نۆۋەتتىكى تېما : قەدىمى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيەت مەركەزلىردىن بىرى - كۈسەن تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 414ـ كۆرۈرمىنى
mavlan

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 110
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە110دانە
شۆھرىتى: 136 نومۇر
پۇلى: 1350 سوم
تۆھپىسى: 42 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :135(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-22
ئاخىرقى : 2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 قەدىمى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيەت مەركەزلىردىن بىرى - كۈسەن

قەدىمى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيەت مەركەزلىردىن بىرى - كۈسەن

توخار مەدىنىيەت مەركىزى_كۈسەن

     يىپەك يولىنىڭ شىمالى لىنىيىسىدىكى بىر مۇستەققىل مەدىنىيەت مەركىزى بولغان كۈسەننىڭ ئوينىغان رولى جەنۇبى لىنىيىدىكى ئۇدۇن بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش،ھالبۇكى 5-ئەسىردىن باشلاپ ئۇدۇن جوڭگوغا تۇتىشىدىشان يولدىكى«ئۆلۈك يەر»ئورنىدا تۇرغان بولسا،كۈسەن موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرگىچە ئىقتىسادى تۇرمۇش ۋە مەدىنى تۇرمۇشنىڭ جانلانغان ئۆتىڭى بولغان.كۈسەن مەدىنىيەت رايۇنى ئاللىبۇرۇن شەھەر مەدىنىيەت رايونىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ،ئەتراپ رايونلاردىكى بىر قىسىم بۇددىزىم ئىلمى مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.مەسىلەن ،كۈسەننىڭ جەنۇبىدىكى قۇمتۇرا،غەربىدىكى دۇلدۇل ئاقار ۋە قىزىل،ھەمدە شىمالىدىكى سۇ بېشى،سىم-سىم ۋە جىلىش قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
      بۇ جايلار تەخمىنەن1500-2000يىل ئىلگىرىلا غار ئىبادەتخانىلىرى ۋە راھىب ئېتىكاپخانىلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان.ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىق سەۋەبلىك«مىڭئۆي»دەپ ئاتالغان.بولۇپمۇ قىزىلدىكى مىڭئۆينىڭ سەنئەت ۋە تېما جەھەتتىكى تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاشقا،مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ،گېرمانىيەنىڭ تۇرپان ئېكسپېدىتسىيە ئۆمىكى قۇتقۇزۇپ قالغان مەدىنى يادىكارلىقلاردىن كۆپ قىسمى مۇشۇ ئورۇنلاردىن چىققان.بۇ مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى بۈگۈنكى كۈندە بېرلىندىكى ھىندىستان سەنئىتى موزېيىدا ساقلانماقتا.كۈسەندىكى نەفس رەسىملەرنى گريۇنۋېدېل نۇرغۇن تېز سىزما سىزىش ئارقىلىق خاتىرىلىۋالغان،بۇ تېز سىزمىلار تەتقىقات خىزمىتىدە ناھايىتى يۇقۇرى قىممەتكە ئىگە.بۇ رەسىملەردىن باشقا ئەھمىيىتى چوڭ بولغان ماتىرىياللار بولسا كۈسەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن بايقالغان سانسىكىرت ۋە توخار يېزىقىدىكى ھۆججەتلەردۇر،بولۇپمۇ سانسىكىرتچە ھۆججەتلەر ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە.چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى ئاللىقاچان يوقۇلۇپ كەتكەن سانسكىرت يېزىقىدىكى نومدۇر.
     گېرمانىيە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ باشلىغى گريۇنۋېدېل ۋە لېكوكلاردىن باشقا ،فرانسىيەلىك تارىخشۇناس-ئارخىئولوگ پېللىيۇتمۇ كۇچادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە كۆپ مىقداردىكى توخار يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ھۆججەتلەر تەتقىقات ۋە تەھلىل يۈرگۈزۈلمىگەن،بۇ ھۆججەتلەر بۈگۈنكى كۈندە پارىژدا ساقلانماقتا.يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان ،جوڭگو پەن-تەتقىقات خىزمىتىمۇ ئارخېئولوگىيە جەھەتتە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى،بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللىقاچان ياپونىيەدە ئېلان قىلىندى.
    كۈسەندىن تېپىلغان توخار يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر ئىچىدە ئاساسلىقى سانسكىرت يېزىغىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بىراق يەنە يەرلىك ناخشا -قوشاقلار،پېرىخونلارنىڭ سۆزلىرى ۋە مىلادىيە6_8-ئەسىرلەرگە تەۋە سودىغا ئائىت ھۆججەتلەرمۇ بار.
     بۇددا ئەسەرلىرى ئىچىدە بولسا ساكيامۇنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى توغۇرسىدا ھىكايىلەر،دىراممىلار ۋە قەدىمى ۋەقەلەرگە ئائىتلىرى خېلى چوڭ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ.بۇ ئەسەرلەر قىزىل مىڭئۆيدىكى تام رەسىملىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئاشۇ ھىكايىلەرنىڭ ئاساسى بولۇپ،ئاساسلىقى نوم ۋە بۇددانىڭ دەسلەپكى تۇرمۇشى توغۇرسىدىكىھىكايىلەردە كۆپلىگەن سەنئەنكارلارنى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرغان.
    كۈسەننىڭ تارىخىنى شۇ جاينىڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقالمىلىرى ۋە جوڭگونىڭ تارىخى ماتىرىياللىرىدىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.ئەگەر بۇ شەھەر دۆلىتىنىڭ نۇرغۇن ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەقدىرىنى ئىزاھلىمىغان ھالەتتىمۇ ،لېكىن پىرىنسىپ جەھەتتىن مۇنداق دىيەلەيمىز:بۇ دۆلەت بوستانلىقتىكى باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاشلا ،تارىم ئويمانلىغىدىكى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان كۈچ سېلىشتۇرمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان.كۆچمەن چارۋىچى دۆلەتلەر بىلەن جوڭگو ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىشلارغىمۇ كۇچادىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە پادىشاھلىق ئارىلىشالىغان ۋە نىسبى مۇستەققىللىقنى ساقلاپ تۇرالىغان.
   مىلادىيەدىن بۇرۇنلا، كۈسەن ھۇنلارنىڭ كونتىروللىغىدا ئىدى.ھۇنلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىن باشلاپلا ،چەتئەل پادىشالىرى ۋە قوشنا دۆلەتلەت ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قايتا-قايتا ئۇرۇنغان.تەڭرىتاغنىڭ ئېتىگىگە جايلاشقان بۇ كىچىك دۆلەت بىلەن قۇدرەتلىك جوڭگو خانلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا بۇرۇنلا مەدىنىيەت مۇناسىۋىتى مەۋجۈت ئىدى.روشەنكى بۇددا دىنى بۇ خىل مۇناسىۋەتتىكى ئاساسىي ئامىل.ھىندىستاننىڭ بۇددا دىنى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغۇچى نۇرغۇن تەرجىمانلار كۆپ خىل تىل ئىشلىتىدىغان كۇچادا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولۇپ،ئۇلار كېيىن جوڭگوغا بېرىپ ئىشلىگەن.بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى كومرراجىۋا بولۇپ،ئۇ مىلادى383-يىلى جوڭگوغا مەجبۇرى يالاپ ئېلىپ كېتىلگەن.
   جوڭگونىڭ ئوردا سارايلىرىدا ئالاھىدە چېلىنىدىغان كۇچا نەغمىلىرى بۇ بوستانلىقتىكى بۇددا دىنى تەزىيە مۇراسىملىرىدىمۇ رول ئوينىغان.قىزىل مىڭئۆيدىكى كۆپلىگەن نەغمىگە ئائىت تام رەسىملىرى بۇ ئەھۋاللارنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ.شىمالى چى پادىشالىغى دەۋرىدە(مىلادىيە550~577-يىللار)،كۈسەن نەغمىلىرى پادىشاھنىڭ ھىممىتىگە ئېرىشكەن.كېيىن سۈي-تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە(ئايرىم-ئايرىم ھالدا581~618-يىللار ۋە618~907-يىللار)،كۈسەننىڭ نۇرغۇنلىغان سازەندىلىرى جوڭگو ئوردىلىرىدا خىزمەت قىلغان.
    تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ،كۈسەن بىلەن جوڭگو ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى مۇناسىۋەت كۈچەيگەن.مىلادى640-يىللىرى ئەتراپىدا ،جوڭگو ئوتتۇرا ئاسىياغا ھەربى ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارغان.شۇنىڭ بىلەن ،كۈسەن يەنە بىر قېتىم ھەربى-سىياسى مەركەزگە ئايلانغان،لېكىن ئىچكى سىياسى تۈزۈلمىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىغان.640-يىلىدىن باشلانغان يېڭى ئۆزگىرىش سەنئەت تەرەققىياتىدا ئەكس ئېتىدۇ.ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپ جوڭگوچە شەكىل رەسىملەردە بارغانسېرى كۆرىنەرلىك گەۋدىلىنىشكە باشلاپ ،ھىندىستان ۋە ئىران تەركىپلىرى ئازىيىپ كەتكەن.
    كۈسەننىڭ كۆپ قىسىم ئاھالىلىرى توخارلار دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئاھالىلەردىن باشقا ،يەنە جەمىيەتنىڭ يۇقۇرى تەبىقىسىگە تەۋە بولغان توخار چەۋەندازلار قاتلىمىمۇ بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرىسى پادىشاھ ئىدى.ئۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن راھىب-راھىبەلەر بولۇپ،ئۇلار جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن كەلگەنىدى.ئىبادەتخانىلار ئادەتتىكى تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا ،ئاقسۆڭەك ياشلارنىڭ ھەممىسى بىر مەزگىللىك دىنى تۇرمۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ،دىندىن تاشقىرى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولاتتى.كۈسەن مىڭئۆي تام رەسىملىرىدىن ئىنتايىن جانلىق بولغان چەۋەنداز ۋە راھىبلارنىڭ تەسۋىرىنى كۆرەلەيمىز.ئۇلارنىڭ بوي-بەستى ئىگىز ۋە يوغان،بىر قىسمىنىڭ چاچلىرى قىزىل،كۆزلىرى كۆك ئىدى.ئۇلار ئىرقى جەھەتتىن ئاق تەنلىك ئىرقىغا تەۋە،بۇ نۇقتا ئۇلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئەسەبىيلەرچە ئېتىقات قىلغىنىدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ.ھالبۇكى ئۇلارنىڭ دىندىن تاشقىرى مەدىنىيىتى بولسا قويۇق ئىران خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى(؟).بىر پارچە ئابىدىدە ھەتتا سۈرىيەدىن كەلگەن بىر رەسسامنىڭ بىر پارچە بۇددا دىنى رەسىمىنى سىزغانلىغى تىلغا ئېلىنغان.
    ئۇدۇننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشلا ،كۈسەن پادىشاھىمۇ راھىبلار دىنىي گۇرۇھىغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇلارنى قوغدىغان.بىر پارچە سانسكىرتچە ھۆججەتتىن شۇنى بىلەلەيمىزكى،پادىشاھ بىلەن خانىش ئۆز قوللىرى بىلەن تاماق ئېتىپ دىنىي گۇرۇھتىكى راھىبلارنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلغان.
    كۈسەن مىڭئۆي تام رەسىملىرى ھىندىستان ۋە ئىراننىڭ تەسىرىنى ئوچۇق ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،خېلى بۇرۇنلا جوڭگو ئىزنالىرى ئىپادىلەنگەن.مەسىلەنمىلادىدىن بۇرۇن 65-يىلىدا كۇچا پادىشاھى جوڭگوغا مېھمانغا بارغان،ھەمدە قىسمەن جوڭگوچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان،ھەتتا جوڭگوچە شەكىلدىكى مۇنارلارنى سېلىش توغۇرسىدا بۇيرۇق چۈشەرگەن.كۈسەندەمىلادىيە158-يىللىرىدىكى خەنزۇچە ئويما پۈتۈك تېپىلغان،ئۇنىڭغا مۇنۇلار پۈتۈلگەن:جوڭگو مەدىنىيىتىنىڭ تارقاتقۇچىلىرى كۈسەنگە كەلگەنلىرىنىڭ ئىچىدە ،بوز يەر ئۆزلەشتۈرگىچى ھەربى كۆچمەنلەردىن باشقا ،يەنە قول سانائەت ھۈنەرۋەنلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىمۇ بار ئىدى.جوڭگو سانغۇنى لى گۇاڭلىدىن بىز شۇنى بىلەلەيمىزكى ،ئۇ مىلادىيە 384-يىلى كۈسەن پادىشاھىنىڭ قورغىنىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغاندا ،پادىشا ئوردىسى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
    كۈسەن پادىشاھىغا ياردەملىشىدىغان بىر ئەمەلدار ئاپاراتى بار ئىدى،بۇنىڭغا ھەربى قوشۇن ئاساسلىق رول ئوينىغان.مەسىلەن،پادىشانىڭ قول ئاستىدا بىر قۇرۇقلۇق قوشۇن سەركەردىسى بولۇپ،بۇ سەركەردە باش ۋەزىرنىڭ رولىنى ئوينايتتى.كىشىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى،پۈتكۈل ئەمەلدارلار ئورگىنىدا دۆلەت مۇداپىيە ئىقتىدارى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان،بۇنىڭدىن بۇ بوستانلىق دۆلىتىنىڭ دائىم دىگۈدەك قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تەھتىدىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
    تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق ھايات كەچۈرۈشنىڭ ئاساسى بولۇپ،ئۇنىڭدىن باشقا قول-ھۈنەرۋەنچىلىكمۇ بار،بۇ ئاساسەن قورال-ياراغ ياساش تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.كۇچا ئەتراپىدىن تۆمۈر،مىس كانلىرى ۋە تۆمۈردىن ياسالغان سايمان-ئەسۋاپلار بايقالدى.ۋاھالەنكى ،سودا بىلەن تاموژنا ئالدى بىلەن تېنچلىق دەۋردىكى كۈسەنگە بايلىق ئېلىپ كەلگەن.ئۇلار چېگرىدىن ئۆتكەن كارۋانلاردىن ناھايىتى پايدىلىق بولغان چېگرا بېجى ئالغان.چېگرا بېجىغا ماددى بۇيۇملار،مەسىلەن ،خام يىپەك ياكى پاختا قاتارلىق نەرسىلەرنى بەرسىمۇ،تەڭگە پۇللارنى تاپشۇرسىمۇ بولىدىكەن.
    كۈسەننىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى جوڭگونىڭ جىن سۇلالىسىنىڭ(265~420-يىللار)تارىخى ھۆججەتلىرىدىن بىلەلەيمىزكى،دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان كۇچالىقلار بىر جايدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان بولۇپ،مۇقىم ئۆيلەردە ئولتۇرىدىكەن.ئۇلارنىڭ توي تۆكۈنلىرى قىسمەن جەھەتتىن جوڭگولۇقلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن،بىراق دەپنە ئۆلۈم-يېتىم ئۇزىتىش ئادىتى جوڭەوغا ئوخشىمايدىكەن،جەسەت كۆيدۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن،يەتتە كۈنگىچە ھازا تۇتىلىدىكەن،بۇددا دىنى ئالاھىدىلىگىگە ئىگە بولغان تەسىرلىك ھازا تەسۋىرلىرى ساقلىنىپ قالغان.
    بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلغان كۇچادىمۇ خۇراسان ۋە سوغدىيانەدە ئۇچراتقىنىدەك جەسەت كۈلى قۇتىلىرىنى بايقىدۇق،شۇڭا شەرقى ئىراننىڭ تەسىرى بۇ جايدىمۇ رول ئوينىغان بولۇشى مۈمكىن.يېڭى يىل ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا ،يەتتە كۈنگىچە ھايۋانلارنى سوقۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.ھايۋانلارنىڭ سوقۇشۇش نەتىجىسىدىن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىلدىكى تەقدىرىنىھىساپلاپ چىقىدىكەن.يېڭى يىل ئۆتكۈزگەندە ئوينىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىلاھقا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئىپادىلەنگەن بىرخىل ئويۇن بولۇپ،بۇنىڭدا ئارتىسلار ۋەھشى ھايۋانلارنىڭ نىقابىنى كىيىپ ناخشا ئېيتىپ،ئۇسۇل ئوينايدىكەن.
    كۈسەنكلەر بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىش بىلەن بىرگە ،تۇرمۇشقا يۈزلەنگەن ،ئوچۇق يورۇق خەلق ئىكەن.گەرچە راھىب-راھىبەلەر ئۆز ئېتىكاپخانىلىرىدا كوڭۈل قويۇپ نوم ئۈگەنسىمۇ،لېكىن نەغمە بۇددا پائالىيەتلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان.بۇ ئەمىلىيەتتىن بىز بۇددا دىنى تەرغىپ قىلغان كىشىلىك تۇرمۇش ئازاپ-ئوقۇبەتلىك بولسىمۇ ،لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە ئاكتىپ بولغان باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىغىنى كۆرىۋالاليمىز.بىز يەنە يۇقۇرى دەرىجىلىك راھىبلار بىلەن ئاقسۆڭەك ئاياللار ئوتتۇرىسىدا نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز.گەرچە بۇ خىل مۇناسىۋەت بىر خىل رەسىم ئادىتى بولمىسىمۇ،ئۇلۇغ تەرجىمان،كۈسەن دۆلەت دىنىنىڭ «دۆلەت ئۇستازى»كومراجىۋا پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ پەرزەنتلىك كۈسەنلكلەر خالىغانچە ھوزۇر ھالاۋەت سۈرگەن.ئۇلارنىڭ ھوزۇر-ھالاۋەت سۈرۈش ئۇسۇلىمۇ جوڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ئەمەس دەپ قارالغان.مىلادىيە 4-ئەسىردىكى كوڭزىچى تارىخشۇناسنىڭ دوكلادىغا ئاساسلانغاندا،بۇ بوستانلىقتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن كەيپ-ساپالىق بولۇپ،ھوزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلگەن.ئۇ مۇنداق يازغان:«ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى بور مىڭ كوزىدىن ئاشىدىكەن،ئون يىل ئىچسىمۇ تۈگىمەيدىكەن.ئەسكەرلەر بورچىلارنىڭ ئۆيىگە قاترايدىكەن».بىز بۇنىڭدىن جوڭگو سانغۇنى لى گۇاڭنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز بور ئىچىپ مەست بولۇپ يۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
   بۇنداق ئىشلار بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇددىزىم يەنىلا كۈسەننىڭ مەدىنىيەت تۇرمۇشىغا ئۆز تامغىسىنى باسقان.بۇ تەرىپىنى ئىسپاتلايدىغان كۆپلىگەن مىڭئۆي ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى گۈزەل ،كۆركەم،ھەيۋەتلىك بۇتلار بىلەن تام رەسىملىرى،شۇنداقلا يەنە كۈسەن بوستانلىقىدىن تېپىلغان سانسىكرىت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر بىلەن تۇخار يېزىقىدىكى ھۆججەتلەردۇر.
بۇددا دىنى قاچان كۈسەنگە تارقالغان دىگەن مەسىلە ئۈستىدىكى قاراشلارمۇ بىردەك ئەمەس.بەزى دەلىل-ئىسپاتلار ۋاقىتنىڭ خېلى بالدۇر ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىسىمۇ،لېكىن ئەمىلىيەتتىن قارىغاندا،بۇ بوستانلىقنى مىلادىيەدىن كېيىنكى دەسلەپكى بىرقانچە ئەسىردە ھىندى تەلىماتى بىلەن تونۇشقان دەپ قاراشقا بولىدۇ.مەيلى ھىنايانا بۇددا دىنى بولسۇن ياكى ماھايانا بۇددا دىنى بولسۇن،تەخمىنەن مىلادىيە 3-ئەسىردە كۈسەندە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.مىلادىيە 266-يىلى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان بىر ئەسەردە كۈسەننى ئوچۇق ھالدا بۇددا دىنى دۆلىتى قاتارىغا كىرگۈزگەن.مىلادىيە3~4-ئەسىرلەردە ،زور بىر تۈركۈم كۈسەنلىك راھىب تەرجىمانلار جوڭگوغا بېرىپ ھىندى بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغان.ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى كومراجىۋادۇر.ئۇ قەشقەر ۋە يەركەنلەردە ھىنايانا ۋە ماھايانا مەزھىپىنى ھەمدە ھىندىستاننىڭ دىندىن تاشقىرى پەنلىرىنى ئۈگەنگەن.ئۇ كۈسەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،ئاساسەن«ماھايانا مەزھىپى»نى تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.مىلادىيە403-يىلى ئۇ جوڭگو پايتەختى چاڭئەنگە تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە ئۇ يەردە كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.مىلادىيە 403-يىلى ئالەمدىن ئۆتكىچە ،ئۇ ئاساسەن ماھايانا بۇددا دىنىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.گەرچە ئۇ ئۆز تەرجىمىلىرىنى ئانچە مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارىغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ نۇرغۇن تەرجىمىلىرى نوملارنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكەن.
    بەزى كۈسەن راھىبلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدىن ئاشۇ دەۋرلەردە ،ئۇلارنىڭ جوڭگودا سېھرىگەرلىك نەزىرىيىسىنى تارقاتقاندا،ئالدىن بىشارەت بەرگۈچى ۋە ئىلاھ-ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى پىرلار بولىۋالغانلىغىنى بىلىۋالالايمىز.كۇچادىن تېپىلغان ۋەسەقىلەر سانسىكىرت تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان سېھىرگەرلىك توغۇرسىدىكى ئەسەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىيە 500~1000-يىللار ئارىلىقىدا بولغان.بىراق،كۈسەن سەنئىتىدە يوشۇرۇن تەركىپ كونكىرت ئىپادىلەنمىگەن.ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئېتىكاپقا ئولتۇرىدىغان بۇددا دىنى بولۇپ،ئۇ جوڭگودا «راھىب»دىگەن نام بىلەن(سانسكىرت تىلىدىكىdhyanaدىگەن نامدىن كەلگەن )،كېيىن ياپونىيەدە «zen»دىگەن نام بىلەن كەڭ تارقالغان،كۈسەن بۇددا مۇرىتلىرى ئىچىدىمۇ مۇرىتلىرى بولغان.
    كۈسەننىڭ دىنىي مەركەزلىرىدە يەر ئۈستىگە قۇرۇلغان بىخارا (ئىبادەتخانا)لار بىلەن تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىلىرى بولۇپ،ئالدىنقىسىنىڭ بىرەرىمۇ بىزگىچە يېتىپ كىلەلمىگەن.بىراق جوڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلىرىدىن بىز نۇرغۇن بۇددا مۇنارىلىرى بار ئىبادەتخانىلارنىڭ بولغانلىقىنى،بۇ ئىبادەتخانىلاردا بۇددا-دىنى قايدە-يوسۇنلىرىنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بايقالغان كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردىن ئىبادەتخانىلارنىڭ قائىدىلىرىنىڭ مۇھىملىغىنى كۆرىۋالالايمىز.
قىزىل ۋە قۇمتۇرادىكى تام رەسىملىرى سۇ بوياقتا سىزىلغان بولۇپ،زاماسكا بېرىللگەن تامغا سىزىلغان.ئىسلام دىنىغا كۆچۈشنىڭ ئالدىدىكى كۇچا بۇددىزىم سەنئىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ھېچقانداق نەرسە ساقلىنىپ قالمىغان.شۇڭا ،ئۇنى باشلىنىشتىلا بىر ئىزدا توختاپ قالغان ياكى ئاجىزلىشىپ كەتكەن دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
    كۈسەننىڭ ئەتراپىدىكى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان ئارخېئولوگىيەلىك نۇقتا قىزىل بىلەن قۇمتۇرادىكى مىڭئۆيلەردۇر.بۇ يەرلەردە قىيا تاشلارغا كۆپلىگەن تۇرمۇش غارلىرى ۋە ئىبادەت قىلىدىغانغارلار ئويۇلغان،بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىلا بايقالغان ۋە تەتقىق قىلىنغان.بۇ غارلاردا مۇكەممەل بولغان تام رەسىملىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبى ھىندىستان،ئىران دەۋرلىرىدىن باشلىنىپ ئىسلامىيەتكىچە داۋاملاشقان.بۇ تاش ئىبادەتخانىلىرى،بۇت سارىيى ئالدى ھوجرا ۋە كىرىش ئېغىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،بۇ نەرسىلەر بىزنى تۆۋەندىكى پاكىتلارغا سەل قارىماسلىققا ئۈندەيدۇ.كۇچادا يەنە نۇرغۇنلىغان يەر ئۈستىگە سېلىنغان ھەيۋەتلىك بۇددىزىم ئىمارەتلىرى بولغان،لېكىن بۇ ئىمارەتلەر بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالالمىغان.مەسىلەن كۈسەننىڭ غەربىدىكى سۇبېشىدا لايدا سوقۇلغان بۇ ئىمارەتلەرنىڭ خارابىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.كۇچانىڭ يەرلىك موزېيى ۋە بېرلىن ھىندىستان سەنئەت موزېيىنى كۆرگەن كىشىدە كۈسەندىكى تام رەسىملىرى بىلەن دىندىن تاشقىرى بىناكارلىق چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.

   مەنبە:__گېرمانىيەلىك ئالىم كلىمكېيت يازغان «قەدىمى يىپەك يولى مەدەنىيىتى»سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدىن ئېلىندى.
yol
| ۋاقتى : 2008-10-16 02:00 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 414ـ كۆرۈرمىنى
Nazirkom

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 2549
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 47
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە47دانە
شۆھرىتى: 51 نومۇر
پۇلى: 500 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :36(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-09
ئاخىرقى : 2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مىڭ ئۆي ۋە دۇنخۇاڭ تام رەسىملىرىدە كۆك كۆز(توخارلار) تەسۋىرى ئاز ئۇچرايدۇ، باشقا تىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ تېپىلغانلىقىدىن ئۇلارنى مۇشۇ رايوندا ياشاپ ئۆتكەن دەپ كېسىپ ئېيتقىلىمۇ بولمايدۇ چۈنكى ئۇ ئەسەرلەر تەرجىمە ئەسەرلىرى بولۇشى مومكىن. يىغىپ ئېيتقاندا يىپەك يولى بۇددىزىم مەدەنىيتى ھون(ئۇيغۇر) مەدەنىيتىنىڭ بىر قىسىمى، توخار دەپ چۈشىنىۋىلىش بەلكىم بۇرمىلانغان تارىخ.
| ۋاقتى : 2008-10-16 11:42 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 414ـ كۆرۈرمىنى
arkim

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 4052
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 63
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە63دانە
شۆھرىتى: 72 نومۇر
پۇلى: 710 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :38(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-09-02
ئاخىرقى : 2008-10-24

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

توخارلارنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكى مېنىڭچە راسىتمىكىن...بۇ مېنىڭ شەخسىي چۈشەنچەم خالاس...
دۇنيا ئىشلىرىنى بىر نەرسە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ...

http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-41599.html
yol
| ۋاقتى : 2008-10-16 16:47 2 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.086426(s) query 4, Time now is:10-26 08:09, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation