ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغان تىمىكەن، ئەركىن سىدىق ئاكىمىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
"كۆڭۇلنى پروگراممىلاش" بۇ ئوقۇمنى ياخىش بىلىۋىلىش كىرەككەن.
قوشۇمچە: ئۆزەمنىڭ قىسمەن قاراشلىرى.
ئۇيغۇرلار ئىلىمپەن ساھەسىدە ھىچقانداق مىللەتتىن قىلىشمايدىغان ئەقىللىق مىللەت. يوقۇرقى تىما بۇنىڭغا ناھايىتى قايىل قىلارلىق جاۋاپ بەرگەن. ئەركىن سىدىق ئاكىمىزغا مىڭ بىر رەھمەت. ئەمما يەنە بىر نوقتا، مىنىڭچە ئەقىللىق بولۇش چوقۇم ئىلىمپەن ساھەسىدە دوكتۇرلۇق بولۇش بىلەنلا ئۆلچەنمەيدۇ. مەسئولىياتچان ئوقۇتقۇچى بولۇش، ماھىر تىخنىك بۇلۇش، كۇيۇمچان سىستىرا بولۇش،پاراسەتلىك تىجارەتچى ياكى كارخانىچى بولۇش، تىرىشچان دىھقان بولۇش، باتۇر جەڭچى بولۇش، ماھىر تەنھەركەتچى بولۇش، ئائىلىدە ياخشى ئەر، ياخشى ئاتا ، ياخشى ئايال، ياخشى ئانا بولۇش. يەنە راست ماۋۇ ئۇرخۇن مۇنبىرىمىزنىڭ "لاياقەتلىك باشقۇرغۇچىلىرى" بولۇش ، يىغىپ ئىيتقاندا ئۆز كەسپىگە، ئۆز ئائىلىسىگە، ئەۋلادلارغا، مىللەتكە مەسئولىياتچان ئادەم بولۇش، ھەقىقى بىر ئادەم بولۇش ..... مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە "ئەقىل" كىرەك.
ئاخىرىدا ئۇيغۇرلىرىمىزنى دۇنياغا تونىتىۋاتقان بارلىق ئەزىمەتلىرىمىزگە، ئىلىمپەن ئاسمىنىدا زەپەر قۇچىۋاتقان بارلىق قىرىنداشلىرىمىزغا شۇنداقلا ھەربىر ئاددى خىزمەت ئورنىدا جاپا چىكىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزغا چوڭقۇر سالام يوللايمەن. مىللىتىم ئەقىل بىلەن قاناتلانغاي!!!
[ بۇ يازما Kulbilge تەرىپىدىن 2008-11-06 17:06 دە قا ]