ئەزەربەيجان دۆلەت نامى: ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى
دۆلەت بايرىقى( 1991-يىلدىكىدىن بۇرۇنقىسى):
كېيىنكىسى:
دۆلەت گىرىبى:
ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى:
يەركۆلىمى: 68 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.
نوپۇسى: 8 مىليون 347 مىڭ) 5002-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ستاتىستىكا (. 43 مىللەت بار بولۇپ، ئەزەربەيجان مىللىتى ٪90.6 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا رىزگىن مىللىتى% 2.2 نى، ئورۇسلار%1.8 نى، ئەرمەنلەر %1.5نى، تارىش مىللىتى% 1.0نى ئىگىلەيدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئەزەربەيجان تىلى. تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە تەۋە. ئورۇس تىلىمۇ كۆپ قوللىنىلىدۇ. ئاساسلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
پايتەختى: باكۇ، 1مىليون 828800 ( ئادەم ). 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 4سېلتسىيە گرادۇس. يەتتىنچى ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 27.3سېلتسىيە گرادۇس.
ئەلباشى: ئىلھام ھەيدەر ئوغلى ئەلىيىۋ. 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تاللانغان. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 5يىل.
ئاساسلىق بايراملىرى:
يىڭى يىل بايرىمى: 1-ئاينىڭ 1-كۈنى.
خەلقئارا قىز – ئاياللار بايرىمى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى.
نورۇز بايرىمى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى.
غالىبىيەت كۈنى: 5-ئاينىڭ 9-كۈنى. ( فاشىستلارغا قارشى غالىبىيەت خاتىرە كۈنى)
جۇمھۇرىيەت كۈنى: 5-ئاينىڭ 28-كۈنى. ( 1918-يىلى ئەزەربەيجان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان كۈن.)
مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈنى: 6-ئاينىڭ 15-كۈنى.( 1993-يىلى ھەيدەر ئەلىىيىۋنىڭ ھۆكۈمەتنى قايتىدىن تەشكىللەش خاتىرە كۈنى.)
ئارمىيە كۈنى: 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ( 1918-يىلى ئارمىيە قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى)
دۆلەتلىك مۇستەقىللىق كۈنى: 10-ئاينىڭ 18-كۈنى. ( 1991-يىلدىكى خاتىرە كۈنى)
ئاساسىي قانۇن كۈنى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى. ( 1995-يىلى ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇن خاتىرە كۈنى)
مىللەت قايتا گۈللىنىش كۈنى: 11-ئاينىڭ 17-كۈنى.
دۇنيا ئەزەربەيجان ئىتتىپاق كۈنى: 12-ئاينىڭ 31-كۈنى.
قىسقىچە ئەھۋالى: شىمالىي قىسمى ئورۇس، غەرب ۋە غەربىي شىمال تەرىپى ئەرمىنىيە ۋە گرۇزىيە، جەنۇبى قىسمى ئىران بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرق تەرىپى كاسپىي دېڭىزى بولۇپ، دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىkm 713. ناشچىۋەندە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئەرمىنىيە، تۈركىيە ۋە ئىران ئارقىلىق قورشىلىپ تۇرىدۇ. كىلىماتى كۆپ خىل بولۇپ، تۈزلەڭلىك ۋە پەس جايلىرى سۇبتىروپىك بەلۋاغ ئىقلىمىغا كىرىدۇ. 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 27 سېلتسىيە گرادۇس~ 29سېلتسىيە گرادۇس. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 1 سېلتسىيە گرادۇس~ 3سېلتسىيە گرادۇس.
تاغلىق رايونلىرى ئېگىزتاغ توڭ تۇپراق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى
5سېلتسىيە گرادۇس~ 30سېلتسىيە گرادۇس قىچە بولىدۇ.
ئەزەربەيجان مىللىتى11 ~13 -ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن. 13~16 –ئەسىرلەردە ئارقا- ئارقىدىن يات قوۋملارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 16~18 –ئەسىرگىچە پارسلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 18-ئەسىردە 10نەچچە كىچىك شەھەر دۆلەتلىرىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا شىمالىي ئەزەربەيجان ( ھازىرقى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى) چاررۇسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان. 1917-يىلى 11-ئايدا باكۇ سوۋېت سوتسىيالىستىك كوپىراتىپ ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.
1918-يىلى5-ئاينىڭ18-كۈنى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
1920-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى << ئەزەربەيجان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى >> دەۋرىگە قەدەم قويغان. 1926-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈننى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان.
1991-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى << ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى >> ئۆزگەرتىپ، 10-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
سىياسىي جەھەتتىكى ئەھۋالى: 2000-يىلى ئەزەربەيجان پارلامېنت تاللاش يىلى بولۇپ، پارلامېنت تاللاش يېغىننىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى چۆرىدىگەن ھالدا، سىياسىي ئىنقىلاب كۆرۈنەرلىك ئاشكارىلاندى. ئەلىيىۋ باشچىلىقىدىكى << ئەزەربەيجان پارتىيىسى >> نىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى بىلەت تاشلاپ تاللاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلىپ، يەنەبىر قېتىم پارلامېنتتا يېرىمدىن كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن پارتىيە بولۇپ قالغان. ئەلباشى ئەلىيىۋ پارلامېنتنى قايتا تەشكىللەش نامى بىلەن ئەكسىيەتچى ۋە بۇزۇق ئۇنسۇرلارنىڭ ئورنىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا تۆۋەنلەتكەن. لېكىن ئۇلار نەچچە قېتىم نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەكسىچە تەسىرى تېخىمۇ ئاجىزلاشقان.
2001-يىلى ئەزەربەيجان ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلاشتى. ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئورگانلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاساسىي قانۇنى: نۆۋەتتىكى ئاساسىي قانۇنى 1955-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئومۇم خەلق ماقۇللىشى ئارقىلىق قارارلانغان. ئاساسىي قانۇندا دېموكراتىك، قانۇنلۇق، مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. يەنە ئەلباشىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۆتەيدىغانلىقى، ئەلباشى ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ 5يىل بولىدىغانلىقى، ئارقىمۇ-ئارقا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2 نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقى. قانۇن تۇرغۇزۇش، مەمۇرىيەت، ئەدلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنىڭ ئايرىپ باشقۇرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 2002-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بارچە خەلقنىڭ ماقۇللىشى بىلەن ئاساسىي قانۇندىكى بەزى ماددىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. بۇلار << ئەلباشى تاللاش بىلەت سانىنىڭ بۇرۇنقى ئومۇمىي بىلەت سانىنىڭ 3 / 2 قىسمىنى ئىگىلەشتىن يېرىمىنى ئىگىلەشكە، ئەگەر ئەلباشى ۋەزىپە مۇددىتى جەريانىدا بۇرچىنى ئاداقىلالمىسا، پارلامېنت قارارى ئارقىلىق<<مىنىستىرنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش ھوقۇقى بار>> دەپ جاكارلايدىغانلىقى، پارلامېنت تەشكىللەشتە، خەلقنىڭ بىلەت تاشلاش نىسبىتى ئارقىلىق سايلايدىغنلىقى ۋە سايلامدا پارتىيە ( نامىدا) قاتنىشىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى بەلگىلەندى.
پارلامېنت يىغىنى: ئەڭ ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى << مەملىكەتلىك خەلق پارلامېنتى >> بولۇپ، بىر پارلامېنتلىق تۈزۈم يولغا قويۇلىدۇ. پارلامېنت 125 ئەزادىن تەشكىللىنىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 5يىل بولىدۇ. ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا قانۇنغا ئاساسەن، ھەرخىل دۆلەت سىياسەتلىرىنى بەلگىلەش، تەستىقلاش، بىكار قىلىش. مەمۇرىي رايونلارنى بېكىتىش، دۆلەت مالىيىسىنىڭ خام چوتىنى تەستىقلاش ۋە نازارەت قىلىش، ئەلباشىنى خەلقنىڭ ماقۇللىشى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن سوتىغا ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە ئەرز سۇنۇش قاتارلىقلار.
مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى: پۈتۈن دۆلەت بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت، بىر ئاپتونوم ئوبلاست، 59رايون، 69شەھەر، 13شەھەر دەرىجىلىك رايون، 130بازار، 4354 يېزىغا بۆلۈنگەن.
پارتىيىلىرى: پۈتۈن دۆلەتتە ئەدلىيە تارماقلىرى تىزىملىغان پارتىيىدىن 41ى بولۇپ، ئاساسلىقلىرى:
1-ئەزەربەيجان پارتىيىسى: 330مىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئەڭ چوڭ پارتىيە ھېسابلىنىدۇ.
2-ئەزەربەيجان خەلق بىرلىكسەپ پارتىيىسى: 40 مىڭدىن كۆپ ئەزاسى بار.
3-مۇسۋات پارتىيىسى: 40مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار.
4-ئەزەربەيجان مىللىي ھۆرىيەت پارتىيىسى: 19مىڭ ئەزاسى بار.
ئېقتىسادىي جەھەتتە: نىفىت سانائىتى خەلق ئېقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. ماشىنسازلىق ۋە يېنىك سانائەت نىسبەتەن ئارقىدا قالغان. كۆپ قسىم تۇرمۇش بويۇملىرىنى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت بىر تۇتاش تېزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھالدا نىفىت سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن
بىرگە، كۆپ خىل ئېقتىساد تەرەققىياتى، چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قلىشنى كۈچەيتىش، ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۈنۇملۈك سىياسەتلەر يولغا قويۇلغان. نىفىت تەبئىي گاز بايلىقى مول بولۇپ، 3~4 مىليارد توننىغا يېتىدۇ.
پۇل بىرلىكى: مانات ( 1$=50000 مانات) 2004-يىلدىكى ئالماشتۇرلىشى.
قاتناش – ترانسپورتى: تاشيول بىلەن تۆمۈريول ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. تۆمۈر يول ئومۇمىي مۇساپىسى: 2120 كىلومېتىر. تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى: 26700 كىلومېتىر. ھاۋاقاتنىشى جەھەتتە: ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 11خەلقئارا قاتناش لىنىيىسى ۋە 1 دۆلەت ئېچى قاتناش لىنىيىسى ئاچقان. باكۇ ۋە جەنجدىن ئىبارەت ئىككى خەلقئارا ئايرودرومى بار.
دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە: 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى قوراللىق ھەربىي قىسىم قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەزەربەيجان ئالىي سوۋېتىنىڭ ماقۇللىشى ئارقىلىق، جۇمھۇرىيەتلىك قوراللىق قىسىم قانۇنى تۈزۈلۈپ، دۆلەت مۇداپىئە قىسمى قۇرۇلغان. ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئوبيېكتى 18~35 ياشقىچە پۇقرالار، مەجبۇرىيەت مۇددىتى 18 ئاي. نۆۋەتتە 60مىڭ ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ.
______________________________
قوشۇمچە: مەن بۇ تىمىنى خەنزۇچە ماتىريالدىن تەرجىمە قىلغانلىقىم ئۈچۈن، بەزى بەزى سۆلەر ئۆلچەملىك بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇستازلار ۋە دوستلارنىڭ، تۈزىتىپ، تەنقىدىي پېكىرلەرنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.