نۆۋەتتىكى تېما : ۋۇجۇڭشننىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلىشى ھەققىدە تەھلىل تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 568ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 245
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە245دانە
شۆھرىتى: 254 نومۇر
پۇلى: 2540 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :285(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ۋۇجۇڭشننىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلىشى ھەققىدە تەھلىل

ۋۇجۇڭشننىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلىشى ھەققىدە تەھلىل

ماخمۇت ئابدۇۋېلى

      مۇھىم مەزمۇنى: ۋۇجۇڭشىن 1944- يىلى 10-ئىيدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلىنىپ، 1946-يىلى3-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سوراپ چوڭچىڭغا قايتتى. ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدا ھوقۇق تۇتقان 18ئاي دەل شىنجاڭنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ مەزگىلى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بۇ مۇرەككەپ ھالىتى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭ مەسىلىسىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. مەزكۇر ماقالىدا ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدە مەركىزى ھۈكۈمەت بىلەن بولغان پىكىر ئىختىلاۋى ھەم ۋۇجۇڭشىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىشىدىكى سەۋەپلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگىزىلىدۇ.
      1942- يىلى شىڭشىسەي نىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق سىياسىتى ئەكسىيەچچىلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ دەل خەلىقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگۈرۈش بولۇپ، گىرمانىيىنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتا قەدەممۇ قەدەم مەغلۇپ بولىۋاتقان مەزگىلى بولغاچقا، ئىزچىل خەلىقئارا ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىپ كەلگەن شىڭ شىسەينى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇزۇندىن بۇيان سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ زور ياردىمىگە ئىرىشىپ كىلىۋاتقان شىڭ شىسەي سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىت ئۈزۈپ، ئىزچىل يولغا قۇيۇپ كېلىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ئۆتۈش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. 1942- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا، سوڭ مېيلىڭ، جۇشاۋلىياڭ قاتارلىقلار شىنجاڭغا كىلىپ شىڭشىسەينىڭ كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇش،جياڭجېشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىش قەدىمىنى تىزلەتتى[1]. 1943 -يىلى گومىنداڭ ئەزالىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىدى. شىنجاڭنى بىۋاستە ئىدارە قىلىشقا كۈچەپ كىلىۋاتقان گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتى شىڭ شىسەينىڭ گومىنداڭغا بىقىنغانلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭغا سىياسى ۋە ھەربى جەھەتتىن سىڭىپ كىرىپ شىڭ شىسەينى شىنجاڭنىڭ يەرلىك پادىشاھلىق ئورنىدىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلدى. 1944- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى: «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، رەئىسى قوشۇمچە چىگرا مۇداپىيە دۇبەنى شېڭ شىسەينىڭ ئۆزۋەزىپىسى ۋە قۇشۇمچە ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا سوراپ سەمىميلىك بىلەن يازغان ئىلتىماسى تەستىقلاندى؛ شىنجاڭ ئۆلكىلىك چىگرا مۇداپىئە مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھەرقايسى قىسىملارنى ھەربىي ئىشلار كومىتىتى بىۋاستە باشقۇرۇدۇ... دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مىنىستىرى شىن خۇڭلېىي باشقا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىغى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى، ئورنىغا شېڭ شىسەي مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى؛ ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا، قوشۇمچە ھۈكۈمەت روئىسلىكىگە تەيىنلەندى...›› [2] دەپ پەرمان چۈشۈردى. شۇنداق قىلىپ شىنجاڭغا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئايرىلىپ چوڭچىڭغا كەتتى.
      شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىن كىتىشى ۋە ۋۇجۇڭشىننىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلىنىشى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى تۇلۇق كونتۇرۇل قىلغانلىغىدىن دىرەك بەردى. جىياڭ جېشىنىڭ ۋۇجۇڭشىننى شىنجاڭغا رەئىس قىلىپ ئەۋەتىشىدىمۇ كۆپ خىل سەۋەپلەر بار ئىدى. شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن كەتمەستىلا جىياڭجېشى ۋۇجۇڭشىننى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا شېڭ شىسەينىڭ ئورنىغا شىنجاڭغا بېرىشىنى ئۇختۇرغان ئىدى[3]. شىنخەي ئىنقىلاۋىدىن كىيىن تاكى ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغىچە بولغان ئارىلىقتا گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى بىۋاستە كونتۇرۇل قىلالمىغان ئىدى، بولۇپمۇ شىڭ شىسەي نىڭ ئۆزگىرىشچان سىياسىتى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە كۆپ ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرگەن ئىدى. شۇڭلاشقا جىياڭ جېشى بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ شىنجاڭغا ئەۋەتىدىغان كادىرلارنى قاتتىق تاللىدى. ۋۇجۇڭشىن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ئاقساقىلى ھەم جىياڭ جېشىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەنخۇي ۋە گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلىنىپ بىر يىل بولمايلا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ئۆزىنىڭ سىياسى قارانىيىتىنىڭ يوقلىغىنى ئىسپاتلىغان ئىدى [4]. بۇ ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلىنىشىنىڭ بىر سەۋەبى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋۇجۇڭشىن مۇڭغۇل-زاڭزۇ ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ چىگرا رايۇن ئىشلىرىنى كۆپ يىل باشقۇرغان بولغاچقا، بۇ جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە، جاڭ جىجۇڭنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ئۇ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ناھايىتى ياخشى بولۇپ گومىنداڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئادەم [5]ئىدى. جىياڭ جېشىنىڭ قارىشىچە ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدىكى مىللى زىددىيەتنى پەسەيتىشتە چوڭ رول ئوينىيالايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن شېڭشىسەي سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان بولۇپ بۇ بىۋاستە ھالدا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىغىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. شۇڭلاشقا جىياڭ جېشى شىنجاڭغا سوۋىت ئىتتىپاقى قۇبۇل قىلالايدىغان كىشىنى ئەۋەتىش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىغىغا پايدىلىق دەپ قاراپ ۋۇجۇڭشىننى ئەڭ مۇۋاپىق نامزات قىلىپ تاللىغان ئىدى. شۇڭا ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭغا بېرىشنى رەت قىلغاندا جياڭ جېشى ئۇنىڭغا: «ئەڭ ياخشىسى سىزنىڭ بارغىڭىز تۈزۈك،سىز بېرىڭ، مەن سىزگە ئىشىنىمەن، سىزدىن ئەنسىرىمەيمەن [6]دىگەن.
      يۇقۇرقىدەك بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلى ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلىنىپ، 1944- يىلى 10- ئاينىڭ 4- كۈنى ھەمرالىرى بىلەن چوڭچىڭدىن ئۈرۈمچىگە كەلدى، 10- ئاينىڭ 10- كۈنى رەسمى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
      ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ھەققىدە بىز كۆپ توختالمايمىز. مەزكۇر ماقالىدا بىز ئاساسلىغى ۋۇجڭشىننىڭ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتى بىلەن بولغان پىكىر ئختىلاۋى ۋە رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئىستىپا سورىشىدىكى سەۋەپلىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزىمىز. چۈنكى ۋۇجۇڭشىننىڭ گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتى بىلەن شىنجاڭدا يولغا قۇيۇلغان سىياسەتلەر ئۈستىدىكى تالا-تارتىشى ۋۇجۇڭشىننىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشىگە بىۋاستە سەۋەپ بولغان
      ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ تۇرغان مەزگىل دەل شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى پارتلىغان مەزگىل بولۇپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش گومىنداڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ۋۇجۇڭشىن ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە جياڭ جېشى ۋەكەللىگىدىكى گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم پىكىر ئختىلاۋى كۆرۈلدى. بۇ ئىختىلاپلارنى ئاساسلىغى تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇختىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
      1. ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپ
      ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭغا كىلىپلا ئالتايدىكى قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ ھۈكۈمەتكە قارشى قوزغىلىڭى پارتلىدى، بۇنىڭ بىلەن ۋۇجۇڭشىن قوزغىلاڭچىلار غا قارىتا «قورشاپ يوقىتىش بىلەن خاتىرجەملەندۈرۈش» سىيەسىتىنى تەڭ يولغا قويدى [7]. ئەمما ۋۇجۇڭشىننىڭ بۇ سىياسىتى تېخى يولغا قويۇلماي تۇرۇپلا 11- ئاينىڭ 7- كۈنى ئىلى ئىنقىلاۋى پارتلىدى، ئىنقىلاپ تىز ئۇلغىيىپ پۈتكۈل ئىلى رايۇنىنى قاپلىدى. جياڭ جېشى قورال كۈچى بىلەن ئىنقىلاپنى باستۇرۇشقا كۆزى يەتمەي شىنجاڭدىكى مىللى مەسىلىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن 1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا جاڭ جېشى چوڭچىڭدا ۋەزىپىدە تۇرۇۋاتقان پانتۈركىست مەسئۇد، ئەيسا قاتارلىقلار بىلەن ئۇدا ئىككى قېتىم كۈرۈشۇپ شىنجاڭدىكى مىللى مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە پىكىرلەشتى[8]. مەسئۇد قاتارلىقلارجىيڭجېشىغا: «شىنجاڭدىكى بارلىق پارتىيە ۋە مەمۇرى ئورۇنلارغا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نۇپۇسىغا قاراپ يەرلىكلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىسەك، يەرلىكلەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللىسە» [9] دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم جياڭ جېشىدىن ئۆزلىرىنى شىنجاڭغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى[10]. جاڭ جېشى ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى. شۇ ئارقىلىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىكتىكى ئاز سانلىق مىللەتلارگە كۆرسىتىدىغان سىياسى تەسىرىنى چەكلەش غەرىزىدە بولدى. 1945-يىلى 4-ئايدا جياڭ جېشى ئوغلى جياڭ جىڭگونى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى ھەم ۋۇجۇڭشىندىن ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتتە مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسلىك ئورنى تەسىس قىلىپ ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرىنى ۋەزىپىگە قويۇشنى، ھەرقايسى نازارەتلەردە مۇئاۋىن نازىرلىق ئورنى تەسىس قىلىپ يەرلىك خەلىقلەرنى ۋەزىپىگە قويۇشنى تەلەپ قىلدى[11]. ۋۇجۇڭشىن جاڭ جېشىنىڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش تەكلىۋىنى رەت قىلىپ: «ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتكە قاراشلىق ھەرقايسى ئورگانلار ۋە ھەرقايسى رايۇن ناھىلەردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمىلىي قابىلىيىتىگە قاراپ ئىشقا قويۇلغان، ئادەتتە مىللەت تەركىۋى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ....ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىلىرى تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئورگان كادىرلىرىنى تەڭشەش توغرا كەلسىمۇ ئىلى ۋەقەسى تىنجىتىلغاندىن كىيىن تەڭشەش كىرەك. ھازىرچە ئەسلى ھالىتىنى ساقلاش زۆرۈر»[12] دەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن جاڭ جېشىنىڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.6 -ئايدا جاڭ جېشى چوڭچىڭدا ۋۇجۇڭشىندىن مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا قايتسا بولىدىغان بولمايدىغانلىغىنى سورىغاندا ۋۇجۇڭشىن يەنە ئۇلارنىڭ خالىغان ۋاقىتتا شىنجاڭغا بارسا بولىدىغانلىغىنى ئەمما پانتۈركىسىزىملىق ئىددىيىسىنى تۈزەتكەندىن كىيىن بارسا بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپ جىياڭجېشىنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىدۇ[13]. جياڭ جېشى ۋۇجۇڭشىننىڭ خىزمىتىنى قوللىغان تەرىققىسىدە ئۇنىڭغا يول قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدە ۋۇجۇڭشىنغا يول قويغان بولسىمۇ بىراق پانتۈركىست مەسئۇد قاتارلىقلارنى شىنجاڭغا ئەۋەتىش ئۈچۈن داۋاملىق ۋۇجڭشىنغا خىزمەت ئىشلەيدۇ. 9-ئايدا ئىلىنى مەركەز قىلغان قوزغىلاڭچى ئارمىيە ئارقا-ئارقىدىن ئالتاي، چۆچەكلەرنى ئىشغال قىلىپ ئۈرۈمچىگە تەھدىت سالىدۇ. جياڭ جېشى ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەپ دەرھال جاڭ جىجۇڭ بىلەن مەسلەھەتلىشىپ مەسئۇد قاتارلىقلارنى شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرۇشنى قارار قىلىدۇ[14]. جياڭ جېشى مەسئۇد قاتارلىقلار پانتۈركىستلارنىڭ يارىدىمىدە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرىنى چەكلەپ، شىنجاڭدىكى داۋالغۇشنى پەسەيتىشنى مەخسەت قىلغان ئىدى .ئەمىلىيىيەتتە مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى شىنجاڭدىكى قالايمىقانچىلىقنى پەسەيتمەيلا قالماستىن شىنجاڭدا پانتۈركىسىزىم ئىددىيىسىنىڭ يامراپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
      2. جەنۇبى شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمە قۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ
      ئىلى ئىنقىلابى پارتلىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا جياڭ جېشى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى، بىراق ئىلى قوزغىلىڭىنىڭ تىز ئۇلغىيىپ ئالتاي، چۆچەكلەرنىڭ قولدىن كېتىشى جياڭ جېشىنى ئۆز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى. شۇڭا ئۇ 8-ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جۇشىياۋلىيڭغا ئاساسلىق قوشۇننى چېكىندۈرۈپ موداپىئەدە تۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى[15]. جياڭ جېشى بىر تەرەپتىن ئاساسلىق قوشۇننى ئۈرۈمچىنى قوغداشقا بۇيرۇپ يەنە بىر تەرەپتىن جەنۇبى شىنجاڭدا مەمۇرىي مەھكىمە تەسىس قىلىش پىلانىنى بېكىتتى. 1945- يىلى4- ئاينىڭ 22- كۈنى جياڭ جېشى ۋۇجۇڭشىنغا يوللىغان مەكتۇۋىدا جەنۇبى شىنجاڭدا مەمۇرىي مەھكىمە قۇرۇش ئىشىنى تىلغا ئالدى ھەم مەمۇرىي مەھكىمە ئۈستىگە ئالىدىغان كونكرېت ۋەزىپىلەر ئۈستىدە توختالدى[16]. جياڭ جېشى پىلانلىغان جەنۇبى شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تىزگىنلىشىدىكى جەنۇبى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىدىغان ئورگان بولسىمۇ، لېكىن نىسبىي مۇستەقىللىككە ئىگە ھەربىي ۋە مەمۇرىي بىرلەشتۈرۈلگەن ئورگان ئىدى. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى جياڭ جېشى ۋۇجۇڭشىنغا تىلىگىرامما ئارقىلىق جەنۇبى شىنجاڭ ۋالىي مەھكىمىسىنى يەكەندە قۇرسا، قاراشەھەرگە ئۆلكە مەركىزى-ئۈرۈمچى قوماندانلىق قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە يوليورۇق بەردى[17]. ۋۇجۇڭشىن ئىزچىل ھالدا شىنجاڭدا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە دىپلوماتىيە ئىشلىرى بىلەن ھەربىي ئىشلار دەپ قارىغاچقا جەنۇبى شىنجاڭدا مەمۇرىي مەھكىمە قۇرۇش ئىشىنى قاچانلا قىلسا بولىۋېرىدۇ[18] دېگەن ئىنكاسنى قايتۇردى. جاڭ جېشىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى جەنۇبى شىنجاڭ مەھكىمىسىنىڭ ۋە مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىقلارنى تاللاپ شىنجاڭغا ئەۋەتىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقاندا ۋۇجۇڭشىن تۇيۇقسىز جاڭ جېشىغا «شىنجاڭ ئۆلكىسىنى قايتىدىن بۆلۈش توغرىسىدا تەكلىپ» نى ئەۋەتىپ شىنجاڭنى شىمالى شىنجاڭ ئۆلكىسى (ئىلى، چۆچەك، ئالتاي، ئۈرۈمچى)، جەنۇبى شىنجاڭ ئۆلكىسى (ئاقسۇ، قاراشەھەر)، كوئىنلۇن ئۆلكىسى ( قەشقەر، يەكەن، خوتەن) ھەم بېشبالىق ئۆلكىسى ( قۇمۇل، گەنسۇنىڭ جىيۇچۇەن، نىڭشىيانىڭ ئېچىنا) قاتارلىق تۆت ئۆلكىگە بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلدى[19]. بۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدە شىنجاڭنى بۆلۈپ باشقۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش-تارتىش باشلىنىپ كەتتى. گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار ۋۇجۇڭشىننىڭ تەشەببۇسىنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولدى، بىر قىسىملىرى شىنجاڭنى ئىككىگە بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىپ ۋۇجۇڭشىننىڭ پىكرىگە قارشى چىقتى. جاڭ جېشى 8- ئاينىڭ ئاخىرلىرى جاڭ جىجۇڭنى ئىلى ۋەقەسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېنىق پوزىتسىيىسىنى بىلىپ بېقىش ۋە شىنجاڭنى تۆت ئۆلكىگە بۆلۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تەكشۈرۈپ كېلىش مەقسىتىدە شىنجاڭغا ئەۋەتتى[20]. 11- ئايدا جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ھازىرچە ئۆلكىگە بۆلۈش ئىشىنى توختىتىپ تۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللى ئارمىيە ماناسقىچە قىستاپ كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭنى تۆت ئۆلكىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش تەكلىپى ئەمەلىيەتتە ئۈچ ۋىلايەتنى يىتىم قالدۇرۇپ ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ جاڭ جېشى ۋەكىللىكىدىكى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدا مەمۇرىي مەھكىمە تەسىس قىلىش پىلانى ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭنى تۆت ئۆلكىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش تەكلىپى بىلەن ماسلاشماي يولغا قويۇلمىدى.
      3. ئۇرۇش قىلىش ۋە تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ
      1945- يىلى جاڭ جېشى ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىغا نىسبەتەن ئۇرۇش سېپىنى قىسقارتىش سىياسىتىنى قوللىنىپ جۇشىياۋلىياڭغا جىڭ نىڭ غەربىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ شىخۇنى جان تىكىپ قوغداپ قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش يولىنى توسۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. بىراق ۋۇجۇڭشىن جاڭ جېشىغا تىلىگىرامما يوللاپ جىڭ نىڭ غەربىدىكى تاغ يولىنى قوغدىمىغاندا جىڭنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدىغانلىقى، جىڭ قولدىن كەتسە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىنىڭ ھەممىسىدە غەليان كۆتۈرۈلۈپ پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ مۇئەللىمانچىلىق ئىچىگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قوشۇننى چىكىندۈرمەي ئىلىغا ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى[21]. 1945- يىلى 6- ئايدا ۋۇجۇڭشىن يەنە جياڭ جېشىغا يۈزتۇرانە ھالدا: «ئالدى بىلەن ئىلىنى قايتۇرۇۋېلىش پىلانىنى تۈزۈش زۆرۈردۇر ، ھازىرقى بار بولغان ئەسكىرى كۈچ بىلەن مۇئەللىمانچىلىقنى باستۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىمىز،شۇڭلاشقا ھاۋا ئارمىيىسىنى كۈچەيتىش زۆرۈر» دەپ ئىلى مەسىلىسىنى قورال كۈچى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ. ئەمما بۇ ۋاقىتتا جياڭ جېشى ئىلى ۋەقەسىنى قورال كۈچى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك دەپ قاراپ تىنچ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىلى ۋەقەسىنى ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولغاچقا، ۋۇجۇڭشىننىڭ رەت قىلىدۇ. بىراق ۋۇجۇڭشىن ئىزچىل تۈردە ئىلى ۋەقەسىنى پەقەت قورال كۈچى ئارقىلىقلا تىنجىتقىلى بولىدۇ دېگەن پىكرىدە چىڭ تۇردى.
      1945- يىلى 7ـ ئايدا گومىنداڭنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سوڭزىۋېن موسكۋاغا بېرىپ ستالىن بىلەن جۇڭگو -سوۋېت ھەمكارلىق كېلىشىمى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى، سۆھبەت ئارىلىقىدا سوڭزىۋېن ستالىنغا گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلىغى ئېيتتى [23]. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن 1946-يىلى 1-ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئوتتۇرىسىدا تېچلىق بېتىم ئىمزالاندى. بىراق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ۋۇجۇڭشىن ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان تېچلىق كېلىشىمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، چوڭ ۋەزىيەتتىكى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قوشۇننى يېڭىۋاشتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ دەرھال قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى[24]. بىراق بۇ ۋاقىتتا جياڭ جېشى ئىچكى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۈرۈۋاتقاچقا دەرھاللا جاڭ جىجۇڭ ئىمزالىغان تېچلىق كېلىشىمىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋۇجۇڭشىننىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى.
      ۋۇجۇڭشىن بىلەن جياڭ جېشى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاتار پىكىر ئختىلاپلىرى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆپلىگەن زىددىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ..گەرچە جياڭ جېشى بىلەن ۋۇجۇڭشىن ئوتتۇرىسىدا شىنجاڭ مەسىلىسىدە يۇقىرىقىدەك كۆپلىگەن ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولسىمۇ ئەمما جياڭ جېشى ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋۇجوڭشىننىڭ داۋاملىق شىنجاڭدا ۋەزىپە ئۆتىشىنى قوللىدى. چۈنكى جاڭ جېشىنىڭ نەزىرىدە ۋۇجۇڭشىن ئەڭ ئىشەنچىلىك ئەمەلدار بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي قاراشلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئىدى.
      ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدا ئۆلكە رەئىسى بولۇپ تۇرغان بىر يىل ئالتە ئاي ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراپ مەركىزى ھۆكۈمەتكە مەكتۇپ يوللىغان.
      ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بىر ئايدىن كىيىن ئىلى قوزغىلىڭى پارتلاپ ۋەزىيەت شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىگە پايدىسىز ھالەت شەكىللەندى. ۋۇجۇڭشىن ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنى قوراللىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەچكە، ۋەزىيەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئىلى قوزغىلىڭى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەچكە [26] ئىلىدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى ناھايىتى تىزلا سەپ بويىچە يوقىتىلدى. ئىلىدىكى مەغلۇبىيەت ۋۇجۇڭشىنگە قاتتىق زەربە بولدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ۋۇجۇڭشىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن نارازى ئىكەنلىكى يەنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيە تۇتقانلىق سەۋەبىدىن ۋەزىيەتنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىگىدىن ۋاقىپلاندى [26]. بۇ ۋۇجۇڭشىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلەشكەنلىگىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ۋۇجۇڭشىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى قوبۇل قىلالايدىغان بىرسىنى رەئىس قىلىش كېرەك [27] دېگەن مەزمۇندا جاڭ جېشىغا مەكتۇپ يوللاپ ۋەزىپىسىدىن سورىدى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارمۇ ۋۇجۇڭشىننىڭ ئومۇملىقنى كۆزلەپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشىنى تەلەپ قىلىشتى. ئەمما جاڭ جېشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش مەسىلىسىدە بىر قارارغا كېلەلمەي ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى. ۋۇجۇڭشىننىڭ بۇ قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان يەرلىك سىياسىتى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
      ۋۇجۇڭشىن 1945-يىلى 5-ئايدا ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىدى. ئەينى ۋاقىتتا ۋۇجۇڭشىن چوڭچىڭدا گومىنداڭنىڭ 6-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇ قۇرۇلتايدا گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدا ھەربىي ئىشلار بىلەن مەمۇرىيەتنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن 8-ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جۇشىياۋلىياڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، «شىنجاڭدا ئىشلار بىلەن مەمۇرىي ئىشلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش لازىم، شۇندىلا ۋەزىيەتكە دەلمۇ-دەل بىمالال تاقابىل تۇرالايمىز، مىنىڭ شىنجاڭدا يەنە قېلىش ئويۇم يوق، ئەمدى قېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئىقتىدارلىق بىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆتۈنىمەن، بۇ يەنىلا شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتقىنىم، ھەرگىزمۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقىم ئەمەس، زۇڭتۇڭنىڭ مېنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»[28] دەپ جاڭ جېشىغا مەكتۇپ يوللىدى. جاڭ جېشى ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىستېپانامىسىگە يەنە ئېتىبار قىلماي داۋاملىق شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ ۋاقىتتا ئامېرىكا تەرەپ گومىنداڭنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى سوڭزىۋېىنگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدا زېمىن تەلىپىنىڭ يوقلىقى ھەم شىنجاڭدىكى قاتمال ۋەزىيەتنى تۈزەشكە ياردەم بېرىشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى[29]. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرگۈچى بولۇش ئويىنىڭ بارلىغى شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش قەدىمىنىڭ بېسىلغانلىغىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇڭلاشقا جاڭ جېشى شىنجاڭدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى دەپ قاراپ، ۋۇجۇڭشىنغا شىنجاڭدىكى بارلىق ئىشلارغا داۋاملىق تۈردە رىياسەتچىلىك قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق پۇشۇرۇپ ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىستېپانامىسىنى يەنە رەت قىلدى. ۋۇجۇڭشىن داۋاملىق تۈردە جاڭ جىجۇڭنى غەربى شىمال مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە شىنجاڭنىڭ ئۆلكە رەئىسى قىلىپ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشقا يول ھازىرلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، داۋاملىق تۈردە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى ئۆتۈندى. ئەمما جاڭ جېشى جاڭ جىجۇڭنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئايرىلالمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىلتىماسىنى يەنە رەت قىلدى. ۋۇجۇڭشىننىڭ بۇ قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ، شىنجاڭدا تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلسا ۋۇجۇڭشىننىڭ سۆھبەتكە قاتنىشتۇرۇلماسلىق مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. چۈنكى ۋۇجۇڭشىننىڭ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئويى يوق بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆھبەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپمۇ ۋۇجۇڭشىننى بىر توسالغۇ دەپ قارايتتى. ۋۇجۇڭشىن ئۆزىمۇ بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يەتكەچكە مەركىزى ھۆكۈمەتكە توختىماي مەكتۇپ يوللاپ شىنجاڭدىن يۆتكىلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىسىدىن سورىشى ئىدى.
      ۋۇجۇڭشىننىڭ قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىشى 1945- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى يەنى 9- ئايدا جاڭ جىجۇڭ نىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىشى ۋە ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن قىلىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. شىنجاڭدا تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتقان مەزگىلدە ۋۇجۇڭشىن يەنە بىر قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىپ ئستىپا سورىدى. 9-ئاينىڭ 23- كۈنى ۋۇجۇڭشىن جاڭ جىجۇڭغا: « ھازىر شىنجاڭ مەسىلىسى مەيلى ئۇرۇش يولى بىلەن ياكى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىنسۇن مىنىڭ يەنە تۇرۇۋېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، ھەربىي، دىپلوماتىيە ئىشلىرى ماڭا موھتاج ئەمەس، مەن سىياسىي جەھەتتىكى ئىقتىدارىمنى ئۆتەپ بولدۇم، ياخشىسى ھەربىي ۋە دىپلوماتىيىگە پىششىق بولغان مۇۋاپىق بىرسى خىزمەتكە بولسا» [30] دېگەن مەزمۇندا دوكلات يوللىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئىستېپانامىسى تاكى تىنچلىق بېتىمى ئىمزالانغانغا قەدەر ئېتىبارغا ئېلىنمىدى. 1946- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى ۋۇجۇڭشىن جاڭ جىجۇڭغا: « ھازىر قارشى تەرەپ بىزنى بابلاش ئۈچۈن سۇيىقەست پىلانلاۋاتىدۇ، مەركەز يەنىلا كەينىگە سۆرەش، قاراپ بېقىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، مىنىڭ بەرگەن تەكلىپلىرىمنى قوبۇل قىلمىسا.... بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈدۇ . ناۋادا 3- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە مەركەز بىر قارارغا كېلەلمەي ، مېنى بۇ يەردە ئېسىپ قويسا، مەن ئاغرىپ قالدىم دېگەن سەۋەبنى كۆرسىتىپ تىلىگىرامما ئارقىلىق رۇخسەت سوراپ، شىنجاڭدا خىلۋەت بىر جاينى تاللاپ، ھېچ ئىشقا ئارىلاشماستىن قۇلىقىمنى يوپۇرۇپ ئارام ئالماقتىن باشقا چارە قالمىدى» [31] دەپ تىلىگىرامما ئەۋەتتى. ۋۇجۇڭشىن ئىزچىل ھالدا مەركەزگە ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇش تەكلىپىنى بېرىپ كەلگەن ئىدى، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق باسقۇچى ئاياغلىشىپ، بېتىم تۈزۈلگەندىن كىيىن ۋۇجۇڭشىن بېتىمدىكى ماددىلارغا نارازى بولغان ئىدى بولۇپمۇ ئۇ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە يول قويغانلىقىدىن بەكلا نارازى بولغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خاتىرىسىگە: «ئىلى توپىلىڭىدىن بۇيان بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوفىتسېر جەڭچىلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز قۇربان بولدى، بۇ ئىنتىقامنى ئالماي تۇرۇپ ئەكسىچە توپىلاڭچىلار بىلەن سۈلھى قىلىش تولىمۇ نومۇسسىزلىق » [32] دەپ يازغان بولۇپ، ئۇ ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىغا ئىزچىل ئۆچمەنلىك قىلىپ كەلگەن .شۇڭا بۇ قېتىم ۋۇجۇڭشىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراش ئىرادىسى ناھايىتى قەتئىي بولۇپ گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىمۇ بۇ قېتىمقى ئىستېپانامىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى. ۋۇجۇڭشىننىڭ ئارقا-ئارقىدىن تىلىگىرامما ئەۋەتىپ سۈيلىشى ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن چۇڭچىڭ شىنجاڭنىڭ كادىرلار ئىشىنى تەڭشەشكە پائال كىرىشىپ ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىستېپاسىنى تەستىقلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ جىجۇڭنى غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇدىرى قۇشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلىدى. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدىن ئايرىلدى.
      ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىر يىل ئالتە ئاي دەل شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلاپ ۋە تىنچلىق بېتىم ئىمزالانغان دەۋر بولۇپ، تىنچلىق بېتىمنىڭ ئىمزالىنىشى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنى ئەلۋەتتە مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. شىنجاڭ مەسىلىسىدە ۋۇجۇڭشىن بىلەن جاڭ جېشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپ ۋۇجۇڭشىننىڭ خىزمىتىدىن سورىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ۋۇجۇڭشىننىڭ شەخسىي مۇدداسىمۇ ۋاسىتىلىك رول ئوينىغان. شۇنىڭدىن كىيىن خەلقئارادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر شىنجاڭنىڭ سىياسىي مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغاچقا تاكى 1949-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇرۇشمۇ بولمىغان تىنچلىقمۇ بولمىغان ۋەزىيەتتە تۇرغان.

ئىزاھاتلار:
[1][2][3][7][17][28][31] « شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» 3-توم، 1984- يىل ئۇيغۇرچە نەشىر.594،631،632،710،726،819،821-بەتلەر.
[4][26] خۇاڭ جىيەنخۇا «ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىستېپا سورىشى ھەم ئۇنىڭ سەۋەبلىرى »، «قەشقەر پىداگۇكا ئىلمى » 1996-يىللىق خەنزۇچە 1-سان .21-22-بەتلەر.
[5] «جاڭ جىجۇڭ ئەسلىمىسى»، 1985- يىللىق خەنزۇچە نەشىر 2- قىسىم، 419-بەت.
[6] ۋۇجۇڭشىن «شىنجاڭغا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە»، مىنگونىڭ 33-يىلى (1944)8- ئاينىڭ 12- كۈنى.
[8][9][10][12] خۇاڭ جىيەنخۇا «گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ئۈستىدە تەتقىقات» 2000- يىللىق خەنزۇچە نەشرى 125،126-بەتلەر.
[11][13][14][16][19] خۇاڭ جىيەنخۇا «ۋۇجۇڭشىن بىلەن جاڭ جېشىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئىختىلاپ»، «شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى ئىلمى ژۇرنىلى » 1999-يىللىق خەنزۇچە 4-سان 62،63 -بەتلەر.
[15] ۋۇجۇڭشىن «شىنجاڭغا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە»، مىنگونىڭ 34- يىلى(1945) 2-ئاينىڭ 13- كۈنى.
[18] يۇقىرىقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش، مىنگونىڭ 34-يىلى(1945) 6-ئاينىڭ18- كۈنى.
[20][25][29]
[21] ۋۇجۇڭشىن «شىنجاڭغا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» مىنگونىڭ 34-يىلى (1945)2 -ئاينىڭ 19-كۈنى.
[22] يۇقىرىقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش، مىنگونىڭ 34-يىلى(1945) 6-ئاينىڭ 15- كۈنى
[23].
[24] ۋۇجۇڭشىن «شىنجاڭغا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە» مىنگونىڭ 35-يىلى (1946) 1-ئاينىڭ 2-كۈنى.
[27] يۇقىرىقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش. مىنگونىڭ 35-يىلى (1946)2 -ئاينىڭ 9- كۈنى.
[30][32] ئىزاھات بىلەن ئوخشاش مىنگونىڭ 35-يىلى (1946)1-ئاينىڭ 4-كۈنى.

      مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى» ئىلمى ژۇرنىلى
1som
| ۋاقتى : 2008-10-09 02:41 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 568ـ كۆرۈرمىنى
hazebay

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2220
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 111
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە111دانە
شۆھرىتى: 112 نومۇر
پۇلى: 1110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :81(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-05-20
ئاخىرقى : 2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ياخشى ماتىېريال ىكەن، تىما ىگىسىگە رەخىمەت!!!
| ۋاقتى : 2008-10-10 19:50 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 568ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 245
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە245دانە
شۆھرىتى: 254 نومۇر
پۇلى: 2540 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :285(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ۋۇجۇڭشىن ئوتتۇرغا قويغان «شىنجاڭ ئۆلكىسىنى قايتىدىن بۆلۈش توغرىسىدا تەكلىپ» نىڭ مەزمۇنى:
1. شىمالى شىنجاڭ ئۆلكىسى - ئىلى، چۆچەك، ئالتاي، ئۈرۈمچى
2.  جەنۇبى شىنجاڭ ئۆلكىسى - ئاقسۇ، قاراشەھەر
3.  كوئىنلۇن ئۆلكىسى -  قەشقەر، يەكەن، خوتەن
4.  بېشبالىق ئۆلكىسى -  قۇمۇل، گەنسۇنىڭ جىيۇچۇەن، نىڭشىيانىڭ ئېچىنا
| ۋاقتى : 2008-10-11 10:59 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 568ـ كۆرۈرمىنى
tulpar

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 4965
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-11
ئاخىرقى : 2008-10-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت بۇ ماتىريالنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى كۆپكەن،
yol
| ۋاقتى : 2008-10-11 23:27 3 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.066246(s) query 4, Time now is:10-26 08:08, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation