نۆۋەتتىكى تېما : خىسلەت ۋە ئاجايىپ دوستلۇق تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 202ـ كۆرۈرمىنى
niyazdixan

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1760
نادىر تېما : -5
يازما سانى : 268
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە268دانە
شۆھرىتى: 1141 نومۇر
پۇلى: 2640 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :163(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2008-10-25

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 خىسلەت ۋە ئاجايىپ دوستلۇق

خىسلەت ۋە ئاجايىپ دوستلۇق

 

( ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەققىدە ئەسلىمە)

ئەزىز ساۋۇت

 

بۇ راست بولغان ئىش.

 

بۇ ۋەقەنى ماڭا يارۇ - بۇرادىرىم مۇھەممەت ئىبراھىم سۆزلەپ بەرگەن. مۇھەممەت ئىبراھىمغا (بۇ كىشى ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق، ھايات.) رەجەپ ئىسىملىك بىر قازاق قېرىنداش سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن.

 

- ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھېلىقى كونا باشلانغۇچ مەكتەپ ھېلىمۇ بارمۇ؟- دەپ سورىدى رەجەپ ئىسىملىك 30 ياشلاردا بار گەۋدىلىك باتۇر قىياپەتلىك بىر قازاق يىگىت، مېنىڭ ئاقسۇدىن ئىكەنلىكىمنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ كېلىپ ئالاھىدە ھال سورىغان ھالدا.

 

- ھەئە بار،- دېدىم مەنمۇ قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ،- بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟

 

- ھەئە، شۇ جايدا ياشلىق ھاياتىمغا ئۆچمەس خاتىرە بولۇپ قالغان مۇھىم بىر ۋەقە بولۇپ ئوتكەن... بىز ئىدارىنىڭ ئورمانلىرىغا سۇ كىرىدىغان ئېرىق بويىدىكى يوغان تىرەك ئاستىغا قويۇلغان شادا ياغاچ بەندىڭگە ئولتۇردۇق. بۇ 1956 - يىلى 5 - ئاينىڭ بىر كۈنى ئىدى. بۇ چاغدا مەن ئاقسۇدىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قارمىقىدىكى مائارىپ نەشرىياتىغا يۆتكەپ كېلىنىپ خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. رەجەپ (ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە يۇرتىنى سورىۋالماپتىمەن، ئېھتىمال كۈنەسلىك بولسا كېرەك) بولسا 1945 - يىلى ئۇچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، شۇ يىلى 8 - ئايدىن 10 ئاي ئاخىرىغىچە جەنۇبى يونۇلۇش ئۇرۇش فرونتى - ئاقسۇ رايونىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى جەڭلەرگە قاتناشقان. 1950 - يىلى ئۇچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5 - كورپۇسىغا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، 1951 - يىلى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئۆلكىلىك ئەدلىيە نازارىتىگە نازىرنىڭ شوپۇرى بولۇپ ئالمىشىپ كېلىپ ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقتى ئىكەن. 1957 - يىلى كۈزدە مەن ئاقسۇغا قايتىپ كەلدىم. قايتا ئۇچرىشالمىدىم. ھاياتمۇ - قازا قىلدىمۇ بىلەلمىدىم.

 

٭ ٭

 

1945 - يىلى 7 - ئاي ئاخىرىدا، جەنۇب يونۇلۇش فرونتى - ئاقسۇ رايونىدا پارتىزانلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، گومىنداڭنىڭ ئاقسۇ رايونىدىكى ھەربىي كۈچلىرىنى جەلپ قىلىپ، ئايلانما ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تۇتۇپ تۇرۇپ شىمالغا - ئاساسلىق جەڭ يۆنىلىشى - شىخۇ ئۇرۇش فرونتىغا ياردەم بېرەلمەيدىغان قىلىۋېتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان 200 كىشىلىك چاققان بىر پارتىزان ئەترىتى. باينىڭ قېيىر رايونىدىن جەنۇبقا داۋان ئېشىپ ئۆتتى. بۇ ئەترەتكە ئابدۇكېرىم ئابباسوف كومىسسار، سوپاخۇن سوۋۇروپ ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەترەت كوماندىرى، قاسىمجان قەمبىرى ئۇچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بىزگە باش بولدى. مەن (رەجەپ) ۋە ئابدۇكىرىم سابىر (ئەسلى ئاقسۇ ئايكۆل يېزىسىدىن، 43 يىللاردا ئىلىغا چىقىپ تېكەس خاڭلىرىدا ئىشلىگەن. ئىنقىلاب پارتلىغاندا پارتىزان بولغان ھەم غۇلجا شەھىرىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن غۇلجا زاپاس 4 - پولك تەركىبىگە ئۆتۈپ مۇئاۋىن ئىزۋوت كوماندىرى بولغان) زاپاس 4 - پولكتىن قېچىپ چىقىپ، سوپاخۇنلار ئەترىتىگە قوشۇلىۋالغانىدۇق. ئابدۇكىرىم سابىروف بىلەن غۇلجا ئۇرۇشىدىمۇ سەپداش ئىدۇق. ئابباسوف قوشۇلماي سوپاخۇننىڭ سالا - سۇلۇسى بىلەن جەنۇبى فرونتقا بېرىشقا ئاران ئۇنىدى.

 

ئەترەت جاپالىق يۈرۈش ئارقىلىق قار - مۇزلۇق داۋانلاردىن غەلىبىلىك ئېشىپ، قېيىر چېگرىسىنى ساقلاپ ياتقان گومىنداڭنىڭ كۈچەيتىلگەن بىر لىيەن ھەربىي مۇچىنى تارمار قىلدى. قېيىر يېزىسىنى، باي ناھىيىسىنى، ئاقسۇ كونا شەھەردىكى (ھازىرقى ئونسو) مۇز داۋان قورغان سېپىل - ئىستىھكامدىكى جەڭگىۋار بىر ليەننى (300 كىشىلىك) تارمار قىلىپ قورغاننى، ئاقسۇ كونا شەھەر (ئونسو) ناھىيىسىنى غەلىبىلىك ئازاد قىلدۇق. ئارقىدىنلا گومىنداڭنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى كۈچلۈك مۇداپىئە ئىستىھكامى - كونا ئۇۋىسى ئاقسۇ شەھىرى كاتتا سېپىلىنى قورشىۋېلىپ، كۈچلۈك تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ، سېپىلدىن چىقالماس قىلىۋېتىپ، شىمال - شىخۇ ئۇرۇش يۆنىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك، بىمالال ھۇجۇم قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردۇق. لېكىن بۇ ئۇرۇشتا كوپ قۇربانلارنى بەردۇق. كۆپلىگەن جەڭچى - پىدائىيلار ئوز بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا ئىسسىق قانلىرىنى تۆكۈپ، ھېچ تەمتىرىمەستىن قىممەتلىك جانلىرىنى تەقدىم ئەتتى، ئەپسۇس، كۆپلىگەن جەڭچى - پىدائىيلارنىڭ پاك تەنلىرى جەڭگاھتا قېلىپ قالدى، خورلاندى. جەڭگاھتىن ئېلىپ چىقىپ يەرلىكتە قويۇشقا مۇيەسسەر بولالمىدۇق. ئەنە شۇ قۇربانلارنىڭ بىرى ئابدۇكېرىم سابىروف ئىدى.

 

٭ ٭

 

1945 - يىل 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئىدى. نامازدىگەر ۋاقتى، پارتىزان ئەترەت كوماندىرىمىز پودپولكوۋنىك سوپاخۇن سوۋۇرۇپ، ئاديوتانتى (فۇگۈەن) فىلىد فىل - ئەمەت ئەيسا بىلەن بىللە ئاتلىق ئابارونىمىزغا كېلىپ قالدى. ئەگىز، گەۋدىلىك بۇ ئادەمنىڭ قەيسەرلىك چىقىپ تۇرغان چىرايى تۇتۇلغان، غەزەپلىك ئىدى.

 

- پروپورچىك ئابدۇكېرىم!- دەپ چاقىردى ئۇ، تەخسىلىك سەۋىتىسكى دىگتار قول پىلىموتنى تازىلاپ ئولتۇرغان ئىزۋوت كوماندىرىمىزنى چاقىرىپ.

 

- بار!- دەپ دىققەتتە تۇردى ئابدۇكېرىم سابىروف. ئاباروندىكى 40 نەپەر جەڭچىمۇ دىققەتتە تۇردۇق.

 

- راھەت!- دېدى سوپاخۇنكام، ئەمما ئابدۇكېرىم يەنىلا دىققەتتە تۇرۇۋەردى.

 

- بۇيرۇق!- دېدى سوپاخۇنكام ھەربىيلەرچە كەسكىن تەلەپپۇزدا،- ئۇچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ئىنقىلابى ھۆكۈمەت ۋە مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتاۋى، بىزنى ئۇچ ۋىلايەت ئازاد رايونىغا قايتىپ كېلىشنى ئۇقتۇردى. ئابباسوف، قاسىمجانلار، يارىدارلار، شتاب خىزمەتچىلىرى، قورالسىز پۇقرالارنى ئېلىپ ئەتىگەندە ئىلىغا قاراپ يولغا چىقتى. بىز بىر پولك قوراللىق جەڭچىلەر مۇداپىئەدە تۇرۇپ ئەتە ئەتىگەندە چېكىنىمىز!

 

ئابدۇكېرىم باشلىق ھەممە جەڭچىلەر بۇ بۇيرۇقتىن ھەيرانە - ھېس قالدۇق. چىرايلىرىمىزدا غەزەپلىنىش، نارازىلىق ئىپادىلىرى ئىپادىلەندى.

 

- نېمىشقا ئەمدى؟ دۈشمەنلەرنى ئۈنۈملۈك قامال قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇمران بولۇش ۋاقتى ئاز قالغان ئىدى. بۇ قانداق بۇيرۇق؟!- دەۋەتتى ئۆزىنى باسالماي قالغان ئابدۇكېرىم نارازىلىقىنى يوشۇرالماي.

 

سوپاخۇننىڭ چىرايىدىن، ئۆزىنىڭمۇ بۇ بۇيرۇققا رازى ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى. راستتىنلا بىرقانچە قېتىملىق، ئۇزۇن ۋاقىتلىق قورشاۋ سېپىل ئىچىدىكى دۈشمەنلەرنى خېلىلا ھالسىراتقان. گەرچە بىزنىڭ سېپىلغا ھۇجۇم قىلىپ چىقىش، سېپىلنى ئىشغال قىلىش جەڭ ھەرىكەتلىرىمىز، دۈشمەننىڭ قۇدرەتلىك سېپىل ئىستىھكام ھەم قوراللىق ئۈستۈن ئوت كۈچى مۇداپىئەسى ئارقىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، سېپىل ئەتراپىنى قورشاپ، سالجىدەك يېپىشىۋېلىپ، ھەر كۈنى ئوق ئېتىپ باش كوتەرتمەي تۇرۇشىمىز، دۈشمەننىڭ سېپىل سىرتىغا چىقىپ بىزگە ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىش ئىرادىسىنى چەكلىگەن، ئاشلىق - تەمىنات تۈگىگەن، سېپىل ئىچىدە ۋەھىمە كۆپەيگەن، ئايغاقچىلىرىمىزنىڭ مەلۇماتىدىن، ئامال بولمىغاندا، ئوت كۈچىنى توپلاپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ قەشقەر ياكى خوتەنگە قېچىشنى پىلانلاپ قويغان ئىكەن. شۇڭا سېپىلنىڭ شەرقى دەرۋازىسىنى ئوچۇق قويغان ئىكەن، سوپاخۇنكام بىر كەسپى ھەربىي بولۇش سۈپىتى بىلەن غەلىبە پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتقان بۇنداق بۇيرۇققا قاتتىق نارازىلىقى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر بولغاچقا، نارازىلىقىنى جەڭچىلەر ۋە قول ئاستىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ئالدىدا چاندۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىدا تېخىمۇ چوڭ غەلىبە - ئومۇم ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئابدۇكەرىمگە تەنبىھ ئاھاڭىدا:

 

- سىز بىر ئوفىتسېر بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىقنىڭ ھەربىي ئىنتىزامسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىز! يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىدا چوڭ ئىشلار نەزەردە تۇتۇلغان بولىدۇ. ئەتە قايتىش ئۇچۇن، ئەستايىدىل، پۇختا ۋە جىددىي تەييارلىق قىلىڭلار! مۇھىمى دۈشمەننىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇشتۇمتۇت قىلىدىغان كېچىلىك ھۇجۇمىدىن پەخەس بولۇڭلار! ئوز بېشىمچىلىق قىلسىڭىز ئېتىپ تاشلايمەن!

 

- خوپ! بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمەن كوماندىر!- ئابدۇكېرىم دىققەتتە تۇرۇپ چاس بەردى. سوپاخۇن سالامغا جاۋاب قايتۇرۇپ، باشقا ئابارونلارغا بېرىش ئۇچۇن ئەتىنىڭ بەشىنى بۇرىدى. ئابدۇكېرىم باشلىق 40 نەپەر جەڭچى نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي ئىلاجسىز دىققەتتە تۇرغىنىمىزچە قالدۇق. سوپاخۇن 10 قەدەمچە مېڭىپ بىراقلا ئاتنىڭ بەشىنى بۇراپ قىشىمىزغا قايتىپ كەلدى.

 

- ئولتۇرۇڭلار! راھەت!- دېدى تېخىچە دىققەتتە تۇرغان جەڭچىلەرگە غەمخورلۇق بىلەن. ئۇنىڭ چېھرىسىدىن بايامقى كەسكىنلىك، خاپىلىق يوقىلىپ، مېھرىبانلىق ئىپادىلىرى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئايلاپ، ھەپتىلەپ ئىسسىق ئورۇن، يۇمشاق تاماق، پاكىز كىيىم كۆرمەي، داق يەردە يېتىپ، قۇرۇق نان گاھىدا سوغۇق سۇ ئىچىپ، كىر - پىتقا كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ قىلچە نالىماي، ئەزىز جانلىرىنى دوغا تىكىپ، پىداكارلىق بىلەن دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىش بۇرچىنى سادىقانە ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان جەڭچى سەپداشلىرىغا كۆزى قىيمىدى بولغاي ئەتىمالىم، بايامقى بۇيرۇقنىڭ قوپال تەلەپپۇزىدا بېرىلگەنلىكىنى ئويلاپ، ھەممىمىز ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىزاھات بەردى.

 

- ھەي پىداكار جەڭچىلەر، دەسلەپتە مەنمۇ سىلەردەك ئويلىغان، شىمال، ئوتتۇرا يونۇلۇش ئۇرۇشى غەلىبىلىك بولدى. ئالتاي، چۆچەك، شىخۇ ئىشغال قىلىنىپ، ماناس دەرياسىغا قىستاپ بېرىپ ئۈرۈمچىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈلدى. بىز جەنۇب فرونت جەڭچىلىرىمۇ، پارتىزانلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق دۈشمەننى شىمالغا ياردەم بېرەلمەيدىغان قىلىۋېتىش بۇرچىمىزنى ناھايىتى ياخشى ئورۇندىدۇق. بىئەپ - قورقۇنچلۇق ئورۇنغا چۈشكەن گومىنداڭ دائىرىلىرى تىنچلىق سۆھبىتىنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەكلىپنىڭ ئارقىسىدا نېمە مۇددىئا بار بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. دۈشمەننىڭ سۆھبەت ئارقىلىق ئوڭشىلىۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق، نېمە ئامال. سۆھبەت قىلمىساق بىزنى ئۇرۇش خۇمار دەپ دۇنياغا جاكارلاپ قوللاشقا ئېرىشمەكچى، كۆرۈپ باقىمىز. چۈشەنگەنسىلەر! تەمكىن تېخىمۇ جاسارەتلىك بولايلى! بولۇپمۇ دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ھوشيار تۇرۇڭلار! ئەتە دۆڭدە - شىتاپتا چېلىنغان كاناي ئاۋازى بىلەن تەڭ توپلىنىپ قوزغىلىمىز. سوپاخۇنكام جەڭچىلەر بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ خوشلىشىپ كەتىپ قالدى.

 

٭ ٭

 

بىز چۈشكۈن قىلغان ئابارون - قورۇ، ئوز ۋاقتىدىكى خەنزۇلار گورۇستانلىقىنىڭ (ھازىرقى دولان تانسىخانىسى، ئەتراپى - شۇ چاغدا لىيەن شتابى شۇ يەرگە جايلاشقان) غەربىدىن 400 مېتىرچە نېرى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ (ھازىرقى بۇ مەكتەپ ئورنىدا ۋىلايەتلىك تەمىنات سودا كوپىراتىپ ۋە سودا سانائەت بانكىسى بار) ئارقىسىدىكى خەيچاڭ مەھەللىسىگە قاراشلىق ئىسمائىل مەزىناخۇننىڭ جايى ئىدى. (ھازىرقى بۇ يەرگە "خۇشناۋا" رېستورانى سېلىندى) ئىسمائىل مەزىن ئاخۇنۇم خەيچاڭ مەھەللىسى تۆت تار كوچا دوقمۇشىدىكى مەسچىتنىڭ (ھازىرقى بۇ مەسچىت خىش بىلەن يېڭىلاپ سېلىندى) مەزىنى ئىكەن. ئۇرۇش - يېغىلىقتىن قورقۇپ، خوتۇن بالىلىرىنى ئېلىپ، ئويىنى تاشلاپ، يىراق يېزىغا كەتىپ قالغان ئىكەن. بۇ قورۇ ئالدىمىزدا باشلانغۇچ مەكتەپ (ئوغۇللار مەكتىپى، گومىنداڭچىلار سېپىل تاملىرىغا يېقىن ئۆيلەرنى كۆيدۈرۈپ تۇزلىۋەتكەن لېكىن مەكتەپكە تەگمىگەن) سېپىلغا يېقىن مەكتەپنى دالدا قىلىپ تۇرۇپ سېپىلغا يېقىنلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى ئەپلىك بولغاچقا ھەم قورۇدا ئادەم يوق بوش، بىزگە ئەپلىك ئىدى.

 

سوپاخۇنكام (ھازىرقى بۇ كىشى ئۈرۈمچىدە ھايات) كەتكەندىن كېيىن ئابدۇكىرىم ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ئەزۋوتىمىزدا بىر دىگتار قول پىلىموت، تۆت دانە دىگتار ئاپتومات بار ئىدى. قالغىنى بەش ئاتار مىلتىق، قىلىچ ۋە ئازغىنە گرانات. ئوقلىرىمىز يېتەرلىك، ھەر بىرىمىزدە بىردىن ئات، تۆت ئاپتوماتچىكنى تۆت تەرەپكە قويدى قول پىلىموتنى كوماندىر ئىزۋوت ئابدۇكېرىم ئۆزى تۇتۇپ، سېپىل تەرەپنى مۇداپىئە قىلماقچى بولدى ۋە مېنى ياردەمچىلىككە تاللىدى. قالغان جەڭچىلەرمۇ تېگىشلىك ئورۇنلارغا جايلاشتۇرۇلدى. ناۋادا دۇشمەن ھۇجۇم قىلىپ قالسا، قورۇنىڭ شىمال تەمىدىن بۆسۈپ چىقىپ لەڭگەر ئارقىلىق، ياتالماستىكى باش شىتاپقا چېكىنىپ ئاساس قىسىم بىلەن قوشۇلۇش ئۇقتۇرۇلدى. ئاتنى توقۇپ تەق قىلىپ، سۇغۇرۇپ ئوتقا قويۇلدى. شىڭلى چاپان - چارا، نەرسە - كېرەكلەر سەرەمجان قىلىنىپ ئاتلارغا تېڭىلدى. ئىش قىلىپ دەرھال ئاتلىنىپ يولغا چىققۇدەك تەق بولدۇق.

 

كەچلىك غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، جاي - جايلىرىمىزغا بېرىپ ئورۇن ئالدۇق. ئەتراپ جىمجىت ئاسماندا يۇلتۇزلار پارىلداپ يېنىپ تۇراتتى. كۈزنىڭ سوغ، نەم شامىلى غۇرۇلداپ ئۇچۇپ، تېخى يازلىق يېلىڭ كىيىملەر بىلەن تۇرۇۋاتقان جەڭچىلەرنىڭ تىنىنى شۈركۈندۈرەتتى. ئالەمنى قاراڭغۇلۇق باسقان، ئۇرۇش ۋەھىمىسىدىن كۆپىنچە كىشىلەر يېزا - كەنتلەرگە قېچىپ كېتىشكەن، ئەتراپ جىم - جىت، ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى، توخۇلارنىڭ قىچىرىشلىرىمۇ ئاڭلانمايدۇ. سېپىل تەرەپ جىم - جىت، دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ ئىپادە - شەپىسى يوق. نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاشقا بۇيرۇق بېرىلگەن بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر جەڭچىلەرنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان، كىلو - كىتو پاراڭلارنى سېلىشىپ ئولتۇراتتى. ھەممىمىزنىڭ ئويىدا ئۇرۇش توختىتىپ، سۆھبەتكە شارائىت ھازىرلاش ھەر ئىككىلا تەرەپ ئەمەل قىلىدىغان ئىش بولغاندىن كېيىن، دۈشمەنلەرمۇ كېلىشىمگە رىئايە قىلىپ ھۇجۇم قىلماس دېگەن خىيال ھۆكۈمران بولدى.

 

نەدىكىنى!؟ دۈشمەنلەر ئىشپىيون ئايغاقچىلىرىنى ئەۋەتىپ تىڭ - تىڭلاپ يورۇپ، ئۇرۇشنى توختىتىپ ئەتىسى چېكىنىدىغان ۋاقتىمىزغىچىلىك بىلىپ بولغان ئىكەن ھەم، كېچىچە خۇپىيانە ھالدا پۈتۈن قىسىملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، شوتا بىلەن سېپىلدىن چۈشۈرۈپ، شىمال، جەنۇب ۋە غەرب (ئۇدۇل) دىن قورشاۋغا ئېلىپ ئەتراپىمىزنى قورشاپ ئەپلىك پۇرسەت كۈتۈپ مۆكۈپ ياتقان ئىكەن. بىز ھەقىقەتەن بىخۇدلۇق قىپتۇق. تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا چارچاپ كوزىمىز ئۇيقۇغا كەتىپ قاپتۇ. ئەمما پوستلىرىمىز ئويغاق ئىدى. تۈن نىسپىدىن ئېشىپ ئاي تۇغقان ۋە خېلىلا ئەگىز كۆتۈرۈلگەن، ئەتراپ ئاپئاقچىلىق ئىدى. بىزنىڭ ئۇيقۇسىراپ بوشاشقان مەزگىلنى تاللاپ دۈشمەنلەر تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ئوقلار ئەتراپىمىزغا تاراسلاپ چۈشمەكتە، دۈشمەنلەرنىڭ قورشاۋ ھالقىسىنى تارايتىپ، قىلىشقان پاراڭلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا شىمال، جەنۇب، دوڭ ئۇستى تەرەپلەردىمۇ ئوق ئاۋازى ياڭراپ، ئېتىشىشلار باشلىنىپ كەتتى. دۈشمەنلەر ھەممە تەرەپكە تەڭ ھۇجۇم قىلغان ئىكەن. بىزنىڭ پوستلار ۋارقىرىشىپ كەتتى.

 

- دۇشمەن ھۇجۇم قىلدى! تىز تۇرۇڭلار!

 

چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ قوراللىرىمىزغا ئېتىلدۇق. شۇ چاغدا ئابدۇكېرىم ھودۇقماي مەردانە ئاۋازدا!

 

- جەڭچىلەر! ھودۇقماڭلار، تۈنۈگۈنكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار! قاتتىق تۇرۇپ دۇشمەن ھۇجۇمىنى چېكىندۈرەيلى، ئاندىن نۆۋەتلىشىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقايلى، زورلاپ ئۆلۈپ بەرمەيلى، تىرىك ئەسىرگە چۈشمەيلى! قاتتىق ئىتتىپاقلىشىپ بىر - بىرىمىزنى تاشلاپ كەتمەيلى! مۇبادا قازالاپ كۆرۈشەلمىسەك خەي - خوش! ئالدى بىلەن مىلتىقلىقلار چېكىنىسىلەر! ئاندىن ئاپتوماتچىلار، ئاخىرىدا رەجەپ بىلەن مەن سىلەرنى قوغداپ تۇرۇپ چېكىنىمىز. ئالدىدا بۆسۈپ چىققانلار دۈشمەننىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئوق ئېتىپ چېكىنىپ، بىزنىڭ بۆسۈپ چىقىشىمىزغا يول ھازىرلايسىلەر! قېنى ئېتىڭلار!

 

جەڭچىلىرىمىز بىردەك ھەرىكەت بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئوت ئاچتى "ۋايجان!" دېگەن ئېچىنىشلىق ئاۋاز بىلەن شەرقى تامدىكى بىر جەڭچىمىز شېھىت بولدى. ئابدۇكېرىم پىلىموتنى ماڭا تاشلاپ، ھېلىقى جەڭچىنىڭ قىشىغا كەتتى. جان ئۈزگىنىنى كۆرۈپ قەھرلەنگەن ھالدا، جەڭچىلەرگە مەدەت بېرىپ:

 

- رەجەپ ئەپكە مەن ئاتاي! سەن مىلتىق بىلەن مېنى مۇداپىئە قىل!- دېدى. قەھر بىلەن بىر پەس ئېتىشقاندىن كېيىن، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمى پەسلىدى. ئارقىسىغا چېكىندىمۇ ياكى بىر دالدىغا مۆكۈنۈۋېلىپ قايتۇرما ھۇجۇم ئۇچۇن پۇرسەت كۈتۈپ ياتتىمۇ ئۇقالمىدۇق. ھەرھالدا ئابدۇكېرىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىلتىقلىقلارنى ئوڭۇشلۇق چېكىندۈردى. ئارقىدىن تۆت نەپەر ئاپتوماتلىق ئوتدلىنىيە كوماندىرلىرىنى چېكىندۈردى. ئۇلار چېكىنىۋاتقاندا، دۇشمەن تەرەپكە غەزەپ بىلەن ئېتىپ تۇردى. مەن دىسكىلارغا ئوق قاچىلاپ تۇردۇم، ئاخىرىدا ئابدۇكېرىم:

 

- رەجەپ ئەمدى بىز چېكىنەيلى، سەن ئالدىدا ماڭ!- دېدى،- مەن قوغداپ ماڭاي دېسەم ئۇنىمىدى. قورۇدىن تار يول ئاغزىغا چىقىپ تۇرۇشىمىزغا، دۈشمەنلەر ئوق دېگەننى تۆكۈۋەتتى. ئەسلىدە ئۇلار دالدىلارغا مۆكۈنۈپ ئۈستىمىزگە بېسىپ كىرىشكە پېتىنالماي ھەم چېكىنىۋاتقىنىمىزنى ئۇقالماي تۇرۇپ قالغىنى ئىكەن. بىز تەرەپتىن ئېتىش پەسەيگەندىن كېيىن "ئوقى تۈگىدى"- دەپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئوتكەن ئىكەن.

 

يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا دۈشمەننىڭ تەخمىنەن ئاتقان ئوقى ئابدۇكەرىمنىڭ ئوڭ پاقالچىقىنى چىقىپ تاشلىدى. يەنە قورساققا، سول قۇلاققا (قۇلاقنى يۇلۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن) ئوق تەگدى. غىر يارىلىنىپ يولغا يىقىلىپ ھوشىدىن كەتتى. ھودۇقۇپ كەتتىم، دۈشمەنلەر كوچا تېمىنى ياقىلاپ يېقىنلاشماقتا، ئۇلار بىزنى كۆرمىگەن چېغى، ئېھتىيات بىلەن ئاستا كېلىۋاتاتتى. ئەمما مەن ئۇلارنى كۆرۈپ تۇراتتىم. دەرھال ئېسىمگە كەلدىم - دە، ئابدۇكەرىمنى بىر ئامال قىلىپ ھاپاش قىلىپ، پىلىموت، مىلتىق، ئوق، گراناتلار بىلەن قوشۇپ كوتەردىم. ئالدىمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئىچىگە غىپپىدە كىرىۋالدىم. مۇنداق ھايات - ماماتلىق پەيتتە ئادەمگە كۈچ، ئەقىل، تەدبىر پەيدا بولۇپ تۇرىدىكەن. بۇ ئەتراپتا ئوبدانراق دالدا بولغۇدەك مەكتەپتىن باشقا ئورۇنمۇ يوق ئىدى. ئوچۇقچىلىق، ئېتىزلىق، ئۇستى بېشىم غەرق قان. ئابدۇكەرىمنى مەكتەپ ئىچىدىكى قۇدۇقنىڭ قېشىغا ياتقۇزدۇم. (مەكتەپ ئاللىقاچان تاقىلىپ، ئوقۇغۇچىلىرى تارقاپ، ئوقۇتقۇچىلىرىنى سېپىل ئىچىگە ئەكىرىۋالغان ئىكەن) مەكتەپ ئىچىدە ئىنىسى - جىن يوق. شۇ چاغ ئابدۇكېرىم:

 

- سۇ! سۇ! ئۇسساپ كەتتىم!- دەپ ھوشىغا كەلدى. چىرايىغا قارىسام بىردىن قارىداپ كەتكەندەك بىلىندى. توختىماي لەۋلىرىنى يالايتتى. خىلى ياخشى سۇداندا ئازراق سۇ بار ئىكەن، ئىچۈردۈم. سەل جان كىردى. سەكراتتا ئاخىرقى مىنۇتتا ئادەم بەك زېرەكلىشىپ كېتىدىكەن. سەپدىشىم ئابدۇكەرىمگە قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتىپ باراتتى. يا تېببىي ياردەم يوق، ئەتراپىمىزدا لىق دۇشمەن، ئابدۇكېرىم ئىنقىلاب مەنپەئەتى، قول ئاستىدىكى 40 نەپەر جەڭچىنىڭ ھاياتى ئۇچۇن ئۆزىنى پىدا قىلدى. كۈزلىرىمدىن ياش قۇيۇلدى. ئۇنى يۆلەپ ھاپاش قىلىپ ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇم - دە، يۆلەشتۈردۈم، ئۇنىڭ كۆزى يوغان ئېچىلدى. توۋا! شۇ دەمدە ئۇنىڭ كوزىلىرى ھەقىقەتەن يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇراتتى. بىرھازا ماڭا تىكىلىپ قاراپ كەتتى. چىرايىدا ئاچچىق تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەندەك بىلىندى. بۇ چاغدا شەرقى ئۇپۇق ئاقىرىپ تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ئىدى. باشقا يەردىكى ئابارونلاردا ئېتىشىشلار داۋام قىلىپ "ۋايجان! ۋاييەي!"، "سا! سا!" دېگەن ۋايساش ۋە چۇقانلار قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى. ئابدۇكېرىم قولۇمنى شۇنداق قاتتىق قىستىكى ۋاقىرىۋېتىشكە تاسلا قالدىم.

- جەڭچىلەر چېكىنىپ بولدىمۇ؟

- ھەە!

بىز ھازىر مەكتەپ ئىچىدە تۇرغاندەك قىلىمىز، قۇدۇق يېنىدا!...

- ھەە، مەكتەپ ئىچىدە، قۇدۇق يېنىدا، (ئۇنىڭ ھۇشيارلىقىغا ھەيران قالدىم).

- رەجەپ قەرىندىشىم، مەن ئاتا - ئانام يوق بىر يېتىم بالا، ئايكولدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم بىلەنمۇ كۆرۈشەلمىدىم. ئۇلارنى ئايىدىم، كۆپ جاپا چەككەن يېتىمەك ئىدىم. ئىنقىلابتىن بۆلەك چىقىش يولۇم يوق ئىدى. مۇرادىمغا يەتتىم. مەن ئۆلۈپ كېتىمەن، بۇنىڭغا قىلچە ئۆكۈنمەيمەن، رەھبەرلەرگە جەڭچى دوستلىرىمغا سالىمىمنى، جەڭدىكى قىسمىتىمنى يەتكۈزۈپ قويارسەن، خەير - خوش ئەمدى دەرھال چىقىپ كەت!

 

- ياق! سىز ئۆلمەيسىز! مەن سىزنى ئېلىپ كېتىمەن!- ئۇنى يۆلەشتۈردۈم.

 

- رەجەپ كاجلىق قىلما يۈرىكىڭنى چۈشىنىمەن، ناھايىتى ئېغىر يارىلاندىم. ھالىم ئۆزۈمگە ئايان، ساناقلىق تىنىقلىرىم قالدى. دۇشمەن قولىغا تىرىك چۈشمەيلى، سەن بولساڭمۇ ئامان قىلىپ سەپداشلارغا قوشۇلۇپ ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇر. مېنى ئېتىۋەت! قول پىلىموتنى چاپىنىمغا يۆگەپ قۇدۇققا تاشلىۋەت! دۈشمەنگە قالمىسۇن!

 

- نېمە؟ سىزنى ئاتىمەنما؟- قۇلاقلىرىمغا ئىشىنەلمىدىم، كۆزۈمدىن ياشلار بۇلدۇقلاپ قۇيۇلماقتا،- يوق گەپنى قىلماڭ! مەن سىزنى سالامەت ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن!

 

- خۇدا ھەققى مېنى ئېتىۋەت! جىنىم قىينىلىپ كەتتى! تىرىك ئەسىرگە چۈشمەيلى! يۈدۈپ ماڭساڭ 10 - 20 قەدەمدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىمەن، ئىككىمىز قىينىلىپ كىتىمىز. سەن ئەسىرگە چۈشۈپ قالىسەن! بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ توغرىسى مېنى ئېتىۋېتىپ تەز كەت. ۋەزىيەت شۇ! ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلايلى، ئىنقىلاب كۈرەش شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ھېچكىم، ھېچقاچان، تارىخ سېنى ئەيىبلىمەيدۇ.

 

شۇ ئەسنادا تام سىرتىدا گومىنداڭ قىسىملىرىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە قىلىشقان پاراڭلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى، ئارىلاش قىسىم ئىكەن.

 

-بۇ، ئوغرىلار قاياققا قاچقاندۇ؟ مەيەردە قان ئىزى باردەك قىلىدۇ؟

 

- ئۇلار تېخى يىراققا كېتەلمىدى؟ ھېلىقى ئەسىرگە چۈشكەن يارىدار ئوغرى نېمە دەيدۇ؟

 

- ئۇ موڭغۇل ئىكەن، پۇتىدىن يارىلىنىپتىكەن، گەپكە جاۋاب بەرمەي كوزىنى ئالايتىپ چارقىتىپلا تۇردى. جى بەنجاڭ بىرنى قويۇۋىدى چاچراپ قوپۇپ قورالغا ئېسىلدى. دەرھال ئېتىۋەتتىم. ئاپتوماتنى ئېلىپ كەلدىم، مانا!

 

- ھەي پوق يېگەن كالۋا، شىتاپقا نېمە دەيمىز؟ ئەسىرلەرنى ئىمكان بار تىرىك ئەكېلىڭلار دېگەن. سەۋىتىسكى ئاپتومات ئىكەن، بوپتۇ. مۇشۇنى ئاپىرايلى! يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى. 3- ئودلىنىيە كوماندىرى (بەنجاڭ) موڭغۇلكۈرەلىك تارغىن، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. تۇتۇلۇپ قاپتۇ دە! رەھمەتلىك! ئۇنىڭغا كوپ ئېچىندىم، شۇ چاغ دۇشمەن كوماندىرىنىڭ:

 

- قان ئىزىغا قارىغاندا، مەكتەپ ئىچىدە چوقۇم يارىدار بار، بەلكى كۆپىنچىسى شۇ يەرگە مۆككەن بولۇشى مۇمكىن، مەكتەپ ئىچىنى ئاختۇرۇڭلار!

 

- دۈشمەنلەرنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى، مەكتەپنىڭ ئارقا ئىشىكى تەرەپتىن كېلىشكە باشلىدى. ھەيرانمەن، كۈتۈلمىگەندە، سەكراتقا چۈشكەن ئابدۇكەرىمنىڭ گەۋدىسى لىككىدە كۆتۈرۈلدى. دىگتار پىلىموتنى قانداق كۆتۈرگەندۇ؟ پىلىموت ماڭا توغرىلانغانىدى.

 

- دۈشمەنلەر بېسىپ كىردى! بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمامسەن؟! ئەمىسە مەن سېنى خائىن سۈپىتىدە ئاتىمەن!

 

شۇنى دېدى - دە مادارىدىن كەتىپ "گۈپپىدە" يانغا يىقىلىپ خىرقىراشقا باشلىدى. ئويلاپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت يوق ئىدى. مىلتىقنى ئالدىم، ئاخىرقى بىر تال ئوق قالغان ئىكەن، يۈرىكىنى چەنلىۋېلىپ ئاندىن بېشىمنى يانغا بۇراپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئېتىۋەتتىم. ئۇ ئارام تاپتى، چىرايىغا قاراشقىمۇ پېتىنالماي ھەسرەتلىك، جۇدالىق ئىلكىدە ۋىدالاشتىم - دە ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلماي، ئوقى قالمىغان مىلتىقنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ، ئازراق ئوقى بار پىلىموتنى ئالدىم، تام دالدىسى بىلەن مەكتەپنىڭ يان ئىشىكىدىن "غىپپىدە" چىقىۋالدىم. دۈشمەنلەرنىڭ:

 

- ئوق ئاۋازى! ئىلى ئوغرىلىرى مۇشۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ؟ تىرىك تۇتىمىز! دېگەن چۇقانلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇردى. چىقىپ كېتىۋېتىپ دۈشمەنلەرنىڭ مەكتەپ ئىچىگە بېسىپ كىرىشكىنىنى كۆردۈم. سۇ يۇق ئېرىق ئىچى ۋە قويۇق ئورمانلارنىڭ دالدىسىدا شىمال تەرەپكە قاراپ يورۇپ كەتتىم. بۇ ئىشلار بەكمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپ ئۆتتى، بارى - يوقى 5 - 10 مىنۇت ئۆتكەندۇ...

 

٭ ٭

 

ئۇپۇق تەرەپ سوزۇلۇپ قالغان باش ئەزان ۋاقتى ئىدى. ھەرپ - چارچىغىنىمغىمۇ قارىماستىن، شىمالغا - مەركىزى پارتىزانلار باش شتابى جايلاشقان ياتالماسقا قاراپ ئىلگىرىلەپ كەتىپ بارىمەن. گاھ ئۆمىلەيمەن، گاھ مۆكۈپ - چۆكۈپ ماڭىمەن. جەڭگاھ شۇ تاپتا خۇمدان بەشى، خەنزۇ گۆرىستانلىقى، پاشاغوقىنىڭ شاللىقى (ھازىرقى گوفاڭتۇەن سىلىڭبوسى) "توم قارا" (ھازىرقى تۈرمە ئورنى) ۋە ياتالماستىكى باش شتاب، لەڭگەر (ھازىرقى چوڭ خانىقادىن شىمالغا، جاڭ دوختۇرنىڭ جۇڭيى دوختۇرخانىسىغىچىلىك چوڭ يول) قاتارلىق جايلارغىچىلىك سوزۇلغان. بۇ جايلاردا ھىلىغىچىلىك قورشاۋ قىلىش بىلەن قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىش جېڭى كەسكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. پارتىزانلار ھايات - ماماتلىق بۇ ئىلىشىشتا جان جەھلى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتسە، دۈشمەنلەر پۈتۈن ئەقىل - پاراسەت، تەكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، جەسۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، پارتىزانلارنى ئىلى تەرەپكە چېكىنگىلى قويماي پاك - پاكىزە يوقىتىپ تاشلاش نىيىتىگە كېلىپ، توپقا - توپ، پىتىراپ كەتكەنلەرگە تارقاقلاشتۇرۇپ جەڭگە سالغان ئىدى. دۈشمەنلەر سۆھبەت، ئۇرۇش توختىتىش، چېكىنىش كېلىشىمگە خىيانەت قىلغانىدى.

 

ئېزىپ - تېنەپ ئېتىز ئارىلاپ لەڭگەر چوڭ يولىغا چىقىپ قالدىم. "مە، يول تېپىلدى. ئەمدى شىتاپنى، سەپداشلىرىمنى تاپالايمەن" شۇ ئوي بىلەن يول لېۋىدىكى سۈيى يوق ئېرىقتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئۇچ - تۆت قەدەم مېڭىپ تۇرۇشۇمغا، ئارقامدا بىرسى باردەك بىلىندى. تۇيغۇم ئەزەلدىن مېنى ئالدىمايتتى. تەز ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىسام، ئېرىق ئىچىدە گومىنداڭنىڭ ئەسكىرى پورمىسىنى كىيگەن بىرسى، نەيزىلىك مىلتىقىنى ئېرىق لېۋىگە قويۇپ، جەڭگىۋار ھالەتتە بۆكتۈرمىدە ياتقان ئىكەن. گەۋدىلىك، قارىماتاق كەلگەن بۇ ئەسكەرنىڭ چىرايى كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندەك بىلىندى. دەرھال قول پىلىموتنى ئۇنىڭغا توغرىلىدىم.

 

- ھاي، ھاي بۇرادەر، ئىنساپ قىلىڭلار،- دېدى ئۇ ساپ قەشقەر شېۋىسىدە، ئورنىدىن قوزغالماي تۇرۇپ، ئوزايىدىن ئۇنىڭ قارشىلىشىش نىيىتى يوقتەك ئىدى،- سىلىنى كېلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدىلا كۆرگەنىدىم. ئېتىۋەتسەم ياكى ئەسىرگە ئالسام ئىمكان مەندە ئىدى. ئەمما قان - قېرىنداش، دەردىمىز بىر دەپ ئاتمىدىم. خەير - خوش تېز كېتىڭلار!

 

ھەيرانە ھەسلىك ئىچىدە تۇرۇپلا قالدىم. پىلىموت ئىختىيارسىز ئۈستۈنگە قارىتىلدى.

 

- نىيىتىڭىزنى بىلمەي قاپتىمەن قېرىنداش، كوپ رەھمەت، بىزگە قوشۇلۇپ كېتەمسىز - يا!؟

 

- قوشۇلۇپ كەتكۈم بار ئىدى. مەن قەشقەر كونىشەھەر بۇلاغ سۇدىن، ئىسمىم تۇراپ قادىر. زۇلۇم، سىتەم چەككەن نامرات دېھقان بالىسى. مەجبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان. ئەسكىرى تۇرمۇشتا تاياق - ھاقارەت، يېمىگەن پوق، كۆرمىگىنىم زىندان قالدى. دەردىمىز بىر ئىكەن، سىلەرگە قوشۇلۇپ كەتسەم، ئاقسۇدىن ئويلىنىپ بالا - چاقىلىق بولغان ئىدىم. گومىنداڭچىلار خوتۇن - بالىلىرىمنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئىلاجىم يوق. ھازىر قەيەرگە بارماقچىسىلەر؟!

 

- توم قارادىكى باش شىتاپقا، سوپاخۇنغا قوشۇلىمەن، بۇيرۇق شۇنداق ئىدى. تۇراپ ئاچچىققىنا كۈلۈپ كەتتى.

 

- ھازىر ئۇ يەردە باش شتاب - سوپاخۇن نېمە ئىش قىلىدۇ. ھەممىسى سەھەرلىك ھۇجۇمدا تار - مار بولۇشتى. شتاب بىزنىڭكىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. كوپ قىسىم قەيسەر ئادەملىرىڭلار قەيسەرلىك بىلەن ئېتىشىپ تۇرۇپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. ئەپسۇس، بىرقىسىم ئادەملىرىڭلار ھولۇقۇپ كەتىپ، ئۈركۈگەن ھالدا پاشا غوجىنىڭ شاللىقى (ھازىرقى گوفاڭتۇەن ئىچى) تەرەپكە قاچقان ئىكەن، شاللىققا كىرىپ قېلىشتى. شەرقى تەرەپ يارداڭلىققا تاقىشىپ قاچالمىدى، توپ - توپ قىرىلىپ كەتتى.

 

- ئۆلگەنلەر كوپمۇ؟

 

- شاللىقتا يېتىپ كەتكەن ئۆلۈكلەر بىرەر مىڭچە كېلەرمىكىن دەيمەن. كۆپىنچىسى تۇماق، دوپپىلىق، ئۇزۇن چاپان كىيگەن ئادەملەر ئىكەن، ھەربىي تەربىيە كۆرمىگەن، كېيىن قوشۇلغان كىشىلەردەك قىلىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم.

 

- بىرەر مىڭچە؟ شۇ يەردە بەرمىدىڭىز؟ سىزمۇ ئاتتىڭىزمۇ؟

 

- قىزىقكەنسىلەر ئەلۋەتتە ئاتتىم - دە! ئەمما مىلتىق بىلەن، تەگدىمۇ - تەگمىدىمۇ بىلمەيمەن. ئەمما يىقىلغاننى كۆردۈم. ئەدناسى ئۇلارنى پىلىموتچىلار بەك كوپ قىرىۋەتتى. ئۇ خىجىل بولغاندەك قوشۇپ قويدى،- بىزگە نېمە ئىلاج، سىلىمۇ ئەسكەر، بۇيرۇق بويىچە ئاتمىساڭلار، ئېتىپ تاشلىنىسىلەر.

 

- توغرا دەيسىز، ئېچىنغان ھالدا ئۇلۇغ - كىچىك تىندىم.

 

- ئۇ جايلار بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن، بىزنى پىتىراپ كەتكەنلەرنى يىغىشتۇرۇش ئۇچۇن يەككە ۋە بەن، پەي بويىچە پىستىرمىغا چىقاردى. ماڭا ھازىر نازارەتچى يوق، سىلىنى ئاتماي قويىۋەتتىمغۇ! تىز ئۆزۈڭلارنى ياقىغا ئىلىڭلار!

 

- راست شۇنداق قىلدىڭىز، شاپائەتچىم، ياخشىلىقىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇمايمەن. مەن قازاق بالىسى، ئىسمىم رەجەپ، ئۆلمىسەك كۈنلەردە بىر كۈن كۆرۈشۈپ قارارمىز.

 

- مەنمۇ قازاق بالىسى ئىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ھايات بولساق كېيىن ئۇچرىشىپ قالارمىز، ھازىر نەگە بارماقچىسىلەر؟

 

- ۋەزىيەت ئۆزگىرىپتۇ، نېمە قىلارىمنى، نەگە ۋە قانداق بارارىمنى بىلمىدىم، تېنەپ تۇرىمەن.

 

- ياخشىسى،- دېدى تۇراپ سەمىمىي نىيەت بىلەن يول كۆرسىتىپ تۇرۇپ،- يولنىڭ ئۇ قېتىدىكى تار كوچا ئارقىلىق ئېتىز جاڭگاللىققا چىقىپ، پاشالىق باغ (ھازىرقى ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ھەربىي قىسىم جايلاشقان جاي) نىڭ ئارقىسى بىلەن سەكپاچىغا ئۆتۈپ، شۇياققا بۆسۈپ ئوتكەن بىر توپ ئادەملىرىڭلارغا قوشۇلۇڭلار، تېخى ئۇلار ئۇزاپ كەتمىدى.

 

- ھېلى تېخى بىز باش شىتاۋىڭلارنى قورشىغاندا، 500 چە توپ غەرب تەرەپكە بۆسۈپ چىقىپ كەلدى. يېنىمدا پىلىموتچى قادىر بەنجاڭ بار ئىدى. ئىككىمىز يالغۇز ئىدۇق. ماڭا قارىدى، كۆز قىسىپ قويدۇم، ئوقنى باشقا ياققا قارىتىپ ئېتىپ، ئۇلارنى ئۆتكۈزۈۋەتتۇق. ئانچە ئۇزاپ كەتمىدى، مۇشۇ يول بىلەن تەز ماڭساڭلار يىتىشەلەيسىلەر، ئۇ تەرەپلەردە تېخى بۆكتۈرمە قويۇلمىدى، قېنى تەز! مېنى بالاغا قويماڭلار!

 

ۋىدالىشىپ كۆرسىتىلگەن يولغا كىردىم. تۇراپ ئاخۇن بىلەن بولۇنغان پاراڭمۇ چاقماق تېزلىكىدە بولدى. كوچىدىن مېڭىپ، دەسسىلىپ كەتكەن قوناقلىققا چىقىپ قالدىم. ئاڭغىچە تاڭمۇ سوزۇلۇپ قالدى. تەۋەككۈل قىلىپ تىرىش چىقارماسلىققا تىرىشىپ، ئۆمىلەپ ھەم ئورە مېڭىپ، بىر جاڭگاللىققا چىقىپ قالدىم. ئەتراپتا يېقىن ئارىدىكى ئۆيلەردە تىم - تاس، ئادەم يوق. ھەممىسى مۆكۈشكەن ياكى يىراق - يېقىنغا قېچىپ كەتكەنىدى. جاڭگاللىقتا مەن تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان پىتىراپ كەتكەن بىزنىڭ جەڭچىلەردىن 10 چە ئادەم بار ئىكەن. بىرسى يېنىك يارىدار ئىكەن، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ يارىدارنى نۆۋەتلىشىپ يۆلەشتۈرۈپ، شىمالغا قاراپ ماڭدۇق. تۆت كىشى ئالدى - ئارقا، ئىككى يان كۆزەتچى قويۇپ ماڭدۇق. قولىمىز قورال چاقمىقىدا، توساتتىنلا ئورمان يەنىدىن كونا شەھەرگە (ئونسوغا) چىقىپ كېتىدىغان يولغا چىقىپ قالدۇق. ئىككى تەرىپى بوك - باراقسان خىلۋەت بىر يېزا يولى ئىكەن. دۇشمەن ئۇچرىمىدى. تاڭ ئېتىپ، ئەتراپ يورۇپ كەتتى، ئوق ئاۋازلىرى ئارقىدا قالدى. يېرىم سائەت ماڭغاندىن كېيىن، ئاتلىق، ئېشەكلىك، پىيادە كېتىشىپ بارغان ھېلىقى توپقا قوشۇلدۇق. ئىلگىرى چېكىنگەن بىزنىڭ جەڭچىلەرمۇ شۇ توپتا ساق - سالامەت بار ئىكەن. ئابدۇكەرىمنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ يىغا - زارە قىلىشتۇق. سوپاخۇن بار توپقا قوشۇلالمىدۇق. سەكپاچى، قاراموقچى، توتچان، يۇقىرىقى سۇ بۇلاق ئارقىلىق ئونسونى يانداپ شىمال بىلەن ئات ئويناق ئارقىلىق تاغ ئىچى بىلەن مېڭىپ قورغاندا سوپاخۇنلارغا قوشۇلدۇق. ئاڭغىچە دۈشمەنلەر ئىز بېسىپ قوغلاپ قورغانغا يېتىپ كەلدى. جەڭ بىلەن چېكىنىپ مۇز داۋان بىلەن ئىلىغا – موڭغۇلكۈرە - شوتىغا كېلىۋالدۇق. ئاقسۇدا بىزنىڭ ئىزۋوتتىن ئابدۇكېرىم، ئەخمەت ۋە موڭغۇل بەنجاڭ تارغىننىڭ مۇبارەك جەسەتلىرى ئىگىسىز، جەڭ مەيدانىدا - دۇشمەن قولىدا قالدى. 37 ئادەم ئىلىغا ساق كەلدۇق.

 

٭ ٭

 

1949 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئۇچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5 - كورپۇسى بولۇپ قۇرۇلدى. مەن 13 - دېۋىزىيە 40 - پولكقا ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم. (45 - يىلدىن كېيىن غۇلجىدا تانكا - بىروۋنىك باتاليونغا ئالمىشىپ تانكىس، شوپۇر بولۇپ، يېتىشىپ چىقتىم ھەم شىتاپتا رەھبەرلەرنىڭ كىچىك ماشىنا شوپۇرى بولۇپ خىزمەت قىلغانىدىم) 1951 - يىلى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىر ئولتۇرىدىغان كىچىك ماشىنا شوپۇرى بولدۇم. (مەھەممەت ئىبراھىم - نازىرنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دېدى.) شۇ يىلى كۈزدە (10 - ئايدا) نازىر بىلەن جەنۇبى شىنجاڭدىكى تۈرمە ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بىرگە چىقتىم. (بۇ مەركەزنىڭ مەملىكەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن) جايلارنى ئايلىنىپ قەشقەرگە كەلدۇق. ھازىرقى قەشقەر گېزىتى ئىدارىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۇدۇل تۈرمە ئىكەن تاملىرى ئېگىز، دەرۋازىسى سۈرلۈك، خىلۋەت، ئادەم ھېيىقىدىغان بىر يەر ئىكەن. نازىر بىلەن بىرگە يەنە، شۇ چاغدىكى جەنۇبى شىنجاڭ مەمۇرى مەھكىمىنىڭ بىرىنچى باشلىقى، 13 - دېۋىزىيىنىڭ بىرىنچى قول قوماندانى، جۇڭگو گۇڭچەنداڭى جەنۇبى شىنجاڭ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جەنۇبى شىنجاڭ ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گېنېرال مايور مەمتىمىن ئىمىنوفمۇ بىللە ئىدى. يەنە باشقا مۇناسىۋەتلىك باشلىقلار بىلەن بىرگە، تۈرمە، ياتاق، يوتقان - كۆرپە، ئاشخانىلارغىچىلىك كۆزدىن كۆچۈرۈپ بولۇنغاندىن كېيىن، مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى تۈرمە سەيناسىغا ئېلىپ چىقىلدى. مەن بىر چەتتە تۇراتتىم، باشلىقلار مەھبۇسلارغا قاراپ، ئەمدى گەپ سوراپ باقايلى دەپ تۇرۇشىغا، مەھبۇسلارنىڭ ئارىسىدىن، كىيىمى مەينەت، يىرىق ساقال بىر ئۇيغۇر مەھبۇس تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ چىقىپ ئالدىمغا كېلىپ تىزلىنىپ پۇتلىرىمنى قۇچاقلىغىنىچە:

 

- مېنى تونۇدىلىمۇ؟ ھازىر چوڭ باشلىق ئىكەنلا مەن توھمەتكە قالدىم، مېنى قۇتقۇزۇپ قويسىلا! دەپ ياش تۆكۈپ يېلىندى. ھاڭ - تاڭ تۇرۇپلا قالدىم. ئاڭغىچە مەھبۇسلارغا قاراۋاتقان قوراللىق جەڭچىلەردىن ئىككىسى "توختا! توختا!" دەپ ئاپتوماتلىرىنى شاراقلىتىپ يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى. ئىمىنوف بىلەن نازىر جەڭچىلەرگە توختاش ئىشارىسىنى قىلىپ، قىشىمغا يېتىپ كەلدى.

- سىلىنى تونۇيالمىدىم!

- راست تونىيالمىغانلا؟ ئۇ كېچىدىكى ئىشلار ئىدى. ھازىر مەن پاسكىنا بىر مەھبۇس، سىلە چوڭ باشلىق، ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتتى ئەمەسمۇ؟!

 

ئۇنىڭ سۆزلىرى نەشتەرلىك ئىدى. سەل تېرىكتىم (ئاڭغىچە جەڭچىلەرمۇ توختاپ قالدى. باشلىقلارمۇ، بۇ ئىشقا قىزىقىپ، سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سېلىپ تۇرماقتىدى)

 

- نېمە گەپتى؟ ئوچۇق ئېيتە!- قوپاللىق قىلدىم.

 

- 1945 - يىل 10 - ئاينىڭ بىر كېچىسى ئاقسۇ شەھىرى لەڭگەر كوچىسىدىكى ئىش ئەسلىرىدىمۇ؟ سىلە ئۇ چاغدا مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئىدىلە. شۇ كېچىسى سىلە قورشاۋغا چۈشۈپ قالغاندا قويۇپ بەرگەن تۇراپ قادىر مەن بولىمەن. ئوبدانراق قارىسىلا!

 

شۇ كېچىدىكى ئىش ئېسىمگە كەلدى - دە، توك تەپكەندەك تەسىر قىلىپ بېشىم پىرقىراپ، پۇت - قولۇم ماغدۇرسىزلاندى. سەل ئېسىمگە كېلىپ سىنچىلاپ قارىسام راست شۇ!

 

- شەپقەتچىم!- دېدىم ئۇنى قۇچاقلاپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇۋېتىپ،- راست شۇ تۇراپ قادىر ئىكەنلا! تونۇيالماي تۇزكورلۇق قىپتىمەن، كەچۈرسىلە! قانداقلارچە بۇ ھالغا چۈشتىلە؟ ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ياشلار قۇيۇلدى، تۇراپ قادىر:

 

- 1946 - يىل پولكىمىز يەكەنگە يۆتكەلگەن. 1949 - يىلى 10 - ئايدا ھەقىقەتكە قايتىپ ئازادلىق ئارمىيىنىڭ بىر پولكى بولۇپ ئۆزگىرىپ، شىزاڭنى ئازاد قىلغىلى سەپەر قىلدى. مېنى ھەقىقەتكە قايتقان ئەسكەر سۈپىتىدە بوشاتتى، خوتۇن - بالىلىرىمنى ئېلىپ يۇرتۇم بۇلاقسۇغا قايتىپ كېلىپ، دېھقانچىلىققا كىرىشىپ تۇراتتىم، بىر يىل ئۆتە - ئۆتمەيلا "سەن ئاقسۇدا ئۇچ ۋىلايەت جەڭچىلىرىنى قىرغان جاللات! تارىخى ئەكسىلئىنقىلابچى ئىكەنسەن!"- دەپلا ئەكېلىپ تۈرمىگە تاشلاپ قويدى. ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆزلىرى بىلىدىلا، ھۇجۇم پەيتىدە ئۈستىمىزدە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدىغان ئوفىتسېرلار بار ئىدى. يوق چاغدا قىلغىنىمنى ئۆزلىرى بىلىدىلا.

 

- بۇ ھادىسىگە، مەھبۇسلار، جەڭچىلەر، باشلىقلار ھەيرانە - ھېس قالدى. ئوز - ئارا كۇسۇر - كۇسۇر، مۇھاكىمىلەر باشلاندى. بەزى ئەدلىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ چىرايلىرىدا خىجالەت، ئوڭايسىزلىق ئىپادىلىرى پەيدا بولدى.

 

- راستتىنلا دەلىل - ئىسپاتسىز قامالغانمۇ؟- دېدى نازىر كەسكىن تەلەپپۇز بىلەن شۇ يەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمىغا قاراپ.

 

- دەلىل - ئىسپات بار!- دېدى مەسئۇل خادىم سەل ھودۇققان ھالدا،- شۇ قىسىمدا بىللە ئىشلىگەن، كېيىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە ئۆزگىرىپ، شىزاڭدا تۇرۇۋاتقان پەيجاڭ موللانىياز قاۋۇز ئىسپات بەرگەن.

 

- ئۇ 1954 - يىلى ئاقسۇدىكى ئۇرۇشتا يوق ئىدى. 1946 - يىلى كۈزدە قاغىلىقتىن يەكەندىكى پولكىمىزغا ئەسكەر بولۇپ كەلگەن،- دەپ ئېتىراز بىلدۈردى تۇراپ قادىر،- ئۇ باشقىلارنىڭ ئاقسۇ ئۇرۇشى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىدىن ئاڭلىغىنى بويىچە ئىسپات بەرگەن. بۇ ماڭا تۆھمەت بولدى! ھەقىقىي ئەھۋالنى مانا رەجەپ باشلىق بىلىدۇ!

 

- مەن باشلىق ئەمەس!- دەپ ئەسكەرتتىم خىجالەت بولغان ھالدا،- ئاددىي شوپۇر. ئاڭغىچە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگان خادىمى:

 

- ھەي! سەن بىر مەھبۇس تۇرۇپ، تېگىشلىك ئەمەس سورۇندا گەپ قىلىشقا نېمە ھەددىڭ!- دېدى پوپوزا بىلەن، شۇ چاغدا گېنېرال ئىمىنوف قولىنى كۆتۈرۈپ:

 

- ھاي! توختاپ تۇرۇڭ!- دەپ ئۇ خادىمنى توسۇپ قويدى، ئاندىن ماڭا قاراپ:

 

- بۇ قانداق ئىش؟- دېدى. ئوز ۋاقتىدىكى ئەھۋالنى يىپىدىن - يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ بەردىم.

 

- بۇنىڭغا جەزمەن بېشىم بىلەن ھۆددە قىلىمەن! ئۇ چاغدا ئىككىمىز يالغۇز ئىدۇق. بۇنىڭغا قانداقلارچە يەنە بىر گۇۋاھچى تاپقىلى بولىدۇ؟ ئۇلارمۇ نەق مەيداندا يوق بىر گۇۋاھچىنىڭ گېپى بىلەن قاماپتىغۇ؟ ھازىر نەق مەيداندا ھەممەيلەن كۆردۇق، تۇراپ قادىر ئۆزى تونۇپ شۇ تارىخنى ۋە ھازىرقى ھالىنى ئۆزى ئېيتتى. مېنىڭ ئۇنى يەتتە يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم!

 

ئىمىنوف، نازىر ۋە باشقىلار بىر - بىرىگە قارىشىۋالدى. غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى.

 

- سىز قانداق قارايسىز؟- ئىمىنوف نازىرغا قارىدى. نازىر:

 

- دەرھال بۇ ئەنزىنى قايتا قاراپ چىقىش كېرەك. مەسىلە بولسا دەرھال تۈزىتىپ، تۆھمەت قىلغۇچىنى قاماپ تەرگەۋ قىلىپ ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مەركەز ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ بۇ قېتىمقى ئارزۇسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ خاتا، ئۇۋال ئەنزىلەرنى ئېنىقلاپ زەربە بېرىش نىشانىنى دەلىللەشتۈرۈش!- دېدى.

 

- توغرا!- دېدى ئىمىنوف كەسكىن ھالدا،- يەنە شۇنى تەكلىپ قىلماقچىمەن ھەممىنى نەق مەيداندا كۆردۈڭلار، ئاڭلىدىڭلار! بۇنىڭدىن ئارتۇق نەق دەلىل - ئىسپات بولمايدۇ. تۇراپ قادىر ھازىرلا بوشۇتۇلۇپ، مۇۋاپىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئائىلە، بالا - چاقىلىرىغا ئۆمۈرلۈك نەپىقە بېرىلسۇن! قالغان ئىشلارنى قانۇن - نىزام بويىچە پاكىتلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلساڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر! قانۇنغا بېسىم قىلىپ قويدۇممۇ - يا؟ نازىر ۋە باشقىلار كۈلۈپ كەتىشتى!

 

- ياق!- دېدى نازىر مېنىڭچىمۇ خاتا ئەنزىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بۇ قەدىمى دەل بولدى. شۇنداق قىلغان تۈزۈك. ئۇنى شۇ يەردىلا قويۇپ بېرەيلى، قالدى ئىشلارنى تۈرمىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلايلى!

 

تۇراپ قادىر قويۇپ بېرىلدى. ئۇ بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى، ئەتراپتىكى كوپچىلىكمۇ ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلىشتى. تۇراپ، باشلىقلارغا گومىنداڭ ئەسكىرى قائىدە بويىچە سەجدە قىلماقچى بولۇۋىدى ئۇلار ئۇناشمىدى...

(بۇ ئەسەر تېخى باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان)

ئاپتورى: ئەزىز ساۋۇت
مەنبە : [url=www.bizuyghur.org]www.bizuyghur.org[/url]

yol
| ۋاقتى : 2008-10-24 22:51 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 202ـ كۆرۈرمىنى
udun

دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1168
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 446
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە446دانە
شۆھرىتى: 454 نومۇر
پۇلى: 4530 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :232(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-27
ئاخىرقى : 2008-10-26

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

بۇنداق ئېسىل خاتىرىلەرنى قانچە ئوقۇسا ئوقۇغۇسى كېلىدۇ. تورداشلارنىڭ كۆپرەك يوللاپ تۇرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت ئەزىز  قېرىندىشىم.
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
| ۋاقتى : 2008-10-26 02:41 1 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.060991(s) query 4, Time now is:10-26 08:17, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation