ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 744ـ كۆرۈرمىنى
TarimDadxah
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
---|
ئۇيغۇر تۇماقچىلىقى ! ئۇيغۇر تۇماقچىلىقى ئۇزۇن تارىخقا، ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى يەرلىك تۇماقلىرىنى كىيىشنى ئۆزلىرىنىڭ غۇرۇرى، سەلتەنىتى دەپ بىلىدۇ. ئۇيغۇر تۇماقلىرى يارىشىملىق، ئىسسىق بولۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى، گۈل قىسىپ كىيىشكە، ئالدى – ئارقىنى ئايلاندۇرۇپ كىيىشكىمۇ ئەپلىك. تۇماق رەختى: قولى چېۋەر ئۇيغۇر ئۇستىلار تۇماق رەختى ئۈچۈن كەمچەت، قاما، سۆسەر، تىيىن، تۈلكە، سۈلەيسىن، سۇغۇر، ئەلتىرە، قوي، ئۆچكە، ئات تېرىسى قاتارلىق بىر يۈز سەكسەن ئۈچ خىل ھايۋانات تېرىسىنى، تاش ئۈچۈن، دۇخاۋا، مەخمەل، مويىت قاتارلىق ھەرخىل ئېسىل رەخت ۋە ئەستەر ئۈچۈن ھەر خىل رەختلەر ئىشلىتىلىدۇ. تۈرى: ئۇيغۇر تۇماقلىرى ئەر – ئايال دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنۈش بىلەن بىرگە، ياشلار، ئوتتۇرا ياش، قېرىلار، دىنىي زاتلار سەللە تۇمىقى ۋە خىلمۇ خىل يەرلىك تۇماقلار، مەسىلەن، ئاتۇش تۇمىقى، پەيزىۋات تۇمىقى، قەشقەر، خوتەن، كېرىيە تۇمىقى، قاغىلىق تۇمىقى، مەكىت تۇمىقى، يېڭىسار ساغان تۇمىقى، كۇچا تۇمىقى، قومۇل تۇمىقى دېگەنگە ئوخشاش يەرلىك تۈر، نۇسخىلارغا بۆلۈنىدۇ. تۇماقچىلىق سايمانلىرى: تېرە كېسىدىغان پىچاق، ئەستەر، تاشلىق رەخت كېسىدىغان قايچا، يىپ، يىڭنە، پاختا، قېلىپ، ناۋات، چىۋىق، قارا گۈل، رەڭ ۋە باشقا پەرداز بۇيۇملىرى. تىكىلىشى: ھەرقانداق تېرە ئالدى بىلەن ئۇندا ئاشلىنىپ، قۇرۇتۇلۇپ، ئۇۋۋۇلاپ يۇمشىتىلىدۇ. كېسىشتە تېرىنىڭ يۈىزىدىن ئەندىزە قويۇپ تۆت تالالىق، ئالتە تالالىق قىلىپ ئۆلچەملىك كەسكەندىن كېيىن ئۇلارنى بىر – بىرىگە چېتىپ، تۇماقنىڭ تۆپىسىنى پۈتتۈرىدۇ. ئەگەر تۇماق ياكى قۇلاقچىلارغا ئەستەر ئالماق بولسا، رەختكە پاختا سېلىپ سېرىپ، تۆپە تالاسىدەك كېسىپ چىقىپ، تۆپىنى ئەستەرگە كىيدۈرىدۇ. ئەتراپىنى يۆمەپ تىكىپ بولۇپ، قېلىپقا سېلىپ قايچا بىلەن مويلىرىنى قىرقىپ تەڭشەيدۇ ۋە سۇ پۈركۈپ موينى چىۋىقلاپ، سۈنئىي بۈدۈر قىلىدۇ، بۈدۈرىنىڭ ئاسان بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ناۋات شىرنىسىنى ئاغزىغا ئېلىپ مويغا پۈركۈيدۇ. ئاندىن قېلىپتىن چىقىرىپ بازارغا سالىدۇ. ئەگەر ئىشلەتكەن تېىنىڭ مويى ئالىپاساق بولۇپ قالسا ئۆز رەڭگىگە ئوخشىتىپ بويايدۇ. تۇماق، قۇلاقچا قاتارلىقلارنىڭ تۆپىسى خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن بولسا، ئۆز رەڭگىدە قارا گۈل ياكى ئۆتۈك مېيى بىلەن پەردازلايدۇ. ئاق تېرە تۇماقلارغا ئاق سىزىقچىلىق گۈل چىقىرىدۇ ۋە گەج بىلەن ئاق پەرداز بېرىدۇ. ئۇيغۇر تۇماقچىلىرى يالغۇزلا ئۇيغۇر تۇمىقى تىكىپ قالماستىن، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەر – ئايال تۇمىقىنى تىكىپ جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. menbe :http://uyghurmedeniyiti.blogspot.com/ |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 744ـ كۆرۈرمىنى
yilan1
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 744ـ كۆرۈرمىنى
koxuk
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 744ـ كۆرۈرمىنى
Bidar-Qutlan
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|