىنى قەدىمقى قاراخانىلاردىن بولغان مەشھۇر «قاراخان» (ئافراسىياپ)نىڭ ئەۋلادى دەپ قارىغانلىغى قەدىمقى مەنبەلەردە كۆرسىتىلگەن. ئىرانلىقلار بۇ خاقان ياكى «قاراخان» نى پارس تىلىدا ئافراسىياپ دەپ ئاتىغان. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بۇ خاقاننى «ئالىپ ئەرتۇڭا» دىگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «شاھنامە» قاتارلىق ئەسەرلەردە بۇ قەھرىمان خاقان ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتلار بېرىلگەن.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىراننىڭ سامانىلار دەۋرىدە ئىران بىلەن تۇرانلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭ بولغان. ئافراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا) تۇران مەملىكىتىنىڭ سەردارى سۈپىتىدە ئىران شاھلىرى بىلەن نۇرغۇن قېتىم جەڭ قىلىپ، شۇ جەڭلەرنىڭ بىرىدە ھالاك بولغان. شۇ زاماندىكى تۈرك قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ قەھرىمانلىغىغا ۋە ئۈلۈمىگە بېغىشلانغان مەدھىيە ۋە مەرسىيىلەر پۈتۈن بىر داستان بولۇپ پۈتۈلگەن ئىدى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بۇ داستاندىن پارچىلار بېرىلگەن:
ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،
ئېسىز ئاژون قالدىمۇ.
ئۆزلەك ئوچىنى ئالدىمۇ،
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.
(خاقان ئافراسىياپ ئۆلدىمۇ؟ بىۋاپا دۇنيا ئۇنىڭدىن قۇتۇلدىمۇ؟ پەلەك ئۇنىڭدىن ئۆچىنى ئالدىمۇ؟ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن زامانغا نەپرەتلىنىپ، يۈرەكلەر پارە – پارە بولماقتا.)①
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئافراسىياپنى ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ بوۋىسى دەپ رىۋايەت قىلغانلىغى ئۆز ئەۋلادىنى قەدىمقى بۈيۈك تۈرك خاقانىنىڭ نامى بىلەن ئاتىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئىسلام تارىخچىلىرىدىن ئىبنۇلئەسر (ۋاپاتى 1232 – يىلى) «تارىخى كامىل» ۋە «مۇجمىئۇتتاۋارىخ» (1126 – يىلى يېزىلغان) ناملىق ئەسىرىدە، بەيھىقى (ۋاپاتى 1077 – يىلى) نىڭ ئەسەرلىرىدە ۋە گەردىزىنىڭ «زەينۇلئاخبار» (1055 – يىلى يېزىلغان) قاتارلىق ئەسەرلىرىدە، شۇنىڭدەك نېمىس تارىخچىسى پرىتساكنىڭ يېقىنقى يىللاردا يازغان ئەسەرلىرىدە «قاراخان»لار توغرىسىدىكى مەنبەلەر بايان قىلىنغان. دىمەك، بۇنىڭ يېقىنقى ئىسىم بولماستىن، ئەڭ قەدىمقى ئىسىم ئىكەنلىگى ئېنىق.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ ئەۋلادى قايسى نەسەبكە مەنسۇپلىغى توغرىسىدا تارىخىي مەنبەلەردە قارىمۇ – قارشى سۆزلەر بار. بەزى تارىخلاردا قاراخانىلار خانلىغى قارلۇقلاردىن كېلىپ چىققان دىسە، بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر چىگىللەردىن كېلىپ چىققان دەيدۇ. ئىشەنچلىك تارىخىي ماتېرىياللار ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بايان قىلىنغان پاكىتلاردىن قارىغاندا، «ياغما» (تارىختا ئۇلار قارا ياغما دەپمۇ ئاتالغان)لار قاراخانىلار خانلىغىنى تەشكىل قىلىشتا يېتەكچى رول ئوينىغان. خانلارنىڭ چاپاۋۇل قىسمى، كۆپىنچە، ياغمىلاردىن بولغان.
ياغمىلار تۈركى قەۋملەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. تەخمىنەن 742 – يىلى تۈرك خانلىغى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى دەسلەپ ئۇيغۇر قارلۇق ئىتتىپاقىدىكى باسمىللارنىڭ قولىغا ئۆتتى. بىراق، باسمىللارنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئىنتايىن قىسقا بولدى، كېيىن ئۇيغۇرلار قولىغا ئۆتتى. ياغمىلار مۇشۇ توققۇز ئۇيغۇر (ئىچكى توققۇز ئۇيغۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئىچىدىكى بىر قەۋم بولۇپ، 766 – يىللىرى سۇياپ شەھرىنى ئىگەللەپ، بۇ شەھەرنى ئۆزلىرىگە پايتەخت قىلغان ئىدى. قارلۇقلار باشلىغىنى «يابغۇ»، «ئوڭ يابغۇ»، «سول يابغۇ» دەپ ئاتايتتى. ياغمىلار باشلىغىنى «بۇغرا»، «قاراخان» ئۇنۋانى بىلەن ئاتايتتى.
قاراخانىلار خانلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۇلارنىڭ خانلىق نەسەبىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىكى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە نۇرغۇن مۇلكى، ھەربى ئەمەلدارلار ۋە ھەربىي قوشۇنلار مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمما خان جەمەتى قارلۇقلار بىلەن چىگىللەر ئارىسىدىن چىقمىدى. قاراخانىلار خانى تۈركى قەۋملىرى ئىچىدە جەڭگىۋارلىغى بىلەن مەشھۇر بولغان ياغمىلاردىن چىقتى.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ياغمالار ئوردا، شەھەرلەردە تۇراتتى. ئۇنىڭ فېئوداللىق ئىقتىسادى تۈزۈمى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ئىدى. 9 –ئەسىردە، توققۇز ئوغۇز خەلقىنىڭ جەڭگىۋار ئالدىنقى قىسمى بۈلغان ياغمىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا قاراخانىلار خانلىغى قۇرۇلدى.
قاراخانىلار خانلىغى ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن ۋە قۇدرەت تاپقان فېئودال خانلىق ئىدى. بۇ خانلىق ئىلگىر – كېيىن بولۇپ 399 يىل ھۆكۈم سۈردى. قاراخانىلار مۇشۇ ئۇزاق مەزگىل ئىچىدە يۇقۇرى گۈللىنىش، تەدرىجى زەئىپلىشىشتەك باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتى.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا پارلاق يېڭى گۈللىنىش دەۋرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. قاراخانىلارنىڭ يۈكسەك تەرەققى قىلغان دىخانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول سانائىتى ئاساسىدا نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلەر، كەشپىياتچىلار، سىياسىيونلار، ھەربىي مۇتەخەسىسلەر، ئەدىپلەر، سەنئەتكارلار، تارىخشۇناسلار، تىلشۇناسلار، تىببى ئالىملار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كېيىنكى ئەۋلاتلارغا مول، قىممەتلىك جاھانشۇمۇل ئەسەرلەرنى قالدۇردى.
قاراخانىلارنىڭ كېڭەيگەندىن كېيىنكى تېرىتورىيىسى مەمۇرى جەھەتتىن 3 چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مەركىزىي قىسمى «خاقانىيە ئۆلكىسى» دەپ ئاتىلاتتى، خاقانىيە ئۆلكىسى قەشقەرنى مەرگەز قىلغان ھالدا كۇچا ۋە قوچۇ شەھرىدىن تارتىپ ئىسسىق كۆل بويىدىكى بالاساغۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، مىڭلاق، ئىلى ۋادىسىغا قەدەر بولغان شەرقىي رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى؛ يەنە بىر قىسمى غەربىي قىسىم بولۇپ، ئىسسىق كۆلنىڭ غەربىدىن كاسپى دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ قىسمى تالاس بىلەن سەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان ئىدى؛ ئغچىنچى قىسمى شەرقىي جەنۇبىي قىسىم بولۇپ، يەركەندىن تارتىپ چەرچەنگىچە بولغان خوتەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ ئۈچ چوڭ قىسىمدىن باشقا يەنە ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي شىمالىدا قۇياس ۋىلايىتى، تاشكەنت بىلەن مەرغىلان ئارىلىقىدىكى ئىغراق ۋىلايىتى، ئامۇ دەريانىڭ شىمالىدا قوتال – سومان ۋىلايىتى بار ئىدى.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ تېرىتورىيىسىدە شەكىللەنگەن بۇ مەمۇرى بىرلىكلەر ئىچىدە غەربىي قىسىم بىلەن شەرقىي جەنۇبىي قىسىم «ئېلىك خانلىق» دەپ ئاتالغان ئىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەربى فېئودال سۇيۇرغاللىق تۈزۈمدىكى يەرلەر ئىدى.
قاراخانىلارنىڭ پايتەختى ئىككى بولۇپ، بالاساغۇن يازلىق پايتەخت ئىدى. قاراخانىلارنىڭ چوڭ خانى قەشقەردە تۇرغاچقان، قەشقەر «ئوردۇكەنت» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ خان تۇرىدىغان شەھەر، مەركەز دىگەنلىك بولاتتى.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ تۇنجى خانى كول بىلگە قادىرخان مىلادىنىڭ 819 – يىلى خانلىق تەختىگە چىقتى. ئۇ ئۆز تېرىتورىيىسىنى قەشقەردىن تاكى ماۋرا ئۇننەھرنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا قەدەر كېڭەيتتى. كول بىلگە قادىرخان ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى بازىر خانلىققا ۋارىسلىق قىلىپ، بالاساغۇندا ئارىسلانخان ئۇنۋانى بىلەن خانلىق تەختىدە ئولتۇردى.
سامانىلار خانى ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت ئىسلام دىنىنى سىرتقا كېڭەيتىش مەقسىدىدە، تىغ ئۇچىنى قاراخانىلارغا قارىتىپ، ئۇلارنى ئۆز بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قورال كۈچىنى ئىشقا سالدى. بازىرخان (بەزى مەنبەلەردە بارلىقخان) ھىجىرىيىنىڭ 302 – يىلى، مىلادىنىڭ 914—915 – يىللىرى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى ساتۇق تېگىن تېخى كىچىك بولغانلىقتىن، تاغىسى قادىرخان ئوغۇلچاق نايىپ خان بولدى. قادىرخان ئوغۇلچاق سامانىلار خانى ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت بىلەن زامانداش بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۆرەشلەر داۋام قىلغان ئىدى. ئىسمايىل ئىبنى ئەخمەت 893 – يىلى تالاسنى قادىرخان ئوغۇلچاقنىڭ قولىدىن تارتىۋالغاندا، ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن 15 مىڭغا يېقىن ئەسكىرىنىمۇ ئەسىرگە ئالدى. شۇ يىلى كۈزدە قادىرخان ئوغۇلچاق خانلىق پايتەختىنى قەشقەرگە كۆچۈردى ۋە سامانىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق كۆردى. 904 – يىلى سامانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىزا يۈز بەرگەندە، ئوغۇلچاق دەرھال ئەسكەر چىقىرىپ ئۆز زىمىنىنى كېڭەيتىۋالدى ھەمدە سامانىلاردىن نارازى بولۇپ، باشپانا ئىزلەپ كەلگەن ئەبۇ ناسىر سامانىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ ئاتۇشتا تۇرغۇزدى.
2— بۆلۈم قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى
بەزى تارىخىي كىتاپلاردا دىيىلىشىچە، ئەبۇ ناسىر سامانى ئاتۇشتا پانالىنىپ تۇرغان چاغلاردا، ساتۇق تېگىن ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ تۇرغان يېرىگە كېلىپ قالىدۇ. ئەبۇ ناسىر سامانى ئۆزىنى ساتۇق تېگىنگە مۇسۇلمان دەپ تۇنۇشتۇرىدۇ ۋە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ساتۇق تېگىنگە قاتتىق تەسىرقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ. تارىخىي مەنبەلەردە «ساتۇق تېگىن مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىدا 20 ياشلاردا ئىدى» دىيىلسە، بەزى ماترىياللاردا «12 ياشتا مەخپى مۇسۇلمان بولغان» دىيىلىدۇ. ھەر ھالدا، قاراخانىلارنىڭ ھۆكۈمران قاتلىمىنىڭ 10 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىغى ئېنىق.
ئىبنۇلئەسىر(ئەسلى ئىسمى ئەزىزىدىن ئوبۇل ھۈسەيىن ئېلى ئىبنى مۇھەممەت بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 630 – يىلى مىلادىنىڭ 1232 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «تارىخىي كامىل» نامىلق ئەسىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىسلام دىنىنى 1 – قېتىم ساتۇق تېگىن قوبۇل قىلدى. ئەبۇ ناسىر سامانى ساتۇق تېگىن بىلەن كۈرۈشكەندىن كېيىن، بىر تەرپتىن ئىسلام دىنىنىڭ تائەت – ئىبادەتلىرىنى ئۆزى ئىشلەپ ياخشى تەسىر بەرگەن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭغا «لائىللاھە ئىللەللا مۇھەممەدەن رەسۇلىللا» (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ
يوق، مۇھەممەت ئاللانىڭ ئەلچىسىدۇر» دىگەننى ئۆگىتىپ ۋە ئۇنى ئىمان ئېيتقۇزۇپ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدۇرغان. «ھەزرىتى سولتان ساتۇق تەزكىرىسى» (ئاپتۇرى موللا ھاجى) ۋە «خوجا ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ تەزكىرىسى» قاتارلىق ئۇيغۇرچە قوليازما مەنبەلەردىكى رىۋايەتلەر بىلەن يۇقىرقى كىتاپتىكى بايانلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ. قاراخانىلاردىن ئىسلام دىنىنى دەسلەپ قوبۇل قىلغان ساتۇق (مۇسۇلمانچە ئىسمى ئابدۇكېرىم) بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش تارىخى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە بىلمەيمىز. بۇ ھەقتىكى مەنبەلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقىسى جامال قارشى «مولھقاتۇس سۇراھ» دىگەن ئەسىرىدە ئەبۇل فۇتۇھ ئابدۇغاپپارنىڭ «قەشقەر تارىخى» دىگەن ئەسىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: «ساتۇق بۇغراخان ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ تەسىرى ئاستىدا 12 يېشىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان، 25 يېشىدا قاراخانىلار تەختىگە ئولتۇرغان. ساتۇق بۇغراخان ھىجىرىيىنىڭ 344 – يىلى، مىلادىنىڭ 955 – يىلى ۋاپات بولۇپ، قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشقا (مەشھەتكە) دەپنە قىلىنغان» دىگەن.
ساتۇق تېگىننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىغى توغرىسىدىكى تارىخىي مەنبەلەرنى سېلىشتۇرۇپ، «سۇراھ» تا نەقىل كەلتۈرۈلگەن جامال قارشىنىڭ سۆزىنى توغرا دەپ قارىدىم.
ساتۇق تېگىن ئۆزى مەخپى ھالدا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ يوليۇرۇغى بويىچە، ئەتراپتىكى خەلقلەرنى مەخپى ۋە ئاشكارا ھالدا يېنىغا تارتىپ، بىر نەچچە ئاي ئىچىدە مىڭلىغان كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى ۋە ئۇلارنى ئاساسىي كۈچ قىلىپ، ساتۇق تېگىن باشچىلىغىدا ئىسلامنى تارقىتىدىغان مەخپى تەشكىلات قۇردى. 920 – يىللىرى، ساتۇق تېگىن ۋە ئەبۇ ناسىر سامانى ئۆز مۇخلىسلىرىنى باشلاپ قادىرخان ئوغۇلچاق بۇغراخاننىڭ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىردى ۋە ئوغۇلچاقنى ۋە ئۇنىڭ شاھزادە (تېگىن)لىرىنى، مەنسەپدارلىرىنى قولغا ئېلىپ، بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى. بەزىلىرىنى ئىمان ئېيتقۇزۇپ ئىسلامغا بەيئەت قىلغۇزدى. مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر (ئوردۇ كەنت)نى پۈتۈنلەي ئىگەللىدى. ساتۇق تېگىننىڭ بېسىمى ۋە ئىسلامغا دالالەت قىلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمان بولدى.
ساتۇق تېگىن كېيىن قەدىمقى ئەجدادلىرىغا ئوخشاش «ئارسلان بۇغرا قاراخان» ئۇنۋانىنى قوللىنىپ، ئۆزىنى «ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخان» دەپ رەسمى ئېلان قىلدى ۋە قەشقەرنى رەسمى تۈردە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىشنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇردى. غەيرى دىندىكىلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىش يولىدا پائال كۆرەش قىلىپ، ئىلگىر – كېيىن بولۇپ يەركەنت (يەكەن)، ئاقسۇنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. 942—943 – يىللاردىكى غازاتتا بالاساغۇن، سۇياپ ۋە ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى قارلۇقلار ۋە ياغما، ئوغۇز قەۋملىرىنىمۇ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى.
مىلادىنىڭ 940 – يىللىرى ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 200 مىڭغا يېقىن تۈرك ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ۋاقىتتا شىمالدىكى ئوغراق، توخسى قەبىلىلىرى ئىسيان كۆتىرىپ، قاراخانىلارغا قارشى چىقتى. ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخان، بىر تەرەپتىن، مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ شىمالدىكى تۈركى قەبىلىلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خوتەن خەلقىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن خوتەن خانلىغى بىلەن ئۇرۇش قىلدى. ئاخىرى خوتەن خانلىغىنى مەغلۇپ قىلىپ، خوتەن شەھرىنى ئىگەللىدى ۋە خوتەنلىك بۇددىستلارنىڭ بىر قىسمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. قاراخانىلار خوتەننى ئىسلام دىنغا كىرگۈزۈشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، كۇچانى ئىسلامىيەتكە كىرگۈزۈشنىمۇ چىڭ تۇتتى. قاراخانىلار قوشۇنى كۇچانى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۇچا ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولمىدى. بۇ جايدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا بۇددا دىنىدا قالدى.
ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخان مىلادىنىڭ 955 – يىلى سۇغۇندا ۋاپات بولدى②. «ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن 37 مىڭ مۇسۇلمان يىغىلىپ كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخاننى ئاتۇشتىكى مەشھەتتە دەپنە قىلدى. ساتۇق ئارسلان بۇغرا قاراخاننىڭ ئورنىغا ئوغلى بايتاش تېگىن (تۈركچە ئىسمى) يەنى مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم (مۇسۇلمانچە ئىسمى) قاراخان بولدى.
مۇسا ئارسلان بۇغرا قاراخان تېگىنلەر ئىچىدىكى سىياسەتچىلەرىدن ئىدى. ئۇ قاراخانىلار تەختىگە چىققاندىن كېيىن، قاراخانىالارنىڭ مەركىزى بالاساغۇندا ۋە قەشقەردە ھاكىمىيەتنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپلا قالماستىن، بەلكى قاراخانىلارنىڭ يېڭى چېگرا رايونلىرىغا بولغان ھۆكۈمرانلىغىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. قاراخانىلار ئىچكى بىرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللاندى.
971 – يىلى مۇسا (بايتاش) ئارسلان بۇغرا قاراخان خوتەنلىكلەر بىلەن غازات قىلدى. ئۇ خوتەندىكى ئىسياننى باستۇرۇپ، خوتەننىڭ ئاھالىسىدىن يەنە بىر قىسمىنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. شۇندىن كېيىن، مۇسا ئارسلان بۇغرا قاراخان ئالىپ تېگىن باشچىلىقىدا مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ، ئالدى بىلەن كىنگىت (قارا شەھەر)نى ئىشغال قىلدى. ئاندىن ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى «مىڭلاق – ئىلى (ھازىرقى غۇلجا)»غا يۈرۈش قىلدى. قاراخانىلارنىڭ قوشۇنى ئىلىنى ئىشغال قىلىپ، بۇ جايدىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى، بۇددىست ئۇيغۇرلارنى مىڭلاقتىن سۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇ يەرلەرگە مۇسۇلمان تۈركلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىلىغا ھۇجۇم قىلدى.
قاراخانىالارنىڭ مۇسۇلمان قوشۇنلىرى بىلەن قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدكى جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولغان. بۇنى مۇشۇ شېئىرلاردىن بىلىش مۇمكىن:
كەلدى ماڭا تات،
ئېيتتىم ئەمدى يات.
قۇشقا بولۇپ ئەت،
سېنى تىلەر ئۇس، بورى.
(ماڭا بىر كاپىر ئۇيغۇر ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، مەن ئۇنى ئۆلتۈردۈم؛ قۇش، بۆرىلەرگە يەم بولسۇن دەپ، ئۇنى پارچە – پارچە قىلىۋەتتىم.)③
تۇنە بىلەن باستىمىز،
تەگمە ياڭاق پۇستىمىز؛
كەسمەلەرىن كەستىمىز
مىڭلاق ئەرىنن پىچتىمىز.
(بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېچىسى باستۇرۇپ باردۇق، تەرەپتىن مۈكۈپ كىرىپ، ھەتتا ئاتلىرىنىڭ كوكۇلىلىرىنى كەستۇق، مىڭلاق ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۇق.)④
ئالىپ تېگىن قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ قوچۇنى ئىشغال قىلدى. قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ بۇددا دىنىدا قېلىپ، مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىلارغا تەۋە بولدى.
ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرىدە: قاراخانىلار ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، قوچۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بېشبالىقتا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق شىددەتلىك جەڭدە ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئوغلى ئابدولفەتتاھ باتۇرلۇق بىلەن خىزمەت كۆرسىتىپ قازا قىلدى، دىيىلىدۇ. مۇسا ئارسلان بۇغرا قاراخان ئۇنىڭ قەھرىمانلىغىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئالپ تېگىن (قەھرىمان شاھزادە) ئۇنۋانىنى بەردى. ئالپ تېگىن ئۇرۇمچىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغدا دەپنە قىلىندى. ھازىرمۇ خەلقلەر بۇ مازارنى «ئەلپەتتا خوجام مازىرى » دەپ ئاتايدۇ.
(داۋامى بار)
[ بۇ يازما kokbora7411 تەرىپىدىن 2008-09-30 16:06 دە ]
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1202
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 55
شۆھرىتى: 65 نومۇر
پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-02 02:35
(داۋامى)
3— بۆلۈم قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش يولىدىكى كۈرەشلىرى
قاراخانىلار 10 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆز زىمىنىنى بىرلىككە كەلتۈردى. مۇشۇ دەۋردە قاراخانىلارنىڭ زىمىنى شەرقتە گەنسۇدىن تارتىپ، غەرپتە ئارال دېڭىزىغىچە، شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن تارتىپ، جەنۇپتا قارا قۇرۇم، كوئىنلۇن تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. قاراخانىلار بۇ كەڭ زىمىننى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزى ئۆلكە بولغان خاقانىيىدىن باشقا شىمالىي ۋە غەربىي ئۆلكىلەرگە «ئېلىك خان» بەلگىلەپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قوللاندى. سەمەرقەنت غەربىي ئېلىك خانلىغىنىڭ مەركىزى ئىدى. قاراخانىلارنىڭ تېگىنلىرى ئېلىك خان بولاتتى. غەربىي ۋە شىمالىي ئېلىك خانلىغىنىڭ خانلىرى مەركىزى ھاكىمىيەتكە بوي سۇناتتى.
ھارۇن بۇغرا قاراخان 990 – يىلى ئەسكەر چىقىرىپ ئىسپىجاپ شەھىرىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ماۋرا ئۇننەھردىكى سەمەرقەنت ۋە بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى. ھارۇن بۇغرا قاراخان سەمەرقەنتنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى. قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە كېسەل بولۇپ يول ئۈستىدە يەنى قوچقار بېشى دىگەن جايدا ھىجىرىيىنىڭ 375 – يىلى، مىلادىنىڭ 997 – يىلى ۋاپات بولدى.⑤ بۇ چاغدا ئامۇلغا قېچىپ بېرىۋالغان ئەمىر نۇھ غەزنە ھۆكۈمدارى سوبۇك تېگىن قاتارلىق يەرلىك ھۆكۈمدارلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى، بىر تەرەپتىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كەتكەچكە، يەنە بىر تەرەپتىن، قاراخانىلارنىڭ كۈچىدىن ئېھتىيات قىلغاچقا، بۇ ئۇرۇش سېپىگە كىرىپ قېلىشتىن باش تارتىپ، ياردەم بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمىر نۇھ سىر دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا جايلاشقان سالچۇقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا، سالچۇقىلار ياردەمگە ئارسلان بەگ باشچىلىقىدا ئەسكەر ئەۋەتتى. ئەمىر نۇھ ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ، بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ۋاقىتتا بۇخارادا ئۇنىڭغا بىر قىسىم كۈچ ياردەم قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا ئەمىر نۇھ ئېلىك خان ئېلى تېگىننى مەغلۇپ قىلىپ، بۇخارانى يېڭىۋاشتىن ئىگەللىۋالدى. ئېلىك خان ئېلى تېگىن بۇخارانى تارتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، بۇخاراغا قايتا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. ئەمىر نۇھ بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەمىر سوبۇك تېگىندىن ياردەم سورىدى. سوبۇك تېگىن نۇرغۇن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن بۇخاراغا يېقىنلاشقاندا، ئەمىر نۇھ سوبۇك تېگىندىن گۇمانلىنىپ، ئېلىك خان ئېلى تېگىن بىلەن سۈلھى قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت ئىبنى ئەزىزنى ئەۋەتتى. سامانىلار بىلەن قاراخانىلار سۈلھى قىلىپ، بۇخارا ۋە سەمەرقەنت ئارىسىدىكى «كاتۋان چۆلى» نى چېگرا سىزىغى قىلىپ بەلگىلىدى، «كاتۋان چۆلى» نىڭ غەربىي قىسمى سامانىلارغا، شەرقىي قىسمى قاراخانىلارغا قارايدىغان بولدى. ھارۇن بۇغرا قاراخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپ تېگىن يەنى يۈسۈپ قادىرخان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى.
مىلادىنىڭ 998 – يىلى، سامانىلار ئەمىرى نۇھ ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مەنسۇر ئەمىر بولدى. شۇ يىلى غەزنە ھۆكۈمدارى سوبۇك تېگىن بەلختە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسمايىل بىلەن مەھمۇت خانلىق تالىشىپ ئۆز ئارا جەڭگى – جىدەل قىلىشتى. ئېلىك خان ئېلى تېگىن نۇھ بىلەن تۈزگەن كېلىشىم بويىچە، مەنسۇر بىلەن داۋاملىق دوستانە ئۆتتى. كېيىن ئەمىر مەنسۇرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدىن نارازى بولغان ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت، ھەربىي قوماندان فايىق باشچىلىغىدىكى ئەمەلدارلار يۈسۈپ قادىرخان قاراخانغا ئەبۇ مەنسۇر ئىسپىجاپنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قاراخانىلارغا بوي سۇنىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى. يۈسۈپ قادىرخان قاراخان بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، سەمەرقەنتتىكى ئېلىك خان ئېلى تېگىنگە بۇخاراغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇغىنى چۈشۈردى. ئېلى تېگىن بۇخاراغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت، ئەلچى ئەبۇ مەنسۇر ئىسپىجاپى ۋە قوماندان فايىق بۇخارادىن سەمەرقەنتكە قېچىپ كەلدى. ئېلىك خان ئېلى تېگىن بۇخاراغا كېتىۋېتىپ، ۋەزىر ئابدۇللا مۇھەممەت ۋە ئەبۇ مەنسۇر ئىسپىجاپى قاتارلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئاسىلىغى ئۈچۈن قولغا ئالدى، فايىقنى تۇرشاۋۇل قىلىپ 300 ئەسكەر بىلەن بۇخاراغا ئەۋەتتى. ئەمىر مەنسۇر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بۇخارادىن قېچىپ كەتتى. فايىق بۇخاراغا كىرىۋېلىپلا ئېلىك خاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمىر مەنسۇرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، پادىشاھلىق نامى ئەمىر مەنسۇردە بولۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۆزىدە بولۇش شەرتىنى قويدى. ئەمىر مەنسۇر ماقۇل بولۇپ، بۇخاراغا قايتىپ كەلدى. ئېلىك خان ئېلى تېگىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن سەمەرقەنتكە قايتتى.
ئەمىر مەنسۇر ۋە فايىقلار سوبۇك تېگىننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىكى ماجرادىن پايدىلىنىپ، خۇراساننى تارتىۋالدى ۋە بەك تۇزۇن ئىسىملىك بىر قومانداننى خۇراسانغا ۋالى قىلپ تەيىنلىدى.
مەھمۇت (سوبۇك تېگىننىڭ چوڭ ئوغلى) دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارسلىق قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى سولتان دەپ ئېلان قىلدى ۋە بەك تۇزۇن بىلەن ئۇرۇش باشلىدى. ئەمىر مەنسۇر ۋە فايىقلار نۇرغۇن قوشۇن بىلەن بەك تۇزۇنغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن خۇراسانغا يېتىپ كەلدى. فايىق ۋە بەك تۇزۇن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەمىر مەنسۇرنى قاماققا ئالدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مەنسۇرنىڭ ئىنىسى ئابدۇلمۇلۇك نوھنى تەختكە چىقاردى. ئەمىر ئابدۇلمۇلۇك سولتان مەھمۇت بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، فايىق، بەك تۇزۇنلار بىلەن بىللە بۇخاراغا قاچتى. سولتان مەھمۇت خۇراساننى ئىشغال قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي فايىق ئۆلدى. مىلادىنىڭ 999 – يىلى ئېلىك خان ناسىر ئەسكەر چىقىرىپ، سامانىلار پەيتەختى بۇخارانى بېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 125 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سامانىلار خانلىغى ئاخىر قاراخانىلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى.
غەزنە ھۆكۈمدارى سولتان مەھمۇت قاراخانىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش ئۈچۈن، دوستلۇق مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلاش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھىجىرىيىنىڭ 380 – يىلى، مىلادىنىڭ 1001—1002 – يىللىرى، يۈسۈپ قادىرخان قاراخان سولتان مەھمۇتنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن، غەزنەۋىلەرگە مەخسۇس ئەلچىلەر ئۆمىگى ئەۋەتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سولتان مەھمۇت ئاتاقلىق ئالىم ئەبۇتىپ بىلەن ۋالى دەرىجىلىك يەنە بىر ئەمەلدارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر ۋەكىللەر ئۆمىگىنى يۈسۈپ قادىر قاراخان ھوزۇرىغا ئەۋەتتى. سولتان مەھمۇتنىڭ ئەلچىلىرى يۈسۈپ قادىر قاراخانغا قاراخانىلار بىلەن قودا – باجىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەكلىۋىنى بەردى. يۈسۈپ قادىر قاراخان تەكلىپنى دەرھال قوبۇل قىلدى ۋە ماۋرا ئۇننەھر ئېلىك خانى ناسىرغا قىزى چىگىلنى سولتان مەھمۇتقا خوتۇنلۇققا بېرىشنى بۇيرۇدى. ناسىر ئېلىك خان يۈسۈپ قادىر قاراخاننىۇڭ يارلىغىنى دەرھال ئورۇنداپ، سولتان مەھمۇتقا ئۆز قىزىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ئوتتۇرىسىدا توققانلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى.
1005 – يىلى ناسىر ئېلىك خاننىڭ ئامۇ دەريا بويىدىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن سولتان مەھمۇتنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئارىسىدا چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەردى. بۇ ئادەتتىكى توقۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتى ھەر ئىككى تەرەپنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. بۇ چاغدا سولتان مەھمۇت ھىندىستاندا ئۇرۇشتا ئىدى. ناسىر ئېلىك خان غەزنەۋىلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم ئەسكەرنى ئىنىسى چاغرى تېگىننىڭ قومادانلىقىدا بەلخقە ئەۋەتتى. يەنە بىر قىسىم ئەسكەرنى سۇ بېشى تېگىننىڭ قومادانلىغىدا خۇراسانغا ماڭدۇردى. چاغرى تېگىن باشچىلىغىدىكى قوشۇنلار ئامۇ دەريانى كېسىپ ئۆتۈپ، بەلخنى ئىشغال قىلدى. سۇ بېشى تېگىن باشچىلىغىدىكى قوشۇنلار خۇراسان ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىدى. سولتان مەھمۇت بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ھىندىستاندىن غەزنەگە يېتىپ كېلىپ، چاغرى تېگىننىڭ قوشۇنلىرى بىلەن قاتتىق ئېلىشتى، چاغرى تېگىن مەغلۇپ بولۇپ بەلختىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئارقىدىنلا سولتان مەھمۇت بارلىق ھەربىي كۈچىنى سۇ بېشى تېگىننىڭ قوشۇنلىرىغا سالدى. بىر مەزگىل قاتتىق جەڭ بولغاندىن كېيىن، سۇ بېشى تېگىن ماۋرا ئۇننەھرگە چېكىندى. ئۇرۇش ھىجىرىيىنىڭ 397 – يىلى، مىلادىنىڭ 1009 – يىلىغا قەدەر داۋام قىلدى.
مىلادىنىڭ 1009 – يىلى، يۈسۈپ قادىر قاراخان سولتان مەھمۇتقا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەربىي كۈچ بىلەن قەشقەردىن يۈرۈش قىلدى ۋە بالاساغۇندىكى شىمالىي ئېلىك خان توغان خانغا ئەسكەر توپلاپ سەمەرقەنتكە يۈرۈش قىلىشقا يارلىق چۈشۈردى. يۈسۈپ قادىر قاراخان 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ بەلخنى ئىگەللىدى. سولتان مەھمۇتمۇ ناھايىتى نۇرغۇن قوشۇن تەييارلاپ بەلخقە يېقىن كەتەر دىگەن سايدا چېدىر تىكتى. يۈسۈپ قادىر قاراخانمۇ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى كەتەرگە ئېلىپ بېرىپ، سولتان مەھمۇتنىڭ ئۇدۇلىدا چېدىر تىكىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى. يۈسۈپ قادىر قاراخان ئوتتۇرىدا سەپ تۈزدى، ناسىر ئېلىك خان ئوڭ قانات، چاغرى تېگىن سول قانات بولۇپ سەپ تۈزۈشتى.
سولتان مەھمۇتمۇ ئىنىسى ناسىرنى ۋە جۇرجان ۋالىسى ئەبۇ نەسىر فىرىخۇننى ئوتتۇرىدا، ئالتۇن تاشنى ئوڭ قانات، ئارسلان جازىپنى سول قانات قىلىپ سەپ تۈزدى، سەپ ئالدىغا 500 ئۇرۇش پىلىنى تىزدى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش تەييالىغى پۈتكەندىن كېيىن، ئۇرۇش رەسمى باشلاندى. دەسلەپكى جەڭدە مەھمۇتنىڭ پىللىرى يۈسۈپ قادىر قاراخاننىڭ قوشۇنلىرىغا خېلى زىيان يەتكۈزەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ناسىر ئېلىك خاننىڭ 500 ئەسكەردىن تەشكىل قىلىنغان پىداكار قىسمى سولتان مەھمۇتنىڭ پىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوتتۇرا قىسمىنى بۆسۈپ ئۆتتى. سولتان مەھمۇتنىڭ زاپاس قوشۇنى ناسىر ئېلىك خاننىڭ ئەسكەرلىرىگە قايتارما ھۇجۇم قىلىپ چېكىندۈردى. ئارقىدىنلا سولتان مەھمۇت پۈتۈن ئەسكىرىنى ئىشقا سېلىپ، يۈسۈپ قادىر قاراخاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى زور چىقىمغا ئۇچراتتى. يۈسۈپ قادىر قاراخان بەلخقە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى، يۈسۈپ قادىر قاراخان يەنە ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ چوڭ جەڭگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىر قاراخانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇرۇشنى توختىتىپ، سۈلھى قىلىش تەكلىۋىنى بەردى. يۈسۈپ قادىرخان سولتان مەھمۇتنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ، قوشۇنلىرىنى چېكىدۈردى.
قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ئوتتۇرىسىدا تېچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىش ئالدىدا، قاراخانىلارغا قاراشلىق خوتەن خەلقى قاراخانىلارغا قارشى ئىسيان كۆتەردى. ئىسيانچىلار قاراخانىلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسلامىيەتتىن يۈز ئۆرىدى. يۈسۈپ قادىرخان سەمەرقەنتتىن نۇرغۇن ئەسكەر ۋە ئولىمالارنى باشلاپ قەشقەرگە قايتتى.
يۈسۈپ قادىر قاراخان 1010 – يىلى قەشقەردىن خوتەنگە يۈرۈش قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن خوتەندە ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان ئاھالىنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى قوراللاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە قورال كۈچى بىلەن دىنىي تەشۋىقاتنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خوتەننى يەنە بوي سۇندۇردى. قاراخانىالارنىڭ خوتەنلىكلەرنى ئىسلامغا كىرگۈزۈش ئۇرۇشى ئىلگىر – ئاخىر بولۇپ 24 يىلغا سوزۇلدى. ئاخىر خوتەن شەھىرى بوي سۇندۇرۇلدى، خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىغا تولۇق كىرگۈزۈلدى. خوتەن خانى چىگالۇخالخالنىڭ كاللىسى ئېلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش توختىدى.
قاراخانىلار خوتەن ئىسيانىنى تىنجىتقاندىن كېيىن، خوتەنگە ۋالى دەرىجىلىك خان ۋە ھەر دەرىجىلىك مەمۇرى ئەمەلدارلارنى قويدى. خوتەن ۋەزىيىتى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، خوتەندىن دۇڭخۇاڭغا بارىدىغان يىپەك يولى يەنە راۋانلاشتى. خوتەننىڭ قاراخانى لاچىن نائىل ساۋۇن سۇڭ سۇلالىسى بىلەن ئىلگىرىدىن داۋاملىشىپ كەلگەن سودا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. خوتەندىن دۇڭخۇاڭغا ۋە ئىچكىرىگە توشۇلىدىغان ماللارنىڭ ئىچىدە قاشتاش بويۇملىرى، ھەر خىل دورا – دەرمەك، يىپەك، يىپ توقۇلمىلار بار ئىدى. سودىگەرلەرنىڭ ئىچكىرىدىن خوتەنگە ئېلىپ كەلگەن ماللىرى ئىچىدە چاي، ھەر خىل جانان قاچىلار بار ئىدى. بۇ دەۋردە خوتەن زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان، كۈچلەنگەن ئىدى. بۇنى مۇنداق بىر پاكىتتىن كۆرۈشكە بولىدۇ:
مىلادىنىڭ 1068 – يىلى، خوتەن خانى سۇڭ خانلىغىنىڭ شېنزۇڭ خانى جاۋشۇغا يازغان خېتىدە ئۆزىنى «شايى – ئەتلەسلىرى مول، بەختلىك، قۇدرەتلىك، بىلىملىك خوتەن قاراخانى» دەپ ئاتىغان.
غەرپ ئېلىك خانى ئېلى تېگىن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئىچكى – تاشقى جەھەتتە قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بولۇپ كەتكەنلىگىدىن پايدىلىنىپ، سالچۇقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تەپرىقىچىلىق بىلەن ئاشكارا شوغۇللاندى. يۈسۈپ قادىرخان ئېلى تېگىننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، كىچىك ئوغلى مەھمۇت ياغان تېگىن بۇغراخاننى دەرھال ئاتلاندۇردى ۋە سولتان مەھمۇتقا خەت يېزىپ، ئوغلى مەھمۇت ياغان تېگىنگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. سولتان مەھمۇت دەرھال مەھمۇت ياغان تېگىنگە ھەربىي كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئېلى تېگىننىڭ تەپرىقىچىلىغىنى باستۇرۇشقا ماسلاشتى. ئېلى تېگىن قاتتىق زەربە يىگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تەپرىقىچىلىغىدىن قەتئى ۋاز كېچىپ، مەڭگۈ قاراخانىلار خاندانلىغىغا سادىق بولىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. بۇ مەسىلە ھەل بولغاندىن كېيىن، سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىرخاننى سەمەرقەنتكە تەكلىپ قىلدى. يۈسۈپ قادىرخان سولتان مەھمۇت بىلەن دوستلۇق كېلىشىم ئىمزالاش ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىگى بىلەن سەمەرقەنتكە يېتىپ باردى. قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش ئەھېالىنى گەردىزى مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىرخان قاراخاننى دەرھال ئۆزى تەييارلىغان ئوردا گاھقا تەكلىپ قىلدى. ھەر ئىككى ھۆكۈمدار بىر نەچچە سىۋارلار⑥ بىلەن كېلىپ، ئاتلىرىدىن چۈشۈپ سەمىمى، قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ھەر ئىككى ھۆكۈمدار بىر بىرىگە قىممەتلىك سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىشتى. سولتان مەھمۇت يۈسۈپ قادىرخانغا بىر جەۋھەرنى تەقدىم قىلدى. يۈسۈپ قادىرخانمۇ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن قىممەتلىك بىر جەۋھەرنى سولتان مەھمۇتقا تەقدىم قىلدى. ئۇلار سوۋغا تەقدىم قىلىشقاندىن كېيىن زىياپەت بېرىلدى. ئەتىسى رەسمى سۆھبەت باشلاندى. سۆھبەتتە يۈسۈپ قادىرخان بىلەن سولتان مەھمۇت ئوتتۇرىسىدا، زۆرۈر تېپىلغاندا، بىر بىرىگە ئەسكەر ياردەم قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر، تۈركىستان ھەم خۇراساننىڭ ئامانلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش، سالچۇقىلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆز قاراشقا كەلدى. دوستلۇقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، سولتان مەھمۇتنىڭ قىزى زەينەپنى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى مەھمۇت ياغان تېگىنگە ياتلىق قىلىش، يۈسۈپ قادىرخان ئۆزىنىڭ قىزىنى سولتان مەھمۇتنىڭ ئىككنىچى ئوغلى ئەمىر مۇھەممەتكە ياتلىق قىلىش توغرىسىدا پۈتۈشتى. يۈسۈپ قادىرخان ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قاراخانىلار ھاكىمىيىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ماۋرا ئۇننەھرنى ئېلىك خان ئېلى تېگىننىڭ قولىدىن ئېلىپ ياغان تېگىنگە تۇتقۇزدى.
1030 – يىلى سولتان مەھمۇت ۋاپات بولدى. 1031 – يىلى سولتان مەھمۇتنىڭ چوڭ ئوغلى مەسئۇت غەزنەۋىلەر تەختىدە ئولتۇردى. سولتان مەسئۇت غەزنەۋىلەر بىلەن قاراخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەرگە ۋەكىللەر ئۆمىگى ئەۋەتتى. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىگى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ قىزىنى سولتان مەسئۇتقا بېرىش، سۇلايمان بۇغرا تېگىن ئارسلانخاننىڭ قىزىنى مەسئۇتنىڭ ئوغلى مەۋدوتقا بېرىشنى تەلەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ئىدى.
1032 – يىلى يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولدى. غەزنەۋىلەر بىلەن قاراخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋەت ئۇرنىتىش بىر مەزگىل كېچىكتى، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئارسلان بۇغرا تېگىن قاراخان ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى. ئۇ 1032 – يىلىدىن 1056 – يىلىغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى.
سولتان مەسئۇت يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈش ھەم قاراخانىلار تەختىدە ئولتۇرغان سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخاننى تەبرىكلەش ئۈچۈن قەشقەرگە مەخسۇس بىر ۋەكىللەر ئۆمىگىنى ئەۋەتتى. ۋەكىللەر ئۆمىگى سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخان بىلەن ئۇچرىشىپ، تەنتەنىلىك مۇراسىم ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ، 1034 – يىلى غەزنىگە قايتتى.
(داۋامى بار)
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1202
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 55
شۆھرىتى: 65 نومۇر
پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-03 01:08
(داۋامى)

4- بۆلۈم قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت شەكلى

قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت شەكلىنى، ئۇلار قوللانغان تۈرلۈك ئەمەل ناملىرىنىڭ قەدىمقى ئاتىلىشىنى، قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئىسىملىرىنى ئوبدان تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قاراخانىلارنىڭ مۇنتىزىم ھاكىمىيەت شەكىلى، سىياسى تۈزۈمى، قانۇن – ياساقلىرى بولغان ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىتىكى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى داۋاملاشتۇردى ۋە ئۇنىڭغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلدى. قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلى قاراخان ۋە ئېلىك خاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىستېما بويىچە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىككى چوڭ سىستېمىنىڭ ئاستىدا يەنە ھەر دەرىجىلىك باشقۇرۇش ئاپاراتلىرى تەشكىل قىلىنغان ئىدى.
ئا. ھەر دەرىجىلىك مەنسەپلەر
1. قاراخانىلارنىڭ ئەڭ ئالى ھۆكۈمدارى «ئارسلان خان» دەپ ئاتىلاتتى. ئارسلان خاننىڭ قول ئاستىدىكى ھۆكۈمدار «بۇغراخان» دەپ ئاتىلاتتى.
قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلىي تۈزۈمىدە، بۇغراخان ئەڭ ئالى ھۆكۈمدار ئارسلان خانغا ئۆستۈرۈلەتتى. كېيىنچە، قاراخانىلارنىڭ خانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ خان ئىكەنلىگىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، «تاۋغاچ خان» دىگەن نامنىمۇ قوشۇپ ئاتايدىغان بولدى. مەھمۇت قەشقەرى «تاۋغاچ» سۆزىگە بەرگەن تەبىرىدە، بۇ سۆزنىڭ ھەر بىر بۈيۈك ۋە قەدىمىي نەرسىگە قارىتىپ ئېيتىلىدىغانلىغىنى، خانلارغىمۇ ئۇنۋان بولۇپ كېلىدىغانلىغىنى، «مەملىكىتى قەدىمىي ۋە چوڭ خان» دىگەن مەنىدە «تاۋغاچ خان» دىيىلىدىغانلىغىنى ئېيتقان.⑦
ئۆز زامانىسىدا پۈتكۈل «مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى» دەپ ئاتالغان ئابباسىلار قاراخانىلارنىڭ خانلىرىنى دىپلوماتىيە جەھەتتە «مەلىكول مەشرىق ۋە سىن» (شەرق ۋە چىن پادىشاھسى) دەپ ئېتىراپ قىلغان. ھىجىرىيىنىڭ 459 – يىلى، مىلادىنىڭ 1066—1067 – يىللىرىدىن باشلاپ، قاراخانىلار «مەلىكول مەشرىق ۋە سىن» دىگەن ئۇنۋان بىلەن تەڭگە پۇل چىقاردى.
2. قاراخانىلارنىڭ 2 – چوڭ سىستېمىسىغا (يەنى يۇقۇرقى ئىككى ئالى ھۆكۈمداردىن باشقا) ئېلىك خانلار⑧ كىرەتتى. ئۇلار ئارسلان ئېلىك خان، بۇغرا ئېلىك خان ئۇنۋانى بىلەن ھاكىيەت يۈرگۈزەتتى. بۇلارنىڭ دەرىجىسى بۇغراخاندىن بىر دەرىجە تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتە ئارسلان ئېلىك خان بۇغراخانغا ئۆستۈرۈلۈپ، خىزمەتكە تەيىنلىنەتتى. قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بۇنداق ھۆكۈمدارلار جەزمەن خان جەمەتىدىن بەلگىلىنەتتى.
قاراخانىلار پايتەختىدىن يەنى ئوردۇ كەنتتىن يىراق بولغان چوڭ رايونلار ئېلىك خانلىق دىيىلەتتى. ئېلىك خانلىقلار ئەلچى ئەۋەتىش، ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەرنىمۇ ئۆزلىرى بىۋاستە باشقۇراتتى. ئېلىك خانلارنىڭ مۇشۇنداق مۇستەقىل ھالدا چوڭ مەسىلىلەرنى باشقۇرۇشىنى غەرپ ئالىملىرى، تارىخشۇناسلىرى خاتا ھالدا «ئېلىك خاقانىيە» دەپ دۆلەت نامى بىلەن ئىزاھلاشتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىزاھلىشى قاراخانىلارنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلىنى ئوبدان تەتقىق قىلمىغانلىقتىن بولغان، ئۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس.
شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ماۋرا ئۇننەھر رايونىدىكى غەربىي ئېلىك خان ۋە شىمالىي ئېلىك خانلارنىڭ چوڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرپ قىلىشتا ئالدى بىلەن قاراخاننىڭ تەستىقى، يوليۇرۇغىنى ئېلىش ۋە ئىشتىن كېيىن قاراخانغا تەپسىلى دوكلات قىلىش، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە مەلۇم مىقداردا باج – سېلىق تۆلەپ تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. قاراخانىلاردىن بەلگىلەنگەن «ئېلىك خانلار» قاراخانىلارغا بىۋاستە قاراشلىق جايلاردىكى يەرلىك خان بولۇپ، خانلىق تامغىسى تۇتاتتى. ئۇلار ئۆز دائىرىسىدىكى چوڭ مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھالدا بىر تەرەپ قىلاتتى. ئۆزلىرىنىڭ خانلىق دائىرىسىدە مەخسۇس ئەسكەر تۇرغۇزۇش، مالىيە – ئىقتىساتنى باشقۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ئالتۇن، كۈمۈش، مىس پۇللارنى چىقىرىش، ئۆزىنىڭ قانۇنى، ئىنتىزامىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا، جۇڭگو، ئىران، ھىندىستان قاتارلىق خوشنا ئەللەر بىلەن سودا، مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى ئورنىتىش، خوشنا ئەللەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇرۇشغ قىلىش ياكى سۈلھى قىلىش، ئۆزئارا ئەلچى ئەۋەتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى.
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخان دەۋرىدە تېرىتورىيىسى ئىلگىرىكىدىن كېڭىيىپ، شەرقتە كۇچاغىچە، غەرپتە بۇخارا ۋە خارەزىمغىچە، جەنۇپتا ئامۇ دەريانىڭ قىرغاقلىرىدىن غەزنىگىچە سوزۇلغان ئىدى.
قاراخانىلار پۈتۈن دۆلەتتە خاقانىيە⑨ دىن باشقا جايلارغا ئېلىك خان بەلگىلەپ باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويدى. مەسىلەن، ماۋرا ئۇننەھردە ئېلىك خان ئېلى تېگىن قاراخانىلارغا ۋاكالىتەن ئىش بېجىردى؛ ياغان تېگىن مۇھەممەت (بۇغرا ئۇنۋانى بىلەن) تالاس (ھازىرقى ئەۋلىيا ئاتا)، ئىسپىجاپ (چىمكەنت يېنىدىكى ھازىرقى سايرام) قاتارلىق جايلارنى باشقۇردى. بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىسلام تارىخلىرىدا «ئېلىك خان» نى كۆپىنچە بىر پادىشاھنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىپ، ئۇ باشقۇرغان دۆلەت «ئېلىك خانلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان. قاراخانىلار خانلىغىنىڭ شىمالدا ۋە غەرپتە قويغان ئېلىك خانلىرى ۋالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇلار قاراخانىلارغا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىلەر ئىدى. قاراخان ماۋرا ئۇننەھرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئۆلكىلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئېلى تېگىننى «ئېلىك خان» ئۇنۋانى بىلەن ئومۇمى ۋالى قىلىپ بەلگىلىدى.
1035 – يىلى، ماۋرا ئۇننەھردىكى ئېلىك خان ئېلى تېگىن ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى ناسىر ئىبنى ئېلى ماۋرا ئۇننەھرگە «ئېلىك خان» بولدى. ئۇ قاراخانىلار خانلىغىغا سادىق كىشى بولۇپ، قاراخانىالار ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچلەر بىلەن قەتئى كۆرەش قلىدى. ماۋرا ئۇننەھردە يۈز بەرگەن سالچۇقىلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش يولىدىكى ھەركىتىگە خاتىمە بېرىپ، قاراخانىلار ھاكىمىيىتىگە كېلىدىغان خەۋپنى تۆگەتتى.
مىلادىنىڭ 1039 – يىلى، ناسىر ئېلىك خان ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى ئىبراھىم سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخاننىڭ يارلىغى بىلەن ئېلىك خان بولدى. ئىبراھىم ئېلىك خان ئۇنۋانى بىلەن خىزمەتكە تەيىنلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنى «ئىمادۇد دۆلەتى» (دۆلەتنىڭ تۈۋرۈگى) دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆز ئورنىنى كۆتۈرمەكچى بولغاندا، قاراخانىالار تەرەپتىن ئىبراھىم ئېلىك خانغا «تامغاچ ئىبراھىم خان» (تامغا تۇتقۇچى ئىبراھىم خان) دىگەن ئۇنۋاننى بەردى.
تامغاچ ئىبراھىم خان مۇستەقىل (مۇخاتارىيەت خاراكتىردىكى) خان سۈپىتىدە ھوقۇق تۇتقان ئىدى. شۇڭا، 1041—1047 – يىللىرى بۇخارا، سەمەرقەنتلەردە تامغاچ ئىبراھىم خان نامىدا پۇل چىقىرىلدى، ماۋرا ئۇننەھردىكى فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى خاقانىيەدىكىگە ئوخشاش خېلى تەرەققى قىلدى. تامغاچ ئىبراھىم خان قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خوشنا ئەللەر بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇردى.
سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخان مىلادىنىڭ 1056 – يىلى ۋاپات بولدى.
مىلادىنىڭ 1061 – يىلى سالچۇقىلار سولتانى ئالپ ئارسلان خان تامغاچ ئىبراھىم خان بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ چېگرىسىغا ئەسكەر توپلىدى. تابغاچ ئىبراھىم خانمۇ ئاكتىپ مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن سەمەرقەنتتىن يۈرۈش قىلىپ، خارەزىم چېگرىسىغا ھەربىي كۈچ توپلىدى. ئالپ ئارسلان خان تامغاچ ئىبراھىم خاننىڭ زىمىنىگە تاجاۋۇز قىلدى. تامغاچ ئىبراھىم خان سالچۇقىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ باغدات خەلىپىلىگىگە ئەلچى ئەۋەتتى. بۇ چاغدا، باغدات خەلىپىلىگى بىتەرەپ بولۇپ، بۇ ئىككى ئوتتۇرىدىكى ئۇرۇشقا قول سالمىغان بولسىمۇ، لېكىن تامغاچ ئىبراھىم خاننىڭ ئەلچىلىرىگە دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ، تامغاچ ئىبراھىم خانغا «ئىززەلمۆمىن» (مۆمىنلەرنىڭ ئەزىزى) دىگەن ئۇنۋاننى بېرىپ ئەلچىلەرنى قايتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن خارەزىم چېگرىسىدا قاتىق ئۇرۇش باشلاندى. تامغاچ ئىبراھىم خان 1068 – يىلىدىكى ئۇرۇشتا ۋاپات بولدى، قاراخانىلارنىڭ قوشۇنلىرى چېكىندى. قاراخانىلار قوشۇنلىرىنى سەل تەرتىپكە سېلىۋالغاندىن كېيىن، سولتان ئالپ ئارسلان خان بىلەن يەنە قاتتىق جەڭ قىلدى. بۇ جەڭدە ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم چىقىم بولدى. ئالپ ئارسلان خان قاراخانىلارنىڭ چېگرا مۇداپىئە قۇماندانى يۈسۈپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئىسلام ھۆكۈمدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىدى. ئەمما، سالچۇقىلار قاراخانىالارغا قاراشلىق ماۋرا ئۇننەھرگە ىقارىتا پاراكەندىچىلىگىنى توختاتمىدى.
تامغاچ ئىبراھىم خاننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى شەمسىۇلمۇلۇك ئولتۇردى. تامغاچ شەمسىۇلمۇلۇك خان ماۋرا ئۇننەھرنىڭ زىمىن پۈتۈنلۈگىنى قوغداش ئۈچۈن، سالچۇقىلار بىلەن بولغان كۆرەشنى داۋاملاشتۇردى، مۇشۇ جەرياندا تېرمىزنى ئىشغال قىلىپ، بەلخقە قەدەر قىستاپ كەلدى. بەلخ ھاكىمى ئاياز (سولتان ئالىپ ئارسلان خاننىڭ ئوغلى) شەھەرنى بوشىتىپ چېكىندى. ئۇ تىرمىزغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئاخىر مەغلۇپ بولدى. شەمسىۇلمۇلۇك بۇخارانى غەربىي ئېلىك خانلىغىنىڭ پايتەختى قىلدى.
1080 – يىلى، شەمسىۇلمۇلۇك ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا قېرىندىشى خىزىر ئېلىك خان بولۇپ ئولتۇردى. ئىسلام تارىخى ۋە ياۋروپا تارىخلىرىدا بۇ ئېلىك خاننىڭ ھاكىمىيەت دەۋرى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا ماتىرىيال كەمچىل. ئەمما 12 – ئەسىردە يېزىلغان «بۇخارا تارىخى» دىگەن كىتاپنىڭ مۇئەللىپى نىزام ئارۇدى: «خىزىرنىڭ خانلىق دەۋرىدە بىر قەدەر تىنچلىق ئورنىتىلدى. خانلىق دائىرىسىدە ئىقتىساد، مەدەنيەت تەرەققى قىلدى. مەدەنيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئەدەبىيات – سەنئەت راۋاجلىنىپ، ئەدىپلەر كۆپلەپ يېتىشتى. خان شائىرلارنى بارلىق ئىمكانىيەت بىلەن قوللاپ، ئۇلارنى يېزىشقا رىغبەتلەندۈردى. شائىرلارنىڭ شېئىر ئوقۇش مۇراسىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ياخشى ماھارەت كۆرسەتكەن شائىرغا ھەر بىرسىدە 250 تىن دىنار قويۇلغان 4 پەتنۇس ئالتۇن تەقدىم قىلىنغان» دەپ يازغان.
خىزىر خاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى تامغاچ ئەخمەت خانلىققا ئولتۇردى. تامغاچ ئەخمەت زامانىسىدا خانلىقنىڭ غەربىدە شىئە ھەركىتى ئۇلغىيىپ، شىئەلەر بىلەن تامغاچ ئەخمەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش كەسكىنلىشىپ كەتتى.
1089 – يىلى، سالچۇقىلار سولتانى مەلىكشاھ قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئېلىك خانلىغىنىڭ پايتەختى بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى ۋە بۇ يەرنى بېسىۋالدى. ئۇلارنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى غەلىبىسى ئۇلارنىڭ نەپسىنى تېخىمۇ زورايتىۋەتتى. سالچۇقىلار داۋاملىق ئىلگىرىلەپ سەمەرقەنت، ئۆزكەنت قاتارلىق جايلارنى قورشىۋالدى. قاراخانىلار سالچۇقىلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئوتتۇرىدا توختام تۈزۈلۈپ ئۇرۇش توختىدى. سالچۇقىلار ئۆزلىرى بېسىۋالغان قاراخانىلارنىڭ زىمىنى ئاران 5 يىل تۇتۇپ تۇرالىدى. مەلىكشاھ 1092 – يىلى ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن مەھمۇت بىلەن بەگيارۇق ئارىسىدا سولتانلىق تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان تامغاچ ئەخمەت خان سالچۇقىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. ھىجىرىيىنىڭ 488 – يىلى، مىلادىنىڭ 1095 – يىلى، تامغاچ ئەخمەت خان ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا خان ئائىلىسىدىن سۇلايمان تېگىن، مەھمۇت تېگىن، ھارۇن تېگىنلەر نۆۋەت بىلەن تەختتە ئولتۇردى. مەھمۇت تېگىن مىلادىنىڭ 1097 – يىلى ۋاپات بولدى. قالغان خانلارنىڭ خانلىق دەۋرى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەردە ئېنىق ماتىرىيال يوق.
ھەسەن ئارسلان بوغرا قاراخان مىلادىنىڭ 1103 – يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى تامغاچ ئەھمەت ئىبنى ھەسەن 1105 – يىلى قاراخان بولدى. بۇ دەۋردە قاراخانىالارنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى تەرەققى قىلغان بولۇپ، خوشنا ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە سودا ئىشلىرىنى يولغا قويدى. بولۇپمۇ باغدات خەلىپىلىگى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەت تېخىمۇ راۋاجلاندى. 1105 – ىيلى، قاراخانىلار مەھمۇت ئىبنى ئابدۇجەلىل قەشقەرى ناملىق بىر كىشىنى ۋەكىل سۈپىتىدە باغدات خەلىپىلىگى مۇستەزىزبىللاھ ھوزۇرىغا ئەۋەتىپ دوستانە مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۇچەيتتى.
ئىسلام تارىخى مەنبەلىرىدە: «قاراخانىلار خانى ئەھمەت ئىبنى ھەسەن مىلادىنىڭ 1128 – يىلى قەشقەردىن بىر كۈنلۈك يىراقتا قارا خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى. ئەھمەت قاراخان قارا خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا شىددەتلىك زەربە بېرىپ، ئۇلارنى چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قارا خىتايلارنىڭ پاراكەندىچىلىگى توختىمىدى» دىيىلىدۇ. ئەھمەت قاراخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەت بۇغرا قاراخان قەشقەردە خانلىق تەختتە ئولتۇردى.
1129 – يىلى، قارا خىتايلار قاراخانىلارغا ئومۇمى يۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى. غەرپتە تامغاچ مەھمۇتخان سالچۇقىلارنىڭ سولتانى سەنجەرنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كىلىۋاتاتتى.
قاراخانىلارغا قاراشلىق سەمەرقەنتتە ۋەكىل سۈپىتىدە تۇرۇشلۇق خانلار غەربىي ئېلىك خان دىيىلەتتى. غەربىي ئېلىك خان تەۋەلىگىدىكى يەتتە سۇ قاتارلىق جايلاردا يەنە بۇغرا تېگىن، ئارسلان تېگىن ئۇنۋانىدىكى ئەمەلدارلار خىزمەتكە قويۇلاتتى.
3. 2 چوڭ سىستېما ئاستىدا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن توغرۇل، ئىبناغ بەك، ساغۇن (كول ساغۇن)، ئېركە (كول ئېركىن)، ئوگە، چوغۇر دەپ ئاتىلىدىغان ئەمەلدارلارمۇ بولغان.
قاراخانىلاردا ئالى ھۆكۈمران گوروھىدىن باشقا، ئۇردا ۋەزىرلەر گوروھى بار ئىدى. بۇ گوروھ 3 كىشىدىن يەنى تۇكسۇن، يابغۇ، يوغۇرۇش – ھاجىپ نامىدىكى ۋەزىرلەردىن تەركىپ تاپاتتى. ۋەزىرلەر ئاستىدا ئوردا مەھكىمە مەسلىھەتچىلىرى، كاتىپ، تايىنغۇر، ئىلىمكە، سۇ بېشى ياكى مايىلباش (ئارمىيە قوماندانى) بار ئىدى.
4. بۇلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئەمەلدارلار تابغۇچى (مالىيە – غەزنە ئەمەلدارلىرى)، ئىدىشچى (چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلار)، ئامبارچى، سېتىقچى (سودا – تىجارەتنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار)، يالۋاچ (ئەلچى)، ئاشچى (ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا مەسئۇل ئەمەلدار) دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلاتتى.
قاراخانىلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، يەنە يېڭى مەنسەپ ناملىرى، مەسىلەن، شەيخۇل ئىسلام، ئۇنىڭ ئاستىدا مۇپتى (تەتقىق قىلىپ پەتىۋا چىقارغۇچى)، قازى (سوتچى) قاتارلىق مەنسەپلەر يېڭىدىن قوشۇلدى.
5. قاراخانىلارنىڭ خانلىغىغا بىۋاستە قاراشلىق يەرلىك خانلارمۇ بولۇپ، ئۇلار ئۆز دائىرىسىنى باشقۇراتتى. ئۇلار قاراخانىلارغا بوي سۇنغان بىلەن يەنىلا مۇستەقىل ھالدا ئىش بېجىرەتتى، يەرلىك ئورۇنلارغا بەگ، ئەمىرلەرنى، ئاساسىي قاتلامغا يېزا ئاقساقىلى، ياردەمچى ئاقساقال قوياتتى. ئۇلار يەرلىك ئورۇنلارغا خاس تۈزۈم، ئىنتىزاملارنى تۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى، ئۇنىڭغا قاراخانىلار ئارىلاشمايتتى. مەسىلەن، خوتەن خانى قىلىچخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قىلىچ ئۇنۋانىدىكى يەرلىك خان بولۇپ، خوتەننى ئۆزى باشقۇرغان.
يەرلىك خانلار ئۆز ئالدىغا ئەسكەر تۇتۇش، مالىيە – ئىقتىسادنى باشقۇرۇش، پۇل چىقىرىش، كەمچەن بېكىتىش، خوشنا ئەللەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ چوڭ ئىشلاردا خاننى خەۋەردار قىلىش، خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش، مەلۇم مىقداردا باج – سېلىق تۆلەش، قاراخاننىڭ بۇيرۇغى بويىچە يەرلىكتىن ئەسكەر چىقىرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى.
قاراخانىلار خاندانلىغى دەۋرىدە مەركەزدىن يىراق جايلاردىكى ئېلىك خان ۋە مۇستەقىل يەرلىك خانلار ئوتتۇرىسىدا چاپارمەنلەر يۈرۈپ تۇراتتى، قارغۇلار⑩ بار ئىدى. قارغۇلاردا تۇرغان قاراۋۇللار كېچىسى ئوت يېقىش، كۈندۈزى بايراق (بىر پارچە ھال رەڭ يىپەك رەختتىن قىلىنغان بايراق بولۇپ، جەڭ ۋاقتىدا قوللىنىلاتتى) لەپىلدىتىش بىلەن مەركەزگە ئالاقە يوللاش ئىشلىرىنى قىلاتتى. قارغۇ دەپ ئاتىلىدىغان پوتەيلەرنىڭ خارابىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھېلىمۇ ساقلانماقتا.
ب. پەخرى ئۇنۋانلار
قاراخانىلار دەۋرىدە تۈرك ئۇنۋانلىرى قوللىنىلغان، ئۇمۇ ئۆزگىرىپ تۇراتتى. قاراخانىلار خاندانلىغىدا تۆۋەندىكىدە ئۇنۋانلار بولغان:
1. قاراخانىلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن تونۇلغان ياكى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن خانلىرىغا «بۇغرا خان ياكى بۇغرا قاراخان»، ياكى «تونگاخان» دىگەن ئۇنۋانلار بېرىلەتتى،
2. قاراخانىلار مەركىزىنى كۈچەيتىشتە خىزمەت كۆرسەتكەن ياكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدىنى ئىشلاردا كۈچ قوشقان ۋە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە «قادىرخان» (قابىلىيەتلىك، لايەقەتلىك، تەسىرلىك دىگەن مەنىدە) ئۇنۋانى بېرىلەتتى.
3. ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە «قىلىچ خان سوكمەن» (جەڭدە سەپنى بۇزغۇچى باتۇر) ئۇنۋانى ۋە «تونگا تېگىن»، «ئالپ تېگىن»، «ياغان تېگىن» ئۇنۋانلىرى بېرىلەتتى.
4. نەتىجە ياراتقان، تۆھپىسى بارلارغا «كول بېلىگخان» ئۇنۋانى بېرىلەتتى.
5. قاراخانىلار ۋەزىرلىرىدىن خىزمەت كۆرسەتكەن، تۆھپە ياراتقانلىرىغا «باش ھاجىپ» دىگەن ئۇنۋان بېرىلەتتى.
6. قاراخانىلار دەۋرىدە سۆز تۈزىگۈچى يەنى شائىرلار ۋە ئەمچىلەر يەنى تىۋىپلەرنىڭ تۆھپىسىگە قاراپ يۇقۇرى باھادا قەلەم ھەققى بېرىش، مۇكاپاتلاش تۈزۈملىرى بولغان (بىز بۇنى يۇقۇرىدا كۆرسىتىپ ئۆتتۇق).
قاراخانىلار دەۋرىدىكى ھاكىمىيەت تەشكىلىدە كۆرسىتىلگەن ھەر خىل ۋەزىپە ئۆتىگۈچى ئەمەلدارلارنىڭ خىزمىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە خىزمەتكە بەلگىلەشتىكى لاياقەت قاتارلىق مەسىلىلەردە بەلگىلىك شەرت ۋە ئۆلچەم بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» نامىلىق ئەسىرىدە بۇ مەسىلىنى مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
«<سۇ بېشى>(ھەربى قوماندان) قانداق بولۇشى كېرەك؟
سۇ بېشى – دۈشمەننى كۆرۈپ چۇچۇپ كەتمەسلىگى، تىز پۈكمەيدىغان بولۇشى، بېشىدىن قەھرىمانلىق سەرگۈزەشتلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولۇشى ۋە جەسۇر بولۇشى كېرەك. سۇ بېشى بولغان كىشى قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولۇشى، دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشى لازىم. سۇ بېشى ئۆزىگە پەقەت بىر ئات، كىيىم – كېچەك، قورال – ياراق قالدۇرۇشى لازىم. ئوغلۇم، قىزىم، خوتۇنۇم، دەپ، مال – مۆلۈك توپلىماسلىغى، سۈيۈم، بېغىم دەپ كۈمۈش توپلىماسلىغى كېرەك؛ قوماندان ئۆزى جەسۇر بولسۇنكى، ئەسكەرلەر ئۇنىڭدىن جاسارەت ئالسۇن، قوماندان جەسۇر بولسا، پۈتۈن ئارمىيە جەسۇر بولىدۇ. باش قوماندان ئۈچۈن مۇنداق تۆت پەزىلەت كېرەك: توغرا سۆزلۈك، جاسارەتلىك، مەرتلىك، ھىلە بىلمەك كېرەك».
«يالۋاچ (ئەلچى) بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدا چوڭقۇر بىلىم بولۇشى كېرەك. ئىنسانلار ئارىسىدا كۆپ ماھارەت بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولۇشى، تۈرلۈك تىل – يېزىقلارنى بىلىشى، ھەر خل پەندىن خەۋەردار بولۇشى، ھەتتا ئىلمىي نۇجۇم، تىۋىپلىق ۋە شاخمات، چەۋگەن (ئات ئۈستىدە ئوينايدىغان توپ ئويۇنى) قاتارلىق ئويۇنلارنى بىلىشى، ئوقيا ئېتىش، قارىغا ئېلىشنى بىلىشى كېرەك».
س. قاراخانىلار دەۋرىدىكى ھەربىي قوشۇن
قاراخانىلارنىڭ مۇنتىزىم ھەربى قوشۇنى بولۇپ، قۇماندان «سۇ بېشى»، ئەسكەر «سۇ» دەپ ئاتىلاتتى. قاراخانىلار ھەربى مەجبۇرىيەت قانۇنىنى يولغا قويغان، ئۇلار ئۆزىگە قاراشلىق جايلاردىكى خەلقتىن قانۇن بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلاتتى.
قاراخانىلار دەۋرىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىملىگى، سانلىرى ۋە ئۇلارغا بېرىلىدىغان تەمىناتلارنى ئېنىق يېزىپ تۇرىدىغان دەپتەرنى «ئاي بېتىك» دەپ ئاتايتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئەسكەرلەر تاسادىپى يىغىلىپ قالغان كىشىلەر توپى بولماستىن، بەلكى ھەربى تەرتىپ بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇنتىزىم قوشۇن ئىدى.
ھەتتا قاراخانىلار دەۋرىدە، ھەربى قوشۇندا «ئىم»⑪ دەپ ئاتىلىدىغان مەخپى بەلگە (پارول) قوللىنىلاتتى. قاراخانىلارنىڭ ھەربى قوشۇنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنەتتى:
1. ئاقىنچى قىسىم يەنى ھۇجۇمچى قىسىم.
2. تۇتقاق قىسىم يەنى كېچىسى دۈشمەن قاراۋۇلىنى تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېلىدىغان ئاتلىق قىسىم.
3. ئەسكەرلەر ئىچىدە دۈشمەن ھۇجۇمىدىن ساقلىنىدىغان مەخسۇس قىسىم.
قاراخانىلار ھەربى قوشۇنىنىڭ مەخسۇس بايرىغى بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 9 دانە ھال رەڭ بايراق قوللىنىلغان. بۇ قاراخانىلارنىڭ قەدىمقى 9 تۇغلۇق قئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئىدى (قەدىمقى ئۇيغۇرلار 9 نى مۇقەددەس دەپ بىلەتتى. ھازىرمۇ 9 تازىم، 9 خون دىگەن سۆزلەر بار). يەرلىك خانلار بايراقنى 9 دىن ئاز قوللىناتتى. قاراخانىلارنىڭ ھەربى قوشۇنىدا سىگنال ئورنىدا سۇناي، ناغرا – دۇمباق ئىشلىتىلەتتى.

(داۋامى بار)
[ بۇ يازما kokbora7411 تەرىپىدىن 2008-10-03 01:19 دە ]
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: مىڭ بېشى
UIDنومۇرى: 1522
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 480
شۆھرىتى: 828 نومۇر
پۇلى: 13025 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-02-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-04 11:37
    بۇ ئەسەرنى نادىر تىمىلار قاتارىغا كىرگۈزىشىڭلارنى سورايمەن. ئەسەر سۈپەت ۋە ئىلمى قىممەت جەھەتتىن نادىر تىمىلاردىن تۆۋەن ئەمەس.
ئەركەم تورى
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UIDنومۇرى: 1797
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 355
شۆھرىتى: 533 نومۇر
پۇلى: 3575 سوم
تۆھپىسى: 2 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 538(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-05 01:29
qoute
10 - قەۋەتتىكى barhan 2008-10-04 11:37 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
    بۇ ئەسەرنى نادىر تىمىلار قاتارىغا كىرگۈزىشىڭلارنى سورايمەن. ئەسەر سۈپەت ۋە ئىلمى قىممەت جەھەتتىن نادىر تىمىلاردىن تۆۋەن ئەمەس.

بۇنى ئەلۋەتتە نادىر تېمىلار قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بۇلىدۇ. تەستىقلاشتىن بۇرۇنمۇ شۇ ئويدا ئىدىم. لېكىن ئەسەر يوللىغۇچىنىڭ يوللاش سۈرئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋاختىنچە نادىرلانمىدى. ئەسەرنىڭ يوللىنىش سۈرئىتى تېز بولسا، ئەلۋەتتە نادىرلايمىز. بۇ سۆزنىڭ بۇنداق ئوتتۇرغا قۇيۇلىشىدىكى سەۋەپ: مۇنبىرىمىزدە يوللانغان بىر قىسىم يوللانمىلارنى ئۇنىڭ ئەھمىيىتىگە قاراپلا نادىرلاپ قويغان ئىدۇق. لىكىن ئۇ يوللانمىلارنىڭ داۋامى پۈتمىدى ياكى ۋاختى بەك سۈرۈلۈپ كەتتى.
ئەركەم تورى
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1202
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 55
شۆھرىتى: 65 نومۇر
پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-05 13:04
بۇ ئەسەر يەنە 2 ئايدىن كېيىن پۈتۈنلەي يوللىنىپ بولىدۇ. چۈنكى مەن بۈگۈن ئىشقا كىتىمەن يەنە 2 ئايدىن كېيىن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن ھەممىنى بىراقلا يوللاپ بولىمەن!!!
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: مىڭ بېشى
UIDنومۇرى: 1522
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 480
شۆھرىتى: 828 نومۇر
پۇلى: 13025 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-02-26
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-05 19:00
kokbora7411ئەپەندى !  باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى بولۇپمۇ << ئۇرخۇن>>دىكى قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويماي، بالدۇرراق تاماملىشىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن ساقلايمىز...
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1202
جەۋھەر يازمىسى: 1
يوللىغان يازمىسى: 55
شۆھرىتى: 65 نومۇر
پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-07
14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-12-08 10:08
(داۋامى)
5— بۆلۈم قاراخانىلارنىڭ ئىقتىسادى
1.    فېئوداللىق مۇناسىۋەتلەر
ئۇيغۇرلار تارىخىدا قاراخانىلار خانلىغىدەك بۈيۈك خاندانلىقنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىگى ئۇيغۇرلاردا فېئوداللىق ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتىرىلگەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ: (1) ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن؛ (2) ماۋرا ئۇننەھر، ئىلى، تارىم، قەشقەر، خوتەن ۋادىلىرىدا ئىگىلىك داۋامىلىق تەرەققى قىلغان؛ (3) ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمران قاتلىمى خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ قۇدرىتىدىن تەپ تارتىپ، سىياسى جەھەتتە بەك ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشكە پېتىنالمغان؛ (4) قاراخانىلار ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىگەن. مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قاراخانىلار جەمىيىتى ئۇزاق مۇددەتكىچە ئەمىنلىك ئىچىدە تەرەققىي قىلدى.
قاراخانىلار ئىقتىسادىنىڭ گۈللەپ – ياشنىغانلىغى، ئاساسەن، دىخانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ روناق تاپقانلىغى ۋە سودا – سېتىقنىڭ گۈللەنگەنلىگىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرى ئىجتىمائى بايلىقنى زور مىقداردا ئىستىمال قىلغانلىقتىن (مەسىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەيش – ئىشرىتى ئۈچۈن سەرپ قىلغانلىغى، كەينى – كەينىدىن غازات ئۇرۇشلىرى ۋە زىمىن كېڭەيتىش ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغانلىغى)، دىخانلار ئېغىر ئېكىسپالاتاتسىيىگە ئۇچرىدى. يېزا ئىگىلىگى – فېئودالزىمىنىڭ ئاساسى. قاراخانىلار دەۋرى فېئوداللىق جەمىيەتنىڭ يۇقۇرى باسقۇچى ئىدى. مۇشۇ دەۋردە جەمىيەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلىپ، فېئوداللىق مۇناسىۋەتلەردە چوڭ ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. 10 – ۋە 13 – ئەسىرلەردە يېزىلغان تارىخىي ۋە گېئوگرافىيىلىك ئەسەرلەردە قاراخانىلارنىڭ ئىگىلىگىگە ئائىت ماتىرىياللار ناھايىتى كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن ئەسىرىدىكى مەنبەلەردىن قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر ئىنتايىن قىممەتلىك جاۋاپلارنى تاپالايمىز. ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەسىرىدە قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت تەشكىلى ۋە جەمىيەتتكى تەبىقىلەر، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئۆز دەۋرىدىكى ئەھۋاللار تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلارنىڭ ئىگىلىگىنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، قاراخانىلار تېرىتورىيىسىدە ياشىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خالقلەرنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى، روھىي قىياپىتى، دۇنيا قاراشلىرى، ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى يەكۈنلەپ، سېستىمىلىق بايان قىلغان. ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىدە قاراخانىلار جەمىيىتىدىكى تەبىقە ۋە سىنىپلارنى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ئېچىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، جەمىيەت بايلىغىنى ياراتقۇچىلارغا ئۆز دەۋرىگە لايىق ئىلغار باھا بەردى. قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ئاساسى بولغان دىخانلارنى چارۋىچىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ، ئۇلارنى شەھەر ھاياتىنىڭ ماددى بايلىغىنى ياراتقۇچىلار دەپ قارىدى. قاراخانىلار دەۋرىدىكى يەر تۈزۈمىدە بىر نەچچە خىل ئىگىلىكنىڭ بارلىغىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى خىلى، دىۋان يېرى (دۆلەت يېرى) بولۇپ، بۇ قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنغان يەرلەر ئىدى. بۇ يەرلەر ئاغدۇرۇلغان خانلارنىڭ يەرلىرى، خان جەمەتلىرى، ۋەزىر ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئىگەللىگەن يەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 999 – يىلى، ناسىر ئېلىك ئارسلان خان سامانىلارنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئىگەللەپ، سامانىلار خانلىغىغا خاتىمە بەردى. مۇشۇ ۋاقىتتا سامانىلار خانلىغىنىڭ يەرلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، قاراخانىلارنىڭ دىۋان يېرىگە ئايلاندۇرۇلغان.
ئىككىنچى خىلى، يەر ئىگىلىرى ۋە دىخانلار ھەدىيە قىلغان يەرلەر بولۇپ، كېيىن بۇ يەرلەر «ۋەخپە يەر» دەپ ئاتالدى. بۇ خىلدىكى يەرلەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىدا، قەشقەردە ئىسلام دىنى ئومۇملاشقاندىن كېيىن مەيدانغا كەلدى. قاراخانىلار ھاكىمىيىتى دەۋرىدە، ئىسلام مەدرىسلىرىگە، مەسچىتلەرگە ھەدىيە قىلىنغان نۇرغۇنلىغان يەرلەر بولۇپ، بۇ يەرلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەدرىس، مەسچىت، ئادەتتىكى دىنىي مەكتەپلەرنىڭ مۆتىۋەللىلىرىنىڭ قولىدا بولاتتى. بۇ يەرلەر ۋەخپە يەرلەر دەپ ئاتىلاتتى.
ئۈچىنچى خىلى، فېئوداللار، خانزادىلەرنىڭ مۈلكى يەرلىرى بولۇپ، فېئوداللار (پومىششىكلار) ئۆز نامىدىكى مۈلكى يەرلەرنى ئۆزى تېرىماستىن، دىخانلارغا ئىجارىگە بېرىش يولى بىلەن تېرىتقۇزاتتى.
تۆتىنچى خىلى، دىخانلارنىڭ ئۆزى تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرلەر بولۇپ، بۇ خىلدىكى يەرلەرنى دىخانلار ئۆزلىرى تېرىيتتى.
بەشىنچى خىلى، يېزا جامائەسىنىڭ يەرلىرى بولۇپ، بۇ خىل يەرلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش شەكلى «ئىكتا» دەپ ئاتىلاتتى. نىزامۇلمۇلۇك «سىياسەتنامە» دىگەن ئەسىرىدە «ئىكتا» نى ۋاقتىنچە بېرىلىدىغان ئىنئام يەر سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن؛ دۆلەت غەزنىسىگە چۈشىدىغان دارامەتنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ خىلدىكى «ئىكتا» دىن كېلىدىغانلىغىنى ئېيتقان. نىزامۇلمۇلۇك «سىياسەتنامە» نىڭ بىر بابىنى «ئىكتا» غا بېغىشلاپ، بۇ باپقا «ئىكتا» دەپ نام قويغان. «ئىكتا» پارىسچە سۆز بولۇپ، «ئىگىسى» دىگەن مەنىنى بېرىدۇ. «ئىكتا» نامىدىكى يەرنى تېرىغان دىخان بەج شەكلى بىلەن سېلىق تۆلەيتتى، يەنى «ئىكتا» يەرنى تېرىغان دىخاندىن مەھسۇلاتنىڭ بىر قىسمىنى سېلىق سۈپىتىدە تۆلىتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.
8 –، 9 – ئەسرلەرگە ئائىت بىر قانچە پاكىتتىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ دەۋردە ھاكىملارغا، ھەربى باشلىقلارغا ۋە ئەمەلدارلار، خادىملارغا «ئىكتا» شەكلىدە ئىنئام يەر بېرىش يولغا قويۇلغان. كېيىن بۇ خىلدىكى «ئىكتا» يەرلەر ساراي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇئاشى ئۈچۈن ۋە ھەربى خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئىنئام سۈپىتىدە بېرىلىدىغان بولغان. بۇ خىل شەكىل سامانىلار دەۋرىدىن كېيىن قاراخانىلار دەۋرىدە ئومۇمى يۈزلۈك ساقلانغان. سەمەرقەنتتىكى ئېلىك خان ئېلى تېگىن ۋاقتىدىمۇ «ئىكتا» بېرىش شەكلى قوللىنىلغان. كېيىنكى دەۋرلەردە «ئىكتا» ۋاقتىنچە ئىنئامدىن مۇددەتسىز ئىنئامغا، مۇددەتسىز ئىنئامدىن مىراسقا ئايلانغان. شۇنداق قىلىپ، سامانىلار دۆلىتىدە فېئودال يەر مۈلۈكچىلىگىنىڭ كونا قالدۇقلىرى بىلەن يېڭى شەكلىمۇ پەيدا بولدى ۋە تېز راۋاجلاندى. بۇ فېئوداللىق يەر مۇلۇكچىلىگى قاراخانىلار دەۋرىدە ئاساسىي شەكىل بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ قاراخانىلار دەۋرىدە بىر قانچە كۆچمەن قەبىلىلەر يېزا – كەنتلەرگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىدا تۇپ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بۇ ۋاقتتتا يەرلەرنى ئىجارىگە ئالغۇچىلار، دىخانلار كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلدى.
11 – ئەسىردىكى تارىخىي مەنبەلەردە يەرنى ئىجارىگە ئالغۇچىلار «ئىجارىكەش» نامى بىلەن ئاتالدى. بۇ ھەقتە نىزامۇلمۇلۇك ئۆزىنىڭ «سىياسەتنامە» دىگەن ئەسىرىدە قىممەتلىك مەلۇمات بەرگەن. ئۇ «سىياسەتنامە» دىگەن ئەسىرىنىڭ «ئىكتا» غا بېغىشلانغان بابىدا، شۇ دەۋردە ئىسىلزادىلەردىن بولغان بىر خوتۇن ھەققىدە ھىكايە قىلىپ مۇنداق دىگەن: «ئېرى ۋ ە باللىرىدىن ئايرىلغان بۇ خوتۇن ئۆز يېزىسىدا يالغۇز قالدى. ئۇ ئۆزىگە قاراشلىق يەرنى ئۆز كۈچى بىلەن تېرىيالمىغاچقا، ئۇنى ئىجارىكەشكە ئىجارىگە بەرگەن. ئېلىنغان ھوسۇلنى 3 كە بۆلگەن: بىر قىسمىنى دۆلەتكە، ئىككى قىسمىنى ئىجارىكەشكە بەرگەن، قالغان قىسمىنى ئۆزى تېرىشقا ئېلىپ قالغان» بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، شۇ دەۋردە يېرى ئاز دىخانلارلا ئەمەس، ھەتتا پۈتۈنلەي يەرسىز دىخانلارمۇ يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ تېرىغان.
قاراخانىلار دەۋرىدە فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئىقتىساتنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ بىلەن شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدا، دىخانچىلىق رايونلىرى بىلەن چارۋىچىلىق رايونلىرى ئوتتۇرىسىدا تاۋار ئالماشتۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، سودا تەرەققى قىلدى.
2.    يېزا ئىگىلىگى
تارىم، قەشقەر ۋادىلىرىنىڭ ئىقلىمى تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلىماتىغا مەنسۇپ. يانۋار ئېيىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتورا تەخمىنەن 0 دىن تۆۋەن 10 گىرادۇس بولسا، ئىيۇل ئېيىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا تەخمىنەن 0 دىن يۇقۇرى 35 گىرادۇس بولىدۇ؛ يىللىق ھۆل – يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 50 م م ئەتراپىدا بولىدۇ؛ قىش پەسلىدە ئوتتۇرىچە 20 س م قېلىنلىقتا قار ياغىدۇ، ئېرىش پەسلىدە تەخمىنەن 30 كۈن ئۆپچۇرىسىدە ئېرىپ بولالايدۇ. يامغۇر ئاساسەن باش كۈز پەسلىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ياز پەسلىدىكى ھۆل – يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 10 م م ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ قىروسىز مەزگىلى تەخمىنەن 210 كۈن ئۆپچۆرىسىدە بولغانلىقتىن، كېۋەز، بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئاساسىي زىرائەتلەرنى يېرىشقا ئەپلىك، بۇ جاينىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى تەخمىنەن 0 دىن يۇقۇرى 10 گىرادۇس ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ھەر يىلى تەخمىنەن 10 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۆپچۆرىسىدە دەسلەپكى قىرو چۈشىدۇ. يىل بۇيى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 25 كۈن ئۆپچۆرىسىدە 8 بالدىن يۇقۇرى غەربىي شىمال شامىلى ۋە غەربىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ. تىيانشان، كوئېنلون تاغ تىزمىلىرىدا يىل بۇيى ئېرىمەيدىغان قار – مۇزلار بۇ ۋادىلارنى تۈگىمەس – پۈتمەس سۇ مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا، قاراخانىلار مانا مۇشۇنداق ئەپلىك تەبىئىي شارائىتلارغا ئىگە بولغانلىقتىن، يېزا ئىگىلىكى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى.
قاراخانىلار دەۋرىدە ئېرىق – ئۆستەڭلەر ئارقىلىق سۇغىرىش يولغا قۇيۇلدى. ھەتتا سۇ چىقمايدىغان يەرلەر تاغلارنى تېشىپ سۇ ئۆتكۈزۈش، كارىز سۈيىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق سۇغىرىلغان. «تۈركى تىللار دىۋانى» دا دىخانچىلىقتا تۇپراقنى ياخشىلاش، يەر شورلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇغدايغا چۈشىدىغان «پىت» نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئوخشاش تېخنىكا يېڭىلاش ئىشلىرى قىلىنغانلىغى كۆرسىتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زەرەپشان، تاشكەنتلەردە دىخانچىلىق سۇغىرىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان.
تارىم بوستانلىغىدا ۋە ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ئاساسىي ۋىلايەتلىرىدە، بولۇپمۇ زەرەپشان، قەشقەر ۋادىسىدا دىخانلار بۇغداي، قوناق، ئارپا، زىغىر، شال، تېرىق، پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيتتى. بۇ جايلاردا ئومۇمى يۈزلۈك سۇ تۈگمەنلىرىمۇ مەيدانغا كەلدى. ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كېۋەز، كەندىر، زىغىر، كۇنجۇت قاتارلىقلار تېرىلاتتى. كېۋەزنىڭ كۆپ تېرىلىشى ئارقىسىدا، چىگىتتىن ياغ چىقىرىلىدىغان جۇۋازلارمۇ راۋاجلاندى. زەرەپشان ۋادىسى، تارىم بوستانلىغى ۋە تۇرپان ۋادىسى چوڭ كىۋەزچىلىك رايونى ئىدى. ئارخىئولوگىيىلىك ماتېرياللارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تارىم ئويمانلىغىدا ۋە زەرەپشان ۋادىسىدا مىلادىدىن ئىلگىرىلا كىۋەز تېرىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى پاختىدىن ھەر خىل رەختلەرنى توقۇغان. تۇقۇمىچىلىق راۋاجلىنىپ پاختا، كەندىر، يىپەك ۋە يۇڭدىن ئارىلاشما رەخت «ماشروپ» نى توقۇغان، رەخت ئۈستىگە ھەر خىل چىرايلىق گۈللەرنى باسقان. بۇ پاكىتلار ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ۋە ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ئاساسىي ۋىلايەتلىرىدە پاختا توقۇمىچىلىق ھۆنەرۋەنچىلىگىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدا، بولۇپمۇ دىخانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا – قىشلاقلار بىلەن كۆچمەنلەر ئارىسىدا تاۋار ئالماشتۇرۇش يولغا قۇيۇلۇپ، سودا تەرەققى قىلدى. كارۋان سودىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن ھۆنەر – سەنئەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئاساس سېلىندى. 14 – ئەسىردە ئۆتكەن ئىتالىيىلىك مەشھۇر سەيياھ مارك پولۇ: «قەشقەر رايونىدا ۋە ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى دىخانچىلىق رايونلىرىدا گۈزەل باغلار، ئۈزۈمزارلىقلار ۋە كەڭ تېرىلغۇ يەرلەر بولۇپ، بۇ يەرلەردە كىۋەز ئۆستىرىلەتتى» دەپ يازغان.
بۇ دەۋرلەردە غەربىي رايۇندا باغۋەنچىلىكمۇ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ، خىلمۇ – خىل مىۋىلىك دەرەخلەر يېتىشتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن ئۈرۈك، شاپتۇل، ئەنجۈر، ئانار، ئۈزۈم، ئالما، ئامۇت، ياڭاق، بىھى، نەشپۇت، جىنەستە، پىستە، بادام، تاۋۇز ۋە ھەر خىل شىرىن ئالمىلار، تۈرلۈك سورتتىكى قوغۇنلار داڭلىق ئىدى. ھەتتا لوپنۇرنىڭ جەنۇبىدىكى تۇپرىغى ئۆنۈمسىز بولغان جايلاردىمۇ ئۈزۈم كۆپلەپ ئۆستۈرۈلەتتى، ئۈزۈمدىن مۇسەللەس ئىشلەپچىقىرىلاتتى.
3.    قول ھۈنەرۋەنچىلىك
قاراخانىلار دەۋرىدە تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، قوغۇشۇن قاتارلىق مەدەن كانلىرىنى ئېچىش مەيدانغا كەلدى. كۇچا، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن بازارلىرىدا ئالتۇن، مىستىن ئىشلەنگەن ھەر خىل زىننەت بويۇملىرى ۋە ئۆي جاھازلىرى سېتىلاتتى. بۇ جايلاردا توقۇمىچىلىق (باپكالىق) ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولۇپ، بۇ جايلار ئۆزلىرىنىڭ شايى – ئەتلەس، بەقىسەم، بوز – ماتا، چەكمەن، زەردىۋال، پالاز، خورجۇن، جايناماز، گىلەم، كىگىز قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن داڭ چىقارغان، مەرۋايىت، ئېسىل تاشلاردىن ياسالغان نەپىس ئەسۋاپلارنى ۋە باشقا قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرىنى چەتكە چىقارغان. ئاتاقلىق جۇغراپىيون مۇقدۇسى ئۆز ئەسىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى شەھەرلەردىن سىرتقا چىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ تىزىملىگىنى تىلغا ئالغان. ماۋرا ئۇننەھردىكى خارەزىم، بۇخارادىن چەتكە قوي تېرىسى، گەزلىمە، جايناماز، گىلەم، ئىگەر – جابدۇق قاتارلىق تاۋارلار چىقىرىلغان. تارىخىي مەنبەلەر ۋە ئارگىولوگىيىلىك ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تارىم ئويمانلىغىدا يىپەكچىلىكنىڭ ئومۇملىشىش ۋاقتى مىلادىدىن 4 ئەسىر ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. خوتەن يىپەكچىلىگىنىڭ مەركىزى ئىدى.
خوتەننىڭ شايى، ئەتلەس، گىلەم، قاشتاش بويۇملىرى، قەشقەرنىڭ كۆن، خۇرۇملىرى، دورا – دەرمەك، ئەينەك بۇيۇملىرى، ئىران، رۇم، ھىندىستان، خارەزىم قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ بېرىلغان.
سودا – سېتىقنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن غەرپ ۋە شەرقتىكى ئەللەرگە بارىدىغان «كارۋان بۇيۇك» (يىپەك يولى) دا سودا كارۋانلىرىنى كۈتىۋالىدىغان ساراي، ئۆتەڭلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى. سودىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن پۇل مۇئامىلىسى راۋاجلاندى. قاراخانىلاردىن ساتۇق بۇغرا قاراخان، ھارۇن بۇغرا قاراخان، مۇسا بۇغرا قاراخان، يۈسۈپ قادىر قاراخان، سۇلايمان ئارسلان قاراخان، غەرپ خانلىرىدىن تامغاچ ئىبراھىم خان، شەمسىۇلمۇلۇك خان قاتارلىقلارنىڭ نامىدا ئالتۇن، كۆمۈش، مىس پۇللار چىقىرىلدى.
4.    بىناكارلىق
قاراخانىلار دەۋرىدە قەدىمقى ئاساستىكى بىناكارلىق، ئۆي – ئىمارەتلەرنى لايىھەلەش ئىشلىرى ناھايىتى تەرققى قىلدى. قاراخانىلارنىڭ ئوردا كەنت، ساراي، مەسچىت، جامە، مەدرىسلىرى ئەڭ كۆركەم، ئىنتايىن ھەشەمەتلىك سېلىنغان. قەدىمقى ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان نەققاش ئۆلگىلىرىنى شۇ دەۋردىكى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئۆلگىسى دىيىش مۇمكىن. ئوردا كەنت (خان سارىيى)، مەدرىسە، مەسچىت – جامەلەرنىڭ قۇببىلىرى، گۈمبەزلىرى ۋە مۇنارلىرىغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلەتتى، تاملىرى ھەر خىل رەڭدىكى كاھىشلاردىن سېلىناتتى.
تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قاراخانىلارنىڭ ئاتۇشتىكى تۇنجى ئوردىسى ۋە 10 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىككىنچى قېتىمقى ئوردىسى يەنى قەشقەرنىڭ شەرقىدىكى «خان ئۆي» ناھايىتى گۈزەل ياسالغان. ساتۇق بۇغرا قاراخاننىڭ ئاتۇش مەشھەتتىكى مازىرى ناھايىتى ھەشەمەتلىك ياسالغان. سۇلايمان ئارسلان قاراخان دەۋرىدە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاپتۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەشقەردىكى مازىرى رەڭدار ۋە گۈللۈك خىشلاردىن نەقىشلىق قىلىپ ياسالغان. شۇ دەۋردە قەشقەردە قۇرۇلغان ساجىيە مەدرىسى ۋە ئۇنىڭ چوڭ تىپتىكى كۈتۈپخانىسىمۇ ناھايىتى چىرايلىق، كۆركەم قىلىپ ياسالغان. بۇلار بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ دەۋردىكى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئىزلىرىدىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەنلىرى ئاز ئەمەس.
«تارىخىي رەشىدى» نىڭ ئاپتۇرى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر (كوراگانى) نىڭ بايان قىلىشىچە، قاراخانىلار دەۋرىدە بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققى قىلغانلىغىنى كۆرسىتىدىغان بىر قانچە شەھەر يېڭىدىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇنىڭ خارابىسىمۇ قالمىغان.
قاراخانىلار دەۋرىدە غەرپ خانى تامغاچ ئبراھىم خان سەمەرقەنتنىڭ كورجۇن مەھەللىسىدە چوڭ بىر ساراي بىنا قىلدۇرغان. بۇ ساراي ناھايىتى ھەشەمەتلىك، چىرايلىق بولغانلىقتىن، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭقى چىققان. يۈسۈپ قاراخاننىڭ ئوغلى توغرول قاراخان 1072 – يىلى مەرغىلان، تەخىسكە قاتارلىق جايلاردا چىرايلىق سارايلارنى سالدۇرغان ۋە يول، كۆۋرۈك، چوڭ ئۆستەڭلەرنى ياساتقان.
1080 – يىلى شەمسىۇلمۇلۇك سەمەرقەنت بىلەن خەرجەڭ ئارىسىدىكى «ئاق كوتەل» دىگەن جايدا چوڭ ساراي بىنا قىلدۇرغان. خەرجەڭ قىشلىغى يېنىدا «قورغان مەلىكە» نامىدىكى ساراينى سالدۇرغان؛ بۇخارا شەمساباد سارىيىنى ۋە بۇخارا مەسچىدىنى يېڭىدىن سالدۇرغان، بۇ بىنالار ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىگى بىلەن ھېلىمۇ ئادەملەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
قاراخانىلاردىن غەربىي ئېلىك خان خىزىر دەۋرىدە (1081 – يىلى ۋاپات بولغان) سەمەرقەنتتىكى «جۇپبار» دىگەن يەردە گۈزەل بىر ساراي سالدۇرغان. ئاتاقلىق تارىخچى نەرشەخى «بۇخارا تارىخى» دىگەن ئەسىرىدە بۇ ھەقتە: «بۇ ساراي بەكمۇ گۈزەل بولۇپ، ئۇ كامالەتكە يەتكەن ماھىر ئۇستىلار تەرىپىدىن سېلىنغانلىقتىن، 30 يىلدىن بويان قاراخانىلارنىڭ ئوردا سارىيى بولۇپ كەلمەكتە» دەپ بايان قىلغان. «كىتاپ موللازادە» دىگەن ئەسەردە، ساغىر بەگ ئارسلان خاننىڭ 1103 – يىلى بۇخارادا «بۇخارا سارىيى» ناملىق ساراي سالدۇرغانلىغى، شەمسابادتا 1119 – يىلى چوڭ تىپتىكى بىر مەسچىت بىنا قىلغانلىغى، 1121 – يىلى جامەنىڭ بۇلۇتقا تاقاشقان مۇنارىسىنىڭ ياسالغانلىغى بايان قىلىنغان. بۇ خىل خان سارايلىرى، مەسچىت، جامەلەر ئەينى دەۋردە يۇقۇرى تېخنىكا ئاساسىدا ماھىرلىق بىلەن ياسالغانلىقتىن ئۇزاق زامانلاردىن بېرى بۇزۇلماي كەلگەنلىگى قاراخانىلار دەۋرىدىكى بىناكارچىلىق تېخنىكىسىنىڭ يۇقۇرىلىغىنى، نەققەشچىلىق، سىرچىلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققى قىلغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىمارەتلەر قەدىمقى بىناكارلىقىنى تەتقىق قىلىشتا چوڭ ئىلمىي قىممەتكە ئىگىدۇر.
ئىزاھاتلار:
«تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 59 – بەت.
② «تۈركى تىلار دىۋانى» دا سوغۇن بۇغراخانغا زەھەر بېرىلگەن جاينىڭ ئېتى، دىيىلگەن. ئەمما قايسى بۇغراخان ئىكەنلىگى ئېنىق ئېيتىلمىغان. شۇ چاغدا ساتۇق بۇغراخان ئاتۇشتىكى سوغۇن دىگەن جايدا بولغانلىغى ئۈچۈن، ئېھتىمال ساتۇق بۇغراخان بولسا كېرەك دەپ تەخمىن قىلىمىز. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
③ «تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 51 – بەت.
④ يۇقۇرقى ئەسەر، 564—565 – بەتلەر.
⑤ چەتئەل تارىخىي مەنبەلىرىدە ھارۇن بۇغراخاننى مىلادىنىڭ 993 – يىلى ۋاپات بولغان دەپ كۆرسەتكەن بولسا، خەنزۇچە مەنبەلەردە 992 – يىلى ۋاپات بولغان دىيىلگەن. مەن ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرىدىكى 997 – يىلىنى توغرا دەپ قارايمەن.
⑥ سىۋار – ئەرەبچە «ئاتلىق ئەسكەر» دىگەن مەنىدە—ت.
⑦ «تۈركى تىللار دىۋانى» 1 – توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 592 – بەت.
⑧ ئېلىك – قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا ئەل ئىگىسى، يۇقۇرى خان دىگەن مەنىدە.
⑨ خاقانىيە – قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان مەركىزى قىسىم «خاقانىيە ئۆلكىسى» دەپ ئاتىلاتتى—ت.
⑩ قارغۇ – قاراۋۇل تۇرا، ئىگىز دۆڭلەرگە قۇرۇلغان تۇرا. دۈشمەن كۆرۈنگەن ھامان ھەممەيلەننىڭ جەڭگە تەييار بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت يېقىلىدۇ.
⑪ ئىم – ھەربى قوشۇنلاردا باش قوماندان تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن مەخپى بەلگە (پارول)، مۇنداق بەلگىلەر قۇش ۋە قوراللارنىڭ ئېتى ياكى باشقا سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى تۈركۈم ئەسكەر ئۇچراشقاندا، بىر بىرىنى تونۇشقا ۋە ئۇقۇشماي ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا خىزمەت قىلىدۇ. كېچىسى ئىككى كىشى ئۇچراشقاندا، بىرى يەنە بىرىدىن ئىم سورايدۇ، سورالغان كىشى ئىمنى بىلسە ئۆز كىشىسى ھىساپلىنىدۇ؛ بىلمىسە ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى» 1 – توم، 54 – بەتكە قاراڭ.
تۆتىنچى باب قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەدەنىيەت
1- بۆلۈم قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەدەنىيەت توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇمات
قاراخانىلار خانلىغىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئومۇمى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا چوڭ تۆھپە قوشتى؛ شىنجاڭدىكى قەدىمقى تۈركى خەلقلەرنىڭ قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشى ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتتى.
تارىم ۋادىسى 3 خىل مەدەنىيەتنىڭ (يونان، ھىندى، چىن مەدەنىيىتى) ۋە ئۈچ خىل دىن (بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنى) نىڭ ئۇچراشقان ئورنى، قەدىمقى بۈيۈك كارۋان يولى – «يىپەك يولى» نىڭ تۈگۈنى ئىدى. 3 خىل مەدەنىيەت، 3 خىل دىننىڭ مەركىزى بولغان بۇ رايون تارىختا مەدەنىيەت رايونى بولۇپ كەلدى. شۇڭا بۇ رايوندا ياشىغان ئۇيغۇر، ياغما، قارلۇق قاتارلىق خەلقلەر ماددى، مەنىۋى مەدەنىيەتتە ئۆز دەۋرىدە يۇقۇرى سەۋىيىگە يېتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ياراتتى.
تارىخىشۇناس مورگان: «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم ۋادىسى ئاستىدا كۈمۈكلۈكتۇر. قاچانكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى بىزگە مەلۇم بولغۇسى» دەپ ئالدىن – ئالا بىشارەت بەرگەن ئىدى. دىمەك، تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمقى مەدەنىيەتنىڭ سىرى تەلتۈكۈس ئېچىلسا، غەربىي رايوننىڭ قەدىمقى ئەينى تارىخىي قىياپىتى رۇشەنلىشىش بىلەن بىللە، دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مۇھىم تارىخىي پاكىتلارمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئارخىولوگىيە ساھەسىدىكى مۇشەققەتلىك ئىزدىنىشكە باغلىق.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى يىپەك بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان دىيىش ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ. قەدىمقى يونان تارىخچىلىرى ھازىرقى شىنجاڭ توغرىلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. يونانلىق ھىرىدوتۇس ئۆزىنىڭ «تارىخ» ناملىق ئەسىرىدە قەدىمقى شىنجاڭنى «سېرىس ئېلى» دەپ تىلغا ئالغان. مىلادىدىن 4 ئەسىر ئىلگىرى ياشىغان يونانلىق ئالىم كىسياس ئۆز ئەسەرلىرىدە «سېرىس دۆلىتى» (يىپەك دۆلىتى) نى تىلغا ئالغان. بىر قەدەر مۇكەممەل ۋە تەپسىلىرەك ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان، مىلادىنىڭ 2 – ئەسىرىدە ياشىغان يونانلىق جۇغراپىيون پىتولېمى (مىلادىنىڭ 150 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «جۇغراپىيە» ناملىق 10 توملۇق ئەسىرىدە «سېرىس ئېلى» دىگەن ، مەخسۇس بىر باپ بولۇپ، ھازىرقى شىنجاڭدا ياشىغۇچى خەلقنى «سېرىس» لار دەپ ئاتىغان. «سېرىس» سۆزى گرېك تىلىدىكى «يىپەك» دىگەن سۆزنى كۆرسىتىدۇ. «غەربىي يۇرت توغرىسىدا خاتىرىلەر» دىگەن كىتاپتا: «خوتەندە ياۋا پىلە ئىنتايىن كۆپ، يىپەكتىن توقۇلغان شايى، ئەتلەس، چۇچۇنلەر ئىنتايىن پىششىق كېلىدۇ. پارقىراق ۋە ئېسىل بولىدۇ» دېيىلگەن. شىنجاڭنىڭ يەر ئاستىدىن قېزىپ ئېلىنغان ئارخىولوگىيىلىك قېزىلما ماتىرىياللاردا يىپەك بويۇملىرىغا ئائىت قېزىلمىلار چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە كىتاپ، شايى، ئەتلەس ۋە چۇچۇنلەر بار. بۇلار ناھايىتى زور ماھارەت بىلەن توقۇلغان، بۇياقلىرى ناھايىتى كۆركەم، گۈللىرى ئاجايىپ چىرايلىق.
بىز يىپەك مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، «تۈركى تىللار دىۋانى» دا «چىغرى» يىپەك ئىگىرىدىغان چاق، «كامان» بوز ياكى گىلەم تۇقۇشتا ئارقاق بىلەن ئۇرۇچنى ئايرىيدىغان بىر خىل ئەسۋاپ؛ «چەكىن» يىپەك رەختكە زەر بېسىش؛ «تەختۇ» ئىگىرىلمىگەن مەشۇت؛ «كىمىشكە» قەشقەردىن چىقىدىغان گۈللۈك پالاز دىگەن سۆزلەر بار. تارىخىي پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا يىپەك رەخت توقۇش ھۈنىرىنى ئىجات قىلىپ، ھەر خىل يىپەك بويۇملارنى توقۇپ چىققان. ئۇلار يىپەك رەختلەرگە زەر بېسىش ئارقىلىق تەتىللا، كىمخاپ توقۇغان. بۇ ئېسىل رەختلەر شەرقتە ۋە غەربتە قەدىمدىن تارتىپ مەشھۇر بولۇپ كەلگەن.
قەدىمقى «كارۋان بۈيۈك» ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. قەدىمقى كارۋان بۈيۈك تارىم ئويمانلىغىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ۋە ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتەتتى.
ئوتتۇرا يول كروراندىن ئۆتۈپ غەربىي جەنۇبىي كىنگىت  (قاراشەھەر) ئوگدى (ھازىرقى بۈگۈرنىڭ شەرقى)، كۈسەن (كۇچا)، سۇللاغ (قەشقەر) ئارقىلىق پامىر ئىگىزلىگىدىن ئېشىپ، توپ – توغرا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بويلىرىغا يېتىپ باراتتى.
جەنۇبىي يول ياڭگۇەن (كۈن قۇۋۇق) دىن چىقىپ قۇمۇلدىن ئۆتۈپ تەكلىماكان قۇملۇغىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ پىشامشان (ھازىرقى چارقىلىق) نىڭ جەنۇبى، شىمالىي كوئېنلۇننىڭ شىمالى، كېرىيىنىڭ شەرقى، خوتەننىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلار ۋە يەركەنت قاتارلىق يەرلەردىن ئۆتۈپ ئاندىن «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان پامىر ئىگىزلىگىدىن ھالقىپ ئامۇ دەريانىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئارقىلىق غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ ئارساكقا (ئىرانغا) باراتتى.
بۇنىڭدىن باشقا بىر يول بولۇپ، ئۇ تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئىتىگىنى بويلاپ ئىۋىرغول (قۇمۇلنىڭ غەربى) ئارقىلىق بارىكۆل، بىشبالىق (جۇڭغارىيە ئويمانلىغىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دىن ئۆتۈپ غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىلى دەرياسى، چۇ دەرياسى ئارقىلىق سۇياپ (سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى توقماقنىڭ يېنىدا) شەھرىگە بېرىپ، ئاندىن شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونىستانتېنېپۇل (ئىستامبۇل) غا باراتتى.
يىپەك سودىسى ئەزەلدىن ئاسىيانىڭ مۇھىم سودا پائالىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ خېرىدارى ئاساسەن ئىران، شەرقىي رىم ۋە يېقىن شەرق ئەللىرى ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدىلار يىپەك سودىسىنىڭ ۋاستىچىلىك رولىنى ئوينايتتى. يىپەك يولىدىكى ھەر بىر ئاساسىي تۈگۈنلەردە سوغدىلارنىڭ تىجارەت ئورنى بار ئىدى. دېڭىز يولىدا بولسا ھىندى ئوكيان ئارقىلىق كېمە قاتنايتتى. شەرقىي رىمدا ئاساسەن يىپەك ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقتىن، ئىراندىن ئۆتۈپ، ھىندىستان بۇددىستلىرى بىلەن بىۋاستە سودا قىلماقچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئىران توسقۇنلۇق قىلاتتى. بۇ ۋاقتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدى سودىگەرلىرى تۈرك تۈرك خانلىغىغا بېقىندى بولغانلىقتىن، يىپەك سودىسىنى كېڭەيتىشتە غەربىي تۈرك خانى ئىستەمىدىن ياردەم سورىدى. مىلادىنىڭ 560 – يىلى، تۈرك خانى ئىستەمى خاقان ئىران شاھى خىسراۋ I گە ئەلچى ئەۋەتىپ، يىپەك سودىسىنى يولغا قويۇشنى قاتتىق تەلەپ قىلدى. بىراق خىسراۋ I ئىستەمى خاقاننىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى. «ئۇ تۈركلەردىن ئۆتۈپ كەلگەن يىپەكلەرنى ئىشلەتمەيمىز» دەپ، يىپەك سودىگەرلىرىنىڭ ماللىرىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا كۆيدۈرۈپ تاشلىدى، ھەتتا تۈرك ئەلچىلىرىنى قاماپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئىستەمى بىلەن خىسراۋ I نىڭ ئوتتۇرىسىدا يىپەك سودىسىنى قوغداش ئۇرۇشى پارتلىدى. كېيىن، ئىستەمى سوغدى سودىگەرلىرىنىڭ تەكلىۋى بويىچە، شەرقىي رىم بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىشنى يولغا قويۇش نىيىتىدە شەرقىي رىمغا مەخسۇس ئەلچىلەر ئۆمىگى بىلەن خەت ۋە يىپەك ئەۋەتتى. تۈرك خانلىغىنىڭ ئەلچىلىرى مىلادىنىڭ 567 – يىلى شەرقىي رىمغا يېتىپ بېرىپ، شەرقىي رىم پادىشاسى يۇستىنىئاننىڭ كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتى. شەرقىي رىم پادىشاسىمۇ تۈرك خانى ئىستەمىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئىككى ئوتتۇرىدا دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى.
مۇشۇ دەۋردە، تۈركلەرنىڭ ھۈنەرۋەنچىلىگىمۇ تەرەققى قىلغان ئىدى. 669 – يىلى پادىشاھ يۇستىنىئان ۋاقتىدا تۈرك خانى ئىستەمىنىڭ قېشىغا ئەلچى بولۇپ كەلگەن زىمارك: «تۈرك يۇرتىدا ئالتۇندىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ سەنئىتى ۋە نازۇكلىغى رىم مەملىكىتىدىن قېلىشمايدىكەن. مەن ئىستەمى خاقاننىڭ بىر نەچچە ئوردىلىرىدىكى ئالتۇن ئەسۋاپلار ۋە ئۇلارنىڭ كۆپلىگىدىن ھەيران بولدۇم. مېنى ئىستەمى خاقان ھۇزۇرىدا مۇراسىم بىلەن قوبۇل قىلدى. مېنى قوبۇل قىلغان ئوردىنىڭ ھەممە يېرى يىپەك زىلچىلار، يىپەك پەردىلەر بىلەن زىننەتلەنگەن. ئىستەمى خاقان مۇشۇ زىننەتلىك ئوردىدا ئالتۇن تەختتە ئولتۇرۇپ مېنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئوردىنىڭ زىننەتلىكلىگى، ھەشەمەتلىكلىگى رىم پادىشاھلىغىدىن كەم ئەمەس، بۇ ئورۇندا بىر قانچە ئالتۇن ئاپتۇۋىلارنى كۆردۈم. بۇ ئاپتۇۋىلار ناھايىتى چىرايلىق، سىپتا، نەقىشلىق قىلىپ ئىشلەنگن. ئوردىدىكى جاھازلار ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك نەرسىلەردىن ئىشلەنگەن، مەن ئوردىدا ھايۋان سۈرەتلىرى ئورنىتىلغان جايلارنى تاماشا قىلدىم» دىگەن. دىمەك، تۈرك، خاندانلىغىنىڭ تەرەققىياتىغا رىم پادىشاھلىغىمۇ قىزىققان. شۇڭا ئۇلار بىلەن يىپەك يولىدىكى سودا داۋام قىلغان. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىپەك يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي رىم ۋە ھىندىستانغا سودا كارۋانلىرى قاتناپ تۇرغانلىقتىن، غەربىي يۇرتنىڭ يىپەك مەھسۇلاتلىرى چەتكە چىقىرىلغان.
يىپەك يولى كېينكى دەۋرلەردە قاراخانىلار مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈردى. قاراخانىلار مەدەنىيىتى 3 خىل مەدەنىيەت، 3 خىل دىننىڭ ۋە يىپەك يولىنىڭ تەسىرى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلدى. قاراخانىلار دەۋرىدە شەرقتە كۇچاغىچە بولغان ئارىلىق بىلەن شىمالدا ئىلى ۋادىسىنى، غەربتە ئامۇ دەريانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زىمىنغا جايلاشقان قەشقەر، بالاساغۇن، بارسىغان، بارچۇق (مارالۋېشى)، تالاس (ھازىرقى جامبۇل)، فاراپ (ئوترار)، شاش (تاشكەنت)، سەمەرقەنت، بۇخارا قاتارلىق بىر قانچە چوڭ شەھەرلەر تېخىمۇ گۈللىنىپ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە ئايلاندى. قاراخانىلار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى قاراخانىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈردى. تارىخىي ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، بۇندىن 1000 يىل ئىلگىرى بىزنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمىز يىپەك قولياغلىق تۇتقان، يىپەك كىيىملەرنىڭ پۇكلىشىپ قالغان يەرلىرىنى سىلىغداش ئۈچۈن دەزمال ئىشلەتكەن، قىز – ئاياللار قىممەت باھا تاشلار ئېلىنغان ئالتۇن ياكى كۈمۈش «بوغماق» (مىدالىيۇن) «باغىرداق» (لىپتىك) ئىشلەتكەن. مانا بۇلاردىن شۇ دەۋردىكى تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى، ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىستىتىك (گۈزەللىك) قارىشىنىڭ قانچىلىك يۇقۇرى دەرىجىگە يەتكەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھىس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان خىلمۇ – خىل سەنئەت ئۇيۇنلىرىنى ئىجات قىلدى. قەدىمدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كەلگەن ھەر خىل ئۇيۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغا قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسىدۇر. قەدىمقى ئۇيۇنلاردىن ياش – ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ئومۇملاشقان «ئوتۇش» ئويۇنى، «ئوردىكام» ئويۇنى، «چەۋگەن» ئويۇنى (ئاتلىق توپ ئويناش ئويۇنى)، «كولاپ» ئورەككە ياڭاق تاشلاش ئويۇنى قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. يەنە خەلقنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ئاتلىنىپ تارىختىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئەلنەغمە، مەشرەپلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
نەزمە ئويۇنى يىگىت بىلەن قىزنىڭ باشلىرىدىن چاچقۇ رەخت ياكى (پۇل) چېچىلىدىغان كىچىك نەزمە بولۇپ، بۇ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا «ماندۇرى» دەپ ئاتىلاتتى.
«سۇرچۇك» كېچىلىك ئولتۇرۇش زىياپىتى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر مەشرەپ نامى بىلەن ساقلانماقتا. «ئوغۇزنامە» دە قەدىمقى زاماندىكى مۇنداق بىر توي مۇراسىمى تىلغا ئېلىنغان: بىر كۈنى ئوغۇزخان ئەل – جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارغا «ئۇلۇغ توي» قىلىپ بەرگەن. بۇ مۇراسىم شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، تويدا ھەممە ئېسىل نازۇ – نىمەتلەر تەييارلانغان، كىشىلەر ھاراق – شاراپ ئىچىپ «ئۇلۇغ توي» نى قۇتلۇقلاشقان. ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە يىغىلىپ مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە، يىغىلغانلارنىڭ سانى نەچچە تۈمەنگە يېتەتتى، مال سۇيۇلاتتى، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈلەتتى، كىشىلەر ئەتراپنى سەيلە قىلاتتى، ناخشا ئېيتاتتى، ئۇسۇل ئوينايتتى.
«تۈركى تىللار دىۋانى» دا بۇ ھەقتە نۇرغۇن مىساللار بار. مەسىلەن، بەزمە ھەققىدە ئېيتىلغان قوشاق – بېيىتلار:
ئوتتۇز (ئۈچ قېتىم ئۈچتىن) ئىچىپ قىقىرايلى،
يۇقۇرى قوپۇپ سەكرەيلى.
ئارسلاندەك ھوكۇرەيلى،
قايغۇ قاچتى سۈيۈنەيلى.
(ئۈچ قېتىمدىن ئىچەيلى، ئورنىمىزدىن تۇرايلى، ئارسلاندەك ھوكۇرەيلى، قايغۇنىڭ بىزدىن يىراق كەتكەنلىگىنى كۆرسىتەيلى.)
ئىۋرىق بېشى غاز (بوينى) غا ئوخشاپ (تۇرماقتا)،
ساغەر تولۇپ كوزگە ئوخشاپ (تۇرماقتا)،
قۇيغۇنى چوڭقۇر كومۇۋېتىپ،
كېچە، كۈندۈز سۈيۈنەيلى.
(ئىۋرىقنىڭ بېشى خۇددى غاز بوينىدەك تىك تۇرماقتا، ساغەرلەر خۇددى كۆز چانىغىدەك مەيگە تولدى. قايغۇ – ھەسرەتنى چۆرىۋېتىپ، كېچە – كۈندۈز كۆڭۈل ئاچايلى.)
«تۈركى تىللار دىۋانى» دىكى بۇ قوشاقلارنىڭ مەزمۇنىدىن قەدىمقى زاماندا ئەر – ئايال جەم بولۇپ ناخشا، ساز نەغمىلەر بىلەن خوشال – خورام ئۇسۇلغا چۈشۈپ كۆڭۈل ئاچىدىغان بۇنداق مۇراسىم شەكلىنىڭ شۇ چاغدىن تارتىپلا ئومۇملاشقانلىغىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
قاراخانىلار دەۋرىدە تارىم بوستانلىغىدىكى رايونلاردا، جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ تەرەققى قىلدى. شۇڭا بەزى يېقىنقى زامان ئالىملىرى مۇشۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە «قەشقەرىيە دەۋرى دەپ نام بېرىش كېرەك» دەپ ھىسابلىدى.
قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەر، بالاساغۇن ۋە سەمەرقەنتلەردە مەدەنيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر خىل تىپتىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرى – مەدرىسلەر قۇرۇلدى. ساتۇق (ئابدۇكېرىم) ئارسلان بۇغرا قاراخان دەۋرىدە قەشقەردە «ساچىيە» («ساچ» قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا سېچىش، يېيىش، ئىلىم – پەننى كېڭەيتىش دىگەن مەنىدە) ئۆز دەۋرىدە يۇقۇرى ئوقۇش يۇرتى ھەمدە ھەر خىل پەنلەرنى ئۆگىنىشنىڭ ئۇچىغى ئىدى. ساچىيە مەدرىسىدە ئىسلام پەلسەپەسى، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە، مىدىتسىنا، روسۇمات جەڭ (ئۇرۇش ئىلمى) قاتارلىق تەبىى ۋە ئىجتىمائى پەنلەردىن دەرس بېرىلەتتى. شۇ دەۋردە كۆپلىگەن بىلىمگە ئىگە بولغان ئۆلىمالار، ئەدىپ – شائىرلار، تىلشۇناسلار، پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى، ئوتاچى (تىۋىپ) قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇ مەدرىستە يېتىشىپ چىققان. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئۆزىنىڭ ئۇستازى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان ھۈسەيىن ئىبنى خەلەفە قەشقەرىدەك ئالىملار، ئابدۇجاپپاردەك تارىخشۇناسلار، ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ ئەڭ يۈكسەك نەمۇنىسى بولغان «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاپتۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇت قەشقەرى مۇشۇ مەدرىسىدە يېتىشىپ چىقتى.
قاراخانىلار دەۋرىدە بىر مۇنچە ئۇيغۇر ئالىملىرى تۈرك مەدەنىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن كىتاپلارنى يازدى ۋە ھەر خىل تىلدىكى قىممەتلىك كىتاپلارنى تەرجىمە قىلدى. بىراق، بۇ ئەسەرلەردىن بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەنلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بىزگە تېخى نامەلۇم بولغان يەنە بىر مۇنچە ئەسەرلەرنىڭ بارلىغىغا شۆبھىلەنمەيمىز، ئەلۋەتتە. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە ئۆز دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى يۈكسەك مەدەنىيەتنى نامايەن قىلىدىغان تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرمۇ بار ئىدى.
بىز قاراخانىلار دەۋرىدە كامالەتكە يەتكەن ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا تولۇق خەۋەردار بولمىساقمۇ، ئەمما قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەردە، بالاساغۇندا يېتىشىپ چىققان ئالىملارنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئەسەرلىرىدىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىرىنى تۆۋەندىكىچە تۇنۇشتۇرىمىز:
(1) ئۇيغۇر تارىخشۇناسى ئەبۇلفۇتۇھ ئادۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقەرى (مىلادىنىڭ 1098 – يىلى ۋاپات بولغان). ئۇ «قەشقەر تارىخى» ناملىق چوڭ ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ «قەشقەر تارىخى» دىن باشقا يەنە «مۇجەمە ئۇششۇرخ» (ئۇستازلارنىڭ توپلانغان يېرى) ناملىق ئەسىرىنىڭ بارلىغىنى شەمئانى ئۆز ئەسىرىدە بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئەپسۇسكى بۇ ئىككى ئەسەر قولىمىزدا يوق.
(2) جامال قارشى (ئەسلى ئىسمى ئەبۇل فەزلى ئىبنى مۇھەممەت). ئۇنىڭ ئاتىسى بالاساغۇنلۇق بولۇپ، ئۆزى ئالمىلىقتا (ئىلىدا) توغۇلغان، ئىجادىي پائالىيىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. جامال قارشى ھىجىرىيىنىڭ 681 – يىلى، مىلادىنىڭ 1282 – يىلى قەشقەردىكى ساچىيە مەدرىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئەل جەۋھىرى نىڭ «ئەسھاھ فېللۇغەت» ناملىق 4 جىلدلىق كىتاۋىنى «سۇراھ» (ھەقىقى، تولۇق) نامغا ئۆزگەرتىپ، ئەرەپچىدىن پارىسچىغا تەرجىمە قىلدى. 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەپچە ئىلاۋە بىلەن «مولھىقاتۇس سۇراھ» دىگەن مەشھۇر لوغەتنى يېزىپ چىقتى.
جامال قارشىنىڭ «سۇراھ» قا يازغان ئىلاۋىسى قاراخانىلار دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئالىم، مەشھۇر شەخىسلەر، دىنىي ئالىم ۋە شەيخلەرنىڭ تارىخىنى ھەمدە شۇ دەۋردىكى مەنىۋى ھاياتىنى يۇرۇتۇپ بېرىشتە زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. بۇ ئىلاۋىنىڭ قوليازمىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا م. س. ئاندىرىۋ تەرىپىدىن تېپىلىپ، ف. ب. نەلفىكىن تەرىپىدىن ئاسىيا مۇزېيىغا تاپشۇرۇلغان، ھازىر شۇ يەردە ساقلانماقتا.
(3) مەشھۇر ھىكىم ئىمادۇددىن قەشقەرى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا «شەرھى ئەلقانۇن» (قانۇنلار شەرھىسى) ناملىق ئەسەر يازغان، بۇ ئەسەرنى يېزىشتا ئاتاقلىق پەيلاسوپ فارابىنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان. شۇنداقلا ئىبنى سىنا (980—1037 – يىللار) نىڭ تىبابەتچىلىك ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى شەرققە تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئىلمىي تەجرىبىلەر بىلەن بېيىتىش ئارقىلىق تىببى ئىلىمغا چوڭ تۆھپە قوشقان.
(4) مۇھەممەت ئىبنى ئەلكاتىپ سەمەرقەنتى. ئۇ 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا سەلتەنەتلىك ھاكىمىيەت تۈپىسىدە تۇرغان تامغاچ قىلىچخان مەسئۇد ئىبنى ئېلى (مىلادى 1095 – يىلى ۋاپات بولغان) غا بېغىشلاپ «ئەغرازۇ سىياسى فى ئىلمىي سىياسى» ناملىق ئەسەرنى يازغان. بۇ ئەسەر سالچۇقىلار سولتانى سەنجار (مىلادى 1157 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ ياشىغان دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئاتاقلىق تارىخىي شەخىسلەر نوقتىلىق بايان قىلىنغان. ئۇ ئەسەر ھىكايە شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، سولتان سەنجار سالچۇقىغا ئائىت قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا قاراخانىلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئەڭ قىممەتلىك ماتىرىيال بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
(5) مەجىددىن مۇھەممەت ئىبنى ئەد ناينى. ئۇ قاراخانىلار ئەۋلادى تامغاچ ئىبراھىم ئىبنى ناسىرغا بېغىشلاپ «تۈركىستان تارىخى» بىلەن «چىن تارىخى» ناملىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ «تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە تۈرك خەلقى بىلەن تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. «چىن تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە چىن خانلىقلىرى ھەققىدە، بولۇپمۇ قارا خىتاي خانلىغى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
(6) ئوبۇل فەيزى مۇھەممەت ئىبنى ھۈسەيىن بەيھىقى (996—1039 – يىللار). ئۇ 30 تومدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان، بۇنىڭدىن سولتان مەسئۇد (مىلادى 1030 – يىلى) نىڭ ۋەقەلىرىگە ئائىت يېزىلغان 10 تومى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەسەردە قاراخانىلارنىڭ تارىخىغا دائىر ئەڭ كۆپ ۋە توغرا مەلۇمات بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىلمىي قىممەتكە ئىگە تارىخىي ئەسەر ھىساپلىنىدۇ.
(7) مۇھەممەت ئەلئەۋھى. ئۇ ھىجىرىيىنىڭ 625 – يىلى ھىندىستاندا «جامىئۇل ھىكايەت» ناملىق ئەسەر يازغان. ئاپتۇر خارەزىم ۋە بۇخارادا تۇرغانلىغى ئۈچۈن، بۇ ئەسەردە قاراخانىلاردىن تامغاچ ئىبراھىم خان ھەققىدىكى ئىشلارنى ھىكايە شەكلى بىلەن بايان قىلغان. بۇ ئەسەر 5 باب بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئاخىرقى 5 – بابىدا جۇغراپىيىلىك مەلۇماتلارغا قوشۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۇنجى قېتىم تولۇق ئىلمىي مەلۇمات بەرگەن.
(8) ئەبۇ نەسر فارابى. فارابىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ نەسر مۇھەممەت ئىبنى ئۇزلۇق ئىبنى تارخان. ئۇ فاراب شەھرىدىن بولغاچقا، فارابى دەپ ئاتالغان. ئۇ فاراب شەھرىدە تۈركى خەلقلەردىن بولغان مۇھەممەت ئىسىملىك ھەربى كىشىنىڭ ئائىلىسىدە توغۇلۇپ، 950 – يىلى دەمەشىقتە ۋاپات بولدى.
فاراب شەھرى بۇرۇن قەشقەر خانلىغىغا، كېيىن قاراخانىلار خانلىغى قۇرۇلغان چاغلاردا قاراخانىلار خانلىغىغا قارىدى. ئەبۇ نەسر فارابى دەسلەپ فاراب شەھرىدە ئوقۇدى، كېيىن بالاساغۇن، قەشقەرلەردە بىلىمىنى تولۇقلاپ، ئىسلام ئەللىرىگە ساياھەت قىلىپ، باغداد، ئىران، مىسىر، سۈرىيىگە بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنى شۇ جايلاردا ئۆتكۈزدى، كېيىن باغدادقا كەلدى. بۇ جايدا ئۇ ئەرەبچىنى پىششىقلىدى، مۇشۇ جەرياندا، پەلسەپە، تارىخ، ئاسترونومىيە، قانۇن، تىبابەتچىلىك ۋە مۇزىكا ئىلمىنى ئۆگەندى.
فارابى ئۆزىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەسەرلىرىنى ئەرەبچە يازغان. شۇڭا فارابىغا باھا بېرىشتە ھەر خىل چۈشەنچىلەر مەيدانغا چىققان ئىدى. جۇرجى زەيدان فارابىنىڭ قەبرىسى شام (سۈرىيە) دا بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنى ئەرەب دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، مەملىكىتىمىزدە چىققان «سىخەي» (سۆزلەر قامۇسى) دىمۇ فارابىنى ئەرەب دەپ تونۇشتۇرغان. يېقىنقى زامان تارىخچىلىرى ئىچىدىمۇ فارابىنىڭ زور كۆپچىلىك ئەسەرلىرىنىڭ ئەرەبچە يېزىلغانلىغىغا قاراپ، ئۇنى ئەرەب دىگۈچىلەر ھازىرىغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.
ھەممىگە ئايانكى، شۇ زاماندا ئەدەبى تىل غەربتە لاتىنچە بولسا، شەرقتە ئەرەبچە ۋە پارىسچە ئىدى، فارابىنىمۇ ئەرەبچە ياكى پارىسچە ئەسەر يازغانلىغىغا قاراپلا ئەرەب دىگىلى بولمايدۇ. فارابى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ تۈرك ئىكەنلىگىنى كۆپ قېتىم قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىپ، پەلسەپە، مەنتىقە، تىببى ئىلىم، تىلشۇناسلىق، مۇزىكىغا ئوخشاش ھەر خىل ساھەلەردە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇ ئەرەب تىلىدا 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا نېمىسچە، فرانسۇزچە، ئىران تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنلا، ئاۋۋال غەرب، كېيىنچە شەرقتە جاھانشۇمۇل ئەسەرلەر قاتارىدا تونۇلدى.
ئۇ پەلسەپە جەھەتتە «ئىھسائول ئولۇم» (بىلىملەر بايانى) ناملىق داڭلىق ئەسەرنى يېزىپ، ئىلىم دۇنياسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە سىنىپلارغا بۆلۈنۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن ئەينى دەۋردە نۇرغۇن ئالىملار ۋە كىتاپخانىلارنى ئالاھىدە ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
فارابىنىڭ يەنە «ۋەتتە ئىرىپ بىئەغىزايھا» (پارچە بۆلەكلەرنى تۇنۇشتۇرۇش) ناملىق مەشھۇر پەلسەپە ئەسىرى ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن ئىراق، شام، مىسىردىكى پەيلاسوپلارنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ ئارىستۇتىلنىڭ مەنتىقە ئەسەرلىرىنى ئوقۇش جەريانىدا يازغان لېكسىيە دەپتىرى 70 كە يەتكەنلىگىنى تارىخىي مەنبەلەر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
فارابى ھەمىدانىلەر ئەمرى سەيفۇل دەۋلە ھوزۇرىغا تۈركچە كىيىم بىلەن كەلگەنلىگى تارىخىي مەنبەلەردە ئېنىق. ئۇ شۆھرەتلىك ئالىم بولغاچقا، سەيفۇل دەۋلە ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىگە شەرت – شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنى ناھايىتى يۇقۇرى مۇئاش بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغاندا، فارابى كۈندىلىك خىراجەتلىرى ئۈچۈنلا كېرەكلىك پۇللارنى ئېلىپ، باشقىنى ئالمىغان. ئەمىر سەيفۇل دەۋلە فارابىنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىپ، پۈتۈن ساياھەت سەپىرىدە فارابىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن.
فارابى ئاتاقلىق سەنئەتكار، ئاتاقلىق كومپوزىتور ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ شائىرى ئىدى. ئۇ مۇزىكىدا ھازىر تارىخىي قىممەتكە ئىگە بولغان «مۇزىكا ھەققىدە چوڭ كىتاب» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ، مۇزىكا ساھەسىگە نەزىرىيە جەھەتتىن ئاساس سېلىش بىلەن مۇزىكا ئىلمىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. فارابىنىڭ بۇ ئەسىرى 12 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن مۇزىكا تارىخى، مۇزىكىنىڭ ئەھمىيىتى، مۇزىكا نەزىرىيىسى، پىراكتىكىسى، ئەسۋابلىرى، مۇزىكىنى ئورۇنلاش چىۋەرلىگى، تۈزۈلۈشى (كومپوزىتسىيىسى) ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى شەرق بىلەن غەربكە كەڭ تارقالغان بولۇپ، نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
فارابى مۇزىكىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، ئۇ مۇزىكا ساھەسىدە ئۇيغۇر سازلىرىدىن قالۇن، تەمبۇر قاتارلىق بىر قانچە ئەسۋاپلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ مۇزىكا ئىلمىدە ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدىغان ناھايىتى يۇقۇرى ماھارەت ۋە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. فارابى داڭلىق شائىر بولۇپ، تارىخىشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇ پەلسەپىۋى سۇئاللارنىڭ كۆپ قىسمىغا شېئر ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرغان. ئۇنىڭ شېئىرىيەتتە يېڭىچە ئىزدىنىش ۋە يېڭىچە مۇلاھىزىلىرى ئالىملارنى دائىم ئالغا يېتەكلەيدىغان ئۇستازلىق رولىنى ئوينىغان. مانا مۇشۇ خىل ئۇقۇمنى فارابى بىر كۇپلىت شېئىر ئارقىلىق مۇنداق دەپ يەكۈنلىگەن:
يايرايدۇ گۈللەر كەبى ئەلەم سىرى،
يالت – يۇلت قىلار زۈمرەتتەك چاقنار نۇرى،
دانالار قىلسىمۇ گەرچە قانچە بىشارەت،
تاپمىدى ئاچقۇچنى ھېلىھەم بىرى.
ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىلار دەۋرىدىكى سىياسى، ئەدەبىيات، تىل، پەلسەپە، قانۇن، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ، دىخانچىلىق، ھەربى ئىلىم قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلۈك كۆز قاراشلىرى شەرھىلەنگەن «قۇتادغۇ بىلىك» بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى» قاتارلىق ئىككى ئەسەرنى نوقتىلىق تۇنۇشتۇرىمىز.

2-          بۆلۈم «قۇتادغۇ بىلىك» توغرىسىدا
«قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى دەۋرلىرىنى چۈشىنىشتە بىرىنچى قول ماتىرىيال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن مەدەنيىتىنى يارىتىشتا قوشقان شانلىق تۆھپىسىنى چۈشىنىشتىمۇ ئەڭ ئوبدان تارىخىي ھۆججەتتۇر.
«قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائى ھاياتىنىڭ مەھسۇلى. قاراخانىلار دەۋرىدە دۆلەت تۈزۈلمىسىدە، جەمىيەتتىكى ھەر قايسى تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يېڭى مەسىلىلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ جەمىيەتنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەخلاق، قائىدى، ئىنتىزام، قانۇن، پىرىنسىپلارنى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش، قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ئىچكى ھاياتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزاھلاپ بېرىش شۇ دەۋرنىڭ جىددى تەلىۋى ئىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار جەمىيىتىنىڭ ئىجتىمائى، سىياسى، ئىقتىسادى، ئەخلاقىي ۋە تەربىيە قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىنچىكە ئىجتىمائى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىگەللەپ چىققان مەسىلىلەرنى ئىلمىي قاراش بويىچە سېستىمىلاشتۇرۇپ چىقتى؛ ھۆكۈمرانلارنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىسى، ئۇلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە ئۇلارنىڭ شەرتلىرى قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا دائىر مەسىلىلەرنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى كۆز قاراش بىلەن يۇرۇتۇپ بەردى.
«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇ يەردىكى، ئاپتۇر بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ شۇ دەۋردىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى يۇرۇتۇپ بەرگەندىن تاشقىرى، قەدىمقى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىنى ئۆز ئەسىرىگە سىڭدۈرۈپ، شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئىلغار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە يەنە قەدىمقى ئەسەرلەردىن قالغان تارىخىي مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ ۋە ئۇلارنى پەلسەپىۋى كۆز قاراشلار بىلەن بېيىتىپ، قەدىمقى دەۋرلەردىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۈيۈك مەدەنىيەت بولمىغاندا، ھازىرقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان مەدەنىيەتنىڭ بولغايدىغانلىغىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى. شۇڭا «قۇتادغۇ بىلىك» قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئىجتىمائى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» تە ئۆز ئىسمىنى پەقەت بىرلا قېتىم (6627 – بەت) تە تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا، «قۇتادغۇ بىلىك» نى كىتاپخانلارغا تۇنۇشتۇرۇش مەقسىدىدە قوشۇمچە قىلىنغان نەزمى ۋە نەسرى مۇقەددىمىلەردە بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن باشقا، مەلۇمات بېرىدىغان ئېنىق بىر مەنبە يوق. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ:
تەگۈردى ماڭا ئەلىگ ئەلگە ياشىم،
قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم.
ئوقۇر ئەمدى ئالتىمىش ماڭا كەل تەيۇ،
پۇسۇغ بولماسا باردىم ئەمدى نارۇ.
(ماڭا تەككۈزۈپ قولىن ئەلىك يېشىم،
قۇغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسىدەك بېشىم.
مېنى قىچقىرىپ ئاتمىش ئەمدى دەيدۇ كەل،
بارۇرمەن ئەگەردە يەتمىسە ئەجەل.)
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇشۇ بېيىتلىرىغا قاراپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىۋاتقان چاغلاردا دەل ئەللىك ياشلارغا كىرىپ قالغانلىغىنى قىياس قىلىش مۇمكىن.
يىل ئاتمىش ئەردى تورت يۇز بىلە،
تۆكەل ئون سەككىز ئايدا ئايدىم بۇ سۆز.
دىگەن مىسرالارغا قارىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ كىتاپنى ھىجىرىيىنىڭ 462 – يىلى (مىلادى 1069 – يىللار) جەمى 18 ئايدا يېزىپ تۆگەتكەن. ئەمدى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغاندا، بېيىتتا ئۆزىنىڭ 50 ياشلاردا ئىكەنلىگىنى ئېيتقانلىغىغا قاراپ، ئۇنىڭ تەخمىنەن مىلادىنىڭ 1019—1020 – يىللىرى بالاساغۇندا توغۇلغانلىغىنى بىلەلەيمىز. ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى بالاساغۇندا يېزىشقا باشلاپ قەشقەردە تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇنى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئېلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمانغا تەقدىم قىلغان.
تاۋغاچ سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخان ئاپتۇرنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈكلۈگىنى ماختاپ، كىتاپنىڭ قەدىر – قىممىتىگە يېتىپ، ئۇنىڭغا «خاس ھاجىپ»
لىق ئۇنۋانى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپتۇرنىڭ ئىسمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەپ ئاتالغان. مۇشۇ ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار ھاكىمىيىتىگە تەسىر ئۆتكۈزىدىغان ئەربابقا ئايلاندى. قاراخانىلار مۇشۇ دەۋردە ئۆز سىياسىتىنى ياخشىلاش، قانۇن – تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىش، مالىيە، ئىقتىسات ۋە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سودا، قاتناش، دىخانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول سانائەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مائارىپ، مەدەنيەتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق شائىرى، پەيلاسوپى، مۇتەپەككۇرى ئىدى. ئۇ بارلىق تۈركى تىل دىيالېكتلىرىنى ئېنىق بىلگەندىن تاشقىرى ئەرەپ، پارس تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ يېتىلگەن ئىنسكلوپىدىگى دىيىشكە بولاتتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قاچان ۋاپات بولغانلىغى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىغانلىقتىن، تولۇق تەرجىمىھالىنى رەتلەپ چىقىش قىيىن. لېكىن ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىنىڭ قوشۇمچە قىلىنغان قىسمىدا ئۆز ئەھۋالىنى سۆزلەپ كېلىپ، قېرىپ قالغانلىغىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن بايان قىلىدۇ:
تاتىغ ئەردى بارچە يىگىتلىك ئىشىم،
ئاغۇ قىلدى ئەمدى ماڭا يەر ئاشىم.
(يىگىتلىكتە تاتلىق ئىدى ھەر ئىشىم،
ئوغا قىلدى ماڭا يەر ئېشىم)
قايىڭ تەگ بودىم ئەردى ئوق تەگ كونى تۇز،
ياتەگ ئەگرى بولدى ئەگىلدىم تۇگىتتم.
(قېيىندەك بويۇم ئوقتەك ئىدى تۈز،
يايدەك ئەگرى بولدى، پۇكۇلدۇم ئېگىلىپ.)
بۇنىڭدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ خېلىلا ئۇزۇن يىل ياشىغانلىغىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.
ئەسەرنىڭ نامى ۋە بىر قانچە نۇسخىلىرى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ نامى ھەققىدە بۇ ئەسەرنىڭ 351 – بېيىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
كىتاپ ئاتى ئوردۇم قۇتادغۇ بىلىك،
قۇتاد سۇ ئوقىغىلىقا تۇتسۇ ئەلىگ.
(كىتاپقا «قۇتادغۇ بىلىگ» دەپ ئات قويدۇم، ئوقۇغان كىشىنى قۇتلۇق قىلسۇن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتسۇن.)
ئالىملار «قۇتادغۇ بىلىگ» ياكى «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەر خىل ئىزاھلاپ كەلدى. قەدىمقى تۈركچە «قۇت» سۆزى «قۇتلۇق»، «مۇبارەك»، «مۇقەددەس»، «بەخت» مەنىسىدە، «بىلىك» ياكى «بىلىگ» بىلىم دىمەكتۇر. دۇنيا ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا «قۇت» سۆزىنى «بەخت – سائادەت» مەنىسىدە چۈشىنىپ، «قۇتادغۇ بىلىك» دىگەن سۆزنى «بەخت – سائادەت بىلىمى» دىسە، بەزىلەر «بەختلىك قىلغۇچى بىلىم»، «پادىشاھلارغا لايىق بىلىم» دەپ ئىزاھلاشتى. رەشت رەھمىتى ئارات «قۇتادغۇ بىلىك» نى «ئادەمگە ھەر ئىككى دۇنيادا بەخت – سائادەتلىك (قۇتلۇق) بولۇش يولىنى كۆرسەتكۈچى بىلىم» دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى.
«قۇتادغۇ بىلىك» ئۈستىدىكى مۇلاھىزە ۋە چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراپ شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى، «قۇتادغۇ بىلىك» بەخت – سائادەتكە ئېرىشىش يولىنى كۆرسىتىش مەقسىدىدە يېزىلغان. ھەقىقى مەنىسى بىلەن ئېيتقىنىمىزدا، بۇ ئەسەرنى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن دۆلەتنى ئەخلاق، قانۇن، ئىلىم، ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلىش دەستۇرى، قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنىڭ پۇروگىراممىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
«قۇتادغۇ بىلىك» قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى بىلەن مەسنەۋى شەكلى ۋە ئارزۇ ۋەزنىدە يېزىلغان بولۇپ، جەمى 6645 بېيىت، 13 مىڭ 290 مىسرادىن تەركىپ تاپقان، 85 بابقا بۆلۈنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان نۇسخىسى تېخىچە دۇنيادا تېپىلمىدى. قۇتادغۇ بىلىكنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن نۇسخىلىرى ئەسەر يېزىلغان ۋاقىتتىن بىر قانچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن كۈچۈرۈلگەن، بۇلار ۋېنا، قاھىرە، پەرغانە نۇسخىلىردىن ئىبارەت.
(ئا) ۋېنا نۇسخىسى. بۇ نۇسخا مىلادىنىڭ 439 – يىلى ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھىرات شەھىرىدە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، 1474 – يىلى ئىستامبۇلغا كەلتۈرۈلگەن؛ 1796 – يىلى ئاۋسترىيىلىك ھامىر پورۇگىستاك ۋېناغا ئېلىپ بېرىپ، ۋېنا كۇتۇپخانىسىغا تاپشۇرغان، ھازىرغىچە شۇ يەردە ساقلانماقتا. 19 – ئەسىردە ۋېنگرىيىلىك شەرقشۇناس ئا. ۋامبىرى ۋە رۇس ئالىملىرىدىن ۋ. رادلوۋلار بۇ ئەسەرنى تۇنجى قېتىم تىرانسكرىپسىيىسى ۋە بىر قىسىم تەرجىمىسى بىلەن دۇنياغا ئېلان قىلغان.
(ب) قاھىرە نۇسخىسى. بۇ نۇسخا ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، جەمى 8500 بېيت، بۇ نۇسخىنى قاھىرە خدىۋلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ نېمىس مۇدىرى دوكتۇر مۇرىتز 1896 – يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى. كېيىنكى دەۋرلەردە تۈركىيە تىل جەمىيىتى بۇ نۇسخىنىڭ فاكسىمىل نۇسخىسىنى تۈركىيىگە ئېلىپ بېرىپ، 1943 – يىلى نەشىر قىلدى.
(ت) پەرغانە نۇسخىسى. بۇ نۇسخا 445 بەت، 6095 بېيت بولۇپ، ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن، 1914 – يىلى زەكى ۋەلىدى توغان پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىن تاپقان.
بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش زۈرۈركى، «قۇتادغۇ بىلىك» دۇنياغا تۇنۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئالىملىرى ئىچىدە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا يېزىلغانلىغى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇ دەۋرلەردە قەشقەر ۋە قەشقەر ئەتراپىنىڭ ئىسلام دۇناسى بىلەن بولغان زىچ باغلىنىشىغا، ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا بۇ جايلاردا ئۆزىگە زىمىن ھازىرلىغانلىغىغا قاراپ، «قۇتادغۇ بىلىك» نى ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئەسەرلىرىنىڭ بىرى دەپ قاراش تارىخىي رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. قاراخانىلار قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن بىللە ئەرەپ يېزىغىنىمۇ باراۋەر قوللانغان. مەھمۇت قەشقەرى قەدىمدىن تارتىپ قاراخانىلارنىڭ دۆلەت ئىشلىرىدا ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ قوللىنىلغانلىغى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىگەن ئىدى: «قاراخانىلار تىلى ئەڭ ساپ تىل، قەدىمقى زاماندىن تارتىپ مۇشۇ كەمگىچە قەشقەردىن تارتىپ چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك شەھەرلىرىدىكى بارلىق خاقانلار، سولتانلارنىڭ كىتاپ، خەت – چەكلىرى مۇشۇ يېزىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن». يەركەندىن 11 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا ۋە 12 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغا ئائىت رەسمى ۋەسىقىلەر ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا ئائىت ھۆججەتلەر تېپىلدى. بۇ ھۆججەتلەردە ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ، ئەرەپ يېزىغىنىڭمۇ قوللىنىلغانلىغىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. رەشىت رەھمىتى ئارات: «تارىخىي پاكىتلار «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئەبۇ ھەسەن ئىبنى سۇلايمان ئارسلان بۇغرا قاراخانغا تەقدىم قىلىنغان دەسلەپكى نۇسخىسىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغىنى ئىسپاتلىماقتا» دىگەن. بۇ ۋەسىقە – ھۆججەتلەردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، شۇ دەۋردە ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغان ھۆججەتلەر بولغىنىدەك، ئەرەپ يېزىغى بىلەن يېزىلغان ئەرەپچە ھۆججەتلەرنىڭمۇ بارلىغى، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە گۇۋاچىلارنىڭ ئىمزالىرى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغى دۆلەت ئىشلىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان يېزىقلار ئىچىدە يەنىلا ئۇيغۇر يېزىغى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى ئەرەپ يېزىغى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەنلىگىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە قولىمىزدا ئېنىق مەلۇمات يوق.
تارىخىي مەنبەلەردە ئۇيغۇر يېزىغى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالتۇن ئوردا ۋە ئىران تەۋەسىدىكى تۈرك خانلىقلىرىدا كېيىنكى چاغلارغا قەدەر قوللىنىلغانلىغى قەيت قىلىنىدۇ. دىمەك، پاكىتلار «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ بۇغرا خانغا تەقدىم قىلىنغان ئەسلى نۇسخىسىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن يېزىلغانلىغىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلماقتا.
«قۇتادغۇ بىلىك» خەلقئارا جامەئەتچىلىككە تونۇلغاندىن كېيىن، باشقىلار تەرىپىدىن «قۇتادغۇ بىلىك» كە يېزىلغان بىر مۇقەددىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: چىن ۋە ماچىن ھېكىملىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەپ تونۇغانكى، تۈركتە چىن ئەللىرىدىن ئىبارەت بارلىق شەرق ئەللىرىدە بۇغرا خان تىلى (خاقانىيە تىلىنى دىمەكچى) ۋە تۈركى سۆزلەر بىلەن ھىچكىم مۇنداق بىر پايدىلىق كىتاپنى يازمىغان. بۇ كىتاپنىڭ پايدىلىق بىر كىتاپ ئىكەنلىگىنى ھەر قايسى ئەللەردىكى ھېكىملەر، ئالىملار نامايەن قىلىشتا ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىدى. چىنلىقلار «ئەدىبى مۈلۈك» (دۆلەتنىڭ ئەدەپ – قائىدىلىرى)؛ ماچىن پادىشاھلىغىنىڭ چوڭلىرى «ئەينە يول مەمالىك» (مەملىكەت ئەينىگى)؛ شەرق ئىلىنىڭ چوڭلىرى «زىنە تول ئەل ئومۇرا» ( ئەمىرلەر زىننىتى)؛ تورانلار «قۇتادغۇ بىلىك»، ئىرانلىقلار «شاھنامەئى تۈركى» دەپ ئاتىدى.
بۇنىڭدىن «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ دۇنيا ئەللىرىگە قانچىلىك چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىگىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «قۇتادغۇ بىلىك» ئۆزىنىڭ مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇغى، ماتىرىياللىرىنىڭ موللۇغى، ھەجىمىنىڭ چوڭلۇغى، ئالىمىنىڭ بىلىمىنىڭ كەڭلىگى قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا، يالغۇزلا تارىخ كىتاۋى ئەمەس، يا رايون، شەھەرلەرنى تەسۋىرلەيدىغان جۇغراپىيىۋى كىتاپ ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمقى ئىجتىمائى ھاياتىنى، روھىي قىياپىتىنى، دۇنيا قاراشلىرىنى، ئەخلاقىي – پەزىلەتلىرىنى، بولۇپمۇ قاراخانىلار دەۋرىدىكى دۆلەتنىڭ سىياسەت، قانۇن، ئەخلاق ھەققىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئوبرازلىق بەدىى شېئىر شەكلى بىلەن يۇرۇتۇپ بەرگۈچى يىگانە ئەسەردۇر.
«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا
«قۇتادغۇ بىلىك» 82 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:
1 –، 2 –، 3 – باپلاردا تەڭرىگە، مۇھەممەت پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭ چارىيالىرىغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ 4 – باپتا بۇغرا خانغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ 5 – باپتا يەتتە سەييارە يۇلتۇز ۋە ئون ئىككى بۇرچ سۆزلىنىدۇ؛ 6 – باپتا ئادەمنىڭ ھۆرمىتى، چۈشەنچىلىرى بىلىمدىن پەيدا بولىدىغانلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 7 – باپتا تىلنىڭ ئارتۇقچىلىغى، پايدا – زىيىنى سۆزلىنىدۇ؛ 8 – باپتا كىتاپ ئىگىسى ئۆزىنىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ؛ 9 – باپتا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە تەربىيە – نەسىھەتلەر سۆزلىنىدۇ؛ 10 – باپتا ئىلىم ۋە پاراسەت، پەزىلەتنىڭ پايدىسى سۆزلىنىدۇ؛ 11 – باپتا كىتاپنىڭ ئىسمى ۋە ئاپتۇرنىڭ قېرىغانلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 12 – باپتا قىلىق – ھەركەتنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى سۆزلىنىدۇ؛ 13 – باپتىن 79 – باپقىچە ئەسەردىكى 4 ئاساسىي پىرسۇناژ: كۈن تۇغدى (پادىشاھ)، ئاي تولدى (ۋەزىر)، ئۇگدۇرۇلمىش (ۋەزىر ئوغلى)، ئۇغۇرمىش (ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى) قاتارلىق 4 پىرسۇناژنىڭ سۆھبىتى سۆزلىنىدۇ؛ 80 – باپتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆتكەن ياشلىغىغا ئېچىنىپ قىلغان پۇشايمانلىرى سۆزلىنىدۇ؛ 81 – باپتا زاماننىڭ بۇزۇلغانلىغى ۋە دوستلارنىڭ ۋاپاسىزلىغى سۆزلىنىدۇ؛ 82 – باپتا ئالىم ئۆزىگە نەسىھەت قىلىپ، ئۆزرە تىلەيدۇ؛ ئۆز ئەسرىنىڭ توغرىلىق (ئادالەت)، سائادەت (بەخت)، ئەقىل، قانائەتتىن ئىبارەت تۆت ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغانلىغىنى بايان قىلىدۇ. ئالىم بۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تۈركچە ئىسىم قويغان؛ توغرىلىققا «كۈن تۇغدى» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى پادىشاھ ئورنىغا قويغان؛ سائادەتكە «ئاي تولدى» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىر ئورنىغا قويغان؛ ئەقىلغا «ئۇگدۇرۇلمىش» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئورنىغا قويغان؛ قانائەتكە «ئۇدغۇرمىش» ئىسمىنى بېرىپ، ئۇنى ۋەزىرنىڭ قېرىندىشى قىلىپ ئالغان. ئالىم دۆلەتنى تۈزەش ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا ئائىت سىياسەت، قانۇن، جەمىيەت، ئەخلاق، ئەقىل، قانائەت ھەققىدىكى پەلسەپىلىك كۆز قاراشلار ۋە تەشەببۇسلارنى تۆت شەخسنىڭ ئۆزئارا سوئال – جاۋاپ شەكلىدىكى سۆھبىتى ئارقىلىق ئوبرازلىق بايان قىلىپ، خەلق ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتنىڭ قانداق بولۇش لازىملىغى، دۆلەتنى بىلىم، ئەقىل، پاراسەت ۋە ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرغاندا، ئۇنىڭ روناق تاپىدىغانلىغى، ھەممە ئىشتا بىلىم، ئەقىل، پاراسەت ۋە ئەخلاقنى يېتەكچى قىلىشنىڭ زورۇرلىگى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ ئەخلاق – پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولۇشىنىڭ لازىملىغى، خەلقنىڭ دۆلەتكە ۋە دۆلەت ئەرباپلىرىغا قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشى، دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ خەلققە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىنىڭ لازىملىغى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېنىق كۆرسەتكەن. مەسىلەن:
1459 – بېيىت: ئەسسىز ئوڭدى ئورما ئاي ئىلچى بوگۇ،
ئەسسىز بولسا بولماز ئاۋۇنۇغ يىگۇ.
(ئەي مەملىكەتنى ئىدارە قىلغۇچى ھاكىم! يامان تەرتىپ ئورناتما، يامان قانۇن بىلەن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغىلى بولمايدۇ.)
1411 – بېيت: ئاي ئەلىگ قاتىغلان ئۆزۈڭ ئەدگۇ بول،
بەگى ئەدگۇ بولسا، بۇدۇن ئەدگۇ ئول.
ئەي ھۆكۈمدار، ئۆزەڭ ياخشى بولۇشقا تىرىشقىن، بېگى ياخشى بولغان ئەلنىڭ خەلقىمۇ ياخشى بولىدۇ.)
1458 – بېيت: تورۇ ئەدگۇ ئۇر ئاي تورۇ بەرگۈچى،
تورۇ ئولدى ئىسسىز تورۇ ئۇرغۇچى.
(ئەي قانۇن تۈزگۈچى، ياخشى قانۇن تۈز، يامان قانۇن تۈزگەن ئادەم تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن بولىدۇ.)
1367 – بېيت: بەلا كۇچ يېرىندە سەن ئەدگۇ قىلىن،
بۇدۇنۇغ سەۋىندۇرگىل ئەلگىن، تىلىن.
(سەن خەلقنى بالا – قازادىن ساقلا، ياخشىلىق قىل، قولۇڭ، تىلىڭ بىلەن ئۇلارنى خوش قىل.)
2969 – بېيت: نەچە بەگ ئۇلۇغ بولسا ئەسلى بەدۇك،
تاپۇغچى بىلە بولدى ئاتى بەدۇك.
(بەگنىڭ ئەسلى قانچىلىك ئېسىل، ئۆزى قانچىلىك ئۇلۇغ بولسۇن، ئۇنىڭ نامى خىزمەتكارلىرى بىلەنلا مەشھۇردۇر.)
1435 – بېيت: ئۆزۇڭ مەڭگۇ بەگلىك تىلەسە تۇجى،
تورۇ قىل بۇرۇندىن كۆتۈرگىل كۇچى.
(ئەگەر داۋاملىق ۋە ئەبىدى بەگلىكنى خالىساڭ، ئادالەتتىن ئايرىلما، خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ئېلىپ تاشلا.)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەتنى تۈزەشتە دۆلەتنى ئىلىم – ئەقىل بىلەن باشقۇرۇش لازىملىغىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش لازىملىغىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
6608 – بېيت: بىلىرمەن تەسەسەن بىلىگدىن يىراق،
بىلىگىسىزگە ساندىڭ بىلگىلى ئارا.
(«بىلىمەن» دىمە، سەن تېخى بىلىمدىن يىراق،
بىلىملىكلەر ئارىسىدا سەن بىلىمسىزلەردىن بىرى.)
6605 – بېيت: بىلىگ بىل ئۆزۇڭگە ئورۇن قىل تورە،
بىلىگ بىلسە ئۆزكە ئەدى بەرگ تۇرا.
(بىلىم ئال، ئورنۇڭ تۆردە بولىدۇ، بىلىم ئادەم ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر قالقاندۇر.)
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئاسترونومىيە بىلەن ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگىنىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يۇلتۇزچىلارنىڭ دىلى ئاي، كۈنلەرنىڭ ھىساۋىنى بىلىدۇ. ئەي ئىنسان! مۇنداق ھىساپ بەك لازىمدۇر. بۇنى ئۆگەنمەكچى بولساڭ، گىئومېتىرىيە ئوقۇ، ئاندىن ساڭا ھىساپنىڭ ئىشىگى ئېچىلىدۇ. كۆپەيتىش، بۆلۈش ۋە ھەممە كەسىرلەرنى تولۇق ئۆگەنگىن ..... يەتتە قات ئاسماننىڭ سىرلىرىنى يەردە ياتقان غازاڭدەك پىششىق بىل، ئالگېبرا ئۆگەن.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ «بۇ دۇنيا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، بەخت پەقەت جەننەتتىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ» دىگەن كۆز قاراشلارغا ئۆز پىكرىنى ئېيتىپ، «ئادەملەر ئارىسىغا بېرىش لازىم»، «قولغا كەلگەن ۋاقىتنى زادىلا بىكارغا ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ»، «ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىن ئالىدىغان مەنپەئەتى ئەنە شۇ»، «جاپا بولماي، ھالاۋەت بولۇش مۇمكىن ئەمەس»، «ئادەملەر ئۈچۈن تاماق، كىيىم لازىم، بۇ ھاياتلىقنىڭ زورۇرىيىتى»، «قالغان ئۆمرۇڭنى ئەمدى بىكارغا ئۆتكۈزمە»، «سەۋر قىلساڭ، جاپا سەن ئۈچۈن نىمەتلىك بولىدۇ»، «ياخشىلىق تىلەشتىن ياخشىلىق قىلغان ئەۋزەل» دەپ، كىشىلەرنى قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىشقا، بەخت يارىتىشقا ئۈندەيدۇ ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا مۇھەببەت باغلاشقا چاقىرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەينى دەۋردىكى جەمىيەت تەرەققىياتىدا دىخانلار، چارۋىچىلارنىڭ جەمىيەتنىڭ بايلىغىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىگى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇلارسىز (دىخاننى دىمەكچى) ئىش پۈتمەس. ئۇلارغا كۈيۈمچان بول، ئۆزۈڭ ئۈچۈنلا ئىش قىلما» دەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ نوقتىنى شۇ دەۋردىلا تونۇپ يەتكەن.
ئاپتۇر تىجارەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سودا – تىجارەت ئەھلى بىلەن ئارىلاش، ئۇلارغا ئوچۇق چىراي بىلەن ياخشى سۆز قىلغىن. سودىگەر تىجارەت قىلىپ غەرپ ۋە شەرقنى ئايلىنىپ، سېنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسەڭنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ بولمىسا، شىمالىي ياۋروپا توقۇلمىلىرى قانداق كېلەتتى. سودىگەرلەر دۇنيانى ئايلانمىغان بولسا، ئۈنچە – مەرۋايىتلارنى كىم كۆرەتتى. شۇڭلاشقا سودىگەرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل.» تىۋىپلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇلارنى ئۆزۈڭگە يېقىن تۇت، ئەزىز كۆر، ھېكىملەر پۈتۈن كىسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. داۋالاش ۋاستىسى بىلەن كېسەللىك ساقىيىدۇ. ھېكىملەر كېسەلنى كۆرۈپ ئىلاج قىلىدۇ.» ئالىملار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملار خەلققە يول كۆرسىتىدۇ، بۇلاردىن ئازدۇر – كۆپتۇر بىلىم ئۆگەن. ئالىملارنىڭ بىلىمى خەلق ئۈچۈن.»
شائىرلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شائىرلار قىلىچتىن كەسكىن بولىدۇ. ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش كېرەك»، «ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى سىنچىلاپ كۆزەتسەڭ، ئۇلار دېڭىزغا چۆمگەن كىشىلەرگە ئوخشاش گۆھەر، ئۈنچە، ياقۇت چىقىرىدۇ».
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۆلەت تەشكىلاتىدىكى خادىملار (تاپۇغۇچى) دا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەر توغرىسىدا سۆزلەپ: «بۇنداق خادىملار ئىناۋەتلىك كىشىلەردىن بولۇشى، سەمىمى بولۇشى، ئەخلاقلىق بولۇشى كېرەك. ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىدىغان ئادەملەرنى ھەرگىز ئۆزەڭگە يېقىن يولاتما» دەپ يامان ئىستىللارنى قاتتىق سۆككەن.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەگ ئۈستىدە توختىلىپ: «بەگ دۆلەتنىڭ باش ۋەكىلى، بەگنىڭ قانداق بولۇشى دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. بەگ بەگلىك ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆگىنىدۇ. بەگ تىز پۈكمەس ئالپ (قەھرىمان)، جەسۇر، قابىل بولۇشى كېرەك. بەگدە مۇشۇ خىسلەتلەر بولسا، ئاندىن خەلق ئىشىنى ياخشى ئىدارە قىلالايدۇ»، «ياخشى پادىچى ئۆز قويلىرىنى بۆرىدىن ئاسرايدۇ، ياخشى خىسلەتلىك بەگمۇ خەلقنى ئاپەتتىن ساقلىشى لازىم. خان باغۇ – بوستانلارنى سۇغارغۇچىغا، خەلق گۈلگە ئوخشايدۇ. گۈل سۇغا قېنىپ باراقسان ئېچىلسۇن» دەيدۇ. ئەمەلدار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تاپۇغۇچى – ئەمەلدارلارنىڭ بېشىدۇر، ئاندىن قالسا سۇ بېشى (ھەربى قوماندان) دۈشمەننى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتمەسلىگى، تىز پۈتمەسلىگى، بېشىدىن قەھرىمانلىق سەرگۈزەشتلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولۇشى، كۈچلۈك، قەتئى، شەخسىيەتسىز، دادىل، باتۇر، تەمكىن بولۇشى لازىم. ئۆزىگە پەقەت بىر ئات، كىيىم – كېچەك ۋە قورال – ياراق قالدۇرۇشى لازىمكى، ئوغلۇم، قىزىم، خوتۇنۇم دەپ مال توپلىماسلىغى، سۈيۈم، بېغىم دەپ ئالتۇن – كۆمۈش توپلىماسلىغى كېرەك.
كۆر، ئارسلان بولۇ بەرىسە ئىتقا باشى،
ئىت بارچە ئارسلان بولۇر ئۆز تۇسى.
قالى بولسا ئارسلانغا ئىت باشى،
ئول ئارسلان بولۇر بارچە ئىت ساقشى.»
(قاراڭلاركى، بىر ئارسلان، ئىتقا باش بولسا، ھەممە ئىتلار ئارسلاندەك بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئىت بىر ئارسلانغا باش بولسا، ھەممە ئارسلان ئىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.)
شائىر يەنە، قوشۇننى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا لايىق بايلىق ئاجرىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلنى بېيىتىش، جەڭدە ئەسىرگە چۈشكەنلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش لازىملىغىنى ئېيتىدۇ. دۆلەتنى باشقۇرۇشتا: «ئۈچ نەرسە يەنى ئوڭ قولىدا قىلىچ، سول قولىدا مۇكاپات بېرىلىدىغان نىمەت بولۇش، ئاغزىدا تاتلىق سۆز بولۇش كېرەك» دىگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىلار جەمىيىتىدىكى ھەر قايسى سىنىپ ۋە ھەر قايسى تەبىقىلەر ھەققىدە بىر – بىرلەپ توختىلىدۇ. دۆلەت ئىدارىلىرىدىكى خادىملار ئۈستىدە يۈرگۈزگەن مۇھاكىمىسىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«ساڭا بەگلىك نىسىپ بولسا، بىلىمىڭ بىلەن ئىدارە قىل،
يابغۇ – تېگىن بولساڭ، قولۇڭدىن كەلگەنگە قەدەر ۋاپادار بول،
ئارمىيە قوماندانلىغىغا نىسىپ بولساڭ، دۈشمەننى بىل ، ھۇشيار تۇر،
ساڭا ۋەزىرلىك نىسىپ بولسا، ئادىل بول، ناھەق ھۆكۈم چىقارما،
ئۆگەلىك ئورنىغا ئېرىشسەڭ، ھۆكۈمدار خاتالاشقان بولسا يول كۆرسەت،
ھاجىپ بولساڭ، پارە ئالما، قۇل، يىتىملەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلا،
ھۆكۈمدارلار كاتىۋى بولساڭ، سىر ساقلاشنى بىل.»
يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۈركى خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى، دۇنيا قاراشلىرىنى، ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلىرى ئارقىلىق يۈكسەك دەرىجىگە كۆتىرىدۇ. بۇ قاراخانىلار جەمىيىتى ئىدىئولوگىيىسىنىڭ ۋە مەدىنى ھاياتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى نامايەن قىلغان بۇنداق بىر نادىر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىپتىخارىدۇر! 
2-          بۆلۈم «تۈركىي تىللار دىۋانى» توغرىسىدا
11 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان دەۋر قاراخانىلار مەدەنيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى) ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. شۇڭا بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇيغۇر تىلىدا بىر قانچىلىغان ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ ئەسەرلەردىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنلىرى ئىچىدە ھەر جەھەتتىن ئەڭ قىممەتلىك يەنە بىر ئەسەر «تۈركى تىللار دىۋانى» دۇر. مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئەسەردە ئەرەپلەرنىڭ تۈركى تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن، سۆز – ئىبارىلەرگە ئەرەپ تىلى بىلەن ئىزاھات بەرگەن. «تۈركى تىللار دىۋانى» (تۆۋەندە «دىۋان» دەپ ئالدۇق) دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ئىنسكلوپىدىيىلىك لوغەت دەپ ھىساپلانغان «كاڭشى لوغىتى» دىنمۇ كۆپ ئىلگىرى تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ ئەسەر مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمقى يادىكارلىقلار ئىچىدە بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.
ئىلىم دۇنياسى «دىۋان» نى تىلشۇناسلىقتا تەڭداشسىز ئەسەر دەپ ھىساپلىماقتا. «دىۋان» مۇندىن 1000 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن تۈكى تىللىرى قامۇسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا ئالاقىدار ئىنتايىن مۇھىم مارتىرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنى چوڭ ئىنسكلوپىدىيە دىيىشكە بولىدۇ.
«دىۋان» دا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا تۈركى تىللارنىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرى، گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، ھەر بىر جاينىڭ دىئالېكتىكىلىق پەرقلىرى ۋە ئۇلارنى ئىپادىلەشتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرى بايان قىلىنغان. «دىۋان» دا كەلتۈرۈلگەن ئۆرنەكلەر، جۈملە، ماقال، تەمسىل، بېيىت، شېئىر، پارچە، داستانلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق قەدىمقى دەۋردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى تىللىرىنىڭ تىل تۈزۈلۈشى، قەدىمقى تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرى، قەبىلىلەرنىڭ ئىسمى ۋە جايلاشقان يەر ناملىرى، ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىش جەريانلىرى، يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، ئۆي جابدۇقلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ئېتنوگراپىيىلىك قىممەتلىك مەنبەلەر قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار جەمىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ماتىرىيالدۇر.
مەھمۇت قەشقەرى توغرىسىدا
«تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتۇرى مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردە ئۆتكەن مۇتەپەككۇر ئالىمى.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ھاياتى ھەققىدە قولىمىزدا ماتىرىيال كەم. ئەمما، «دىۋان» نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مەھمۇت قەشقەرى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىسمىنى «مۇھەممەت ئوغلى ھۈسەيىن ئىبنى مەھمۇت قەشقەرى» دەيدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى مەھمۇت، دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەت ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلەلەيمىز.
مەھمۇت قەشقەرىمەھمۇت قەشقەرى قەشقەرنىڭ ئەينى زاماندىكى يېزىلىرىدىن ئوپالنىڭ
ئازىق كەنتىدە توغۇلغان، قەشقەردە ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قاچان توغۇلغانلىغى ۋە قانچىلىك ئۆمۈر كۆرگەنلىگى ھەققىدە «دىۋان» دا بايان قىلىنغان قاراخانىلار خانلىغىنىڭ خانلىق شەجەرىسىدىكى مەنبەلەرگە قاراپ شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم، يەنە بىر ئوغلى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇكېرىم، سۇلايماننىڭ ئوغلى ھارۇن (ئەلى ھەسەن) ئىبنى سۇلايمان ھىجىرىيىنىڭ 302 – يىلى، مىلادىنىڭ 992 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپ قادىرخان بۇ مەزگىلدە، ھېچ بولمىغاندا، 20 ياشلاردا بولۇشى كېرەك. يۈسۈپ قادىرخان خېلى ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرگەن بىر ئادەم بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 423 – يىلى، مىلادىنىڭ 1032 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنى 60 ياشلاردا ۋاپات بولغان دەپ ھىساپلىساق، ئۇ، ھېچ بولمىغاندا، مىلادىنىڭ 971—981 – يىللىرىدا توغۇلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان ئۇرۇشلاردىن كېيىن خوتەننى ئىشغال قىلغانلىغىنى بىلىمىز. ئۇ قەشقەردە «ناسىر دەۋلە قادىرخان» دىگەن ئۇنۋان بىلەن، ھېچ بولمىغاندا، ھىجىرىيىنىڭ 396 – يىلى، مىلادىنىڭ 1005—1006 – يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈم سۈرگەن بولىدۇ. چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ يەركەندىمۇ تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 407 – يىلى، مىلادىنىڭ 1016—1017 – يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈم سۈرگەن بولىدۇ. ئىككىنچى ئوغلى مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ بەك كىچىك ئەمەس ئىدى. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەھمۇت ئىبنى يۈسۈپ ھىجىرىيىنىڭ 449 – يىلى، مىلادىنىڭ 1057—1058 – يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان. بۇ ۋاقىتتا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپنى ھىجىرىيىنىڭ 327 – يىلى، مىلادىنىڭ 991—992 – يىللىرىدا توغۇلغان دەپ قىياس قىلساق، ھۈسەيىن ھىجىرىيىنىڭ 400 – يىلى، مىلادىنىڭ 1010—1011 – يىللىرىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا، مەھمۇت ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى مەھمۇت قەشقەرىنىڭ توغۇلغان يىلى تەخمىنەن ھىجىرىيىنىڭ 442 – يىلى، مىلادىنىڭ 1028—1029 – يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ئايانكى، مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئەسەرنى يازغان مەزگىلدە تەخمىنەن 40 ياكى 50 ياشلاردا بولغانلىغى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەھمۇت قەشقەرى قاراخانىلارنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەردىكى «ساچىيە» كۇتۇپخانىسىدا، سەمەرقەنت ۋە بالاساغۇنلاردا، كېيىنكى چاغلاردا باغداتتىكى مەشھۇر كۇتۇپخانىلاردا ئەرەپ، پارىس ۋە تۈركى تىللاردىكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغان ۋە چوڭقۇر بىلىم ئالغان.
مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتىن ئاۋال ئىلى ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى ئامۇ دەريا، سىر دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان پۈتۈن ماۋرا ئۇننەھر ۋە ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئوغۇز، تۈركمەن، ياغما، چىگىل، قارلۇق، قىپچاق، باسمىل، چومۇل، تۈركەش، ياباقۇ قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە تىل پەرقلىرى ئۈستىدە جاپالىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دۇنياۋى قىممەتكە ئىگە بولغان بۇ ئەسەرنى مەيدانغا چىقاردى. ئاپتۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زىرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن – ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم.»

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتا ۋە تەتقىق قىلىشتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، ئۇنى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە بىر خىل ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈزۈپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا «ئەبىدى يادىكار» قىلىپ قالدۇرغان. تارخخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» دىن باشقا يەنە «تۈركى تىللىرىنىڭ نەۋھىگە ئائىت جەۋھەرلەر» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىمۇ يازغانلىغى مەلۇم. ئەمما بۇ ئەسەر بىزنىڭ قولىمىزدا يوق.
«دىۋان» نىڭ يېزىلغان ۋاقتى
مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىش ئۈستىدە توختىلىپ «بۇ كىتاپنى ھىجىرىيە 464 – يىلى جۇمادىيەل ئەۋۋەلنىڭ باشلىرىدا يېزىشقا كىرىشىپ، 4 قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئوبدان تەھرىرلەپ چىققاندىن كېيىن، 466 – يىلى ھىجىرىيىدە تاماملىدىم» دەيدۇ. ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ سۆزىدىن قارىغاندا، «دىۋان» نىڭ 1 – نۇسخىسى ھىجىرىيىنىڭ 464—466 – يىللىرى (مىلادى 1072—1074 – يىللار) دا يېزىلغان بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 467 – يىلى (مىلادى 1075 – يىلى) دا قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، پۇختا تەھرىرلىگەندىن كېيىن، باغداتتىكى ئابباسىلار خەلىپىلىگىنىڭ 27 – خەلىپىسى بولغان ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرىللاغا تەقدىم قىلغان.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشى توغرىسىدا
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشىدىكى سەۋەپ توغرىسىدا تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. پىرىتساك: «مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا نىمە سەۋەپ بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلىگى پەقەت ئاشكارىلانمىغان، تۈرك ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان نۇرغۇن ساياھەتلەرنىڭ سەۋەپلىرى سۆزلەنمىگەن. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ باغداتقا بېرىشتىن ئىلگىرىكى ۋەقەلەر تولۇق ئېچىلمىغان» دەپ قارايدۇ.
سالچۇقىلار دەۋرىدە باغدات ئەرەپلەر بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى بولغانلىغى ئۈچۈن، سىياسى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە بىرەر مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولغانلارنىڭ باغدات ۋە مىسىرغا كۆچۈپ بارغىنىدەك، ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلغانلارنىڭمۇ مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىگە بېرىشى تەبىى ھال ئىدى. شۇ دەۋرلەردە باغداتتىن باشقا بۇخارا، قاھىرە ۋە شام قاتارلىق بىر مۇنچە شەھەرلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار باغداتتەك ئەھمىيەتلىك ئەمەس ئىدى.
باغداتقا توپلانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ ئەرەپ دۇنياسىغا نىسبەتەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، پۈتۈن سىياسى، ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ قولىدا ئىدى.
مەھمۇت قەشقەرى باغداتقا بارغان ۋاقىت سالچۇقىلار سولتانى مەلىكشاھنىڭ تەختتىكى ۋاقتى بولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇنى تۇركان خاتۇن قاراخانىلار خانى تاۋغاچ بۇغراخاننىڭ قىزى ئىدى. بۇ خاتۇن رەسمى سىياسى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلارغا كۆپىنچە تۈركلەردىن ۋالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيتتى. بۇنداق ئوبېكتىپ سەۋەپ تۈپەيلىدىن، تۈركى خەلقلەرگە تېخىمۇ يېقىنلىشىش ۋە ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش نىيىتىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ۋە ئەرەپ تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ زور كۆپچىلىگى ئۈچۈن، تەبىى ھالدا، ئۇيغۇر تىلى (خاقانىيە تىلى) نى ئۆگىنىش زورۇرىيىتى توغۇلدى.
تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، قاراخانىلار دۆلىتىدە ھىجىرىيە 447—448 – يىللىرى (مىلادى 1056—1057 – يىللىرى) سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ئەڭ چوڭ خان (ئارسلان خان) سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئىنىسى ھەم خانلىق شىرىگى بولغان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپكە قارشى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ، دۆلەت ھوقۇقىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان. ئىككى ئوتتۇرىدىكى جەڭدە ئارسلان خان سۇلايمان ئبنى يۈسۈپ مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشىدۇ. بۇغراخان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، دۆلەت ھوقۇقىنى قولغا ئالىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، يەنە ئىبنولئەسىر ئۆزىنىڭ «تارىخى كامىل» دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «15 ئايدىن كېيىن، بۇغراخان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ چوڭ خاقان (ئارسلان خان) بولۇپ، دۆلەت ھوقۇقىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېگىنگە تۇتقۇزدى. ئۇنى دۆلەتنىڭ نامزات خانى دەپ ئېلان قىلدى، لېكىن، بۇغراخاننىڭ (ئارسلان مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپنىڭ) 2 – خوتۇنىدىن تۇغۇلغان كىچىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇ خوتۇن ھۈسەيىن چاغرى تېگىننىڭ نامزات خانلىققا تەيىلەنگەنلىگىگە نارازى بولۇپ، بۇغراخان (سۇلايمان ئىبنى يۈسۈپ) غا قەست قىلدى، ئۇنى ۋە پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ بىر نەچچە ئەزاسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ قېرىندىشى ئارسلان خان ئىبنى قادىرخان (سۇلايمان يۈسۈپ) نىمۇ بوغۇزلىۋەتتى. مەھمۇت ئىبنى ھۈسەيىن يەنى مەھمۇت قەشقەرى مۇشۇ قىرغىندىن ئامان قالغان بىر قانچە كىشىنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇ بۇ ۋاقىتتا قېچىپ چىقىپ خوشنا تۈرك ئەللىرىگە بېرىپ، بۇ جايلاردا 10 نەچچە يىل يۈرۈپ ئاخىرى باغداتقا كېلىپ قالدى. مەھمۇت قەشقەرى بۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا تۈرك دۇنياسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.»
قاراخانىلار دەۋرىدە تۈركى خەلقلەرگە ئورتاق بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ئەنئەنىسىنى ساقلىغان ھالدا شەكىللەنگەن يېزىق تىلى ۋە ئەدىبى تىل بار ئىدى. مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» نى يېزىشتا ئۆز دەۋرىدىكى ئەدىبى تىلنى ئاساس قىلدى. ئۇ خاقنىيەنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسى (قەشقەر رايونى) دىكى خەلقلەر سۆزلىشىدىغان ئورتاق تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنىڭ فونېتىكا – گىرامماتىكا قائىدىلىرنى ئېنىق چۈشەندۈردى. قاراخانىلارنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدە ياشىغىچى خەلقلەرنىڭ تىلىنى ئومۇمى تىلنىڭ ئاساسىي دەپ ھىساپلاپ، ئۇنىڭغا «خاقانىيە تىلى» دەپ نام بەردى. خاقانىيە تىلى ئەڭ ساپ ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى بولۇپ، ئۇ قەدىمقى ئۇيغۇرچە 24 ھەرپتىن تۈزۈلگەن؛ بارلىق خاقانلار، سولتانلارنىڭ كىتاپ، خەت – چەكلىرى قەدىمقى زاماندىن شۇ كەمگىچە، قەشقەردىن تارتىپ چىن ۋە ھەممە تۈرك شەھەرلىرىگىچە مۇشۇ يېزىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن.
مەھمۇت قەشقەرى خاقانىيە تىلىنىڭ ئەرەپ تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىغى ئۈستىدە توختالغاندا، تۈركى تىلىنىڭ ئەرەپ تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
«دىۋان» نىڭ مەزمۇنى
«دىۋان» تىلشۇناسلىق كاتىگورىيىسىگە كىرىدىغان ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭغا ھەممە ساھەدىن مەلۇمات بېرىلىپ، ناھايىتى كەڭ مەزمۇن بىلەن بېيىتىلغان.
(ئا) ئەدەبىيات
«دىۋان» بىزگە قاراخانىلار ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى ياخشى مەلۇمات بېرىدىغان مەنبەلەردىن بېرىدۇر. ئۇنىڭغا قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، مەدىنى ھاياتىنى، كۆرەش پائالىيىتىنى، ئەقىل – پاراسىتىنى، ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق بايان قىلىدىغان 242 پارچە (1 – جىلدىدا 117 پارچە، 2 – جىلدىدا 48 پارچە، 3 – جىلدىدا 77 پارچە) ئەدىبى پارچە ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، قوشاق، تەمسىل، ھىكمەتلىك سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن. «دىۋان» غا كىرگۈزۈلگەن شېئىر، قوشاق، ماقال – تەمسىللەر ئۆزىنىڭ يېقىملىقلىغى، گۈزەللىگى، رەڭدارلىغى ۋە مەزمۇنىنىڭ موللىغى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.
(1) ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرى
«دىۋان» دىكى ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرى تەبىئەتنى، جەمىيەتنى ئۆزگەرتكۈچى، ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقنى ياراتقۇچى ئەمگەكچى خەلقنىڭ پائالىيىتى، روھىي قىياپىتى ۋە سەيلە – تاماشاسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ:
يىگىتلەرىك ئىشلەتۇ،
يىغاچ يەمىش ئىرغاتۇ.
قۇلان كېيىك ئاۋلاتۇ،
بەزرەم قىلىپ ئاۋنالىم.
(يىگىتلەرنى ئىشقا سېلىپ، مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغاتتۇرۇپ، ياۋا ھايۋانلارنى ئوۋلىتىپ، بايرام قىلىپ كۆڭۈل ئاچايلى.)
«دىۋان» دىكى بۇ خىل ئوۋچىلىق ۋە ئەمگەك قوشاقلىرىغا ئىپتىدائى جەمىيەتكە دائىر ماتىرىياللار سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قوشاقلار ئەدىبى قىممىتى جەھەتتىنلار ئەمەس، بەلكى ئۇزاق زامانلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى، ئىپتىدائى جەمىيەتنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.
(2) جەڭ قوشاقلىرى
«دىۋان»دىكى جەڭ قوشاقلىرىدا قاراخانىلار تېرىتۇرىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قاراخانىلار ھاكىمىتىنى مۇستەھكەملەش، كىچىك خانلىقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىچكى بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىشتىكى جەڭ – ئۇرۇشلار ۋە ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىشتە ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا غەيرى دىندىكىلەر ئۈستىدىن قىلغان غازاتلار، خوشنا ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان جەڭ، ئۇرۇشلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
ئالپلار ئارىغ ئالقىشۇر،
كۈچ بىر قىلىپ ئارقاشۇر.
بىر بىر ئۇزە ئالقىشۇر،
ئەزگەرمەزىپ ئوق ئاتار.
(باتۇرلار بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى، كۈچنى توپلاپ ئۆز كىشىلىرىنى قوللاشتى، مەدەت بېرىپ بىر – بىرىنى ئالقىشلاشتى، ئۆلۈمدىن قورقماي ئوق ئېتىشتى.)
......................................
تەلىم باشلار يۇۋالدىمات،
ياغى ئاندىن ياۋالدىمات.
كۈچى ئانىڭ كەۋەلدىمەت،
قىلىچ قىنقا كۈچۈن سىغدى.
(باتۇرلارنىڭ باشلىرى تېنىدىن جۇدا قىلىندى، شۇڭا دۈشمەننىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچى ئاجىزلاشتى. قىلىچلار يۈزىگە قاتقان قاننىڭ كۆپلىگىدىن قىنىغا تەستە سىغدى.)⑬
(3) مەرسىيە قوشاقلىرى
«دىۋان» دىكى مەرسىيە قوشاقلىرى قايغۇ، ئۆلۈم ھادىسلىرى يۈز بەرگەندە ئېيتىلىدىغان مەرسىيىلەر. «دىۋان» دا چوڭ سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان ئىككى مەرسىيە بار: بۇنىڭ بىرى قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ ئۆلۈمىگە بېغىشلانغان مەرسىيە، يەنە بىرى نامى كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئۇرۇشتا ۋاپات بولغان تارىخىي شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان مەرسىيىلەر. مەسىلەن:
ئالپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ،
ئېسىز ئاژۇن قالدىمۇ.
ئۆزلەك ئۇچىن ئالدىمۇ،
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.
(ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟
يامان دۇنيا قالدىمۇ؟
پەلەك ئۈچىنى ئالدىمۇ؟
ئەمدى يۈرەك تىتىلۇر.)
...............................
ئۇلىشىپ ئەرەن بورلەيۇ،
يىرتىپ ياقا ئۇرلايۇ.
سىقىرىپ ئۇنى يۇرلايۇ،
سىغتاپ كۆزى ئۇرتۇلۇر.
(ئەرلەر بۆرىدەك ھۇلىشىپ،
ياقا يىرتىپ ۋاقىرىشىپ.
ئۈنىنىڭ بېرىچە چىقىراپ، پەريات چىكىپ،
ئۆكسۈپ كۆزنى ئۇرتىلەر.)⑮ (ئاپراسىياپنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن)
بۇ خىل مەرسىيىلەردە تىپىك تارىخىي شەخسلەرنىڭ خەلق يولىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ جەڭدە ۋاپات بولغانلىغىغا چوڭقۇر قايغۇ – ھەسرەت ئىپادىلەنگەن.
(4) مۇھەببەت قوشاقلىرى
قاراخانىلاردىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن مۇھەببەت قوشاقلىرى شۇ دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ساپ – سەمىمى ئەخلاقىنى، سۆيگۈ – ھىسىياتىنى، شۇ دەۋردىكى كىشىلىك ۋىجدان ۋاپادارلىغىنى تېما قىلغان. بۇ قوشاقلار «دىۋان» يېزىلىشتىن بۇرۇن خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان مۇھەببەت قوشاقلىرىدۇر. مەسىلەن:
باردى كۆزۈم يارۇقى،
ئالدى ئۆزۈم قونۇقى.
قاندا ئەرىنج قانىقى،
ئەمدى ئۇدىن ئۇزغۇرۇر.
(كۆزۈمنىڭ يۇرۇغى كەتتى،
جېنىمنى ئالدى.
ئۇ قەيەردە بولغاي،
ئەمدى ئۇيقۇدىن ئويغىنار.)
كۆز نۇرۇم (سۆيگەن يارىم) كەتتى، ئۇ مىنىڭ روھىمنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى. ئەمدى ئۇ قەيەردىكىن؟ ئۇنىڭ پىراقىدىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.

.............................

بولنار مەنى ئۇلاس كۆز،
قارا مەڭىز قىزىل يۈز.
ئاندىن تامار تۇگەل تۇز،
بولناپ يانا ئول قاچار.
(ئۇۋلار مېنى خۇمار كۆز
قارا خاللىق قىزىل يۈز.
تامار ئاندىن تۇگەل ئۇز،
ئوۋلاپ يەنە ئۇ قاچار.)
قارا مەڭلىك قىز يۈزلىرىدىن گۈزەللىك تېمىپ تۇرىدىغان خۇمار كۆز مېنى ئەسىر قىلىدۇ، ئەسىر قىلىدۇ – دە، يەنە قېچىپ كېتىدۇ.
(5) پەندى – نەسىھەت قوشاقلىرى
«دىۋان» دا يېزىلغان پەندى – نەسىھەت قوشاقلىرى شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائى ئەخلاق قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ قوشاقلاردا كىشىلەر ئەجداتلارنىڭ ئېسىل خىسلەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىشقا، ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈشكە، چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئىلىم – پەن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىنغان ۋە تەييارتاپلىق، يالغانچىلىقنىڭ ئىنسانغا زىيانلىق ئىكەنلىگىنى تەسۋىرلىگەن.
بىلگە ئەرىگ ئەزگۇ تۇتۇپ سۆزىن ئېشىت،
ئەرزەمنى ئۆگرەنىپەن ئىشقا سورا.
(بىلىملىك ئادەمنى ئىززەتلەپ، سۆزىنى ئىشت،
پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئىشقا ئاشۇر.)
(ب) تىبابەتچىلىك
«دىۋان» ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تىببى ئىلمى، تىبابەت تارىخى ئۈستىدە بىزنى مول ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش، تەبىئەت ۋە كىسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ھەر خىل داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئىجات قىلغان ئىدى. «دىۋان» مۇشۇ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، تۈركى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانلاشقان رايونىنىڭ ئاب – ھاۋاسى، يەر – سۈيى، خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، غىزالىنىشى، بۇ جايلاردا ئۆسكەن ھەر خىل ئۈسۈملۈكلەر، ئوت – چۆپ، مەدەن، دورا – دەرمەك بايلىقلىرى، شاراپ تەييارلاش ئۇسۇللىرى، كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىلمى توغرىسىدا ماتىرىيال بېرىدۇ.
شۇ دەۋردە خەلق ئىچىدە پەيدا بولغان كېسەللىكلەردىن قان بېسىمى كېسىلى، موخۇ كېسىلى، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى، بەزگەك، ئاق كېسەل، ئىچ ئۆتكۈ، زۇكام، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، چاپلاشقاق كېسىلى، قۇساق ئاغرىغى، قېرىندا سېرىق سۇ يىغىلىش كېسىلى، سېرىق چىچەك كېسىلى، ئۆسمۈرلەرنىڭ تىرنىغىغا ئاق داغ چۈشۈش كېسىلى، كېزىك كېسىلى، ئاياللارنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈش كېسىلى، تاز، قىچىشقاق كېسىلى قاتارلىق ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالىغانلىغى، قۇساق ئاغرىغىنى ئىگىر بىلەن داۋالىغانلىغى، «ئاكىت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دورىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى داغنى داۋالىغانلىغى بىر بىرلەپ بايان قىلىنىدۇ. يەنە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشتا ھەسەل، زەپەر، سىغۇن ئوت (مېھرىگىيا)، قوداي يېغى، ئىپار ۋە ھايۋان، ئۇچار – قانات ھەمدە ھەر خىل ئۈسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىلغانلغى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن تۈركى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزىگە خاس تىببى ئىلىمنىڭ بولغانلىغى، بۇ ئىلىمنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن تاللاپ قوبۇل قىلىپ، ئۆز تىببى ئىلمىنى بېيىتقانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز.
«دىۋان» دا يەنە ئۇيغۇر ۋە تۈركى خەلقلەرنىڭ كالىندارچىلىغىغا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئەڭ قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپلا يىللارنى موچەل بىلەن ھىساپلاش ئۇسۇلىنىڭ تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقانلىغىدىكى تارىخىي پاكىتلارنى بىزگە يېىپ قالدۇرغان.
قاراخانىلار دەۋرىدە ئاسترونومىيە خېلىلا تەرەققى قىلىپ، ئاسماندىكى سەييارىلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىنى تەتقىق قىلىش باشلانغان. شۇ چاغدىكى ئاسترونوملار ناھايىتى نۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويۇپ، بىزنى ئاسمان جىسىملىرى توغرىسىدا مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. «دىۋان» دا بۇ ھەقتىمۇ ياخشى مەلۇمات بېرىلگەن.
مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» قاراخانىلار خانلىغى دەۋرىدە بىزگە قالدۇرۇلغان مەدىنى مىراس بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە بارلىق تۈركى خەلقلەرنىڭ ئۇزاق تارىخىي ئۆتمۈشىنى تىل ۋاستىسى بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن ئۆچمەس تارىخىي ھۆججەتتۇر. 
4 – بۆلۈم «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» توغرىسىدا
قاراخانىلار دەۋرىدە يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىك»، «تۈركى تىللار دىۋانى» دىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى بىلەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەشھۇر بولغان نادىر ئەسەر «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» («ھەقىقەت ئىشىگى») دىگەن ئەسەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ ئاپتۇرى ئەھمەت يۈكنەكى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرى ياشىغان ئۇيغۇر ئەدىپ. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەرنى قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېزىلغان دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ئاساسىدىكى ۋەز – نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئەسەر جەمى 14 باپ، 484 مىسرا (كىتاپقا ئىلاۋە قىلىنغان 3 پارچە شېئىر بىلەن 512 مىسرا) دىن تەركىپ تاپقان. ئالدىنقى 5 بابى 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن مەسنىۋى (ھەر بىر كوبلىتى ئىككى مىسرالىق شېئىر)، كېيىنكى 9 بابىنىڭ ھەر بىر مىسراسى 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن. 1 –، 2 –، 3 – مىسرالىرى قاپىيىلىشىپ كېلىدىغان روبائى شەكلىدە يېزىلغان. كېيىن، دۇنيا ئالىملىرىدىن بىر قانچىلىرى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىلاۋە قىلغان مىسرالىرىنى قوشقاندا، بۇ ئەسەر جەمى 512 مىسرادىن تەركىپ تاپقان داستان ئىكەنلىگىنى تېپىپ چىقتى.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە قەدىمقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمىر ئارسلان خوجا قاراخان تەرىپىدىن بۇ ئەسەرگە يېزىلغان ئىلاۋىدە، ئەسەرنىڭ قەشقەر تىلى (خاقانىيە تىلى) دا يېزىلغانلىغى ئېيتىلغان.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» غا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ ئەسەر چاغاتاي تىلى (چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى) بىلەن يېزىلغان. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە تۈركى تىللار ئىچىدە تۇتقان ئورنىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ بىزگە ھازىرچە مەلۇم بولغىنى 3 خىل قوليازما نۇسخىسى بولۇپ، بىرىنچىسى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ئا نۇسخا). بۇ مىلادىنىڭ 1444 – يىلى زەينۇل ئابىدىن، سولتان بەخت، ھۈسەيىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن سەمەرقەنتتە كۆچۈرۈلگەن، ھازىر ئىستامبۇلدىكى «ئايا سۇفىيا» موزېيىدا ساقلانماقتا. ئىككىنچىسى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن ئەرەپ يېزىغىدا قۇرمۇ قۇر پاراللىل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ب نۇسخا) بولۇپ، بۇ نۇسخا مىلادىنىڭ 1480 – يىلى ئابدۇلراززاق قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخىسىمۇ ئىستامبۇلدىكى «ئايا سۇفىيا» موزېيىدا ساقلانماقتا. ئۈچىنچىسى، يالغۇز ئەرەپ يېزىغىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ت نۇسخا) بولۇپ، بۇ نۇسخىمۇ ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرۈلگەن كىشىنىڭ نامى ئېنىق ئەمەس. ھازىر بۇ نۇسخىمۇ ئىستامبۇلدىكى «توپقاپى ساراي» كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

ئىزاھاتلار:
مورگاننىڭ «تۈرك تارىخىنىڭ ئانا خەتلىرى» دىگەن كىتاۋىنىڭ 1 – بېتى.
«تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 193 – بەت.
«تۈركى تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم، 136 – بەت.
قەشقەردە «ساچ مەدرىسى» دىگەن مەدرىسە بار. «سۇراھ» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتۇرى جامال قارشى ئۆز كىتاۋىدا، جەۋھىرى (مىلادىنىڭ 1002 – يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «ئەسھاھ» ناملىق 4 توملۇق كىتاۋىنى قەشقەردىكى «ساچىيە» كۇتۇپخانىسىدىن ئالغانلىغىنى ئېيتىدۇ.
ئەل جەۋھىرى (تولۇق ئىسمى ئۇبۇ نەسىر ئىسمايىل جادال فارابى) بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 393 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ قاراخانىلارنىڭ يەنە بىر مەركىزى بولغان بالاساغۇندا توغۇلغان. ئۇ شۇ جايدىكى ئىبراھىم فارابى قاتارلىق ئالىملاردىن ئۆگەنگەن، كېيىن مىسىر، ئىراققا كېلىپ ئەرەپ تىلىنى تەتقىق قىلىپ، كېيىنچە نىشاپۇردا تۇرۇپ قالغان. ئۇ پارىسچە، تۈركچە تىلدا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئۇ «ۋانقۇلى» ناملىق ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن مەشھۇردۇر.
پروفېسسور ئاقجان ماشانۇر: «فارابى تۇغۇلغانلىغىنىڭ 1000 يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن».
«خاس ھاجىپ» خاننىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسى، خاس مەسلىھەتچى دىگەن مەنىدە. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا بۇ سۆزنىڭ قەدىمقى تۈركچىسىى «تاپاگۇ» يەنى سەلتەنەت تايانچىسى، دۆلەت تۈۋرۈگى، ئەڭ ئىشەنچلىك كىشى دىگەن بولىدۇ دەپ ئىزاھلىغان.
ئوگە – تېگىندىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئەمەلدار، مەسلىھەتچى.
«ئوپال. بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى.» «تۈركى تىلار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 99 – بەت.
« تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 2–، 3 –  بەتلەر.
« تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 348 – بەت.
« تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 316 –، 317 –  بەتلەر.
« تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 515 –، 516 –  بەتلەر.
« تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 59 – بەت.
« تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 254 – بەت.
« تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 65 – بەت.
« تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 82 – بەت.
« تۈركى تىلار دىۋانى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980 – يىل نەشىرى، 1 – توم 558 – بەت.
(داۋامى بار)
[ بۇ يازما kokbora7411 تەرىپىدىن 2008-12-08 10:48 دە ]
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !