مۇخبىرنىڭ ئۇشبۇ قىسقا زىيارەت خاتىرىسى " ئۆزبېكىستاندا تارىخ دەرسلىگى"، ئالاھىزەل 2 يىل بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن، لېكىن مەزمۇن شۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىدىكى ئومۇلىقتا داۋاملىشىۋاتقان بولۇشى ئېھتىماللىغىدا قىزىققۇچى تورداشلار ھوزۇرىغا پايدىلىنىش ۋە ئۇچۇر ھىسابىدا ئۆزبېكچىدىن تەرجىمە قىلىندى، بىرنەچچى ئېھتىمالەن چۈشىنىلگەن سۆزلۈك ئۆزبېكچى بويىچە ئەينەن ئېلىندى، مۇنبىرىمىزدىكى خەۋەردار تورداشلارنىڭ ئىزاھلاپ قويۇشىغا مۇھتاج:
مۇخبىر ئۆزبېكىستاندا تارىخ پەنىنىڭ ئوقۇتىلىشى ، يېقىن ھەم ئۇزاق ئۆتمىشىنىڭ مۇستەققىلىقتىكى تەلقىنى خۇسۇسىدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، تالىبەلەر ۋە مۇتەخخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى.
مۇخبىر بىلەن سۆھبەتتە بولغان 6- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تارىخ پەنى 5- يىللىقتىن باشلاپ ئوقۇتۇلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 5- يىللىقتا برونزا دەۋرى، ئادەمنىڭ پەيدا بولىشى، كېينكى يىللىقتا نېئودېنتال ئادەملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدىكەن. ھازىر " ئۆزبېكىستان تارىخى" دىن ئىران شاھلىرى توغرىسىدىكى ماۋزۇلار ئۆتۈلمەكتە ئىكەن.
ئورتا مەخسۇس تەلىم مۇئەسسەسسەسى ئوقۇغۇچىسىنىڭ تەكىتلىشىچە ، ئۇ بىرىنچى كۇرستا " ئۆزبېكىستان تارىخى"، " مىللى ئىستىقلال غايەسى" پەنىدىن ساۋاق ئالغان.
ئالى تەلىم مۇئەسسەسەسى ئوقۇغۇچىسى بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ گېئودىزىيە ( يەر ئۆلچەش ئىلمى) يۆلىنىشىدىكى ئوقۇشىنى بۇ يەردە تارىخ پەنى بىلەن بىر كۇرس داۋامىدا ئوقۇتىلىدىغانىنى بىلدۈردى.
پەيلاسوف ۋە تارىخچى ئالىم ئابدۇقاردىر زاھىدىي مۇستەققىللىقتىن كېيىن يارىتىلغان تارىخ كىتاپلىرىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىگىنى تەكىتلىدى، ئۇنىڭ پىكرىچە، 5~11-يىللىقلار ئۈچۈن يارىتىلغان تارىخ دەرسلىكلىرى كۆپ جەھەتتىن تەلەپلەرگە جاۋاپ بەرمەيدۇ.
" پرېزدېنت ئۆزبېك خەلقىنىڭ مىللى دۆلەتچىلىگى، ئېتنوگېنېزىنى ئۈگىنىش مەسىلىسىنى ئېتىبارغا ئالماي قويغىنىغا قارىماي، سىياسىدىكى يېتەكچى ھىساپلىنىدىغان تارىخچىلىرىمىزنىڭ ياراتقان ئۆزبېك خەلقى مىللى دۆۋلەتچىلىگى ئۇقۇمى، مەرھۇم ئاكادېمىك باباجان غافۇروفنىڭ " تاجىكان" كىتابىدىكى ئۇقۇملارنىڭ ئەينەن تەكرارىدۇر. يەنى ئۆزبېكلەر تۈركى خەلق ئەمەس، ئىران تىللىق خەلق، دىگەن ئۇقۇم دەرسلىكلەرگە زىمدان سىڭدۈرۈلگەن. ئۇقۇمدا ئىران تىللىق ئۆزبېكلەر دىيىلمەيدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ مەنىسىدىن ئۆزبېكلەر تۈركىي ئەمەس، ئىران تىللىق ئىكەنلىگى ئاڭلىتىلىدۇ" ، دىدى ئا. زاھىدىي.
ئا. زاھىدىينىڭ تەكىتلىشىچە ، تارىخ دەرسلىكلىرىدە ئىران شاھلىرى ماۋزۇسى بولىشى كېرەك.
" چۈنكى،" دىدى ئۇ، " تۇران ئىران بىلەن ئەزەلدىن رىقابەت قىلىپ كەلگەن. لېكىن مەسىلە شۇنداقكى، تۇران ئىران ئۈستىدىن ئاساسەن غەلىبە قىلغان. ئىرانلىقلار ئەسەرلىرىدە، خۇسۇسەن، فىردەۋسىينىڭ ` شاھنامە` سىدە تۇرانغا قارشى تۆھمەت گەپلەر ئېيتىپ كېلىنگەن. مەسىلەن، ئەفراسىياب ( ئالپ ئەر توڭا) قارىلانغان، بۇ قارىلاشلار ` ئاۋېستا` دىن باشلانغان".
ئا. زاھىدىي، شۇرالار دەۋرى ( ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىكى روسىيە مىللەتلەر ئىتتىپاقى دەۋرى) دىكى قارىلاشلار بۈگۈنكى كۈندىكى دەرسلىكلەردە ساقلىنىپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ئەبۇ سەئىد دەۋرىدە ماۋرەئۇننەھىر تېرىتورىيىسىنى ئىرانىيلار بېسىپ ئالغىنى ھەققىدىكى ئويدۇرمىلار ھېلى-ھەم ئوقۇتىلىۋاتىدۇ، ئەسلىدە ئىرانىيلار ئامۇ دەريادىن شىمالغا ئومۇمەن ئۆتكەن ئەمەس، بۇ ئىرانپەرەسلەرنىڭ شوۋېنىستىك غايەلىرىگە خىزمەت قىلىشدۇر. شۇرا دەۋرىدە رۇس تارىخچىلىرى ئۆزبېكلەر ۋە تاجىكلەر ئارىسىغا نىفاق سېلىش، ئۆزبېكلەرنىڭ مىللى نەفسانىيىتىگە تېگىش ئۈچۈن ئىران تۇراننى بېسىپ ئالغان، دىگەن ئەقىدەنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ۋە بۇ ھېلى ھەم ئوقۇتىلماقتا.
ئۇنىڭ ئەتىرافىچە ، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزبېكىستان تارىخچىلىرى، ئاغزىدا سوۋېت دەۋرىنى جۇدا يامانلايدۇ، لېكىن دەرسلىكلىرىدە سوۋېت دەۋرىدە يېزىلغان كىتاپلاردىن ئەينەن كۆچۈرگەن جايلارىى كۆپ.
" ھۇنلار مەسىلىسىدە تارىخچىلىرىمىز پرېزدېنتىمىزنى چالغىتقان، ھۇنلارنىڭ تۈركلەرگە ئالاقىسى يوقلىغىنى ئۇقتۇرۇشقان، بۇ مەسىلىنى ياخشى بىلگەن تارىخچىلار ھەم ئەمدىلىكتە ھۇنلارنى چەتنەپ ئۆتۈشكە ئىنتىلماقتا، ئەسلىدە ھۇنلار بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز، بۇ مەنبەلەردە ئېنىق ئىسپات بىلەن تولغان. " دەيدۇ ئالىم.
مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئورتا مەخسۇس ۋە ئالىي تەلىم مۇئەسسەسسەلىرى تالىپلىرى مۇخبىر بىلەن سۆھبەتتە ئۆزلىرىگە تارىخ پېنى بىلەن پاراللىل رەۋىشتە مىللىي ئىستىقلال غايەسىگە دەخلدار دەرسلەر ھەم ئۆتىلىدىغانىنى بىلدۈردى. بۇ دەرسلىكلەر ، ئاساسەن، پرېزدېنت ئىسلام كەرىموف ئەسەرلىرى ياكى ئۇلار ئاساسىدا يېزىلغان قوللانمىلاردۇر.
ئا. زاھىدىينىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تائىفەدىكى دەرسلىكلەرنى ئوقۇتۇش ئۆزبېكىستان ئاساسى قانۇنىنىڭ ماددىسىغا زىتدۇر. بۇ ماددىدا ھىچقايسى مەفكۇرە دۆلەت مەفكۇرەسىگە ئايلاندۇرىلىشى مۈمكىن ئەمەسلىگى بەلگىلەپ قويۇلغان.
" مىللى مەفكۇرە غايەسى ھەققىدىكى پەنلەرنى ئوقۇتۇش پرېزدېنتنىڭ ئابرويىنى تۆكىدىغان دەرىجىگە ئېلىپ كېلىپ قويدى، چۈنكى پرېزدېنت ھەقىقەتتە ئۆزبېك خەلقىنىڭ تۈپ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى ئۇقۇملۇق ئىپادىلەيدىغان مەفكۇرە كېرەكلىگىنى ئېيتقان. `مىللىي ئىستىقلال غايەسى` ناملىق كىتاپتا بولسا ئۆزبېكىستان مىللىي ئىستىقلال غايەسى مەملىكەتتە ياشايدىغان بارچە خەلقلەرنىڭ مىللىتى، دىنى، جىنسى ۋە ھوقۇقلەرىدىن قەتىي نەزەر مەقسەدلىرىنى ئىپادىلەپ يېزىپ قويغان، ئۇندا ` مىللىي ئىستىقلال غايەسى` دىگەندىكى " مىللىي" سۆزىنى ئېلىپ تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ" دەيدۇ ئالىم ئا. زاھىدىي.
[ بۇ يازما kisek تەرىپىدىن 2008-10-18 23:19 دە قايتا ]